قەدىمكى يۇرت – قاراشەھەر توغرىسىدا رىۋايەت – بىر گۇرۇپپىسى – ئىزدىنىش تورى

قەدىمكى يۇرت – قاراشەھەر توغرىسىدا رىۋايەت

ئابدۇۋەلى ئەلى ئاژۇنى

ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

 

قاراشەھەر ئويمانلىقى تارىختا ۋەتىنىمىز جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى قەدىمكى ئۈچ چوڭ مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بىرى دېيىلىدىغان «كۈسەن-قاراشەھەر-تۇرپان بۇددا مەدەنىيىتى» بارلىققا كەلگەن جاي. مىلادىيە 3-ئەسىردىكى جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەر مەزگىلىدە ياشىغان ئۈچ چوڭ بۇددا نوم ئۇستازىنىڭ تۇنجىسى بولغان بۇددۇچىڭا مىلادىيە 232-يىلى قارا شەھەردە دۇنياغا كەلگەن، غەربىي يۇرتتىكى 36 دۆلەتنىڭ ئارىسىدىكى ئاگىنى (يەنجى) دۆلىتى بىلەن چۇق (چۇققۇ) دۆلىتى قارا شەھەر ئويمانلىقىغا جايلاشقان.

قاراشەھەر مەنزىرىسى گۈزەل، باغرى ئىللىق ئەلۋەك يۇرت بولۇپ يۇقىرىسى ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغ بىلەن تۇتاشسا، تۆۋىنى قارا شەھەر ئويمانلىقىدىكى قەدىمكى ھەۋزى-باغراش كۆلىگە تاقىشىدۇ.

«قاراشەھەر» ئاتالغۇسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى لۇغەت مەنىسى-«تارىخى ئۇزاق، قۇدرەتلىك، كۆلىمى زور، كاتتا شەھەر» دېگەنلىك بولىدۇ. قاراشەھەر تارىختا يەنە: «ئاگىنى»، «كىنگت»، «چالىش» دەپمۇ ئاتالغان. «كىنگت» پارس تىلىدا: «كەنت، شەھەر» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ؛ «چالىش» مۇ پارسچىدىكى «چالىغ» دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن بولۇپ، «چاقماقتەك يۈگۈرۈك، شامالدىن تېز چاپىدىغان ئات» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئىسىمدا قارا شەھەر ئېتىنىڭ ئالاھىدىلىكى تولىمۇ جانلىق سۈرەتلەپ بېرىلگەن.

مىلادىيە 646-يىلى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ باشلىرىدا ياشىغان بۇددا راھىبى شۈەنزاڭ يازغان «ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربى يۇرت خاتىرىلىرى» دېگەن كىتابتا قاراشەھەر ئېتى توغرىسىدا مۇنداق مەلۇمات بار: «بۇ ئەلنىڭ كۈن چىقىش  تەرىپىدە ئالدى ئالدى تۆۋەنگە قارىتىپ سېلىنغان بىر ساڭرام بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىدە چوڭ بىر كۆل بولۇپ، بۇ كۆلدە ئەجدىھا ياشايدىكەن. مۇبادا بۇ ئەجدىھا كۆل بويىدا ئوتلاپ يۈرۈشكەن، بىيىلەرگە چېپىلىپ قالسا، بۇ بىيىلەر ياندۇرقى يىلى كۆكلەم پەسلىدە قۇلۇنلايدىكەن. ئەجدىھادىن بولغان بۇ قۇلۇنلار بەكمۇ شاش كېلىدىغىنى ئۈچۈن، بۇ ئەلنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى «تاي بۇرۇل» دەپ ئاتايدىكەن. بۇ ئەلنىڭ ئادەملىرى تاي بۇرۇللارنى قولغا ئۆگىتىۋېلىپ مىنىپ يۈرۈشىدىكەن، شۇڭا بۇ ئەل ئۆزدىن چىقىدىغان تۇلپارلىرى بىلەن پۈتۈن ئىقلىمغا مەشھۇر ئىكەن. بۇ ئەلنىڭ ئادەملىرىمۇ ئەجدىھا نەسلىدىن بولۇپ، تولىمۇ جەسۇر، تولىمۇ غەيۇر كېلىدىكەن.

«قاراشەھەر»، «كىگنت»، «چالىش» دېگەن ناملار ئىسلامىيەتتىن كېيىن بارلىققا كەلگەن. ھازىر خەنزۇچە مەنبەلەردە «قايدۇ دەرياسى» دەپ ئاتىلىدىغان «قاراشەھەر دەرياسى» تارىختا  تەڭرى تاغنىڭ باغرىدىكى چوڭ يۇلتۇز يايلىقىدىن ئېقىپ چىققانلىقتىن، «يۇلتۇز دەرياسى» دەپ ئاتالغان. 13-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن چىڭگىزخاننىڭ 3-ئوغلى ئوگىداينىڭ نەۋرىسى قايدۇنىڭ نامى بىلەن «قايدۇ دەرياسى» دەپ ئاتالغان.

«ئاگىنى»-قارا شەھەرنىڭ 3000 مىڭ يىل بۇرۇنقى نامى، بۇ نام مىلادىيە 1-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان بەنگۇ يازغان «خەننامە» دېگەن كىتابنىڭ 96-جىلد «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» (Ⅱ) دە «يەنجى» دەپ تۇنجى قېتىم قەيت قىلىنغان، «ئاگىنى»-قەدىمكى براھمان دىنىدىكى ئارىيانلارنىڭ ئوت تەڭرىسىنىڭ نامى ئىدى.

قەدىمكى زامان يۇلتۇز دەرياسى (قاراشەھەر دەرياسى) بويىدا ياشايدىغان براھمان دىنىدىكى توخارلار ئارىسىدا ئوت تەڭرىسى ئاگىنىنىڭ ئوردىسىدىكى ئىلاھىي ئوتنى زېمىندىكى ئادەملەرگە يەتكۈزۈپ بەرگەن «غال-غال» ئىسىملىك باتۇر ئوغلان توغرىسىدا تارالغان بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ:

زېمىندا ئەسلىدە زىمىستان سوغۇقلا بولۇپ، ھارارەتلىك ئوت يوق ئىكەنىدۇق، ھەر يىلى ئەتىياز پەسلىدە كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن كۈنى، يەنى نورۇز كۈنى ئوت تەڭرىسى ئاگىنى زېمىندا ئوت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئەرش لەشكەرلىرىنىڭ ھىماتىدا ئەرش ئوتىنى ئېلىپ كۆكتىكى ئوردىسىدىن يەر يۈزىگە چۈشىدىكەن، ئىنسان ئەنە شۇ چاغدىلا ئوتنىڭ ئىللىق ھارارىتىدىن بەھر ئالالايدىكەن.

شۇ چاغلاردا يۇلتۇز دەرياسى بويىدا ياشايدىغان توخارلار ئارىسىدا «غال-غال» ئىسىملىك بىر ئوغلان تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانىكەن. «غال-غال» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى قەدىمكى ئوغۇز تىلىدا: «ئاتەش ئوت» دېگەنلىك بولىدىكەن. ئىلاھىي ئوت مۇراسىمى ئاخىرلىشىپ، ئوت تەڭرىسى ئاگىنى ئەرىشتىكى ئوردىسىغا قايتىدىغان چاغدا، غال-غال ئىسىملىك ھېلىقى ئوغلاننىمۇ ئىلاھىي ئوتقا قارانچۇق قىلىش ئۈچۈن، ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىپتۇ.

ئوت تەڭرىسى ئاگىنىنىڭ ئەرشتىكى ئوردىسىدا ئىلاھىي ئوتقا قارانچۇقلۇق قىلىۋاتقان غال-غال ئوغلان يەر يۈزىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ قەھرىتان سوغۇق، ئوتسىز زېمىندا تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئويلىغىنىدا پۇچۇلۇنۇپ كېتىدىكەن، بىر قېتىم ئۇ ئىلاھىي ئوتنى قاپاققا يوشۇرۇپ يەر يۈزىدىكى قېرىنداشلىرىغا يەتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغاندا سېزىلىپ قالغاچقا، ئوت ئىلاھى ئاگىنى ئۇنى كۆكتىكى تاش تاراشلاش مەيدانىغا مەڭگۈ چوقۇنىدىغانغا پالاپتۇ.

ئوت تەڭرىسى ئاگىنى قاراشەھەر دەرياسى ئويمانلىقىدىكى يۇلتۇز دەرياسى ساھىلىدە ئۆزىگە ئوردا-ساراي سالدۇرۇش ئۈچۈن، غال-غال ئوغلان تاراشلاپ تەييارلاپ بەرگەن تاشلارنى ئىشلىتىدىغان بوپتۇ. ھېلىقى تاشلارنى يەر يۈزىگە توشۇتۇۋاتقاندا، غال-غال ئوغلان ئىلاھىي ئوت ئۇچقۇنلىرىنى ئۆزى تاراشلاپ تەييارلىغان تاش پارچىلىرىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ يەر يۈزىگە ماڭغۇزىۋېتىپتۇ ھەمدە ئادەملەرگە سېغىزخان ئارقىلىق: «تاشنىڭ ئىچىگە ئوت ئۇچقۇنلىرى يوشۇرۇپ قويۇلغان، ئىلاھىي تاش پارچىلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇرۇش ئارقىلىق ئوت ئۇچقۇنىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ!» دەپ ئۇچۇر-سىرتىق ئەۋەتىپتۇ، يەر يۈزىدىكى ئادەملەر ئىلاھىي تاش پارچىلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇرۇش ئارقىلىق ئاخىر ئوتقا ئېرىشىپتۇ. كۆكتىكى يارقىن يۇلتۇزلارمۇ غال-غال ئوغلان چوقىغان تاش پارچىلىرىدىن پەيدا بولغانىكەن. يەر يۈزىدىكى ئادەملەر غال-غال ئوغلاننى مەڭگۈ يادلاپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئىلاھىي تاش پارچىلىرىنى ئۈزۈكنىڭ كۆزىگە  ئورنىتىپ، سول قولىنىڭ نامسىز بارمىقىغا سېلىپ يۈرىدىغان بوپتۇ…

قاراشەھەر ئويمانلىقىدا ياشىغان قەۋم «ئوت ئوغرىسى» غال-غال ئوغلاننىڭ بۇ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ھەر يىلى ئەتىيازلىق كۈن-تۈن توختىغان ۋاقىتتا قاراشەھەر دەرياسى بويىدا بايرام-مەرىكە ئۆتكۈزىشىدىغان بوپتۇ.

دېمەك، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن تا ھازىرغا قەدەر داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان سانسىز ئەپسانە رىۋايەتتە ئەجداتلىرىمىزنىڭ يىراق قەدىمكى زاماندا تەبىئەتكە ماسلىشىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئېلىپ بارغان تۈرلۈك تەشكىللىك پائالىيەتلىرى خاتىرىلەنگەن، شۇڭا خۇددى قەدىمكى زامان كىشىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ياشىغان دەۋردىكى پادىشاھ سۇلتانلارنىڭ پەرمان-بۇيرۇقلىرىغا قىلچىمۇ ئىككىلەنمەستىن پەرمانبەردار بولغىنىغا ئوخشاش، بىزمۇ بۇ ئەپسانە-رىۋايەتلەرنىڭ مۇقەددەس ۋە شۈبھىسىز ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانماسلىقىمىز لازىم.

پولشالىق ئىنسانشۇناس ۋ.ك.مالىنوۋسكى (1884-1942) «سېھىرگەرلىك، دىن ۋە ئەپسانىلەر كىشىلەر خالىغانچە توقۇپ چىقارغان چۆچەك-لەتىپىلەر بولماستىن، بەلكى ھاياتى كۈچكە ئىگە سۇبىستانسىيىدۇر؛ ئۇلار ھەرگىزمۇ كىشىلەر يېقىنقى زاماندىكى پوۋېست-رومانلاردا ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان بەدىئىي توقۇلما بولماستىن، بەلكى ئەلمىساقتىن تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر دۇنياغا، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە داۋاملىق تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان پاكىتلاردۇر!» دەپ كۆرسەتكەنىدى.

بۇ بايرام ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى قاراشەھەر ئويمانلىقىدا ياشايدىغان ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا باشقا نام بىلەن ئاتالغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى چاغلاردا «نورۇز بايرىمى» دەپ ئومۇملاشتى. دېمەك يۇقىرىقى رىۋايەتتە «نورۇز بايرىمى» نىڭ تارىختىن تارتىپ قاراشەھەر ئويمانلىقىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىنتايىن چوڭ ئەنئەنىۋىي تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

يەر-جاھان كۆكىرىپ، ئەتراپ ياپيېشىللىققا پۈركەنگەن، تەبىئەت بىلەن ئىنسان بىر-بىرىگە ئىجىل-ئىناق بولۇشىدىغان مۇشۇ قۇتلۇق كۈنلەردە بۇ يەردىكى كىشىلەر ئەنئەنىۋىي بايرام كىيىملىرىنى كىيىشىپ، يۇرت-مەھەلىلەر بويىچە دەريا ياقىسىدىكى كەڭ توقايلىقلارنىڭ مەنزىرىلىك جايلىرىغا جەم بولۇشۇپ، داشقازانلارنى ئېسىشىپ، كۆجە ئېشى ئېتىپ، ئۆزئارا مېھمان بولۇشاتتى؛ ئات بەيگىسى ئۆتكۈزۈپ، ئوغلاق تارتىشاتتى؛ مەيدانغا چېلىشىش ئۈچۈن چۈشكەن تەنبەل ئەركەكلەر بەل قايرىشاتتى؛ پەرىشتە سۈپەت بوۋاي-مومايلار، بوز يىگىتلەر، قىز-چوكانلار ۋە بالىلارئاسايىشلىق باھارنى كۈتۈۋېلىش خۇشاللىقىنى كۈيلەيدىغان، ئەخلاق ئەردەمگە، ئىلىم-مەرىپەتكە ئۈندەيدىغان شېئىر-قوشاق، نورۇزنامىلەرنى ئوقۇشاتتى. ئاخىرىدا شاد-خۇراملىق ئىچىدە ياخشى ئارزۇ-تىلەكلەر بىلەن ئۆيلىرىگە قايتىشاتتى.

مەنبە:«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى.

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ