بالىلارغا كىتاب ئوقۇتۇش ۋە كىتابنى سۆيدۈرۈش ئۇسۇللىرى ھەققىدە (سىناق) – بىر گۇرۇپپىسى

 

بالىلارغا كىتاب ئوقۇتۇش ۋە كىتابنى سۆيدۈرۈش ئۇسۇللىرى ھەققىدە (سىناق)

 

خەدىچە (مەلەك)

 

ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

 

بەزى ئاتا ئانىلار بالىلارغا كىتابنى سۆيدۈرۈلـمەي ،ھەتتا بالام كىتاب يىرتىدۇ دەپ تېرىكىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئەڭ دەسلەپتىن باشلاپ بالىدا كىتابقا بولغان مۇھەببەتنى ئويغىتالـمىغانلىقتىن ۋە ئۇسۇلنىڭ توغرا بولـمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقسا كېرەك.

سۆزلەپ كەلسەك ئىشنى ئەلقىسسە دەپ بەك بۇرۇندىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. يەنى بالىنىڭ يېتىلىشىدە تەرەققىياتلار بولىۋاتقان، بوغۇملارنىڭ يېتىلىشىدە كۆرىنەرلىك ئىپادىلەر كۆرۈلۈۋاتقان مەزگىلدىن باشلاشقا بولىدۇ.

بوۋاقنىڭ يېتىلىش تەرەققىياتىنى قانداق كۆزىتىمىز؟ ئومۇملاشتۇرغاندا ئۇلاردا كۆرۈلىدىغان بوغۇم تەرەققىياتلىرى ۋە يېشىنى تۆۋەندىكىچە ئايرىشقا بولىدۇ.

1.ئاتا ئانىسى تىك كۆتۈرگەندە بوۋاقنىڭ بېشىنى تىرەپ تىك تۇتۇپ تۇرالاش يېشى: 6 ھەپتىلىكتىن باشلىنىپ كېچىككەندە 4 ئايلىق بولغۇچە

2.ئۆرۈلۈشى: بالدۇر بولغاندا 4 ئايلىق كېچىككەندە 7 ئايلىق بولغۇچە

3.چۆرىسىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىشى: 3ـ7 ئاي

4.ئولتۇرۇش ۋاقتى: 7 ـ9 ئاي

  1. ئۆمىلەش: 7ـ11 ئاي

6.ئۆرە تۇرۇش:11ـ 16ئاي

7.مېڭىش: 11يېرىم ئايدىن 19 ئايغىچە

8.ئىككى نەرسىنى ئۈستى ئۈستىگە دەستىلەپ تىزىپ تۇرغۇزۇش: 11ـ19ئاي

9.قەغەزگە جىجىش :14ـ 21 ئاي

10.ياردەم ئاستىدا پەلەمپەيدىن چىقىش:16ـ23 ئاي

11.سەكرەش : 23ـ30 ئاي

12.پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ مېڭىش ۋە ۋېلىسىپىتنىڭ پىدالىنى تېپىپ ئايلاندۇرۇش: 25ـ30 ئاي

…دېگەندەك

كىتاب ئوقۇش قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىش يېشىچۇ دەپ باشتىن بىر ئوقۇپ چىقتىڭلار ھەقىچان…

خوش، كىتابقا بولغان قىزىقىش قاچان تۇغۇلىدىكەن؟

جاۋاب: ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى تۇتۇش قابىلىيىتىگە ئېگە بولغاندىن باشلاپ…

بۇ دەۋىردە بالا ياتقان يېرىدىن قولىنى شىپپاڭشىتىپ يۈرۈپ ئەتراپتىن بىر نەرسىنى ئېلىۋالغىنىدا قانچىلىك خۇش بوپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالـمايمىز.

بالا ئەڭ دەسلەپ نەرسىلەرنى تونۇشنى ئېمىش يەنى شوراشتىن باشلايدۇ…ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئانىسىنى قانداق ئەمگەن بولسا، دەسلەپكى بۇ بوۋاقلىق دەۋرىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن تونۇش، شوراش شەكلى ئارقىلىق ئەمەلىيلىشىدۇ. بارمىقىڭىزنى بوۋاقنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويسىڭىز قانداق تۇتۇپ ئاغزىغا ئاپىرىپ شورىغان بولسا ئۇ ھەم قولغا چۈشۈرۈۋالغان ئولجىسىنى ئەنە شۇنداق شوراپ بېقىپ يالاپ بېقىپ تونۇيدۇ…

بۇ دەۋىردە ئۇنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئەڭ چوڭ ھۈنەر شوراپ يالاپ، كىتابىڭىزنىڭ قەغىزىنى شۈمۈپ پۇچۇق قىلىپ قويۇش بولـماي شارىلداپ ئوقۇپ كېتىش بولـماس ھەقىچان..شۇڭا بالىڭىزنىڭ يېشىنى ۋە تەرەققىياتىنى پۈتۈنلەي ئەستىن چىقىرىپ :” مېنىڭ بالام كىتاب سۆيمەيدىغان چىقىپ قالدى، قولىغا كىتاب چىقىپ قالسىلا يالاپ ئۇپۇرتىدۇ ياكى چىشلەپ يىرتىدۇ” دەپ ئاھ ئۇرۇپ ئازابلانماڭ.

ئەكسىنچە يىرتالـماسلىقىدىن، يالاپ ئۇپرىتالـماسلىقىدىن، قولىنى ئۇزۇتۇپ تۇتالـماسلىقىدىن، ۋە ياكى ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماسلىقىدىن ئەنسىرىسىڭىز بولىدۇ. نېمىشقا ئۇنداق دەيمەن، دېمەك بالىڭىز كىتابقا قىزىقمايدىكەن دېمەكچى ئەمەسمەن، بالىڭىزنىڭ يېتىلىش سۈرئىتى ۋە بوغۇم تەرەققىياتى نورمال ئەمەس بولۇشى مۇمكىن، دىققەت قىلىڭ دېمەكچىمەن.

خوش، بۇ بالىجانلار قولىنى ئون قاتار يۇقىرى تۆۋەن قىلىپ بەدەن قىزىتىپ يۈرۈپ مىڭ جاپادا ئاپىسى يېنىدا قويۇپ قويغان كىتابنى مۇۋپپەقىيەتلىك ھالدا قولغا ئالدى، ئەمدى قانداق قىلىمىز.

بالىمىزنى قۇچاققا ئېلىپ، كىتابنى بالا بىلەن تەڭ تۇتىمىز. كىچىك ياشتا بالىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىللىق ھېس قىلىشى شۇنداقلا بوغۇم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن رەخت كىتابلار ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ…

رەخت كىتابلارنىڭ 1.5ـ3 ياشلىق بالىلارغا ماس كېلىدىغان، ئۇ يەر بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرغان تۈگمىنى ياكى سىيرىتمىنى ئاچسا ئاندىن كېيىنكى بەتنىڭ مەزمۇنلىرى چىقىدىغان، شوينىلارنى يەشسە ۋە ياكى ھەرقانداق بىر كىچىك توسالغۇنى يېڭىپ ھەپىلىشىپ ماڭىدىغان تۈرلىرى بالىلارغا مەسلىنى ھەل قىلىپ بولغاندىن كېيىنكى خۇشاللىق ۋە ئۆزىگە ئىشەنچ تۇيغۇسىنى بېرىدۇ. بالىدا قىزىقىش پەيدا قىلىدۇ. ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىغا دىققەت قىلىشقا تۈرتكە بوپ دىققەتنى يىغىشنى ئۆگىتىدۇ. ئۆگىتەلـمىسە مەندىن رەنجىپ كەتمەڭلار، چۈنكى ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقىچە.

خوش كېلەيلۇق گەپنىڭ پوسكاللىسىغا، ئەمدىكى مىسالىمىزدىكى بوۋاق سەل چوڭ بوۋاق. گەپ قىلالايدىغان ھېچ بولـمىسا قىلالـمىسىمۇ چۈشىنىپ ئىنكاس قايتۇرالايدىغان بوۋاق. كىتاب ئوقۇشنى نەدىن باشلايمىز؟ تىزراق تۈگىتەيلى دېگەن مەقسەتتە ئاتلاپ بابلاپ قاتلاپ ئوقۇۋەتكەن رومانلىرىمىزنىڭ پەدىسىدە نەچچە بەتنى قايرىپ قايرىپ ھېكايە باشلانغان يەردىن باشلىمايمىز. ئەكسىچە مۇقاۋىدىن باشلايمىز. مۇقاۋىنىڭ تېشىدا يوغان بىر دەرەخنىڭ سۈرىتى بار دەپ مىسال ئالايلى، بالىغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ، نەخ جاۋابى بولـمىغان، ئۇچى ئوچۇق سوئاللاردىن بىر قانچىنى سورايمىز.

ئۇچى ئوچۇق سۇئال سوراش پەرزەنت تەربىيىسىدە بەك مۇھىم، ھەردائىم مۇشۇنداق سوئاللارنى سوراپ تۇرغاندا بالا ھەر زامان ئويلىنىش ھالىتىدە بولۇپ تەپەككۇرى ئېچىلىدۇ.

ئۇچى ئوچۇق سۇئال دېگەن قانداق سۇئال؟

جاۋاب: مۇشۇ ھازىرقى سۇئالىمدەكلا سۇئال.

ـ ئۇچى ئېچىلىپ قالغان سۇئال، ئۇچىنىڭ ئىشىكى تاقىلىپ قالـمىغان سۇئال….دېگەندەك.

مۇقاۋىدىكى دەرەخكە قايتىپ كەلسەك مەسىلەن شۇنداق سوئاللارنى سوراشقا بولىدۇ:

ـ بالام، بۇ نېمە؟ بۇنى نېمە ئىش قىلىشقا ئىشلىتىمىز؟

ـ دەرەخ، تاياق، ئورمان، قۇشقاچنىڭ ئۆيى …دېگەندەك دېگەندەك كاللىسىغا كەلگەنلىكى شەكىلدە ئويلاشقا جاۋاپ بېرىشقا باشلايدۇ. ئاغزىدىن چىقىپ بولغۇچە، ۋاي بالام بۇ دېگەن پالان دەرەخ دەپلا بالىنى يېڭىلىش تۇيغۇسىغا غەرق قىلىپ، ئۇنىڭ تەپەككۇرىنى بوغۇپ قويۇشقا بولـمايدۇ.

– ھەممىسى توغرا، ئەقىللىق بالام، بۇ دەرەخنىڭ شېخى بىلەن غولىنىڭ رەڭگى سىزچە نېمىشقا ئوخشىمايدىغاندۇ دېگەندەك يەنە سوئالىمىزنى سوراشقا باشلىساق بولىدۇ.

بۇ قېتىممۇ بالىڭىز سىز ئويلاپ باقمىغان جاۋابنى بېرىشى مۇمكىن، ئاپىسى بازادىن ئاشۇنداق رەڭلىك كىيىمنى كىيگۈزۈپ قويۇپتۇ ۋە ياكى توپىغا چىلىنىپ تۇرىۋېرىپ ھەلەق بوپ شۇنداق ئىشتىنى ئاشۇنداق رەڭ بوپ قاپتۇ دېگەندەك….

ئىشقىلىپ جىقلا تاتلىق جالاپلارغا ئېرىشىسىز.

بۇ سوئاللارغا چوقۇم ياق مۇنداق دەپ توغرىسىنى دەپ بېرىشىڭىزنىڭ، ئۆگىتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. تەپسىلاتىنى سەل چوڭ بولغاندا تەبىئىيلا ئۆگىنىۋالىدۇ.

بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىمىز ئۇنىڭغا بىلىم ئۆگىتىش ئەمەس، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇش، يېقىملىق ۋە مۇھەببەتلىك جەرياننى بىللە ئۆتكۈزۈش ۋە ئۇنىڭ سەۋىيىسىگە چۈشۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشتۇر.

ھىم… ئەمدى كىتاب مۇقاۋىسىدىكى رەسىمنى ئازتولا تونۇۋالدۇق. ئەمدى بالىمىز بىلەن تەڭ كىتابنىڭ يۈزىنىڭ سىيلاپ باقايلى، ئاستا پىچىرلاپ:« بالام، ئاۋازىنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ نېمە دەيدۇ؟ » يۈزى سىلىقمىكەن، ئاپىسى ماي سۈرۈپ قويدىمۇ نېمە؟ دېگەندەك ئۇششاق چۈششەك سوئاللار بىلەن يەنە بالىڭىزنى بىردەم گەپكە سېلىڭ.

ئەمدى نېمە قالدى؟ كىتابنى كۆردى، تۇتتى، سىيلىدى، ئاۋازىنى قۇلاققا ئەكىلىپ ئاڭلاپ باقتى، پۇراش قالدى شۇنداقمۇ؟ زىيىنى يوق، پۇراپ باقسۇن؟

ـ پۇرىقى قانداقكەن بالام؟ دەپ بېقىڭە، شائىرلارچە گۈل پۇرايدىكەن، ئانامدەك پۇرايدىكەن، شاكىلاتتەك، سۈتتەك پۇرايدىكەن دەپ سالامدۇ تېخى.

تامام، گەپنى ئاچچىق ئۈچەيدەك يامان ئۇزۇن سوزىۋەتتىم، كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى قايرىپ رەسمى بەتكە كەلسىڭىز بولىدۇ. كىتابتىكى ئەينەن ئوقۇپ چۈشۈپ كەتمەي. ئەڭ ئاۋال رەسىمگە قاراپ، بالىڭىزغا تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ، “ما رەسىمدىكى ئېيىقچاقنىڭ ئىسمى ئويغاقجانكەن، مېنىڭ تاتلىق بالامدەك ئۇنىڭمۇ ئاۋۇ قولىدا يېتىلىۋالغان بىر بالىسى باركەن” دېگەندەك ئۆز سۆزىڭىزگە ئايلاندۇرۇپ، دىئالوگلاردا ئاۋازىڭىزنى كىتابتىكى پېرسوناژغا خاس ماسلاشتۇرۇپ ئوقۇپ بېرىڭ. گۈزەل شەكىلدە ئوقۇپ بەردىم دەپ بىلەن، لېكىن، ئەمما دېگەندەك باغلىغۇچىلار ۋە بالا كۆز ئالدىغا ئەكىلەلـمەيدىغان سوبيېكتىپ نەرسىلەر بىلەن ھەم قوشۇپ نەسىر ئوقۇغاندەك تەسىرلىك قىلىپ ئوقۇپ بەرسىڭىز، بالىڭىزنىڭ ئىچى پۇشىدۇ. چۈنكى كىچىك بالىلار مۇرەككەپ جۈملىلەرنى ئاڭقىرىپ بولالـمايدۇ. تەڭداش مۇرەككەپ جۈملىلەرنىغۇ ئەسلا، شۇڭا كىتاب سېتىۋالغاندا بىر بەتكە لىق كەلگەن چوڭ رەسىملىرى بار، ھەر بەتتىكى جۈملىلەر بىر تال ئىككى تال ئاددى جۈملىدىن تەركىب تاپقان كىتابلارنى تاللىسىڭىز بالىڭىز ياقتۇرىدۇ. چۈنكى بۇ ياشتىكى بالىلار كۆرگەننى بەكرەك ئەستە ساقلىۋالىدۇ.

ئاندىن بالىنىڭ دىققىتىنى يىغالايدىغان ۋاقتى بەك ئاز، شۇڭا ئىككى ئۈچ مىنۇتتىلا ئىچى پۇشۇپ قىمىلداپ يىغلاپ قۇچىقىڭىزدىن چۈشىۋىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۆزىڭىز مۆلچەرلەپ ئۇنىڭ دىققىتىنى باشقا ئىشلارغا بۇراپ…رەسىملەرنى كۆرسىتىپ:” قارىڭە بالام، ما ئېيىق شۇنچە سوغۇق بوپ كەتسىمۇ بېشىغا پوسمىسىنى كېيىۋالـماپتۇ ھە، ئايىغىنىچۇ كېيىپتىمۇ كىيمەپتىمۇ؟” دېگەندەك سوئاللارنى سورىسىڭىز ئۇنىڭ دىققىتى يەنە كىتابقا ۋە كىتابتىكى رەسىمگە يىغىلىدۇ.

مۇمكىن بولسا بىر كىتابنى ئىزچىل قايتا قايتا نەچچە كۈن ئوقۇپ بېرىڭ، مەزمۇن بالىنىڭ كاللىسىغا ئورناپ كېتىدۇ ۋە يېڭى كىتاب باشلىغىنىڭىزدا ئۇنى يېڭى ئوقۇغاچقا ئانچە چۈشەنمىگەندەك، ناتونۇش كېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، مەن ئامراق ئېيىقچاقنى ئوقۇپ بېرىڭ دەپ ئۆزىگە تونۇش بوپ كەتكەننى ئامراق دەپ تۇرۇپ ئىپادىلەيدۇ.

بالىڭىز كىتاب يىرتسا، “كىتابنىڭ قولىنى، كىيىمىنى يىرتىۋىتىپسىز ئەمەسمۇ، بىر يېرى ئاغرىپ كەتكەن ئوخشايدۇ، ئاڭلاپ باقامدۇق خاپا بوپ قالدىمۇ يوق، دوختۇرخانىغا ئاپىرايلىمۇ ياكى ئاستا چاندۇرماي ئاغرىتماي، چاپلاپ قويايلىمۇ” دەپ پلاستىرنى بالىڭىزغا تۇتقۇزۇپ، تەڭ چاپلاپ قويسىڭىز، بىر قانچە قېتىپ تەكرارلاپ تۇرسىڭىز، بۇ ئىش تەكرارلانمايدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ كاللىسىدا كىتابنىڭمۇ جېنى بار ئۇنىڭمۇ ئاپىسى بار، دادىسى بار، ئۇلار يىغلايدۇ دېگەن ئۇقۇم شەكىللىنىپ بولىدۇ.

بەلكىم، بالامغا يالغان ياۋداقنى، قاملاشمىغان نەرسىنى كىچىكىدىن ئۆگىتىپ نېمە قىلىمەن ، ئۇ دېگەن جانسىز نەرسە تۇرسا دەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

ئەمما ئويلاپ باقىدىغان بولساق، قەدىمدە ئۆلىمالار ،ئاتىلىرىمىز قانداق قىلىپ ئۇنچى كۆپ ئىلىمگە ئېگە بولالىغان؟ ئۇ بولسىمۇ ئۇلار كىتابقا، يېزىققا ھۆرمەت قىلاتتى، ھەر يارالـمىشقا ياراتقۇچىنى ئەسلەپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلالىغان…ھەرقانداق كىتاب دەپتەرنى بىزدەك، ئورۇندۇق توپا بولسا ئاستىغا سېلىپ ئولتۇرمىغان، يەرگە قويۇپ قويمىغان، يېزىق ۋە كىتابقا بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن ھەرقانداق كىتابنى ئېگىز جايلارغا قويۇپ ئاسراپ ساقلىغان…بىزنىڭ :” ئوقۇيمەن ئەمما كاللامغا چۈشمەيدۇ، ئېسىمدە قالـمايدۇ” دېگەن زارلاشلىرىمىزنىڭ يەنە بىر سەۋەبى مۇشۇ بولسا كېرەك. بۇنى سۈننەت ياكى پەرز دېگەندەك مەقسەتتە دېمىدىم، ئويلاپ كۆرىدىغان بولساق بۇ بىر ئەھلى تەسەۋۋۇپنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە قىسقىسى ئەدەپ جۈملىسىدىندۇر.

سەمىمىي ئەسكەرتىش: يۇقىرىقىلار قانداقتۇر مەن سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن ئۇسۇللار ۋە ياكى ئاتا مىراس رېتسىپلار ئەمەس، پەقەتلا ھېس قىلغانلىرىم. ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە سىناپ بېقىش سىلەر تەجرىبىلىك ئاتاـ ئانىلارغا قالدى، سىناقتىن ئۆتسە، ئۇشبۇ تېمىغا كىرىپ ھايت دەۋەتكەيسىلەر…مەغلۇپ بولساڭلار ھەم رەنجىمەي، خىمىيە تەجرىبىخانىسىدا ماددىلارنى قالايمىقان ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ پارتلاپ ئۈستى بېشى قاپقارا ھالدا تۇرۇپ قالغاندەك بىر سويما ستۇدېنتنىڭ خام خىيالى دەپ بىلگەيسىلەر.

مەزكۇر يازما ئەي بالام بلوگىغا تەۋە، ھەرقانداق سالون ۋە بلوگلارنىڭ كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ