ئەلشىر نەۋائىينىڭ ئاناتولىيدىكى تەسىرى – يۈسۈپجان ياسىن – بىر گۇرۇپپىسى – ئىزدىنىش تورى

ئەلشىر نەۋائىينىڭ ئاناتولىيدىكى تەسىرى

يۈسۈپجان ياسىن

بۇ ماقالىنى بۈيۈك شائىر ۋە مۇتەپەككۇر ئەلىشىر نەۋائى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىغا بېغىشلايمىز

بۇ ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

 

    ئون بەشىنچى ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا خوراساندا ئەدەبىي ئىجادىيەت، سىياسىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائى مەشھۇر شائىر، سەنئەتكار، ئالىم، مۇتەپەككۇر ۋە دۆلەت ئەربابى سۈپىتىدە تۈركىيلەرنىڭ تەپەككۇر ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر ياراتقانىدى. فرانسۇز شەرقشۇناسى جون پائۇل روكس بۇ دەۋردە مەيدانغا كەلگەن مەدەنىي ھاياتتىن سۆز ئاچقاندا، نەۋائىنىڭ تارىخىي تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە «قائىدىلىك ۋە نازۇك روھلۇق ھۆكۈمدار ھۈسەيىن بايقارا چاغاتاي تۈركچىسىدە مۇھىم ئەدەبىيات ئەسەرلىرىنى ياراتقان شائىر ۋەزىرى مىر ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ياردىمى بىلەن ھېراتنى شەرقنىڭ فلورىنسىيەسىگە ئايلاندۇردى. بۇ پەۋقۇلئاددە بىر دەۋر ئىدى»① دەپ خاراكتېرلەندۈرگەن.

    نەۋائى شېئىر، دىن – تەسەۋۋۇپ، ئەخلاق، تارىخ، تەزكىرە ۋە ھۆججەتشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەردە 30 پارچىگە يېقىن ئەسەر يازغان ۋە تۈركىي تىلدىكى نۇرغۇن ئەدەبىي تۈرنىڭ باشلامچىسى بولغان، يەنى تۈركىي تىلدىكى تۇنجى خەمسەنى ئۇ يازغان، تۈركچە تۇنجى شائىرلار تەزكىرىسى ئۇنىڭ تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان. ئارۇز بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۇنجى نەزەرىيىۋىي ئەسەرنى ئۇ ياراتقان. دىۋانغا ئىسىم قويۇش ئەنئەنىسى ۋە بۇ خىل ئەسەرنى دىباجە بىلەن باشلاش ئۇسۇلى تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە كۆرۈلگەن. نەۋائىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە تۈرك-ئۇيغۇر ئېدىئولوگىيە تارىخىدا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان ئىنساننى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت باش تېما ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ تۈرلۈك نوقتىدىن تەھلىل قىلىنغان. نەۋائى كاتتا ۋە باي بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى بىلەن بىر تەرەپتىن كلاسسىك چاغاتاي شېئىرىيىتىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىگە چىقارغان، يەنە بىر تەرەپتىن چاغاتايچىنىڭ يۈكسەك بىر ئەدەبىي تىل ئىكەنلىكىنى گۈزەل ئۆرنەكلەر بىلەن ئىسپاتلىغان. دېمەك، نەۋائى ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە ئىپادە قىلغان پىكرىي ۋە بەدىئىي ئۈستۈنلىكى بىلەن چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋەكىلىگە ئايلانغان. نەۋائىنىڭ دەۋردىشى ھۈسەيىن بايقارا ئۇنىڭغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بىرىپ: «قابىلىيەتنىڭ يۇلتۇزىنى ئەڭ ئىپتىدائى دەرىجىدىن ئەڭ يۈكسەك چوقىغا قەدەر كۆتۈرگەن ۋە خورلۇق تۇپرىقىدىن پەلەكنىڭ چېكىگە قەدەر يەتكۈزگەن»②دەپ تەرىپلىسە، بابۇر شاھمۇ «ئەلىشىر بەگ تەڭدىشى يوق ئادەم ئىدى. تۈركىي تىلدا شۇنداق شېئىرلارنى يېزىپتۇكى، ھېچكىم ئۇنىڭچىلىك كۆپ ھەم ياخشى يازغان ئەمەس»③ دەپ خاراكتېرلەندۈرگەن. نەۋائىنىڭ شۆھرىتى ۋە ئەسەرلىرى ئاشۇ دەۋردىلا ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھالقىپ، ئىران، ئىراق، ھىندىستان، كاۋكاز، ئىدىل بويلىرى، قىرىم، ئاناتولىيە (ئانادولۇ) ۋە رۇمەلىگە قەدەر تارقالغان. مەشھۇر شەرقشۇناس ۋ.ۋ. بارتولد بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئەلىشىر نەۋائى ئۆزىدىن بۇرۇن ياشىغان شائىرلارنىڭ ھەممىسىدىن ھالقىپ كەتتى. ئۇ پارسچىمۇ يازدى، لېكىن ھەقىقىي تۈرك شائىرى سۈپىتىدە شۆھرەت قازاندى. ئەسەرلىرى توبۇل شەھىرىدىن ئىستانبۇلغا قەدەر بولغان رايونلاردا پۈتۈن تۈركلەر ئۈچۈن كلاسسىك ئەدەبىياتقا ئايلاندى»④ دەپ كۆرسەتكەن. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغىنىدەك، نەۋائى تۈركىي تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى بىر مەدەنىيەت جۇغلانمىسى سۈپىتىدە ئەڭ ئىنچىكە بىر سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزگەن ۋە بۈگۈنكى كۈندە چاغاتاي تىلى دېگەن نام بىلەن ئاتىلىۋاتقان ئەدەبىي تىلغا ئۆزىنىڭ نامىنى بېرىپ، ئۇنى «نەۋائى تىلى»، «نەۋائى تەرزى» دەپ تەرىپلىنىدىغان بىر تىلغا ئايلاندۇرغان بۈيۈك بىر سەنئەتكار ئىدى. بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ نەۋائى دۇنيادا يىگانە بىر شەخستۇر. ئۇنىڭ سىرتىدا دۇنيادا ھېچقانداق بىر تىل بىر شائىرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ئەمەس.

    نەۋائىنىڭ ھايات چېغىدىلا ئىجادىيىتىنىڭ تىمورىيلار چىگرىسىدىن ھالقىپ شۇنچە كەڭ جۇغراپىيىلىك دائىرىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۇسلۇبى ۋە ئەدەبىي كامالىتىنىڭ ئۈستۈنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا تېررىتورىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىن غەربىي ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپاغا قەدەر كېڭەيگەن تىمۇرىيلارنىڭ شۇ مەزگىلدە قوشنا مەملىكەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىمۇ نەۋائى تەسىرىنىڭ كېڭىيىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

    ئون بەشىنچى ئەسىردە تىمۇرىيلار بىلەن ئوسمانلىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۈچىيىپ، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت ۋە ئىلىم–پەن ئالاقىسى قويۇقلاشقان. بۇ چاغدا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدىن قازىزادە رۇمى، فەنارى ئالى قاتارلىق بىر مۇنچە ئىلىم ئىگىلىرى ھېرات، بۇخارا ۋە سەمەرقەندكە كېلىپ ئۈگىنىش، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئوسمانلى شائىرلىرىدىن شەيھى، ئابدۇللاھ ئىلاھى، مەلىھى، كاستامونۇلۇ جامى، ئۈمەر رۇشەنى، بۇرسالى قەندى، بەھىشتى سىنان، جەمىلى ۋە كاتىبى قاتارلىقلارمۇ تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردە مەيدانغا كەلگەن ئىلمىي ۋە ئەدەبىي تەرەققىيات بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقان. بۇلار تىمۇرىيلارنىڭ ئەدەبىيات مەھسۇللىرىنى ئوسمانلى تۈركلىرىگە تۇنۇشتۇرۇشتا مۇھىم ۋاسىتە بولغان. ئوسمانلى سۇلتانلىرىدىن مۇرات  Ⅱ (1421-1451)، فاتىھ سۇلتان مەھمەت Ⅱ (1451-1481)، بەيازىد  Ⅱ (1481-1512)، ياۋۇز سۇلتان سەلىم (1512-1520) ۋە قانۇنى سۇلتان سۇلەيمان (1520-1566) قاتارلىقلار ئىلىم–پەن ۋە سەنئەتنىڭ ھامىسى بولۇپ، بۇ سۇلتانلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يۈرگۈزگەن بەزى قارار ۋە تەدبىرلىرى ھەتتا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى سىرتىدىكى ئىلىم ئىگىلىرى ۋە ئەدىب – شائىرلارنىمۇ جەلپ قىلغان. نەتىجىدە تىمۇرىيلار مۇھىتىدا يېتىشكەن بىر قىسىم ئالىم ۋە شائىرلار ئاناتولىيە ۋە ئىستانبۇلغا بىرىپ، ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. بۇلاردىن ئەلى قۇشچى ۋە فەتھۇللاھ شىرۋانى قاتارلىقلار ئوسمانلىلارنىڭ ماتىماتىكا ۋە ئاسترونومىيە ئىلمىگە كۆپ ھەسسە قوشقان. تۈركىيە ئالىمى جەمال كۇرنازنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 15-ئەسىردىن باشلاپ تاكى 19-ئەسىرگە قەدەر خوراسان، ئىران، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدىكى سەمەرقەند، بۇخارا ۋە قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردىن ئالىم، شائىر ۋە باشقا سەنئەت ئەربابلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 88 كىشى ئوسمانلى تەۋەسىگە بېرىپ، ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئابدۇللاھ نىدائى دېگەن شائىرنىڭ قەشقەرلىك كىشى ئىكەنلىكى مەلۇم.⑤ ئەيۇبتىكى قەشقەر خانىقاسىنىڭ شەيخى بولغان ئابدۇللا نىدائىنىڭ «رىسالەئى ھەققىييە» دېگەن ئەسىرى تەسەۋۋۇپ ۋە خانىقا ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر. تۈركىيەدە گۈللەر نۇھئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئابدۇللا نىدائى قەشقەرى ۋە ‹رىسالەئى ھەققىييە›» (تەتقىقات–مەتىن–تەرجىمە) دېگەن كىتاب 2004–يىلى ئىستانبۇلدىكى سىمۇرغ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئەسەردە ئابدۇللا نىدائىنىڭ ھاياتى، تەسەۋۋۇپ ئىدىيىسى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىش بىلەن بىرلىكتە «رىسالەئى ھەققىييە» دېگەن ئەسەرنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى بېرىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئەسەرنىڭ ئۈچ خىل قوليازما نۇسخىسى سېلىشتۇرۇلۇپ پارسچە مەتنىمۇ تۇرغۇزۇلغان. ئابدۇللاھ نىدائى ھەققىدە يەنە تۈركىيەلىك ئازمى بىلگىن دېگەن تەتقىقاتچىمۇ ئىزدەنگەن. ئۇ يازغان «ئابدۇللاھ نىدائى ۋە ئۇنىڭ ئىككى شېئىرى» دېگەن ئەسەر ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان «تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 27-سانىدا ئىلان قىلغان. بۇ شائىرلار ھەققىدىكى مەلۇماتلار ناھايىتى چەكلىك ھەم ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئەسەرلىرى كۈنىمىزگە قەدەر يىتىپ كىلەلمىگەن بولسىمۇ، 15-ئەسىردىن كېيىن شائىرلار ئۈچۈن بىر خىل ئەدەبىي ئەنئەنىگە ئايلانغان نەۋائىنى ئۆرنەك قىلىشتەك ئىجادىيەت ئۇسۇلىدىن قارىغاندا، بۇ شائىرلارنىڭ ئوسمانلىلاردا نەۋائى ئەسەرلىرىنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىلىشىدا ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ.

    بۇنىڭدىن باشقا ئۆزلىرىمۇ شائىر بولۇپ، شېئىر توپلاملىرىنى مىراس قالدۇرغان فاتىھ ۋە بەيازىد Ⅱ   قاتارلىق سۇلتانلار ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئوسمانلى تەۋەسىدە ئورتاق تىل ۋە ئورتاق بىر ئەدەبىي ئەنئەنە يارىتىشقا تىرىشقان. تىمورىيلار ئىمپېرىيىسىدە دۆلەت يېزىقى سۈپىتىدە قوللىنىلغان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ 15-ئەسىردە ئوسمانلىلار سارىيىدىمۇ ھىمايە قىلىنىشى ۋە سارايدا ئوتتۇرا ئاسىياغا ئالاقىدار بىر دىۋاننىڭ تەسىس قىلىنىشى مۇشۇنداق بىر ئارزۇ نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن. بەيازىد Ⅱ گە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۈگىتىش ئۈچۈن يېزىلغان بىر رىسالە ھازىر ئىستانبۇل مىللەت كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ساراي تەشكىلاتىدا ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىقلىرى بىلەن رەسمىي خەت–ئالاقە قىلىشقا مەسئۇل مەخسۇس كاتىپلار بار ئىدى. «باخشى» ئۈنۋانىدا ئاتالغان بۇ مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي ۋە ئىلمىي ۋەزىيىتىنى پىششىق بىلىدىغان ھەم ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن كىشىلەردىن تەيىنلەنگەنلىكى مەلۇم. شەيخزادە ئابدۇرەززاق باخشىمۇ فاتىھ سۇلتان مەھمەت دەۋرىدە مۇشۇنداق بىر ۋەزىپە بىلەن ئىستانبۇلدا تۇرغان ئىدى. 1474- يىلى شەيخزادە ئابدۇرەززاق باخشى ئۈچۈن فەنارىزادە قادى ئالى ئىستانبۇلدىن مەكتۇپ ئەۋەتىپ، نەۋائى تۇغۇلۇشتىن ئىككى يىل بۇرۇن «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ ھېراتتا ئۇيغۇر يېزىغىدا كۈچۈرۈلگەن بىر نۇسخىسىنى توقاتتىن ئەكەلدۇرگەن. فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ ئۇزۇن ھەسەنگە قارشى غەلىبىلىك ھالدا ئاخىرلاشقان ھەربىي يۈرۈشىدىن كېيىن تۈرلۈك مەملىكەتلەرگە ئەۋەتىلگەن زەپەرنامىلار ئىچىدە ھەر ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىقلىرىغا ئەۋەتىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋە ئەرەب يېزىقلىرى بىلەن 1474- يىلى يېزىلغان يارلىقنىڭمۇ شەيخزادە ئابدۇرەززاق باخشى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغانلىقى مەلۇم. بۇ زات ئاياسوفىيا كۇتۇپخانىسىدا 4757 نۇمۇرلۇق تىزىملىكتە ساقلىنىۋاتقان، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇيغۇر ۋە ئەرەب يېزىقلىرىدا يېزىلغان بىر مەجمۇئەنى تۈزۈش ۋە كۆچۈرۈش ئىشىنى 1479- يىلى تاماملىغان.⑥ فاتىھنىڭ ھىچقانداق بىر نەزەرىيىنى ئىلگىرى سۈرمەستىن ئوسمانلى تۈركلىرىگە ئۇيغۇرچىنى تۇنۇتۇپ، خوراسان ئەدىبلىرى بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇش شارائىتىنى يارىتىپ، ئەدەبىي تىل بىرلىكىنى تەدبىقلىنىش ساھىسىگە ئېلىپ كىرىشى تۈرك مەدەنىيەت تارىخىدا ئەھمىيەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان نۇقتىدۇر. بەيازىد Ⅱ نىڭ شېئىرلىرىدا شەرق تەسىرى كۆزگە چېلىققىنىدەك، نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ ئوغۇز شىۋىسىنىڭ بەزى خۇسۇسسىيەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈشى ئىككى ئەل ئوتتۇرىسىدا مەيدانغا كەلگەن تىل ۋە ئەدەبىي ئالاقىنىڭ مۇھىم بەلگىسى ھېساپلىنىدۇ.⑦ دېمەك، 15-ئەسىردىن ئىتىبارەن تىمۇرىيلار بىلەن ئوسمانلىلار ئوتتۇرىسىدا جانلانغان ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەر ئىككى ئەل ئوتتۇرىسىدىكى ئىلىم-پەن ۋە ئەدەبىيات ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىش دەۋرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. نەۋائىنىڭ ئوسمانلى ئەدەبىياتىدىكى تەسىرى مۇشۇنداق بىر تارىخىي شارائىتتا بارلىققا كەلگەن.

    نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرى فاتىھ سۇلتان مەھمەت دەۋرىدىلا ئوسمانلى شائىرلىرىغا تۇنۇلۇشقا باشلىغان. نەۋائىنىڭ ئاناتولىيەدىكى تەسىرىگە دائىر دەستلەپكى مەلۇماتلارنى بىز ئوسمانلىلاردا بارلىققا كەلگەن شائىرلار تەزكىرىلىرى بىلەن دىۋان ئەدەبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردىن ئۈگىنىمىز. شۇنىسى ئېنىقكى، شائىرلار تەزكىرىلىرىدە نەۋائىنىڭ بىئوگرافىيىسى ۋە شېئىرلىرى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتلار ئۇچرىمايدۇ. بۇ نەۋائىنىڭ ئاناتولىيەدە ياشىمىغانلىقى ۋە ئوسمانلى تۈركچىسىدىن پەرقلىق بولغان بىر تىل شىۋىسىنى قوللانغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. لېكىن نەۋائىنىڭ تەزكىرىلەردە ئورۇن ئېلىشى شېئىردىكى ئۇسلۇب مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. چۈنكى تەزكىرىلەردە بەزى شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدا كۆرۈلگەن شەكىل ۋە ئۇسلۇبنىڭ مەنبەسىنى ياكى باشلانغۇچىنى كۆرسىتىپ بىرىش ئېھتىياجى نەۋائىدىن سۆز ئېچىلىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىدى. كلاسسىك ئوسمانلى شېئىرىدا نەۋائى ئاناتولىيە تۈرك ئەدەبىياتى مەيدانغا كېلىشتىن بۇرۇن شەكىللەنگەن بىر ئەدەبىي ئېقىم (مەكتەپ) نىڭ ۋەكىلىدۇر. ئاناتولىيە شائىرلىرى ئۇنى ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى يىتەكچى قىلغان. كىشىلىكىگە ھۆرمەت ھېسىياتىدا بولغان، نەۋائىنى ئەدەبىي تەرەپلىرى بىلەن شېئىرلىرىگە تېما قىلغان. ئوسمانلىلاردا ئۆز ساھەسىدە ئېقىم تەشكىل قىلغان شائىرلار ئۇنىڭ ئىسمىنى شېئىرلىرىدا ئەسلەشنى بىر خىل ئېھتىياج دەپ قارىغان.

    تەزكىرە ئاپتورلىرى ئوسمانلى شائىرلىرى بىلەن نەۋائى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن سۆز ئاچقاندا، بەزىدە ئۇلارنىڭ نەۋائى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشكەنلىكىنى، بەزىدە نەۋائى بىلەن مەكتۇپلاشقانلىقىنى، بەزىدە نەۋائىنىڭ شېئىرلىرىگە نەزىرە يازغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

    تەزكىرىلەردىن ۋە يېزىلغان نەزىرەلەردىن ئاناتولىيەدە نەۋائى تەسىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئىككى دەۋر بويىچە چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. بىرىنجى دەۋر فاتىھ دەۋرىدۇر. بۇ دەۋردە بەزى دۆلەت خادىملىرى ۋە شائىرلار، يەنى مەھمۇد پاشا، سىنان پاشا، ئاھمەد پاشا ۋە كارامانلى نىزامى قاتارلىقلار ھېراتتىكى جامى ۋە نەۋائى بىلەن يېقىن ئالاقە ئورناتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتلىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا باشلىغان. بۇ، 1465-يىلى تۇنجى دىۋانىنى يازغان نەۋائىنىڭ شۆھرىتىنىڭ ئاشۇ يىللاردا ئاناتولىيەگە قەدەر يىتىپ بارغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئىككىنچى دەۋر بولسا بەيازىد Ⅱ دەۋرىدۇر. بۇ دەۋردە نەۋائى تەرىپىدىن بەيازىد Ⅱگە ئالاھىدە ھاۋالە بىلەن ئەۋەتىلگەن ئوتتۇز ئۈچ پارچە غەزەلگە ئاھمەد پاشا نەزىرە يېزىشقا بۇيرۇلغان. ئاھمەت پاشا نەۋائىنىڭ «ئان ئاڭ» ۋە «ئان بىرلە بەھس» رادىفلىق غەزەللىرىنىڭ ھەر بىرىگە قىرىق پارچىگە يېقىن نەزىرە يازغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ غەزەللەر ئوسمانلىلار تۇپرىقىدا مەشھۇر شېئىرگە ئايلانغان ۋە نەۋائىنىڭ ئەسلى تەسىرىمۇ بۇ دەۋردە ھېس قىلىنىشقا باشلىغان. ھەتتا بۇ مەزگىلدە شائىرلار نەۋائىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتلىرىنىمۇ يېقىندىن ئۈگەنگەن.

    تەزكىرىلەردىكى ئەڭ دىققەتنى تارتقان ۋە كېيىنكى كۈندە تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان بىر نۇقتا نەۋائى بىلەن ئاھمەت پاشانىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىدۇر. ئاھمەت پاشا فاتىھ سۇلتان مەھمەت دەۋرىدىكى ئەڭ مەشھۇر شائىر ئىدى. ئوسمانلىلارنىڭ شۇ دەۋردىكى يەنە بىر بۈيۈك شائىرى نەجاتىدىن باشلاپ شائىر ۋە تەنقىتچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنى «ئۇستاز» دەپ بىلگەن. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاھمەت پاشانىڭ شېئىرلىرى ھۈسەيىن بايقارانىڭ ئوردىسىدا ئوقۇلغان، جامى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى يۇقىرى باھالىغان. لېكىن تەزكىرىلەردىكى بەزى بايانلار كېيىنكى كۈندە كۈچلۈك مۇنازىرىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغىمۇ سەۋەب بولدى. يۇقىرىدىمۇ بايان قىلىنغىنىدەك، ئاشىق چەلەبى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنغان «نەۋائى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئوتتۇر ئۈچ پارچە غەزەل بەيازىد Ⅱ نىڭ بۇيرىقى بويىچە ئۆرنەك قىلىپ يېزىش ئۈچۈن ئاھمەت پاشاغا بىرىلگەن» دېگەن مەلۇمات كىنالىزادە يازغان تەزكىرىدە تېخىمۇ كۈچەيتىلىپ، «ئاھمەت پاشانىڭ كۈچلۈك شېئىرلانى يېزىش خىسلىتى نەۋائىنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن باشلانغان» دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ مەلۇماتقا ئاساسەن 1840- يىلىدىن باشلاپ نۇرغۇن تۈرك ئالىملىرى ئاھمەت پاشانىڭ ئەدەبىي سالاھىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە نەۋائىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى بولغان دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ قاراشنى ھىمايە قىلىدىغانلار يەنىلا كۆپ. لېكىن م. فۇئاد كۆپرۈلۈ بۇ خىل قاراشنى رەد قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرى فاتىھ دەۋرىدىلا تۈركىيەدە شۆھرەت قازانغان ۋە ئاھمەت پاشامۇ ئۇنىڭغا نەزىرەلەر يازغان. لېكىن ئاھمەت پاشانىڭ ئەدەبىي سالاھىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە نەۋائىنىڭ ھىچقانداق بىر تەسىرى بولمىغان ۋە بولالمايتتى. نەۋائىنىڭ شۆھرىتى تۈركىيەدە يېيىلغان چاغدا ئاھمەت پاشامۇ مەملىكەتنىڭ بۈيۈك شائىرى سۈپىتىدە تۇنۇلۇپ بولغان.»⑧ فۇئاد كۆپرۈلۈنىڭ قارىشىچە، نىيازى، شەيھى، ئاتايى ۋە مەلىھى قاتارلىق ئۇستات شائىرلارنىڭ تەسىرىدە يىتىشكەن، شۇنىڭدەك يەنە شېئىرلىرىدا ساۋەجى، كەمال خوجەندى، كاتىبى، ھاپىز ۋە جامى تەسىرلىرىمۇ كۆرۈلگەن ئاھمەت پاشا ئوسمانلى شائىرلىرى ئىچىدە نەۋائى شېئىرلىرى بىلەن ئەڭ دەستلەپ ئۇچراشقان ۋە نەۋائىنىڭ شېئىرلىرىگە تۇنجى بولۇپ نەزىرە يېزىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ ئوسمانلىلاردا يېيىلىشىغا يول ئاچقان كىشى ئىدى.

    تەزكىرىلەردە نەۋائى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدىغان شائىرلامۇ بار. مەسىلەن، بەسىرى، قەندى ۋە بەھىشتى قاتارلىقلار. بۇلاردىن بەسىرىنىڭ نەۋائى شېئىرلىرىنى ئاناتولىيەگە تۇنجى قېتىم ئېلىپ بارغان كىشى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. نەۋائىنىڭ ئاناتولىيەدىكى بەزى شائىرلار ۋە دۆلەت خادىملىرى بىلەن مەكتۇپلاشقانلىقىمۇ مەلۇم. مەنبەلەرگە قارىغاندا، نەۋائى بىلەن مەكتۇپلاشقانلاردىن بىرى باش ۋەزىر ھەم شائىر ماھمۇد پاشا (ئادنى) ئىدى. ئۇنىڭ ئاھمەد پاشا، ھايالى، رەھمى ۋە باقى قاتارلىق شائىرلارنىڭ شۆھرىتى ئارقىلىق خوراسان تەۋەسىدە يېقىندىن تۇنۇلغانلىقى ۋە ئەسەرلىرىنىڭمۇ بۇ تەرەپلەردە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ.

    فاتىھ ۋە بەيازىد Ⅱ دەۋرلىرىدە ئىستانبۇل سارىيى (ئوسمانلى ئوردىسى) ھېرات سارىيى بىلەن، ئۇزۇن ھەسەن ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاق قويۇنلۇ سارىيى بىلەن ناھايىتى دوستانە مۇناسىۋەتتە بولغان. ئىسلام شەرقى بولۇپمۇ تۈرك ئەللىرى بىلەن، ھەتتا ھىندى سارىيى بىلەن ئاناتولىيە ئوتتۇرىسىدا پىكرىي ۋە ئەدەبىي ئالاقىلار داۋام قىلغان. بۇ ئىككى ھۆكۈمدار باشقا مەملىكەتلەردىكى مەشھۇر ئالىم ۋە شائىرلارنى ئۆز سارىيىغا ئېلىپ كېلىشكە مۇمكىن بولمىسا، ئۇلارغا ھەدىيە ۋە جائىزە ئەۋەتىش، مەكتۇپلىشىش ئارقىلىق تۈرك ۋە ئىسلام ئەللىرى ئىچىدە مەنىۋىي نوپۇزىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشقان. بەيازىد Ⅱ مۇ دادىسىغا ئوخشاش مەشھۇر شائىر جامى بىلەن مەكتۇپلىشىپ تۇرغان ۋە ئۇنىڭغا ھەر يىلى مىڭ دىنار ئەۋەتكەن. نەۋائىنىڭ شۆھرىتىمۇ 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، يەنى بەيازىد Ⅱ دەۋرىدە پۈتۈن تۈركىيەگە تارالغان. ئەسەرلىرى سارايدا ۋە ئەدەبىي سورۇنلاردا كۈچلۈك ئالقىشقا ئىرىشكەن. نەۋائى «دىۋان» دىمۇ ئوسمانلى ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ئۆزىگە ھەدىيە ئەۋەتكەنلىكىدىن سۆز ئېچىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ نەۋائىگە نەزىرە يېزىش ئوسمانلى شېئىرىيىتىدىكى مۇھىم بىر ئالاھىدىلىك سۈپىتىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان.

    16- ئەسىردە ئوسمانلىلاردا دىۋان ئەدەبىياتى گۈللەنگەن. بۇ ئەسىردىكى ئوسمانلى ئەدەبىياتىدا جامى بىلەن نەۋائىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. ئىران ئەدەبىياتى يېتىشتۈرگەن بۈيۈك كلاسسىكلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەكىلى بولغان جامىنىڭ بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى بۇ مەزگىلدە تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان، بولۇپمۇ مەسنەۋىلىرى ئوسمانلى مەسنەۋىلىرىگە ئۆرنەك بولغان. نەۋائىغا كەلسەك، چاغاتاي ئەدەبىياتى مۇھىتىغا مەنسۇپ بۇ شائىرىنىڭ شېئىرلىرى ئەدەبىي سورۇنلاردا يۇقىرى نوپۇزغا ئېرىشىپ، بىر مۇنچە ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىنغان ۋە تەقلىد قىلىنغان. نەۋائىغا بولغان مەپتۇنلۇق كۈچەيگەن. بەيازىد Ⅱ نىڭ ئاماسيادىكى كۇتۇپخانىسىدا نەۋائىنىڭ «دىۋان»نى قويۇلغىنىدەك، ياۋۇز سۇلتان سەلىم (1512- 1520) نەۋائىنىڭ ئىجادىيىتىگە تولىمۇ ھەيران ئىدى. قانۇنى سۇلتان سۇلايمان (1520-1566) مۇ نەۋائىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچ پارچە كىتابىنى ئۆزىنىڭ كىتاپخانىسىغا ئالدۇرغان. نەۋائىنىڭ نوپۇزى ئاستىدا شېئىرلىرىگە چاغاتايچە نەزىرە يېزىش ئەۋج ئالغان، 16-ئەسىردە ياۋۇز سۇلتان سەلىمدىن باشلاپ ھاپىز، ئەجەم، نىيازى، سانى، ئازمى، سەلاھى، كۈرت شۈكرۈ ۋە ھازانى قاتارلىق بىر مۇنچە شائىر نەۋائىگە چاغاتايچە نەزىرەلەر يازغان. چاغاتاي شىۋىسىدە نەۋائىگە نەزىرە يېزىش تۈركىيىدە كېيىنكى ۋاقىتلاردا تېخىمۇ كۈچىيىپ مودىغا ئايلانغان. بۇ مودا تانزىماتقا قەدەر (1840-يىلى) كۈچلۈك تۈردە داۋام قىلغان.⑨ ئاناتولىيەدە كېيىنكى ۋاقىتلاردا خەمسە يازغان بارلىق شائىرلار نەۋائىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشنى ئۇنۇتمىغان. مەسنەۋىچىلەرمۇ ئۇنىڭ مەسنەۋىلىرىدىن پايدىلانغانلىقى ئۈچۈن ئەسەرلىرىنىڭ مۇقەددىمىلىرىدە نەۋائىنىڭ نامىنى ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ بىلەن تىلغا ئالغان. دۇكاكىنزادە ياھيا بەي «گۈلشەنى ئەنۋار» دېگەن مەسنەۋىسىدە نەۋائىنى مۇنداق تەرىپلەيدۇ:

مىر نەۋائى گۈلى بىخاردۇر،
خەمسەسى بىر نافەئى تاتاردۇر.
سۆزلەرىدۈر ئىشق ئودىنۇن سەرسەرى،
ھەر بىرى بەھرى غەزەلۈن گەۋھەرى.
ۋەسفەدەمەم زاتى خىرەد مەندىنى،
ئەينى ئەجەم گۆرمەدى مانەندىنى،
گەرچى سەقىل ئولدى ۋەلى زەر گىبى،
سۆزلەرىنۈن قىممەتى گەۋھەر گىبى. ⑩

يەشمىسى:

مىر نەۋايى تىكەنسىز گۈلدۇر،
خەمسەسى تاتارنىڭ مۇشكىدۇر،
سۆزلىرىدۇر ئىشق ئوتىنىڭ شامىلى،
ھەر بىرى غەزەل بەھرىنىڭ گۆھىرى،
تەرىپلەش قىيىن پاراسەت زاتى مەندىنى،
شۇ ئەجەم كۆرمىدى ئۇنىڭ خىلىنى،
گەرچە ۋەزنى بولسىمۇ ئالتۇن كەبى،
سۆزلىرىنىڭ قىممىتى گۆھەر كەبى،

    باشقا ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش بىلەن بىرلىكتە جامىنىڭ بىر مۇنچە ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغانلىقى ئۈچۈن «جامىئى رۇم» دېگەن لەقەم بىلەن تۇنۇلغان شائىر لامىئى «فەرھاتنامە» دېگەن ئەسىرىنى نەۋائىنىڭ مەسنەۋىلىرىدىن پارچىلار توپلاش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن. تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئىران ۋە خوراساندىن تۈركىيەگە كەلگەن شائىرلامۇ نەۋائىنىڭ شۆھرىتىنى تارقىتىش خۇسۇسىدا تەسىرلىك رول ئوينىغان. بۇلاردىن جەمىلىنىڭ سۇلتان سۇلەيمان ۋە ئىبراھىم پاشانىڭ نامىغا ئاتاپ تۈزگەن چاغاتايچە دىۋانى ئومۇمەن باشتىن ئاخىر نەۋائىغا يېزىلغان نەزىرە بىلەن تولغان.⑪ تەزكىرىلەردە نەۋائىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شائىرلارنىڭ خېلى كۆپ ئىكەنلىكىدىن سۆز ئېچىلىدۇ. بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ تاكى 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە بولغان مەزگىللەردە ئوسمانلى مۇھىتىدا يىتىشكەن شائىرلار ئىچىدە 26 نەپەر شائىرنىڭ ئىجادىيىتىدە نەۋائىنىڭ تەسىرى كۆرۈلگەن. دەسلەپ باغدادتا كېيىن ئىستانبۇلدا ياشىغان ئەزەرى شائىرى فۇزۇلى نەۋائىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان شائىر ئىدى. نەۋائىگە نەزىرە يېزىشتىمۇ فۇزۇلى ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرغان. ئۇنىڭدىن قالسا ئوسمانلى شائىرى مۇھيى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. مۇھيى نەۋائىگە ئاتاپ 61 پارچە نەزىرە يازغان.⑫ ئوسمانلى ئەدەبىياتىدا نەۋائىگە يېزىلغان نەزىرەلەر ئومۇمەن نەۋائىنىڭ شېئىرلىرىنى تەقلىد قىلىش، نەۋائى بىلەن بەسلىشىش ۋە نەۋائىنىڭ نامى ۋە ئۇسلۇبىغا شېئىرلىرىدا ھەقلىق باھا ۋە ئورۇن بېرىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل شەكىل بىلەن يېزىلغان. 18- ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر شائىر نەدىمنىڭ نەۋائىنىڭ تىلى ۋە ئۇسلۇبىدا يازغان بىر نەزىرەسىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:

بارۇپ كۇيىنغا يىغلاماق تىلەدىم بىر سەدا تارتۇپ،
يۈگۈردى مىن سارى ئول غەمزە تىغى سۈرمە سا تارتۇپ.
ئالۇپ تىغىڭى ئىلگە ساچى زىرھىن سالمىش ئارھايا،
مىنىڭ قەسدىمگە قىلمىش ئۈچ تولۇق جامى سەفا تارتۇپ.
ئۇش ئول ئاھۇ كۆزىن قىلماغ ئىچۈن قىيماچ ئۆزە قىيماچ،
سالار دۈنبالە نەخۋەت سۈرمەسىن ئول پۈر جەفا تارتۇپ.
سەرئى كۇيىنغا بارماق ئىختىيارىم بىلە تۈر سانمان،
گۆنۈلنى ئىلتۈرۈپ قۇۋۋەت بىلە زۈلفى دۇتا تارتۇپ.⑬

 

    نەۋائىنىڭ «دىۋان» دىكى شېئىرلىرى ۋە مەسنەۋىلىرىدىن باشقا تەزكىرە ۋە مۇئاممالىرىمۇ ئاناتولىيە شائىرلىرىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «مەجالىسۇن نەفائىس» دېگەن تەزكىرىسى 15-ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخىنى يورۇتىشتا مۇھىم مەنبە بولغاندىن سىرت ئاناتولىيە تەزكىرىلىرىگە ئۆرنەك بولۇش رولىنى ئوينىغان. ئوسمانلى ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى شائىرلار تەزكىرىسى شەھىنىڭ 1538-يىلى نەۋائىنىڭ «مەجالىسۇن نەفائىس» كە تەقلىد قىلىپ يازغان «ھەشت بەخىشت» دېگەن ئەسىرى ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن لاتىفى، ئاشىق چەلەبى، بەغدادلى ئەھدى، ھاسان چەلەبى ۋە ئالى تەزكىرىلىرى يېزىلغان.⑭ نەۋائىنىڭ تەسىرى ھەققىدە مەشھۇر ئەزەرى ئالىمى، تىلشۇناس ئاھمەت جافەرئوغلۇ مۇنداق دەيدۇ: «پۈتۈن ھاياتىنى ئاڭلىق ھالدا تۈرك تىلىگە ۋە تۈرك مەدەنىيىتىگە بېغىشلىغان ئەلىشىر قىلغان داۋاسىنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئۆلۈمىدىن كېيىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراق جايلاردىن، يەنى ئىراندىن، تۈركىيەدىن، ئەزەربەيجاندىن، سۈرىيەدىن، ھىندىستاندىن ۋە ھېراتتىن توپ–توپى بىلەن يېتىشىپ چىققان نەچچە يۈز شاگىرتى ئۇنىڭ قۇرغان ئەدەبىيات مەكتىپىنى ۋە ئەدەبىي چاغاتاي شىۋىسىنى تۈركلۈكنىڭ ھەر بىر بولۇڭىغا قەدەر ئېلىپ باردى. ئوسمانلى ئەدەبىياتىنىڭ ئاھمەدى دائى، كارامانلى نىزامى، بەھتى، ئەمرى، دۇكاكىنزادە ئاھمەت، زافى، فۇزۇلى، كاتىبى تەخەللۇسىدىكى سەيدى ئالى رەئىس، نەدىمى قەدىم، فاسىھ ئاھمەت دەدە، نەدىم، شەيخ گالىب، مۇۋاككىدزادە م. پېرتېۋ، بەنلىزادە م. ئىززەتبەگ ۋە رەفىئى ئامىدى قاتارلىق شائىرلىرى چاغاتايچە شېئىرلار يېزىشقا باشلىدى. بۇ شېئىرلار چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ ۋە ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئوسمانلى ئەدەبىياتىدىكى تەسىرىنىڭ مۇھىم ئۆرنەكلىرىدۇر.»⑮ ھەقىقەتەن نەۋائىنىڭ «دىۋان»لىرىدىكى 2600 دىن كۆپرەك غەزىلى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەم ئاناتولىيەدە كۆپ ئوقۇلغان ئىدى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، نەۋائىنىڭ ئەدەبىي تەسىرىگە ياندىشىپ، ئۇنىڭ تىلى— چاغاتاي تىل شىۋىسىمۇ ئەزەرى، تۈركمەن ۋە ئوسمانلى ئەدەبىياتىدا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسەتكەن ۋە نەۋائىنىڭ ئىزىدىن ماڭغان شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتىدە تەدبىقلانغان. نەتىجىدە ئىدىقۇت ئۇيغۇر تىلى ۋە خاقانىيە تۈركچىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن چاغاتاي تىل شىۋىسىنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيگەن، نوپۇزى تېخىمۇ ئۆرلىگەن. بۇ تەسىر مەسىلىسىنى فۇئاد كۆپرۈلۈ «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى» يازغان «چاغاتاي ئەدەبىياتى» دېگەن ئەسىرىدە «تامامەن ئاڭلىق ۋە پىلانلىق بىر غەيرەت بىلەن چاغاتايچىنى پارسچىدىن ھېچقانداق بىر شەكىلدە كەينىدە قالمىغان، تېخىمۇ توغرىسى ئوخشاش شەكىلگە ئاساسەن ئىشلەنگەن بىر كلاسسىك شېئىر تىلىگە ۋە بىر مەدەنىيەت تىلىغا ئايلاندۇرغان نەۋائىنىڭ زور تەسىرى ئەسلى بۇنىڭدىن (15-ئەسىردىن–ئا) كېيىنكى ئەسىرلەردە ئۆزىنى كۆرسەتتى، نەۋائى دەۋرىدە تۈرك دۇنياسىغا چېچىلغان ساغلام ئۇرۇقلار 16-ئەسىردىن باشلاپ ھەر تەرەپتە مول ھوسۇللارنى بەردى. نەۋائىنىڭ ئۇتۇق قازانغان ئەڭ چوڭ ئىشى ئەڭ مەشھۇر ئەجەم ئۇستادلىرى بىلەن بىر قاتاردا ئورۇن ئېلىشىغا ئىمكانىيەت ياراتقان كەڭ ۋە تەۋرەنمەس شۆھرىتى سايىسىدە چاغاتايچىنى يالغۇز تىمۇرىيلار ۋە چاغاتايلار ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە قەشقەردىن قازانغا، قىرىمدىن تەبرىزگە ۋە ئىستانبۇلغا قەدەر پۈتۈن تۈرك ئەدەبىي مۇھىتىدا مەنىۋىي ئىتبارغا ئىرىشتۈرگەنلىكىدۇر»⑯ دەپ تەرىپلىگەن.

    16-ئەسىردىن باشلاپ ماۋرەئۈننەھرى، خوراسان، ھىندىستان (ھۆكۈمدار سارىيىدا)، خارەزم، قازان، قىرىم، ئىراندا ۋە ھەتتا تۈركمەنلەر ئارىسىدا نەۋائى تىلى يەنى چاغاتايچە يۈكسەك بىر مەدەنىيەت تىلى دەپ چۈشىنىلگەن ۋە «ئىرىشىش مۇمكىن ئەمەس بىر ئىدىئال ئۆرنەك» دەپ قارالغان نەۋائى ئەسەرلىرى بىلەن تۇنۇشۇش ئەدەبىي مەدەنىيەتنىڭ تولۇقلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر دەپ ھېساپلانغان. شۇ ۋەجىدىن نەۋائى ئەسەرلىرىنى ئاسان ئوقۇش ۋە ياخشى چۈشىنىش مەقسىتىدە بۇ مەزگىلدىن باشلاپ بىر مۇنچە لۇغەتلەر، گرامماتىكا كىتابلىرى ۋە ئانتولوگىيە ئەسەرلىرى تۈزۈلگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادا، ئىراندا، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدە، ئەزەربەيجاندا ۋە ھىندىستاندا ھازىرغا قەدەر تۈزۈلگەن چاغاتاي شىۋىسىدىكى گرامماتىكا كىتابلىرى ۋە لۇغەتلەرنىڭ سانى خېلىلا كۆپ. ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدىغان بىر نۇقتا شۇكى، بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى نەۋائىغا بېغىشلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يەردە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىكى 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاناتولىيەدە تۈزۈلگەن چاغاتايچە–تۈركچە «ئابۇشكا لۇغىتى» دۇر. ئاپتورى ۋە ئەسلى نامى نامەلۇم بولغان بۇ لۇغەتنىڭ تۇنجى ماددىسى «قېرى ئايال» ياكى «ياشانغان ئەر» مەنىسىدىكى «ئابۇشكا» دېگەن سۆز بىلەن باشلانغاچقا، ئىلىم ساھەسىدە ئاشۇ نام بىلەن ئاتاش ئومۇملاشقان. ئاساسلىقى نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدىغان چاغاتايچە سۆزلەرنى ئوسمانلى تۈركچىسى بويىچە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بۇ لۇغەتتە يەنە مەۋلانە لۇتفى، مىر ھەيدەر مەزجۇپ، سۇلتان ئىسكەندەر مىرزا، ھۈسەيىن بايقارا ۋە بابۇر مىرزا قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىنمۇ ئۆرنەك ۋە مىساللار بار. ئىككى مىڭغا يېقىن سۆزلۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە كېيىنكى باشقا بارلىق چاغاتايچە لۇغەتلەرگە مەنبە بولغان بۇ ئەسەر ناھايىتى ئەستائىدىل تۈزۈلگەن بولۇپ، پايدىلىنىشقا تولىمۇ ئەپلىك بىر لۇغەتتۇر. بۇ لۇغەتنى تۈزۈشتە نەۋائىنىڭ 19 پارچە ئەسىرىدىن پايدىلىنىلغانلىقى مەلۇم. ھازىر بۇ لۇغەتنىڭ 1552 – يىلىدىن كېيىن كۆچۈرۈلگەن ھەر خىل نۇسخىلىرى ئىستانبۇل، ۋېنا، سانكىت پېتېربورگ، لېيدېن ۋە ميۇنخېن قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بەزى نۇسخىلىرى نەۋائىنىڭ نامىغا باغلىنىپ «لۇغەتى مەۋلانە نەۋائى» (لېيدېن ئاكادېمىيىسىدىكى نۇسخا)، «ئەل لۇغەتۈن نەۋائىييە ۋەلىستىشبەدۈل چاغاتائىييە» (سانكىت پېتېربورگ خەلق كۇتۇپخانىسىدىكى نۇسخا)، «لۇغەتى مىر ئەلىشىر نەۋائى» (لېيدېندىكى يەنە بىر نۇسخا)، «ئەل لۇغەتۈ ئەلا لىسانى نەۋائى» (سانكېت پېتېربورگ تاشقى ئىشلار كۇتۇپخانىسىدىكى نۇسخا) دېگەن نامدا ئاتالغان. بۇنىڭدىن باشقا سانكىت پېتېربورگدا چاغاتايچە–پارسچە تۈزۈلگەن «لۇغەتى نەۋائى» دېگەن بىر لۇغەتمۇ بار. سانكىت پېتېربورگ خەلق كىتاپخانىسىدىكى نۇسخا 1869-يىلى ۋېلىئامىنوف زېرنوف تەرىپىدىن «چاغاتايچە–تۈركچە لۇغەت» دېگەن نامدا نەشىر قىلىنغان. ئارمىن ۋامبېرىي باشقا بىر نۇسخىنى 1862– يىلى بۇداپېشتتا «ئابۇشقا، چاغاتايچە–ئوسمانلىچە سۆزلۈك» دېگەن نامدا، سۆزلۈكلەرنىڭ لاتىنچە تەرجىمىسىنىمۇ بىرىش شەكلى بىلەن نەشىر قىلغان.⑰

    ئوسمانلىلاردا نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەستلەپكى تەتقىقاتلار ياۋۇز سۇلتان سەلىم دەۋرىدە باشلانغان. «ئابۇشقا لۇغىتى» نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ئاناتولىيەدە بارلىققا كەلگەن تۇنجى ئىلمىي ئەسەردۇر. بۇ دەۋردە يەنە ھاكىم شاھ مۇھەممەد كازۋىنى «مەجالىسۇن – نەفائىس»نى پارىسچىغا تەرجىمە قىلىشقا باشلىغان، بۇنىڭ تەرجىمىسى قانۇنى سۇلتان سۇلايمان دەۋرىدە تاماملانغان. 16-ئەسىردە يېزىلغان شائىرلار تەزكىرىلىرىدە نەۋائى كۆزگە چېلىقمايدۇ، لېكىن 17-ئەسىردىن ئىتىبارەن نەۋائىنىڭ نامى شائىرلار تەزكىرىلىرىدە كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئوسمان Ⅱ (1618-1622)نىڭ دىۋان كاتىپلىرىدىن ئەدىرنەلىك مەھمەد بىن مەھمەدنىڭ «نۇخبەتۈت تەۋارىخ ۋەل ئەخبار» دېگەن ئەسىرىدە، مۇستافا ئالىنىڭ «مەناقىبى ھۈنەرۋەران»، كاتىپ چەلەبىنىڭ «كەشپۈز زۈنۇن» ۋە «سۈللەمۈل ۋۇسۇل»، مۈستەقىمزادە سۇلەيمان سادەددىننىڭ «مەجەللۈتۈن نىساب» ۋە «تۇخفەئى خەتتاتىن» دېگەن ئەسەرلىرىدە، نەۋائىنىڭ «تارىخى مۈلۇكى ئەجەم» ناملىق ئەسىرىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى بولغان فەنايىنىڭ «تارىخى فەنايى» دېگەن ئەسىرىدە، ئاپتورى نامەلۇم بولغان «گەرىدە تەلىقىيان»دا، سۇلەيمان فەھىمنىڭ «سەفىنەتۇش–شۇئەرا» دېگەن تەزكىرىسىدە لەبىبىنىڭ «جەۋاھىرى مۈلتەقەتە» دېگەن ئەسىرىدە نەۋائى ھەققىدە مەلۇمات بىرىلگەن. نەۋائى ھەققىدىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلار تانزىماتتىن كېيىنكى تۈرك ئەدەبىياتىدىمۇ داۋام قىلغان. زىيا پاشا «خارابات» دېگەن ئەسىرىدە نەۋائىنىڭ ئەسىرىدىن ئۆرنەك ئالغان. ئاھمەت ۋەفىق پاشانىڭ «لەھچەئى ئوسمانى»، شەيخ سۇلەيمان بۇخارىنىڭ «لۇغەتى چاغاتايى ۋە تۈركى ئوسمانى»، ئاھمەت رىفاتنىڭ «لۇغەتى تارىخىييە ۋە جۇغرافىييە»، شەمسەتتىن سامىنىڭ «قامۇسۇل ئالەم» ۋە مەھمەد سۇرەييانىڭ «سىجىللى ئوسمانى» قاتارلىق تىل، تارىخ ۋە جۇغراپىيەگە ئائىت ئەسەرلەردە نەۋائى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە سۆز ئېچىلغان.⑱ شۆبھىسىزكى، نەۋائى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەر بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. 1923-يىلى ئاناتولىيەدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان تۈرلۈك ئىلمىي ئورگانلاردا ۋە ئالى مەكتەپلەرنىڭ تىل، تارىخ ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتلىرىدا نەۋائى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ۋە سىستېمىلىق تەتقىق قىلىنىشقا باشلاپ، بۇ مەملىكەتتە «نەۋائىشۇناسلىق» ئىلمىنىڭ بارلىققا كىلىشىگە ئاساس سېلىنغان. بۇ ساھەدە نەجىب ئاسىم، ھۈسەيىن كازىم قەدرى، راگىب ھۇلۇسى ئۆزدەم، بەسىم ئاتالاي، فۇئاد كۆپرۈلۈ، تاھىر شاكىر چاغاتاي، ئابدۇلقادىر ئىنان، رەشىد رەھمەتى ئارات، ئالى نىھات تارلان، ئا. زەكىي ۋەلىدى توغان، ھاسان ئەرەن، ئاگاھ سىررى لەۋەند، سائادەت چاغاتاي، ئاھمەت ئاتەش، ئاھمەت جافەرئوغلۇ، ئىبراھىم كافەسئوغلۇ ۋە كەمال ئەرسلان قاتارلىق ئالىملار چوڭقۇر تەتقىقاتى ۋە يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى بىلەن يول ئېچىش رولىنى ئوينىغان. بۇنىڭدىن باشقا تۈرك ئالىملىرى نىكىتسكىي، بېلىن، بارتولد، سامويلوۋىچ ۋە روماسكېۋىچ قاتارلىق ئالىملارنىڭ نەۋائى ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنىمۇ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، نەۋائىشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇھىم تەتقىقات مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلىگەن. بولۇپمۇ نەۋائى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 500 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 1941–يىلى ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمى تۈركىيىدىكى نەۋائىشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسىغا ئايلاندى. يەنە نەۋائى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 525 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 1966 – يىلى 2 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمىدا نەۋائىنىڭ ھاياتى، ئەسەرلىرى، سەنئىتى ۋە سالاھىيىتىنى تۈركىيە جەمئىيىتىدە ۋە باشقا ئەللەردە ياشايدىغان تۈركىيلەر ئارىسىدا كەڭ تۇنۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭ بىر تەتقىقات پىلانى قوبۇل قىلىنغان. تەتقىقات قارارى بويىچە تۈركىيە تىل جەمئىيىتى ئاگاھ سىررى لەۋەندكە نەۋائى ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تەييارلاش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. ۋەزىپە تىزلا تاماملىنىپ نەۋائىنىڭ كۇللىياتى نەشىر قىلىنغان. بۇ كۇللىياتقا كىرگۈزۈلگەن ھەر بىر ئەسەر تەتقىقات، مەتىن (ئەسلى تېكىست)، تەرجىمە ۋە ئىندىكىستىن ئىبارەت تۆت چوڭ مەزمۇن بويىچە تەييارلانغان. نەۋائى ۋاپاتىنىڭ 500 يىللىقى مۇناسۋىتى بىلەن 2001–يىلى 1–ئاينىڭ 16–كۈنى ئىستانبۇل بۈيۈك شەھەر بەلەدىيەسى (ۋالىلىقى) نىڭ باشقۇرۇشىدا يەنە بىر قېتىم نەۋائىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا ئالى مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقاتلىرىنىڭ سىرتىدا، تىل، تارىخ، ئەدەبىيات، ھوقۇق، پەلسەپە، دىن، ئەخلاق، تەزكىرە، سەنئەت ۋە فولكلور پەنلىرى بويىچە دوتسېنتلىق، دوكتۇرلۇق، ماگىستىرلىق ۋە باكلاۋىرلىق ئىلمىي ئۈنۋانلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يېزىلغان ئەسەرلەر ئىچىدە، تۈرلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوقۇلغان ماقالىلار توپلىمىدا، تەتقىقات مەركەزلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتىتلارنىڭ ئىلمىي ژۇرناللىرىدا ۋە ھەر خىل جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئەدەبىي ژورناللارنىڭ سەھىپىلىرىدە نەۋائى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تېما قىلغان نەچچە يۈزلىگەن ماقالىلارنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. نەۋائىنىڭ ھاياتى يازغۇچى، شائىرلار ۋە سەنئەتكارلارنىڭمۇ ئىجادىيەت تېمىسىگە ئايلانغان. بۈگۈنكى تۈركىيە جەمئىيىتىدە نەۋائىنىڭ نامىنى ۋە ئەدەبىي سالاھىيىتىنى بىلمەيدىغان بىرمۇ ئىنسان يوق دېيىشكە بولىدۇ. بۇ دۆلەتتە نەۋائى تىلغا ئېلىنسىلا چوڭ–كىچىك ھەرقانداق بىر تۈرك قايسى سالاھىيەتتە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھامان «نەۋائى ئۇيغۇر تۈركلىرىدىن كېلىپ چىققان»، «قاراخانىيلار دەۋرىدىن كېيىن تۈركلەردىن چىققان ئەڭ بۈيۈك شائىر ۋە مۇتەپەككۇر»، «چاغاتاي تىلى نەۋائى تىلىدۇر»، «چاغاتاي ئەدەبىياتى نەۋائى ئەدەبىياتىدۇر»، «كېيىنكى 500 يىلدىكى تۈرك شائىرلىرىنىڭ ئۇستازى» دېگەن ئۇقۇملارنىڭ خالىغان بىرى بىلەن تەرىپلەپ بىرىدۇ.

    قىسقىسى، 15-ئەسىردە ھېراتتا يېتىشكەن ئەلىشىر نەۋائى ئاشۇ دەۋردىلا سىبىرىيىدىن بالقانغا قەدەر بولغان رايونلاردىكى ئەڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان شائىرغا ئايلانغان. ئۇ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئارقىلىق تۈركىي تىلنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قۇرۇشقا تىرىشقان. ھازىر ئارىدىن 500 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بۇ چوڭ ۋە ئەھمىيەتلىك ساھەنىڭ ئەڭ بۈيۈك سىماسى سۈپىتىدە ئارىمىزدا ياشىماقتا. نەۋائىنىڭ ئۆزىمۇ ھەر ۋاقىت ھۆرمەت بىلەن ئەسلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن ۋە بۇ ھېسلىرىنى «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»نىڭ ئاخىرىدا «ئۈممىد ئول كىم بۇ فەقىرنى خەير دۇئاسى بىلە ياد قىلغايلار ۋە رۇھۇمن ئانىڭ بىل شاد قىلغايلار» دېگەن قۇرلار ئارقىلىق ئىپادە قىلغان.⑲

مەنبەلەر:
①جون پائۇل روكس : «تۈركلەرنىڭ تارىخى»(تىنچ ئوكياندىن ئاق دېڭىزغىچە 2000 يىل)، تۈركچە، 339 – بەت، 2007 – يىلى، ئىستانبۇل، كابالچە نەشرىياتى.
② ئاھمەت جافەرئوغلۇ : «تۈرك تىلى تارىخى»، تۈركچە، 2- توم، 215 – بەت، 1984 – يىلى، ئىستانبۇل، ئەندۇرۇن نەشرىياتى.
③ زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر: «بابۇرنامە»، ئۇيغۇرچە، 319–بەت، 1992 – يىلى، بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى.
④ۋ. ۋ. بارتولد، م. فۇئاد كۆپرۈلۈ: «ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى»، تۈركچە، 87–بەت، 2004–يىلى، ئەنقەرە، ئاقچاغ نەشرىياتى.
⑤جەمال كۇرناز : «تۈركىيە – ئوتتۇرا ئاسىيا ئەدەبىي ئالاقىلىرى»، تۈركچە، 188 – ،201 -، 203 – بەتلەر، 1999 – يىلى، ئەنقەرە، ئاقچاغ نەشرىياتى.
⑥رەشىد رەھمەتى ئارات : «قۇتادغۇ بىلىگ»، Ⅰ، مەتىن ، تۈركچە، 36 – ،37 – بەتلەر، 1979- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى.
⑦ئا.زەكىي ۋەلىدى توغان : «ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش»، تۈركچە، 386 – بەت، 1981 – يىلى، ئىستانبۇل، ئەندۇرۇن نەشرىياتى.
⑧م. فۇئاد كۆپرۈلۈ : «تۈرك ئەدەبىياتى تارىخى»، تۈركچە، 380 – بەت، 2004 – يىلى، ئەنقەرە، ئاقچاغ نەشرىياتى.
⑨م. فۇئاد كۆپرۈلۈ، يۇقىرىقى ئەسەر، 387 -، 391 – بەتلەر.
⑩مۇستافا ئىسەن : «قارشى تەرەپتىن بىر سادا»، «دىۋان ئەدەبىياتى ۋە بالقاندا تۈرك ئەدەبىياتىغا دائىر ماقالىلار»، تۈركچە، 304 – بەت، 1997 – يىلى، ئەنقەرە، ئاقچاغ نەشرىياتى.
⑪م. فۇئاد كۆپرۈلۈ، يۇقىرىقى ئەسەر، 391–بەت .
⑫مۇستافا ئارسلان : «16 – ئەسىردىكى ئاناتولىيە ساھەسىدە نەۋائىنىڭ مۇھىم بىر ئىزچىسى— مۇھيى ۋە ئۇنىڭ نەزىرەلىرى»، «مودېرن تۈركلۈك تەتقىقاتلىرى ژۇرنىلى»، تۈركچە، 2007 – يىلى، 4-سان، 66 – بەت.
⑬مەتىن ئاققۇش : «تارىخى ۋە ئەدەبىي بىر ئوبراز سۈپىتىدە نەۋائى ۋە نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىنسان مەسىلىسى»، «ئاتاتۈرك ئۈنىۋېرسىتېتى تۈركىيات تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتى ژۇرنىلى»، تۈركچە، 2002 – يىلى، 19 – سان، 129 -، 130–بەتلەر.
⑭م. فۇئاد كۆپرۈلۈ، يۇقىرىقى ئەسەر، 404 – بەت.
⑮ئاھمەت جافەرئوغلۇ ، يۇقىرىقى ئەسەر، 219 -، 220 – بەتلەر.
⑯ئاھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن : «تۈرك تىلى تارىخى»(باشلانغۇچتىن 20-ئەسىرگە قەدەر)، تۈركچە، 410 – بەت، 2007 – يىلى، ئەنقەرە، ئاقچاغ نەشرىياتى.
⑰«تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»(«ئابۇشقا» ماددىسى)، تۈركچە، 1 – توم، 91 – بەت، 1968 – يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
⑱رىدۋان جانىم : «تۈرك كۈلتۈر ۋە ئەدەبىياتىدا ئەلىشىر نەۋائى ھەم تۈركىيەدە ئەلىشىر نەۋائى تەتقىقاتلىرى»، «ئاتاتۈرك ئۈنىۋېرسىتېتى تۈركىيات تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتى ژۇرنىلى»، تۈركچە، 2002 – يىلى، 19– سان، 138 – بەت.
⑲ئاھمەت جافەرئوغلۇ ، يۇقىرىقى ئەسەر، 220 – بەت.
مەنبەسى :«بۇلاق» ژورنىلى 2010-يىل 4-سان.

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ