س ،ش ،غ ھەرپلىرى بىلەن باشلانغان ماقال – تەمسىللەر (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

بۇ رەسىملەرنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

س ھەرىپى

ساپال ئۈچۈن ساق قالغۇچە، گۆھەر ئۈچۈن كۈكۈم – تالقان بول.
ساختا دوست ئاشكارا دۈشمەندىن يامان.
سادىق دەپ ئىسىم قويسا، تۈلكە دەپ لەقەم ئالدى.
ساراڭغا سوت يوق.
ساراڭنى ساراڭ دەۋەرسە، كۈندە بىر چىشلەم گۆشى ساراڭ بولار.
ساغلام تەندە ساپ ئەقىل.
ساقال دىگەن ئۆچكىدىمۇ بار.
سايەڭگە قاراپ بويۇڭنى ئۆلچىمە.
سودىڭىزدىن زېرىكمەڭ، خېرىدارغا تېرىكمەڭ.
سورا – سورا بىلىم ئاپتۇ، ئۇيىلا – ئۇيىلا كىيىن قاپتۇ.
سوقۇشقاق خوراز سەمىرمەس.
سۆرەلمە پايدىدىن ئەپچىل زىيان ياخشى.
سۆز قېلىپىدا ياخشى، قىلىچ غىلىپىدا ياخشى.
سۆزلىسەم تىلىم كۆيىدۇ، سۆزلىمىسەم دىلىم كۆيىدۇ.
سۆزنى قىلىشتىن ئاۋۋال، ئاغزىڭدا چايناپ كۆر.
سۆيدۈرگەنمۇ تىل، بەزدۈرگەنمۇ تىل.
سۆيگەن يارىم سەن بولساڭ، كۆرگەن كۈنۈم نىمە بولار.
سۇ بېشىدا قۇم ئاققۇزار، ئايىغىدا تاش ئاققۇزار.
سۇ كېتىدۇ تاش قالىدۇ، ئوسما كېتىدۇ قاش قالىدۇ.
سۇدا پىىشماي كىگىز بولماس، ئوتقا چۈشمەي بىگىز بولماس.
سۇغا يېقىن سۇچى كېلەر، چۆلگە يېقىن نوچى كېلەر.
سۇنايچىدىن يەل كېتىدۇ، ھارۋىچىدىن «تىرت، ۋو ۋو…».
سۇنىڭ بېشى لاي بولسا ئايىغىمۇ لاي بولىدۇ.
سۇنىڭ قەدرىنى قۇدۇق كولىغان بىلەر.
سېمىزلىك ھايۋانغا يارىشار.
سېنىڭ ماڭغان يولۇڭدىن، مېنىڭ ئۆتكەن كۆۋرۈكۈم كۆپ.
سىر بەرگەنلىك، جان بەرگەنلىك.
سىرلىساڭ سىرلىق ئاياق، سىرلىمىساڭ ئىتقا يالاق.
سىنالمىغان دوستتىن يولدىكى تاش ياخشى.
سىيگەك سۇغا ئامراق.
سەدىقە بالانى يەر، توۋا گۇناھنى يەر.
سەركىسى بولمىغان پادا يولدىن ئازار.
سەركە ھۇشيار بولسا، مالغا ئاپەت كەلمەس.
سەللىسى مۇسۇلمان ئۆزى كاپىر.
سەللە دىگەن يۈك، ساقال دىگەن تۈك.
سەن تاش سانىساڭ، باشقىلار قۇم سانايدۇ.
سەھرانىڭ بېگى بولغىچە، شەھەرنىڭ ئىتى بول.
سەۋرنىڭ تېگى ئالتۇن.
سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەم يەپتۇ.
سەۋەب قىل، تەلەپ قىل.
سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختار.

ش ھەرىپى

شىرىننى كۆرمەكچى بولساڭ پەرھادنىڭ كۆزى بىلەن قارا.
شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىماس.
شامال ئۆتمەيدىغان تام يوق.
شەرىئەتنىڭ مىڭبىر پۇتىنى بار.
شىرنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.

غ ھەرىپى

غازنىڭ مېڭىشىنى دورايمەن دەپ قاغىنىڭ پۇتى سۇنۇپتۇ.
غەم باسسا، غەپلەتمۇ باسار.
غەم قىلغۇچە پەم قىل.
غەيرەتلىك ئەردىن تاغ قېچىپ قۇتۇلالماس.
غەيرىتىڭ بولسا يۇلتۇز سانايسەن.
غورا غورىنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ.
غۇلاچقا چىداپ غېرىچقا چىدىماپتۇ.
غۇلىچى تۈگەپ غېرىچى قاپتۇ.
غېرىبسىنساڭ ئوتسىن.

 

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ