ق ھەرىپى بىلەن باشلانغان ماقال – تەمسىللەر (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

بۇ رەسىملەرنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

قاپىقى ئۇششۇق، پۇلىغا تۇشلۇق.
قاتاردىن قالما، خاتادىن قال.
قاتتىق ياغاچنى يۇمشاق قۇرت يەيدۇ.
قاچىنىڭ تېگىدە قاچا بار، ساقتىن زېرەك گاچا بار.
قارنى باشقىنىڭ قايغۇسى باشقا.
قازاندا نىمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چىقار.
قاسساپ ياغ قايغۇسىدا، ئۆچكە جان قايغۇسىدا.
قاشاڭ ئاتقا مىنگۈچە، پىيادە ماڭ ئۆلگۈچە.
قاغا بالام ئاپئاق، كىرپە بالام يۇمشاق.
قاغا جىگدىنى يىمەڭ، مەيدەم ئاغرىدى دىمەڭ.
قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇماس.
قامچىغا كۈچىمەي، يەمگە كۈچە.
قانائەتلىك كىشىنىڭ قارنى توق.
قاننى قان بىلەن يۇغىلى بولماس.
قورققان يەردە جىن بار.
قورقۇنچاق ئۆلمەي تۇرۇپ مىڭ قېتىم ئۆلەر.
قوشتىن چىقىرىپ سۆرەمگە ساپتۇ.
قوشماق تەس، ئايرىماق ئاسان.
قوڭۇمدا ئىشتان يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى.
قول قولنى يۇسا، قول كىلىپ يۈزنى يۇيار.
قولى بىلەن ئېلىپ، پۇتى بىلەن بېرىپتۇ.
قولى قىسقىنىڭ يول قىسقا.
قولى ئوچۇقنىڭ يولى ئوچۇق.
قومۇش ئۆيۈم، كۈمۈش ئۆيۈم.
قويرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە سېتىپتۇ.
قۇرساق توق، كۆڭۈل خوش.
قۇرساق ئاغرىقىڭ بولمىسا تاۋۇز يىيىشتىن قورقما.
قۇرساقنىڭ ئاچقىنى – ئەقىلنىڭ قاچقىنى.
قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ.
قۇرۇق چاقماقتىن ئوت چىقىرىپتۇ.
قۇرۇق گەپكە مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ.
قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن.
قۇشقاچ كىچىك بولسىمۇ ھەممە ئەزاسى تولۇق.
قۇشنى دان ئالدايدۇ، ئادەمنى سۆز ئالدايدۇ.
قۇۋلۇقتىن شۇملۇق تۇغۇلار.
قېرى بىلگەننى پىرى بىلمەس.
قېرىغاندا قېرى تاتۇق، قىلىقلىرى ئاندىن ئارتۇق.
قېرىلىق بىلەن ئۆلمەس، ياشلىق بىلەن تۇرماس.
قېلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق.
قېلىنلىق يېرىم دۆلەت.
قىچقارسا ئېتى بار، تۇتسا سېپى بار.
قىرغاق كۆرۈپ بۆز ئال، ئانا كۆرۈپ قىز ئال.
قىزى يارىسا ئانىسىغا قارىما، ئېشى يارىسا قاچىسىغا قارىما.
قىزىم، ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم، سەن ئاڭلا.
قىشنىڭ سوغۇقى ياندىن ئۆتەر، ئەتىيازنىڭ سوغۇقى جاندىن ئۆتەر.
قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە.
قەدىرلىگىن ۋاقتىڭنى، ئىشەنمىگىن ئۆمرۈڭگە.
قەرزدارنىڭ تىلى قىسقا.
قەيەرگە يىقىلىشىمنى بىلسەم، شۇ يەرگە پاخال سېلىپ قوياتتىم.

 

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ