ئەلشىر نەۋائىينىڭ ئاناتولىيدىكى تەسىرى – يۈسۈپجان ياسىن – بىر گۇرۇپپىسى – ئىزدىنىش تورى

ئەلشىر نەۋائىينىڭ ئاناتولىيدىكى تەسىرى يۈسۈپجان ياسىن بۇ ماقالىنى بۈيۈك شائىر ۋە مۇتەپەككۇر ئەلىشىر نەۋائى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىغا بېغىشلايمىز بۇ ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.       ئون بەشىنچى ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا خوراساندا ئەدەبىي ئىجادىيەت، سىياسىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائى مەشھۇر شائىر، سەنئەتكار، ئالىم، مۇتەپەككۇر ۋە دۆلەت ئەربابى سۈپىتىدە تۈركىيلەرنىڭ تەپەككۇر …

چىن تۆمۈر باتۇر – بىر گۇرۇپپىسى

چىن تۆمۈر باتۇر بۇ ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.     قەدىمكى زاماندا ئىلى ئىقلىمىدا چوڭ بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ ئىككى خوتۇنى بولسىمۇ ئەمما پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەنىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ كۆڭلى بىئارام ئىكەن. ئۇ خاپىلىقىنى بېسىش مەقسىتىدە ھەر دائىم شىكارغا چىقىپ تاماشا قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. كۈنلەر، ئايلار ئۆتۈپ، پادىشاھنىڭ كىچىك خوتۇنى ھامىلدار بولۇپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ …

«تۇركىي تىللار دىۋانى»دىكى ماقال-تەمسىللەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيىلىك قاراشلىرىغا نەزەر – بىر گۇرۇپپىسى – ئىزدىنىش تورى

ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ. ئادىل غاپپار كارىزى بۇ ماقالە 2004-يىلى يېزىپ تاماملىنىپ، 2005-يىلى قەشقەردە ئېچىلغان «مەھمۇت قەشقىرى تەۋەللۇتىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دا ئوقۇلغانىدى. يىغىندىن كېيىن، تۇرمۇشنىڭ خىلمۇ-خىل ھەلەكچىلىكىدە بۇلۇپ كېتىپ، بۇ ماقالىنى ئىلمىي مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. يېقىندا ماتېرىياللارنى  ئاختۇرۇپ-رەتلەۋېتىپ قۇلۇمغا چىقىپ قالدى. شۇڭا، ئىزدىنىشتىكى قېرىنداشلارنىڭ پايدىلنىشىغا سۇندۇم.  پايدىلانغانلار ئەسەرنىڭ ئاپتورى ۋە كېلىش …

قەدىمكى يۇرت – قاراشەھەر توغرىسىدا رىۋايەت – بىر گۇرۇپپىسى – ئىزدىنىش تورى

قەدىمكى يۇرت – قاراشەھەر توغرىسىدا رىۋايەت ئابدۇۋەلى ئەلى ئاژۇنى ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.   قاراشەھەر ئويمانلىقى تارىختا ۋەتىنىمىز جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى قەدىمكى ئۈچ چوڭ مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بىرى دېيىلىدىغان «كۈسەن-قاراشەھەر-تۇرپان بۇددا مەدەنىيىتى» بارلىققا كەلگەن جاي. مىلادىيە 3-ئەسىردىكى جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەر مەزگىلىدە ياشىغان ئۈچ چوڭ بۇددا نوم ئۇستازىنىڭ تۇنجىسى بولغان بۇددۇچىڭا مىلادىيە 232-يىلى قارا شەھەردە دۇنياغا …

ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ھەققىدە – ھەسەنجان ئابلىز – بىر گۇرۇپپىسى

ھەسەنجان ئابلىز (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنىستىتوتى ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى) ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ. ئۇيغۇر دوپپىلىرى ئۇزۇن تارىخقا ۋە مول مەزمۇنغا ئىگە. ئۇيغۇر دوپپىلىرى تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئېھتىياج ۋە ئىمكانىيەتكە ئاساسەن ئۆزگىرىپ، يېڭىلىنىپ، مۇكەممەللىشىپ ۋە رەڭدارلىشىپ كۈچلۈك مىللىي تۈسكە ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جىنىس ئايرىمىسى، ياش-قۇرام پەرقى، ياشىغان تەبىئىي …

بالىلارغا كىتاب ئوقۇتۇش ۋە كىتابنى سۆيدۈرۈش ئۇسۇللىرى ھەققىدە (سىناق) – بىر گۇرۇپپىسى

  بالىلارغا كىتاب ئوقۇتۇش ۋە كىتابنى سۆيدۈرۈش ئۇسۇللىرى ھەققىدە (سىناق)   خەدىچە (مەلەك)   ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.   بەزى ئاتا ئانىلار بالىلارغا كىتابنى سۆيدۈرۈلـمەي ،ھەتتا بالام كىتاب يىرتىدۇ دەپ تېرىكىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئەڭ دەسلەپتىن باشلاپ بالىدا كىتابقا بولغان مۇھەببەتنى ئويغىتالـمىغانلىقتىن ۋە ئۇسۇلنىڭ توغرا بولـمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقسا كېرەك. سۆزلەپ كەلسەك ئىشنى ئەلقىسسە دەپ بەك بۇرۇندىن …

ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە – نىكاھ ئادەتلىرى – بىر گۇرۇپپىسى – ئىزدىنىش تورى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە – نىكاھ ئادەتلىرى ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ. ماقالىنىڭ ئەسلى تور بېكەتتىكى ئادرىسى ئائىلە قۇرۇلمىسى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە ئەسىرلەر بويى ئەر ئاساس قىلىنغان فېئودال ئائىلە باشلىقلىق تۈزۈمى ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن. ئائىلە قۇرۇلمىسى ئاتا قان سېستىمىسى ئاساس قىلىنغان بىر ئەر – خوتۇنلۇق چوڭ ئائىلىدىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى: بىرىنچى: ئائىلە ئەزالىرى ئەر جەمەتىنى ئاساس قىلغان …

قەشقەر شەھرىنىڭ تارىخىغا ئائىت قىسقىچە بايان – ئىزدىنىش تورى – بىر گۇرۇپپىسى

قەشقەر شەھرىنىڭ تارىخىغا ئائىت قىسقىچە بايان   ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.‏ “قەشقەر” دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى   قەشقەر- ئېلىمىزنىڭ قەدىمىي ۋە مەشھۇر شەھەرلىرىدىن بىرى. ئېلىمىزنىڭ غەرب بىلەن سودا، مەدەنيەت ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. خېلى بۇرۇنلا كىشىلەر، ئەنە شۇ قەشقەر ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ياۋروپا قاتارلىق رايونلار ۋە ئەللەر بىلەن باردى- كەلدى، …

ئۇيغۇرلارنىڭ جىن-ئالباستى ئىشەنچىلىرى-ئادىل غاپپار كارىزى-بىر گۇرۇپپىسى

ئۇيغۇرلارنىڭ جىن-ئالباستى ئىشەنچىلىرى ئادىل غاپپار كارىزى ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ. (بۇ ماقالە 2007-يىلى يېزىپ تاماملىنىپ، 2010-يىلىغىچە نۇرغۇنلىغان تاسقاش ۋە تۈزۈتۈشلەردىن كېيىن، بىر نەچچە ئىلمى ژورنالغا سۇنغانىدىم. نەتىجىدە، ژورنال مۇھەرىرلىرى سىنزورلارنىڭ «خۇراپاتلىقنى تەشۋىق قىلغان ئەسەر» دەپ باھالاپ قويىشىدىن ئەنسىرەپ، ھازىرچە بېسىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇڭا، بىۋاستە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزورىغا سۇندۇم. كۆپچىلىكنىڭ ماقالىغا تەكىلىپ پىكىر بېرىش بىلەن بىر …

تاقىلىپ قالغان تور بېكەتلەردىكى مەزمونلارنى كۆرۈش ئۇسولى – بىر گۇرۇپپىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ ۋىدىئۇدا تاقىلىپ قالغان تور بېكەتلىرىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلىدۇ. تاقىلىپ قالغان تور بىكەتلەردىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈش ئىككى قەدەمدىن تەركىب تاپىدۇ. بىرىنچى قەدەمدە: WAYBACK MACHINEئارقىلىق ساقلانغان تور بېكەت ئارخىپىنى تېپىش. كۆرمەكچى بولغان تور بېكەتنىڭ ئادرىسىنى ۋېي بەك ماشىنىغا يېزىش ئارقىلىق، ئۇ تورنىڭ تارىخنىڭ قايسى نۇقتىلىرىدا ئارخىپى ساقلانغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئىككىنچى قەدەمدە: مۇۋاپىق بولغان ئارخىپ ساقلانغان …