ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە – نىكاھ ئادەتلىرى – بىر گۇرۇپپىسى – ئىزدىنىش تورى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە – نىكاھ ئادەتلىرى

ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

ماقالىنىڭ ئەسلى تور بېكەتتىكى ئادرىسى

ئائىلە قۇرۇلمىسى

ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە ئەسىرلەر بويى ئەر ئاساس قىلىنغان فېئودال ئائىلە باشلىقلىق تۈزۈمى ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن. ئائىلە قۇرۇلمىسى ئاتا قان سېستىمىسى ئاساس قىلىنغان بىر ئەر – خوتۇنلۇق چوڭ ئائىلىدىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى:

بىرىنچى: ئائىلە ئەزالىرى ئەر جەمەتىنى ئاساس قىلغان ئۈچ ياكى تۆت ئەۋلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار چوڭ دادا ۋە ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولغان ئاكا – ئۇكا ھەم ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئىبارەت. ئادەتتە ئۈچ ئەۋلات بىرگە ياشايدىغان ئائىلىلەر بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، چوڭ دادا ھايات ۋاقتىدا ئاكا – ئۇكىلار ئاسانلىقچە بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتمەيدۇ. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئەر جەمەتىدىن بولغان چوڭ دادىنىڭ ئاغزىغا قارايدۇ. ئائىلىنىڭ چوڭ ھوقۇقى چوڭ دادىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇ ئائىلە ئەزالىرى تەرىپىدىن ئۆينىڭ تۈۋرۈكى، <ئۆينىڭ بەرىكىتى> دەپ ھۆرمەتلىنىدۇ، ئاسرىلىدۇ. ئۇنىڭ سۆز ھەرىكىتى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئائىلە قانۇنى ھېسابلىنىدۇ، پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى ئولتۇرسا – قوپسا ئۇنىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيدۇ، ئۆزلىرى ھەرقانچە غورىگىل قالسىمۇ، ھەممە نەرسىنىڭ باش بۇرنىنى ئۇنىڭغا ئاتايدۇ.

ئىككىنچى: تۇنجى ئوغۇلنىڭ ئورۇن مەرتىۋىسى يۇقىرى. ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە تۇنجى ئوغۇل <ئىككىنچى ئاتىلىق> ھۆرمىتىگە سازاۋەر. ئۇ سىرتقا قارىتا ئائىلە باشلىقىغا ۋاكالىتەن بارلىق <تاشقى ئىشلار> غا؛ ئائىلە ئىچىدە بولسا، ئائىلىنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل. ئەمما ئائىلىنىڭ بىر يىللىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، كىرىم – چىقىم ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مال – مۈلۈكىنى باشقۇرۇش، پەرزەنتلەرنىڭ نىكاھ ئىشلىرى قاتارلىق ئىشلاردا بىر قارارغا كىلىشتە ئالدى بىلەن ئائىلە باشلىقىنىڭ سەمىگە سېلىپ، ئۇنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

ئۈچىنچى: ئائىلە ئەنئەنىسىنى ئەلا بىلىش، ئاتا – ئانىسىغا ۋاپادار بولۇش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئاسراش، ئائىلە ئىتتىپاقى، ئىناقلىقىنى ساقلاش ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن. ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە بۇنىڭغا خىلاپ ئىشلار سادىر قىلىنسا، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئاتا – ئانىغا ۋاپاسىزلىق، ئائىلە ئەنئەنىسىگە ئاسىيلىق دەپ قارىلىپ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قاغىش – نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇر ئائىلىسىدىكى مۇنداق مۇھەببەت نەپرەت <يەر سۇ بىلەن كۆكۈرەر، ئەر ئەر ئاتا – ئانا دۇئاسى بىلەن (كۆكۈرەر)>، <ئاتا قارغىش ئوق> دېگەن تەمسىلدە ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تىپى ۋە قۇرۇلمىسىدا ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش كېلىپ چىقىش بىلەن فېئودال چوڭ جەمەتلىك ئائىلە ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى ئائىلىلەرمۇ شەكىللەنگەن. مەسىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا قەشقەردىكى تاش ئاخۇن بايلار ئائىلىسى؛ قەشقەر شىنجاڭ رايونىدا تۇرپاندىكى مۇسۇلبايلار ئائىلىسى؛ شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا ئىلىدىكى مۇسابايوۋلار ئائىلىسى قاتارلىق ئائىلىلەر ئەنە شۇنداق فىئودال چوڭ جەمەتلىك ئائىلىلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىندۇر. ئىككى ئەۋلات بىرگە ياشايدىغان ئائىلىلەر ئوتتۇرا تىپتىكى ئائىلىلەردىن بولۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ. فېئودال چوڭ جەمەتلىك ئائىلىلەر، ئوتتۇرا تىپتىكى ئائىلىلەرگە ئوخشاش تەرەققىي قىلالمىغان.

تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى مۇنداق تۆت سېستىمىغا بۆلۈنىدۇ:

1)   قانداش تۇغقان بىر ئاتا – ئانىدىن بولغان، ئاتا بىر، ئانا باشقا ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللار.

2)   يېقىن تۇغقان: ئانا جەمەت تۇغقانلار ۋە بىر ئاتىدىن بولغان ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىلنىڭ پەرزەنتىلىرى ھەم ئانابىر، ئاتا بۆلەك ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللار.

3)   يىراق تۇغقان: ئاتا جەمەت، ئانا جەمەت سېستىمىسىدىكى غەيرىي قانداش تۇغقانلارنىڭ ئەۋلادلىرى، مۇنداق تۇغقانلار ئادەتتە <شىرەم تۇغقان> دەپ ئاتىلىدۇ.

4)   قۇدا تۇغقان: پەرزەنتلىرىنىڭ قېيىن ئاتا، قېيىن ئانا ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى. ئادەتتە يۇقىرىقى تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى <تۇغقان> دەپ ئاتىلىدۇ.

تۇغقان ناملىرى

ئۇيغۇرلاردا بىر ئائىلە ئەزالىرى يەنى قانداش جەمەت بىرلىكى ئاساسىدىكى تۇغقانلار ئەجداد تەرتىپى، ئەۋلاد تەرتىپى، ياش تەرتىپى بويىچە خاس نام بىلەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

  1. ئەجداد تەرتىپى بويىچە: ئۇيغۇرلاردا ئەنئەنە بويىچە ئەجداد تەرتىپىنىڭ خاس نامى ۋە شەخس ئىسمى يەتتىنچى ئەجدادقىچە خاتىرىدە تۇتۇلىدۇ: ①دادا(ئاتا)، (ئانا) (ئاپا)؛ ②چوڭ دادا (ئاتا)، چوڭ نانا (ئاپا)؛③بوۋا (م) موما (م)؛ ④چوڭ بوۋام (م) چوڭ موما(م)؛ ⑤ئۇلۇغ بوۋا(م) ئۇلۇغ موما(م)؛ ⑥بەشىنچى ئەجدادتىن يەنى ئۇلۇغ بوۋىدىن يۇقىرىدىكىلەر ئۇلۇغ بوۋامنىڭبوۋىسى ياكى ئالتىنى، يەتتىنچى بوۋام دەپ يۈرگۈزۈلىدۇ. بۇرۇن ئالتىنچى، يەتتىنچى ئەجدادنىڭ خاس نامى بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگۈچە ئۇنتۇلغان بولسا كېرەك. شۇنىڭدەك ھازىر ئۈچىنچى ئەجدادلىرىدىن يۇقىرى ئەجدادىنىڭ خاس نامى شەخس ئىسىملىرىنى تولۇق ئېيتىپ بېرەلەيدىغانلار ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى.
  2. ئەۋلاد تەرتىپى بويىچە: ئۇيغۇرلاردا دادا جەمەت ئەۋلادى ئالتە بوغۇمدا يەنى ئالتە ئەۋلادىدا ئاخىرلىشىدۇ. ئۇلار: ①ئوغۇل، قىز، ②نەۋرە، ③ئەۋرە، ④چەۋرە، ⑤پەي نەۋرە، ⑥كوكۇن نەۋرە دېيىلىدۇ. نەۋرە ئوغۇل نەۋرە، قىز نەۋرە دەپ پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
  3. دادا، ئانا جەمەت بويىچە: دادا، ئانىسىنىڭ ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ تاغا ياكى ئاغا، ئاكا، ھامما دەپ پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئەمما ئادەتتە يېقىنلىق، مېھرى ھۈرمەت ئېتىبارى بىلەن ئۇلارنىڭ شەخس ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا دادا(م)، ئانا(م)، ئاپا(م) سۆزى قوشۇلىدۇ. بەزى رايونلاردا دادىنىڭ ئاكىسى چوڭ ئاتا، ئۇكىسى كىچىك ئاتا؛ ئانىنىڭ ئاچىسى چوڭ ئاپا، سىڭلىسى كىچىك ئاپا دەپمۇ يۈرگۈزۈلىدۇ.
  4. قۇدا تۇغقان ناملىرى: پەرزەنتلىرىنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى بىلەن شەكىللەنگەن غەيرىي قانداش سىستېمىسى ئاساسىدىكى تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەت <قۇدا تۇغقان> دېيىلىدۇ ۋە خاس نام بىلەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

①ئوغۇل ۋە قىز تەرەپ ئاتا – ئانىلىرى قۇدىلارنى پەرقلەندۈرۈش زۆرۈرىيىتى بولغاندا ئەر (ئەركەك) قۇدا، ئايال (چىشى) قۇدا دەپ يۈرگۈزۈلىدۇ. ②ئوغۇلنىڭ ئايالى <كېلىن ياكى كېلىن بالا> قىزنىڭ ئېرى <كۈيە ياكى كۈيئوغۇل> دەپ يۈرگۈزۈلىدۇ. ئەمما ئوغۇل تەرەپ ئادەتتە كېلىننى ئائىلىنىڭ رەسمىي ئەزاسى سۈپىتىدە <قىزىم ياكى بالام> دەپ ئاتايدۇ. قىز تەرەپ بولسا، كۈيئوغۇلنى <ئوغلۇم ياكى بالام> دەپ ئاتايدۇ. ③ئوغۇلنىڭ ئايالىنىڭ شۇنىڭدەك، كېلىننىڭ ئېرىنىڭ دادا (ئاتا)سى، ئانا (ئاپا)سى، <قېيىن ئاتا>، <قېيىن ئانا> دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە دادا (ئاتا) ئانا (ئاپا) دەپ يۈرگۈزۈلىدۇ. ④كۆپ پەرزەنتلىك ئائىلىلەردە چوڭ ئوغۇلنىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئۇكا، سىڭىللىرى تەرىپىدىن <يەڭگە> ياكى <ئېگىچە>، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا بولسا <ئايلا> دەپ ئاتىلىدۇ. كېلىنلەر ئارىدىن چوڭلىرىنى ئاكا ياكى ئاغا، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا <موللاكا>، <ئاچا> ياكى <ھەدە>، <ئايلا>؛ كىچىكلىرىنى <ئۇكام>ش <سىڭلىم> دەپ ئاتايدۇ. بىر ئائىلىدىكى ئاكا – ئۇكىنىڭ ئاياللىرى ئۆز ئارا <ئېپى يەڭگە> دەپ ئاتىشىدۇ. ⑤ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئاكا – ئۇكىسى <قېيىن ئاغا>، <قېيىن ئىنى>، ئاچا – سىڭىللىرى <قېيىن ئېگىچە>، <قېيىن سىڭىل> دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە بولسا، ئاكا ياكى ئاغا، ئاچا، ئىگىچە ياكى سىڭىل دەپ يۈرگۈزۈلىدۇ. ⑥بىر ئائىلىدىن ياتلىق بولغان ئاچا، سىڭىلنىڭ ئەرلىرى شۇنىڭدەك ئەر – ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللىرى ئارىسىدا قۇدىلاشقانلارمۇ <باجا> دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى <قايچا قۇدا> دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قۇدا تۇغقانلاردىن ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن ئۆزئارا قاتتىق ھۈرمەتلىشىدۇ. بۇ <قۇدا كەلدى، خۇدا كەلدى>، <كۈيئوغۇل كەلدى، خان كەلدى> دېگەن تەمسىلدە ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن. ⑦پەرزەنتلەرگە ئائىت خاس نام: يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان بىر جان ئىگىسى بىر تۇتاش <بالا>، جىنسىي پەرقىگە قاراپ <ئوغۇل>، <قىز> دەپ ئاتىلىدۇ. بالا تۇغۇلۇپ يېشىغا توشقۇچە <بوۋاق>، <قىز> دەپ ئاتىلىدۇ. بالا تۇغۇلۇپ يېشىغا توشقىچە <بوۋاق>، ئالتە – يەتتە ياشلىق بالىلار <نارەسىدە>، يەتتە – سەككىز ياشتىن 11 – 12 ياش ئارىلىقىدىكى بالىلار يەنى ئۇششاق يېشىدىكى بالىلار <ئۆسمۈر> دەپ ئاتىلىدۇ. بىر قېتىملىق تۇغۇتتا تۇغۇلغان ئىككى بالا <قوشكېزەك> دەپ ئاتىلىدۇ. ⑧نەۋرىلەر: بىر جەمەتتىن بولغان نەۋرىلەر ئادەتتە تۇغقان دەپ يۈرگۈزۈلسىمۇ، ياش تەرتىپى بويىچە يەنىلا <نەۋرەئاكا>، <نەۋرە ئىنى>، <نەۋرە ئاچا ياكى نەۋرە ھەدە>، <نەۋرە سىڭىل>دېگەن خاس نام ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا تۇغقان ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان دادا، بوۋا، ئانا (ئاپا)، ئاكا – ئۇكا (ئىنى)، ئاچا – سىڭىل، يەڭگە، ئايلا، بالا، قىز، ئوغۇل قاتارلىق ئاتالغۇلار ئادەتتە يېقىنلىق، مېھرى – ھۈرمەت ئىپادىسىدە يەنە كەڭ قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن، قولۇم – قوشنا، يارۇ – بۇرادەرلەر ئۆز ئارا ئۆزىدىن چوڭلارنى – ئەرلەرنى بوۋا، دادا، ئاكا؛ ئاياللارنى ئانا ( ئاپا) ئايلا، ئاچا، يەڭگە؛ كىچىكلەرنى ئۇكام، ئىنىم، بالام، ئوغلۇم، سىڭلىم، قىزىم دەپ ئاتايدۇ. ناتونۇش كىشىلەر مەلۇم زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ئۇدۇل كەلگەن بىرىدىن گەپ سوراش توغرا كەلگەندە قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي پەرقى بويىچە قىياسەن ياش – قۇرامىغا قاراپ يۇقىرىدىكى ناملاردا چاقىرىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا دىنىي زاتلارنىڭ ئاياللىرى <قۇشناچ>، يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئاياللىرى <ئاغچا> دەپ ئاتىلىدۇ.

مۈلۈك ۋارىسلىقى

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئوغۇل، قىز، ئايال ھەممىسى مۈلۈك ۋارىسلىق ھوقۇقىغا ئىگە. ئەمما، ئەمەلىي تەقسىماتتا ئوغۇلغا قارىغاندا قىزغا ئىككىدىن بىر ئۈلۈش؛ ئايالغا تۆتتىن ياكى سەككىزدىن بىر ئۈلۈش تەقسىم قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۆلگۈچىنىڭ ئوغلى يوق بولغان تەقدىردە مۈلۈك قىزلار ئوتتۇرىسىدا تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ. ھېچقانداق پەرزەنتى يوق، ئەمما قانداش تۇغقان ۋە ئايالى بولغان تەقدىردىمۇ شۇلار ئوتتۇرىسىدا بىر ئۈلۈشتىن تەقسىم قىلىنىدۇ. ئۆلگۈچىنىڭ باشقا ھېچقانداق يېقىنلىرى بولماي، پەقەت ئۆگەي ئاكىسى، ئاسراندى پەرزەنتى بولسا مۈلۈك ۋارىسلىق ھوقۇقى شۇنىڭغا مەنسۇپ بولىدۇ. مۇنداق پەرزەنتلەردىن بىردىن ئوشۇق بولغان تەقدىردە ئۇلارغا تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ. ئۆلگۈچى يەككە – يېگانە بولسا، ئۇنىڭ مۈلكى جامائەتنىڭ كېڭىشى بىلەن جامائەت خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا مال – مۈلۈكنىڭ مەلۇم قىسمىنى پەرزەنتلىرىنىڭ بىرەرىگە ياكى ئايالىغا (ئۆگەي ۋە ئاسراندى پەرزەنتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بەخشەندە قىلىپ بەرگەن ياكى شۇنداق قىلىشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسا، مۈلۈكنىڭ شۇ قىسمى تەقسىماتقا كىرگۈزۈلمەيدۇ.

ئۇيغۇرلارمۇ قىز بالا ياتلىق قىلىنغاندا بىر يۈرۈش تويلۇق ۋە باشقا سەرەمجانلار بىلەن ئۇزىتىدۇ. ئەمما ئۇ يەنىلا مۈلۈك ۋارىسلىق ھوقۇقىغا ئىگە. تۇرمۇشلۇق بولمىغان ئوغۇل قىزلارغا مۈلۈك تەقسىماتىدا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە توي ئىشلىرىنىڭ خىراجىتى نەزەردە تۇتۇلۇپ، تېگىشلىك ئەنئەنىۋى نىسبەتتىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇقراق مۈلۈك قالدۇرۇلىدۇ.

نىكاھ تۈزۈم – رەسمىيەتلىرى

نىكاھ تۈزۈمى.

ئازادلىقتىن بۇرۇن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قېئوداللىق ھۆددىگەرلىك ئاساسىدىكى بىر ئەرگە بىر ئاياللىق تۈزۈمى ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئالاھىدىكلىرى:ئەرلەرنىڭ ئەرلىك ھوقۇق – ئىمتىيازى مۇقەددەس ئىدى. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە گەرچە بىر ئەر بىر ئاياللىق تۈزۈم ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەرلەر ئەرلىك ھوقۇق – ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ ئىككى، ھەتتا ئۈچ، تۆت خوتۇن ئالىدىغان ئەھۋالمۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. مۇنداق ئەھۋال ئومۇميۈزلۈك بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇنداق ئەھۋاللار سەۋەب بولغان:

①ئوتتۇرىدا پەرزەنت بولماسلىقى ياكى ئايالىنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارى بولماسلىقى سەۋەبى بىلەن ئەر خوتۇن ئۈستىگە يەنە بىر خوتۇن ئالىدۇ. مۇنداق سەۋەب زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا، ئەر خوتۇن رازىلىشىش ئاساسىدا ئىش كۆرۈلىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئايال تەرەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ لايىق تاللايدۇ ۋە توي ئىشىغا ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مۇنداق بىر ئەرلىك ئىككى خوتۇن <چوڭ خوتۇن>، <كىچىك خوتۇن> دەپ ئاتىلىدۇ. كىچىك خوتۇن ئادەتتە <توقال> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

②تىجارەت بىلەن ياكى باشقا ئىشلار بىلەن سىرتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قېلىش ئەھۋالى بولغاندا، ئەر يەنە بىر خوتۇن ئېلىشقا بولىدۇ. بەزى ئەرلەر ئەرلىك ھوقۇق ئىمتىيازى، جەمئىيەتتىكى نوپۇز، بايلىق، ھوقۇق ئىمتىيازىغا تايىنىپ خاھىشىچە توقال ئالىدىغانلارمۇ بار. ئەمما بۇ خىلدىكى توقال ئالغۇچىلار بىر قەدەر ئاز بولغان، بولۇپمۇ ئۈچ، تۆت توقال ئېلىش ناھايىتى ئاز ساندىكى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئىچىدىلا مەۋجۇت بولغاچقا، ئۇنداق ئەھۋال تېخىمۇ ئاز بولغان.

پەرزەنتلەرنىڭ نىكاھ ئىشى ئاساسەن ئاتا – ئانىنىڭ ھۆددىگەرلىكىدە بولۇپ كەلگەن. ئوغۇل – قىز ئۆز ئارا تېپىشىپ رايىلاشقاندىن كېيىن ئاتا – ئانىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ تويلىشىدىغان ئەھۋالمۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ئەمما تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ئەمما ئاتا – ئانىنىڭ پىكرى يەنىلا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايتتى.

نىكاھلىنىش دائىرىسى

ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھلىنىشى ئادەتتە ئۆز مىللەت قوۋمىسى بىلەن چەكلىنىپ، ئاساسلىقى يات ئائىلىلەر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىۋاستە قانداش تۇغقانلار ياكى دادىغا يا ئانىغا ئۆگەي، جۈملىدىن ئاسراندى پەرزەنتلەر ئارا نىكاھلىنىشقا پەقەت بولمايدۇ. ئەمما تۇغقانچىلىق قوغلىشىپ يېقىن تۇغقانلار ئارا نەۋرىلەرنى ئۆز ئارا چېتىش ئادەتلىرىمۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ئەمما تەجرىبىلەرگە ئاساسەن، ئەۋلادنىڭ ھېينپناق تۇغۇلۇپ قېلىشى، ئەر – خوتۇن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولماي ئاجرىشىپ كېتىشى ئارقىسىدا ئاتا – ئانىلارنىڭ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىپ، ھەتتا ياتلىشىپ كېتىش ھادىسىلىرىنىڭ سادىر بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق پوزىتسىيە تۇتۇلىدۇ. مۇمكىن قەدەر نەۋرىلەرنى چېتىشتىن ساقلىنىدۇ. شۇڭا بۇ خىلدىكى نىكاھلىنىش ئاز ئۇچرايدۇ.

مۇندىن باشقا ئۇيغۇرلاردا يەنە دىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئارقىسىدا غەيرىي مىللەت قوۋمى بىلەن، جۈملىدىن مۇھەببەت تۈپەيلىدىن غەيرىي دىندىكى غەيرىي مىللەت قوۋمى بىلەن نىكاھلىنىش ئەھۋاللىرىمۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.

ئۇيغۇرلاردا كېلىننىڭ كۆيۈسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن تەقدىردە ئاكىسى ياكى ئۇكىسى ئۇنىڭغا ئۆيلىنىشكە بولمايدۇ. ئەمما بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئاكىسى ۋاپات بولۇپ كېتىپ يەڭگىسى تۇل قالغان (ئۇلار بۆلەك ئۆي تۇتۇپ ئولتۇرغان تەقدىردە) بولسا، ئاكىسىنىڭ مال – مۈلكى، پەرزەنتلىرىنى دەپ ئۇكىسى يەڭگىسىگە ئۆيلىنىدىغان ئەھۋالمۇ مەۋجۇت بولۇپ ئۆتكەن. ئەمما جامائەتچىلىك تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلىنىپ كەلگەچكە ئۇنداق ئەھۋال كەمدىن – كەم ئۇچرايتتى. ئاكىسى ئۇكىسىنىڭ ئايالىغا ئۆيلىنىشكە پەقەت بولمايدۇ. ئايال ئۆلۈپ كەتسە ئەر ئايالنىڭ سىڭلىسىغا (تەڭ دىمەت بولسا ئاچىسىغا) ئۆيلىنىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىمۇ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەت ئۈزۈلۈپ قالماسلىق، پەرزەنتلىرىنىڭڭ ياتسىراپ قالماسلىقى مەقسەت قىلىنىدۇ.

نىكاھلىنىش يېشى

ئۇيغۇرلار بالدۇر ئۆي – ئوچاقلىق بۇلۇپ ئادەتلەنگەن. شۇڭا ئوغۇللار ئادەتتە 16 ـ 18 يېشىدا ئۆيلىنىدۇ. قىزلار 15 – 17 ياشتا ياتلىق بولىدۇ. ھازىر بۇ ئادەت ئۆزگەردى، <نىكاھ قانۇنى> بويىچە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يېشى 18 گە توشمىسا توي خېتى بېرىلمەيدىغان بولدى.

تويلىشىش ئادەتلىرى

ئۇيغۇرلار توي ئىشىنى <ئۆمۈر سودىسى> دەپ ھېسابلايدۇ. شۇڭا توي ئىشى، توي مۇراسىمى، بولۇپمۇ، لايىق تاللاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە فېئوداللىق ھۆددىگەرلىك ئاساسىدىكى نىكاھ تۈزۈمى ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەچكە، تويلىشىشتىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ بەزى فېئوداللىق ئەخلاقىي قاراشلار شەكىللەنگەن. <قىرغاق كۆرۈپ بوز ئال، ئانا كۆرۈپ قىز ئال> دېگەن ماقالىدە ئەنە شۇنداق فېئوداللىق ئەخلاقى قاراش ئىپادىلەنگەن. ئۇيغۇرلاردا تويلىشىش جەريانى تۆۋەندىكىچە باسقۇچلاردىن ئۆتىدۇ:

بىرىنچى، لايىق تاللاش: لايىق تاللاشتا ئادەتتە مۇنداق تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللار قوللىنىدۇ:

  1. ئاتا – ئانا بىلەن ئەل – مەھەللە، قولۇم – قوشنا، يارۇ – بۇرادەرلەر، ئۇرۇق – تۇغقانلار ئىچىدىن، ئاندىن قالسا يات يېزا – قىشلاقلاردىن ئۆز پەرزەنتى (ئوغلى) ئۈچۈن لايىق كۆزىتىدۇ. ئاتا – ئانىنىڭ پىكرى بىر يەرگە كەلگەندىن كېيىن باشقىلار ئارقىلىق ئوغلىغا بېشارەت بېرىلىدۇ ياكى ئوغلىنىڭ رايى ئاڭلىنىدۇ. ئوغۇلدا باشقا ئىنكاس بولمىسا ئاتا – ئانا كۆزىتىپ تاللىغان لايىق نىشانلىنىدۇ. ئەگەر ئوغلىنىڭ ياقتۇرۇپ سۆزلىشىپ يۈرگەن لايىقى بولغان تەقدىردە بۇ لايىق ئاتا – ئانىغىمۇ مۇناسىپ كۆرۈلسە، ئاخىرقى ھېسابتا شۇ لايىق نىشانلىنىدۇ. ئادەتتە ئاتا – ئانىنىڭ پىكرى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئوغۇل بىلەن قىز بىر – بىرىنى ياقتۇرۇپ قالغان بولسا ئۆز ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ سىمۋولى قىلىپ ئۆزئارا خاتىرە قالدۇرۇشىدۇ. ئوغۇللار ئادەتتە كۈمۈش ئۈزۈك (ھاللىق ئائىلىدىكىلەر ئالتۇن ئۈزۈك)، بويۇنتۇمار، قىزلار ئۆزى گۈل چېكىپ ئىشلىگەن قول ياغلىق تەقدىم قىلىدۇ.
  2. بەزى ئائىلىلەر مەلۇم بىرىنىڭ ئوغلىنى (قىزىنى) كىچىكىدىن ياخشى كۆرۈپ كەلگەن بولسا، ھەرخىل سورۇن پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ <بالا قىلىۋالىمەن>، <ئوبدان بالا بولدى> دېگەندەك سۆز – ئىبارىلەر بىلەن ئوغۇلغا (قىزغا) جۈملىدىن ئوغۇل (قىز) نىڭ ئاتا – ئانىسىغا بېشارەت بېرىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئوغۇل (قىز) دا، ئوغۇل (قىز) نىڭ ئاتا – ئانىسىدا بۇ بېشارەتكە مۇناسىپ بىرەر ئىپادە كۆرۈلسە، ئوغۇل (قىز)دا، ئوغۇل (قىز) نىڭ ئاتا – ئانىسىغا بۇ بېشارەتكە مۇناسىپ بىرەر ئىپادە كۆرۈلسە، ئوغۇل (قىز) تەرەپ تۇغقان، يارۇ – بۇرادەرلىرى ئارقىلىق ئۆز ئىستەكلىرىنى بىلدۈرىشىدۇ. ئىككى تەرەپ رەسمىي مۇناسىپ كۆرۈشسە، ئاندىن قۇدىلىشىش تەدبىرلىرىنى كۆرىدۇ.
  3. بەزى ئائىلىلەر، بولۇپمۇ كۆپ قىزلىق ئائىلىلەر ئۆزلىرى بىۋاستە ياۋاش، تىرىشچان ئاتىسىز ياكى ئانىسىز ياكى قارا يىتىم بالىلارنى تاللاپ قىزلىرىدىن بىرىنى ئۇنىڭغا چېتىپ قويىدۇ. ئۇ شۇ ئۆينىڭ ئوغلى ھېسابىدا بولىدۇ. بۇ ئادەتتە <ئوغۇلچىلاپ ئەكىرىش (كىرىش)> دەپ ئاتىلىدۇ.
  4. مەخسۇس ئادەم ئارقىلىق تاللاش: ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە ياش ئوغۇل – قىزلارغا، جۈملىدىن ئوتتۇرا ياشلىق يويتاق ياكى سويتاق (تۇل ئايال) لارغا لايىق تونۇشتۇرۇشنى كەسىپ قىلغان ئاياللار بولۇپ كەلگەن. بۇنداق ئايال <دەللال> دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى ئائىلىلەر ئۆز ئوغلى، )قىز(لىرى ئۈچۈن جۈملىدىن ئوتتۇرا ياشلىق بويتاق – سويتاقلار ئۆزلىرى ئۈچۈن شۇنداق ئاياللار ئارقىلىق لايىق تاللايدۇ، بۇنداق ئاياللار ھازىرقى <لايىق تونۇشتۇرۇش ئورنى>نىڭ رولىنى ئويناپ كەلگەن.

لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا لايىق تاللاشتا مۇنداق ئالاھىدە ئۇسۇلمۇ قوللىنىپ كېلىنگەن:

  1. ئوغۇل بىلەن قىزنى ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىن باشلاپ كۆزىتىش: بالىلار بىللە ئويناپ، كېلىپ – كېتىپ يۈرگەن چاغلىرىدىن باشلاپ، ئاتا – ئانىلار ئۇلارنى سۆز ھەرىكىتىنىڭ چاققانلىقى، تۈرگۈن، جۇشقۇنلۇقى قاتارلىق جەھەتلەردىن كۆزىتىپ، شۇلاردىن بىرەرىنى نىشانلايدۇ. ئوغۇل تەرەپنىڭ ئانىسى شۇ نىشانلىغان قىزنىڭ كېلىپ – كېتىپ ئويناپ يۈرگەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، قىزغا تۇيدۇرماي ئۇنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكىنىڭ بىر يېرىنى قىيىپ قويىدۇ. قىز تەرەپنىڭ ئانىسى ئوغۇلنىڭ بېشىغا ياكى مۈرىسىگە بىر كالتە ئاق يىپنى يىپىشتۈرۈپ قويىدۇ. بالىلار ئۆيلىرىگە قايتقاندا بۇنى كۆرگەن ئاتا – ئانا ھە قىزىمىزغا(ئوغلىمىزغا) لايىق چىقىپتۇ دەپ (ئۇچۇر)ئەلچى كۈتىدۇ. ئوغۇل تەرەپ ئەلچى ئەۋەتىش تەرەددۇتىدا بولىدۇ. ئەلچى بېرىشتا توققۇز دانە بېلىق بېشىنى پىشۇرۇپ داستىخان قىلىپ بارىدۇ. ئوغۇل تەرەپ مۇناسىپ كۆرمىسە، قىز تەرەپ ئايرىم توققۇز دانە بېلىق بېشىنى پىشۇرۇپ داستىخاننى ياندۇرىدۇ.
  2. بۇرۇنقى چاغلاردا ئۇيغۇرلاردا قىيامەتلىك ئىككى دوست ئاياللىرى ھامىلدار چاغدىلا كەلگۈسىدە پەرزەنتلىرىنى چېتىپ قويۇشنى ۋەدىلىشىدىغان ئادەتمۇ بولغان. ئەگەر ئاياللىرى ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك بىرى ئوغۇل، بىرى قىز تۇغقان بولسا، ئۇلار ساغلام چوڭ بولۇپ بالاغەتكە يەتكەن ھامان ئۇلارنى چېتىپ قوياتتى.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، لايىق تاللاشتا مەيلى قانداق ئۇسۇل قوللىنىلمىسۇن، ئاتا – ئانىنىڭ ئىرادىسى ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ كەلگەن. بۇ فېئوداللىق ئەخلاقى قاراش بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بۇرۇن يەنە مۇنداق ئادەت – خاھىشلارمۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن:

①بالاغەتكە يېتىپ قالغان قىزلار ئۆزى يالغۇز يىراق – يېقىنلارغا بېرىشتىن، بولۇپمۇ يىگىتلەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن، يىگىتلەرگە تىكىلىپ قاراشتىن ساقلىناتتى. بۇ قىزلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق دەپ قارىلاتتى.

②لايىقنى ئاتا – ئانا تاللاپ بېكىتكەچكە، تويلىشىدىغان ئوغۇل – قىز ئوتتۇرىسىدا ئۇچرىشىش بولمايتتى. بولۇپمۇ باشقا مەھەللە، يېزىلاردىن تويلاشقۇچىلار تا توي بولۇپ قىز كۆچۈرۈپ كېلىنىپ كەچكى يۈز ئاچقۇسى بولغاندا ئاندىن يۈز كۆرۈشەتتى.

③ياش ئوغۇل – قىزلاردا ئۆزئار مۇھەببەتلىشىش خاھىشلىرى بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى خۇپىيانە بولاتتى. ئەگەر سېزىلىپ قالسا، ئۇلار بولۇپمۇ قىزلار داپشاق، ئەخلاقسىز دەپ قارىلاتتى.

④ئۆز ئارا مۇھەببەت باغلىشىپ تويلىشىشقا ۋەدىلەشكەن ياش ئوغۇل – قىزلار ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىرادىسى بويىچە باشقىلارغا ياتلىق بولۇش (ئۆيلىنىش) كە مەجبۇر بولغان تەقدىردە، كېيىن ھەر باھانە – سەۋەبلەر بىلەن ئاجرىشىپ كېتىپ، ئاخىر ئىككىسى تويلىشىپ بىرگە ئۆتىدىغان ياكى ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنماي بىر – ئىككى كۈن بىللە قېچىپ كېتىپ ئاتا – ئانىسىنى ئۆزلىرىنىڭ تويلىشىشىغا مەجبۇر قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.

تۆۋەندىكى خەلق قوشاقلىرىدىن ياشلارنىڭ ئەركىن مۇھەببەت ۋە نىكاھ ئەركىنلىكىگە بولغان تەشنالىقىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈكلۈكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس:

ئېتىم ئويناپ سۇندۇردى، قۇشباش ئېگەرىمنى،

ئاتام ماڭا ئېپ بەرمەيدۇ، سۆيگەن يارىمنى.

× × × × 

ئاققىنا كۆڭلەك كىيىپسىز، ئاق تىكەنلەر ئىلمىسۇن،

ئاق تىكەنلەر ئىلسا ئىلسۇن، ۋەدە يالغان بولمىسۇن.

× × × × 

سەن قاياقتىن كېلىسەن، چىرايلىقىم كۆزى خۇمار،

ساڭا تىلىم تەگمىسۇن، بوينۇڭغا ئاسقىن تىلتۇمار.

ئىككىنچى، ئادەم (ئەلچى) قويۇش: لايىق مۇقىملانغاندىن كېيىن ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە ئەلچى قويىدۇ. ئەلچى ئادەتتە ئىككى – ئۈچ كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. قىز تەرەپ بارغان ئەلچىلەرنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، داستىخان سېلىپ چىرايلىق كۈتىدۇ. داستىخان ئۈستىدە ئەلچىلەر <ئەلچىگە ئۆلۈم يوق> دەپ سۆز باشلاپ ئۆزلىرىنىڭ كەلگەن مۇددىئاسىنى ئىزھار قىلىدۇ. ئوغۇل تەرەپ مۇناسىپ كۆرسە <ھەر قايسىلىرىدىن قىزىمىزنى ئايىمايمىز>؛ مۇناسىپ كۆرمىسە<قىزىمىزنى تېخى كىچىك> ياكى <قىزىمىزنىڭ بېشى باغلاقلىق> ياكى <باشقىلارنىڭ داستىخىنىنى ئېلىپ قويغان> دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

ئۈچىنچى، داستىخان تاشلاش: بۇ <كىچىك چاي> ياكى <رەھمەت چېيى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئوغۇل تەرەپ ئۆز ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ يۇرت ئىچىدە ئېقىۋاتقان رەسمىيەتلەر بويىچە ئىككى – ئۈچ كىيىملىك رەخت، مەلۇم ساندا نان، قەنت – گېزەك، بىر تاختا چاي قاتارلىق نەرسىلەرنى ھازىرلاپ ئوغۇلنىڭ ئانىسى ئۇرۇق – تۇغقان، قولۇم – قوشنىلىرىدىن تۆت – بەش ئايالنىڭ ھەمراھلىقىدا قىز تەرەپكە بارىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئانىسى رەسمىي يۈز كۆرۈشىدۇ. قىز تەرەپ كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن ئوغۇل تەرەپ رەھمەت ئېيتىش يۈزسىدىن ئەكەلگەن سوۋغاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تويلۇق توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىشنى سوراپ خوشلىشىپ قايتىدۇ.

تۆتىنچى، تويلۇق مەسلىھەت: <تويلۇق> توي سۆزىدىن كەلگەن. ئۇيغۇرلاردا تويلۇق، خاس تويلۇق قويۇمچا، ئاش سۈيىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خاس تويلۇق مەخسۇس قىزغا ئاتالغان بىر يۈرۈش ئۈستىباش، ئىككى – ئۈچ كىيىملىك ئەن رەخت ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنى؛ قويۇمچا قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى، بىۋاستە تۇغقان ۋە يېقىن تۇغقانلىرىغا قويۇلىدىغان مېھمان (ئاساسەن كىيىملىك رەخت)؛ ئاش سۈيى مەرىكە كۈنى مېھمان ئۇزىتىشقا كېرەكلىك گۆش – ياغ، ئۇن ياكى گۈرۈچ، سەۋزە، چاي – تۇز، قەنت – گېزەك، ئوتۇن قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپكە يۇقىرىقى ئۈچ تۈر بويىچە تىزىملىك بېرىدۇ، ئىككى تەرەپ ۋەكىلى قىز تەرەپ ئۆيىگە جەم بولۇپ، تىزىملىكتىكى تەلەپ بىلەن ئوغۇل تەرەپنىڭ ھازىرلىقى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىدۇ. قىز تەرەپ ئالدى بىلەن ۋەكىللەرنى چىرايلىق كۈتىدۇ. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن رەسمىي مەسلىھەت باشلىنىدۇ. مەسلىھەت ئارقىلىق جەمئىيەتتە ئېقىۋاتقان ئۆلچەم ئاساسىدا ئىككى تەرەپ رازى بولغۇدەك بىر قارارغا كېلىشىپ تارقىشىدۇ. مەسلىھەت جەريانىدا قىز تەرەپ دادىسى سۆز ئاچماي ئولتۇرۇپ ئەڭ ئاخىرىدا پوزىتسىيە بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك مۇشۇ قېتىم ئىككى تەرەپنىڭ قويۇمچا ۋە ياندۇرۇق قويۇمچا قويۇلىدىغانلارنىڭ دائىرىسى، ئادەم سانى ئۈستىدىمۇ مەسلىھەت بولىدۇ. مەسلىھەت ئارقىلىق بەزى ئائىلىلەر ئىككى تەرەپ ئاتا – ئانىسىدىن باشقىلارغا قويۇمچا قويماسلىقنى ياكى بىۋاسىتە تۇغقانلىرىدىن بىر نەچچىسىگىلا قويۇشنى قارار قىلىشىدۇ. بەزىلەر تويلۇق ئۈستىدە بىھۇدە تالاش – تارتىش بولۇشى بىلەن بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ سادىر بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپ ئاتا – ئانىسى شەخسەن ئۆزلىرى يۈز تۇرانە كېلىشىپ ھەل قىلىدۇ. چۈنكى تويلۇق ئۈستىدىكى شۇنداق كۆڭۈلسىزلىكلەر ئارقىسىدا بولۇش ئالدىدا توي بۇزۇلۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ سادىر بولاتتى.

كونا ئادەت بويىچە قىز ئۈچۈن ئەڭ كۆپ دېگەندە، توققۇز قۇر، ئاز دېگەندە بەش قۇردىن يەتتە قۇرغىچە، ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچ كىيىملىك، بىردىن دوپپا، ياغلىق، بىر جۈپ ئۆتۈك، زىننەت بۇيۇملىرىدىن بىر جۈپ ئالتۇن ياكى كۈمۈش ھالقا سېلىناتتى. ئەمما يۇقىرى تەبىقە باي ئائىلىلەر ئوتتۇرىسىدا يازلىق – قىشلىق بولۇپ ئون نەچچە قۇر كىيىملىك، جۈپلەپ ياغلىق، دوپپا، قاما تۇماق، ئۆتۈك قاتارلىق ئۈستىباش، بىر جۈپ ئالتۇن ھالقا، ئالتۇن ئۈزۈك، ئالتۇن بىلەيزۈك ۋە ئالتۇن تاج، ئالتۇن قاداقلىق دوپپا قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرى سېلىناتتى. مەرىكە ئۈچۈن ئون – يىگىرمە قوي، ئىككى – ئۈچ كالا، نەچچە يۈز جىڭلاپ ئۇن، گۈرۈچ ئىشلىتەتتى.

تويلۇقنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنىڭ <9> بولۇشىغا كەلسەك، <9>نىڭ قەدىمكى ئەنئەنىمىزدە <مۇقەددەس سان> دەپ قارىلىپ كەلگەنلىكى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.

بەشىنچى، تويلۇق تاپشۇرۇش: تويلۇق تاپشۇرۇش ئۇسۇلى ئاساسەن ئىككى خىل:

①تويلۇق مەسلىھەتى پىشقاندىن كېيىن تويلۇقنى بازار باھاسى بويىچە پۇلغا سۇندۇرۇپ پۇل تاپشۇرۇپ تويلۇقنى قىز تەرەپ ئۆز خاھىشىچە ئېلىش.

②ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە تويلۇق ھازىرلاپ چوڭ چاي كۈنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قىزنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ ئالدىغا قويۇش. ئادەتتە ئىككىنچى خىل ئۇسۇل بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك قوللىنىپ كېلىنگەن.

ئالتىنچى، چوڭ چاي: بۇ باسقۇچتا، قىزغا ھازىرلانغان تويلۇق تاپشۇرۇلىدۇ ۋە قىز تەرەپ ئاتا – ئانىسى قاتارلىقلارغا قويۇلىدىغان قويۇمچىلار قويۇلىدۇ. مەرىكە كۈنى رەسمىي بېكىتىلىدۇ. شۇڭا بۇ <چوڭ چاي> دەپ ئاتالغان. بۇ كۈنى رەسمىي بېكىتىلىدۇ. شۇڭا بۇ <چوڭ چاي> دەپ ئاتالغان. بۇ كۈنى قىز تەرەپنىڭ ئۇرۇق – تۇغقان، قولۇم – قوشنا، يارۇ – بۇرادەرلىرىمۇ ھازىر بولىدۇ. ئوغۇل تەرەپنىڭ ئاتا – ئانىسى، ئۇرۇق – تۇغقان، قولۇم – قوشنا، يارۇ – بۇرادەرلىرى بولۇپ 10 – 15 كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھازىرلىغان تويلۇق، قويۇمچا قاتارلىقلارغا بەلگىلىك مىقداردا ھازىرلىغان تويلۇق، قويۇمچا قاتارلىقلارغا بەلگىلىك مىقداردا گۆش، ماي، گۈرۈچ، سەۋزە، تۇز، قەنت – گېزەك، بىرەر تاختا چاي قوشۇپ قىز تەرەپكە داستىخان قىلىپ كېلىدۇ. قىز تەرەپ مېھمانلارنى چىرايلىق مېھمان قىلىدۇ. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن، ئوغۇل تەرەپ ۋەكىلى (ئايال) ئەكەلگەن داستىخاننى مېھمانلار ئالدىدا ئېچى، ئۆز تەرتىپى بويىچە بىر – بىرلەپ ئېلان قىلىدۇ. بۇ رەسمىيەت تۈگىگەندىن كېيىن ئىككى تەرەپ ۋەكىلى (ئەرلەر) توينىڭ ئاش سۈيى ۋە كەم نەرسىلەر ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىپ بىر قارارغا كېلىپ، ئاش ـ سۇ ئەكىلىدىغان ۋاقىت بىلەن مەرىكە كۈنىنى بەلگىلەپ خوشلىشىپ قايتىدۇ.

لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا بېلىق، بېلىق تۇتۇش قوراللىرى، چېگە – تۇرقا، تۈلكە قاتارلىق نەرسىلەرنى تويلۇق سېلىش ئادىتى بولغان، بۇ ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان دەريا، كۆل ۋە ئاراللاردا سىرت بىلەن ئالاقىسىز دېگۈدەك ھالەتتە ياشاپ كەلگەنلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك . روشەنكى، بۇ ئادەتلەر ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرىدىكى ئىپتىدائىي ئادەتلىرىنىڭ ئىزنالىرىدىن ئىبارەت. بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ، جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ سىنپىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغان باسقۇچلىرىدىكى تويلىشىش ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلاردا تويلۇق مىقدارى چوڭ باي، توي مەرىكىسىنىڭ كۆلىمى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە جەمئىيەتتە ئېقىۋاتقان ئۆلچەم ئاساسىدا بولىدۇ. قىز تەرەپ ئارتۇقچە تەلەپ قويسا، جامائەتچىلىكنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇرلار ئىلاجى بار تەڭ ئورۇندىكىلەر بىلەن تويلىشىدۇ.

پەرزەنتلىك بولۇش

1) ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت قارشى: ئۇيغۇرلار بالدۇر ۋە كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشنى ئادەت قىلغان، بۇ ئادەت ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياشىنىپ ماغدۇرىدىن ئايرىلغاندا يۆلەكسىز قېلىش قاتارلىق تۇرمۇش ئەمەلىيەتلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. شۇڭا ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ پەرزەنتلىرىنىڭ بالدۇر تۇرمۇشلۇق ۋە كۆپ پەرزەنتلىك قىلىشنى ئادەت قىلغان. خەلق ئىچىدە تارقىلىپ كېلىۋاتقان <بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار> دېگەن تەمسىل ئەنە شۇ قاراش ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتكە بولغان ئارزۇ – ئۈمىدى ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن.

ئۇيغۇرلارمۇ ئوغول بالىغا ھېرىسراق كېلىدۇ ئەمما قىز بالىنىمۇ كەمسىتمەيدۇ ۋە قىز بالىنى ئاتا – ئانىغا كۆيۈمچان كېلىدۇ، پەرزەنت بولسىلا ئەۋلاد قۇرۇمايدۇ، بەرىكەت كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ شۇڭا تۇرمۇش ئىقتىدارى بولغانلارنىڭ ھەممىسى كۆپ پەرزەنتلىك كېلىدۇ.

2) تۇغۇت قارىشىغا ئائىت ئادەتلەر:

①ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پەرزەنتسىزلىك كىشىلىك ھاياتىدىكى ئەڭ ئازابلىق ئىشلاردىن دەپ قارىلىدۇئ شۇنىڭ ئۈچۈن تويلىشىپ ئۇزۇنغىچە پەرزەنت كۆرمىگەنلەر ھەر تەرەپكە چېپىپ سەۋەب قىلىشقا تىرىشىدۇئ تېۋىپلەرگە داۋالىنىدۇ. باشقىلاردىن ئاڭلىغانلا ئاماللارنى قىلىپ كۆرىدۇ. مازار – ماشايىقلارغا بېرىپ نەرىز – نۇزرەت قىلىدۇ، ھەتتا ئۇلۇغ – خاسىيەتلىك دەپ قارالغان جايلارنىڭ توپىسىنى، كامارلىرىنى كولاپ قولىغا چىققان نەرسىلەرنى ئېرىم قىلىپ يەيدۇ. بەزىلەر كۆپ تۇغۇتلۇق بولغان ئاياللارنىڭ ئىسسىق ئېشىگە (ھەمراھى) ئولتۇرىدۇ.

②ئايال كىشى ھامىلدار بولغان ھامان شۇ ئائىلىدىكى چوڭ – كىچىك ھەممىسى چەكسىز سۆيۈنۈپ ئۇنى ھەر جەھەتتىن ئاسرايدۇ. ئېغىر ئىشلارنى قىلىشتىن چەكلەيدۇ. كېچىلىرى يالغۇز ئۆيدە ياتقۇزمايدۇ. بۇنىڭغا ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى قاتتىق قورقۇپ كېتىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىپ بويىدىن ئاجراپ كېتىشتىن ساقلىنىش مەقسەت قىلىنغان.

③ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولغانلىقى ئادەت كېلىش مۇددىتى ئۆتۈپ كېتىش بىلەن تەڭ غىزا – تاماق خالىماي قۇرۇق ھۆ تۇتۇشتەك ھالەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. مۇنداق ھالەت ئاياللار ھامىلدار بولۇپ تەخمىنەن 40 كۈندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ ھەرخىل نەرسىلەرنى يېگۈسى كېلىدۇ. بەزىلەرنىڭ تاتلىق – چۈچۈك يېگۈسى كەلسە، بەزىلەرنىڭ تاتلىق، سوغۇق نەرسىلەرنى، بەزىلەرنىڭ ھەرخىل نەرسىلەرنى يېگۈسى كېلىدۇ. بەزىلەرنىڭ تاتلىق – چۈچۈك يېگۈسى كەلسە، بەزىلەرنىڭ تاتلىق، سوغۇق نەرسىلەرنى، بەزىلەرنىڭ ھەرخىل نەرسىلەرنى يېگۈسى كېلىدۇ. بۇ <سېزىك، سېزىك بولۇش> دەپ ئاتىلىدۇ. <ھامىلدار>، <يۈك، يۈكلۈك> دېگەن مەنىدىكى ئەرەپچە <ھامىل> سۆرىگە پارىسچە سۆز ياسىغۇچى <دار> قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ياسالغان بولۇپ، <يۈكى بار، يۈك كۆتۈرگەن> دېگەن بولىدۇ، بۇ سۆز ئاساسەن ئەدەبىي تىلدا قوللىنىلىدۇ. جانلىق تىلدا <ئېغىر بوي (بولۇش)، ئېغىر ئاياق (بولۇش)، ئىككى قات (بولۇش)، قورساقتا قېلىش، قورساق كۆتۈرۈش قاتارلىق بىرنەچچە خىل ئاتىلىدۇ.

④ھامىلدار بولغۇچىنىڭ سېزىك بولغان نەرسىگە قاراپ تۇغۇلغۇسى بالىسىنىڭ جىنسىي پەرقىگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئەگە تاتلىق – چۈچۈك نەرسىگە سېزىك بولساقىز، ئاچچىق – چۈچۈك نەرسىگە سېزىك بولسا ئوغۇل تۇغىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بەزىدە شۇنداق پەرەزلەر توغرىمۇ چىقىپ قالىدۇ.

⑤ئادەتتە ئاياللارغا، بولۇپمۇ يېڭى ھامىلدار بولغان ئاياللارغا تۆگە گۆشى، توشقان گۆشى يېيىش چەكلىنىدۇ. چۈنكى ھايۋانات ئىچىدە تۆگە 10 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە تۇغقاچقا، تۆگە گۆشى يېسە تۇغۇت ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. توشقان گۆشى يېسە بالىنىڭ ئۈستى كالپۇكى توشقان كالپۇكىدەك يېرىق تۇغۇلۇپ قالىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

⑥بالا دادىسىغا ئوخشاپ تۇغۇلسا، ئانىسى ھامىلدار ۋاقتىدا دادىسىغا تولا قارىغانلىقتىن: ئانىسىغا ئوخشاش تۇغۇلسا، ئانىسى ھامىلدار ۋاقتىدا ئەينەككە تولا قارىغانلىقتىن دەپ قارىلىدۇ.

⑦ئۇيغۇرلار بالا توققۇز ئاي توققۇز كۈن، توققۇز سائەت، توققۇز دەقىقىدە تۇغۇلىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ.

3) تۇغۇت ئۇسۇلى: ئۇيغۇرلاردا ئاياللار ئولتۇرغۇزۇپ توغدۇرۇلىدۇ. ھامىلدار ئايالنىڭ ۋقتى – سائىتى يېقىنلىشىپ تولغاق ئالامىتى كۆرۈلگەندە، كىندىك ئانىسى (تۇغۇت ئانىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تەكلىپ قىلىنىدۇ. يېڭى زاكىلىق لاتا، يېڭى ئۇستۇرا، پاكىز سېغىز خامپا پارچىسى ھازىرلىنىدۇ.ھامىلدار ئايالنى رەسمىي تولغاق تۇتقاندا، كىندىك ئانىسى ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ ئۆزى ئۇنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ مەيدىسىدىن قۇچاقلاپ ئولتۇرغۇزۇپ مەدەت بېرىپ تەڭ ئىنجىقلىشىپ بېرىدۇ. بالىنىڭ باش سۈيى چۈشۈش بىلەن تەڭ ئۇنى ياتقۇزۇپ ئۆزى ئالدىغا ئۆتۈپ بالىنى قولىغا چۈشۈرىدۇ. بالىنىڭ ھەمراھى چۈشكەندىن كېيىن بالىنىڭ كىندىكىنى كېسىپ، زاكىلاپ بۇلماق بىلەن ئېغىزلاندۇرىدۇ. مۇشۇ مەشغۇلاتنى ئورۇندىغۇچى ئايال <كىندىك ئانىسى> دەپ ئاتالغان. ئادەتتە كىندىك ئانىسى ئۈچۈن ئۆزى ياۋاش، سۆز – ئاغزى يۇمشاق، قولى يېنىك، كۆپ تۇغۇتلۇق بولغان. تەجرىبىلىك پېشقەدەم ئايال تاللىنىدۇ. ئۇيغۇرلاردا كىندىك ئانىسى چوڭ ھۈرمەتكە ئىگە. بالا ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە كىندىك ئانىسىنى <ئانا> دەپ ئاتايدۇ. ۋە ئاتا – ئانىسى ھازىرلاپ بەرگەن سوۋغاتلار بىلەن كىندىك ئانىسىنى يوقلاپ تۇرىدۇ. تۇغۇت ۋاقتىدا ئۆيگە كىندىك ئانىسى بىلەن تۇغقۇچىنىڭ ئانىسىدىن باشقا ھېچكىم كىرگۈزۈلمەيدۇ. ئايرىم ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا تۇغقۇچىنىڭ يولدىشى ئىشىك قېشىدا ساقلاپ تۇرىدۇ. بالا سالامەت تۇغۇلۇپ يىغا ئاۋازىن ئاڭلىنىش بىلەن <مۇبارەك بولسۇن> دەپ قۇتلۇقلايدۇ. بالىلار ئۇرۇق – تۇغقان، قۇلۇم – قوشنا ۋە چوڭلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ سۆيۈنچە ئالىدۇ.

تۇغۇتلۇق ئايال ياتقان ئۆينىڭ ئىشىك بېشىغا يەتتە ياكى ئون ئىككى ئىدىرى توشقۇچە قىزىل لاتا ئېسىپ قويۇلۇپ، يات كىشىلەرنىڭ كىرىشى چەكلىنىدۇ. ئىسسىقلىق ئېلىپ يوقلاپ كەلگۈچىلەرمۇ ئون ئىككى ئىدىرى توشقاندىن كېيىن كېلىپ يوقلايدۇ. بوۋاق يېشىغا توشقۇچە دادىسى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى يول يۈرۈپ تەرلىگەن ھالەتتە كەلگەندە، دېمىنى ئېلىپ تەرى قۇرۇمىغىچە بالىنى دەرھال قولىغا ئالمايدۇ. بۇنىڭدا بوۋاقنىڭ ئۇچۇقدىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش مەقسەت قىلىنغان.

تۇغۇتلۇق ئايال ئىدىرى (قىرقى) ئىچىدە تۇخۇم، سۈت، شورپا بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ. بىر نەچچە قېتىم مەخسۇس كاللا – پاقالچاق يېگۈزۈلىدۇ. ئىدىرى ئىچىدە قازان – قومۇچ كۆتۈرۈش، قول – پۇتىنى سوغۇق سۇغا تەگكۈزۈش، يۇيۇنۇش ۋە سوغۇق، يەللىك نەرسىلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىدۇ. ھامىلدار ۋاقتىدا بەل، قازان سۆڭەكلىرىدە ھاسىل بولغان بوشىشىش ھالىتىنى تېزراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىككى – ئۈچ قېتىم تۇخۇم بىلەن بېلى تېڭىلىدۇ. قاينىتىلغان ئىسسىقلىق دورا – دەرمەك سۈيىگە چىلانغان لۆڭگىدە بەدەنلىرى سۈرتۈلىدۇ. ئىدىرى توشقاندا يەنە شۇنداق سۇدا ھورداندۇرۇلىدۇ. پاكىز يۇيۇندۇرۇلۇپ، باش – كۆزى يۇيۇپ تارىلىپ، چىرايلىق كىيىندۈرۈلۈپ تالا – تۈزىگە چىقىرىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆي ئىشىغا كىرىشىدۇ.

4) تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق ئۆزگىچە ئادەتلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن: ئاياللار تۇغۇت ئۈستىدە بالا ۋاقتىدا چۈشمەي تولغاققا كۈچەپ ھوشىدىن كەتسە ياكى ھەمراھى چۈشمەي ھوشسىز ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە >ھال باستى< (جىن – شاياتۇنلار چاپلىشىۋالدى) دەپ قارىلىپ كەلگەن. مۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندە ئۆي ئىچىگە قارا قۇش (قۇش بولمىغاندا قارچىغا) ياكى بۆرە ئىت قويۇپ بېرىلىدۇ ياكى ئىشىك تۈۋىدە مىلتىق ئاتىدۇ. ئۆگزىگە چىقىپ تۇڭلۈك يېنىدا ئەرزان توۋلىنىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايال ھوشىغا كېلىپ سالامەت بوشانسا >جىن – شاياتۇنلارغا قاچتى، ئەگەر ئۆلۈپ كەتسە قۇش جىن – شاياتۇنلارغا تەڭ كىلەلمىدى، ئۇنىڭ ئۆپكىسىنى جىن – شاياتۇنلارغا تەڭ كېلەلمىدى، ئۇنىڭ ئۆپكىسىنى جىن – شاياتۇنلار سۇغۇرۇپ ئېلىپ كەتتى< دەپ ئۇنداق بەخىتسىزلىككە تەن بېرىلىپ كەلگەن. روشەنكى بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ توتىم ئىتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خۇراپىيىلىق تۈسىنى ئالغان ئادەت. ئەجدادلىرىمىز قۇشنى باتۇرلۇقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئۇلۇغلاپ، ۋەھىمىيىلىك رەقىبلىرىنىڭ ئەشەددىي كۈشەندىسى ھېسابلاپ كەلگەن؛ بۇ ئادەت ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاشۇ ئىپتىدائىي ئېتىقادىنىڭ ئىسلام دىنىغا ماسلىشىپ داۋاملىشىپ كەلگەن ئىزنالىرىدىن ئىبارەت. ئازادلىقتىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئىچىدە زامانىۋى ئىلىم – پەن ساۋادىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇنداق ئادەتلەر ئاساسەن ئادەت كۈچىدىن قالدى. ئەمما چەت يېزا – قىشلاقلاردا شۇنداق قاراشنىڭ تەسىرى تېخى پۈتۈنلەي تۈگەپ كەتكىنى يوق.

نىكاھتىن ئاجرىشىش – يېنىشىش

1) نىكاھتىن ئاجرىشىش: نىكاھتىن ئاجرىشىش ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان بىرخىل ئىجتىمائىي ھادىسە. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ مۇھىملىرى:

①ئوتتۇرىدا پەرزەنت بولماسلىق؛

②ئەرنىڭ ئايالغا ياكى ئايالنىڭ ئەرگە كۆڭلى چۈشمەسلىك؛

③ئەر – ئايالنىڭ مىجەزىدە تەدرىجىي پەيدا بولغان ئۆزگىرىشلەر ئارقىسىدا دەسلەپكى مۇھەببەت ئاساسىنىڭ بۇزۇلۇشى؛

④ئۆز ئارا ساداقەتسىزلىك؛

⑤ئۈچىنچى بىر تەرەپ ئارىلىشىش؛

⑥ئايال تەرەپ ھەددىدىن زىيادە خورلۇققا ئۇچراش؛

⑦ئادەتتىكى ئائىلە ماجرالىرى قاتارلىق.

مۇشۇ سەۋەبلەرنىڭ بىرەرى كۆرۈلگەندە، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرنىڭ كېلىشتۈرۈشى، نەسىھەتلىرى ئۈنۈم بەرمىگەندە نىكاھتىن ئاجرىشىش تەلىپى قويۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەر تەرەپ <قويدۇم> ياكى <تالاق> دەپ لەۋزى قىلسا، نىكاھتىن ئاجرىشىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، ئەر – ئايال بىرگە ئۆتۈشكە بولمايدۇ. بۇرۇن مۇنداق نىكاھتىن ئاجرىشىش توغرا كەلگەندە باشقا قانۇنىي رەسمىيەتلەر ئۆتەلمەيتتى، قولۇم – قوشنا ۋە مەھەللە جامائىتىنىڭ بىلىپ قېلىشى بىلەن كۇپايىلىنەتتى. ئۆي – مۈلكى ئوتتۇرىدا تەڭ بۆلۈنەتتى. (ئۆي مۈلكىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىدىغان ئەرلەر، ئاياللارمۇ ئۇچرايدۇ). ئەگەر ئوتتۇرىدا بالا بولغان تەقدىردە بالىنى ئىختىيار قىلغان تەرەپ ئېلىپ قالىدۇ ياكى ئىككى تەرەپ كېلىشىپ بۆلۈشۈۋالاتتى. بالا ۋە مۈلۈك مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپ كېلىشەلمىسە دىنىي مەھكىمىنىڭ بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىگە ئىلتىماس قىلىناتتى ۋە دىنىي مەھكىمىسىنىڭ چىقارغان ھۆكۈمىگە بويسۇناتتى. 

نىكاھتىن ئاجراشقان ئايال ياتلىق بولماقچى بولسا، ئۈچ ئاي ئون كۈن ئىدەت تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بۇ جەرياندا ئايالنىڭ ھامىلدار ياكى ئەمەسلىكى ئېنىقلىنىدۇ. ئەگەر ھامىلدارلىقى ئېنىقلانسا، تۇغۇلغان بالا، ئادەتتە ئەر تەرەپكە تەۋە بولىدۇ. بالىنىڭ راسخوتىنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئەر تەرەپ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا تۇغۇلغۇسى بالىنىڭ دادىلىق ھوقۇقىدىن ئىختىيارىي ۋاز كېچىپ، ئايالنىڭ بولغۇسى ئېرىگە بېرىۋېتىدىغانلارمۇ ئۇچرايدۇ.

2) يېنىشىش: نىكاھتىن ئاجرىشىش شارائىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ يېنىشىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ.

①ئادەتتىكى ئائىلە ماجراسى ئۈستىدە ئەر تەرەپ بىر پەسلىك ئاچچىق ئارقىسىدا يېنىكلىك قىلىپ <قويدۇم> دەپ لەۋزى قىلىپ تاشلىغان بولسا، مەزىن ياكى نىكاھ ئوقۇشنى بىلىدىغان مەھەللىدىكى بىرەر كىشىگە قايتا نىكاھ ئوقۇتۇپ ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ؛

②يۇقىرىقى بىرەر سەۋەب تۈپەيلىدىن ئاجراشقان ئىككى تەرەپ يېنىشىشنى ئىستىسە ياكى ئاتا – ئانا، جامائەت ئارىغا كىرىپ رايىلاشتۇرغان بولسا ئەر تەرەپ بىرەر قۇر تويلۇق ئېلىپ قايتىدىن ئاددىي يارىشىش تويى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛

③يۇقىرىقى بىرەر سەۋەب تۈپەيلىدىن ئەرنىڭ ئاغزىدىن ئۈچ قېتىم <قويدۇم> ياكى <تالاق> سۆزى چىقىپ كەتكەن بولسا، قايتا يېنىشىشقا مۇمكىن بولمايدۇ. چۈنكى يېنىشىشقا توغرا كەلسە، ئەر تەرەپ قوبۇل قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان رەسمىيەت ئۆتەشكە يەنى باشقا بىر ئەرگە ۋاقىتلىق ياتلىق بولۇپ ئاجراشقاندا يېنىشىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر شۇنداق رەسمىيەت ئۆتەلسە، ئاندىن يېنىشىشقا بولىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە قۇرۇلمىسى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلەر نۇقتىسىدىن ئالغاندا يەنە مۇنداق ئالاھىدىلىكلەرمۇ مەۋجۇت:

①ياتلىق قىلىنغان قىزلار يەنىلا مۈلۈك ۋارىسلىق ھوقۇقىغا ئىگە.

②قىزلار ياتلىق قىلىنغاندىن كېيىن مەيلى پەرزەنتلىك بولغان ياكى بولمىغان بولسۇن، ئەگەر ئېرى ئۆلۈپ كەتسە ئۆز ئۆيىگە كېتىش ياكى ياتلىق بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە.

③ئايالى (ئېرى) ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۆيلەنمەكچى ياكى ياتلىق بولماقچى بولسا، بىر – ئىككى يىلدىن كېيىن ياكى ئاز دېگەندە ئۆلگۈچىنىڭ يىلى توشقاندىن كېيىن ئاندىن ئۆيلىنىدۇ. (ياتلىق بولىدۇ). ئادەتتە كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ ئادەتكە رىئايە قىلىدۇ. ئەگەر بويتاق ياكى تۇل قالغۇچىنىڭ چوڭ بولۇپ قالغان پەرزەنتلىرى بولغان تەقدىردە، ئۆيلەنمەكچى ياكى ياتلىق بولماقچى بولسا، ئالدى بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ، جۈملىدىن قېيىن ئاتا – قېيىن ئانىسىنىڭ، ئۆز ئاتا – ئانىسىنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۆيلىنىدۇ (ياتلىق بولىدۇ). يۇقىرىقى ئادەت – قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار جامائەتچىلىكنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەرلىك ھوقۇقى مۇقەددەس قارىلىپ كەلگەن. ئاياللار ئەرلەرنىڭ بىرخىل ئەرمىكى بولۇپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتە ھېچقانداق ئورنى يوق ئىدى. بۇ ئاياللارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن <ئايال جىنىس ئادەمنىڭ سول قوۋرىغىسىدىن ئاپىرىدە بولغان> شۇڭا <چېچى ئۇزۇن ئەقلى كالتە> ۋە <ئەر ئايالنىڭ كەت خۇداسى>، <ئەرنىڭ قولى> دېگەن فېئودال ئەدەب – قائىدىنىڭ قۇربانى قىلىپ كېلىنگەندە تىپىك ئىپادىلىنىدۇ.

مەنبە : <ئاتام يازغان بىر يۈرۈش كىتابلار> نىڭ <ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە – نىكاھ ئادەتلىرى > قىسمى .

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ