ن، ھ، ئو، ئۇ ھەرپلىرى بىلەن باشلانغان ماقال – تەمسىللەر (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

بۇ رەسىملەرنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

ن ھەرىپى

نىكاھ ئۆمۈر سودىسى.
نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك.
نەسىھەت ئاچچىق، مېۋىسى تاتلىق.
نەقتىن ھەسەل چىقار، نېسىدىن كېسەل چىقار.
نەگە بارساڭ قازاننىڭ قۇلىقى تۆت.

ھ ھەرىپى

ھازىغا بارغان خوتۇن، ئۆز يىغىسىنى يىغلار.
ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تارت.
ھايالىق كىشى – باھالىق كىشى.
ھورۇن ئادەم يەرگىمۇ يۈك.
ھۆنەر – تۈگىمەس گۆھەر.
ھۆنەرلىك ئادەم خار بولماس، دوست – دۈشمەنگە زار بولماس.
ھېسابلىق دوست ئايرىلماس.
ھىيلىلىك ئىشتا خەير يوق.
ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقىچە.
ھەرىكەتتە بەرىكەت، بىكارچىلىقتىن نېرى كەت.
ھەقىقەت ئېگىلەر، سۇنماس.
ھەممىنى كۆرگەن كۆز ئۆزىنى كۆرمەس.

ئو ھەرىپى

ئوتنى سەل چاغلىما، كۆيدۈرىدۇ، دۈشمەننى كىچىك دىمە، ئۆلتۈرىدۇ.
ئوتنى كوچىلىساڭ ئۆچىدۇ، قوشناڭنى كوچىلىساڭ كۆچىدۇ.
ئوتنىڭ تېشىدا كۆيگۈچە ئىچىدە كۆي.
ئورۇقنىڭ كۆڭلى يورۇق.
ئوغرىنى قاراقچى سوقۇپتۇ.
ئوق يەتمىگەن يەرگە قېلىچ شىلتىمە.
ئوقۇغان ئوغۇل ئاتىسىدىن ئۇلۇغ.
ئوڭ قولۇڭنىڭ ئاچچىقى كەلسە، سول قولۇڭ بىلەن تۇتۇۋال.
ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار.
ئويلىماي سۆزلىسەڭ، ئاغرىماي ئۆلىسەن.
ئويناپ دىسىمۇ كۆڭلىدىكىنى دەر.
ئويناپ گەپ قىلساڭمۇ ئويلاپ گەپ قىل.
ئويۇننى چىدىغانغا چىقارغان.
ئويۇننى قەيەردە ئوينىساڭ، يىغاڭنى شۇ يەردە يىغلا.

ئۇ ھەرىپى

ئۇ ياققا تارتسام ئات ئۆلىدۇ، بۇ ياققا تارتسام ھارۋا سۇنىدۇ.
ئۇچقۇندىن قورققان تۆمۈرچى ئەمەس.
ئۇستا بارسا قولۇڭنى تارت، موللا باردا تىلىڭنى تارت.
ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ.

 

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ