گۈلقەلەمنىڭ ئەسلىمىلىرى- بىر گۇرۇپپىسى

ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

چەتئەللىكلەر بىلەن  رەسمىي قاچان ئۇچراشقىنىمغا ئويلاپ كۆرسەم، تولۇقسىز 3-يىللىقتىكى ۋاقىتلارئىكەن. ئۇچراشقان دېسەم، ھەي سەھرالىق ئۇنىڭدىن بۇرۇن چەتئەللىك كۆرۈپ باقمىغانمۇ؟ دەپ قالماڭلار. يوللاردا كۆرگەن ساياھەتچىلەر ھېساپقا ئېلىنمىدى.

 تولۇقسىز 3-يىللىققا چىقىدىغان يازلىق تەتىلدە، قەشقەردە خەلق باغچىسىنىڭ ئىچىدە چەتئەللىكلەر ھەقسىز ئېنگىلىز تىلى ئۆگىتىۋىتىپتۇ دېگەن خەۋەر قۇلىقىمغا يەتتى. ئۇ چاغلاردا ئېنگىلىز تىلىغا ئوتتەك ئىشتىياقىم بار ئىدى. بىر كۈندە 8 سائەت ئېنگىلىزتىلى دەرس ئۆتسە مەيلى دەيتتىم. شۇ سەۋەپتىنمىكىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا ئەتىسى باردىم. راست دېگەندەك يېشىل ، كۆك، قىزىل، سېرىق دەپ بىر قانچە سىنىپ بار ئىكەن. يېشىل سىنىپقا كىردىم. دەرس ياپيېشىل چىملىق ئۈستىگە ئورۇندۇقلار تىزىلغان، سايىۋەنلىك بىر لاپاسنىڭ ئىچىدە ئۆتۈلەتتى.  بىر ئەر بىر ئايال ئىككى ئوقۇتقۇچى دەرس بېرەتتى. سۆزلۈكلەرنى چۈشەندۈرەتتى، جۈملە تۈزەيتۇق، ئويۇنلارنى ئوينايتۇق، دەرس بەكلا كۆڭۈللۈك ئىدى. دەرستىن چۈشۈپ بىر قانچە ئوقۇغۇچى بىر گورۇپ بولۇپ ئىككى مۇئەللىم بىلەن ئەركىن پاراڭلىشىش ئۈچۈن قالىدىكەن، مەن كېيىنرەك كىرگەچكە قېرىشقاندەك ماڭا ھېچ نۆۋەت كېلەي دېمەيتتى. كىچىك بولغىنىمغا قارىماي، سۆزلۈك مىقدارىم شۇ چاغلاردا خېلى يامان ئەمەس بولغاچ تەڭ يامىداپ يۈرۈپ سىنىپتا خېلى كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغانىدىم، خېلى خېلى چوڭ بالىلارمۇ نېمە دەيدۇ دەپ مەندىن سورايتى(بۇ يەردە ھېلىقى كۆزەينەك تاقاپ ئالتۇن چىشىنى پارقىراتقان ئىپادە بار دەپ پەرەز قىلىڭلار).

 شۇنداق قىلىپ رىتا ۋە فىلىپ ئېسىملىك بۇ ئىككى ئاۋىستىرالىيەلىك ياش مۇئەللىمچاقلار بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىدىغان كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلدى. يېنىمدا مەن ۋە يەنە ئىككى قىز بار. فىلىپاخۇن گېلىنى قىرىۋىتىپ گەپ باشلاپ، ھە ئەمسە بۈگۈن سىلەر بىلەن بايبىل ھەققىدە پاراڭلىشىمىز دېمەسمۇ؟ ئوكەي چاتاق يوق دەپ بولۇپ، توختاپ تۇرە بىژژەلىرى بىژ قاندا يا بۇنىڭ دەپ ئويلاپ باقسام بايبىل دېگەن ئىنجىل دېگەن گەپ، قۇلىقىمنى دىڭ تۇتتۇم. رىتاخان قارا تاشلىق، يان تەرەپلىرى قىپقىزىل سىرلانغان كىچىككىنە لۇغەتتەرەك بىر ئىنجىلنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدى. بىز قاتتىق قېتىرقىنىپ ئاڭلاۋاتىمىز. فىلىپ بىر تەرەپتىن سۆزمۇ-سۆز چۈشەندۈرىۋاتىدۇ، ھەئە يەس، ئوكەي دەپلا ئولتۇرىمىز. دەرس ۋاقتىدا ھېچ بۇنداق مەقسەتلىرى بارلىقىنى پەقەت چاندۇرمىغان بۇ مىسيونىرلار ئەمدى ئاجايىپ تەقۋالىشىپ كەتكەنىدى. بەش ئالتە كۈن ئۆتۈپ رىتا مېنى ياتىقىغا چاقىرىپ، ساۋاقداشلارغا چۈشەندۈرۈپ قويساڭ، بىز ئەمدى بۇ يەردە تۇرساق دەرس ئۆتسەك بولمايدىكەن، شۇڭا بالىلار بىلەنمۇ خوشلىشالمايمىز، سەن بىلەن خوشلىشىۋالايلى دەپ رەسىمگە چۈشىۋاپ، بىر سىلكىپ ئۇ رەسىمدىن بىرنى ماڭا چىقىرىپ بېرىپ، بىرنېمە بىرنېمە ئېنگىلىزتىلى يازلىق تەتىللىك دەرسلىرى دەيدىغان خەت چۈشۈرۈلگەن بىر مايكا ۋە بىر قولياغلىققا ئورالغان نەرسىنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ، ئېلخەت ئادرىسلىرىنى يېزىپ بېرىپ خوشلاشقان بولدى. ئۆيگە قايتقۇچە ئاچسام ھېلىقى قولياغلىقتا ئىنجىل تۇرمامدۇ، ئاستا ئۆيگە ئاپىرىپ كۆيدۈرۋەتكەن، ۋە بۇ تۇنجى چەتئەللىك دوستلىرىم بىلەن شۇنداق تۈردە خوشلاشلاشقان بولدۇم.

 رىتا بىر يىلدىن كېيىن ئىلخەت يازدى، جاۋاپ يازغۇدەك مادار يوق، ئۇ خەتكە جاۋاپ يازغۇدەك سەۋىيەگە يېتىمەن دەپ بولغۇچە ئۇ خەت ئەستىن چىقتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەقىقىي تۈردە تۈزۈك تونۇشقانلىرىم تۈرك  ۋە كۈرتلەر بوپتۇ. بۇلار ئارىسىدا مەندە بەكرەك ئۇنتۇلماس تەسىر قالدۇرغانلىرى تۈرك ئەمەس كۈرت بوپتۇ. ياتاقدىشىمدىن ئىككىسى كۈرت ئىدى، بۇرۇن كۈرت دېسە لەيلىمۇلەينى ئوقۇيدىغان بىر ئىبراھىم تاتلىسەسنى كۈرت دەپ بىلەتتىم. ياتاققا ئورۇنلىشىپ ئەتىسىلا بىللە كىرىپ كەلگەن ئۇ ئىككى كۈرتنىڭ چىرايى قارامتۇل بۇغداي ئۆڭ، قاڭشارلىق، قاشلىرى قاپقارا قويۇق ئىدى. بىرسى كەچتە دولقۇنسىمان چاچلىرىنى قويۇپ بېرىۋىدى، ھىندىستانلىق كاجولنىڭ ئۆزىلا بولدى. كاساپەت ھەجەپ چىرايلىقكىنا دەپ قالغانىدىم. ئىسمى بەسنا بولۇپ بۇ كۈرتچىدە يېتەر بولدى بەس دېگەن مەنىدە ئىكەن، ماڭىغۇ غەيرى بىلىنمەپتۇ ئەمما ھەرقانداق تۈرك ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسىلا ھەيران قېلىپ مەنىسىنى سورايتى. ئۇ بىچارىمۇ قىلچە زېرىكمەي چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇلار 8 بالا بولۇپ، بەسنا سەككىزىنچىسى ئىكەن، دادىسىنىڭ ئاچچىقى كەپ يېتەر ئەمدى بولا دەپ شۇ ئېسىمنى قويۇپتىكەن.

 ئائىلىسى شۇنچە نامرات، ئىستانبۇل چاملىجا ئورمانلىقىغا يېقىن يەردىكى بىر كۈرت مەھەللىسىدە ئولتۇراتتى، ئەمما نامراتلىقىغا شۇنچە مەرت ۋە ئاقكۆڭۈل ئىدى، ھېچكىمدىن ھېچنىمە ئايىمايتى. ئەمما شۇنچە كېسەلچان ئېدى، كېچە-كېچىلەپ بېشى ئاغرىپ بېشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن لىنتا بىلەن ياكى ياغلىق بىلەن چىڭ تارتىپ چېگىپپلا ئولتۇراتتى ھەر قاچان. ئىشقىلىپ يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي، شۇنچە پىشقان ۋە ئانىلاردەكلا مېھرىبان ئىدى. ئاغرىپ قالسام كارىۋىتىمنىڭ بېشىدا كۈنلەپ ئولتۇرۇپ ھېلى بېشىمنى تۇتۇپ، ھېلى ھەرخىل ھەرياڭزا چاي ۋە دورىلارنى دەملەپ ئىچكۈزەتتى، ئاچچىقكەن دەپ ئىچكىلى ئۇنىمىسام ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا نەسىھەت قىلاتتى. مۇئەللىمىڭگە دەيمەن، ئاتا-ئاناڭنىڭ نۇمرىنى تېپىپ ئەرز قىلىمەن دەپ تەھتىت سالاتتى. كېيىملىرىمىز يىرتىلسا، بىر ئىشلاردىن بىر چاتاقلار چىقسا ئىشقىلىپ ياتاقتا بەسنا بولمىسا يەرشارى چۆرگىلەشتىن توختاپ قالاتتى.

 بىزنى چەتئەللىك دەپ مەكتەپ بەك چىڭ باشقۇرۇپ سىرتقىمۇ چىقارمايتتى. شەنبە يەكشەنبە ۋە تەتىللەردە ئاتايىن نەچچە ئاپتوبۇس ئالمىشىپ، يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ، مېنىڭ سىرتتا قىلىدىغان، ئالىدىغان نەرسىلىرىم بولسا ھەممىنى بىر بىرلەپ قىلىپ بېرەتتى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە تونۇش ئىدىم، ھەر شەنبە يەكشەنبە ئانىسى ماڭا تىلفۇن قىلىپ، كەچۈر قىزىم مەكتىپىڭ رۇخسەت بەرگەن بولسا سېنى ئۆيگە ئەپ كېتەتتۇق دەپ بىر مۇنچە سۆزلەيتى، ئۇ ئاپاشنىڭ تۈركچە تەلەپپۇزىغا قويۇق شەرق تەلەپپۇزى ۋە كۈرتچە سىڭىپ كەتكەن بولغاچ گېپىنى ئانچە چۈشەنمەيتىم، شۇنداقتىمۇ تامام تامام تەشۈككۈر تەيزەجىم دەپ قاراپلا تۇراتتىم، تېلفۇننى بەسنا تارتىۋاپ :” ئەقىچان يەنە ھېچنىمىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ تامام دەپ قويدۇڭ ھە، بىلمەمدىم مەن سېنى، ھە شۇنداق قىلىپ، نېمىگە ئېھتىياجىڭ بار، يەكشەنبە مەكتەپكە قايتقاندا ئالغاچ كېلىدىغان نەرسە بولسا تىزىملىكىنى يوللاپ قوي دەپ” قويىۋىتەتتى.

 بۇ ئاقكۆڭۈللۈك، بۇ مىننەتسىز كۆڭۈل بۆلۈش ساق بىر يىل داۋاملاشتى. يەرلىك بالىلارغا ئاتا ئانىسى تېلفۇن قىلسا كارىدوردىكى تېلىفۇنغىلا قىلاتتى، كارىدور “پالانچى تېلفۇنىڭىز بار ” دېگەن سادا بىلەن تولاتتى. بىز چەتئەللىكلەر :” ۋاي يوغان ئىش، بىزنىڭ ئاتا ئانىمىزمۇ ئۇزۇن يوللۇق تېلىفۇن قىلالىغان بولسا بىزنىمۇ ئاۋۇ تېلىفۇنغا چاقىرىپ باقسا قانداق بولار ئىدى ھە” دېيىشىپ كېتەتتۇق. بەسنا بۇ ئارزۇيۇمغا يەتكۈزۈپ مېنى دائىم ھەيران قالدۇرۇپ ھېلى ئۇ قەۋەتنىڭ تېلىفۇنىدىن ھېلى بۇ قەۋەتتىن تېلىفۇنىدىن مېنى چاقىرتاتتى، پۈتۈن كارىدور ئۇيغۇر پالانچى تېلفۇنىڭىز بار دەپ مېنىڭ ئىسمىم بىلەن ياڭراپ كېتەتتى.

 ئىككىنچى يىلى بەسنا مەلۇم سەۋەپ بىلەن مەكتەپ ئالماشتى، مەكتەپ ئالمىشىپ، ئۇ ئىسمىنى زەھراغا ئۆزگەرتىپتۇ، بىز قېرىشقاندەك چاندۇرۇپ دائىملا ياتىقىغا تېلىفۇن قىلىپ بەسنا بارمۇ دەيتۇق، ئۇنداق ئادەم يوق دېسە ھېلىقى زەھرا ئېسىملىك كۈرت قىزىنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى بەسنا ئىدى دەپ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلىۋىتەتتۇق. بىچارەم، ئاھ ھەر قايسىڭ بۇ بەسنا ئىسمىنى پىشانەمدىن كەتكۈزمەي، ماۋۇ مەكتىپىمگىمۇ يېيىپ بولاشتىڭ دەپ تىرىكەتتى. ھېلىھەم شۇ ۋاپادار ياتاقدىشىمنى ئەسلەپ قالىمەن، سادىغاڭ كېتەي سەن بىلەن پاراڭلىشىش ئۈچۈن ۋىيشىن دېگەن بىرنىمىنى ماڭا چۈشۈرۈپ بەرسەڭ بولاتتى، ئەمما مەن قاچان ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلىفۇن ئالغۇدەك بولارمەن دەپ كۆڭلى يېرىم ئىدى. ھازىرغىچە ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلىفۇن ئېلىشقا چىقىنىپ بولالمىغان بولسا كېرەك قايتا پاراڭلىشىپ باقمىدۇق. بۇ يەردە شۇنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي، تۈركىيە ئېلىكتىر بويۇملىرىنى سىرتتىن ئەكىرىدىغان بولغاچ تېلىفۇن، بارماق دېسكا، قاتتىق دېسكا، كومپىيوتىر قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ باھاسى قىممەت. جوڭگۇدا 1000كويچەنگە ئالىدىغان تېلىفۇننى تۈركىيەدە 3000 كويچەن خەجلەپ سېتىۋالىسىز. شۇ سەۋەپ تۈركىيەدە چەتئەلدىن ئېلىپ كىرگەن تېلىفۇنلاردىن باج ئېلىنىدۇ، سىزنىڭ بۇيەردىن ئېلىپ چىققان تېلىفۇنىڭىز تىزىمغا ئالدۇرۇلۇپ باج تۆلەنمىسە 3 ئاي ئىچىدە ئاپتوماتىك ھالدا قۇلۇپلىنىپ قالىدۇ.

بەسنا قىسسەسى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى، كېلەيلۇق يەنە بىر كۈرت ياتاقدىشىم، بەسنانىڭ قەدىناس زاكا ئاغىينىسى سالىھەگە، سالىھە بىلەن بەسنانىڭ ئۆيىمۇ بىر يەردە، مەكتەپكىمۇ بىللە كەلگەن، شەنبە يەكشەنبە بولسا ئىكىلىسى بىر تاغار كىرنى كۆتۈرۈپ ئۆيلىرىگە تەڭ كېتىشىدۇ. سالىھەنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى ئۇيقۇغا دەھشەت ئامراق، ھەركۈنى ئەتىگەن “ئاھ ئۇيقۇمغا قانمىدىم” دەپلا قوپىدۇ. بىرەر قېتىم ئەجەپ ياخشى ئۇخلاپتىمەن دېگەن گەپ ئېزىپ تىزىپ ئاغزىدىن چىقىپ قالمايدۇ. ئاچچىقى يامان، تىرىككەك، ياتاق بويىچە ئىككىمىزنىڭلا پۇرچىقىمىز پىشمايتى، ئەمىلىيەتتە بىر بىرىمىنىڭ مىجەزى بەش قولدەك ئايان، ئەمما قەستەن قېرىشىمىز بىر بىرىمىز بىلەن، ئاچچىقى كەلسە، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، مۇشىتلىرىنى تۈگۈپ  :” مېنى تىرىكتۈرمە، بىكار ئۇرۇپ سالىمەن” دەپ قوپاتتى، شۇنداق دېگەنسىرى مەنمۇ بەك داۋخو بەك تېرىكتۈرەتتىم، راستىنلا ئۇرىۋىتەرمۇ دەپ قورقۇپ تۇراتتىميۇ، بىر ئېغىز گەپتىن قالماي تەڭ تۇراتتىم. “ئا قارا، تىلىڭ چىكەتتى ھە، ئادەم بىلەن تەڭ تۇرالايسەن ھازىر بوپتۇ مەن ئۆزۈمنى بېسىۋالاي، يا سەبىر سالىھە، يا سەبىر ” دەپ كېتەتتى. مەن يەنە جىم تۇرماي”ئاچچىقىڭ كەلگەن بولسا تۇرۇپ كەت، ئۆرە تۇرغان بولساڭ ئولتۇرىۋال ياكى يېتىۋال، ئاندىن يانىدۇ” دېسەم، ئۇرىۋىتىمەن دەپلا قوپاتتى ۋە كارىۋاتقا چوقۇملا بىرنى ئۈسسەتتى. ئىكىلىمىز تەڭلا ھىجارايتۇق، توختاپ قالاتتۇق. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا بەزىدە قەستەن قورقۇپ كەتكەن قىپايەتكە كىرىۋاپ :” سالىھە، سالىھە كۆزۈڭنى ئاچ، ئۇيقۇدىن زەھەرلىنىپ قالمىغانسەن، كۆزۈڭنى ئاچ ” دەپ قويسام يېنىدىكى ياستۇقنى ئېلىپلا ئېتىۋىتەتتى. چاندۇرماي :” ئۇھ خۇداغا شۈكرى ھاياتكەنسەن” دېسەم ” يا ئاللا مەن نېمە گۇناھ قىلغان بولغىيدىم، بېشىمنىڭ بالاسى بولغان مۇنۇ قىزنى ئۇيغۇرمۇ مۇڭغۇلمۇ ئىشقىلىپ نەدىن كەلگەن بولسا شۇ يەرگە كەتكۈزىۋەتكەن بولساڭچۇ ” دەپ توۋلاپ كېتەتتى.

 ئۇ گەپنى ئاڭلىسىلا ياتىقىمىزدا يەنە بىر تارىخچى قىز بار ئىدى، مېنى نەدە كۆرسە “ئەجدادىمنىڭ ئامانىتى نەگە ماڭدىڭ؟” دەيتى، ئەجدادىڭنىڭ ئامانىتىنىڭ قورسىقى ئېچىپتۇ، نەپسى بىلەن كۈرەش قىلغىلى ماڭدى دەپ قويسام، ئۇھ ساڭا گەپ قىلغىلى بولمايدۇ دەپ كۈلۈپ كېتىپ قالاتتى. شۇ قىز تارىخقا مۇناسىۋەتلىك نائېنىق مەلۇماتلار بولغان زامانلا يەر مۇئەككىلىدەك موككىدىلا پەيدا بولىدۇ، ئۇخلاۋاتقان بولسا كۆزىنى ئاچماي تۇرۇپ جاۋاپ بېرىدۇدە:” سالىھە ساڭا نەچچە قېتىم دەيمەن، ئۇ مۇڭغۇل ياكى قازاق ئەمەس ئۇيغۇر ئۇيغۇر، ئۇيغۇر باشقا مۇڭغۇل، قازاق باشقا، سەن تارىخ ئوقۇمىغانمۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتەتتىغۇ ” دەپ دەرس سۆزلەپ قوپۇپ كېتىدۇ.

شۇنداق قىلىپ سالىھە بىلەن بىر يىل تارتىشىپ، سوقۇشۇپ، يەنە چىداشماي يۈردۇق، ئىككىنچى يىلى مەن كەسىپ ئالماشتىم، ئۇ ئوقۇتقۇچى نامزاتلىرى سىنىپىغا تاللىنىپ كاندىدات مۇئەللىملەردىن بولۇپ قالدى، شۇنداق بولسىمۇ كۆپ دەرسلىرىمىز بىرگە  ئۆتۈلىدىغان بولغاچ بىر بىرىمىزنى چىمدىشىپ بىرگە ئولتۇرۇپ يۈردۇق، ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە نەچچە ئاي قالغاندا ئۇلار رەسمىي بىزنىڭ بېشىمىزغىلا چىقتى، بىر سەكرەپلا بىزلەرگە مۇئەللىم بولۇپ ئەمىر بېرىدىغان يەرگە يەتتى. ئۇلارنىڭ سىنىپىدىكى سويمەكلەر  بىردىنلا مۇئەللىم بولىۋاپ، بۇ ھاۋاغا تىزلا ماسلىشىپ كۆنۈپ:” ياۋرۇم مانى قىلىۋىتە” دەپ ئىشقا بۇيرۇيدىغان بولدى.

تېخى نەچچە ئاي بۇرۇن نۇرغۇن دەرسنى بىللە ئوقۇپ يۈرگەن ئاداشچاقلار بىردەمدە مۇئەللىم بولۇپ سىزنى :” جانىم، ياۋرۇم، ئەۋلادىم ” دەپ ئاغزىنى تاتلىق قىلىپ تۇرۇپ ئىشقا بۇيرىسا يامان ئېغىر كېلىدىكەن. سالىھە خانقىزنى ئىزدەش ئۈچۈن ئىشخانىغا كىرىپ قالساق، بىرەرسى چاقىرىپ قويمىغىچە ئىشخانا ئالدىدا تەلمۈرۈپ تۇرىدىغان، گەپ قىلغاندا سالىھە مۇئەللىم دەپ گەپ قىلىدىغان بولدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يېشى مەندىن كىچىك بولغاچقىمىكىن، ياكى مېنىڭ نەپسىم بەكرەك تەربىيەگە مۇھتاجمۇ بىلمىدىم ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ ئاقسالىقىنى كۆرسەم قۇيقا چېچىم تىك تۇرۇپ، گەپتە چېقىۋالاتتىم، جانىم مانى قىلىۋەتكىنە دېسە، ماقۇل پالانچى دەپ بولۇپ بىردەمدىن كېيىن دىكىنىپ كەينىگە مۇئەللىم دېگەن گەپنى قوشۇپ قوياتتىم، شۇندىن كېيىن ھەممىسى مەندىن قورقىدىغان، ئۇنىڭ ئاچچىقى بەك يامانكەن دەپ ماڭا گەپ قىلمايدىغان بوپتۇ.

سالىھە بېشىمنى سىيلايتى، مەن ئۇنىڭدىن قاچقانسىرى مېنى ئىزدەپ، بىزنىڭ يېڭى مۇئەللىم قىزلاردىن سېنى بوزەك قىلغانلار، قاتتىق تەككەنلەر بارمۇ، بولسا دېگىن، مەن گەپ قىلىمەن، مەن بىر سەكرەپلا مۇئەللىم بوپ قالدىم، ئەمما مەن ئۆزگەرمىدىم مەندىن قاچمىغىن، مەن يەنىلا شۇ سېنىڭ ئۇيقۇ شاھىڭ، ھېلىھەم ئۇيقۇمغا قانمىدىم، مەن قىلىپ بېرەلىگۈدەك ئىش بولسا دېگىن دەپ تۇردى. بىزنىڭ سىنىپتىكى بالىلار ئۇنىڭ مۇئەللىملىكىنىڭ سايىسىدە پات –پات سىرتتىن تىز تاماقلارنى  بۇيرۇتۇپ يەۋالدۇق، ئوقۇتقۇچىلاردىن باشقىلارنىڭ، سىرتتىن تاماق بۇيرىشى چەكلەنگەن ئىدى.

 شۇنداق قىلىپ ئوقۇش پۈتتى، ئۇلارنىڭمۇ پىراكتىكىسى پۈتتى، مەكتەپ ئېلىپ قالىمىز دېسە ئۇنىماي، شەرقتىكى يېزامدا، ماڭا مۇھتاج نادانلىقتا قالغان كىشىلەر كۇرمىڭ، ئىستانبۇلنىڭ ماڭا ئېھتىياجى يوق دېگىنىچە، ئىچكى ئۇرۇش ۋە ئېتىشىشلار بولۇپ تۇرىدىغان تاغ قاراقچىلىرى ماڭدامدا بىر ئۇچرايدىغان شەرقتىكى يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.

مەكتەپ شەرقلىق بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئايرۇپىلان بېلىتى ئېلىپ بەردى، ئۇ بىر توپ قەيسەر كۈرت قىزلار ئۆز يۇرتىنى ئايدىڭلىتىش ئۈچۈن، ئىستانبۇلدىكى يۇقىرى مائاش ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشنى تاشلاپ ئۆزلىرى چوڭ بولغان يۇرتىنى تاللاپ قايتىپ كېتىشتى.

يەنە بىر كۈرت دوستۇم، سىنىپىمدىكى ياپراق ئىسىملىك قىز ئىدى. كۈرتلەرنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى مەرال، دېڭىز، يامغۇر، ياپراق، ئالماس، دەريا….دېگەندەك نەرسە-كېرەكلەرنىڭ ۋە ھايۋانلارنىڭ ئىسمىنى جىق قويىدۇ. مەنىلىك ئەرەپچە ئېسىم قويغانلار ئاساسەن يوق دېيەرلىك.

ياپراقمۇ سىنىپىمىزدىكى ئەڭ نامرات لېكىن بەك ئىشچان قىز ئىدى. ھەر شەنبە يەكشەنبە ئۇنىڭ يوپكىسىنى تۈرۈپ قويۇپ بىر قەۋەتنىڭ چوڭ ئوپچى ھاجەتخانىسىنى، مۇنچىلىرىنى چوتكىلاپ تازىلاۋاتقان ھالىتىنى كۆرەتتىم. بۇ باتۇر تېخى پايپاقلىرىنىمۇ سېلىۋەتمەي، مىلىچ مىلىچ ھەممە يېرىنى ھۆل قىلىپ، قوللىرى بۈدۈر بۈدۈر بوپ كەتكۈچە قىلاتتى. ئۇ تازىلىقتىن بىكار بولۇپ، سىنىپقا چىقىپ سىنىپلارنى تازىلاپ كېتەتتى، ۋاي بولدى قىلغىن ھارمىدىڭمۇ دېسەم ئىش قىلغانغا ئادەم ھارمايدۇ قەدىرلىكىم دەپ قويۇپ ئىشىنى قىلىۋىرەتتى. ئۇنىڭ بىر تىپىك ئالاھىدىلىكى بەكلا ساددى ئىدى، كىم نېمە دېسە ئىشىنەتتى، مەن ئۇنى بەكلا ئەخماق قىلىپ ئوينايتتىم، ماڭا كۈرتچە ئۆگەت دېسەم  ئەڭ گۈزەل گەپلەرنى ئۆگىتىپ قوياتتى، مەن ئۇيغۇرچە ئۆگىتىپ قوياي دېسەم، ياق خەنزۇچە ئۆگەت دەپ تۇرىۋالاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىچىم پۇشۇپ، مەن ساراڭ دېگەندەك گەپلەرنى ئۆگىتىپ قوياتتىم، ئاندىن ئۇ جوڭگۇلۇق بالىلارنى كۆرسىلا ھەي دەپ توۋلاپ :” مەن ساراڭ” دەيتى، تەلەپپۇزىنىڭ ئوماقلىقى، ئۇنىڭ ئۇ ھالىتىگە قاراپ قورسىقىم ئاغرىپ كەتكۈچە كۈلەتتىم، كۈلسەملا ئۇ مېنىڭ ئويۇن ئوينىغىنىمنى ئۇقۇپ قېلىپ ئۇ خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يېتىشىپ :” مەن ساراڭ خايىر، ئۆزۈر دىلەرىم” دەپ قويۇپ كېلەتتى. مەن ساراڭنى خەنزۇچە، خايىرنى تۈركچە دەيتى، خايىر ئەمەس دېگەن مەنىدە. قايتىپ كېلىپ :” بەك ئەسكىكەنسەن دەپ ھارغۇچە غىدىقلايتى. ” ۋايجان” دەپلا قويسام :” خاپا بولما، خاپا بولما قەستەن قىلمىدىم، سىنىپىزنىڭ بىردىنبىر چەتئەللىكى ئۆتۈنۈپ قالاي، ساڭا بىر ئىش بولسا مەن كۆپچىلىككە نېمە دەيمەن، مۇنداق قىلە، ئاغرىدىمۇ” دەپ جىددىيلىشىپ كېتەتتى.

 بىر كۈنى دەم ئېلىشتە ئىككىمىز باغچىدا ئولتۇراتتۇق، بېشىمىزدىلا ياۋا ئامۇتمۇ، گىلاسمۇ ئىشقىلىپ كىچىككىنە كۆپكۆك مىۋىسى بار بىر دەرەخ ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئۇ گەپ ئارلىقىدا ئىختىيارسىز شۇنداقلا ئۈزۈپ سالدى. ماڭا بوپ بەردى دە :” ئوھ ياپراق، سەن تۈگەشتىڭ، ئەمدى بېرىپ ما دەرەخنىڭ ئېگىسىنى تېپىپ رازىلىق سورا، كەچۈرۈم سورا، ئاندىن ئۇ سېنى نەچچە يىل بېغىدا ئىشلەمچىلىككە تۇتۇپ قالغاننى ئاز دەپ، كۆزى كۆرمەس، قولى باسماس، تىلى سۆزلىيەلمەس ئوغلىغا كېلىن قىلىپ ئەپ بېرىدۇ” دەپ گەپ دېگەننى پىلىمۇتتەك توقۇپلىۋەتتىم، بىچارە كۆزلىرىنى پىيالىدەك ئېچىپ :” ئاھ خۇدا مېنى قورقۇتما، ئەمدى قانداق قىلىمەن ” دەپ كۆزىگە ياش ئالدى. ئىككىنچى سائىتىدە ئۇ بىچارە راستىنلا مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ئۆزىگە رۇخسەت بېرىشىنى، مەكتەپ ھويلىسىغا ساڭگىلاپ تۇرغان مىۋىلىك دەرەخنىڭ ئېگىسىنى ئىزدەپ تېپىپ كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مۇدىر خانىم كۈلۈپ كېتىپ،” قىزىم سەن ئۇ كىشىنى تاپالمايسەن، ئەگەر ئىچىڭ پەقەت راھەت بولالمىسا سىرتقا چىققاندا تىلەمچىلەرگە بىر لىرا سەدىقە قىلىۋەتكىن” دەپتۇ. گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا يېنىمغا كېلىپ :” ئۇھ ھېلىقى قورقۇنۇشلۇق ئاقىۋەتلەردىن قۇتۇلۇپ قالدىم” دەپ كىرىپتۇ.

 كېيىن ئۇمۇ ئىسمىدىن رازى بولماي بىر ئۆلىما ئۇستازدىن مەسلىھەت سوراپ يۈرۈپ ئىسمىغا زەينەپ دېگەن ئىسىمنى قوشقۇزۇپ ئىسمىنى زەينەپ ياپراق قىلىۋالدى. بىر مۇئەللىمىمىزنىڭ ئىسىم فامىلىسى زەينەپ رەففاق ئىدى، بىر كۈنى دەل شۇ مۇئەللىم دوسكىغا خەت يېزىۋاتسا :” زەينەپ ياپراقنى توۋلىدىم دەپ زەينەپ رەففاق ، زەينەپ رەففاق” دەپ توۋلاپتىمەن، ئۇ چىرايلىق ئالدىمدا ئولتۇرۇپمۇ  قەتئىيلا قارىمىدى. تېخىمۇ ئاچچىقىم كەپ كۈچەپرەك :” زەينەپ رەففاق دېگەن گاس ” دەپ چاقىرىپ كېتىپتىمەن، ئىككىنچى ئورۇندا ئولتۇراتتىم، دوسكىغا يېقىنلىدە، مۇئەللىم كەينىگە قارىدى. مېنى چاقىردىڭمۇ؟ دېمەسمۇ، ئويلاپ باقسام راستىنلا مۇئەللىمنى چاقىرىپتىمەن، ياق مۇئەللىم، مەن ئاۋۇ ياپراق  دەپ توختاپ قالدىم، مۇئەللىم كۈلۈپ كەتمىگەن بولسا، ئۇ مۇئەللىمنى نەدە كۆرسەم قېچىپلا يۈرەركەنمەن نۇمۇستىن. ئەمما مۇئەللىم مېنى نەدە كۆرسە توۋلاپ :” مېنى چاقىردىڭمۇ، خاپا بولما ئاڭلىماپتىمەن” دەپ قويۇپ ھىجاراپ قويىدىغان بولدى.

 شۇنداق قىلىپ:”يۇرتۇمغا قايتقۇم يوق ئىدى، قايتسام، كەچلىرى قورقۇپ تالاغىمۇ چىقالمايمىز، تاغ قاراقچىلىرى نەچچە كۈندە بىر باستۇرۇپ كېلىپ ئۇن گۈرۈچ ئېلىپ كېتىدۇ، ھېلىمۇ ياخشى بىزگە چېقىلمايدۇ، مېنىڭ ئىستانبۇلدا قالغۇم بار ئىدى” دەپ شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ، مەن مەكتەپتە تازىلىق ئىشچىسى ياكى ئاشپەز ئاپاشلارغا ياردەم قىلىپ بولسىمۇ بىر يىل بولسىمۇ ئوشۇق قالغان بولسام دەپ شۇنچە يالۋۇرغان بولسىمۇ، مەكتەپ يەنىلا ياپراقنى يولغا سېلىپ قويدى. ئالاقىمىز ئۈزۈلگىلى خېلى ئۇزۇن بولغان، يېقىندا ئىلخەت يېزىپتۇ :” ۋاي ئۇيغۇرۇم ۋاي، سېنىڭ دەردىڭدە كومپىيوتىر ماھىرى بوپ كېتىدىغان بولدۇم، ماۋۇ ئىمەيىل دېگەن نەرسىدە مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا تۇنجى خېتىمنى ئەۋەتتىم، ساق سالامەت ساڭا تەگكەندۇ ھە، تاپشۇرۋالغان بولساڭ ھايت دەۋەت، بىكا خوش بوپ يۈرمەي يەنە ” دەپ يېزىپ قويۇپتۇ.

 مانا بۈگۈن توساتتىن  ئالبۇم ۋاراقلاپ ئولتۇرۇپ شۇ كونا كەچمىشلەر ۋە ھاياتىمدا ئۇنتۇلماس ئىزلارنى قالدۇرغان شۇ چەتئەللىك دوستلار ئېسىمگە كېلىپ قالدى. بىر كىچىككىنە پارتىدىشىم بار ئىدى :” ھەدە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېكايىلىرىڭدە مېنى تىلغا ئېلىپ قالساڭ، ناخشىنى بەك ياخشى ئېيتالايدىغان لېكىن بۇنى ھېچكىم بايقىمىغان كىچىك پارتىدىشىم” دەپ تەرىپلەپ قويساڭ بولامدۇ دەپ ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتكەنىدى، ۋە مېنىڭ يازغانلىرىمنى ئوقۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئۇيغۇرچە ئۆگەنمەكچى بولغانىدى.

بىر ناخشا بولىدىغان ، تېكىستى مۇنداق : ئۇنتۇلارمىش بىردىن بىردىن كونا دوستلار، كونا دوستلار نە بىر سالام يوق، نە بىر خەۋەر ئۇنتۇلارمىش كونا دوستلار ئۇچۇپ كەتكەن قۇشلار كەبى يوسۇن باسقان تاشلار كەبى ئۇنتۇلۇپ كېتەر بىردىن بىردىن كونا دوستلار ، كونا دوستلار يىللار ئۆتۈپ، زېھنىم قېرىغاندا، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم ناچارلاشقاندا، باشقا نەرسىنى ئۇنتۇپ قالساممۇ، مۇشۇ كونا دوستلىرىمنى، غېرىپلىق ۋە مۇساپىرچىلىق ھېس قىلدۇرمىغان شۇ ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنى پەقەتلا ئۇنتۇپ قالمىسامكەن دەيمەن.

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ