ن، ھ، ئو، ئۇ ھەرپلىرى بىلەن باشلانغان ماقال – تەمسىللەر (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

بۇ رەسىملەرنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ ن ھەرىپى نىكاھ ئۆمۈر سودىسى. نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك. نەسىھەت ئاچچىق، مېۋىسى تاتلىق. نەقتىن ھەسەل چىقار، نېسىدىن كېسەل چىقار. نەگە بارساڭ قازاننىڭ قۇلىقى تۆت. ھ ھەرىپى ھازىغا بارغان خوتۇن، ئۆز يىغىسىنى يىغلار. ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تارت. ھايالىق كىشى – باھالىق كىشى. ھورۇن …

ك، گ، م ھەرپلىرى بىلەن باشلانغان ماقال – تەمسىللەر (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

بۇ رەسىملەرنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ ك ھەرىپى كاجنى بازار تۈزەيدۇ. كالاڭ ھارۋا يول بۇزار، يامان ئادەم يۇرت بۇزار. كاۋاپمۇ كۆيمىسۇن، زىخمۇ كۆيمىسۇن. كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال. كۆرگەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىرچۇرۇقۇڭنى قۇرۇتما. كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس. كۆزدىن يىراق- كۆڭۈلدىن يىراق. كۆڭلۈڭگە ياقمىسا كۆزۈڭگە ياقماس. كۆڭلۈڭنى بۇزما، ئۈمىدىڭنى ئۈزمە. كۆڭلى بۇزۇق باشقىلاردىن ئەيىب ئىزدەر. كۆڭلى …

ق ھەرىپى بىلەن باشلانغان ماقال – تەمسىللەر (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

بۇ رەسىملەرنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ قاپىقى ئۇششۇق، پۇلىغا تۇشلۇق. قاتاردىن قالما، خاتادىن قال. قاتتىق ياغاچنى يۇمشاق قۇرت يەيدۇ. قاچىنىڭ تېگىدە قاچا بار، ساقتىن زېرەك گاچا بار. قارنى باشقىنىڭ قايغۇسى باشقا. قازاندا نىمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چىقار. قاسساپ ياغ قايغۇسىدا، ئۆچكە جان قايغۇسىدا. قاشاڭ ئاتقا مىنگۈچە، پىيادە ماڭ ئۆلگۈچە. قاغا بالام ئاپئاق، …

س ،ش ،غ ھەرپلىرى بىلەن باشلانغان ماقال – تەمسىللەر (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

بۇ رەسىملەرنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ س ھەرىپى ساپال ئۈچۈن ساق قالغۇچە، گۆھەر ئۈچۈن كۈكۈم – تالقان بول. ساختا دوست ئاشكارا دۈشمەندىن يامان. سادىق دەپ ئىسىم قويسا، تۈلكە دەپ لەقەم ئالدى. ساراڭغا سوت يوق. ساراڭنى ساراڭ دەۋەرسە، كۈندە بىر چىشلەم گۆشى ساراڭ بولار. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل. ساقال دىگەن ئۆچكىدىمۇ بار. سايەڭگە …

د، ر، ز ھەرپلىرى بىلەن باشلانغان ماقال – تەمسىللەر (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

بۇ رەسىملەرنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ د ھەرىپى دوپپىغا پاتقان بېشىم جاھانغا پاتمىدى. دوست باشقا قارايدۇ، دۈشمەن ئاياققا. دوست چىللىسا قالما، دۈشمەن چىللىسا بارما. دوست كەينىدە ماختار، دۈشمەن ئالدىڭدا ماختار. دوست ئايرىغان دوزاخ تۈۋىدە. دوستنىڭ دوستلۇقى باشقا كۈن چۈشكەندە بىلىنەر. دوستنىڭ ئاتقان تېشى باشنى يارماس. دوستۇڭ قاغا بولسا يېيىشىڭ پوق. دوستۇڭنىڭكىنى يە، …

چ، خ ھەرپلىرى بىلەن باشلانغان ماقال – تەمسىللەر (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

بۇ رەسىملەرنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ چ ھەرىپى چاپاننىڭ يېڭىسى ياخشى، دوستنىڭ كونىسى ياخشى. چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىپتۇ چاپىنى بارغا مۇشت ئاتاي، جۇۋىسى بارغا تور كەتسۇن چاپىنىغا قارىما، ئادىمىگە قارا چاپىنىمدا تۆت يانچۇق، خەجلەي دېسەم بىر پۇل يوق چاسا ئۆلچۈك يۇمىلاق مۇجۇققا چۈشمەس چاشقان ئەرزىنى مۈشۈك تەستىقلىماپتۇ چاشقاننىڭ ئۆلگۈسى كەلسە، مۈشۈكنىڭ …

ت، ج ھەرپلىرى بىلەن باشلانغان ماقال – تەمسىللەر (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

بۇ رەسىملەرنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ ت ھەرىپى تارتىنساڭ سۆزۈڭنى كىم قىلۇر. ئېرىنسەڭ ئىشىڭنى كىم قىلۇر. تاغ يۆتكەلسە يۆتكىلەر، خۇي يۆتكەلمەس. تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ. تام تۈۋىدىن قېرىيدۇ، ئادەم ئىچىدىن قېرىيدۇ. توخۇ داڭگال چۈشەر، ئۆچكە جاڭگال. توخۇنى ئوغرىلىغانمۇ ئوغرى، تۇخۇمىنى يېگەنمۇ ئوغرى. توشقاندەك يۈز يىل ياشىغىچە يولۋاستەك بىر يىل ياشىغان ئەلا. …

ئا، ئە، ب، پ ھەرپلىرى بىلەن باشلانغان ماقال – تەمسىللەر (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

بۇ رەسىملەرنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ ئا ھەرىپى ئات ئالساڭ يېقىندىن ئال، خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن ئال. ئاتنى تەپمەيدۇ دىمە، ئىتنى چىشلىمەيدۇ دىمە ئاچچىق ئالدىدا يۈرىدۇ، ئەقىل كەينىدە يۈرىدۇ. ئاختارمىنىڭ چالمىسى يامان، خوتۇن كىشىنىڭ لالمىسى يامان. ئادىمى يوق ئۆيدە، ئۆچكىنىڭ ئېتى ئابدۇراخمان. ئاشىققا باغداد يىراق ئەمەس. ئاق ئىت، قارا ئىت، ھەممىسى بىر ئىت …