چ، خ ھەرپلىرى بىلەن باشلانغان ماقال – تەمسىللەر (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

بۇ رەسىملەرنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

چ ھەرىپى

چاپاننىڭ يېڭىسى ياخشى، دوستنىڭ كونىسى ياخشى.
چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىپتۇ
چاپىنى بارغا مۇشت ئاتاي، جۇۋىسى بارغا تور كەتسۇن
چاپىنىغا قارىما، ئادىمىگە قارا
چاپىنىمدا تۆت يانچۇق، خەجلەي دېسەم بىر پۇل يوق
چاسا ئۆلچۈك يۇمىلاق مۇجۇققا چۈشمەس
چاشقان ئەرزىنى مۈشۈك تەستىقلىماپتۇ
چاشقاننىڭ ئۆلگۈسى كەلسە، مۈشۈكنىڭ قويرۇقىغا ئېسىلار
چاققانغا بار، لايپۇسقا يوق
چاقىدا گۇناھ يوق، تانىسى بۇزۇق. قىزىدا گۇناھ يوق، ئانىسى بۇزۇق.
چالا تىلماچ ئادەم ئۆلتۈرەر
چالا موللا دىن بۇزار
چالا موللا ۋاراقلايدۇ، ئەگرى نوغۇچ تاراقلايدۇ
چاۋاك ئىككى قولدىن چىقار
چايناپ بەرگەن ناننىڭ تەمى يوق.
چوڭ باشنى ئاچسا، كىچىك كۆتنى ئاچار
چوڭ دەرەخنىڭ سايىسى چوڭ بولىدۇ
چوڭغا چوڭچە، كىچىككە ئوڭچە
چۆچۈرە چۆرۈلگۈچە، ئۈگرە ئۆرۈلگۈچە
چۆچۈرە كۆلدە پىشار، مانتا چۆلدە
چۆچۈرە يېيىشتىن مەقسەت گۆش يېيىش
چۆگۈن قاينىسا ئۆز بوينىغا تاشار
چۈجىنى كۈزدە سانا، چۆچۈرىنى پىشقاندا
چۈجە خوراز بىلگىنىنى قىچقىرار
چۈشكە نىمە كىرمەيدۇ، دۈشمەن نىمە دىمەيدۇ
چۈشلۈك ئۆمرۈڭ بولسا، كەچلىك ئوزۇق تاپ
چۈشمەك ئاسان، چىقماق تەس
چېچەن يىگىت يىلان كۆشىگەننى تۇيار
چېچەننىڭ تىلى ، چەبدەسنىڭ قولى
چىدىماسنىڭ نالىسى تۇلا، خوش ياقماسنىڭ باناسى (باھانىسى)
چىدىماسنىڭ ئۆيى پايلىماسنىڭ قېشىدا
چىراي كۆيدۈرەر، خۇلق سۆيدۈرەر
چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، سۆيگەن چىرايلىق
چىرايلىقتا ۋاپا يوق
چىرايلىقنى تاشلىساڭمۇ قەدىناسنى تاشلىما
چىرايلىقنىڭ دەردى يامان، سەتنىڭ ھالى
چىرىغىڭ قانچە بولسا سايەڭ شۇنچە بولار
چىغرىقچى چىگىت دەيدۇ، چوكانلار يىگىت دەيدۇ
چىلانغا چۆل ياخشى، ياڭاققا كۆل
چىۋىن قونسا غىڭشىيسەن، كالتەك تەگسە جىم تۇرىسەن
چەككىنىم جەبر-جاپا، ئاڭلىغىنىم تەنە – تاپا
چەۋەندازلىق ئاتقا يۈگەن سېلىشتىن مەلۇم

خ ھەرىپى

خامنى بۇزغان شانىسى ، قىزنى بۇزغان ئانىسى
خان قوزۇق، پۇقرا ئوزۇق
خانغا يارىغان ئىشىم تازغا يارىماپتۇ
خاننىڭ ھۆرمىتى پۇقرا بىلەن
خانىۋەيران قىلسا قىلسۇن، داغى پەرزەنت قىلمىسۇن
خوتۇن كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلار، ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزۈلەر
خوتۇن كىشى تىلى بىلەن تۇل بولار
خوتۇن كىشى لاپ بىلەن يۈرەر، ئۇستىرا كاپ بىلەن يۈرەر
خوتۇن ئەرگە قارايدۇ، ئەر يەرگە قارايدۇ
خوتۇنغا ئامراق – بالىغا ئۆچ، قايماققا ئامراق – كالىغا ئۆچ
خوتۇنى يوقنىڭ خۇدى يوق
خوجامنىڭ خۇجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورىسى
خويمۇ سەنەم سالغۇم بار، پۇتۇم قوپال، قۇلۇم گال
خۇدا بەرسە ئىشىكتىنمۇ، تۈڭلۈكتىنمۇ كىرىدۇ
خۇدا قارىغۇنى كۆزدىن ئايرىسا، ھاسسىدىن ئايرىماس
خۇدادىن كەلسە كەلسۇن، خوجىدىن كەلمىسۇن
خۇدايىم بار دەپ ئاچ قاپتۇ، ئېشىكىم بار دەپ كەچ قاپتۇ
خەقنىڭ يۇرتىدا سولتان بولغىچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول
خەقنىڭ ئىشىغا تۇمۇزدىمۇ قول توڭلايدۇ
خەلپەم كۈلمەيدۇ، كۈلسە تېلىقىپ قالىدۇ
خەلق ياندۇرغان چىراقنى پۈۋلىگەننىڭ ساقىلى كۆيەر
خەلق ئېيتماس، ئېيتسا خاتا بولماس.

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ