قەشقەر شەھرىنىڭ تارىخىغا ئائىت قىسقىچە بايان – ئىزدىنىش تورى – بىر گۇرۇپپىسى

قەشقەر شەھرىنىڭ تارىخىغا ئائىت قىسقىچە بايان

 

ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.‏

قەشقەر” دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى

 

قەشقەر- ئېلىمىزنىڭ قەدىمىي ۋە مەشھۇر شەھەرلىرىدىن بىرى. ئېلىمىزنىڭ غەرب بىلەن سودا، مەدەنيەت ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. خېلى بۇرۇنلا كىشىلەر، ئەنە شۇ قەشقەر ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ياۋروپا قاتارلىق رايونلار ۋە ئەللەر بىلەن باردى- كەلدى، سودا- سېتىق قىلىشقان. شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنيىتى بۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەينى تارىخىي دەۋىرلەردە قەشقەر ئالتە شەھەر دەپ ئاتالغان. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سودا، مەدەنيەت مەركىزى ۋە مەلۇم دەۋىرلەردە سىياسىي مەركىزىي بۇلۇپ كەلگەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخىدا گۈللىنىش تەرەققىياتى ۋە ئۆزىگە خاس ئەنئەنىلىرى بىلەن جاھان ئەللىرىنىڭ دىققەت نەزەرىگە سازاۋەر بۇلۇپ كەلگەن. 

قەشقەر دېگەن ئاتالما ھەققىدە چەت ئەل ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئالىملىرى تۈرلۈك تەبىر بىرىپ، پىكىر بايان قىلىپ، بۇ شەھەرنىڭ يۈكسەكلىكىنى ئىپادىلەپ كەلدى. بەزىلەر: شەھەر قەلئەسىنىڭ كۆركەم، مۇستەھكەملىكىنى كۆرۈپ، مۇداپىئە ئىشلىرىدا پۇختا دەپ ھېسابلاپ، ھىجىرىيىنىڭ 96- يىلى (مىلادى 715- يىلى) پەرغانە ئارقىلىق شىنجاڭغا كەلگەن ئەمىر قۇتەيبە قوماندانلىقىدىكى ئەرەبلەر بۇ نامنى بەرگەن دەيدۇ. بەزىلەر: بۇددىستلار بۇ شەھەرنى مۇقەددەس ئۇرۇن ھېسابلاپ “بەيتۇللا” (خۇدانىڭ ئۆيى) دەپ ئاتىغان ئىدى دەيدۇ. ئۇلار بىر زامانلاردا شامان دىنىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بۇ جاينى مۇقەددەس ئۇرۇن ساناپ “كاش- ناگار” دەپ نام بەرگەن دەپ ئىسپاتلايدۇ. دىمەك بۇددىستلار تىلىدا “كاش- خۇدا، ناگار- ئۆي” دېگەن بۇلۇپ، “بەيتۇللا- خۇدانىڭ ئۆيى” دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. يەنە، بەزىلەر: بۇ يۇرتتىكى نەقىش- ئويما ۋە “كاشا” دەپ ئاتالغان گۈللۈك قول سەنئىتىنىڭ راۋاجلانغانلىقىغا قاراپ، “كاشا” سەنئەتنى ئىگىلىگۈچى (تۇتقۇچى) مەنىسىدىكى “كار” ياكى “ئېر” دېگەن نامنى تۇتقا قىلىپ بۇ شەھەر “كاشاكار” ياكى “كاشائېر” دەپ ئاتالغان دەيدۇ. بەزىلەر يەنە تۈمەن دەرياسىنىڭ لېۋىدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان تۈپتۈز بىر قاش بۇلۇپ، ئۇ ھاۋاسى ياخشى، مەنزىرىسى كۆركەم، ئېگىزلىك جەھەتتە دىققەتنى جەلپ قىلىدىغان بولغاچقا بۇ شەھەر شۇ گۈزەللىكى بىلەن تەسۋىرلىنىپ “قاشنىڭ قىرى” دەپ ئاتالغان ئىدى دېيىشىدۇ. بۇ ئاتالمىلار ۋە بېرىلگەن تەبىرلەر گەرچە بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىش ئاساسىنى تۇلۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلمىسىمۇ، ھەر ھالدا كىشىلەرنىڭ بۇ تارىخىي رېئاللىققا بولغان تۇنۇشىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بىراق زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ نام ۋە ئۇنىڭ ماھىيەت ئاساسى ئۇنتۇلۇشقا باشلاپ، تەلەپپۇزدا “قەشقەر”، يېزىلمىلاردا “كاشىغەر” دېگەن ئاتالما ساقلىنىپ كەلدى. 

ئۇلۇغ ئالىم، مۇتەپەككۇر، تىلشۇناس مەھمۇت ھۈسىيىن ئوغلىنىڭ ئۆز تەخەللۇسىنى “قەشقەرى” دەپ ئاتىشى بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ يۈكسەك ئۇرۇندا تۇرغانلىقىدىن بىر بىشارەتتۇر. دېمەك: “قەشقەر” دېگەن ئاتالما مۇشۇ زېمىندا ئۇزاق تارىختىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئېلىپ بارغان شەھەر قۇرلۇشى، بىناكارلىق سەنئىتى، بۇلۇپمۇ ھەرخىل نەققاشلىق ھۈنىرىنى مۇجەسسەملەپ بەرگەن نام دېيىشكە بولسىمۇ، بۇ نامنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنىڭ ئېيتىلىشى يەنىلا كەڭ كىتابخانلارنىڭ ئەتراپلىق ئىزلىنىپ تەتقىق قىلىشىغا باغلىق دەپ قارايمىز. 

قەشقەر پەقەت شەھەرنىڭلا خاس نامى بۇلۇپ، ئۇ قەشقەرىيە دەپ ئاتالغان جايلارنىڭ ئىسمى ئەمەس، چۈنكى، “قەشقەرىيە” كەڭ مەنىدىكى ئىسىم. ئۇ ھازىرقى قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىن ھالقىپ، ئالتە شەھەر دەپ ئاتالغان جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. شۇ كەڭ دائىرىنىڭ سودا، مەدەنيەت ۋە سىياسىي مەركىزىنىڭ قەشقەر بولغانلىقى تارىختا بەش قولدەك ئايان. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ بۇ يەردە توختالغىنىمىز “قەشقەرىيە” بولماستىن بەلكى، ئاشۇ مەركەز – قەشقەر شەھرىدۇر.

رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، قەشقەر شەھەر قەلئەسىنىڭ جايى ئۈچ قېتىم ئالماشقان. دەسلەپكى ئورنى ئاتۇشتىكى مەشھەت دېگەن جايدا بولغان. ئىككىنچى قېتىم ئورنى- ئاتۇش يولىدىكى “خان ئۆي” دېگەن جايغا يۆتكەلگەن، پايتەخت خان ئۆيگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، خېلى زور يۈكسىلىش ۋۇجۇدقا كەلگەن. بۇ جاي گەرچە قاراخانىلارنىڭ قۇدرەتلىك پادىشاھى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە تەختىگاھ بولغان بولسىمۇ، مەلۇم زاماندىن كېيىن يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ۋە سۇ يولىنىڭ تۇسۇلۇشى تۈپەيلىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ھەمدە ئاستا- ئاستا خاراب بولغان. 3- قېتىملىق ئورنى ھىجىرىيىنىڭ 940- يىلى (مىلادىنىڭ 1533- يىلى) مىرزا ھەيدەر تەرىپىدىن ھازىرقى قەلئەنىڭ بىر قىسمى بولغان ئورۇنغا يۆتكىلىپ، ئاۋات قىلىنغان ئىدى. شەھەرنىڭ ئورنى نىسبەتەن ناھايىتى كىچىك ئىدى. بۇنىڭدىن “ئىچكىرىكى شەھەر” دەپ ئاتالغان قىسمى ساقلىنىپ كەلگەن. “توققۇزاق دەرۋازا”، “قارىقى دەرۋازا” دېگەن ناملار دائىرىسى ئىچىدىكى ئۇرۇن ئەنە شۇ بۇرۇنقى شەھەر قەلئەسى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە بۇ شەھەر كىچىك سېلىنغان بولسىمۇ، كېيىنكى دەۋرنىڭ تەلىپى كېڭەيتىشنى خالىمانلىقتىن كېڭەيمەي قېلىۋەرگەن ئىدى. پەقەت 19 ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىغا كەلگەندە زوھورىدىن ھاكىم بەگ تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ “تاشقىرىقى شەھەر” دەپ ئاتالغان قىسمى قەلئە ئىچىگە قۇشۇلۇپ، سېپىل بىلەن ئېھاتەلەندۈرۈلدى. 

زوھورىدىن ھاكىم بەگ ئەسلىدە تۇرپانلىق ئۇيغۇرلاردىن ئىدى. ئۇ قەشقەردە ھاكىم بەگ ئۇنۋانى بىلەن 20 يىلدەك ھۆكۈم سۈردى. بۇ دەۋىردە ئۇ خەلق ئۈستىدىن نۇرغۇن زوراۋانلىقلارنى ئىشلەتكەن. بولۇپمۇ سېپىل ياساشقا كەلگەن كىشىلەرنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما قەشقەرگە نىسبەتەن بەزىبىر پايدىلىق ئىشلارنىمۇ قىلغان. ئۇ كۆپلىگەن بىنام يەرلەرنى ئاچقۇزۇپ تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئۇزۇن مۇساپىلىق ئۆستەڭلەرنى چېپىپ، ئاشلىق ۋە باشقا ئىگىلىكنى يۈكسەلدۈرگەن ئىدى. قەشقەر شەھرىنى كېڭەيتىشكىمۇ ئۆزى بىۋاستە باشچىلىق قىلغان ۋە قاتناشقان. بۇ ھەقتە شۇ دەۋرنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى، مۇتەپەككۇر شائىر ئابدۇرېھىم نازارى ئۆز شېئىرىدا مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: 

 

كى بىرمىڭ ئىككى يۈز ئەللىك بەش تارىخىي پەيغەمبەر ①

بىنا قىلدۇردى شەھەرنى شاھ زوھورىدىن بەلەند ئەختەر ②

دىئايارى خەلقنىڭ ھالىغا رەھمە ئەيلەپ ھىدادىيەدىن

قىلىپ قەلئەنى مەھكەم گويا سەددى ئىسكەندەر.

 

نورۇز ئاخۇن كاتىپمۇ ئۆز شېئىرىدا زوھورىدىن ھاكىم بەگنى ئەنە شۇ مەزمۇندا ئۇلۇغلاپ كۈيلىگەن ئىدى:

 

شاھ زوھورىدىن سۇلۇي ئامبال قىلىپ شەھەرنى بىنا،

ھىممەت ئالغان بۇ شاھقا بارىكاللا مەرھابا.

ئەلئەدەر سائادەت  ۋە قىلمىشتۇر پەلەكتىن بىر نىشان،

بۇ بىنا تەمىرنىڭ تارىخىغا ئەختەرنىدا ④

 

يۇقۇرىقى شېئىرلاردىن زوھورىدىن ھاكىم بەگنىڭ شەھەرنى كېڭەيتىش خىزمىتىدە ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلىقىنى بىلگىلى بۇلىدۇ. شەھەرنىڭ بۇ قېتىمقى سېپىلىنى سوقۇشتا تولىمۇ تېز تۇتۇش قىلغانلىقتىن، بىر قانچە ئاي ئىچىدىلا ياسىلىپ بولغان. يۇقۇرىقى شېئىرلاردىن سېپىلنىڭ ئوخشاشمىغان يىللار ئىچىدە ياسالغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئابدۇرېھىم نازارى ھىجىرىيە 1255- يىلىنى كۆرسىتىدۇ. نورۇز ئاخۇن كاتىپ “ئەختەر نىدا” سىدا ھىجىرىيە 1256- يىلىنى كۆرسىتىدۇ. مۇنداقتا، قارىماققا ئارلىقتا بىر يىل پەرق بارلىقى ناھايىتى روشەن. لېكىن بۇنى تەھلىل قىلىپ كۆرگىنىمىزدە، ھەر ئىككىسىنىڭ توغرا بۇلۇپ، سېپىلنىڭ قۇرۇلۇشى 1255- يىلىنىڭ ئاخىرىدا باشلىنىپ، 1256- يىلىنىڭ باشلىرىدا پۈتكەنلىكى مەلۇم. ھەر ھالدا، سېپىلنىڭ ئالتە ئايدا ياسىلىپ بولغانلىقى ئېيتىلىدۇ.

بۇ قېتىملىق شەھەر پىلانى ئەسلىدە شىمالدا تۈمەن دەرياسى، جەنۇپتا قىزىل دەرياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا يانداشتۇرۇپ سېلىنماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ چوڭ موللىلىرىدىن بولغان موللا سادىق ئەلەم ۋە تۇردى شەيخ دېگەنلەرنىڭ ئارقىدا غەيۋەت – شىكايەت قىلىپ قارشى چىقىشى بىلەن پىلان ئۆزگەرتىلىپ، كىچىكلىتىلگەن. بۇلار ئۆز شىكايەتلىرىدە: “زوھورىدىن ھاكىم بەگ ئۆزى تۇرپانلىق بولغىنى ئۈچۈن، ئىسكەندەر ۋاڭنىڭ قەبرىسنى شەھەر دائىرسىگە كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى كۆتۈرمەكچى دېگەن سۆز- چۆچەكلەرنى تارقاتقان. بۇ سۆزلەردىن رەنجىگەن ھاكىم بەگ، ئىسكەندەر ۋاڭنىڭ گۈمبىزىنى شەھەر سىرتىدا قالدۇرۇپ، موللا سادىق ئەلەمنىڭ شىمال تەرەپتىكى (تۆرە يارباغ دېگەن جايدىكى) بېغى بىلەن تۇردى شەيخنىڭ جەنۇپ تەرەپتىكى (قۇم دەرۋازىدىكى) بېغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تانا تارتىپ، شەھەر دائىرسىنى كىچىكلىتىپ، سېپىلنى ئۇلارنىڭ بېغى ئۈستىگە سېلىپ، جازالىغان. شەھەرنىڭ ئاشۇ ھالىتى تاكى 1950- يىللارغىچە ساقلىنىپ كەلگەن.

قەشقەر شەھىرى گەرچە زوھورىدىن ھاكىم بەگ تەرىپىدىن كېڭەيتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يىڭىدىن قۇشۇلغان جايلىرى بىردىنلا ئاۋات بۇلۇپ كېتەلمىدى. بۇلۇپمۇ غەرب تەرەپتىكى سازلىق بىلەن گۆرستانلىق كىشلەرنى كۆنۈكتۈرەلمىدى. پەقەت بىر قانچە يىللاردىن كېيىن، جەنۇبتا قوزغالغان راشىدىن خوجا قوزغىلىڭى① ئەسناسىدا ھاكىميەت بېشىغا چىقىۋالغان بەدۆلەت (ياقۇپ بەگ) تەرىپىدىن راۋاجلاندۇرۇلۇپ، شەھەرنىڭ غەرب تەرەپتىكى يىڭى قىسمى ئاۋاتلاشتى. بولۇپمۇ ھېيتگاھ جامەسىنىڭ كېڭەيتىپ قايتا ياسىلىشى ۋە بارلىق ھېيت- بايرام مۇراسىملىرىنىڭ بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلۈشى، بۇ قىسىمنىڭ تېخىمۇ ئاۋات بۇلۇشىغا سەۋەب بولدى. ياقۇپ بەگنىڭ ئوردىسى دەپ ئاتالغان باش مەمۇرىي ئورگاننىڭ دەرۋازىسى شۇ تەرەپكە قارىتىلغانلىقتىن، “ئوردا ئالدى” دەپ ئاتالدى. ھېيتگاھ مەيدانى بىلەن ئوردا ئالدى ئارىلىقىدىكى جاي چەت ئەللىكلەر تۇرىدىغان ئۇرۇن بولغانلىقتىن “ئەلچىخانا” دەپ ئاتالدى ۋە شەھەرنىڭ ئاساسىي مەركىزىي بۇلۇپ قالدى. 1878- يىلى ياقۇپ بەگ ھاكىميىتى ئاغدۇرۇلۇپ، ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولدى. 

قەشقەرگە كېلىپ ھاكىميەت بېشىدا تۇرغان لى جۇيا بەزى جايلارنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، ھېيتگاھ مەيدانى ئۆز رولىنى يوقاتمىغان ئىدى. ھىجىرىيىنىڭ 1315- 1317- يىللىرى (مىلادىيە 1898- يىلى) لويجى دارىن تەرىپىدىن شەھەرنىڭ غەربىگە يانداپ سالدۇرغان كىچىك قەلئە شەھەر دائىرسىنى يەنىمۇ زورايتتى. بۇ كىچىك قەلئە يۇمىلاق دائىرلىك سېپىل ئىچىگە ئېلىنغانلىقتىن، خەلق بۇنى “يۇمىلاق شەھەر” دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭ غەربىگە قۇرۇلغان دەرۋازىسى بۇ شەھەرنىڭ غەربىي تەرپىدىكى يېزىلارغا قاتنايدىغان ئېغىز بۇلۇپ قالغانلىقتىن، خەلق ئۇنى “يېڭى دەرۋازا” دەپ ئاتىدى. شۇنىڭ بىلەن قەشقەر شەھرىنىڭ دەرۋازىسى تۆتكە يېتىپ، شەھەر قاتنىشىدا خېلىلا ئوڭايلىق تۇغۇلدى. 

ھىجىرىيىنىڭ 1326- يىلى (مىلادىنىڭ 1909- يىلى) لوشەنتۈي تەرىپىدىن يۇمىلاق شەھەرگە چوڭ بىر يامۇل سالدۇرۇلدى. خەلق بۇنى “شىتەي يامۇلى” دەپ ئاتىدى. 1912-، 1923- يىللىرى قەشقەردە، دەۋىر سۈرگەن ھەربىي قوماندان شىتەي لۈيجاڭ ماجىئۇ مۇشۇ جايدا تۇرغان ئىدى. ماجىئۇ سېپىلىنىڭ ئۈستىگە يانداپ، تۆت قەۋەتلىك راۋاق سالدۇرۇپ، شەھەرگە سۈرلۈك تۈس پەيدا قىلدى. راۋاقنىڭ تۆت ئەتراپى ئەينەكتىن ياسالغاچقا ئالاھىدە كۆركەم مەنزىرە ھاسىل قىلدى. راۋاق خېلىلا ئېگىزلىككە ياسالغانلىقتىن، ئۈستىدە تۇرۇپ قارىغان كىشى شەھەرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى كۆرۈپ تاماشا قىلالايتتى. شۇنىڭدەك راۋاقنىڭ ئالدىدىكى “يۇمىلاق شەھەر كۆلى” دەپ ئاتالغان چوڭ كۆلنىڭ ھاۋاسى ۋە مەنزىرىسىدىن كۆڭۈل ئاچالايتتى. 

بۇ قورغانچىنىڭ ئەسلى نامى كونا گۈلباغ ئىدى. مىلادىنىڭ 1554- يىلى قەشقەردە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مىرزا ھەيدەر ① ياساتقان تۆت باغنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى. جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭىدىن كېيىن ۋەيران قىلىپ تاشلاندى. شۇنداق بولسىمۇ، مانجۇلار بۇ يەردە ھەربىي قىسىم تۇرغۇزدى. بۇ جاي ياقۇپ بەگ ھاكىميىتى دەۋرىدە يەنە تاشلىنىپ قالدى. كېيىن زوزۇڭتاڭنىڭ ئەسكەرلىرى قەشقەرگە كەلگەندىن تارتىپ يۇمىلاق شەھەر ھەربىي لاگىر بۇلۇپ قالدى.

قەشقەر شەھىرى يېقىنقى بىر ئەسىر دۋامىدا “كونا شەھەر”، “يېڭى شەھەر” دېگەن ئىككى قەلئەگە بۆلۈندى. يىڭى شەھەرنى- تۇڭ دارىن دېگەن كىشى 1854- يىلى بىنا قىلدۇردى. يېڭى شەھەر قەلئەسى كونا شەھەرنىڭ جەنۇبىغا توققۇز كېلومېتىر كېلىدىغان ئىككى دەريانىڭ ①ئوتتۇرسىغا جايلاشقان ئىدى، بۇ قەلئە شۇ زاماندىن تارتىپ ھەربىي لاگېر بۇلۇپ كەلدى. مەسىلەن، ياقۇپ بەگنىڭ “قوش بەگلىك مەھكىمىسى”، جىنشۇرىننىڭ “سىجاڭ يامۇلى”، گومىنداڭنىڭ “جىڭبىي سىلىڭبۇسى” مۇشۇ شەھەرگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغانلىقىغا تارىخنىڭ ئۆزى شاھىد. 

قەشقەر شەھىرى تارىختا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئالتە شەھەرنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. ئەينى چاغدىكى ھەربىي، مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئورگانلىرى مۇشۇ شەھەردە تەسىس قىلىنغان. بۇ شەھەرنىڭ سېپىلى ئېگىز، پۇختا، ئەتراپلىرى خەندەك بىلەن ئورالغانلىقتىن ئۇرۇشتا ئاسان قولدىن كەتمەيتتى

ھېيتگاھ جامەسى قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ جامە، ھېيتگاھ مەيدانى قەشقەردىكى ئاۋات سودا، مەدەنيەت مەركىزىدۇر، ئۇ قەشقەرگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزەرىنى ئۆزىگە تارتماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ كۈن چىقىش تەرەپكە ئېچىلغان چوڭ دەرۋازىسى، پەشتىقى، ئاق گۈمبىزى، ئىككى تەرەپتىكى نەقىشلىك مۇنارلىرى شەھەرگە ئالاھىدە كۆركەملىك بېغىشلاپ تۇرىدۇ. 

جامەنىڭ قۇرۇلۇش سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكى، بۇنىڭغا ئىشلىگەن تامچى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ نەقەدەر ماھارەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر بىناكارچىلىقىنىڭ خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھەر يىلى ئىككى ھېيتتا چېلىنىدىغان ناغرا، سۇناي ئاۋازى كىشىلەرنى ئۆزىگە شۇنداق جەلپ قىلىدۇكى، بۇ قىزىقارلىق مەنزىرىدىن كۆز ئۈزۈپ ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ناغرا سۇنايچىلارنىڭ تەرەننۇم قىلىشى بىلەن، بۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە دېگۈدەك ئاۋام خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ئۆز زامانىسىدىكى ئەخمەت ئاكا سۇنايچى، روزى ئاكا (باشى) لار ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتى بىلەن بارلىق ھېيت ئىشتراكچىلىرىنىڭ رەھمىتىنى ئالاتتى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ھەربىر قېتىملىق ھېيتتا ئالاھىدە ئالقىشقا ئىگە بۇلاتتى. گېزى كەلگەندە بۇ ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا ئوينىلىدىغان ساما ئۇسۇلى ھەققىدىمۇ ئازراق سۆز قىلىپ ئۆتسەك يامان كەتمەس؛ قەشقەر خەلقى، ناغرا، سۇناينىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلاشقا بەكمۇ خۇشتار، روزى ھېيت، قۇربان ھېيتتىكى ئالتە كۈنلۈك ئارام ۋە خۇشاللىق ۋاقتىنى ئاشۇ ناغرا، سۇناينىڭ يېقىملىق سادالىرى ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. ھېيت كۈنلىرى ئومۇم كىشىلەرنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ساما سېلىش بۇ يەردىكى خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ شۇغۇللىنىدىغان ئەنئەنىۋى پائالىيىتىدۇر. “ساما” بىر خىل سەنئەتلىك ئۇيۇن بۇلۇپ، ئۇ ئادەتتىكى كۆڭۈل ئېچىشتا ئوينىلىدىغان ئۇسسۇلىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئۇسسۇل ئادەتتە يالغۇز كىشى، ئىككى كىشى ياكى بىر قانچە كىشى تەرىپىدىن ئۇرۇنلانسا، “ساما” نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ئۇرۇنلىنىدۇ. يۈزلىگەن كىشىلەر ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ھەربىر كىشى ئۆز دائىرسىدە بىر خىل رەتلىك ئايلىنىدۇ. تاماشىبىن شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ بىر خىل رەتلىك ئايلانغانلىقىنى كۆرگەندە گويا بىرلا كىشى ھەركەتلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. “ساما” دا پەقەت ناغرا، سۇناينىڭ ئاھاڭ يۆتكىشى بىلەن رېتىم ئالمىشىدۇ. مەيدانغا چۈشۈپ “ساما” سالغانلارمۇ ناغرا- سۇناينىڭ مۇڭلۇق، يارقىن، يېقىملىق ئاۋازىدىن ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ. بۇ مەيدانغا يىغىلىپ ھېيت تەنتەنىسى قىلىۋاتقان جامائەتمۇ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۈتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالىدۇ. 

بۇ ئىككى ھېيت مەزگىلدە ھېيتگاھ مەيدانىدا ھېيت تەنتەنىسىنى ئۆتكۈزىدىغانلار يالغۇز قەشقەر شەھرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇلۇپ قالماستىن، قەشقەرنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرىدىن ھەتتا چەت ۋىلايەتلەردىنمۇ كىشىلەر كېلىپ ھوزۇرلىنىدۇ. مانا مۇشۇ مەزگىللەردە قەشقەر شەھىرى خۇددى ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. كىشىلەر ئۇنتۇلغۇسىز خۇشاللىق ھېس قىلىشىدۇ.

ھېيتگاھ جامەسى، شىنجاڭ بويىچە، شۇنداقلا مەملىكىتىمىز بويىچە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەسچىت ۋە مەدرىسىدۇر. بۇ جامە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دىنىي ساھەدىكىلەر ئارىسىدا زور تەسىرگە ئىگە، ھەمدە قەشقەرنىڭ ئىلىم- مەرىپەت، ھۈنەر- سەنئەت ماكانى بۇلۇشتەك ئېسىل خىسلىتىنىڭ نامايەندىسى، شۇنداقلا باتۇر، ئەمگەكچان، ئەقىل- پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلق بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تىپىك نەمۇنىسىدۇر. 

ھېيتگاھ جامەسىنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى- 140 مېتىر، غەربتىن شەرققە بولغان كەڭلىكى 120 مېتىر، ئۇمۇمىي يەر مەيدانى، 25. 22 مو كېلىدۇ. بۇ جامە: دەرۋازا، ھويلا، مەسچىت، مەدرىس، ھۇجرىدىن ئىبارەت تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. دەرۋازا قىسمىدىن ئالغاندا مۇنار، دەرۋازا، گۈمبەز قاتارلىق ئۈچ قىسىم بىر- بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ بىر گەۋدە ھاسىل قىلىدۇ. 

جامە چوڭ دەرۋازىسىنىڭ كەڭلىكى 4. 30 مېتىر، ئېگىزلىكى 4. 70 مېتىر كېلىدۇ. چوڭ دەرۋازا ئورنىتىلغان تامغا مېھراب شەكىللىك نەقىشلەنگەن تەكچىلەر چىقىرىلغان. دەرۋازىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى تامغا رەڭدار زىننەتلەنگەن تۆت مېتىر كەڭلىكتە، يەتتە مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىككى مېھراب، ئەگمە شەكىللىك ناۋا ئاستىغا قۇرئان كەرىمنىڭ بىر نەچچە ئايەتلىرى يېزىلغان ئىككى مېتىر كەڭلىكتە، بىر مېتىر ئېگىزلىكتە رەڭدار نەقىشلىك بىر چاسا تاختا بار.

دەرۋازىنىڭ ئىككى يېنىدا ئېگىز، ھەيۋەتلىك، كۆركەم سېرىق سىر بىلەن چىرايلىق سىرلانغان ئىككى مۇنار بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 19 مېتىر كېلىدۇ. بۇ مۇنارلار شەھەرگە كۆركەم، ھەيۋەتلىك تۈس بېرىدۇ. بۇ ئىككى مۇنارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان گەج ۋە پىششىق خىش بىلەن ئېتىلگەن چاتما تامنىڭ ئارىلىقى 28 مېتىر كېلىدۇ. مۇنارنىڭ ئىچىدە ئايلانما پەلەمپەيلەر بۇلۇپ، مەزىن، ئاخۇنۇملار شۇ پەلەمپەيلەر بىلەن ئۈستىگە چىقىپ مۇسۇلمانلارنى نامازغا چاقىرىدۇ. مۇنارنىڭ ئۈستىگە تۆمۈر دەستلىك ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ئاينىڭ شەكلى ئورنىتىلغان. ھەممە ئادەمنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ. 

جامەنىڭ شەرق تەرىپىدىكى چوڭ دەرۋازىسىدىن كىرىش بىلەن گۈمبەز ئىچىگە كىرىسىز، گۈمبەزنىڭ سەككىز بۇرجەكلىك ئايلانمىسى، ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە جامە سەيناسىغا كىرىدىغان مېھراب شەكىللىك ئىشىكى بار. 

گۈمبەزنىڭ سىرتقى ئايلانمىسى 40 مېتىر، ئېگىزلىكى 12. 5 مېتىر، ئۈستى ئېگىزلىكىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا بىر مۇنار بېكىتىلگەن بۇلۇپ، بۇ مۇنارنىڭ يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 17. 5 مېتىر كېلىدۇ. بۇ گۈمبەز ئالەم گۈمبىزى بىلەن رىقابەتلەشكەندەك تىك تۇرىدۇ. دەرۋازىنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلىرىگە يۆلەپ سېلىنغان 46 ئېغىزلىق دۇكان بۇلۇپ، بۇ دۇكانلارنىڭ ئىجارىسى مەسچىت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. 

ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدى- شەھەرنىڭ ئەڭ قۇيۇق ئېلىم- سېتىم، سودا بولىدىغان بازىرىدۇر. بۇ جامە دەرۋازىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئېگىز ھەم ئازادە بىر پەشتاق ياسالغان، ھەر يىلى قۇربان ھېيت ۋە روزى ھېيت كۈنلىرىدە پەشتاقتا ناغرا، سۇناي ئاۋازى ياڭراپ، ھېيتگاھ مەيدانىغا توپلانغان تۈمەنلىگەن كىشىلەر بايرام خۇشاللىقىنى تەنتەنە قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇن- ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى قۇتلۇقلايدىغان مەيدانى بولغاچ ھېيتگاھ دەپ ئاتىلىدۇ. پۈتۈن مەسچىت سەينا (ھويلا) سىنىڭ كۆلىمى ئىككى مودىن ئارتۇق، ئىككى كۆل بار. بۇ جامەدە ھەر كۈنى 3- 4 مىڭ كىشى، جۈمە كۈنلىرى 5- 10 مىڭ كىشى ناماز ئوقۇيدۇ. ھېيت كۈنلىرىدە 40- 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ناماز ئوقۇيدۇ. جامە ھويلىسى بىلەن ئايۋاننى جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ماشرەڭ سىرلانغان رىشاتكا ئايرىپ تۇرىدۇ. رىشاتكىنىڭ ئېگىزلىكى 1. 50 مېتىر، ئايۋانغا كىرىش ئۈچۈن ئۈچ ئورۇنغا ئىشىك ئورنىتىلغان. 

مەسچىت قىسمى ئىچكىرىكى مەسچىت (خانىقا) تاشقىرىقى مەسچىت (پىشايۋان)، كايىۋاندىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئىچكىرىكى مەسچىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 36. 5 مېتىر، كەڭلىكى 10. 5 مېتىر، ئۇمۇمىي يەر كۆلىمى 456 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.

جامەنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى تامغا چىقىرىلغان مېھرابتا خاتىپ ئاخۇنۇم خۇتبە ئوقۇيدۇ. تاشقىرىقى مەسچىت، كايۋانلارنى قوشۇپ ئۈستى يېپىلغان قىسمىنى ھېسابلىغاندا 2660 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. ئايۋان تۇرۇسلىرىنى يەتتە مېتىر ئىگىزلىكتىكى 140 تال تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. دېمەك، جامە دەرۋازا، مۇنارلار، پەشتاقلار، گۈمبەز- رىشاتكىلار، ئاجايىپ نەقىشلەنگەن تۈرلۈك قۇرۇلمىلار بىلەن پۈتۈن شىنجاڭغا مەشھۇردۇر.

ئالتە شەھەرنىڭ “بىلىم بۇلىقى” ھېسابلانغان قەشقەر ئۆزىنىڭ تارىخى ئورنى، ئۆز مۇھىتىدىكى تەرەققىياتى ۋە مەدەنيىتى بىلەن پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسەتكەن دىنى، ئىلمى مەركەزدۇر. 

خەلقتىكى چېچەنلىك، بىلىم- مەدەنيەتكە ئامراقلىق، يۈكسىلىشكە ئىنتىلىش ئۆز ئارا ئالىي ھىممەتلىك بۇلۇشقا ئوخشاش پەزىلەتلەر، ھېلىمۇ ئىپتىخارلىنىشقا تېگىشلىكتۇر. شۇڭلاشقا، خۇسۇسەن يېقىنقى ئەسىرلەردىن بېرى دىنىي بىلىم يۇرتى يەنىمۇ يۈكسىلىپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىلىملىك بۇلۇشى كاپالەتلىنىپ كەلدى. ئىلگىرى كىشىلەر كۆپ ۋاقىت نۇرغۇنلىغان ئىقتىساد… لارنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە بۇخارا، ئىستامبۇل، يېڭى دېھلى، دەمەشق قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئوقۇپ كېلىشكەن بولسا، كېيىنكى كۈنلەردىكى يۈكسىلىش ئارقىسىدا ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن راۋاجلىنىش، كىشىلەرنىڭ بىلىم ئېلىش يولىدا چېكىدىغان مۇشەققەتلىرىنى بىر قەدەر يېنىكلەتتى. ئىلگىرى دىنىي بىلىم جەھەتتە بۇخارا يۈكسەك ئورۇننى ئىگىلىگەن بولسا، يەرلىك بىلىملىك كىشىلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ۋە قەشقەردە بىلىم تەھسىل قىلغانلارنىڭ تىرشىشى ئارقىسىدا، كېيىنكى چاغلاردا قەشقەر شەھىرى بۇخارادىن ئاشۇ ئۈستۈنلۈكنى تارتىۋالغان ئىدى. نەتىجىدە چەت ئەللەرگە بېرىپ ئوقۇش ئېھتىياجى بىر قەدەر تۈگەپ، خەلقنىڭ ئوقۇش، ئىلىم ئېلىش تەشنالىقى بىر قەدەر قاندۇرۇلدى. بۇ يۈكسىلىش يالغۇز قەشقەر خەلقىنىڭ ئەمەس، بەلكى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي، شىمالىي، شەرقىي تەرەپلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەرنى بىلىم ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ھەر يىلى جاي- جايلاردىن كەلگەن مىڭلىغان تالىپلار مەدرىسلەردە يىل بويى ئىستىقامەت قىلاتتى ۋە چەككەن رىيازەتلىرىگە يارىشا بىلىم ئېلىش يۇرتلىرىغا قايتىشاتتى. “سانى بۇخارا” ① دېگەن ئاتاققا ئىگە بولغان قەشقەر شەھىرى ئەنە شۇ ئەنئەنىلىرى بىلەن خېلى دەۋرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. شۇڭلاشقىمۇ قەشقەر موللىلىرى باشقا يۇرت موللىلىرىغا قارىغاندا ئۈستۈن ھۆرمەتكە ئېرىشتى. ئۇلار ئۆز زامانىسىدا خەلق ئۈچۈن ياخشى تۆھپىلەرنى ياراتقان. يىراقنى ئېلىپ ئېيتقاندا 20 ئەسىرلەردە ئۆتكەنلەردىن ئۇلۇغ ئالىم تىلشۇناس مەھمۇت قەشقەرى، مۇتەپەككۇر شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئەنە شۇنداق تۆھپىكارلاردىن بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

ئۇلارنىڭ “تۈركىي تىللار دىۋانى”، “قۇتادغۇ بىلىك” ناملىق ئەسەرلىرى جاھانغا مەشھۇر بولدى. ئۇيغۇر خەلقى پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركلوگلار ۋە دىۋانشۇناسلار قىزىقىپ تەھلىل، تەتقىق قىلىۋاتقان بۇ ئىككى ئالىم بىلەن پەخىرلىنىدۇ.

يېقىنقى زاماندىن ئېلىپ ئېيتقاندا قانچىلىغان ئالىملار، ئاسترونوملار، تېۋىپلار، يازغۇچى، شائىرلار يېتىشىپ چىقتى. بۇلار ھېچقانداق چەتنىڭ ياردىمىسىز ئۆسۈپ يېتىلدى ۋە ئۆز زامانىسىدا ئەۋلادلارغا ئۈلگە بولغۇدەك خەلق ئۈچۈن زور خىزمەتلەر كۆرسەتتى. مىر مۇھەممىدى قازى كالان، ئابدۇلقادىر قازى كالان، موللا ئاخۇن قازى كالان، باھاۋىدىن مەخسۇم ئەنە شۇ كىشىلەر جۈملىسىدىندۇر. ئۇلار ئۆز دەۋرىدە قەشقەرنىڭ بۈيۈك ئەربابلىرىدىن بۇلۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنى بىلىملىك قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىققان. يۇرت خەلقىنى باشلاپ، ياتلارنىڭ بوزەك قىلىشلىرىغا، زورلۇقلىرىغا قارشى كۆرەشكەن. مىر مۇھەممەت قازى كالان “بەدۆلەت” نىڭ ھەربىي ئىستبداتىغا بوي ئەگمىگەن بولسا، ئابدۇلقادىر قازى كالان يۈرەكلىك بىلەن جان پىدا قىلىپ چىڭ سۇلالىسنىڭ قەشقەردىكى ئەمەلدارى لى جاۋىننىڭ زورلۇق ئىشلىتىپ، خەلقنىڭ مۇقەددەس جايى ھېسابلانغان جامەسىنى بۇتخانا قىلىۋېلىشىدىن ساقلاپ قالغان. باھاۋىدىن مەخسۇم چاروسىيە كونسۇلىنىڭ سوراققا تارتىشىغا پىسەنت قىلماي ئەيىبىنى ئۆزىگە ئارتىپ يۈزمۇ يۈز مۇنازىرلىشىش نەتىجىسىدە ئۇنى لەت قىلغان. قەشقەر خەلقى ئۇنىڭ بۇ مەردانىلىقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. “دارازا” (ئۇزۇن- ئېگىز) دەپ ئاتالغان موللا ئاخۇن قازى كالان، چاروسىيەنىڭ زومىگەرلىك قىلىشىغا قارشى باتۇرانە كۈرىشىپ جازانىخورلۇق، بېسىمدارلىق بىلەن خەلقنى قاقشاتقان زوراۋانلارنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقارغان… يېقىنقى زامانلاردا ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ يېتىشكەن مۇنەۋۋەر ئالىملاردىن ئابدۇقادىر داموللا، ئابدۇۋارس ئوغلى، شەمشىدىن داموللا، سابىت داموللىلارغا ئوخشاش زىيالىلار، قۇتلۇق ھاجى شەۋقىگە ئوخشاش ئەدىبلەر بىر تەرەپتىن ئۆز خەلقىنىڭ بىلىم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن پۈتۈن يۈرەك قېنى- ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى بېغىشلىدى. ئۇلار تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، خەلقنىڭ بىلىملىك بولۇشىنى ئالغا سۈردى. ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەرلەر يېزىپ ۋە گېزىتلەرنى نەشىر قىلىپ خەلقنى ئويغىتىش، جاھالەت نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. جۈملىدىن قىزلار ۋە ئاياللارنىڭ قەدرىگە يېتىش ۋە ئۇلارنى بىلىملىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشتى. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ “نەسىھەتۇل ئامما”، شەمسىدىن داموللىنىڭ “ئولموھا توزموچەيىن”، سابىت داموللامنىڭ “شېرىن كالام” دېگەن ئەسەرلىرى ئەنە شۇ مۇددىئادا يېزىلغان. بۇ ئەسەرلەر خەلقنى تەربىيلەش رولىنى ئوينىدى. ئەل ئارىسىدا يۇقۇرى ئابروي قازانغان بۇ ئالىملار، قەشقەردىكى مەدرىسلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىپ يېتىشكەندۇر. قەشقەر شەھرىدە مەشھۇرراق مەدرىسلەردىن ئەينى زاماندا ئون نەچچىسى بار ئىدى. بۇ مەدرىسلەر شەھەرنىڭ كۆجۈم كوچىلىرىغا ئۇرۇنلاشقان ئىدى. كۆركەملىك، ھەشەمەتلىك جەھەتتە بىر- بىرىدىن قېلىشمايتتى. بۇ مەدرسلەر گۈللۈك ئويما، كۆپتۈرمە، نەقىشلەر چېكىلگەن كاشا بىلەن كۆركەم ياسالغان. پەشتاق، گۈمبەزلىرى ئېگىز، ھەيۋەتلىك، مۇنارلىرى كۆركەم بۇلۇپ شەھەرگە ئالاھىدە گۈزەل تۈس كىرگۈزگەن ئىدى. 

قەشقەر شەھرىدىكى مەدرىسلەر قەشقەرنىڭ ئۆزىدە ھۆكۈم سۈرگەن خانلار ① ھېكىملار، بەگلەر تەرىپىدىن سېلىنغان.

قاراخانىلار دەۋردە بارلىققا كەلگەن قەشقەر شەھىرىدىكى “ساچىيە”، دۆلەتباغدىكى “ھامىدىيە”، ئوپالدىكى “ماھمۇدىيە” مەدرىسلىرى شۇ دەۋرلەردىكى مەشھۇر ئالىم، ئەدىب، سەركەردىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققان بىلىم باغچىلىرى ئىدى. 13 ئەسىردە بىلىم يۇرتى بۇلۇپ گۈللەنگەن ئازنە مەسچىت (چاسا چاپان بازىرىدىكى) گە قەدەم تەشرىپ قىلغان شەيىخ سەئىدى بۇ يەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر تالىپلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىگە ئاپىرىن ئوقۇغان ھەم تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلغان. 

سەئىدىيە خانلىرىدىن ئابدۇللاخان نامىدا سېلىنغان “خانلىق مەدرسە” 400 يىللىق تارىخقا ئىگە. 350 يىللىق تارىخقا ئىگە “ساقىيە مەدرىسە” سى قاتارلىقلار مەشھۇر مەدرىسلەردىن ئىدى. بۇ مەدرىسلەر ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن بۇلۇپ ھېسابلىناتتى. 

ۋاڭلاردىن يۇنۇس ۋاڭنىڭ “ۋاڭلىق مەدرسە” سى، ھېكىملەردىن “تاجى ھېكىم بەگ مەدرسە” سى، “ئۆمەر ھېكىم بەگ مەدرسەسى”سى، بەگلەردىن قۇربان دورغانىڭ “دوغا مەدرىسە” سى قاتارلىقلار بەدۆلەت ھاكىميىتىنىڭ ئالدى- كەينىدە ياسالغان. تارىخى 100 يىلدىن ئاشىدۇ. بايلار تەرىپىدىن ياسالغان مەدرسلەرمۇ مەلۇم سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە توختى خۇجا ياساتقان “كەنجازا مەدرسە” سى ۋە “مەدرسە كىمىرىيە” دەپ ئاتالغان قازانچى مەدرس قاتارلىقلارمۇ مەشھۇردۇر. بۇ مەدرسلەر ئۇمۇمەن خەلقنى ئىلىم- مەرىپەتتىن نەپ ئالدۇرۇپ، يۇرتقا ئىلىم نۇرىنى چاچقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن 1000 يىل ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق بىر مەزگىلنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. بۇ مەدرسلەرنىڭ ئەسىرلەر داۋامىدا مەزمۇت تۇرۇشى، بۇنى ياسىغان بىناكار ئۇستىلارنىڭ بىلىم- ھۈنەر سەنئىتىدە يىراقنى كۆرەرلىكىنى، نەقەدەر ئۇستا ۋە كامىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

قەشقەردە 20 ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە كېسەللەرنى ياۋروپاچە داۋالاش يوق ئىدى. كىشىلەر كېسەللىكلىرىنى يەرلىك ھۆكۈمالارغا داۋالىتاتتى. تېۋىپ دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ھۆكۈمالار ئۆز قابىليىتىگە يارىشا كېسەللەرنى داۋالاپ، خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش يولىدا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشاتتى. جەنۇبىي شىنجاڭدا بۇلۇپمۇ قەشقەردە زامانىۋى دوختۇر ۋە دوختۇرلۇق سايمانلىرى يوق بۇلۇشىغا قارىماي يەرلىك ھۆكۈمالار ئوبدانلا رول ئويناپ كەلگەن ئىدى.

قەشقەر خەلقى يېقىنقى زامان ھۆكۈمالىرىدىن ھەيدەر ئاخۇنۇم، قاسىم ئۆمەر ھاجىم، سوپى ئاخۇنۇم، خوجا ئابدۇللاخان، خوجا قادىر ھاجىملار بىلەن پەخىرلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە سوپى ئاخۇنۇم ھەققىدىكى تۈرلۈك تەرىپ ۋە ماختاشلار تاكى ھازىرقى كۈنلەرگىچە داۋام قىلىپ كەلدى.

سوپى ئاخۇنۇم قەشقەر شەھرىدىن بۇلۇپ، ئۇ ھەيدەر ئاخۇنۇمنىڭ شاگىرتى ئىدى. بۇلار خۋىئى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ياشىغان، تىبابەتچىلىك بىلەن شۆھرەت قازانغان، بۇ كىشىنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى “تىببىي لوقمان” سېستىمىسىدا بۇلۇپ، كېسەل داۋالاشتا قۇشلارنىڭ ئورگانىزىمى، ئۆسۈملۈكلەردىن تەييارلانغان دورىلار بىلەن سانسىز ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتقان. ئۇ ئىلمىي نۇجۇمدىن خېلىلا مەلۇماتلىق بولغانلىقتىن، كېسەللەرنى يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ تەكشۈرۈش، كېسەل كىشىنىڭ سىرتقى تەبىئىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىش- ئۇنىڭ داۋالاشتىكى ئالاھىدىلىكى ئىدى. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ بۇ تالانتلىق ئالىمى توغرىسىدا قىزىقارلىق ھېكايىلارنى ئېيتىشىپ كەلمەكتە؛ بىر قانچە مىسال كەلتۈرەيلى: بىر كۈنى بىر ئادەم يەنە بىر كېسەل ئادەمنى كۆتۈرۈپ داۋالاتقىلى كېلىۋاتسا، سوپى ئاخۇنۇم كۆرۈپلا، “مانا بۇ قىزىق! ھايات ئادەمنى ئۆلۈك كىشىنىڭ كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىغا قاراڭلا”- دېگۈدەك، سوپى ئاخۇنۇمنىڭ يېنىدا تۇرغانلار ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە چۈشەنمەي تۇرغاندا ھېلىقى ئىككى كىشى يېتىپ كەپتۇ ۋە ھايال ئۆتمەي كېسەلنى كۆتۈرۈپ كەلگەن كىشى يېقىلىپ تىنمايلا جان بېرىپتۇ، بەدۆلەت سوپى ئاخۇنۇمنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ماھارىتىنى سىنىماق ئۈچۈن، بىر ئۇزۇن يىپنىڭ ئۇچىنى سوپى ئاخۇنۇمغا تۇتقۇزۇپتۇ ۋە: “ئايالىمنىڭ ساقلىقى يوق، بۇ يىپ ئارقىلىق تۇمۇرىنى كۆرۈپ بېقىڭ” دەپتۇ. سوپى ئاخۇنۇم قولىدىكى يىپنىڭ ئۇچىنى ئۇۋۋلاپ تۇتۇپ كۆرۈپ: تەخسىر! “بۇ كېسەلگە كېپەكنى كۆپ سېلىپ ھەلەپنى ئوبدان بەرگەندىلا ساقىيىپ كېتىدۇ” دەپ ھۆكۈم چىقىرىپتۇ. ھەقىقەتەنمۇ سوپى ئاخۇنۇمنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلغان يىپنىڭ بىر ئۇچى ئۆيىگە سولاپ قۇيۇلغان كالىنىڭ مۈڭگۈزىگە باغلاپ قۇيۇلغان ئىكەن. مۇتەپەككۇر ئالىمنىڭ ئىچكىرىكى ئۆيگە يۇشۇرۇپ قويۇلغان ھايۋاننىڭ تومۇر ھەرىكىتىنى يىپ ئارقىلىق بىلىپ، ئۆز لايىقىدا جاۋاب بەرگەنلىكىگە ياقۇپ بەگ ئىنتايىن قايىل بولغان. شۇندىن ئىتىبارەن ئۇنى ھۆرمەتلىگەن. شۇنىڭدەك ئۇ ئۆزىنىڭ بىر قېتىملىق ئېغىر كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقانلىقى ئۈچۈن سوپى ئاخۇنۇمغا، ھەزرەت (ئاپئاق خوجا) مازىرىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك شەيخلىق مەنسىپىنى ئىنئام قىلغان ۋە تېرىلغۇ زېمىن، باغ- ۋارانلار بېرىپ ئۆزىنىڭ مەمنۇنلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇڭا سوپى ئاخۇنۇم شەيخ دەپمۇ ئاتالغان ئىدى. ئۇ بەدۆلەت ھاكىميىتىدىن كېيىنمۇ ئۆز ئورنىنى ساقلاپ كەلگەن. لۇ جويانىڭ ئوغلىنى ئېغىر كېسەلدىن ساقايتقانلىقى ئۈچۈن، مانجۇ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشكەن ھەم لۇجويا تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئىمتىيازلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىلگەن.

سوپى ئاخۇنۇم پۈتۈن ئۆمرىنى خەلقنى داۋالاش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، يۇرتتا زامانىۋى داۋالاش ئەسۋابلىرىنىڭ يوقلىقىنى بىلىندۈرمەي، خەلقنى ۋاقىتسىز ئۆلۈم ۋە كېسەللەرنىڭ ئازابىغا ئۇچراتماي، نۇرغۇن كىشلەرنى داۋالاپ، كۆپلىگەن ئېغىر كېسەللەرنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆز ئەمگەك تەرى ۋە ئىجادىيىتى بىلەن جەمئىيەتكە خىزمەت قىلغان. شۇڭا رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئۆزىنىڭ ئۆلۈشىدىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى تەييارلىق كۆرۈپ، شاگىرت ۋە يېقىنلىرىغا ھەتتا بىر نەچچە مىنۇتلۇق ۋاقتى قالغۇچە ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىپ تۇرۇپ جان ئۈزگەن ئىكەن. 

سوپى ئاخۇنۇم يەنە روزى ھاجىم، ساقى ئاخۇن ۋە ئابدۇرېھىم ھاجىملارغا ئوخشاش ۋارسلارنى- ئىز باسارلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بۇلار ئۇستازىدىن كېيىن جەمئىيەت ساقلىقىغا خېلى زور تۆھپىلەرنى قوشتى. سوپى ئاخۇنۇم يالغۇز تىبابەتتە يۈكسەك ئۇرۇن تۇتۇپلا قالماي بەلكى ئىلمى نۇجۇم (يۇلتۇزلار ئىلمى- ئاسترونومىيە) نى ئىگىلىگەن ۋە مەخسۇس يۇلتۇزلار سايمانلىرىنى ياسىغان ھەمدە ئىشتا يۇلتۇز ھەركىتىگە قاراپ ئىش كۆرىدىغان ئۆتكۈر ئۇيغۇر ئاسترونومى ئىدى. شۇڭا بۇ كىشىنىڭ نامى ھۆرمىتى خەلق ئارىسىدا ساقلىنىپ كەلدى.

قەشقەردە يەنە ئۆتكۈر تېۋىپلاردىن قاسىم ئىمىر ھاجىم، ھەيدەر ئاخۇنۇم، خوجا ئابدۇللاخان، قادىر ھاجىملارمۇ بەدۆلەت زامانىسىدا شۆھرەت قازانغان ھۆكۈمالاردىن ئىدى. 

يېقىنقى زامان ھۆكۈمالىرىدىن مۇسا ئاخۇن تېۋىپمۇ ئىخلاسمەنلىرى كۆپ ھۆكۈما ئىدى. ئۇ “تىببىي ھىندى” ئۇسۇلى بىلەن كېسەل داۋالايتتى. ئۇنىڭ ياسىغان دورىلىرى ئۆتكۈر بۇلۇپ، تىز ئۈنۈم بېرەتتى. شۇڭا بۇ كىشىمۇ قەشقەردە شۆھرەت قازانغان. 

مۇھەممەت ھاجىم بولسا بالىلار كېسەللىكى بويىچە داڭدار ھۆكۈما بولغان. ئۇنىڭ بېرىدىغان دورىلىرى ئوت چۆپتىن ياسالغان، ئاددىيراق بولسىمۇ ئۈنۈمى يۇقۇرى ئىدى. مۇھەممەت ھاجىم مول تەجرىبىسى بىلەن كۆپلىگەن سۆزنەك، شۇنىڭدەك “خانازىر” دەپ ئاتالغان تەشمە جاراھەت كېسەللىكىنى داۋالاپ ساقايتقان ئىدى. 

يۈسۈپ ھاجىم، زۇنۇن ئاخۇن، مامۇتخان ھاجىم، ھەپىزىخان مەخسۇم… لار ھازىرقى زامان تېۋىپلىرىدىن بۇلۇپ “تىببىي يۇنان” قائىدىسى بويىچە، نۇرغۇن كېسەللەرنى داۋالىغان. 1932- يىلى فېۋرال، مارت ئايلىرىدا قەشقەردە يۈز بەرگەن قارا كېزىك كېسىلگە گىرىپتار بولغانلاردىن مىڭلىغان بىمارلار ئەنە شۇ ھۆكۈمالارنىڭ داۋالىشى بىلەن شىپا تېپىپ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان. 

قەشقەردە ياۋروپاچە داۋالاش20ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەيدا بولدى. ئۇنى 1900- يىللىرى، ئىنگىلىز، رۇس، شىۋىتلەر ئېلىپ كىردى. 1930- يىلىدىن كېيىن چېگرىدىن قېچىپ ئۆتكەن رۇس دوختۇرى بىليونىسكى، ئۆزبېك ھۆكۈماسى موھىددىن مەخسۇملار ئۆزئالدىغا كېسەل كۆرۈپ، غەربچە داۋالاشقا باشلىدى، شۇندىن باشلاپ قەشقەردە غەربچە داۋالاشنى ئۆگەنگەن بىر تۈركۈم دوختۇرلار يېتىشىپ چىقتى. ئابدۇرۇپ، ئابدۇرشىت قارى ھاجىم، ئابدۇقادىر ئاكىلار ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاتاقلىق دوختۇرلاردۇر.

قەشقەر شەھىرى 120 مەھەللىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ مەھەلىلەردە 108 مەسچىت، 20 مەدرس، 54 ساراي، ئىككى ھاممام (مۇنچا) ۋە شەھەر ئەتراپىدا بىر قانچە ئونلىغان مازارلار ① بار. 

بۇ قۇرۇلۇشلار ھەرقايسى زامانلاردا ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن چىققان ھۈنەرۋەن- ئۇستىلارنىڭ شانلىق ئەمگىكى بىلەن ياسالغان، بۇ قۇرۇلۇشلار كۆركەملىك، ئاددىي ۋە مۇرەككەپلىك، چوڭ- كىچىكلىك جەھەتلەردە پەرق قىلسىمۇ، بىر قانچە قېتىملىق رېمونت قىلىنغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بەزىلىرىنىڭ 3- 4 يۈز يىلدىن بېرى قەد كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

بۇ قۇرۇلۇشلار كۆرۈنۈشتە ئاددى- ساددا بولسىمۇ، ياسىلىشىنىڭ كۆركەم، مەزمۇتلۇقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك پولات چىۋىق، سېمونت بىلەن تام قوپۇرۇش ئىشلىرىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنلىكتىن يىراق ئىدى. لېكىن ئۇيغۇر ھۈنەر- سەنئەت ئۇستىلىرى ئۆز مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللىق بىناكارلىق سەنئىتى ۋە ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆز دىيارىمىزدىن چىققان ھاك، گەج قاتارلىق ماتېرىياللاردىن پايدىلنىپ ۋە ئۇنىڭغا ئىش قۇشۇپ، مەزمۇت، كۆركەم قۇرۇلۇشلارنى ياساپ چىقتى. تۈۋرۈكسىز يېپىلغان گۈمبەز شەكىللىك تۇرۇسلار ۋە ئۆگزىلەر ئاددىيغىنە خىش- كېسەك تام ئۈستىدە 100 يىللاپ ھەتتا بىر قانچە يۈز يىللاپ قەد كۆتۈرۈپ كۆركەم تۈسنى ساقلاپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. بوران- چاپقۇن، يامغۇر- يېشىن، قارلارنىڭ شىددەتلىك زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلىدى. كېيىنكى چاغلاردا ئېلىمىزگە زور بالايى- ئاپەت كەلتۈرگەن “مەدەنيەت زور ئىنقىلابى” ۋاقتىدا بۇ قۇرۇلۇشلارنى زورلۇق بىلەن چاققاندا ئۆتكۈر پولات ئەسۋابلارمۇ ئۇنى يىمىرىشكە ئاجىزلىق قىلغان ئىدى. بۇ ئىمارەتلەرگە گۈزەللىك بېغىشلاپ تۇرىدىغان خۇشرەڭ گۈللۈك خىشلارنىڭ ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرۇشى، ناۋايىنىڭ “كاشا سەنئىتىنى ئىگىلىگەن” دېگەن تەبىرىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ياغاچ تۆۋرۈكلەرگە، ناۋا، جەگىلەرگە، ئىشىك- دېرىزىلەرگە چېكىلگەن ئويما گۈللەر، ئۇيۇق، دېرىزىلەرگە چېكىلگەن نەپىس نەقىشلەر تامچى- ياغاچچىلىرىمىزنىڭ قانچىلىك ماھارەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە، مۇنارلار، گۈمبەزلەر، پەشتاقلارنىڭ كۆركەم، ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشى بىناكارلىق سەنئىتىمىزنىڭ ئىلمى ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

قەشقەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك قۇرۇلۇشلىرىدىن بولغان مازار قۇرۇلۇشى قەشقەرنىڭ مۇھىم ئاسارە- ئەتىقىلىرىدىن بىرىدۇر. بۇلار بىر- بىرىدىن پەرقلىق ھالدا زىننەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگىدۇر. 

تۆۋەندە مازار قۇرۇلۇشلىرىدىن ئاپئاق خوجا مازىرىنى تۇنۇشتۇرىمەن. 

ئاپئاق خوجا (ھىدايىتۇللا ئىشان) مازىرى قەشقەر شەھىرى مەركىزى ھېيتگاھ مەيدانىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدىن تەخمىنەن بەش كېلومېتىر يىراقلىقتىكى جايغا ئۇرۇنلاشقان بۇلۇپ، بۇ جاي دەل- دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان مەنزىرىلىك جايدۇر. بۇ گۈمبەزلىك مازار ئىچىگە سوپىزىم مەزھىپىنىڭ ئاتاقلىق تەرغىباتچىسى ۋە ئاقساقىلى ئاپئاق خوجا دەپنە قىلىنغانلىقتىن، شۇ نام بىلەن “ئاپئاق خوجا مازىرى” دەپ ئاتالغان. يەنە يەرلىك رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ مازارغا ئاپئاق خوجا نەسىبىدىن بولغانلار، چەنلۇڭ زامانىسىدا قەشقەردىن ئېلىپ كېتىلگەن مەشھۇر ئىپارخان (مەمۇرى ئىزىم خېنىم) دەپنە قىلغانلىقتىن ئىپارخان مازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

بۇ مازار 1640- يىلى ئەتراپىدا ياسالغان. ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مازارلارنىڭ بىرى. 

ئاپئاق خوجا مازىرىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى- ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە گۈزەل بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ نەمۇنىسىدۇر. 

بۇ مازارنىڭ يەر شەكلى ئۇزۇن چاسا، ئالدى جەنۇب تەرەپكە قاراپ تۇرىدۇ. كىرىدىغان ئىشىكىمۇ مۇشۇ ئۇرۇندا بۇلۇپ، چوڭ ۋە ھەيۋەتلىكتۇر. مازارنىڭ ئىگىلىگەن ئۇمۇمىي يەر كۈلىمى 30 مو ئەتراپىدا كېلىدۇ. ئاپئاق خوجا مازىرىنى زىيارەت قىلىدىغانلار كىرىدىغان ئىشىكنىڭ ئالدىدا ناھايىتى گۈزەل، ئەتراپى ئېگىز دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان “شەربەت كۆل” گويا قېنىق ئاسمان پارچىسىدەك يالتىراپ تۇرىدۇ. بۇ كۆلنى يانداپ ئۆتۈپ يېرىم ئاي شەكلى چۈشۈرۈلگەن دەرۋازىدىن كىرىمىز. دەرۋازىنىڭ شىمال تەرىپىدە ئىنتايىن كۆركەم ياسالغان مەسچىت بار. كايۋان ھەم خانىقادىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان بۇ مەسچىتنىڭ قورۇسى، تام، تۈۋرۈكلىرى، جەگىلىرى ئوخشاشمىغان رەڭلەردە سىرلانغان، نەقىشلەنگەن. بۇ نەقىشلەر مىللىي بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە جۇلالاپ تۇرىدۇ. 

دەرۋازىدىن مازارغا كىرگۈچە 20 مېتىر ئارلىقتا گۈمبەز قۇرۇلۇشىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان رىشاتكىلىق تام بار. ئىشىكتىن كىرگەندىن كېيىنلا نەقىشلەنگەن، رەتلىك كاھىشتىن قوپۇرۇلغان كاتتا يومىلاق گۈمبەز ھەيۋەت بىلەن نامايان بولىدۇ. بۇنى پۈتۈن مازار قۇرۇلۇشىنىڭ گۈل تاجىسى دېيىشكە بولىدۇ.

تۆت ئەتراپى چاسا شەكىلدە، ئاستى يۈزىنىڭ توغرىسى 29 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 35 مېتىر كېلىدۇ. گۈمبەز قۇرۇلۇشىنىڭ تۆت بۇرجىكىدە ئوخشاشلا پىششىق خىشتىن ياسالغان يۇمىلاق مۇنار بۇلۇپ، ئۇنىڭ تۈۋى چوڭ، ئۈستى كىچىك، تۈۋىنىڭ دىئامېترى 3. 50 مېتىر كېلىدۇ. بۇ تۆت مۇنارنىڭ ئۇچىغا، مېتالدىن ياسىلىپ ئالتۇن ھەل بېرىلگەن يېرىم ئاي شەكلى چۈشۈرۈلگەن. بۇ مۇنارلارنىڭ يۇقۇرى قىسمىدا سىلىندىرسىمان پەنجىرە شەكلىدە ياسالغان ئەزان ئېيتىش ئورنى بار. 

گۈمبەزنىڭ يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 26 مېتىردىن ئارتۇق. گۈمبەز تېمىنىڭ پۈتۈن يۈزى فارفۇر كۆك، يېشىل پىششىق خىشتىن ياسىلىپ نەقىش بېرىلگەن، رەڭگارەڭ سۈرەتلەر سىزىلغان. بەزى جايلىرىغا ئۇيغۇر، ئەرەب، پارس يېزىقىدا ھېكمەتلىك سۆزلەر يېزىلغان. 

ئاسمان پەلەك ياسالغان گۈمبەزنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ دېئامېتىرى 17 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ چوققىسىدا يېرىم ئاي شەكلى چۈشۈرۈلگەن سىلىندىرسىمان كىچىك مۇنار بۇلۇپ، خىلمۇ خىل ئويما نەقىشلىرى بىلەن كۆزنىڭ يېغىنى يەيدۇ. 

گۈمبەزنىڭ ئىشىكى جەنۇب تەرەپكە قاراپ تۇرىدۇ. گۈمبەزنىڭ ئىچى كەڭتاشا، ئېگىز ھەم يورۇق. گۈمبەز ئىچىدىكى بىر تامنىڭ ئىككى بۇلۇڭىغا پەلەمپەي ياسالغان. شۇ ئارقىلىق گۈمبەزنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئەتراپنى تاماشا قىلغىلى بۇلىدۇ. گۈمبەز ئوتتۇرىسىدىكى سۇپىدا ئېگىزلىكى، چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان قەبرىلەر قوپۇرۇلغان. ئېيتىلىشچە، بۇ گۈمبەز ئىچىگە ئاپئاق خوجا جەمەتىنىڭ بەش ئەۋلادىغا تەۋە بولغان 72 كىشىنىڭ جەسىتى دەپنە قىلىنغان. ئەمەليەتتە قاتۇرۇلغان قەبرىدىن 58 بۇلۇپ، ھەممىسى ھەرخىل رەڭدىكى كاھىش بىلەن يۈزلەنگەن ۋە ئۈستىگە يوپۇق يېپىلغان. ھەممىسى يالتىراپ تۇرىدۇ. ئەرلەرنىڭ قەبرىسى چوڭراق، ئايال ۋە بالىلارنىڭ قەبرىسى كىچىكرەك. گۈمبەز ئىچىدە مۇشۇ نەسەبتىن بىرىنچى ئەۋلاد دەپنە قىلىنغۇچى كىشى- ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ 1400- يىللىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا خېلى داڭقى چىققان سوپىزىم مەزھىپىنىڭ ئۇستازى مەخدۇم ئەزەم (خوجا ھەسەن كاسانى) نىڭ نەۋرىسى مۇھەممەت يۈسۈپ خوجىدۇر. ئاپئاق خوجا بولسا، مەھەممەت يۈسۈپ خوجىنىڭ چوڭ ئوغلىدۇر.

ئاپئاق خوجىنىڭ ئەسلى ئىسمى ھىدايىتۇللا، لەقىمى “ھەزرەت سىيد” (پەيغەمبەر ئەۋلادى دېگەن مەنىدە). ئۇ 12 يېشىدا (مىلادى 1633- يىلى) ئاتىسىنىڭ قەشقەردىكى ئىشانلىق ئىمتىيازىغا ۋارسلىق قىلغان. 1679- يىلى يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى، جۇڭغار خانلىقىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئاغدۇرۇپ تاشلاپ پادىشاھ بولغان. ئوغلى يەھيا خوجىنى قەشقەرنىڭ باش مۇپەتتىشى قىلىپ بېكىتكەن. ئىشانلىق يولىدىكى ئورنى ۋە شۇ چاغدىكى ئەمەلىي ھوقۇق تۇتۇپ پەيدا قىلغان تەسىرى تۈپەيلىدىن ئاپئاق خوجا شۇ چاغدا ۋە كېيىنكى دەۋرلەردە ئاتىسىدىنمۇ چوڭ ئابرويغا ئىگە بولغان. شۇڭا بۇ مازارمۇ ئاپئاق خوجىنىڭ نامى بىلەن ھازىرغىچە ئاتىلىپ كەلمەكتە.

يۈسۈپ خوجا 1640- يىلى يەكەندىن قەشقەرگە قايتىش يولىدا يېڭىسارنىڭ توپلۇق دېگەن يېرىدە ۋاپات بولغان. ۋەسىيەتكە ئاساسەن قەشقەرگە ئېلىپ كېلىنىپ، مۇشۇ مازارغا دەپنە قىلغان. 

قەبرە دەسلەپتە ئاددىي ياسالغان. كېيىن بىر قانچە قېتىملىق رېمونت قىلنىشتىن كېيىن ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن. گۈمبەز ئىچىدىكى باشقا قۇرۇلمىلار كېيىنكى چاغلاردا داۋاملىق ياسالغان. 

چىڭ سۇلالىسنىڭ پادىشاھى چىيەنلۇڭ 1795- يىلى دۆلەت خەزىنىسىدىن پۇل ئاجرىتىپ، تۈزەشتۈرۈپ، تەمىر قىلىشقا بۇيرۇق بەرگەن. بۇلۇپمۇ بەدۆلەت خەلقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھېيتگاھ جامەسى بىلەن، ئاپئاق خوجا مازىرىنى ئالاھىدە ياساتقان. 

گۈمبەز ئىچىدە يەنە “ئىپارخان” دەپ نام ئالغان بىر ئايال مەلىكەنىڭمۇ جەسىتى بار( ئۇنىڭ بار- يوقلىقى نۆۋەتتە ئېلىمىز ھەم خەلقئارادا تارىخشۇناسلار ئارىسىدا تالاش بۇلۇۋاتقان، تېخى ھەل بولمىغان مەسلىدۇر).

بەزى مۇنەججىملەرنىڭ دەلىللەپ بېرىشىچە، تارىخىي رىۋايەتلەردە دېيىلىۋاتقان “ئىپارخان” نىڭ ئەسلى ئىسمى مەمۇرى ئىزىم خېنىم، ئەركىلەتمە ئىسمى ئىپارخان ئىكەن. ئۇ 1734- يىلى تۇغۇلغان. (تۇغۇلغاندىن كېيىن بەدىنىدىن خۇش بۇي كېلىپ تۇرغانلىقى بېلىنگەن. شۇڭا ئىپارخان دەپ ئاتىغان) بۇ يۈسۈپ خوجىنىڭ 4- ياكى 5- ئەۋلاد قىز نەۋرىسى، ئاپئاق خوجىنىڭ ئىنىسى كارامەت خوجىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى ئىكەن. 

دېمەك، ھېيتگاھ جامەسى بىلەن ئاپئاق خوجا مازىرى، قەدىمكى زامان ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك نەمۇنىلىرىدۇر. ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنيىتى دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن تۈرلۈك بىلىملەر بىلەن بىر قاتاردا ئاسترونومىيە ئىلمىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. مەسچىت، مەدرىس، مازارلار قۇرۇلۇشلىرىدا ئاسمان گۈمبىزىگە سىمۋول قىلىپ ئەنە شۇنداق ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى ياساشنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قويغان.

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.