ت، ج ھەرپلىرى بىلەن باشلانغان ماقال – تەمسىللەر (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

بۇ رەسىملەرنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

ت ھەرىپى

تارتىنساڭ سۆزۈڭنى كىم قىلۇر. ئېرىنسەڭ ئىشىڭنى كىم قىلۇر.
تاغ يۆتكەلسە يۆتكىلەر، خۇي يۆتكەلمەس.
تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ.
تام تۈۋىدىن قېرىيدۇ، ئادەم ئىچىدىن قېرىيدۇ.
توخۇ داڭگال چۈشەر، ئۆچكە جاڭگال.
توخۇنى ئوغرىلىغانمۇ ئوغرى، تۇخۇمىنى يېگەنمۇ ئوغرى.
توشقاندەك يۈز يىل ياشىغىچە يولۋاستەك بىر يىل ياشىغان ئەلا.
توغرا سۆز تاشنى يارار، تۆھمەت باشنى يارار.
تولا سايرىغان بۇلبۇل قەپەزگە چۈشەر.
تويدىن يامانلىساڭ توي قىلىپ كۆر.
تۆگەڭ نار بولسا، يۈكۈڭ يولدا قالماس.
تۆمۈرچىلىك يەل بىلەن، پادىشاھلىق ئەل بىلەن.
تۈگمەندە تۇغۇلغان چاشقان، گۈلدۈرمامىدىن قورقماپتۇ.
تۈلكىنىڭ تېرىسى ئۆزىگە دۈشمەن.
تېرىساڭ ئالىسەن، ئىزلىسەڭ تاپىسەن.
تېرىغان خامان قىلار، تېرىمىغان ئارمان قىلار.
تېرىغانغا يەر قېرىماس، ئىشلىگەنگە ئەر قېرىماس.
تېرىقمۇ تېرىمايمەن، قوشقاچمۇ قورۇمايمەن.
تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بولار.
تەڭ يېگەن تەنگە سىڭەر، يالغۇز يېگەن يەرگە سىڭەر.
تەلۋە تۆرنى بەرمەس.
تەلەپ قىل، سەۋەب قىل.
تەمىنى بىلەي دېسەڭ تېتىپ كۆر، ئېپىنى بىلەي دېسەڭ ئېتىپ كۆر.
تەۋەككۈلچىنىڭ بىر ناخشىسى ئوشۇق.

ج ھەرىپى

جاپا چەكمىگەن ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس
جاپا چەكمەي ھالاۋەت يوق
جاڭگال ئارقىسىدىكى كۆرۈنەر، بۇرۇن ئاستىدىكى كۆرۈنمەس
جاڭگالدا ھاڭرىغان ئېشەك شەھەردە ھاڭرىيالماس
جان بار يەردە قازا بار
جان باققان باتۇر
جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان
جان بىلەن كىرگەن خۇي، قان بىلەن چىقىدۇ.
جان چىققاندىن كىيىن ياسىننىڭ نىمە كېرىكى
جان چىقمىغۇچە خۇي چىقماس
جان دوستۇڭ جېنىدىن كېچەر، مال دوستۇڭ مېلىدىن كەچمەس.
جان كۈندە چېچەكلەمدۇ،قوغۇن كۈندە خەمەكلەمدۇ
جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولماس
جاننى ئاسرىساڭ، ۋاقىتنى تۇت
جاھان ساڭا باقمىسا، سەن جاھانغا باق
جاھان ئۇششۇقنىڭ
جاھاندا مىڭ كىشى، كۆڭۈلدە بىر كىشى
جاھىل ئۆز بېشىنى يەر
جېنىدىن تويغان جاھانغا سىغماس
جىدەلنى باشلىغان لاپچى، ئۇسسۇلنى باشلىغان داپچى
جىق گەپ ئېشەككە يۈك
جىلە قىلساڭ مۈشۈكمۇ چىشلەيدۇ
جىم ئولتۇرساڭ مۆڭ دەيدۇ، ئىگىز ئولتۇرساڭ دۆڭ دەيدۇ
جىمغۇرنىڭ چىشى قولتۇقىدا
جىمغۇرنىڭ ھۆنىرى ئىچىدە
جىندىن قېچىپ ئالۋاستىغا ئۇچراپتۇ.
جىننىڭ قەستى شاپتولدا
جەڭدە ئۆلسە بىر كىشى، ئىز باسىدۇ مىڭ كىشى
جەڭگە ئالدىرىما ئاتقاننى كۆرىسەن، سۇغا ئالدىرىما ئاققاننى كۆرىسەن
جەڭنىڭ بىرى جەڭ، توققۇزى رەڭ

 

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ