د، ر، ز ھەرپلىرى بىلەن باشلانغان ماقال – تەمسىللەر (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

بۇ رەسىملەرنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

د ھەرىپى

دوپپىغا پاتقان بېشىم جاھانغا پاتمىدى.
دوست باشقا قارايدۇ، دۈشمەن ئاياققا.
دوست چىللىسا قالما، دۈشمەن چىللىسا بارما.
دوست كەينىدە ماختار، دۈشمەن ئالدىڭدا ماختار.
دوست ئايرىغان دوزاخ تۈۋىدە.
دوستنىڭ دوستلۇقى باشقا كۈن چۈشكەندە بىلىنەر.
دوستنىڭ ئاتقان تېشى باشنى يارماس.
دوستۇڭ قاغا بولسا يېيىشىڭ پوق.
دوستۇڭنىڭكىنى يە، كۆڭلى قالمىسۇن، دۈشمىنىڭنىكىنى يە، ئۆزىگە قالمىسۇن.
دۇتارنىڭ تارىسى ساتاردا يوق، بىلىمسىز ئادەم قاتاردا يوق.
دۇنيادا ئەخمەق بولمىسا، ئەقىل ئىگىلىرى زېرىكىپ قالار.
دۈشمەن سىرىڭنى ئوغۇرلايدۇ، دوست خاتايىڭنى توغرىلايدۇ.
دېزى يوق تۇخۇمغا چىۋىن قونماس.
دىسەڭ گەپ بولىدۇ، دىمىسەڭ دەرد بولىدۇ.
دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق، ئەل سۆيگەننىڭ يولى ئوچۇق.
دەرد يامانمۇ، ئەلەممۇ؟ موللا يامانمۇ، قەلەممۇ.
دەريانى بۆلگەن تارام، قوشۇننى بۆلگەن قارام.
دەشنام يىگىنىم، بەش نان يىگىنىم.
دەۋا قېرىماس، ئالتۇن چىرىماس.
دەۋاگەر سۇس كەلسە، قازى مۇتتەھەم كىلەر.

ر ھەرىپى

رازى بولمىغان ئاش قۇرساق ئاغرىتار.
راست گەپ بۇسۇغىدىن چىققىچە، يالغان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ.
راست ئېيتتىڭ قۇتۇلدۇڭ، يالغان ئېيتتىڭ تۇتۇلدۇڭ.
راستلىقى ئاز كىشىنىڭ دوستلۇقى ئاز.
راستنى كۆرسە يالغان قاچىدۇ، يولۋاسنى كۆرسە تايغان.
رەمچى سالىدۇ رەمنى، كۆڭۈلگە سالىدۇ غەمنى.
رەھمى يوق ئادەمدىن، رەھمى بار ئىت ياخشى.

ز ھەرىپى

زارلىغانغا كەلمەيدۇ، قارىغانغا بەرمەيدۇ.
زامان تۈزەلسە، يامانمۇ تۈزىلەر.
زامانغا قاراپ ئىش تۇت، يوتقانغا قاراپ سۇن پۇت.
زامانەڭ تۈلكە بولسا، سەن ئۇنىڭ تايغىنى بول.
زورلۇقنىڭ ئاقىۋىتى خورلۇق.
زېرەك تېپىپ سۆزلەيدۇ، قوپال كۆپۈپ سۆزلەيدۇ.
زىرائەتنىڭ كۆكىگە ئىشلىمەي، تۈۋىگە ئىشلە.

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ