ك، گ، م ھەرپلىرى بىلەن باشلانغان ماقال – تەمسىللەر (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

بۇ رەسىملەرنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

ك ھەرىپى

كاجنى بازار تۈزەيدۇ.
كالاڭ ھارۋا يول بۇزار، يامان ئادەم يۇرت بۇزار.
كاۋاپمۇ كۆيمىسۇن، زىخمۇ كۆيمىسۇن.
كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال.
كۆرگەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىرچۇرۇقۇڭنى قۇرۇتما.
كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس.
كۆزدىن يىراق- كۆڭۈلدىن يىراق.
كۆڭلۈڭگە ياقمىسا كۆزۈڭگە ياقماس.
كۆڭلۈڭنى بۇزما، ئۈمىدىڭنى ئۈزمە.
كۆڭلى بۇزۇق باشقىلاردىن ئەيىب ئىزدەر.
كۆڭلى زەھەرنىڭ قولىمۇ زەھەر.
كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر.
كۆڭۈلنىڭ تۆۋرۈكى سەۋر.
كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە.
كۈندىن قالساڭ ئايدىن قالىسەن، ئايدىن قالساڭ يىلدىن قالىسەن.
كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىرى يوق.
كىرىشتىن ئاۋۋال چىقىشنى ئويلا.
كىشىگە قىلغان كىشىدە قالماس.
كىشىگە ئىشەنگۈچە، بىلەكنىڭ كۈچىگە ئىشەن.
كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۆز قولىدا.
كىشىنىڭ ئاغزىغا قارىغان ئاچ قالار.
كەپە بولسىمۇ ئۆيۈڭ ياخشى، ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ ياخشى.
كەچ قالغان قاراڭغۇدىن قورقماپتۇ.
كەچ قويغان خۇدا ئاچ قويماس.
كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟
كەمبەغەلنىڭ چېيى چىشقا دورا.

گ ھەرىپى

گۆشنى يىگەنمۇ ئوغرى، شورپىسىنى ئىچكەنمۇ ئوغرى.
گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تۇنۇمىساڭ نىمە پايدا.
گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ.
گەپ يەردە ئەمەس، ئەردە.
گەپتە گەپ بار، قۇرساقتا دەرد بار.
گەپكە گەپ كەلگەندە، ئاتاڭدىنمۇ قايتما.

م ھەرىپى

“مېنىڭ توغرا” دىگەن كۆپنى كۆرمەس.
ماڭغاننىڭ يولى تۈگەر، ئولتۇرغاننىڭ كۈنى تۈگەر.
مانتىغا پىياز، سامسىغا تۇز. ھەركىمنىڭ يارى ئۆزىگە ئۇز.
موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە.
موللا كۆپ بولسا، قوي ھارام ئۆلەر.
موللىغا ئون تاياق، نادانغا بىر تاياق.
موللىنىڭ دىگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما.
مۇت – زەھەر بولسىمۇ يۇت.
مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان بولماس.
مۇساپىر بولمىغۇچە يۇرتنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
مۇسۇلمانچىلىق ئاستا – ئاستا.
مۇھەببەت ئۆلۈمنى يېڭەر.
مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق گۆشكە ئامراق، قېرىنىڭ چىشى يوق تۆشكە ئامراق.
مېڭىشقا ئېرىنسەڭ يۈگىرەرسەن.
مېڭىشى ئۆزگەرگەن بىلەن مېڭىسى ئۆزگەرمىگەن.
مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا.
مەرتەم- مەرتەم، ئۈچ مەرتەم.
مەستلىك – پەسلىك.
مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس.
مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا.
مەن ئالدىرايمەن كەتكىلى، ئېشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى.

 

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ