ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ھەققىدە – ھەسەنجان ئابلىز – بىر گۇرۇپپىسى

ھەسەنجان ئابلىز

(شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنىستىتوتى ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى)

ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

ئۇيغۇر دوپپىلىرى ئۇزۇن تارىخقا ۋە مول مەزمۇنغا ئىگە. ئۇيغۇر دوپپىلىرى تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئېھتىياج ۋە ئىمكانىيەتكە ئاساسەن ئۆزگىرىپ، يېڭىلىنىپ، مۇكەممەللىشىپ ۋە رەڭدارلىشىپ كۈچلۈك مىللىي تۈسكە ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جىنىس ئايرىمىسى، ياش-قۇرام پەرقى، ياشىغان تەبىئىي شارائىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىغىغا مۇناسىپ ئۆزگىچە دوپپا كىيىش ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر دوپپىلىرى يالغۇز ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادەت خاراكتېرىدىن ھالقىپلا قالماي، بەلكى يەنە   بىر پۈتۈن مىللىي كىملىك خاس ۋەكىلى بولۇپ مۇقىملىشىپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ئۆرپ-ئادەت ئومۇمىيلىقى، مەدىنيەت ئىزچىللىقى ۋە ئىجتىمائىي خاس بەلگىسى بولۇپ شەكىللەندى.

ئۇيغۇر دوپپىلىرنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇنىڭ تەرەققىياتىدىكى تۆۋەندىكى ئىككى خىل يۈزلىنىش ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ:

بىرىنچى، ئۇيغۇر دوپپىلىرىدىكى تارىخىي ئىزچىللىق:  ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئارخىئولوگىيىلىك ماتىرياللار ۋە يازما مەنبەلەردىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر دوپپلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە قاچاندىن باشلاپ كىيىلىپ كېلىنگەنلىكى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ساھەسىدە بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش تېخى شەكىللەنگىنى يوق. بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلارنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا مەركەزلەشكە بولىدۇ:

1. ئۇيغۇر دوپپلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى غەربىي يۇرتتىكى ئۇچلۇق بۆك، ئۈستى يۇمىلاق دوپپا ۋە تاج شەكىللىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى بىرلىشىشى ۋە ئۆزگىرىشىدىن شاكىللەنگەن دىگەن كۆز قاراش. بۇ خىلدىكى كۆز قاراش ئاساسەن تارىخ پەنلىرى، جۈملىدىن ئارخىئولوگىيىلىك ماتىرياللار ۋە ۋەسىقىشۇناسلىق ماتىرياللىرىنىڭ سېلىشتۇرما بايانىدىن خۇلاسىلەنگەن بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى كىيىم-كېچەك مەدىنيەتشۇناسلىق تەتقىقاتچىلىرى ساھەسىدە نىسپىي بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش ھېساپلىنىدۇ.

2. ئۇيغۇر دوپپلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى (بەزى ماتىرياللاردا قاراخانىلار دەۋرى) دىن باشلاپ، ئەسلىدىكى قەبىلە ئۇيۇشمىسى بەلگىسىدىن ھالقىپ، ئۇيۇشقان مىللىي كىملىك بەلگىسى سۈپىتىدە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دوپپا ھەم شۇ دەۋر ئۇيغۇر فىئوداللىق جەمىيىتىنىڭ دەرىجە پەرقلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئىجتىمائىي بەلگىلەردىن بىرى بولۇپ شەكىللەنگەن دىگەن كۆز قاراش. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›دىكى باش كىيىمگە مۇناسىۋەتلىك بايانلار، ئاياللار دوپپىلىرىدىكى ئالتۇن، كۆمۈش، مىس بۇيۇملىرىدىن ياسالغان دوپپا زىنەتلىرى، جۈملىدىن تاكى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن يۇرت دوپپلىرىدىكى كۈچلۈك رايون ئالاھىدىلىكلەرنى مىسالغا كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

3. ئۇيغۇر دوپپلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى جۇغراپىيىلىك بىلىملىرى، ھايات چۈشەنچىلىرى شۇنىڭدەك ئستېتىك ھېس-تۇيغۇلىرى ئاساسىدا، دەۋر تەرەققىياتىدا مۇكەمەللىشىپ ۋە كۆپ خىللىشىپ بارغان دىگەن كۆز قاراش. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنىغان ماتىرياللارغا نەزەر سالغىنىمىزدا: بىرى، ئۇيغۇر دوپپىلىرنىڭ شەكىل قۇرۇلمىسى كۆك گۈمبىزىدىن نۇسخا ئېلىنغان؛ بىرى، ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ نەقىش قۇرۇلمىسى يۇرت جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكلەردىن نۇسخا ئېلىنىپ، يۇرت ئىستېتىكىلىرى بىلەن بىرلىشىپ بارلىققا كەلگەن؛ بىرى، ئۇيغۇر دوپپىلىرىدىكى نۇسخا رەڭلىرى قەدىمكى ئېتىقاد ئىزلىرىدىن، نۇسخا گۈللىرى ھايات چۈشەنچىلىرىدىن (مەسىلەن بادام دوپپا ھەققىدىكى كۆز قاراشلار) كەلگەن.؛ بىرى،قىسمەن ئۇيغۇر يۇرت دوپپىلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى خەلق ئېغىز ئەدىبىياتىدىكى دوپپا ھەققىدىكى رىۋايەتلەر ئاساسىدىن كەلگەن بولۇپ، مىللىي ئاغزاكى تارىخ نەمۇنىلىرى سۈپىتىدە،  يۇرت خەلق چۈشەنچىلىرىدە ئومۇملىشىپ كەلگەن. مەسىلەن، چىمەن دوپپا، كېرىيە تەلپىكى،  يەكەن دوپپىلىرى، قومۇل، تۇرپان دوپپىلىرى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر گەرچە رىۋايەت خاراكتېرىنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىلىم ساھەسىدە ئاغزاكى تارىخ نەمۇنىلىرى سۈپىتىدە تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققەت-نەزىرىگە نائىل بولۇپ كەلمەكتە.

يوقىرقى قاراشلار ئىچىدە، ②③ خىل قاراشلار ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان دوپپا ھەققىدىكى ماقالىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئاساسەن مىللىي ئۆزلۈك نۇقتىسىدىن ئېلىپ بىرېلغان تەتقىقاتلارنىڭ ۋەكىللىك كۆز قاراشلىرى ھېساپلىنىدۇ .

ئىككىنچى، ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرلىرىدىكى كۆپ خىللىق  ۋە رەڭگارەڭلىك.

ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى ئەگەر دوپپىنىڭ خاس تۈرلىرى  بويىچە ئەمەس، بەلكى فولكور ئىلىم تۈرلىرى نۇقتىسىدىن كۈزەتكىنىمىزدە، ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرلىرىدىكى كۆپ خىللىق ۋە ئۇنىڭدا ئەكس ئەتكەن مەدىنيەت نۇرلىرىنىڭ شۇ قەدەر رەڭگارەڭ تۈستە جۇلالىنىپ  تۇرغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى ئىجتىمائىي فولكلور نۇقتىسىدىن. ياش پەرقى، جىنس پەرقى ۋە مۇراسىم پەرقى، كەسپ پەرقى ۋە سالاھىيەت پەرقى ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە ، ئېكېلوگىيىلىك فولكلور نۇقتىسىدىن  پەسىل پەرقى ۋە رايون پەرقى ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە ،سەنئەت فولكلورى نۇقتىسىدىن، شەكىل پەرقى، نەقىش پەرقى، ماتىريال پەرقى ۋە ئىش تەرتىپى پەرقى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرلىرىدىكى يوقىرقى كۆپ خىللىق ۋە رەڭگارەڭلىك ئۇيغۇر دوپپىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى مول مەزمۇن ۋە تەپەككۈر  بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەتقىقاتىمىزنى يېڭىدىن –يېڭى تەتقىقات تېمىلىرىغا ئىگە قىلىدۇ.

ئىلگىركى تەتقىقاتلاردا، ئۇيغۇر دوپپىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆرپ-ئادەتلەر ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىز كۆپىنچە تۆۋەندىكى ئىككى خىل نۇقتىدىن ئېلىپ بېرىلدى. بىرى، ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەت ھالىتى، يەنى قەيەردە، كىم، قانداق كىيىدۇ، دىگەن مەزمۇنلار تەكشۈرۈلدى، يىغىلدى ۋە تونۇشتۇرۇلدى. يەنە بىرى، ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ شەھەر-يېزىلاردىكى كىيىلىش ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن، ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئۆزگىرىش سەۋەپلىرى جەھەتتىن جەمىيەتشۇناسلىق تەسىراتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ تەھلىللەر ئېلىپ بېرىلدى. ئالدىنقى بىرىدىن، بىز ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرلىرىدىكى كۆپ خىللىقلارنى، كىيىنكى بىرىدىن، بىز ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ كىيىلىش قىسمەتلىرىدە دۇچ كەلگەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئەنئەنىۋىلىكتىن ياتلىشىش شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىللىي پىسخىكا جەھەتتىن ئەنئەنىۋىلىككە ئىنتىلىشتەك ئاڭ ۋە ھەركەتتىكى بىر-بىرىگە زىت ئەھۋاللارنى چۈشىنەلەيمىز. ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، دوپپا تۈرلىرىدىكى كۆپ خىللىق بىلەن كىيىلىش نىسپىتىدىكى قىسمەن دائىرىلىك ئەھۋالىنىڭ ئومۇملىشىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى، بولۇپمۇ بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ شەھەرلەردە ئاساسىي ئېقىم بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. ئۆرپ-ئادەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ خىل يۈزلىنىش شەھەرلىشىش قەدەملىرىدە مۇقەرەر كۆرىلىدىغان تۇرمۇش ھادىسىسى دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئەنە شۇ ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئىلىم دەرىجىسىگە كۆتىرىپ تەتقىق قىلىدىغان فولكلور ئىلمى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر دوپپىلىرىغا ئائىت ئۆرپ-ئادەتلەرگە يوشۇرۇنغان مەدىنيەت پوزىتسىيىسى ھەققىدىكى تەتقىقات پىكىرلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي يوسۇندا  ئوتتۇرىغا قويۇلىشىنى تېخىمۇ تەققازا قىلىدۇ:

نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرى كۆپ شارائىتتا، خاس خاراكتېر ئالاھىدە تەكىتلىنىدىغان شەھەرلىشىش يۈزلىنىشلىرىدە دوپپىنىڭ بىر نەچچە تۈرىلا كۆپ كىيىلىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن شەھەرلىشىش يۈزلىنىشلىرىدە، ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۇرمۇش مەنىلىرى ئازلاپ، مۇراسىم مەنىلىرى كۈچىيىۋاتىدۇ ھەتتا قىسقىغىنە نەچچە ئون يىل مابەينىدە قېلىپلىشىش شەكىللەندى؟ نىمە ئۈچۈن شەھەرلىشىش يۈزلىنىشلىرىدە دوپپىنىڭ كىيىلىشى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قىممەت يارىتىش نۇقتىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەھلىللەر ئاز، ئەكسىچە دوپپىنىڭ قانداق كىيىلىشى، قىر-يانلىرىنىڭ قانداق توغرىلىنىشى ھەققىدىكى مۇنازىرلەر كۆپ؟ نىمە ئۈچۈن بۇ مۇنازىرلەر ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ كىيىلىش نىسپىتى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى مەدىنيەت تۈسى سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان يېزا-قىشلاق ۋە سەھرالاردىكى رىئاللىقتا كىيىلىۋاتقان دوپپا يۈزلىنىشىنى يېتەكچى قىلىش ئەمەس، بەلكى كىيىلىش نىسپىتى ئاز، زامانىۋىلىشىش قەدەملىرى تېزلىشىۋاتقان شەھەرلەردىكى مۇراسىم مەنىلىرى ھالىتىدە تۇرىۋاتقان دوپپا يۈزلىنىشىدىكى ھەر خىل ئۆزگەرمە ھالەتلەرنى ئاساس قىلىپ چۆرىدەيدۇ؟  نىمە ئۈچۈن شەھەرلىشىش يۈزلىنىشلىرىدە مىللىي كىملىك بەلگىسى بولغان دوپپا غەرپ زامانىۋىي كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ مەدىنيەت تۈسى ھېساپلانغان كاستۇم-بۇرۇلكا بىلەن ماسلىشىپ، جىپسىلىشىپ ھەتتا بىرىكىپ كېتىشكە يۈزلەندى؟ بۇنىڭ مىللىي پىسخىك ئاساسى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسى نىمە؟ بۇ سۇئاللارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ كىيىلىش يۈزلىنىشىگە بېغىشلانغان تەتقىقاتلاردا ياكى ئىزدىنىشلەردە قىسمەن تەكىتلىنىپ كېلىنگەن بولسىمۇ، ئەمما دوپپا كەينىگە يوشۇرۇنغان، يوقىرقى تەتقىقات سۇئاللىرىنى مەركەز قىلغان مەدىنيەت پوزىتسىيىسى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشقا يۈزلىنىشى كېرەكلىگىنى تەلەپ قىلىدۇ.

يوقىرقى تەتقىقات سۇئاللىرى ئاساسىدا بىز تېخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىسەك، بۇ سۇئاللار بىزنى ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەت خاسلىغى ھەققىدىكى مەزمۇنلارغا ئىشتىراك قىلىش بىلەنلا چەكلەپ قويمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ئۇيغۇر دوپپا تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىللىق ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىزنى فولكلور نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە  ئۇنىڭدىن ھالقىپ، مەدىنيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق نۇقتىسىدىنمۇ كىرىشتۈرمە ھالەتتە كۈزىتىشىمىزگە تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقات سۇئاللىرى ۋە تەتقىقات كۈزىتىش نۇقتىلىرى بىلەنمۇ تەمىن ئېتىدۇ. ئەگەر بىز ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرلىرىدىكى كۆپ خىللىق ۋە رەڭگارەڭلىكنى  مەدىنيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق نۇقتىسىدىن كۈزەتكىنىمىزدە، دوپپا ھەققىدىكى پىكىرلىرىمىز مىللىي كىملىك دائىرسىدىن رايون، دۆلەت ھەتتا ئىنسانىي ئورتاق ھېس-تۇيغۇلار دائىرسىگە ئۆتىۋاتقانلىقىمىزنى بايقايمىز:

1. ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ شەكلى ياكى قىرلىق ياكى يۇمىلاق شەكىلدە بولىدۇ، نىمە ئۈچۈن بۇ ئىككى خىل شەكىل ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈپ شەكىل قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭدا قىرلىقلىرى كۆپرەك، شىمالىي شىنجاڭدا يۇمىلاقلىرى كۆپرەك، شەرقىي شىنجاڭدا گۈللۈك نەقىشلىك يومىلاق دوپپىلار كۆپرەك بولىدۇ؟ بۇ رايون پىسخىكىسىدىنمۇ ياكى ئېكولوگىيىلىك ماسلىشىشتىنمۇ؟

2. نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر دوپپىلىرىدا رايون خاسلىقىغا ئىگە بولغان دوپپا تۈرلىرى پەقەت شۇ رايون دائىرسىدىلا چەكلىنىدۇ؟ بۇ خىل يۈزلىنىش تارىختىن بېرى نىمە ئۈچۈن ئىزچىل نىسپىي مۇقىم ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن؟ نىمە ئۈچۈن يۇرت ئاتلاپ، ھەتتا رايون ئاتلاپ كىيىلىدىغان يۈزلىنىش ئەھۋالى شەكىللەنمىگەن؟ بۇ يۇرت پىسخىكىسىدىنمۇ ياكى مىللىي پىسخىكىسىدىنمۇ؟

3. نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي فولكلور قاتلىمى ياش، جىنىس، مۇراسىم، كەسپ ۋە سالاھىيەت پەرقلىرى بويىچە شۇنچە ئېنىق ئايرىلغان ھالەتتە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن؟ بۇ خىل ھالەتنىڭ ھازىرقى ئۆزگىرىشلىرى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇقانداق مىللىي قىممەت قاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ؟

4. ئۇيغۇر دوپپىلىرى تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى، رەڭگارەڭلىكى ۋە رايون خاسلىقىنى ئۇيغۇر مەدىنيەت تۈسلىرىنىڭ بىرى دەپ ھېساپلاشقا بولامدۇ؟

5. كۆپ مەنبەلىك مەدىنيەت رايونىدا، ئىنسانىيەت يىپەك يولى تۈگىنىدە بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر دوپپىلىرى تارىختىكى مىللىي تۈركۈملەرنىڭ مەدىنيەت ئالماشتۇرۇش قايناملىرىدا نىمە ئۈچۈن ئىزچىل مەۋجۇتلىغىنى ساقلاپ كەلدى؟ نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر دوپپىلىرى ئۆز شەكلى، قۇرۇلمىسى، تىكىلىشى ۋە كىيىلىشى جەھەتتىن خاسلىقلىرى بىلەن يىپەك يولىدىكى كۆپ مەنبەلىك مەدىنيەت مۇھىتىغا قانداق ماسلىشىپ كەلدى، ھەتتا ئۆز تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى شەكىللەندۈردى؟

6. بىر مىللىي گەۋدىگە مەنسۇپ كىشىلەر توپى نىمە ئۈچۈن تۈرى شۇنچە كۆپ، رايون خاسلىغى شۇنچە كۈچلۈك دوپپىلارنى كىيىشكە ھېرىسمەن كېلىدۇ؟ بۇ قايسى خىل مەدىنيەت پىسخىكىسىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ياكى بۇ كۆپ مەنبەلىك مەدىنيەت مۇھىتىغا ماسلاشقان ئىنسان تۈركىمىنىڭ مەدىنيەت پىسخىكىسىدىن دېرەك بېرىدىغان مەدىنيەت تىپ مىساللىرىنىڭ بىرىمۇ؟

يوقىرقى سۇئاللىرىمىز بىزنى ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرلىرىدىكى كۆپ خىللىق ۋە رەڭگارەڭلىك ئالاھىدىكلەر ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇرراق ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بېرىشىمىزنى، شۇنداقلا، ئۇيغۇر دوپپىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى نۆۋەتتە كىيىم-كېچەك تەتقىقات ساھەسىدە كەڭ قوللىنىۋاتقان كىيىم-كېچەك فولكلورشۇناسلىقى، كىيىم-كېچەك فولكلورشۇناسلىقى، كىيىم-كېچەك مەدىنيەتشۇناسلىقى، كىيىم-كېچەك پىسخىكشۇناسلىقى ۋە  كىيىم-كېچەك جەمىيەتشۇناسلىقىنىڭ كىرىشتۈرمە نۇقتىسىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر مىللەتنىڭ ئۆرپ-ئادەت تەتقىقاتىدا ئۆرپ-ئادەتنىڭ فولكلور ئاساسىدا، مەدەنيەتشۇناسلىق ئىزاھاتىدا ۋە جەمىيەتشۇناسلىق خۇلاسىلىرىدە تۇرۇپ ئىزدىنىشىمىزنى، تەپەككۈر قىلىشىمىزنى ۋە ئىلمىي خۇلاسىلەردە بولىشىمىزنىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ.

مەزكۇر ماقالە «شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ 2012 –يىللىق سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قىسقارتىپ ئېلىندى.

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ