ئا، ئە، ب، پ ھەرپلىرى بىلەن باشلانغان ماقال – تەمسىللەر (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

بۇ رەسىملەرنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

ئا ھەرىپى
ئات ئالساڭ يېقىندىن ئال، خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن ئال.
ئاتنى تەپمەيدۇ دىمە، ئىتنى چىشلىمەيدۇ دىمە
ئاچچىق ئالدىدا يۈرىدۇ، ئەقىل كەينىدە يۈرىدۇ.
ئاختارمىنىڭ چالمىسى يامان، خوتۇن كىشىنىڭ لالمىسى يامان.
ئادىمى يوق ئۆيدە، ئۆچكىنىڭ ئېتى ئابدۇراخمان.
ئاشىققا باغداد يىراق ئەمەس.
ئاق ئىت، قارا ئىت، ھەممىسى بىر ئىت
ئالتۇن – كۈمۈش دات بولماس، ئورۇق – تۇغقان يات بولماس.
ئالتۇن بېشىڭ ئامان بولسا، ئالتۇن تاۋاقتا سۇ ئىچەرسەن.
ئالدى چاق نەدە ماڭسا، كەينى چاق شۇ ئىزدا ماڭار.
ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويۇڭ سامان بولماس
ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ. ئون بەشى يۇرۇق.
ئابروي ئەقىلدىن كېلەر، ئېغىزدىن كېتەر.
ئاتا – ئاناڭغا نېمە قىلساڭ، بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن.
ئاتا – ئانا يايرىسا باغ، يۆلەنسە تاغ.
ئاتا مىھرى چىراغ، ئانا مىھرى بۇلاق.
ئات تويغان يېرىگە تارتىدۇ، يىگىت تۇغۇلغان يېرىگە تارتىدۇ.
ئاچچىق ئەقىلنى كېسەر، تاتلىق كۆڭۈلنى يېشەر.
ئادەم دوستى بىلەن، دەرەخ پوستى بىلەن.
ئادەمنىڭ روھى چۈشسە ئېتى يۈگۈرەلمەس.
ئادەمنىڭ ئېسىلى ئۆلگەندە بىلىنەر، ئاتنىڭ خۇيى مىنگەندە بىلىنەر.
ئادەمنىڭ ياخشىسى ئەل – يۇرت دەپ ئۆلەر.
ئارىسالدى ئېشەكنى بۆرە يەپتۇ.
ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان.
ئاغزىدا ئەل ۋەتەن، كۆڭلىدە پەقەتلا “مەن” .
ئاغزىدىن ھەسەل تامار، كۆڭلىدىن زەھەر تامار.
ئالەمنى سۇ باسسا، ھۇرۇننى ئۇيقۇ بېسىپتۇ.

ئە ھەرىپى
ئەدەپنى ئەدەپسىزدىن ئۆگەن.
ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەت.
ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن.
ئەرنىڭ سۆزى ئۆلگىچە ئۆزى ئۆلسۇن.
ئەقىل بولمىسا، كۆز دىگەن تامنىڭ تۆشۈكى.
ئەقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز.
ئەقىلنى ئەخمەقتىن ئۆگەن.
ئەل ئىچى ئالتۇن بۆشۈك.
ئەلگە قوشۇلساڭ ئەر بولىسەن، ئەلدىن ئايرىلساڭ يەر بولىسەن.
ئەپتىڭ يامان بولسا، ئەينەكتىن كۆرمە.

ب ھەرىپى
بار نىمىنى دىگۈزمەيدۇ، يوق نىمىنى يىگۈزمەيدۇ.
باي يۇرتنىڭ ئوزۇقى، باتۇر يۇرتنىڭ قوزىقى.
بۆرىنى ئايىساڭ، قويلىرىڭغا زىيان.
بۆرىنىڭ بالىسى بۆرە.
بۆرىنىڭ خىرىس قىلغىنىدىن تۈلكىنىڭ ھىجايغىنى يامان.
بېشىڭ ئىككى بولمىغىچە، قاچاڭ ئىككى بولماس.
بىلمەسلىك ئەيپ ئەمەس، سورىماسلىق ئەيپ.
بەختسىز قىز تېزەك تەرگىلى چىقسا، كالىلار سۇغا تېزەكلەپتۇ.

پ ھەرىپى
پادا باققاندا دوست ئىدۇق. ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق.
پاكار ئېشەككە ھەر كىم مىنەر.
پالۋان دەرد يەيدۇ. بالىلىرى گۆش يەيدۇ.
پىچاق ئۆتكۈر بولسا ياغاچنىڭ قاتتىقى يوق.
پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا خەققە سال.
پىلانسىز ئىش، قېلىپسىز خىش.
پىيازنىڭ پوستى تولا، ھاماقەتنىڭ دوستى تولا.
پەنجىگاھنى بىلمىسەڭ ناۋاغا ناخۇن چەكمە.

 

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ