ئۇيغۇرلارنىڭ جىن-ئالباستى ئىشەنچىلىرى-ئادىل غاپپار كارىزى-بىر گۇرۇپپىسى

ئۇيغۇرلارنىڭ جىن-ئالباستى ئىشەنچىلىرى

ئادىل غاپپار كارىزى

ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

(بۇ ماقالە 2007-يىلى يېزىپ تاماملىنىپ، 2010-يىلىغىچە نۇرغۇنلىغان تاسقاش ۋە تۈزۈتۈشلەردىن كېيىن، بىر نەچچە ئىلمى ژورنالغا سۇنغانىدىم. نەتىجىدە، ژورنال مۇھەرىرلىرى سىنزورلارنىڭ «خۇراپاتلىقنى تەشۋىق قىلغان ئەسەر» دەپ باھالاپ قويىشىدىن ئەنسىرەپ، ھازىرچە بېسىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇڭا، بىۋاستە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزورىغا سۇندۇم. كۆپچىلىكنىڭ ماقالىغا تەكىلىپ پىكىر بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى يۇرتلاردىكى ئۆزىمىز پىششىق بىلىدىغان جىن-ئالباستى ھەققىدىكى ئۆزگىچە قاراشلارنى ۋە ھىكايىلەرنى كۆپچىلىك بىلەن ئۆز-ئارا ئورتاقلاشساق دىگەن ئۈمۈدتىمەن.)

مۇندەرىجە

1.جىن-ئالباستى ئۇقۇمى

2.جىن-ئالباستىنىڭ كېلىش مەنبەسى

بىرىنچى، «جىن ئوتتىن يارالغان» دېگەن قاراش

ئىككىنچى، «جىن يات قەۋم كىشىلىرىنىڭ ئەرۋاھىدۇر» دېگەن قاراش

ئۈچىنچى، «ھايۋانلار جىنغا ئايلىنىدۇ» دېگەن قاراش

تۆتىنچى، «غەيرى دىن ۋە ئېتىقاد ئىلاھلىرىنى جىن-ئالباستى» دەپ قاراش

3.جىن-ئالباستىنىڭ تۈرلىرى

بىرىنچى، يالماۋۇز

ئىككىنچى، يەل

تۆتىنچى، دىۋە

بەشىنچى، يەك(ئۈچ كۆزلۈك) ئالۋاستى

ئالتىنچى، جىن-شەيتان

يەتتنچى، پېرە

4.جىن-ئالباستىنىڭ تەقى-تۇرقى

بىرىنچى، جىننىڭ تەقى-تۇرقى ئادەمگە ئوخشايدۇ.

ئىككىنچى، جىننىڭ تەقى-تۇرقى ھايۋانغا ئوخشايدۇ

5.جىن-ئالباستىنىڭ يىمەك-ئىچمىكى

بىرىنچى، جىن قان ئىچىدۇ.

ئىككىنچى، جىن ئادەم يەيدۇ

ئۈچىنچى، جىن ئاش-تاماق يەيدۇ.

تۆتىنچى، جىن سۇڭەك يەيدۇ

بەشىنچى، جىن-ئالباستىلار خۇشپۇراق نەرسىلەرگە ئامراق كېلىدۇ

6.جىن-ئالباستىنىڭ تۇرار جايى

7.جىن-ئالباستىلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى

بىرىنچى، جىن-ئالباستىلارنىڭ ئائىلە قۇرۇلمىسى

ئىككىنچى، جىن-ئالباستىلارنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى

8.جىن-ئالباستىنىڭ خاراكتىرى

9.جىن-ئالباستىلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى

بىرىنچى، جىن-ئالباستىلار تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە

ئىككىنچى،جىن-ئالباستىلار ئادەملەرنى ئۆلتۈرەلەيدىغان كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە

ئۈچىنچى، جىن-ئالباستىلار سېھرى قۇۋۋەتكە ئىگە

  1. 10. جىن قورقىدىغان نەرسىلەر

بىرىنچى، جىن ئوتتىن قورقىدۇ

ئىككىنچى، جىن تىغلىق نەرسىدىن قورقىدۇ

ئۈچىنچى، جىن ئەينەكتىن قورقىدۇ

تۆتىنچى، جىن ناندىن قورقىدۇ

بەشىنچى، جىن ئەپسۇندىن قورقىدۇ

  1. 11. جىن-ئالباستىنى بويسۇندۇرۇش
  2. 12. ئاخىرقى سۆز

ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئىشەنچىلىرىدە جىن-ئالباستى ھەققىدىكى ئىشەنچىلەرمۇ مۇھىم سالماقنى ئىگەللەيدىغان مەزمۇنلارنىڭ بىرى. جىن-ئالباستى ئىشەنچىلىرى خەلقنىڭ جىن-ئالباستىدىن ئىبارەت يامان تەبىئەتلىك روھى ئامىلنىڭ بارلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىپ، ئۇنى بىلىش ۋە بويسۇندۇرۇشقا ئىنتىلىش جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ئەقىدە-ئېتىقاد ۋە ئادەت-قاراشلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ جىن-ئالباستى ئىشەنچىلىرى ئىپتىدائىي ئېتىقاد دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەگىللىرىدە بارلىققا كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەقىدە-ئېتىقاد ۋە دۇنيا قاراش سېستىمىسىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ ۋە يىلتىز تارتىپ، ئوخشاش بولمىغان ئېتىقاد دەۋرلىرىدە ئوخشاش بولمىغان مەزمۇن ۋە شەكىللەردە ئىپادىلەنگەن ۋە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى جىن-ئالباستى ئىشەنچىلىرىنى كۆپ خىل ئېتىقاد مەزمۇنلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، رەڭدار ئېتىقاد ئارقا كۆرىنىشىگە ئىگە بولغان، ئۆزگىچە بىر خىل ئەقىدە-قاراش سېستىمىسى دېيىشكە بولىدۇ.

1.جىن-ئالباستى ئۇقۇمى

جىن دېگەن بۇ ئاتالما ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە باشلىغان. «جىن» دېگەن بۇ سۆزنىڭ لوغەت مەنىسى «يۇشۇرۇن، پەرى، مالائىكە»[1] دىگەنلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىستىمال مەنىسىدە كۆرسىتىدىغىنى ئىسلام ئەقىدىسىدىكى ئاللاھ تەرىپىدىن ئوتتىن يارىتىلغان، ئاللاھقا ئاسىي بولۇپ، پەرى-مالائىكىلىق سۈپىتىدىن قالدۇرۇلۇپ، جەننەتتىن قوغلانغان، ئىنسانلار بىلەن ئۆچەكەشكەن ھالدا زىمىنغا چۈشۈرۈلۈپ، ئىنسانلار بىلەن ئوخشاش ياشايدىغان، ئەمما ئىنسانلارنىڭ سەزگۈ ئەزالىرى ھېس قىلالمايدىغان روھى مەخلۇقتۇر.

«ئالباستى» دېگەن بۇ سۆز قەدىمقى ئۇيغۇرچە ياسالما سۆز بولۇپ، «ئال(قىزىل)» دېگەن سۆزگە «باست(باش)» ياكى «باستىق(باشلىق)» دېگەن سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان. «ئالباستى» دېگەن سۆز «قىزىل باشلىق» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىستىمال مەنىسى ئادەم سىياقىدىكى چىرايى سەت-كۆرۈمسىز، چاچلىرى قىزىل سېرىق رەڭلىك ئۇزۇن ھەم چۇۋۇق، كۆزى رەڭدار، كىيىملىرى غەيرى-غۇيرى، قارا رەڭلىڭ، ئۇچالايدىغان ۋە خىلمۇ-خىل سۈرەتكە كىرەلەيدىغان، ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان، يامان تەبىئەتلىك روھى مەخلۇقتۇر.

خەلق ئارىسىدىكى ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، تارىختا قەدىمقى ئۇيغۇرلار پارسلار بىلەن نۇرغۇن قېتىم دەھشەتلىك ئۇرۇش-جەڭلەرنى قىلغان. شۇ چاغلاردا پارسلارنىڭ چىرايى كۆرۈمسىز، كۆزى رەڭدار،  چاچلىرى ئۇزۇن ۋە قىزىل سېرىق رەڭدە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان. شۇڭا، ئۇيغۇرلار پارسلارنىڭ ئوبرازىنى ۋە ئۇلارنىڭ روھىنى يامان تەبىئەتلىك دەپ قارىغان. كېيىنچە، يامان ئادەم ۋە يامان روھلارنى پارسلارنىڭ ئوبرازىغا ئوخشىتىپ، ئۇلارنى «ئالباستى» دەپ ئاتىغان. شۇڭا، ھازىرمۇ خەلق ئارسىدا، چېچى ئۇزۇن رەتسىز، يۈز كۆزى كۆرۈمسىز كىشىلەرنى «ئالباستى» دەيدىغان ياكى شۇلارنىڭ ئوبرازىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بالىلارغا ئالباستى ئۇقۇمىنى چۈشەندۈرىدىغان ئادەت-قاراشلار بار. ئۇندىن باشقا، ئۇيغۇر باخشىلار بەزى كېسەللەرگە پال ئاچقاندا، ئۇلارنى «ئال ئېپ كېتىپتۇ» دەپ تەبىر بېرىدۇ، بۇ شۇ كېسەلگە «جىن چاپلىشىپتۇ»، «جىننىڭ ئاپىتى تېگىپتۇ» دىگەنلىك بولۇپ، بۇنداق كېسەللەرنى «قىزىل توخو بىلەن ئۇچۇقداپ، قان قىلسا ساقىيىدۇ» دەپ قارايدۇ. دېمەك، «ئالباستى» دېگەن بۇ سۆز قەدىمقى ئۇيغۇرلار ئۆز تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان يامان تەبىئەتلىك ئادەم ۋە روھلارنى سۈپەتلەيدىغان سۆز بولۇپ، كېيىنكى ئېتىقاد دەۋرلىرىدە مەخسۇس يامان روھلارنى سۈپەتلەيدىغان مەخسۇس ئاتالغۇغا ئايلانغانىدى.

ئۇيغۇرلار جىن دېگەن سۆزنى قۇبۇل قىلىپ ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى، جىن ئاتالغۇسىنى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئالباستى، يالماۋۇز، دىۋە، يەك، يەل» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىگەنىدى. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى «چىن تۈمۈر باتۇر»، «ئاق بوز ئات»، «كەنجى باتۇر»…قاتارلىق سېھىرلىك چۆچەكلەردە ۋە «چاستانى ئىلىگ بەگ»، «قىسسەسۇل ئەنبىيا»… قاتارلىق يازما يادىكارلىقلاردا خەلق ئارىسىدىن چىققان باتۇرلارنىڭ «دىۋە، يالماۋۇز، ئالباستى» قاتارلىق ئىنسانلارغا بالايىئاپەت كەلتۈرگۈچى يامان روھلار بىلەن كۆرەش قىلغانلىقى توغرىسىدىكى مەزمۇنلار ئۇچرايدۇ. مەھمۇت قەشقەرى «تۈركى تىللار دىۋانى»دا، «يەك»، «يەل»، «ئاباچى»، «ھۈجۈ» دېگەن سۆزلەرگە «جىن، ئالباستى» دەپ ئىزاھات بېرىدۇ.[2] يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى،   ئۇيغۇرلار ئۆز ئېتىقاد تارىخىدا «جىن-ئالباستى» توغرىسىدا خېلى سېستىمىلىق ۋە مۇكەممەل چۈشەنچىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى.

2.جىن-ئالباستىنىڭ كېلىش مەنبەسى

خەلق ئارىسىدىكى ئادەت-قاراشلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار جىن-ئالباستىلارنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ نەرسىدىن پەيدا بولغان دەپ قارايدۇ.

بىرىنچى، «جىن ئوتتىن يارالغان» دېگەن قاراش

ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىچە، جىن ئاللا تەرىپىدىن ئوتتىن يارىتىلغان بىر روھىي مەخلۇق. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بۇ چۈشەنچە، ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىسلام ئەقىدىسىدىكى جىن توغرىسىدىكى قاراشلارنى قۇبۇل قىلىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەنىدى. «قۇرئان كەرىم»دە، جىننىڭ يارىتىلىشى توغرىلىق تۆۋەندىكىدەك بايانلار ئۇچرايدۇ. «جىنلار (يەنى شەيتانلار ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىبلىس)نى ئىلگىرى تۈتۈنسىز ئوت يالقۇنىدىن ياراتقان ئىدۇق.»[3] «(ئاللا) ئىنساننى (ئاتاڭلار ئادەمنى)(چەكسە جاراڭلايدىغان) ساپالدا قۇرۇق لايدىن ياراتتى. جىنلارنى ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى».[4] «قىسسەسۇل ئەنبىيا»دا، «ئوتتا ھەم يورۇقلۇق ھەم قاراڭغۇلۇق بار بولۇپ، نۇر (يورۇقلۇق)دىن پەرىشتىلەر يارالدى. قاراڭغۇلۇقتىن جىنلار يارالدى. شۇڭا جىننىڭ ئاتىسى ئوتدۇر. پەرىشتىلەر نۇردىن يارىلىشى بىلەن خۇدادىن قورقۇپ، تائەتكە مەشغۇل بولۇپ، گۇناھتىن پاك بولدى. تۈتۈندىن يارالغان دىۋىلەر كۇپرى-زالالەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئىماندىن مەھرۇم قالدى. جىنلار يارالغان ئوتنىڭ ئەۋلادى(يالقۇنى)دىن پەرىلەر پەيدا بولدى. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىسلام دىنىغا قايىل بولدى. بەزىسى كاپىر بولۇپ، زالالەت يولىغا مېڭىپ دوزاخقا سازاۋەر بولدى»[5] دەپ بايان قىلىنىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ «جىن ئوتتىن يارالغان» دېگەن چۈشەنچىلىرى ئىسلامى ئەقىدىلەرنى ئاساس قىلغانىدى.

ئىككىنچى، «جىن يات قەۋم كىشىلىرىنىڭ ئەرۋاھىدۇر» دېگەن قاراش

ئۇيغۇرلارنىڭ جىننىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىدە، «يات مىللەت ۋە يات دىندىكى كىشىلەرنىڭ ئەرۋاھى جىنغا ئايلىنىدۇ» دەيدىغان قاراش مەۋجۇت. بۇ خىل چۈشەنچە، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئانىمىزم ۋە شامانىزم ئەقىدە-قاراشلىرى ئاساسىدىكى جىن-ئالباستى چۈشەنچىلىرىنىڭ قالدۇقلىرى دىيش مۇمكىن. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئانىمىزم ۋە شامانىزم ئەقىدە-قاراشلىرىدا، جىن-ئالباستىلار ئەسلىدە يات ئۇرۇق-قەۋم ئەزالىرىنىڭ ياكى ئۆز ئۇرۇق-قەۋملىرىگە دۈشمەن ئۇرۇق-قەۋم ئەزالىرىنىڭ تېنىدىن ئايرىلغان «ئەرۋاھ»لار ئىدى. بۇ ئەرۋاھلارنىڭمۇ پانىي ئالەمدىكى ئەسكىرىي قوشۇنىغا ئوخشاش سەركەردە-سانغۇنلىرى ۋە ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭىدىغان ئۆزىگە تەۋە تولۇق قۇراللانغان مۇنتىزىم قوشۇنى بولىدۇ. يەنى، يات ئۇرۇق-قەۋم ئەزالىرىنىڭ ياكى دۈشمەن ئۇرۇق-قەۋم ئەزالىرىنىڭ ئەرۋاھلىرىدىن تەشكىللەنگەن «ئەرۋاھلار قوشۇنى» بولىدۇ، مانا بۇلار «جىن-ئالباستى»لاردۇر. ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ پىرە قوشاقلىرىدىمۇ بۇ خىل قاراشلار ناھايىتى روشەن ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن:

«قالماق پىرىلەردىن بولساڭلارمۇ كۆچۈڭلار!

كافىر پىرىلەردىن بولساڭلارمۇ بولساڭلارمۇ كۆچۈڭلار!

بەھرام شاھ مەلىكىسېنىڭ پىرىلىرىدىن بولساڭلارمۇ كۆچۈڭلار!

بۇرھاب شاھ پىرىلىرىدىن بولساڭلارمۇ كۆچۈڭلار!»[6]

دېمەك، «جىن يات قەۋم كىشىلىرىنىڭ ئەرۋاھىدۇر» دېگەن قاراش ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئانىمىزم ۋە شامانىزم ئەقىدە-قاراشلىرى ئاساسىدىكى جىن-ئالۋاستىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنىڭ ھازىرقى قالدۇقلىرى دېيىشكە بولىدۇ.

ئۈچىنچى، «ھايۋانلار جىنغا ئايلىنىدۇ» دېگەن قاراش

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «بەزى ھايۋانلار جىنغا ئايلىنىپ كېتىدۇ» دەيدىغان قاراش بار. مەسىلەن، خەلق ئارىسىدىكى چۈشەنچىلەردە «مۈشۈك قىرىق يىل ياشىسا، جىنغا ئايلىنىپ كېتىدۇ»، دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە مۈشۈك قىرىق يىل ياشىيالمايدۇ. بەلكىم بۇ قەدىمكى ئانىمىزم ئېتىقاد چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولىشى مۇمكىن. مۈشۈكنىڭ كېچىدە ھەرىكەت قىلىشى، كۆزلىرىنىڭ ئوتقا ئوخشاش يېنىپ تۇرىشى، قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا سۈرلۈك ۋە قورقۇنلۇق تۇيغۇلارنى بەرگەن بولۇشى، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدا بۇ سۈرلۈك ھايۋان يامان روھلارنىڭ كېلىش مەنبەسى دەپ قارالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسىدىكى «مۈشۈك قىرىق يىل ياشىسا، جىنغا ئايلىنىپ كېتىدۇ» دەيدىغان قاراش، قەدىمكى ئانىمىزم ئەقىدە-قاراشلىرىدىكى جىن-ئالباستىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدىكى قاراشلارنىڭ قالدۇقلىرى دېيىشكە بولىدۇ.

تۆتىنچى، «غەيرى دىن ۋە ئېتىقاد ئىلاھلىرىنى جىن-ئالباستى» دەپ قاراش

تارىختا، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىدىن باشقا يەنە تەبىئەت(ئانىمىزم) ئېتىقادى، ئەجداد(ئوماي ئانا ۋە باتۇرلار) ئېتىقادى، شامانىزم ئېتىقادى، زوررو ئاستىرزم(ئوتقا چوقۇنۇش) ئېتىقادى، مانىخىزم ئېتىقادى، خىرىستىيان دىنى، بۇددا دىنى قاتارلىق ئىپتىدائىي ئېتىقاد ۋە دىنلارغا ئىشەنگەن ۋە ئېتىقاد قىلغانىدى. ھەر بىر ئېتىقاد سېستىمىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىلاھىيەت قارىشى ۋە دۇنيا قارىشى بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلاھىيەت قارىشى ۋە دۇنيا قارىشىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنىدى. شۇڭا، بىر خىل ئېتىقاد سېستىمىسىدىن يەنە بىر خىل ئېتىقاد سېستىمىسىغا كۆچكەندە، ئىككى خىل ئېتىقاد سېستىمىسىنىڭ ئىلاھىيەت قارىشى ۋە دۇنيا قارىشى ئۆز-ئارا سىغىشمىغاچقا، كېيىنكى ئېتىقاد سېستىمىسىنىڭ ئىلاھىيەت قارىشى ۋە دۇنيا قارىشى ئىلگىرىكىسىنى چەتكە قاققان ياكى ئۇنىڭغا قارشى تۇرغانىدى. شۇ سەۋەبتىن، كېيىنكى ئېتىقاد دەۋرلىرىدە ئىلگىرىكى ئېتىقاد سېستىمىسىنىڭ ئىلاھلىرى يامان تەبىئەتلىك روھلار يەنە جىن-ئالباستىلار قاتارىغا كىرگۈزىلگەنىدى. مەسلەن: ئەپسانە رىۋايەتلەردىكى، كىشىلەر ئۆزىنىڭ يارىلىشنى باغلاپ تەسسەۋۋۇر قىلغان غايەت چوڭ سېدە، ئۈجمە قاتارلىق سېھرلىك دەرەخلەر ۋە تەبىئەت(ئانىمىزم) ئېتىقادچىلىقى دەۋرىدە كىشىلەر خاسيىەتلىك ئىلاھ دەپ چوقۇنغان ۋە ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈك ۋە تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلىگەن ئۆرۈك، شاپتول، ياڭاق، جىگدە، چىنار قاتارلىق يەتتە شاخلىق غايەت چوڭ مىۋىلىك دەرەخلەر، كېيىنكى ئېتىقاد دەۋرلىرىدە جىن-ئالباستىلار پەيدا بولىدىغان ياكى ماكان تۇتقان، كىشىلەرگە قورقۇنچلۇق تۇيغۇ بېرىدىغان دەرەخلەرگە ئايلانغانىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلار ئېتىقاد جەھەتتە ئانا ئەجداد قا چوقۇنۇش ۋە كۆك تەڭرى ئېتىقادىدىن زورروئاستىرىزم(ئوتقا چوقۇنۇش) ۋە قەھرىمانلىق قاراشلار ئاساسىدىكى ئاتا ئەجدادقا چوقۇنۇشقا كۆچىۋاتقان ئۆتكۈنچى دەۋىرلەردە پەيدا بولغان «چىن تۈمۈر باتۇر» باتۇر چۆچىكىدىكى يەتتە باشلىق يالماۋۇز ئوبرازى دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ. چۆچەكتىكى سېھر قىلالايدىغان، ياشانغان، كۆرۈمسىز ئايال «يەتتە بېشى بار يالماۋۇز» دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ دەل ئۇيغۇرلار شامانىزم ئېتىقادى دەۋرىدىكى ئوماي ئىلاھە ئوبرازى يەنى باخشى-پېرىخونلۇق قىلالايدىغان، ئۇرۇق-قەبىلە ئاقساقىلى بولغان ئايال ئانا ئەجدادنىڭ ئوبرازى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلاھى كۆك تەڭرى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان يەتتە پەرىشتە ئىدى. شۇڭا، ئاتا ئەجدادقا چوقۇنۇشقا ۋە ئوتقا چوقۇنۇش ئېتىقادىغا كۆچكەندىن كېيىن، ئىلگىرىكى ئايال جىنىسلىق ئانا ئەجدادنىڭ روھى ۋە ئوبرازى خۈنۈكلەشتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغان ئىلاھ ۋە پەرىشتىلەر كۈچلۈك قۇدرەتكە ئىگە قان-ئىچەر يالماۋۇز قىلىپ تەسۋىرلەنگەنىدى. ئاتا ئەجدادنىڭ روھى بولسا، ئۆز قەۋمىنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزالاليدىغان ئىلاھى قۇدرەتكە ئىگە تەڭسداشسىز باتۇر قىلىپ تەسۋىرلەنگەنىدى.

يۇقارقى چۈشەنچىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسىدىكى جىننىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدىكى قاراشلار ئىنسان، روھ ۋە تەبىئەتتىن ئىبارەت ئۈچ قاتلاملىق مەنبەگە ئىگە ئىدى.

3.جىن-ئالباستىنىڭ تۈرلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرى ۋە خەلق ئارىسىدىكى ئىشەنچىلەردە ئەكىس ئەتكەن جىن-ئالباستى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، جىن-ئالباستىلارنى تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

بىرىنچى، يالماۋۇز

ئۇيغۇرلار ئىپتىدائىي ئېتىقادلارغا ئېتىقاد قىلغان مەزگىللەردە، جىن-ئالباستىنى يالماۋۇز دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ سېھىرلىك چۆچەكلىرى ۋە ئەپسانە-رىۋايەتلىرىدە يالماۋۇز ئاتلىق بىر جىن توغرىسىدىكى بايانلار كۆپ ئۇچرايدۇ. چۆچەكلەردە تەسۋىرلىنىشىچە، «يەتتە باشلىق يالماۋۇز»نىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى ئادەمگە ئوخشاش بولۇپ، يەتتە بېشى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئەسلى تەقى-تۇرقى ناھايىتى كۆرۈمسىز، بەد-بەشىرە بولۇپ، كۆپىنچە مومايلارنىڭ سىياقىغا كىرىۋالاتتى. ئۇ ناھايىتتى ۋەھشى بولۇپ، يەتتە بېشىنى تۇلۇق كېسىۋەتمىگىچە جېنى چىقمايدۇ.

يەتتە باشلىق يالماۋۇز ئادەم قېنى ئىچىشكە ئامراق بولۇپ، دائىم كىشىلەرنى تۇتىۋېلىپ، قېنىنى شورايدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر لار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان «ئەقىللىق باتۇر»، «ئۈچ يولۋاسلىق ئادەم ۋە يالماۋۇز»، «تايغان بىلەن بۈركۈت»، «چىۋىن قانداق پەيدا بولغان؟»، «ھەسسىنەم ۋە گۈلپەرى»، «ئارپاغان باتۇر»، «چىن تۈمۈر باتۇر»، «چوكان» ناملىق چۆچەكلەردە، باتۇرلارنىڭ يالماۋۇز بىلەن ئېلىشقانلىقىدەك باتۇرلۇق قىسسى بايان قىلىنىدۇ. بۇ دەل ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق قاراشلار ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن، ئەجداد ئېتىقادچىلىقى مەزگىلىدىكى جىننىڭ ئوبرازىدۇر.

ئىككىنچى، يەل

ئۇيغۇرلار شامانىزمغا ئېتىقاد قىلغان مەزگىللەردە جىننى «يەل» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىگەن. مەسىلەن، مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا، «يەل» ۋە «ئەر يەلىنتى» دېگەن سۆزگە «جىن-ئالباستى» ۋە «ئادەمگە جىن چاپلاشتى، ئادەمگە شامال دارىدى» دەپ ئىزاھات بەرگەن.[7] بۇ خىل كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى تىپىك شامانىزم ئېتىقادىغا خاس ئەقىدە-قاراشلار ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر باخشىلارنىڭ قارىشىچە، «ئالۋاستى، دىۋىلەر قۇيۇن، شامالغا ئايلىنىپ ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزەرمىش، ئۇلار ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلارنىڭ شامىلى ئادەم بەدىنىگە تىگىپ كەتسىمۇ، ئادەمنى ساراڭ ياكى پالەچ قىلىپ قويارمىش ياكى تىلى تۇتىلىپ قالارمىش، ئېغىرراق بولغاندا ئادەم ئۆلۈپمۇ كېتەرمىش».

ئۈچىنچى: ئالباستى. ئۇيغۇرلار شامانىزمغا ئېتىقاد قىلغان مەزگىللەردىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى دەۋرلەردە، يامان روھلارنى «ئالباستى» دەپ ئاتىغان. «ئالباستى» دېگەن سۆز «قىزىل باشلىق» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىستىمال مەنىسى ئادەم سىياقىدىكى چىرايى سەت-كۆرۈمسىز، چاچلىرى قىزىل سېرىق رەڭلىك ئۇزۇن ھەم چۇۋۇق، كۆزى رەڭدار، كىيىملىرى غەيرى-غۇيرى، قارا رەڭلىڭ، ئۇچالايدىغان ۋە خىلمۇ-خىل سۈرەتكە كىرەلەيدىغان، ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان، يامان تەبىئەتلىك روھى مەخلۇقتۇر.

تۆتىنچى، دىۋە

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان سېھىرلىك چۆچەك ۋە ئەپسانە-رىۋايەتلەردە، «دىۋە» ئاتلىق جىن-ئالباستىلار تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئاتەشپەرەسلىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان مەزگىللەردە، جىن-ئالباستىنى «دىۋە» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىگەن. «ئاتەشپەرەسلىك دىنىدا دىۋە رەزىللىك ۋە زۇلمەت خۇداسى ئەھرەمەننىڭ سەركەردىسى سۈپىتىدە تۇنۇلغان.»[8] چۆچەكلەردە تەسۋىرلىنىشچە، «دىۋە» دەس تۇرسا بۇيى بۇلۇتقا تاقىشىدىغان، بېشىنىڭ يۇغانلىقى گۈمبەزدەك، ئاغزى كاماردەك، چىشلىرى ئاسقاقتەك، كۆزلىرىدىن كۆك نۇر چىقىپ تۇرىدىغان، غايەت زور گىگانت ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ رەڭگى قارا ۋە مويلۇق بولۇپ، مويلىرى كىرپىنىڭ تىكىنىدەك يىرىك، ئەمما پارقىراپ تۇرىدۇ. ئۇ بىر ئۇخلىسا، 40 كۈن ئۇخلايدۇ، خورەك تارتسا، 40 كۈنلۈك يولنىڭ نېرىغا ئاڭلىنىدۇ. يول ماڭغاندا بىر چامدىسا، 3 كۈنلۈك يولنى بېسىپ بولىدۇ. دىۋە قاراڭغۇ زۇلمەتلىك كۇھىقاپنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ، جېنىنى ئۆز تىنىدە ساقلىماي، تىنىنىڭ سىرتىدا يەنى كۇھىقاپنىڭ ئىچىدىكى سىرلىق جايلاردا، تۇخۇمنىڭ ئىچىدە ياكى تىلسىملىق ساندۇقتا ساقلايدۇ. قاچانكى، شۇ جاينى تېپىپ، تۇخۇمنى چاقمىغۇچە ياكى ساندۇقتىكى سىرلىق تىلسىمنى يەشمىگۈچە دىۋىنى ئۆلتۈرگىلى بولمايدۇ. دىۋە چىرايلىق قىزلارغا ئامراق بولۇپ، دائىم پادىشاھلارنىڭ مەلكىلىرىنى ۋە چىرايلىق قىزلارنى بۇلاپ كىشىلەرگە ئازاپ ئېلىپ كېلىدۇ.

بەشىنچى، يەك(ئۈچ كۆزلۈك ئالۋاستى)

ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان مەزگىللەردە جىننى «يەك» سۆزى بىلەن ئاتىغان.مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا، «يەك» دېگەن سۆزگە «جىن-شەيتان» دەپ ئىزاھات بەرگەن.[9] ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىككى تىكىننىڭ ھىكايىسى»، «چاستانى ئىلىگ بەگ» قاتارلىق بۇددا دىنىغا ئائىت يازما يادىكارلىقلىرىدا، «يەك» دەپ ئاتىلىدىغان ئۈچ كۆزلۈك ئالۋاستى توغرىسىدىكى بايانلار ئۇچرايدۇ. «چاستانى ئىلىگ بەگ»دە تەسۋىرلىنىشچە، ئۈچ كۆزلۈك ئالۋاستى « ئۈچ كۆزى بار، ئوت رەڭلىك چاچلىرى ئارقىسىدا چۇۋۇلۇپ تۇرىدۇ. كۆزىنىڭ قارىچوغى ياندۇرۇلغان چىراقتەك يالقۇنجاپ ئايلىنىپ تۇرىدۇ… رەھىمسىزلىك بىلەن سانسىزلىغان جانلىقلارنى ئېزىقلىرىدا چايناپ ئۆلتۈرىدۇ.»[10] دېمەك، ئۇيغۇرلار بۇددا دىنغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، بۇددا دىنى ئەقىدىلىرىدىكى رەزىللىكنىڭ سىمۋۇلى بولغان «يەك»نى، ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى جىن-ئالباستى توغرىسىدىكى قاراشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرگەنىدى.

ئالتىنچى، جىن-شەيتان

ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن بولسا، جىن-ئالباستىنى «جىن، شاياتۇن» ئاتالغۇسى بىلەن ئاتىغان. «قۇرئان كەرىم»دىكى تەپسىلاتلارغا ئاساسلانغاندا، «قۇرئان كەرىم»دە جىن-شەيتانلار توغرىلىق سۆزلەنگەن ئايەتلەر كۆپ بولۇپ، «جىن» ئاتالغۇسى 22 ئورۇندا، «جان» ئاتالغۇسى بىلەن 7 ئورۇندا، «شەيتان» ئاتالغۇسى بىلەن 68 ئورۇندا، «شاياتيىن» ئاتالغۇسى بىلەن 17 ئورۇندا تىلغا ئېلىنىپ، جەمئىي 114 ئورۇندا تەكرارلانغان. مەخسۇس بىر سۆرىنىڭ نامى «جىن»نىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ، «جىن» ھەققىدە بايانلار بېرىلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئىشەنچىلىرىدە جىن ئادەم سۆرەتلىكمۇ بولىدۇ. ئادەم سۆرەتلىك جىننىڭ شەكلى ئادەمگە ئوخشايدۇ، رەڭگى سېرىق، چاچلىرى ئۇزۇن ياكى قىرقىم چاچ، قارا كىيىملىك بولىدۇ. ئۇنىڭ دۈمبىسى كاۋاك بولۇپ، كىشىلەرگە ئۇچراپ قالسا، دۈمبىسېنى كۆرسەتمەيدۇ. قۇلىنىڭ دۈمبىسى يوق بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

يەتتنچى، پېرە

<پىرە› دېگەن بۇ سۆز ئەسلى ‹پەرى› بولۇپ، ‹پەرى› ئايال جىنىسلىق جىنلارغا بېرىلگەن ئىسىم. ‹پەرى› كەلىمىسى ‹ئىلاھ، روھ، ئۇستاز› مەنىسىدىكى ‹پىر› بىلەن پەرىقلىق. ئۇيغۇر باخشىلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن «نەقىشى سۇلايمان»، «كەنزىل ھۈسەينى» ناملىق قول يازمىلاردا ۋە مۇھەممەت ئېۋەز قارىقاشى يازغان «مەجمۇئەتۇل ئەھكام» ناملىق قەدىمىي قول يازمىلاردا يامان روھلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋە كىشىلەرگە كېسەل سالىدىغان جىن، ئالباستى، دىۋىلەر ‹پېرە› ئاتالغۇسى بىلەن ئاتالغانىدى. ‹پېرە› سۆزىنىڭ ئىستىمال مەنىسىدىن قارىغاندىمۇ، ئۇيغۇرلار ‹جىن› ئاتالغۇسى بىلەن ‹پىرە› ئاتالغۇسېنى ئالماشتۇرۇپ ھەم بىرلىكتە ئىشلەتكەن. ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ پېرە قوشاقلىرىدىمۇ ‹پېرە› جىن-ئالباستىلارنىڭ بىر تۈرى قاتارىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن.

«ئەزەمتۇئەلەيكۇم دىۋىلەر،

ئەزەمتۇئەلەيكۇم پىرىلەر،

ئەزەمتۇئەلەيكۇم جىنلەر،

ئەزەمتۇئەلەيكۇم شاياتۇنلەر،

ئارغىماقنى ئوينىتىپ،

قۇشلارنى قۇشلىتىپ،

تۇغ-ئەلەمنى كۆتۈرۈپ،

199 تۇغلۇق ئەلەم-لەشكىرى بىلەن،

قازى-موپتىسى بىلەن،

يىغىلىپ-يىغىلىپ،

جەم-جەم بولۇپ،

ئەسنەپ-ئەسنەپ ھازىر بولۇڭلار! يا مەلئۇنلەر!»[11]

بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسىدە ‹پېرە›مۇ جىن-ئالباستىلارنىڭ بىر تۈرى ئىدى.  ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى ئېتىقاد دەۋرلىرىدە جىن-ئالباستىنى ئىپادىلىگەن ‹ئالباستى›، ‹يالماۋۇز›، ‹دىۋە›، ‹يەك›، ‹يەل(شامال)› دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ئورنىغا ‹جىن› ۋە ‹پىرە› سۆزلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەنىدى.

4.جىن-ئالباستىنىڭ تەقى-تۇرقى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىدە، جىننىڭ تەقى-تۇرقى توغرىسىدا خېلى تەپسىلىي چۈشەنچىلەر مەۋجۇت. ئۇيغۇرلارنىڭ جىننىڭ تەقى-تۇرقى توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

بىرىنچى، جىننىڭ تەقى-تۇرقى ئادەمگە ئوخشايدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئىشەنچىلىرىگە ئاساسلانغاندا، جىننىڭ تەقى-تۇرقى ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسىدە جىن ئاساسەن چېچى ئۇزۇن، رەڭگى سېرىق، خىلمۇ-خىل رەڭدە كىيىم كىيگەن ئايال كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ دۈمبىسى كاۋاك بولۇپ، كىشىلەرگە ئۇچراپ قالسا، دۈمبىسېنى كۆرسەتمەيدۇ. قۇلىنىڭ دۈمبىسى يوق بولىدۇ، ماڭسا يانتۇ ماڭىدۇ.

ئۇيغۇر باخشىلارنىڭ پىرە قوشاقلىرىدا جىننىڭ تەقى-تۇرقىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئۇچرايدۇ. مەسىلەن،

«ئەزەمتۇ ئەلەيكۇم دۆ-پىرى،

ئۇممۇسسەبىيان(ئايال دىۋە) ئەرمىيى.

ئەرۋاھى كەبى شاياتۇن،

دۇت بىلەن يادى قىلدىم سېنى.»[12]

※※※※※※※※※※※※※※

«قوساقلىرىڭ سەدەپتىن،

لىچەكلىرىڭ كىمخاپتىن.

كېپىشلىرىڭ ئالتۇندىن،

زەپە يۈزلۈك دۆ-پىرى.

ئالتۇن ئىكەن كېپىشلىرى،

ئۈنچە-مارجان چىشلىرى،

تۇزسىز ئىكەندۇر ئاشلىرى،

بەرھەم يۈزلۈك دۆ-پىرى.

ئالتۇن ئىكەن كەشىڭلار،

يىنجى-مارجان چىشىڭلار،

تۇزسىزكەندۇر ئېشىڭلار،

كۈمۈش كۆزلۈك دۆ-پىرى.

شىرىن-شىكەردۇر سۆزىڭلار،

چولپان ئىكەن سۈپەتلىرىڭلار،

سىپتىلەنگەن ساچىڭلار،

قەلەم قاشلىق دۆ-پىرى.

ئەۋرىشىم قالپاق باشىڭلاردا،

لەھىل تاج قېشىڭلاردا،

خوجىساچ باغرى ساچىڭلاردا،

قەمەر يۈزلۈك دۆ-پىرى.

يېشىل تۇغلۇق لەشكەرلەر،

قارا ساچىڭلار بېشىڭلاردا،

نازۇ-نىممەت ئېشىڭلاردا،

تولغۇما ساچلىق دۆ-پىرى.» [13]

※※※※※※※※※※※※※※

«زىلۋا بويلۇقلار،

مايسا كۆكۇلۇلۇقلار.

غۇنچە بويلۇقلار،

قەلەم قاشلىقلار.

شىرىن سۆزلۈكلەر،

ئۈنچە چىشلىقلار.»[14]

يۇقارقى پىرە قوشاقلىرىدىكى جىن-ئالباستىلارنى سۈپەتلەشكە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسىدە جىننىڭ تەقى-تۇرقى چىرايلىق ياسانغان ئايال ئوبرازىغا ئوخشايتتى.

ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسىدىكى تەقى-تۇرقى ئادەمگە ئوخشايدىغان جىن-ئالباستىلار ئىچىدە پادىشاھنىڭ لەشكەرلىرىگە ئوخشايدىغان جىن-ئالباستىلار بار ئىدى. ئۇچىسىغا ساۋۇت-دۇبۇلغا كەيگەن، ئارغىماق ئاتلارنى مىنگەن، قولىغا ئوقيا، نەيزە قېلىچ ئالغان، تۇغ-ئەلەملەرنى كۆتۈرگەن ھالەتتە سەپ-سەپ بولۇپ يۈرىدۇ. ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ پىرە قوشاقلىرىدىمۇ جىن-ئالباستىلارنىڭ يۇقارقى ھالەتلىرى توغۇرلۇق ئوبرازلىق مەزمۇنلار ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:

«ئەزەمتۇئەلەيكۇم دىۋىلەر،

ئەزەمتۇئەلەيكۇم پىرىلەر،

ئەزەمتۇئەلەيكۇم جىنلەر،

ئەزەمتۇئەلەيكۇم شاياتۇنلەر،

ئارغىماقنى ئوينىتىپ،

قۇشلارنى قۇشلىتىپ،

تۇغ-ئەلەمنى كۆتۈرۈپ،

199 تۇغلۇق ئەلەم-لەشكىرى بىلەن،

قازى-موپتىسى بىلەن،

يىغىلىپ-يىغىلىپ،

جەم-جەم بولۇپ،

ئەسنەپ-ئەسنەپ ھازىر بولۇڭلار! يا مەلئۇنلەر!

لېۋەن تۇياق ئاتقا مېنىپ،

ئىلان قامچا قولغا ئېلىپ،

لەئىل يۇپۇقلارنى يېپىپ،

ئارغىماق ئاتقا مىنگەنلەر،

زەردىن ئىگەرلىك دۆ-پىرى.

ئېگىز تاغقا چىققانلەر،

تاغدىن-تاغقا ئۇچقانلەر.

ئارغىماق ئاتقا مىنگەنلەر،

قارا چاپانلىق دۆ-پىرى.»[15]

※※※※※※※※※※※※※※

«بەلەن ئاتقا مىنگەنلەر،

دەردى يوقلارنى باققانلار.

يىلان قامچا تۇتقانلار،

زور ئىگەرلىك دۆ-پىرى.

پىچاقلىرىڭلار پولاتتىن،

غىلاپلىرىڭلار كۈمۈشتىن،

خەنجەرلىرىڭلار ئالماستىن،

ساھىبجامال دۆ-پىرى.

سەيلىگاھىڭلار ئېگىز تاغ،

ئېلىپ كەلدىم گۈجە-ياغ،

ئالتۇن ئىگەر، قۇرام باغ،

قۇراق كىيىملىك دۆ-پىرى.

ئوقلىرىڭلار ئالتۇندىن،

نەيزىلىرىڭلار پولاتتىن،

قېلىچلىرىڭلار مىسراندىن،

قولانغا مىنگەن دۆ-پىرى.»[16]

يۇقارقى پىرە قوشاقلىرىدىكى جىن-ئالباستىلارنى سۈپەتلەشكە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسىدە جىننىڭ تەقى-تۇرقى پادىشاھنىڭ جەڭگە ئاتلانغان لەشكەرلىرىگە ئوخشايتتى.

ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسىدىكى تەقى-تۇرقى ئادەمگە ئوخشايدىغان جىن-ئالباستىلار ئىچىدە بىر قىسىم ئاقساق-چولاق ۋە قارغۇ جىن-ئالباستىلارمۇ بار ئىدى. مەسىلەن،

«ئەما پىرىلەردىن بولساڭلارمۇ كۆچۈڭلار!

ئاقساق چولاق پىرىلەردىن بولساڭلارمۇ كۆچۈڭلار!»[17]

دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىدە جىننىڭ تەقى-تۇرقى ئادەمگە ئوخشاش بولۇپ، بەزىلىرى چىرايلىق ياسانغان ئايال كىشىگە ئوخشىسا، يەنە بەزىلىرى پادىشاھنىڭ جەڭگە ئاتلانغان لەشكەرلىرىگە ئوخشايتتى، يەنە بەزىلىرى بولسا، ئاقساق-چولاق، ئەما كىشىلەرگە ئوخشايتتى.

ئىككىنچى، جىننىڭ تەقى-تۇرقى ھايۋانغا ئوخشايدۇ

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىدە يەنە جىننىڭ تەقى-تۇرقى ھايۋانلارغا ئوخشايدۇ، دەيدىغان چۈشەنچىلەر بار. خەلق ئارىسىدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، جىن-ئالباستىلار كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ئۆچكە، مۈشۈك، ئېشەك، تۈگە، مۈشۈكياپىلاق، چۈجە قاتارلىق ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ سىياقىدا كۆرىنەرمىش. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسىدە جىننىڭ يەنە بىر خىلدىكى تەقى-تۇرقى ھايۋانلارغا ئوخشاش ئىدى.

يۇقارقىلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ جىننىڭ تەقى-تۇرقى توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرى ئادەم ۋە ھايۋاناتتىن ئىبارەت ئىككى خىل جانلىق مەۋجۇداتنىڭ تەقى-تۇرقى توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەرنى ئۆزىگە مەنبە قىلغانىدى.

5.جىن-ئالباستىنىڭ يىمەك-ئىچمىكى

ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئىشەنچىلىرىدە جىنمۇ ئادەمگە ئوخشاش يەيدۇ ۋە ئىچىدۇ. ئەمما، ئوخشاش بولمىغان دىننىي ئېتىقاد دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن جىن توغرىسىدىكى ئىشەنچىلەردە جىننىڭ يىمەك-ئىچمىكىمۇ بىر-بىرىدىن مۇئەييەن دەرىجىدە پەرىقلىنەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى جىننىڭ يىمەك-ئىچمىكى توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىدىن چۈشىنىش مۇمكىن.

بىرىنچى، جىن قان ئىچىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقاد مەزگىلىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن يالماۋۇز توغرىسىدىكى بىر قىسىم سېھىرلىك چۆچەكلەردە يالماۋۇزنىڭ ئادەمنىڭ قېنىنى ئوزۇقلۇق قىلىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان «ئارپاغان باتۇر»، «چىن تۈمۈر باتۇر» ناملىق چۆچەكلەردە، يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ مەختۇمسىلانىڭ قېنىنى شورىغانلىقى توغرىسىدا بايانلار ئۇچرايدۇ. «چوكان» ناملىق چۆچەكتە، يالماۋۇز ئايالنىڭ ئېرىنىڭ قېنىنى شورىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقاد مەزگىلىدىكى جىن-ئالباستى ئىشەنچىلىرىدە، جىننىڭ يىمەك-ئىچمىكى «ئادەم قېنى» دەپ قارالغانىدى.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە جىن ھايۋانلارنىڭ قېنىنى يىمەك-ئىچمەك قىلىدۇ، دەيدىغان ئىشەنچىلەر مەۋجۇت. ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلار جىندىن بولغان كېسەل دەپ قارىغان كېسەللەرنى داۋالاش مۇراسىمى ئېلىپ بارغاندا، مەخسۇس جىننى رازى قىلىپ، جىننى بىمارنىڭ تېنىدىن چىقىرىش ئۈچۈن، جانلىق بوغۇزلاپ بىمارنىڭ كېسەل جايىغا ئېقىتىدۇ ياكى جىن ئاپىتىنى سالغان جايغا ئاپىرىپ قان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، قان جىن-ئالباستىلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يىمىكى ئىكەن. مەسىلەن، ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن «جىن ۋە ئارھات» ناملىق كىتاپتا بۇ توغرىسىدا مونداق بىر بايان بېرىلگەن. «تاغۇتلار-ياۋۇز روھلار قان ھېدىغا يېقىن جايدا ياشايدۇ. بىر تامچە قان يەرگە چۈشسە، ئۇلار چاقماقتىنمۇ تېزلىكتە يىتىپ كېلىدۇ.»[18] بۇ خىل قاراش ھازىرقى ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ پىرە قوشاقلىرىدىمۇ ناھايىتى روشەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. مەسىلەن:

«قان شەربىتىڭلارنى تەييار قىلدىم.

ئىسرىق سالدىم كۆچۈڭلار! كېتىڭلار!

چوڭ بۇلاقلارغا كۆچۈڭلار!

كونا مەسچىتلەرگە كۆچۈڭلار!»[19]

دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ئەكىس ئەتكەن «جىن قان ئىچىدۇ» دېگەن قاراش، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئانىمىزم ۋە شامانىزم ئەقىدە-قاراشلىرىدىكى جىن ئىشەنچىلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ.

ئىككىنچى، جىن ئادەم يەيدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان بىرقىسىم سېھىرلىك چۆچەكلەردە، يالماۋۇز ۋە دىۋىلەرنىڭ ئادەمنىڭ گۆشىنى ئوزۇقلۇق قىلغانلىقى، دىۋىلەرنىڭ ئادەملەرنى يالماپ يۇتقانلىقىدەك بايانلار ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان «ئەقىللىق باتۇر»، «ئۈچ يولۋاسلىق ئادەم ۋە يالماۋۇز»، «تايغان بىلەن بۈركۈت»، «چىۋىن قانداق پەيدا بولغان؟» ناملىق چۆچەكلەردە، يالماۋۇزنىڭ پۈتۈن شەھەردىكى جانلىقلارنى يەپ، شەھەرنى خارابىلىققا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى بۇددا دىنىغا ئائىت يازما يادىكارلىقى «چاستانى ئىلىگ بەگ» داستانىدا، ئۈچ كۆزلۈك ئالۋاستى(يەك)نىڭ ئادەملەرنى ئېزىق چىشلىرىدا چايناپ يىگەنلىكى توغرىسىدا بايانلار بار. بۇ بايانلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىدە، جىننىڭ يەنە بىر مۇھىم ئوزۇقى «ئادەم» دەپ قارالغانىدى. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە بىر قىسىم يازما يادىكارلىقلاردا ئەكىس ئەتكەن «جىن ئادەم يەيدۇ» دېگەن قاراش، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مانى ۋە بۇددا دىنى ئەقىدە قاراشلىرىدىكى جىن ئىشەنچىلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ.

ئۈچىنچى، جىن ئاش-تاماق يەيدۇ.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە جىن ئاش-تاماق يەيدۇ دەيدىغان قاراش بار. خەلق ئارىسىدىكى ئىشەنچىلەردە جىنمۇ ئادەملەرگە ئوخشاشلا ئاش-تاماق يەيدۇ. يېزا-قىشلاقلاردا ياشقا چوڭ ئاياللار ئۇششاق بالىلار كۆپ بارىدىغان يالغۇز دەرەخنىڭ تۈۋىگە، ئەسكى تاملىق يېنىغا، چوڭ يوللارنىڭ بويىغا، «بالىلارغا جىن ئاپەت ئۇرمىسۇن» دەپ پۇچۇق قاچا، سۇنۇق قوشۇق بىلەن ئاش-تاماقلارنى ئاپىرىپ قۇيۇپ قويىدىغان ئادەتلەر بار. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، جىن-ئالباستىلار تاماق يىگەندىن كېيىن ئۇششاق بالىلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بالىلار ئاۋاق كېسىلى بولغاندا، كىشىلەر شاماننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئاۋاق ئېشى يەنى جىن ئېشى ئېتىپ، تۆت كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئاپىرىپ قويىدۇ. ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ قارىشىچە، جىن ئېشىنى جىنلا يىگەندىن كېيىن، رازى بولۇپ بالىنىڭ تىنىدىن چىقىپ كېتىدىكەن.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە «شەيتاننى تۇپا يەمسەن دىسە، يېغى(مېيى) بارمۇ دەپتۇ» دىگەندەك، ماقال-تەمسىللەر بار. بۇنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، جىن-شەيتانلار ياغ يىيىشكە ئامراق ئىدى. ئادەتتە ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارمۇ پىرە ئۇيۇنىدا قىرىق تال ياغ چىراق ياسايدۇ. پىرە قوشاقلىرىدىمۇ ئۇلارنىڭ يىمىكى توغرىسىدا بىرقىسىم مەزمۇنلار ئۇچرايدۇ. مەسىلەن،

«زىغىر يېغى يىگەنلەر،

ھەر خىل كىيىم كىيگەنلەر،

تۈتۈنى يوق ئوتلۇقلار،

ئىپار بۇيلۇق دۆ-پىرى.»[20]

※※※※※※※※

«ماكانىڭدۇر ئېگىز تاغ،

ئېلىپ كەلدىم گۈرۈچ-ياغ،

ئالتۇن ئوغلاق، قارام باغ،

قارا كىيىملىك دۆ-پىرى.

ھەيدەر كىيىم كىيگەنلەر،

زەپەر يېغى يىگەنلەر،

ئېگىز تاغقا چىققانلەر،

سېرىق چاپانلىق دۆ-پىرى.

ئالتۇن ئىكەن كېپىشلىرى،

ئۈنچە-مارجان چىشلىرى،

تۇزسىز ئىكەندۇر ئاشلىرى،

بەرھەم يۈزلۈك دۆ-پىرى.»[21]

بۇ قوشاقلارنىڭ مەزمۇنىغا ۋە خەلق ئارىسىدىكى ئىشەنچىلەرگە ئاساسلانغاندا، جىن-ئالباستىلار ئۇن، كېپەك، گۈرۈچ، زىغىر ۋە زەپەر قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يەيدۇ.

تۆتىنچى، جىن سۇڭەك يەيدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئەقىدىلىرىگە خاس بولغان جىن توغرىسىدىكى ئىشەنچىلىرىدە، «جىن-ئالباستىلار سۇڭەك يەيدۇ» دەپ قارىلىدۇ. بۇ قاراش يۇقارقى بىر ھەدىسنى ئۆزىگە كېلىش مەنبەسى قىلغانىدى.

ئىبنى مەسئود(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ھەدىس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەر ئەلايسالام بىلەن بىرگە تۇراتتۇق، بىر كېچىسى ئۇنى يوقىتىپ قويدۇق، ئۇنى جىلغىلاردىن ۋە تاغ يوللىرىدىن ئىزدىدۇق(تاپالمىدۇق)، (ئۇنىڭ تۇيۇقسىز يوقىلىپ كەتكەنلىكىدىن) دۈشمەنلەر يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۋەتكەنمىدۇ؟ دېيىشىپ قالدۇق. بۇ كېچە (بىزمۇسۇلمان) قەۋم ئۈچۈن ئىنتايىن يامان(تەس) ئۆتكەن كېچە بولدى. تاڭ يۇرىغاندا ئۇ زات ھېرا(ئۆڭكۈرى) تەرىپىدىن كەلدى.» ئىبنى مەسئود مۇنداق دەيدۇ: «بىز ‹ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سىلىنى يوقىتىپ قويۇپ، ئىزدەپ يۈرۈپ، ھېچ يەردىن تاپالمىدۇق. بۇ كېچە (بىزمۇسۇلمان) قەۋم ئۈچۈن ئىنتايىن يامان(تەس) ئۆتكەن كېچە بولدى› دىدۇق.» پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېدى:«قېشىمغا جىن-ئالباستىلارنىڭ داھىيىسى كەلگەنىدى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىپ، ئۇلارغا قۇرئان ئوقۇپ بەردىم.»  ئىبنى مەسئود مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىزنى (بارغان يېرىگە) باشلاپ باردى، ئۇ جىن-ئالباستىلارنىڭ ئىزلىرى ۋە ئۇلار قالىغان ئوتلارنىڭ ئىزلىرىنى بىزگە كۆرسەتتى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن ئۆزلىرىنىڭ ئوزۇق-تۈلۈكى توغرىسىدا سۇئال سورىغانىكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق جاۋاپ برىپتۇ: ‹ئاللاھنىڭ ئىسمى ئاتىلىپ بوغۇزلانغان ھەرقانداق گۆشنىڭ سۆڭىكى قوللىرىڭلارغا تۇلۇق گۆش بولۇپ چۈشىدۇ، تېزەك-ماياق ئۇلاغلىرىڭلارغا ھەلەپ بولسۇن.› شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىزگە: ‹بۇ ئىككىسى بىلەن(سۆڭەك، تېزەك-ماياق) بىلەن تاھارەت تازلىماڭلار! بۇ ئىككىسى سىلەرنىڭ (جىن-ئالباستىلاردىن بولغان) قېرىندىشىڭلار(ئۇلارنىڭ ئۇلاغلىرى)نىڭ ئوزۇقىدۇر› دېدى.»[22]

ئابۇللا ئىبنى ئۆمەر(ئاللاھ ئۇنىڭىن رازى بولسۇن) ھەدىس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:‹سىلەرنىڭ بىرىڭلار (تاماق) يىسە، ئوڭ قۇلى بىلەن يىسۇن. (ئىچىملىك) ئىچمەكچى بولسا، ئوڭ قۇلى بىلەن ئىچسۇن، شۇنىڭ ئۈچۈنكى شەيتان شۈبھىسىزكى سول قۇلى بىلەن يەيدۇ، ئىچىدۇ.›»[23]

دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئەقىدىسېنى مەنبە قىلغان جىن توغرىسىدىكى ئىشەنچىلىرىدە، سۇڭەك جىننىڭ ئاساسلىق ئوزۇقى بولۇپ، جىن-ئالباستىلار ئادەتتە سول قۇلى بىلەن تاماق يەيدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا سول قول بىلەن تاماق يىگەن ئادەمنى يامان كۆرىدىغان قاراشلار مەۋجۇت ئىدى.

بەشىنچى، جىن-ئالباستىلار خۇشپۇراق نەرسىلەرگە ئامراق كېلىدۇ

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىدە، جىن-ئالباستىلار خۇشپۇراق نەرسىلەرگە ئامراق ئىدى. شۇڭا، ئۇيغۇرلار جىن بار دەپ قارىغان يەرلەرگە ئىسرىق سالىدىغان ئادەتلەر ساقلانغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خۇشبۇي نەرسېنىڭ پۇرىقى جىن-ئالباستىلارنىڭ ئوزۇقى، خۇشبۇي نەرسىدە جىن بار جايغا ئىسرىق سالسا، جىن-ئالباستىلار خۇشبۇي نەرسىدىن ئوزۇق ئالىدۇ ۋە ئىسرىق سالغۇچىدىن رازى بولۇپ كۆچۈپ كېتىدۇ ياكى كىشىلەرگە زىيان سالمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلار پال ئېچىش، كېسەل داۋالاش ۋە سېھرگەرلىك قىلىش مۇراسىم-پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى ئارچا ياغىچى، ئادراسمان، گۈلرەيھان…قاتارلىق خىلمۇ خىل نەرسىلەردە ئىسرىق سالىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇلارنىڭ يىغىنلىرى(جىنلىرى) ئىسرىقنىڭ ھىدىنى پۇرىغان ھامان ھەممىسى يىغىلىپ كېلىدىكەن. دېمەك، ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ ئىسرىق سېلىشتىن مەقسىدى جىن چاقىرىش ئىدى. بۇ خىل چۈشەنچىلەر ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ پىرە قوشاقلىرىدىمۇ ناھايىتى روشەن ئەكىس ئېتىدۇ. مەسىلەن:

«ئەزەمتۇئەلەيكۇم دىۋىلەر،

ئەزەمتۇئەلەيكۇم پىرىلەر،

ئەزەمتۇئەلەيكۇم جىنلەر،

ئەزەمتۇئەلەيكۇم شاياتۇنلەر،

سېنىڭ بارىڭ مېنىڭ بىلەن،

سېنىڭ ھەققىڭدە ئارچا ۋە كۈجىدە بۇي سالدىم،

199 تۇغلۇق لەشكىرى بىلەن،

قازى-مۇپتى پىرى يىغىلىپ-يىغلىپ،

جەم-جەم بولۇپ،

ئەسنەپ-ئەسنەپ ھازىر بولۇڭلەر يا مەلئۇنلەر!

ئەزەمتۇ ئەلەيكۇم دۆ-پىرى،

ئۇممۇسسەبىيان(ئايال دىۋە) ئەرمىيى.

ئەرۋاھى كەبى شاياتۇن،

دۇت بىلەن يادى قىلدىم سېنى.»[24]

※※※※※※※※※

«سېنىڭ بارىڭ مېنىڭ بىلەن،

مېنىڭ باغرىم سېنىڭ بىلەن،

سېنىڭ ھەققىڭدە ئارچا ۋە كۈجە بىلەن،

ئىپار ۋە زەپىران بىلەن بۇي سالدىم.

تۈمەن مىڭ لەشكىرى بىلەن يۈرگۈچى،

يەتتە قازى، يەتتە مۇپتىسى بىلەن،

ئالتۇن باشلىق ئاي پىرى،

كۈمۇش باشلىق كۈن پىرى،

ئۇمۇسسەبىيان(ئايال دىۋە) ئەۋلادى،

دۆ-پىرىلەر پادىشاھى،

ھۆرلىقانىڭ ھۆرى بىلەن،

زەپە-كۈجىنىڭ بۇيى بىلەن،

ھەزرىتى ئېلى شايىمەرداننىڭ دېمى بىلەن،

ھازىر بولۇڭلەر يا مەلئۇنلەر!»[25]

يۇقۇرىقىلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىدە جىن-ئالباستىلار خۇشبۇي نەرسىلەرنىڭ ھېدىغا ئامراق ئىدى.

6.جىن-ئالباستىنىڭ تۇرار جايى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىدە، جىننىڭ تۇرار جايى توغرىسىدىمۇ ناھايىتى كونكىرت چۈشەنچىلەر بار ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئېگىز تاغنىڭ بېشىدا، ئەسكى تاملىق يېنىدا، كونا مازارنىڭ ئىچىدە، كونا تۈگمەن بويىدا، يالغۇز دەرەخنىڭ يېنىدا، ئەخلەت تۆككەن يەرلەردە، قان ئېقىتقان ئورەكلەردە جىن بولىدۇ. ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ پىرە قۇشاقلىرىدىمۇ جىن-ئالباستىلارنىڭ تۇرار جايلىرى توغرىسىدا يۇقارقىدەك بايانلار ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:

«تاغدا بولساڭلار،

چاققان كېلىڭلار!

باغدا بولساڭلار،

تىنماي كېلىڭلەر!

كونا خامانلاردا بولساڭلار،

تۇرماي كېلىڭلار!

كونا ئالچۇقلاردا بولساڭلار،

تۇرماي كېلىڭلار!

يالغۇز تاغلاردا بولساڭلار،

تۇرماي كېلىڭلار!»[26]

※※※※※※※※

«ئۇلۇغ مازاردا شەھرىڭلار،

شەھەر بازار قىبلىسىدە،

ماكانىڭدۇر دۆ-پىرى.

يالغۇز دەرەخ تۈۋىدە،

كونا تۈگمەن ئورنىدا،

ئۇلۇغ كۆۋرۈك تىگىدە،

ئاپەت ئۇرغان دۆ-پىرى.

ئۇلۇغ يولنىڭ ئۈستىدە،

كۆل ئېرىقنىڭ بويىدا،

گورىستانلىق بېشىدا،

ماكانىڭلار دۆ-پىرى.

ئەخلەت، كۈل تۆككەن يەرلەردە،

چاھار پاي قويغان ئېغىللاردا،

قان تۆككەن گوداڭلاردا،

ئاپەت ئۇرغان دۆ-پىرى.

توققۇز يولنىڭ بېشىدا،

ئۇلۇغ سۇنىڭ بويىدا،

گورىستانلىق بېشىدا،

ماكانىڭلار دۆ-پىرى.»[27]

ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسىدە، يۇقۇرىقى پىرە قوشاقلىرىدا تىلغا ئېلىنغان يالغۇز تاغ، ئېگىز تاغ، باغ، كونا ئالچۇق، كونا خامان، ئەسكى تاملىق، كونا مازارلىق، كونا تۈگمەن، يالغۇز دەرەخ، ئەخلەت تۆككەن يەرلەر، قان ئېقىتقان ئورەكلەر، ئۇلۇغ سۇنىڭ بويلىرى، چوڭ كوچىنىڭ بويلىرى جىن-ئالباستىلارنىڭ تۇرار ماكانى ئىدى. شۇڭا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «يالغۇز تاغ، ئېگىز تاغ، باغ، كونا ئالچۇق، كونا خامان، ئەسكى تاملىق، كونا مازارلىق، كونا تۈگمەن، يالغۇز دەرەخنىڭ يېنى قاتارلىق جايلاردا يالغۇز ئوخلاپ قالسا، جىن چاپلىشىدۇ»، دەيدىغان ئادەت-قاراشلار مەۋجۇت.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە «سېدە-قارىياغاچتا جىن بار» دەيدىغان قاراش بار. ئادەتتە يېزىلاردا كىشىلەر بەك يوغىناپ كەتكەن قارىياغاچلارنى كەسمەيدۇ. ئەگەر كېسىش توغرا كەلسە، شۇيەردە خەتمە قۇرئان قىلىپ، جانلىق بوغۇزلاپ، سەدىقە قىلىپ، قارىياغاچتىكى جىن-ئالباستىلارنى كۈچۈرىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنى كېسىدۇ. ئەگەر جىن-ئالباستىلارنى كۆچۈرمەي تۇرۇپ كەسسە، جىن دەرەخنى كەسكۈچىلەرگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىمۇ «دۈشمىنىڭنى ئۆيىڭگە يۇلاتما، قارىياغاچنى بېغىڭغا يۇلاتما» دىگەندەك مەزمۇنلار ئۇچرايدۇ. تۇرپان رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «جىنلىق جۈجەم» قارىشى ناھايىتى كەڭ ئوموملاشقان بولۇپ، ئادەتتە مىۋە بەرمەيدىغان يالغۇز ھەم يۇغان ئەركەك جۈجەمدە ۋە  يالغۇز ھەم يۇغان قارا جۈجەمدە جىن بار دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يالغۇز ھەم يۇغان سۆگەتتە ۋە سېدە-قارىغاشتىمۇ جىن بار دەپ قارىلىدۇ. ئاقسۇ، ئاۋات رايۇنلىرىدىكى ئۇيغۇرلار يالغۇز ھەم يۇغان جىگدە دەرىخىدە جىن بار دەپ قارايدۇ. خوتەن رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلار يالغۇز ھەم يۇغان ياڭاق دەرىخىدە جىن بار دەپ قارايدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئۇششاق بالىلارغا جىننىڭ ئاپىتى تىگىدۇ دەپ، ئۇلارنى بۇنداق دەرەخلەرنىڭ يېنىدا ئويناشقا يول قويمايدۇ.

ئۇيغۇرلار ئەخلەت تۆككەن يەرلەردە ۋە قان ئېقىتقان ئورەكلەردە جىن بار دەپ قارايدىغان بولغاچقا، بۇنداق جايلارغا چوڭ كىچىك تەرەت قىلىشقا بولمايدۇ، كۈل تۆكۈشكە بولمايدۇ، قالايمىقان دەسسەشكە بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەگەر بۇنداق جايغا، يۇقارقى پەرھىز قىلىنغان ئىشلارنى قىلسا، جىن-ئالباستىلار ياكى جىن-ئالباستىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە زەخمەت يىتىپ قالسا، جىن شۇ ئادەمدىن ئۆچ ئالىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئەقىدىسى ئاساسىدىكى جىننىڭ تۇرار جايى توغرىسىىكى قاراشلارغا ئاساسلانغاندا، جىن-ئالباستىلارمۇ ئۆز ئىچىدىن بىر قانچە تۈركۈمگە بۆلىنىدىغان بولۇپ، تۇرىدىغان جايىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. جىن-ئالباستىلار ئاساسەن ئادەم بار جايلاردا بولىدۇ.  شەيتان بولسا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. بۇ توغرىسىدا مۇنداق بىر ھەدىس بار. سەفىييە بىننى ھۈيەييە(ئاللاھ ئۇنىڭىن رازى بولسۇن) ھەدىس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: ‹شۈبھىسىزكى، شەيتان ئادەم ئەۋلادىنىڭ قان ئاقالايدىغان تۇمۇرلىرىدا ئېقىپ يۈرىدۇ›.»[28]

يۇقۇرقىلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەقىدە-ئىشەنچىلىرىدە جىن-ئالباستىلارنىڭ تۇرار-جايى ئوخشاش ئەمەس ئىدى.

7.جىن-ئالباستىلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى

ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئىشەنچىلىرىدە جىن-ئالباستىلارمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاش توپ-توپ بولۇپ ياشايدىغان بولۇپ، ھەر بىر توپنىڭ ئۆزىگە خاس تەشكىلى قۇرۇلمىسى بار ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىدىكى جىن-ئالباستىلارنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسېنى تۆۋەندىكىدەك ئىككى نۇقتىدىن چۈشىنىش مۇمكىن.

بىرىنچى، جىن-ئالباستىلارنىڭ ئائىلە قۇرۇلمىسى

ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئىشەنچىلىرىدە جىن-ئالباستىلارنىڭمۇ ئەر ۋە ئاياللىرى بولىدۇ. جىن-ئالباستىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايال بولىدۇ. ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلار جىن چاپلاشقان كېسەللەرگە پال ئاچقاندا، «ئەرلەرگە ئايال جىن چاپلىشىپتۇ، ئاياللارغا ئەر جىن چاپلىشىپتۇ» دەپ تەبىر بېرىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىدە جىن-ئالباستىلار ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنىسقا بۆلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىدە، جىن-ئالباستىلارنىڭ ئەر ۋە ئاياللىرى ئۆز-ئارا توي قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ۋە خوتۇن-بالىلىرى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، ئادەم بارمايدىغان جايلاردا، كونا يوللاردا، ئېتىز-باغلاردا يۆتكىلىشچان كىچىك-كىچىك قۇيۇنتاز پەيدا بولسا، بۇنى «جىن-ئالباستىلارنىڭ توي مۇراسىمى» ياكى «جىن-ئالباستىلار توي كۆچۈرىۋاتىدۇ» دەپ قارايدىغان ئادەتلەر بار. ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلار بەزى نىكاھ-بەختى ئېچىلمىغان قىز-يىگىتلەرگە پال ئاچقاندا، «مەلۇم بىر كۈنى، مەلۇم بىر جايدا بىلمەستىن جىن-ئالباستىلارنىڭ تويى بولىۋاتقان جايدا چوڭ-كىچىك تەرەت قىىلىپ قويۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن جىن-ئالباستىلار غەزەپلىنىپ، ئۇلارنىڭ نىكاھ بەختىنى توسۇپ قويۇپتۇ» دەپ تەبىر بېرىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىدە جىن-ئالباستىلارمۇ توي قىلىدۇ. ئۇلارنىڭمۇ ئائىلىسى بولىدۇ.

ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلار بەزى بىر قىسىم ئاۋاقلىق كېسىلى، كېچىسى جۆيلۇپ ياتالمايدىغان قورقۇنچاقلىق، تۇتقاقلىق كېسىلى ۋە ساراڭلىق كېسەللىرىگە پال ئاچقاندا، «ئۇقۇشماي جىننىڭ بالىسېنى دەسسەپ زەخمىلەندۇرۇپ قويۇپتۇ ياكى قىزىق كۈل ياكى قايناقسۇلارنى تۆككەندە، جىننىڭ بالىسېنىڭ بېشى ياكى بەدىنى كۈيۈپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن جىننىڭ ئاتا-ئانىسى بۇنىڭغا چىدىماي، ئاپىتىنى ساپتۇ» دەپ تەبىر بېرىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، كۈلنى ۋە قىزىق سۇلارنى ئەخلەت بار جايغا تۆكمەيدىغان ئادەتلەر ساقلانغانىدى.

بىرىنچى ھېكايە: «مەن بەش ياش ۋاقتىمدا، ئاتام-ئاپاملار بىلەن بىللە ئېتىزلىققا بېرىپ، ئۇلار ئىشلەۋاتقان يەرنىڭ ئەتراپىدا سەكرەپ ئوينىغانىدىم. شۇ كۈنى ئېتىزدىن قايتىپ كېلىپ، كېچىسى بېشىم ئاغرىپ ئۇخلىيالمىدىم. ھەر كۈنى كەچتە ئاپام-ئاتاملا بېشىمنى بېسىپ يېنىمدا ئولتۇرىدىغانىدى. بۇ ئىش ئۇدا بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئاپام مېنى مەھەللىدىكى سائادەتخان موللىنىڭ ئۆيىگە ئاپاردى. ئۇ موللا مېنى بىر يەردە سەكرەپ ئويناۋېتىپ غايىپلارنىڭ بالىسېنىڭ بېشىنى دەسسەپ يارىلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. شۇڭا شۇ غايىپلار ئۆچ ئېلىپ بۇ قىزنىڭ بېشىنى ئىككى پارچە قىلىۋېتىپتۇ، دېدى. ئاندىن ئاپامغا سىلى بۇ قىزنى ئاشۇ غايىلارنىڭ بېشىنى دەسسىۋالغان جايغا بىللە ئېلىپ چىقسىلا، بىر ئايەت بار بۇ قىز شۇ ئايەتنى ئوقۇسۇن، ئۆزلىرى غايىلارنىڭ ھەققىدە دەپ شۇ جايغا داستىخان سېلىپ قويسىلا، قايتىپ كېلىپ، شۇ كۈنى كەچتە، ئۈچ تۇخۇمنى چېقىپ، ئېقىنى غايىلارغا سەدىقە قىلىپ، سېرىقى بىلەن بالىنىڭ بېشىىنى تەڭلىسىلە، دېدى. ئاندىن ماڭا شۇ ئايەتنى ئۆگىتىپ قويدى، ھازىر ئېسىمگە ئالالمايۋاتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئاپام بىلەن چىقىپ، ئۇ يەرگە داستىخان سالدۇق. ئاپام شۇ ئايال دىگەندەك بېشىمنى تەڭلەپ قويدى. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بېشىمنىڭ ئاغرىقى ساقىيىپ قالدى.»[29]

ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىلىرىگە ئاساسلانغاندا، جىن-ئالباستىلارنىڭ ئائىلە قۇرۇلمىسى ئەر(ئاتا)جىن، ئايال(ئانا)جىن ۋە بالا جىن قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.

ئىككىنچى، جىن-ئالباستىلارنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى

ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئىشەنچىلىرىدە، جىن-ئالباستىلار توپ-توپ ياشايدىغان بولۇپ، ھەر بىر توپنىڭ ئۆزىگە خاس تەشكىلى قۇرۇلمىلىرى بار ئىدى. جىن-ئالباستىلار يەتتە چوڭ قەۋمگە بۆلىنىدىغان بولۇپ، ھەر بىر قەۋمنىڭ ئۆز ئالدىغا بىردىن پادىشاھلىقى بار ئىدى. پادىشاھلىق ئىچىدە پادىشاھ، ۋەزىر، سەركەردە، لەشكەرلەر ۋە پۇقرالار بار ئىدى. ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلار دائىم تىلغا ئالىدىغان يەتتە سۇلتان دەل شۇ جىن-ئالباستىلارنىڭ يەتتە پادىشاھىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ قۇلىدا ئېقىپ يۈرگەن «جىن ۋە ئارھات» ناملىق كىتاپتا جىن قەۋمى توغرىلىق تۆۋەندىكىدەك بايانلار ئۇچرايدۇ. «بىر كۈنى غاردا ئىستىقامەت قىلىۋېتىپ، مۇلۇكى-سەبئە، ھەپتە خوجايى بۇزرۇكلار بىلەن بىر سورۇندا بولدۇم. ئۇلاردىن جىن-ئالباستىلارنىڭ تۈرلىرىدىن ۋە ئۇلارنىڭ ئادىمىزاتقا بولىدىغان تەسىرلىرىدىن ساراڭلىق، قېقىۋېتىش، پالەچلىك قاتارلىق ئەھۋاللاردىن سورىدىم. ئۇلار:-دۇئا-دەئۋەت بىلەن بىزنى بوي ئەگدۈرۈپ بوزەك قىلمايدىغان بولساڭ، سېنىڭ قېشىڭغا ھەرگىزمۇ كەلمەيتتۇق. سەن بىلەن ئارىمىزدا ھەمكارلىق توختىمى بولمىغان بولسىيدى، ساڭا ھېچ نەرسە دەپ بەرمەيتتۇق، دېدى. مەن ئۇلارغا:-جىن-ئالباستىلارنىڭ قەبىلىلىرى ئىچىدىن ئەڭ مۆتىۋەر ئالىملىرىنى ئالدىمغا كەلتۈرۈڭلار! ئۇلاردىن جىن-ئالباستىلارنىڭ سېھرىي تۈرلىرى ۋە ئۇلاردىن قوغدىنىشنىڭ تەدبىرلىرىنى سورايمەن، دېدىم. ئۇلار مېنى ئىسمائىل كاتىب ئىسىملىك بىرسى بىلەن ئۇچراشتۇردى. بۇ كىشى ئۇلارنىڭ پادىشاھىنىڭ كاتىپى ھەم ۋەزىرى ئىكەن. بىر دەم تۇرغاندىن كېيىن، ئىسمائىل ماڭا مۇنداق دېدى: -ھەي ھاجىنىڭ ئوغلى، مەنىدىن پايدىلىق بىلىم ئالاي دىسەڭ گېپىمنى دىققەت بىلەن ئاڭلىغىن. ئادەمگە زىيان سالىدىغان، ئادەمنى بۇغىدىغان تۈرلىرىنى سۆزلەپ بېرىمەن. ئۇلارنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن يەتمىش تۈرلۈك گوروھنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ھەر بىر گوروھنىڭ ئىچىدە يەتمىش مىڭ قەبىلە بار. ھەر بىر قەبىلىدە يەتمىش مىڭ جىن بار. ئەگەردە ئاسماندىن يىڭنە چاغلىق بىر نەرسېنى يەرگە تاشلىسا، ئۇ ھەرگىزمۇ يەرگە چۈشمەيدۇ… مەيمۇن زەنگى قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆڭى قارا كېلىدۇ. ئەئىۋان(چاكار)لىرى قىزىل كىيىملىك، ئەسكەرلىرى ئاق كىيىملىك كېلىدۇ.»[30]

ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ پىرە قوشاقلىرىدىمۇ ئۇلارنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:

«ئەزەمتۇئەلەيكۇم دىۋىلەر،

ئەزەمتۇئەلەيكۇم پىرىلەر،

ئەزەمتۇئەلەيكۇم جىنلەر،

ئەزەمتۇئەلەيكۇم شاياتۇنلەر،

سېنىڭ بارىڭ مېنىڭ بىلەن،

سېنىڭ ھەققىڭدە ئارچا ۋە كۈجىدە بۇي سالدىم،

199 تۇغلۇق لەشكىرى بىلەن،

قازى-مۇپتى پىرى يىغىلىپ-يىغلىپ،

جەم-جەم بولۇپ،

ئەسنەپ-ئەسنەپ ھازىر بولۇڭلەر يا مەلئۇنلەر!»[31]

دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىدە، جىن-ئالباستىلارنىڭ يەتتە چوڭ پادىشاھلىقى بار، ھەر بىر پادىشاھلىقتا يەتمىش تۈرلۈك گوروھ بار، ھەربىر گوروھتا 70 مىڭ قەبىلە بار، ھەر بىر قەبىلىدە 70 مىڭ جىن بار ئىدى. ھەر بىر پادىشاھلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدا، پادىشاھى، ۋەزىر-دانىشمەنلىرى، قازى، مۇپتىسى، سەركەردە، ئەسكەرلىرى ۋە پۇقرالىرى بار ئىدى.

8.جىن-ئالباستىنىڭ خاراكتىرى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىدە، جىن-ئالباستىلار خاراكتىرىگە ئاساسەن ياخشى جىن ۋە يامان جىن دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ. ياخشى جىن-ئالباستىلار ئىنسانلارغا ياردەم بېرىدىغان، ياخشىلىق قىلىدىغان، زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيدىغان جىن-ئالباستىلارنى كۆرسىتىدۇ. يامان جىن-ئالباستىلار بولسا، ئىنسانلارغا ئاپىتىنى سېلىپ، كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان، جاھىل جىن-ئالباستىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسدا قارا كىيىملىك ياكى ئۆڭى قارا، ئادەمگە ئوخشىمايدىغان جىن-ئالباستىلارنى يامان جىن، ئاق كىيىملىك ياكى ئۆڭى ئادەمگە ئوخشايدىغان جىن-ئالباستىلارنى ياخشى جىن دەيدىغان قاراش بار. ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلار پال ئېچىش، كېسەل داۋالاش، سېھرگەرلىك قىلىش قاتارلىق مۇراسىم-پائالىيەت جەريانىدا ئۆزىگە ياردەم بېرىدىغان جىن-ئالباستىلارنى «پىرىلەر» ياكى «يىغىنلار» يەنى ياخشى جىن دەپ ئاتايدۇ. كىشىلەرگە ئاپىتىنى سېلىپ، كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان، جاھىل جىن-ئالباستىلارنى بولسا، «جىن-ئالباستى» يەنى يامان جىن دەپ ئاتايدۇ. مەسىلەن:

«تاغدىن تاغقا ئۇچقانلار،

ھېكمەت ئېيتىپ يۈرگەنلەر،

ئالا بالداق ئەلەملىكلەر،

ياخشى سۈپەتلىك دۆ-پىرى.»[32]

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنى ئەقىدىسىدىكى ئاساسىدىكى ئىشەنچىلىرىدە مۇسۇلمان جىن-ئالباستىلار ئاساسەن كىشىلەرگە يامانلىق قىلمايدىغان ياخشى جىن-ئالباستىلاردۇر. غەيرى مۇسۇلمان(كاپىر) جىن-ئالباستىلار بولسا، كىشىلەرگە ئاپىتىنى سېلىپ، كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان يامان جىن-ئالباستىلاردۇر. دېمەك، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا، جىن-ئالباستىلارنى  ئوخشاش بولمىغان خاراكتىرىگە ئىگە دەپ قارىغانىدى.

9.جىن-ئالباستىلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىدە، جىن-ئالباستىلار تەبىئەتتىن ھالقىغان سىرلىق كۈچ قۇدرەتكە ئىگە ئىدى. جىن-ئالباستىلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەرنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىدىن چۈشۈنۈش مۇمكىن .

بىرىنچى، جىن-ئالباستىلار تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما يادىكارلىقلىرىدىكى جىن-ئالباستى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، جىن-ئالباستىلار تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ سېھرلىك چۆچەكلىرىدە دىۋىلەر تاغلارنى بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا يۆتكىيەلەيدىغان، تاغلارنى تالقان قىلالايدىغان كۈچ قۇدرەتكە ئىگە ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىدە دىۋىلەر بۇلۇتلارغا مېنىپ ئاسماندا ئۇچالايدىغان، دەريا-سۇدا ئۈزەلەيدىغان، ئۈچ يىللىق يولنى بىر كۈندە باسالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە ئىدى. بۇ خىل ئىشەنچىلەر ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ پىرە قوشاقلىرىدا ناھايىتى روشەن ئەكس ئېتىدۇ. مەسىلەن:

«ئەزەمتىلەيكۇم، يادىۋىلەر،

يا جىنلەر، يا پىرىلەر!

ئىلىغا چىققانلەر،

بۇلۇتقا مىنگەنلەر،

چىمەننى سالغۇچىلەر،

دەريانى كەچكۈچىلەر.»[33]

※※※※※※※※

«بۇلۇت ئۈستىدە يۈرگەنلەر،

ئارغىماق ئاتقا مىنگەنلەر،

دەريا كېزىپ يۈرگەنلەر،

گۆھەر كۆزلۈك دۆ-پىرى.

تەختى سۇلايمانغا بارغۇچىلار،

شاھ-شاھىستاندا تۇرغانلار،

ئۈچ يىللىق يولنى سائەتتە باسقۇچىلار،

جورجۇلۇس ئاتلىق دۆ-پىرى.

كۆكتىن-كۆككە ئۇچقانلار،

ھاۋادا ئويناپ يۈرگەنلەر،

ئېگىز تاغقا چىققانلار،

ئاق ئۆيلۈك دۆ-پىرى.»[34]

دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئىشەنچىلىرىدە جىن-ئالباستىلار تاغلارنى تالقان قىلالايدىغان، بۇلۇتلارغا مېنىپ ئاسماندا ئۇچالايدىغان، دەريا-سۇدا ئۈزەلەيدىغان، ئۈچ يىللىق يولنى بىر كۈندە باسالايدىغان، تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە ئىدى.

ئىككىنچى، جىن-ئالباستىلار ئادەملەرنى ئۆلتۈرەلەيدىغان كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما يادىكارلىقلىرىدىكى جىن-ئالباستى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، جىن-ئالباستىلار ئادەملەرنى ئۆلتۈرەلەيدىغان كۈچ قۇدرەتكە ئىگە ئىدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى «چىن تۈمۈر باتۇر»، «كەنجى باتۇر» قاتارلىق چۆچەكلەردە يەتتە باشلىق يالماۋۇز ئادەملەرنى تۇتۇپ كېلىپ، قېنىنى شوراپ ئۆلتۈرىدۇ. سېھرلىك چۆچەكلەردە دىۋىلەرمۇ ئادەملەرنى خىلمۇ خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. «چاستانى ئىلىگ بەگ»دە ئۈچ كۆزلۈك ئالۋاستى كىشىلەرنى چايناپ ئۆلتۈرىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئىشەنچىلىرىدە جىن-ئالباستىلار ئادەم ئۆلتۈرەلەيدىغان كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە ئىدى.

ئۈچىنچى، جىن-ئالباستىلار سېھرى قۇۋۋەتكە ئىگە.

ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئىشەنچىلىرىدە جىن-ئالباستىلار سېھرى قۇۋەتكە ئىگە ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ بارلىق سېھرىگەرلىك پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى جىن-ئالباستىلارنىڭ كۈچى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنى «جىنكەش»(جىن-ئالباستىلار بىلەن ھەپىلەشكۈچى) دەپ ئاتايدۇ.

جىن-ئالباستىلارنىڭ سېھرىگەرلىك مۇراسىم-پائالىيىتىدىكى رولى توغرىلىق «جىن ۋە ئارھات» ناملىق كىتاپتا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار ئۇچرايدۇ. «رىيازەتتە ئولتۇرغان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، جىن-ئالباستىلارنىڭ بىر پادىشاھى «دەھمۇشىل ئېفرىيىت» بىلەن دوستلىشىپ قالدىم. ئۆز-ئارا خىزمەت قىلىشىش ئۈچۈن ئەھدى-پەيمان قىلىشقاندىن كېيىن، بەزى مەسىلىلەر توغرىلىق ئۇنىڭدىن سۇئال سورىماقچى بولدۇم. ھەمدە يالغان سۆزلىمەسلىكى ئۈچۈن ئالاھ بىلەن قەسەم قىلىپ، ئەھدى سۇلايمان قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىم. ئۇ تەلىپىمنى ئورۇندىغاندىن كېيىن، سۇئالىمنى سورىدىم. سېھرىگە مۇپتىلا بولغان كىشىنىڭ ئالامەتلىرى قانداق بولىدۇ؟ مەن سورىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى:-سېھرى قىلىنغۇچى 30 تۈرلۈك گوروھ(ئارھات)نىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئۇ مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى:-سىز قۇلۇپلانغان بىر ئۆيىدىن بىرەر نەرسېنى ئالماقچى بولسىڭىز، ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكنى ئاچماي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى نەرسېنى ئالالامسىز؟ ياكى بەدىنىڭىزگە ئوق ياكى يىڭنە چاغلىق بىر نەرسە كىرىپ كەتكەن بولسا، سىز ئوق ياكى شوخىنى ئالمىسىڭىز، بەدىنىڭىز ساقىيامدۇ؟ -ياق. دەپ جاۋاپ بەردىم. ئۇ مۇنداق دېدى:-ھەي ھاجىنىڭ ئوغلى(مۇئەللىپنى دېمەكچى) ئارھاتنى بىلەي دىسىڭىز ھەقىقەت ھەممىدىن ئۈستۈن، تىرىشچانلىق ئەڭ مۇھىم(ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئىزدىنىش.)

بىرىنچى ئارھات: بۇ ئەرلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئايالغا ئۆچ قىلىۋىتىدۇ. ئۇ كىشى سېھرگە مۇپتىلا بولۇشتىن بۇرۇن بىر-بىرىگە ھەرقانچە مېھرىبان بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ كۆزىگە سەت كۆرىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەرلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئائىلە ئەزالىرىغا ئۆچ قىلىۋىتىدۇ.

ئىككىنچى ئارھات: ئاياللارغا تەسىر قىلىپ، ئۇنى ئېرىگە ئۆچ قىلىۋىتىدۇ. ئۇنىڭ چىرايىدىن سەسكىنىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. ئاياللارغا تەسىر قىلىپ، ئۇنىڭ نىكاھلىنىش يوللىرىنى توسۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنى ئويلىسىمۇ، تېزلا مېھرى يېنىپ كېتىدۇ. قىز بالىلارغا تەسىر يەتكۈزۈپ، بەختىنى يوق قىلىۋىتىدۇ. ئۇنىڭ يېنىغا ھېچكىم يېقىن يۇلىمايدىغان، ئۇنىڭدىن يىراققا قاچىدىغان ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ.

ئۈچۈنچى ئارھات: سېھرى قىلىنغا ئائىلىدە ئۇلاغ ۋە مال-دۇنيا ئاينىمايدۇ. قوي قاتارلىق چارۋىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، تۆللىرىنى نابۇت قىلىدۇ.مەن ئۇنىڭدىن سېھىرنىڭ جانلىقلارنى ئۆلتۈرەلىگۈدەك كۈچى بولامدۇ؟-دەپ سورىدىم. دەھمۇش شۇنداق دېدى:-ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىر ياراتقان ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى بىلەن قەسەمكى، بىرەر ئىگىلىنىپ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. چارۋىلارنىڭ بوغۇملىرىغا تەسىر قىلىدۇ. ساغلىقلارنىڭ بالا ياتقۇلىرىغا زەخمەت يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قورسىقىدىكى تۆرەلمىلەر چۈشۈپ كېتىدۇ.

تۆتىنىچى ئارھات: كالىغا تەسىر قىلسا، ئۇنىڭ سۈتى ئازلاپ قالىدۇ. قېتىق ئۇيۇتسا، قېتىقنىڭ يۈزىدە قايماق تۇتمايدۇ. ئەمما ئىشەك، خىچىر ۋە ئاتلاردا يۇقارقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بۇ كۆز تەككەنلىكنىڭ، چەتنىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى بۇلۇپ، بۇ ئۇلاغلارغا شاياتۇنلارنىڭ سېھرىسى تەسىر قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن تەۋىز قىلىش لازىم.

بەشىنچى ئارھات: ئادەم ئەۋلاتلىرىغا قىلىنسا، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئاينىمايدۇ، نەسلى كۆپەيمەيدۇ.

ئالتىنچى ئارھات: كىچىك بالىلارنى نابۇت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قوسىقى ئېسىلىپ، سۇسىزلىنىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.

يەتتىنچى ئارھات: سۇنبۇلە ئېيىدا، سەيشەنبە ياكى جۈمە كۈنى ئايال زاتىنىڭ سۈرىتىنى سىزىپ، ئۇنىڭغا سېھرى قىلسا، بۇ ئايال كىشى قىزلا تۇغىدۇ.

سەككىزىنچى ئارھات: يېڭى توي قىلغان قىز-يىگىتلەرنى جۆرىسىگە ئۆچ قىلىدۇ.

توققۇزىنچى ئارھات: ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىغا يارىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەرلەرنىڭ بوغۇملىرىدا كېسەللىك پەيدا بولىدۇ.

ئونىنچى ئارھات: ئاياللارنىڭ جىنسى ھەۋىسېنى يوقىتىۋىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتنى خالىمايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ.

ئون بىرىنچى ئارھات: ئاياللارغا قىلىنغان بولسا، بۇنداق ئاياللار بىر نىكاھدا توختىمايدۇ. ئەردىن چىقىپ، ئەرگە تېگىپلا يۇرىدۇ.

ئون ئىككىنچى ئارھات: سېھرى قىلىنغان ئايالنىڭ باش، قورساق قىسمىدا سۇ پەيدا بولىدۇ. چىرايى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، تۇغۇت ئېقتىدارىدىن قالىدۇ. بۇنداق ئاياللار ئۆزىنى «تۇغماس ئوخشايمەن» دەپ گۇمان قىلىپ قالىدۇ. لېكىن تۇغماس ئاياللار ئادەت كۆرمەيدىغان ئاياللاردۇر.

ئون ئۈچۈنچى ئارھات: سېھرى قىلىپ ئەر-ئايالنى بىر-بىرىدىن ئاجراشتۇرىۋىتىدۇ.

ئون تۆتىنچى ئارھات: بىر ئورۇندا پىتنە-پاسات ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش ئۈچۈن قىلىنىدۇ.

ئون بەشىنچى ئارھات: ئادەملەرنىڭ تىنىگە ئۇرۇپ زەخمەت يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بەدىنىدە ساقايماس، داۋاسىز كېسەللىك پەيدا بولىدۇ.

ئون ئالتىنچى ئارھات: مەرتىۋىسېنى تۆۋەنلىتىش، قەدرى-قىممىتىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئادەم باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن ئاسانلا چۈشۈپ قالىدۇ.

ئون يەتتىنچى ئارھات: مال-دۇنياسىدىن ئايرىلىپ، خانۇ-ۋەيران قىلىش ئۈچۈن قىلىنىدۇ.

ئون سەككىزىنچى ئارھات: ئۆز يۇرتىدىن كۆچۈرۋىتىش ئۈچۈن قىلىنىدۇ.

ئون توققۇزىنچى ئارھات: ھەر قانچە گۈزەل ئاياللارمۇ سېھرىگە مۇپتىلا بولسا، كىشىلەرنىڭ دىققىتىدىن، قىزىقىشىدىن مەھرۇم قالىدۇ، بەختى يانىدۇ.

يىگىرىمىنچى ئارھات: سېھرى قىلىنغان ئادەملەرنىڭ چىرايى كۈندىن-كۈنگە سارغىيىپ، ئەقلى ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ.»[35]

ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلار بارلىق كېسەللىكلەرنى جىن-ئالباستىلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قاراشلىرى پىرە قوشاقلىرىدا ناھايىتى روشەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. مەسىلەن:

«ئادەم ئوغلى-قىزىغا،

366 پارچە تۇمۇرىغا،

444 پارچە ئۇستىخېنىغا،

كېسەل سالغان دۆ-پىرى.

يەتتە ئەزا ئارلىقىغا،

بەدەن باشى ئىچىگە،

ئۈچەي، يۈرەك، ئۆپكىسىگە،

نەشتەر ئۇرغان دۆ-پىرى.

پەيلىرىنى قورىغان،

بەدەن بېغىشىنى كۆيدۈرگەن،

ئەتلىرىنى سىزدۇرغان،

ئۇلكامچىدۇر دۆ-پىرى.

يۈزلىرىنى ئىشىتقان،

ئەقلىنى بىكار قىلغان،

باش كۆزىنى ئاغرىتقان،

شەقىق ئاتلىق دۆ-پىرى.»[36]

※※※※※※※

«ئەي دىۋىلەر!

ئەي پىرىلەر!

ئەي جىن-ئالباستىلار(ئەر جىنىستىكىلەر)!،

ئەي جىن-ئالباستىلار(ئايال جىنىستىكىلەر)!

ئەي ناپاك جىن-ئالباستىلار!

ئادەم ئوغلى قىزىغا چېپىلغان مەينەتلەر،

366 تۇمۇر، 444 پارچە سۇڭەك ئورنىدىن بولساڭلارمۇ كۆچۈڭلار! كېتىڭلار!»[37]

دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئىشەنچىلىرىدە جىن-ئالباستىلار سېھرى قۇۋەتكە ئىگە بولۇپ، بارلىق سېھرگەرلىك پائاليىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى جىن-ئالباستىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

  1. 10. جىن قورقىدىغان نەرسىلەر

ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئىشەنچىلىرىدە، جىن-ئالباستى ئىنسانلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە نەرسىدىن قورقىدۇ، بۇ نەرسىلەر ئارقىلىق جىن-ئالباستىلارنى بويسۇندۇرغىلى ۋە ئۇلارنى خىزمەتكە سالغىلى بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ توغرىسىدىكى ئىشەنچىلىرىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىدىن چۈشىنىش مۇمكىن . خەلق ئارىسىدا جىن تۆۋەندىكى بىر قانچە نەرسىدىن قورقىدۇ.

بىرىنچى، جىن ئوتتىن قورقىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «جىن ئوتتىن قورقىدۇ، ئوت بار جايغا يېقىن بارالمايدۇ» دەيدىغان ئادەت-قاراش مەۋجۇت. شۇڭا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، مەيلى ياز ياكى قىشتا بولسۇن يالغۇز سەپەرگە چىقىپ، كېچىسى سىرتلاردا ئۇخلاش توغرا كەلسە، ئوخلاشتىن ئىلگىرى جىن-ئالباستىلارنىڭ زىيان سېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياتىدىغان جاينىڭ يېنىغا ئوت يېقىپ ئاندىن ئۇخلايدىغان ئادەت بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە، «جىن بار» دەپ قارالغان جايغا ۋە «جىن چاپلاشقان» ئادەمگە ئوت ئۇچۇق قىلىدىغان ئادەت بار. ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ پىرە ئۇيۇنىدىمۇ شامان بىمارنىڭ تىنىدىكى جىننى قوغلاپ كېسەلنى داۋالاش ئۈچۈن، پاختا ۋە قۇمۇش چىۋىقلىرىنى كۆيدۈرۈپ بىمارنىڭ باش ۋە بەدەنلىرىنى ئۇچۇقدايدۇ. بۇنى باخشى-پېرىخونلار «ئوت ئۇچۇق» دەپ ئايدۇ. ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلار «جىن دېگەن ئوتتىن قورقىدۇ. بىمارنى ئوت بىلەن ئۇچۇقداپ ئۇنىڭغا چاپلىشىۋالغان جىن-ئالباستىلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايمىز» دەپ قارايدۇ.

دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىدە «جىن ئوتتى قورقىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئىشەنچىلەر قۇيۇق شامانىزملىق تۈسكە ئىگە بولۇپ، ئوت قۇياش ئىلاھىغا سىمۋول قىلىنىپ چۈشىنىلىدۇ.

ئىككىنچى، جىن تىغلىق نەرسىدىن قورقىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «جىن پىچاق، قايچا، كەتمەن قاتارلىق تىغلىق نەرسىلەردىن قورقىدۇ، بۇ نەرسىلەرنى يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن كىشىلەرگە جىن ئاپىتىنى سالالمايدۇ» دەيدىغان ئادەت-قاراش مەۋجۇت. شۇڭا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، مەيلى كۈندۈزدە بولسۇن ياكى كېچىدە بولسۇن يالغۇز سەپەرگە چىققاندا، جىن-ئالباستىلارنىڭ ئاپىتىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يېنىغا پىچاق ئېلىۋالىدىغان ئادەپ بار. كېچىسى سىرتلاردا ئۇخلاش توغرا كەلسە ياكى ئۆيلەردە يالغۇز ئۇخلاش توغرا كەلسە، جىن-ئالباستىلارنىڭ ئاپىتىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ياستۇقىنىڭ ئاستىغا پىچاق ياكى قايچا قويۇپ ياتىدىغان ئادەتلەر بار.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا جىننىڭ قايچا-پىچاقتىن قورقىدىغانلىقى، جىننىڭ چېچىنى كېسىۋىلىش توغرىسىدا مۇنداق بىر ئەپسانە تارقالغان. «ياز كۈنلىرىنىڭ بىر كېچىسى بىر كىشى ھويلىسىدا ئۇخلاي دەپ يېتىشىغا، جىن-ئالباستىلار كۆزلىرىگە كۆرىنىپ، ئاغىل-تاغىل ئاۋاز چىقىرىپ، ئۇ كىشىنى ئۇخلىغىلى قويماپتۇ. بۇ ئىش ئۇدا بىر قانچە كۈن داۋاملىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، بىر كۈنى كەچتە، ئۇ كىشى ياستۇقىنىڭ تېگىگە بىر دانە قايچىنى قويۇپ يېتىپتۇ. جىن-ئالباستىلار يەنە كۆزلىرىگە خىلمۇ خىل ھالەتتە كۆرىنىپ، ئۇ كىشىنى ياتقۇزماپتۇ. شۇنداق قارىسا، چېچى ئۇزۇن بىر جىن كارۋىتىنىڭ يېنىدا تۇرغىدەك. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى ئاستا ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن قايچىنى چىقىرىپلا چاققانلىق بىلەن ھېلىقى جىننىڭ چېچىنى كېسىۋاپتۇ. ئۇ ئادەم قارىسا قۇلىدا بىر تۇتام چاچ تۇرغۇدەك. ئۇ بۇچاچنى دەرھال ئېلىپ كىرىپ قۇرئاننىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ قۇيۇپتۇ. ھېلىقى جىنمۇ ئۇ كىشىنىڭ كەينىدىن كىرىپ قويغان جاينى كۆرىۋاپتۇ. ئۇ كىشى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، جىن «قۇرئان كەرىم»نى ئاختۇرۇپتۇ. لېكىن، ئۇنىڭ چېچى قىستۇرۇلغان بەت باشقا بەت بىلەن قوشۇلۇپ ئېچىلىپ كېتىپ، چېچىنى ئالالماپتۇ. ئۇ كىشى قايتىپ چىقىپ قارىسا، ھويلىدا جىن-ئالباستىلار كۆرۈنمىگىدەك. شۇنىڭ بىلەن، ئەمدى ئۇخلاي دەپ ياتسا، ھېلىقى چېچىنى كېسىۋالغان جىن يېنىغا كېلىپ، ئۇ كىشىگە «چېچىمنى قايتۇرۇپ بەرسەڭ» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. ئۇ كىشى گەپ قىلماپتۇ. ئۈچ قېتىم يالۋۇرغاندىن كېيىن، ئۇ كىشى جىنغا: ‹نېمىشقا ماڭا ئارام بەرمەيسىلەر؟› دەپتۇ. جىن ئۇ كىشىگە: ‹بىز ساڭا ئۇقۇشماي چېقىلىپ قويۇپتۇق، چېچىمنى قايتۇرۇپ بەرسەڭ، بۇندىن كېيىن ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلاتلىرىڭغا چېقىلمايمىز› دەپتۇ. ئۇ كىشى جىندىن ‹شۇ بىر نەچچە تال چېچىڭ ئۈچۈن بۇنچىلىك يالۋۇرۇپ كەتتىڭ، چېچىڭ سەن ئۈچۈن شۇنچىلىك مۇھىممۇ؟› دەپ سوراپتۇ. جىن ئۇ كىشىگە مۇنداق دەپتۇ: ‹شۇنداق چېچىم مەن ئۈچۈن جېنىمدەكلا مۇھىم. بىزنىڭ پادىشاھىمىز ھەر كۈنى بىر قېتىم بىزنىڭ چېچىمىزنى سانايدۇ. ئەگەر بىر تال كام چىقىپ قالسا، بىزنى جازالايدۇ ياكى ئۆلۈمگە ھۈكۈم قىلىدۇ.› جىن ئۇ كىشىگە شۇنداق دەپ يېلىنىۋەرگەچكە، ئۇ كىشى جىننىڭ چېچىنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى بوپتۇ. جىنغا دەپتۇ: ‹چېچىڭ ئۆيدىكى «قۇرئان كەرىم»نىڭ قېتىدا، ئۆزۇڭ ئېلىۋال› دەپتۇ. جىن ‹مەن ئالالمىدىم ئۆزۈڭ ئېلىپ بەرسەڭ دەپتۇ.› ئاندىن ئۇ كىشىگە يەنە يالۋۇرۇپ، ‹يەتمىش پۇشتۇڭغىچە چېقىلمايمەن› دەپ قەسەم-ۋەدىلەرنى بېرىپتۇ. ئۇ كىشى ئۆزى كىرىپ «قۇرئان كەرىم»نىڭ قېتىدىن جىننىڭ چېچىنى ئېلىپ بېرىپتۇ. جىن مىڭلاپ رەھمەت ئېيتىپ كېتىپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، جىن بۇ كىشىگە چېقىلمايدىغان بوپتۇ.» شۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «جىن قايچا-پىچاقتىن قورقىدۇ. جىننىڭ چېچىنى كېسىۋالغىلى بولىدۇ» دېگەن ئىشەنچىلەر بارلىققا كەلگەن. ئادەتتە ئائىلىدە ئانىلار كىچىك بالىلار ئۇخلىغاندىمۇ، جىن-ئالباستىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ياستۇقىنىڭ ئاستىغا قايچا ياكى پىچاقنى قويۇپ قويىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلار جىندىن بولغان كېسەللەرنى مەخسۇس خەنجەر ئارقىلىق داۋالايدۇ. پىرە ئويۇنىدىمۇ شامان بىمارنىڭ بەدىنىنىڭ كېسەل بار جايىغا خەنجەرنى سۈركەيدۇ ياكى كۈچ بىلەن سالىدۇ. ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلار يەنە جىندىن بولغان بىر قىسىم كېسەللەرنى كەتمەن بېسىش ئارقىلىقمۇ داۋالايدۇ. يەنى شامان چوغدەك قىزىق كەتمەننى دەسسەپ بىمارنىڭ بەدىنىگە ئىسسىق ئۆتكۈزىدۇ. ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلار پىرە قوشاقلىرىدىكى جىن قوغلاش قىسمىدا، بۇ خىل قاراشلار ناھايىتى روشەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. مەسىلەن:

«پولات پىچاق مەندە بار،

ئالماس ئوقلار مەندە بار،

مىسران قىلىچ مەندە بار،

ئېتىپ چاپارمەن دۆ-پىرى.

يەر يېرىگە يىتەلمەس،

قېلىچ تەككەن قۇتۇلماس.»[38]

دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىدە «جىن قايچا، خەنجەر، كەتمەن قاتارلىق تىغلىق نەرسىلەردىن قورقىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، «ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزم ئېتىقادىدا شەمشەر قاتارلىق تىغلىق نەرسىلەر چاقماق ئىلاھىنىڭ سىموۋولى ئىدى. چاقماق ھەرقانداق ۋەھشى جىن-ئالباستىلارنىڭ جېنىنى تېنىدىن جۇدا قىلىدۇ.»[39] بۇ ئىشەنچىلەر قۇيۇق شامانىزملىق تۈسكە ئىگە بولۇپ، بۇ تىغلىق نەرسىلەر چاقماق ئىلاھىغا سىمۋول قىلىنىدۇ.

ئۈچىنچى، جىن ئەينەكتىن قورقىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىدە، جىن-ئالباستىلار ئەينەكتىن بەك قورقىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، «قورقاق تېگىپ قالمىسۇن» دەپ، بوۋاق بالىنىڭ بۆشىكىنىڭ ياستۇقىنىڭ ئاستىغا ئەينەك باستۇرۇپ قويىدىغان ئادەت بار. تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، «ئەينەك(كۆزگۈ) ئالتاي شامانىستلىرى تەرىپىدىن يامان روھلارنى قوغلىيالايدىغان ئورتاق ئىلاھى قۇدرەتكە ئىگە خاسىيەتلىك قورال قىلىنغان.»[40]

دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىدە، جىن-ئالباستىلار ئەينەكتىن بەك قورقىدۇ. ئەينەك ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى شامانىزم ئېتىقادىدىكى شامانلارنىڭ جىن-ئالباستىلارنى قوغلىيالايدىغان ئىلاھى قۇدرەتكە ئىگە خاسىيەتلىك قۇرالى ئىدى.

تۆتىنچى، جىن ناندىن قورقىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىدە، جىن-ئالباستىلار ناندىن قورقىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، يېنىغا نان ئېلىۋالغان كىشىگە جىن-ئالباستىلار يېقىن كېلەلمەيدۇ دەيدىغان ئادەت قاراش مەۋجۇت. شۇڭا، كىشىلەر كېچىسى يول يۈرسە پوتىسىغا نان قىستۇرۇۋالىدۇ. پىرە ئۇيۇنىدا باخشى-پېرىخونلار بىمارنىڭ جىن-ئالباستىلار كېسەل سالغان يېرىنى كېپەكتىن تەييارلىغان جىن ئېشى بىلەن ئۇچۇقدايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسىدە ناننىڭ كېلىش مەنبەسى بۇغداي، بۇغداي يەردە ئۈسسۈپ، ھوسۇل بېرىدۇ. نان يەر ئىلاھىنىڭ سىمۋولى. شۇڭا، نان ۋە جىن ئېشى ئوخشاشلا جىن-ئالباستىلارنى قوغلىيالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە خىسلەتلىك نەرسە ئىدى. ئۇيغۇرلار ئارسىدا، «نان تەڭرىسى-يەر» دەيدىغان ماقال-تەمسىل بار. بۇ چۈشەنچىلەرگە ئاساسلانغاندا، نان ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزم ئېتىقادىدىكى تۆت چوڭ ئىلاھنىڭ بىرى بولغان يەر ئىلاھىغا سىمۋول قىلىنغانىدى.

بەشىنچى، جىن ئەپسۇندىن قورقىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىدە، جىن-ئالباستىلار سۈرە-ئايەت، ئەپسۇن-ئەرۋەشلەردىن قورقىدۇ،  دەيدىغان قاراش بار. شۇڭا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىشتىن ئىلگىرى، ئىشقا جىن-شەيتان ئارلىشىۋالمىسۇن دەپ مەلۇم سۈرە-ئايەت ۋە ئەپسۇنلارنى ئوقۇيدىغان ئادەت بار. ئادەتتە ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلار جىندىن بولغان كېسەللەرنى داۋالىغاندا، بىمار تېنىدىن جىننى قوغلاش ئۈچۈن سۈرە «فاتىھە»، سۈرە «ئىخلاس»، «ئايتەل كۇرسى»، «چىلىكاپ»، «دېھقاف»، «قەسىدە سۇلايمان»، «قەسىدە بۇردە» قاتارلىق سۈرە-ئايەت ۋە ئەپسۇن-ئەرۋەشلەرنى ئوقۇيدۇ. ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ پىرە قوشاقلىرىدىمۇ جىن-ئالباستىلارنىڭ ئەپسۇندىن قورقىدىغانلىقى توغرىلىق تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:

«سەھى قارا ئوقۇيمەن،

ۋەھى كۈللى ئوقۇيمەن،

قىسسە سۇلايمان ئوقۇيمەن،

قەسىدە بۇردى ئوقۇيمەن،

ئەمدى قويۇپ ياتمىساڭلار،

قىرىلىپ كېتەرسىلەر دۆ-پىرى.»[41]

※※※※※※※※

«سەھىھ دۇئا ئوقۇيمەن،

ۋەھى كۈللى ئوقۇيمەن،

قەسىدە سۇلايمان ئوقۇيمەن،

ۋە چىلىكاپ ئوقۇيمەن. يا سۈف!»[42]

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىرىدىكى، جىن-ئالباستىلار سۈرە-ئايەت، ئەپسۇن-ئەرۋەشلەردىن قورقىدۇ، دېگەن بۇ قاراش قۇيۇق شامانىزملىق تۈسكە ئىگە بولۇپ، سۈرە-ئايەت، ئەپسۇن-ئەرۋەشلەر كۆك تەڭرىنىڭ جىن-ئالباستىلارغا قىلغان ئەمرىگە سىمۋول قىلىنغانىدى.

  1. 11. جىن-ئالباستىنى بويسۇندۇرۇش

ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئىشەنچىلىرىدە، جىن-ئالباستىلارنى بويسۇندۇرغىلى ۋە ئۇلارنى خىزمەتكە سالغىلى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلار جىننلارنى بويسۇندۇرۇپ جىن-ئالباستىلارنى خىزمەتكە سالىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇلارنى «جىنكەش» دەپ ئاتايدۇ. جىننى بويسۇندۇرۇشتىن مەقسەت باخشى بولۇش ئىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، پىرى بار، جىنى بار، ئادەملا باخشى بولالايتتى. باخشى بولۇش ئۈچۈن جىن ۋە دىۋە-پىرىلەرنى مۇسەخخىر(بويسۇندۇرماق) قىلىش كېرەك ئىدى. ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ خىزمەتكە سالغاندا، ئۇلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلنىپ ھەرقانداق ئىشىنى قىلغىلى بولاتتى. ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ قارىشچە، جىننى پەقەت ئەپسۇن ئارقىلىق بويسۇندۇرغىلى بولاتتى. شۇڭا، باخشى بولۇش كويىدا يۈرگەن كىشىلەر، ئۇستاز باخشىنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە خىلمۇ-خىل ئەپسۇنلارنى توختىماي ئوقۇپ يۈرىدۇ. ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ بىر قىسىم قوليازمىلىرىغا ئاساسلانغاندا، جىن ۋە دىۋە-پىرىلەرنى بويسۇندۇرۇشنىڭ خىلمۇ-خىل ئۇسۇللىرى بار ئىدى.

كۇچا ۋە قەشقەر رايۇنىدىكى ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ قۇلىدا تارقىلىپ يۈرگەن «جىن ۋە ئارھات» ناملىق كىتاپتا جىننى خىزمەتكە سېلىش توغرىسىدا مۇنداق بىر بايان بېرىلگەن.

«ئەگەر كىشى ئۆز ئىشلىرى ئۈچۈن جىننى خىزمەتكە سالاي دىسە، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن نىيەت قىلىپ 40 كۈن روزا تۇتۇپ، قوي مېيى، ئارچا ياغىچى ياكى ئادراسمان بىلەن بۇي سېلىپ، خىلۋەتتە بىر جاينى تېپىپ ئولتۈرۈش كېرەك. ئارپا نېنى، قارا قۇرۇق ئۈزۈمگە ئوخشاش كۈچسىز تاماقلارنى يەپ، ھەر كۈنى پەرىز نامازدىن كېيىن بۇ ئازايىمنى 100 قېتىم ئوقۇش كېرەك. ‹يابنۇخ، دەردمۇخ جاۋاپ بېرىڭلار! تېزدىن كېلىڭلار! ئۆزۈڭلار ۋە بالىلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار! سىماتا ھەقىقىي، شۇماتا ھەقىقىي، …(كىشىلەرنى ئاغۇنلۇققا باشلاپ قويماسلىق ئۈچۈن بۇ مەزمون قىسقارتىلدى).مەن بۇيرىغاننى قىلىڭلار! خىزمىتىمنى قىلىڭلار! مۇھەببەتتىن، پىراقتىن، چېپىلدۇرۇشتىن، جەلىپ نىسائىدىن، خەزىنە ئېچىشتىن، خەۋەر تارتىپ كېلىشتىن. ايزما تكونو ا… (كىشىلەرنى ئاغۇنلۇققا باشلاپ قويماسلىق ئۈچۈن بۇ مەزمون قىسقارتىلدى)شيىن قدير.› بۇ ئازايىمنى  ھەر كۈنى يېزىپ، كۈن ئولتۈرغاندا يېيىش كېرەك. مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە، 40 كۈن مەشىق قىلغاندا، يولۋاس سۆرەتلىك بىر خىزمەتكار كۆز ئالدىغا پەيدا بولىدۇ. بۇ چاغدا، قورقماسلىق كېرەك. ئەگەر قورقۇپ كەتسە ساراڭ بوپ قالىدۇ. بۇنداق چاغدا، روھنى ئۈستۈن تۇتۇپ، ئازايىمنى كۈچلۈك ئىرادە بىلەن ئوقۇسا، يولۋاس قۇلىدا قىزىل تاش كۈتىرىۋالغان قارا تەنلىك بىر خىزمەتكارغا ئۆزگىرىدۇ. شۇ قىزىل تاشنى قولىغا ئالالىسا، بۇ خىزمەتكارنى مۇسەخخىر قىلغان بولىدۇ. كېيىن لازىم بولغاندا، تاشنى قولغا ئېلىپ، ئازايىمنى بىر ئوقۇسىلا ھەرقاچان يېندا پەيدا بولىدۇ.»[43]

يۇقارقىلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئىشەنچىلىرىدە جىن-ئالباستىلارنى خىلمۇ-خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆز خاھىشلىرى بويىچە ھەر خىل ئىشلار ئۈچۈن خىزمەتكە سېلىش ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى ئىپادىلەيدىغان مەزمۇنلارمۇ بارئىدى.

  1. 12. ئاخىرقى سۆز

ئۇيغۇرلارنىڭ جىن-ئالباستى ئىشەنچىلىرى خەلق ئارىسىدىكى ئىشەنچىلەرنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. شۇنداقلا، ھازىرقى ۋە قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپە چۈشەنچىلىرى، دۇنيا قاراش سېستىمىسى، ئېتىقاد قاراشلىرى، ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنىڭمۇ مۇھىم تەركىبى قىسمى. گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ جىن-ئالباستى ئىشەنچىلىرى ئۇزۇن تارىخقا ۋە چوڭقۇر ئىدىيىۋى ئارقا كۆرىنىشكە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئىلىم-پەن بىلىملىرىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئىشەنچلەر ئاستا-ئاستا ئاجىزلاشماقتا ۋە ئۆز رولىنى يوقاتماقتا. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى جىن-ئالباستى ئىشەنچىلىرى كۆپ خىل ئېتىقاد مەزمونلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، رەڭدار ئېتىقاد ئارقا كۆرىنىشىگە ئىگە بولغان، ئۆزگىچە بىر خىل ئەقىدە-قاراش سېستىمىسى بولغاچقا، يەنىلا خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە ئىدىيىۋى تونۇشلىرىغا بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە. شۇڭا، جىن-ئالباستى توغرىسىدىكى ئىشەنچىلەرنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى دۇنيا قاراش ۋە ئېتىقاد ئادەتلىرىنى بىلىپ ۋە چۈشىنىپ، ئۇلارنىڭ زامانىۋىي مەدەنىيەت قىممەت قاراش سېستىمىسىنى قۇبۇل قىلىشىغا يىتەكچىلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىزاھاتلار:

[1]مۇھەممەت تۇرسۇن باھاۋۇدۇن قاتارلىقلار تۈزگەن: «چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق                 لوغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2002-يىل، 200-بەت.

[2] مەھمۇت قەشقىرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» 3-توم، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.

[3] «قۇئان كەرىم»، سۈرە «ھىجىر» 27-ئايەت.

[4]«قۇئان كەرىم»، سۈرە «ئەرراھمان» 14-،15-ئايەتلەر.

[5] رابغۇزى: «قىسسەسۇل ئەنبىيا»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى.

[6] راخمان ئابدۇرېھىم رەتلىگەن مارابېشى ناھىيىسى ئاقساق-مارال يېزىسىدىكى ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[7] مەھمۇت قەشقىرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» 3-توم، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.

[8] ئەنۋەر سەمەت غەربى: «ئۇيغۇرلارنىڭ سېھرى ئادەتلىرى تەتقىقاتى»، بىكىتىلگەن نۇسخىسى، 66-بەت

[9] مەھمۇت قەشقىرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» 3-توم، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.

[10] ئابدۇقەييۇم خوجا قاتارلىقلار تۈزگەن: « قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1984-يىل، 223-، 224-بەتلەر.

[11] ئاۋات ناھىيىسى يېڭېرىق يېزىسىدىكى تۇرسۇن باخشىنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[12] ن.پانتىسوف رەتلىگەن ئىلى رايۇنىدىكى ئۇيغۇر باخشىلارنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[13] راخمان ئابدۇرېھىم رەتلىگەن مارابېشى ناھىيىسى ئاقساق-مارال يېزىسىدىكى ئۇيغۇر باخشىلارنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[14] ئاۋات ناھىيىسى يېڭېرىق يېزىسىدىكى تۇرسۇن باخشىنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[15] ئاۋات ناھىيىسى يېڭېرىق يېزىسىدىكى تۇرسۇن باخشىنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[16] راخمان ئابدۇرېھىم رەتلىگەن مارابېشى ناھىيىسى ئاقساق-مارال يېزىسىدىكى ئۇيغۇر باخشىلارنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[17] ن.پانتىسوف رەتلىگەن ئىلى رايۇنىدىكى ئۇيغۇر باخشىلارنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[18] «جىن ۋە ئارھات»: قەشقەردىكى ئۇيغۇر باخشىلارنىڭ قۇلىدا ئېقىپ يۈرگەن سېھرگەرلىك ۋە جىنغا ئائىت كىتاپ(ئۇيغۇرچە)

[19] ن.پانتىسوف رەتلىگەن ئىلى رايۇنىدىكى ئۇيغۇر باخشىلارنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[20] راخمان ئابدۇرېھىم رەتلىگەن مارابېشى ناھىيىسى ئاقساق-مارال يېزىسىدىكى ئۇيغۇر باخشىلارنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[21] ئاۋات ناھىيىسى يېڭېرىق يېزىسىدىكى تۇرسۇن باخشىنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[22] بۇخارى: «مۇسلىم رىۋايىتى»

[23] بۇخارى: «مۇسلىم رىۋايىتى»

[24] ئاۋات ناھىيىسى يېڭېرىق يېزىسىدىكى تۇرسۇن باخشىنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[25] راخمان ئابدۇرېھىم رەتلىگەن مارابېشى ناھىيىسى ئاقساق-مارال يېزىسىدىكى ئۇيغۇر باخشىلارنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[26] ئاۋات ناھىيىسى يېڭېرىق يېزىسىدىكى تۇرسۇن باخشىنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[27] راخمان ئابدۇرېھىم رەتلىگەن مارابېشى ناھىيىسى ئاقساق-مارال يېزىسىدىكى ئۇيغۇر باخشىلارنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[28] بۇخارى: «مۇسلىم رىۋايىتى»

[29] 2005-يىلى 7-ئايدا، تۇرپان شەھەر يار يېزىسىدىكى ئىمىنخان موماي بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىدىن ئۈزۈندە.

[30] «جىن ۋە ئارھات»: قەشقەردىكى ئۇيغۇر باخشىلارنىڭ قۇلىدا ئېقىپ يۈرگەن سېھرگەرلىك ۋە جىنغا ئائىت كىتاپ(ئۇيغۇرچە)

[31] ئاۋات ناھىيىسى يېڭېرىق يېزىسىدىكى تۇرسۇن باخشىنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[32] راخمان ئابدۇرېھىم رەتلىگەن مارابېشى ناھىيىسى ئاقساق-مارال يېزىسىدىكى ئۇيغۇر باخشىلارنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[33] ئاقسۇ كەلپىن ناھىيىسى ئاچال يېزىسىدىكى ئىبراھىم باخشىنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[34] راخمان ئابدۇرېھىم رەتلىگەن مارابېشى ناھىيىسى ئاقساق-مارال يېزىسىدىكى ئۇيغۇر باخشىلارنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[35] «جىن ۋە ئارھات»: قەشقەردىكى ئۇيغۇر باخشىلارنىڭ قۇلىدا ئېقىپ يۈرگەن سېھرگەرلىك ۋە جىنغا ئائىت كىتاپ(ئۇيغۇرچە)

[36] راخمان ئابدۇرېھىم رەتلىگەن مارابېشى ناھىيىسى ئاقساق-مارال يېزىسىدىكى ئۇيغۇر باخشىلارنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[37] ن.پانتىسوف رەتلىگەن ئىلى رايۇنىدىكى ئۇيغۇر باخشىلارنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[38] راخمان ئابدۇرېھىم رەتلىگەن مارابېشى ناھىيىسى ئاقساق-مارال يېزىسىدىكى ئۇيغۇر باخشىلارنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[39] دىلمۇرات ئۆمەر، دىلبەر سۇلايمان: «پىرە ئۇيۇنىدىن بايقالغان ئۇيغۇرلاردىكى شامان دىنىنىڭ قالدۇقلىرى»، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتى ئىلمى ژورنىلى، 1991-يىل 4-سان.

[40] ئابدۇبەسىر شۈكۈرى، سۇلايمان ھېلىمنىياز: «‹پالنامە› ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قاراشلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2000-يىل، 143-بەت.

[41] راخمان ئابدۇرېھىم رەتلىگەن مارابېشى ناھىيىسى ئاقساق-مارال يېزىسىدىكى ئۇيغۇر باخشىلارنىڭ پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[42] قەشقەر شەھىرى يېڭى بازاردىكى 62 ياشلىق كېرەم باخشى ئېيتىپ بەرگەن پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە.

[43] «جىن ۋە ئارھات»: قەشقەردىكى ئۇيغۇر باخشىلارنىڭ قۇلىدا ئېقىپ يۈرگەن سېھرگەرلىك ۋە جىنغا ئائىت كىتاپ(ئۇيغۇرچە)

ئەگەر دوستلارنىڭ بىۋاستە مۇنبەر يۈزىگە يېزىش ئىمكانىيىتى بولمىغان پىكىرلىرى بولسا ئىلكتۈرۇنلۇق پوچتا يوللانمىسىغا يوللىسىمۇ بولىدۇ.

شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتى ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى

59261191@qq.com

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ