ي ھەرىپى بىلەن باشلانغان ماقال – تەمسىللەر (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

بۇ رەسىملەرنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

يا سايرامدىن چىقار، يا قاينامدىن چىقار.
يا ئەلەمدە يوق، يا قەلەمدە يوق.
ياپسام تۇتارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ.
ياتار قورساق – كېتەر قورساق.
ياتنىڭ ياندىن ئۆتەر، تۇغقاننىڭ جاندىن ئۆتەر.
ياخشى بولسا ئۆزىدىن كۆرىدۇ، يامان بولسا ئۆزگىدىن كۆرىدۇ.
ياخشى دوست تاشلىماس، يامان يولغا باشلىماس.
ياخشى سۆز تاشنى يارار، يامان سۆز باشنى يارار.
ياخشى سۆز دىلنى ئېرىتىدۇ، يامان سۆز جاننى قېرىتىدۇ.
ياخشى ئىت ئۆلۈكىنى كۆرسەتمەس.
ياخشىدىن جاپا كەلمەس، ياماندىن ۋاپا كەلمەس.
ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۈلۈم يوق.
ياخشىلىق تۆرگە باشلايدۇ، يامانلىق گۆرگە باشلايدۇ.
ياخشىلىق قىل، يامانلىق كۈت.
ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
ياخشىنىڭ قەدرىنى يامان بىلمەس.
ياز بولسا قىش بولمىسا، ئاش بولسا ئىش بولمىسا.
ياسانچۇق توڭىمايدۇ، تىتىرەيدۇ.
ياش تۆككىچە مۇشت تۈگ.
ياش قېرىتماس، غەم قېرىتار.
ياشلىقىڭدا بىلىم ئال، قېرىغاندا ئىشقا سال.
يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام.
يالغۇز يۈرۈپ يول تاپقۇچە چىشىڭ تۆكۈلەر.
يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس.
يالىڭاياق سۇدىن قورقماس.
ياماق ياماپ يارماق تاپ.
يامان خوتۇن ئالغۇچە، بويتاق يۈرگىن ئۆلگۈچە.
يامان كۈنلەر ياخشى بولار، يامان ئادەم ياخشى بولماس.
يامان ھارۋا يول بۇزار، يامان ئادەم يۇرت بۇزار.
يامان ئۇرۇقتىن ياخشى مېۋە بولماس.
يامانغا يۇلۇقساڭ يارىسى يۇقار، قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى يۇقار.
يامانلىغان ئابدالنىڭ خۇرجۇنىغا زىيان.
ياماننى ئايىساڭ ياخشىلىق يوق.
ياماننىڭ سۈيىنى ئىچكۈچە، قاپىقىنى چېقىۋەت.
ياماننىڭ ئوتى يامان.
ياۋاش بولسا بوش دېمەڭ، يۇمشاق بولسا گۆش دېمەڭ.
ياۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە.
يوتقانغا بېقىپ پۇت ئۇزات.
يورغا مىنگەن يولدا قاپتۇ.
يوقسۇزلۇق تاشتىن قاتتىق.
يول ئازابى، گۆر ئازابى.
يولدىن چىقما، خاندىن قورقما.
يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.
يولى باشقا، مەنزىلى بىر.
يۇرت بولسا ئالۋان بولمىسا، تېنچ بولسا مالىمان بولمىسا.
يۇرت قوغدىساڭ ئۆسەرسەن، قوغدىمىساڭ ئۆچەرسەن.
يۈز قاغىغا بىر شۇڭقار كۇپايە.
يۈز ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا.
يۈزۈڭدە قارا بولسا ئەينەكتىن كۆرمە.
يۈزۈم قېلىن، كۆڭلۈم نازۇك.
يېپىقلىق قازان يېپىق پېتى قالسۇن.
يېتىپ يېسە تاغ توشۇماس.
يېتىپ ئۆلگۈچە ئېتىپ ئۆل.
يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگكەندە، بېشى تاشقا تېگىدۇ.
يېشىغا قارىماي ئىشىغا قارا.
يىتكەن پىچاقنىڭ سېپى ئالتۇن.
يىراق بولسا كىشنىشەر، يېقىن بولسا چىشلىشەر.
يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ياخشى.
يىراقتىكى سۇدا ئۇسسۇزلۇق قانماس.
يىقىلغان چېلىشىشقا تويماپتۇ.
يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس.
يەكچەشمىنىڭ شەھىرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىس.



 

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ