ۋ، ئې، ئى ھەرپلىرى بىلەن باشلانغان ماقال – تەمسىللەر (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

بۇ رەسىملەرنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

ۋ ھەرىپى

ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت.
ۋەدىگە ۋاپا – مەردنىڭ ئىشى.

ئې ھەرىپى

«ئېلىپ» نى تاياق دېيەلمەيدۇ، «مىم »نى چۇماق دېيەلمەيدۇ.
ئېرى تارتۇقنىڭ خوتۇنى پۇچۇق.
ئېرىنسەڭ ئىشىڭنى كىم قىلار، ئۇيالساڭ سۆزۈڭنى كىم قىلار.
ئېشىكى ئۈچ تەڭگە، توقۇمى بەش تەڭگە.
ئېشىنى يەپ تاۋىقىنى چېقىپتۇ.
ئېشەك باينىڭ تاغار باينىڭ، يېقىلسا يۆلىمەيمەن، ئۆلسە تۆلىمەيمەن.
ئېشەك تەخىيىگە ئېشەكلىكتىن باشقىنى ئۆگەتمەس.
ئېشەك ئالدىغا چۈشىۋالسا ئاتنىڭ مېڭىشى بۇزۇلار.
ئېشەك ئۆلۈۋاتسا كۆتى غىجەك تارتىپتۇ.
ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس.
ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە، ئۇر توقۇمنى.
ئېشەككە ئالتۇن ئېگەر توقۇلسىمۇ يەنىلا ئېشەك.
ئېشەكنى ياراتمايسىز، ئېشەكچە بولالمايسىز.
ئېغىرلىق رەھمانلىق، يېنىكلىك شەيتانلىق.
ئېغىزدا بار، ئەمەلدە يوق.
ئېغىزدىن چىققان سۆز – يەرگە سېپىلگەن سۇ.
ئېگىلگەن باشنى قېلىچ كەسمەس.
ئېگىلگەنگە ئېگىل بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە، غادايغانغا غاداي بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە.
ئېيتقان يەردىن قالما، ئېيتمىغان يەرگە بارما.
ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ بولسۇن، ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈڭ بولسۇن.

ئى ھەرىپى

ئىت كاللىسى تەخسىدە توختىماس.
ئىت مۈشۈكنى بۇيرۇسا، مۈشۈك قويرۇقىنى بۇيرۇپتۇ.
ئىت ئىتلىقىنى قىلمىسا كۆڭلى تىنماس.
ئىتتىن قورققان گاداي ئەمەس.
ئىتنىڭ ئىگىسى بولسا، بۆرىنىڭ خۇداسى بار.
ئىچ سىرىڭنى ئاتاڭغا ئېيتما.
ئىچى تارنىڭ كۆڭلى تىنماس، ئېشەك مىنگەننىڭ پۇتى تىنماس.
ئىچى توشمىسا تېشىغا چىقماس.
ئىچى كۆيمىگەننىڭ كۆتى قىچىشماس.
ئىچىدە روزى تۇتۇپ، تېشىدا ھېيت ئويناپتۇ.
ئىززەت تاپاي دىسەڭ خىزمەت قىل.
ئىسراپچىلىق نەدە؟ پىشانىسى تەرلىمىگەن يەردە.
ئىش باشقا، ھەۋەس باشقا.
ئىش قىلىشقا بېلى بوش، گەپ قىلىشقا ئاغزى قوش.
ئىش ئىشتەينى ئاچىدۇ.
ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە ئايان.
ئىشق ئوتى پۈۋلىگەنگە ئۆچمەس.
ئىشقى يوق ياردىن، ئىسسىق ئوچاق ياخشى.
ئىشىك كۆرگەننى ئالما، بۆشۈك كۆرگەننى ئال.
ئىشىك ئوچۇق بولسىمۇ، سوراپ كىر.
ئىشىڭ تۈزەلمىسە، چۈشۈڭ تۈزەلمەس.
ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ.
ئىككى قوچقارنىڭ بېشى بىر قازاندا قاينىماس.
ئىگىسىنى ياخشى كۆرسەڭ ئىتىغا سۆڭەك تاشلا.
ئىلمەكنى ئىشارەت بىلەن رۇسلىغىلى بولماس.
ئىناۋەت ئالتۇندىن قىممەت.
ئىنساپ قالمىدى چوڭدا، ئىشتان قالمىدى قوڭدا.
ئىنەكنىڭ سۈتى يېلىنىدە ئەمەس، يېمىدە.

 

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ