چوشقىلارغا بايرام- ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﮬﯘﺷﯘﺭ- بىر گۇرۇپپىسى

چوشقىلارغا بايرام

ھىكايە

ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﮬﯘﺷﯘﺭ

ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.‏

«ﺳﺎﺭﺍﯓ» ﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺧﻪﺕ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﯘ ﺧﻪﺗﻜﻪ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭙﺘﯘ. ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ، ﻳﺎﺧﺸﯩﻤﯘﺳﯩﺰ؟- ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯘ ﺋﯘ ﺧﯧﺘﯩﺪﻩ، ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﺧﯧﺘﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﺎﺯﺍ ﻛﯜﻟﮕﻪﻧﺴﯩﺰ؟ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﻛﯜﻟﻤﻪﻣﺪﯗ ﻳﺎ؟ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻗﺎﭘﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﯛﭘﻼ ﻳﯜﺭﯛﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﯩﻜﯩﻦ، ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﻗﯩﺰﯨﻘﻜﻪﻧﺴﯩﺰ، ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺗﯜﺭﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﯕﺨﻮ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﺭﮔﯜﺯﻩﺷﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺗﯩﻨﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺗﻮﯞﺍ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ، ﺩﻩﺭﺩ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﯩﻚ ﺋﯧﻴﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻤﯘ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺋﯩﺸﻜﻪﻥ. ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ؟ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯔ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﭼﯧﭽﯩﻐﺎ ﺋﺎﻕ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﯘﺩﻩﻙ. ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘﺩﻩﻙ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﻮﺕ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺩﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻜﻪﻧﺴﯩﺰ. ﺑﻪﺯﻯ ﻛﺎﺗﯩﯟﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻻ- ﭼﺎﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﯘﻳﯘﭖ،  ‹پۇﻝ ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ› ﺩﻩﭖ ﯞﻩﺯ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻣﻪﻥ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ. ﺋﯩﭽﯩﻢ ﭘﯘﺷﯘﭖ، ﺋﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ.

ﺑﯘ ﺋﺎﺩﺍﺵ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﯘ، ﺩﻩﺭﺳﯩﺰ، ﻗﯧﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﯧﻘﯩﯔ. ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﻣﺎﻧﺎﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ:

ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺳﺎﺯﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ ﺳﺎﺯﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻗﺮﺍﻕ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ-ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﺗﯧﺮﯨﭗ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺳﺎﺯﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻻﺗﺘﯘﻕ. ﺳﺎﺯﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﺷﺎﻻﭘﺸﯩﺘﯩﭗ ﻛﯧﭽﯩﭗ، ﺧﺎﺭﺗﯩﻠﺪﺍﭖ ﻗﺎﺭﺍ ﭘﺎﺗﻘﺎﻗﻘﺎ ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﯩﻘﯩﭗ، ﺳﺎﺯﻟﯩﻘﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯗﭖ، ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﺎﺗﻘﺎﻕ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻣﺪﯗ؟ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﺘﯩﻢ. ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯘ ﺳﺎﺯﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﯜﻳﻰ ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﺗﯧﺮﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮىنى قوﺷﯘﭖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﺗﺎﻡ ﺳﻮﻗﯘﭖ، ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﺷﺎﻟﺪﯨﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ‹‹ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻐﺎ›› ﺩﻩﭖ ﺷﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻱ ﺳﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘﻧﻰ ﺩﻭﺭﺍﭖ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﺎ- ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﺯﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ. ﭼﯜﺷﺸﻪﻙ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﯗﻛﺎﻧﻤﯘ ﺋﯧﭽﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﺳﺎﺯﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﺎﺭﺍ- ﺑﺎﺭﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﯧﻐﯧﺰ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻧﻪﻕ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻰ ﺋﻮﺭﯗﻕ، ﺗﯩﻤﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﭼﻮﯓ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﻮﻧﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺷﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎﻕ، ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﭖ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﺗﻪﺗﺘﯘﻕ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻻﺩﺍ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭمەﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ. ﺑﻮﯞﺍﻱ ﻗﻮﺷﻨﺎ-ﻗﯘﻟﯘﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺭﭖ-ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﭼﻮﺷﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﯞﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﻰ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﻗﯩﺮﺍﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﮬﻮﻳﻼ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ، ﺗﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﺎﯕﻼﻳﺘﺘﯘﻕ. ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺩﯨﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺷﯘ ﺑﻮﯞﺍﻳﻐﺎ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻼ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﭼﻮﺷﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﺭﻛﯜﻧﻰ ﺳﯧﯟﻩﺗﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻦ ﻳﺎﯞﺍ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ، ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﺗﺎﺷﻼﻧﺪﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻪﺗﺘﻰ. ﺑﻮﯞﺍﻱ ﺑﯘ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻳﯘﻳﯘﭖ، ﺗﻮﻏﺮﺍﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐ ﺎﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﯩﺪﯗﺭ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﺩﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﯚﻛﯜﭖ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ. ﻛﻪﭼﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﯧﻠﻪﻛﻨﻰ ﺋﻪﭘﻜﻪﺷﻜﻪ ﺋﯩﻠﯩﭗ، ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻗﺎﻟﺪﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ﻳﯘﻧﺪﻯ-ﭼﺎﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﺷﻘﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ، ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ .

ﺑﯘ ﭼﺎﻏﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻯ. ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻮﺗﺴﯩﻜﯩﻠﯩﺖ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﻣﻮﺗﺴﯩﻜﯩﻠﯩﺘﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﻮﺯﯗﭘﻨﻰ ﭼﯧﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﯘﯓ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯔ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ-ﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺗﻮﺷﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯧﺰ ﻛﯚﺗﯜﺭﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻜﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯧﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﯩﺰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﻼ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﺑﻮﯞﺍﻳﻐﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﯧﺮﯨﻠﯩﻖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﯩﻠﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻣﺴﯩﺰ ﺗﻮﭘﺎ ﺗﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺭﯛﭖ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﻗﯩﭙﻘﯩﺰﯨﻞ ﺧﯩﺸﺘﺎ ﺗﺎﻡ ﻗﻮﭘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﻮﺷﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭼﻮﺷﻘﺎ ﻗﻮﺗﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺳﯧﻤﻮﻧﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﯞﯨﯟﺍﺗﺘﻰ .

ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﺎﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﯜﭖ ، ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﯜﺩﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺗﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﯩﻤﯘ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺗﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺳﯩﻢ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﻩﺗﺘﻰ. ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭼﯧﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻪﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺕ ﺳﺎﻟﺪﯨﻜﻰ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﺎﺑﺮﯗﻳﻠﯘﻕ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﯘﻟﯩﻐﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﻱ ﭼﯧﻨﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﺷﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﯩﺰ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ، ﺑﯧﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﮔﻪﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ: -ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﻧﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻼﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ 20-30نى ﺗﯘﻏﻘﯩﺪﻩﻙ،-ﺩﯦﻴﯩﺸﻪﺗﺘﻰ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ: – ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﭼﻮﺷﻘﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﭖ، ﭼﯩﭽﯩﺸﻘﺎ ﺗﺎﺭﺍﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘﯘﻝ ﭼﯩﭽﺎﺭﻣﯩﺶ،- ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ . ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ- ﭼﯜﺷﺸﻪﻙ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯗﻛﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﻪﻝ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ: -ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺩﯨﻜﻪﻧﺴﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻛﯩﻠﯩﺮﯨﻢ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺑﺎﻗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﺎﻧﺎﺳﯩﭗ،- ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ. -ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﮔﻪﭖ، ﺋﺎﻛﺎ؟ -ﺩﻩﻳﺘﺘﯘﻕ، -ﺑﯩﺰ ﺗﺎﻧﺎﺳﯩﭗ-ﭘﺎﻧﺎﺳﯩﭗ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﻧﯧﻤﯩﺴﻰ؟- ﺑﯘ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ،- ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﻩﺗﺘﻰ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ،- ﺷﻪﮬﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻼﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻧﺴﯧﺮﻯ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻚ. ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺗﻮﻕ ﻏﻮﺟﺎﻣﻼﺭ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﺑﺮﻭﻱ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﮬﺎﺭﻏﯘﭼﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﻼ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ. ﭼﻮﺷﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﻤﻰ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﯟﻩﺭﺳﻪ، ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﯩﻠﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻳﯩﺮﺍﻕ- ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺭﺳﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﭘﻘﺎﺭﺍ ﭘﯩﻜﺎﭘﯩﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺗﯘﯓ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯜﻙ ﻣﺎﺷﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﮬﻪﻳﺪﻩﻳﺘﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ، ﭼﻮﯓ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ ﺋﺎﺷﯘ ﻣﺎﺷﻨﯩﺪﺍ ﺗﻮﺷﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﻨﻪﺗﺘﻰ. ﺭﺍﺳﯩﺖ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ، ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﻮﺷﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯜﻙ ﻣﺎﺷﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﺮﺗﯩﻨﻰ ﻗﯧﻠﯩﻦ ﻣﺎﻱ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺗﯘﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ﭼﯜﺷﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻤﯘ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯨﺴﯩﺰ .

ﻗﻮﺭﯗﻟﻐﺎﻥ، ﺩﯛﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺋﯧﭽﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ-ﺳﻮﻏﯘﻕ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﻼﺭ، ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ، ﻏﺎﺯ-ﺗﻮﺧﯘ، ﻗﯩﺮﻏﺎﯞﯗﻝ، ﻛﻪﻛﻠﯩﻚ… ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﻛﻪﻡ ﺋﯘﭼﯩﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﭼﺎﺭ-ﻗﺎﻧﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯚﺷﻠﯩﺮﻯ، ﺑﯧﻠﯩﻖ، ﭘﺎﻗﺎ، ﻳﯩﻼﻥ، ﻛﻪﺳﻠﻪﻧﭽﯜﻙ، ﻗﯘﺭﺕ-ﻗﻮﯕﻐﯘﺯ، ﺋﯩﺖ-ﻣﯜﺷﯜﻙ، ﻛﺎﻻ، ﻗﻮﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯚﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﺧﯩﻠﻤﯘ ﺧﯩﻞﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ، ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯖﺪﯗﺭ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺗﻮﺭﺗﻼﺭ، ﻟﻪﻳﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﮬﻮﺭﻧﺎﻥ، ﻳﯘﺗﺎﺯ ، ﻣﺎﻧﺘﺎ، ﺳﺎﻣﺴﺎ، ﭘﻪﺭﻣﯘﺩﻩ … ﺋﺎﻳﮭﺎﻱ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺭﻩﺕ-ﺭﯦﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﻤﻪﻥ ﺩﯦﺴﯩﯖﯩﺰ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﻛﯚﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﻪﻗﯩﻠﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻩﻟﻤﻪﻳﺴﯩﺰ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﯩﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺗﻮﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺑﯘﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﻮﭘﻘﺎﻟﺪﯨﻤﯘ؟ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ. ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﻘﺎﻧﺪﻩﻙ، ﭘﯘﻟﻰ ﺑﺎﺭ ﻏﻮﺟﺎﻣﻼﺭ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻝ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺗﻮﻳﻐﯘﺯﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺳﯚﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺭﺍﯓ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻳﯜﻩﻧﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﺗﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﻳﯧﻤﻪﻱ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﻼ ﻗﻮﭘﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﮬﻪﻱ، ﺳﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺩﻩﻳﺴﯩﺰ،- ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﭘﯩﻜﺎﭘﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ، ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ،- ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﯜﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻼﺭ، ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﯓ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ ﺗﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺟﻮﺯﺍ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﭘﯜﺗﯩﺪﯗ. ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺧﻪﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺧﯘﺵ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ-ﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﻳﯩﻐﺸﺘﯘﺭﻣﯩﺴﺎﻕ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﺳﯧﺴﯩﻘﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯚﻛﯜﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻣﺪﯗ؟ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﻗﻮﯞﺭﯗﻏﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺧﻪﺟﻠﻪﭖ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﭼﺎﭼﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺰ ﺑﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ-ﭼﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﮔﯚﺷﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯨﻤﯩﺰ… ﺑﻮﯞﺍﻱ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ- ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﯩﻠﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﮬﯧﭽﻨﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎﻱ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺭﻩﺧﯩﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯩﻴﯩﭗ، ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻨﻰ ﭼﯧﻜﻪﺗﺘﻰ. ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ-ﺋﯜﭺ ﺗﺎﻝ ﭘﯩﻠﺘﻪ ﻗﯘﻳﻤﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻣﺎﭺ ﺋﯩﭽﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻳﻪﻧﻪ ﮔﯚﺷﺴﯩﺰ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺭﯗﺗﯘﭖ، ﻗﻮﻧﺎﻕ ﮬﻮﺭﻧﯧﻨﯩﻨﻰ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻻﭖ ﻳﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﻛﻮﻧﺎ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ، ﻣﯧﯖﯩﺴﯩﻤﯘ ﻛﻮﻧﺎ ﭘﯧﺘﻰ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺩﻩﭖ ﺯﺍﯕﻠﯩﻖ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺑﻮﯞﺍﻱ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﻗﻮﺗﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯧﻜﯩﭗ، ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﯩﻘﯩﭗ ﺗﯩﻠﻐﺎﭖ ﻳﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ-ﺩﻩ، ﺷﯘ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ، ﺷﯘ ﮔﯚﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺋﻪﺟﯩﺮﻯ، ﺷﯘ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﮬﻮﺭﻧﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻏﺪﺍﻳﻨﻰ ﺗﻪﺭﮔﯜﭼﻰ ﺟﺎﭘﺎﻛﻪﺵ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﭼﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺑﯘﻏﺪﺍﻳﻨﻰ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﺮﯨﻨﻤﻪﻱ ﺋﯧﯖﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ، ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭ ﺗﯩﻠﻐﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﯘ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﯘﺧﻠﯩﺴﺎ ﭼﯜﺷﯩﮕﯩﻤﯘ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﺴﻪ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﺎﻱ،  ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﻗﻮﺗﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻻﺗﺘﯩﻢ. ﻛﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺑﯘ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭ ﻣﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﺎﻱ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﯞﻩﺭﮔﻪﭼﻜﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮔﻪﻧﺪﯨﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﻪﻧﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. ﻣﯩﺠﻪﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﯦﻤﻪﻣﺴﯩﺰ، ﻣﯩﺠﻪﺯﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻘﺎ ﻗﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﺗﻮﻳﻐﯘﺯﯞﯦﺘﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﻱ ﺩﯨﯟﺍﻧﺪﺍ ﻣﯜﮔﺪﻩﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺳﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪﯕﮕﻪ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺴﻪﻥ؟ بىز ﻳﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﯜﯕﺪﯨﻤﯘ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻤﯘ ﺳﻪﻥ؟ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﺩﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗﻛﻰ، ﺑﻪﺩﻩﻧﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺟﯘﻏﯘﻟﺪﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﭼﯩﺸﻰ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭ ﮬﻪ ﺩﯦﺴﻪ ﺋﻪﻳﺶ-ﺋﺸﺮﻩﺕ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭘﺎﻻﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺸﻘﯩﯟﺍﺯ ﺧﯧﻨﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﺩﻭﺭﺍﭖ ﺳﺎﻏﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﻧﺎﺷﺎﻳﺎﻥ ﺋﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺧﯘﺷﺘﺎﺭ ﺑﺎﻳﯟﻩﭼﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﻳﻪﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻧﺎﻳﻨﺎﻕ ﭼﯩﺸﻰ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﮔﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻱ ﺳﯜﺭﻛﯩﻠﯩﺸﯩﭙﻼ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺴﯩﺰ. ﺑﯘﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﭙﺎﺭ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻰ، ﭼﻮﯓ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﺩﻩﻙ ﻏﺎﺩﯨﻴﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﻗﻮﺭﻗﻘﯩﻨﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯧﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺸﻜﻪ ﺗﺎﺳﻼ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ…

ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﻗﺎﻳﺴﯩﺒﯩﺮ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻣﻪﻣﯘﺭﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ، ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﺗﺎﺯﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﺩﻯ. ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﭼﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﺩﯨﻦ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺷﺘﺎ «ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﻪﺭﯨﻤﺎﻧﻪ ﻗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ، ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﺪﯗ» ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻧﺪﻯ.

ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﻰ. ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ، ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﺳﯩﺰ ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ ﺯﺍﻝ، ﻣﻪﺯﻟﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯨﺴﯩﺰ؛ ﺷﯘ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺳﯘﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﭼﻪ-ﭘﯘﺭﺍﺕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﻗﯘﻳﯘﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﺳﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﯛﻛﯜﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﮔﯜﺭﺷﯜﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥﭼﺎﭼﻘﺎﻧﻼﺭ، ﮔﯩﮋﻟﺪﯨﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﭼﯩﯟﯨﻦ، ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻏﯩﻤﯘ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻳﺴﯩﺰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﺭﯨﻠﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺳﯘﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﺴﺎ، ﺷﯘ ﺳﯘﺭﯗﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﻘﯩﻠﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯩﯖﻼﭖ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭ ﻧﯩﻤﻪ ﻳﻪﻳﺪﯗ!؟ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻨﻰ ﮬﯩﭽﻜﯩﻢ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﻯ، ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ-ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻧﻰ ﻏﯘﯞﺍﺳﯩﺰ ﺋﯜﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﺎﭼﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﮬﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺗﯩﭙﯩﺮﻻﭖ ﺋﺎﺭﺍﻣﺴﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺑﺎﻗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺭﭘﺎ، ﻗﻮﻧﺎﻕ، ﺑﯘﻏﺪﺍﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﻛﯧﭙﻪﻛﻜﻪ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ، ﻳﺎﯞﺍ ﺋﻮﺕ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺩﺍﭘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﺭﺍﭘﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﻯ. ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻕ ﺗﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻗﯘﺳﯘﯞﯦﺘﯩﺸﺘﻰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺯﯗﻗﻠﻨﯩﺸﻘﺎ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﻥ ﻗﻮﺷﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﻭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﯨﺘﯩﭗ، ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﭼﯩﺮﻗﯩﺮﺍﭖ ﻧﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﺪﯗﺭ ﺩﻩﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﺷﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. -ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ، ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﻗﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟-ﺩﻩﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﺷﻘﺎ. ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ؟- ﺩﻩﭖ ﭼﯘﺭﻗﯩﺮﺍﺷﺘﻰ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻣﯘ. -ﺗﺎﺯﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯩﻤﯩﺶ، ﺗﺎﺯﻟﯩﻖ! ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﭘﺎﺳﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﻧﯩﻤﻪ؟ ﺋﺎﺩﻩﻡ! ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻧﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﻨﻰ ﺗﺎﺯﻻﺷﻨﯩﯔ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭘﻤﯘ ﺑﺎﻗﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﭼﯩﯟﯨﻦ، ﭼﺎﭼﻘﺎﻥ، ﭘﯩﺖ-ﺑﯜﺭﮔﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻳﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﯘﻟﯘﯞﯦﺘﯩﭙﺘﯩﻤﯩﺶ. ﺑﯘﮔﯜﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺯﯨﻤﯩﻨﻨﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯩﻢ؟ ﺑﯘ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻜﻰ، ﺋﯘ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺮﻭﻓﯩﺴﻮﺭﻟﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﻳﯧﮕﻪﻥ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. -ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﺎﻗﻤﺎﻱ،- ﺩﻩﭖ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺋﯩﻜﻜﻨﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﺷﻘﺎ، -ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﭽﻪ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯﮔﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ، ﻗﻪﭘﻪﺳﺘﻪﻙ ﺗﺎﺭ ﺳﯧﻤﯘﻧﯩﺖ ﺗﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺳﻮﻻﭖ ﻗﻮﻳﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺳﻮﻗﯘﺷﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻧﻰ «ﭼﻮﺷﻘﺎ»! ﺩﻩﭖ ﺗﯩﻠﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ﻳﯘ، ﺋﯩﺰﺍ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻱ. ﺗﯧﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﯩﻴﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﻜﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﻴﯩﺸﯩﺪﯗ، ﻳﯘﯕﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﭼﻮﺗﻜﺎ ﻳﺎﺳﺎﭖ، ﺋﺎﻏﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯩﻘﯩﭗ ﭼﯩﺸﻠﯩﺮﻧﻰ ﭼﻮﺗﻜﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ﮔﯚﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻗﯘﺭﯗﻣﻼﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﻳﯧﮕﻨﻨﻰ ﻳﻪﭖ، ﻳﯧﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﺮﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﻪﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯜﻛﯜﺷﯩﺪﯗ. ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﺪﯗ، ﺑﯩﺰﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﯚﺷﯩﻨﻰ ﻳﯧﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯩﺰ!؟ -ﺋﯧﮫ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﻗﯩﻴﻐﯩﺘﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ! -ﺩﻩﭖ ﮬﻪﺳﯩﺮﻩﺕ ﭼﻪﻛﺘﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﺷﻘﺎ، -ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﭖ ﯞﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﯩﺪﻯ ﮬﻪ! -ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﯖﻼﺭﻣﯘ؟- ﺩﯦﺪﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﭼﻮﺷﻘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻰ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯧﺴﺮﺍﭘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯘﻥ، ﺑﯘﻧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﮬﯧﭽﻨﯩﻤﻪ ﺋﺎﺷﻤﯩﺴﯘﻥ، ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ ﻗﯘﻳﯘﺵ ﭼﻮﯓ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ! ﺩﻩﭘﺘﯩﻤﯩﺶ… ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺗﯘﻗﻨﻰ ﮬﯧﻠﻘﻰ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﭼﯩﭙﺎﺭ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﻗﻮﺗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯧﻤﯘﻧﯩﺖ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﭼﯧﻘﯟﯦﻠﯩﭗ، ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ: -ﺑﯘ ﮔﻪﭘﭽﻪ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﺎﭺ ﻳﯜﺭﮔﯜﺩﻩﻛﻤﯩﺰﻣﯘ؟-ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ ﺋﯘ، -ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ، ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ، ﺋﯘﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯩﻢ؟ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﻪﺭ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ… ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ، «ﻳﺎﺋﺎﻟﻼ!» ﺩﻩﭖ ﻳﺎﻗﺎﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯧﻠﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻳﯜﺯ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻻﻣﺪﯗ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ.

ﺗﺎﺯﻟﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻨﯩﯔﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﺘﻰ. ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺗﺎﺯﻟﯩﻘﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﭼﺎ-ﻛﻮﻱ، ﺑﯘﻟﯘﯓ-ﭘﯘﺷﻘﺎﻗﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ، ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻥ، ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯘﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻚ-ﺩﯦﺮﯨﺰﻩ، ﺷﯩﺮﻩ-ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﯗﻕ، ﭘﻮﻟﻠﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﺘﻪﻙ ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﻛﯜﻧﻰﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻼ ﺋﯩﺸﻜﻠﯩﺮﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻼﺭ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ. ﺳﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﺧﯘﻧﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ﭘﯘﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﺋﯩﺲ ﻛﯚﺗﯜﺭﻟﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺷﭙﻪﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﯖﺮﺍﻗﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﺷﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺭﯨﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﺎﻛﯩﻠﺪﺍﭖ، ﭼﯚﻣﯜﭼﻠﻪﺭ ﻗﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﮔﯩﺮﯞﯨﻜﯩﮕﻪ ﺗﯧﮕﯩﭗ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺩﺍﺭﺍﯕﻼﻳﺘﻰ. ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻼﺭ ﮬﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﭘﺎﻻﻗﻼﭖ، ﻛﯜﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯧﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﺪﯗﺭ ﺗﺎﭘﻼﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ، ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯜﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻱ-ﺗﯜﻛﯜﻥ، ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ، ﺷﻪﺧﺴﻰ ﻛﯜﺗﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺷﯩﺮﻩﺳﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺯﺍﻛﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺳﺎﺋﻪﺕ 10لارغا ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍ، ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻟﯩﻚ ﭘﯘﺭﯨﻘﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﻨﻰ ﻗﺎﭘﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻳﯩﻦ ﺷﺎﻣﺎﻝ ﺑﯘ ﭘﯘﺭﺍﻗﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯘﭼﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﺭﯨﻘﯩﻐﺎ ﺳﺰﯨﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭ ﻗﻮﺗﺎﻧﻠﯩﺮﺩﺍ ﺗﯩﭙﯩﺮﻻﭖ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﺎﭺ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﭼﯩﺪﯨﻐﯘﺩﻩﻙ ﺗﺎﻗﯩﺘﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻯ. ﺑﯩﺮﻧﭽﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﮬﯧﻠﻘﻰ ﭼﯩﭙﺎﺭ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺩﺍﺟﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﻳﯜﮔﯜﺭﮔﯩﻨﭽﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻘﺎﻥ ﺗﯚﻣﯘﺭ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﺷﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﯩﺮﺍﭖ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﭼﯜﺷﺘﻰ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺷﯘ ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﺎ، ﻣﻪﻟﺴﯩﮭﻪﺗﻠﯩﺸﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻣﯘ ﻗﻮﺗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺭﯗﭖ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﯘﻳﯘﻧﺪﻩﻙ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸﯩﯩﭗ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﻧﯩﻤﯩﻨﯩﯖﺪﯗﺭ ﮔﯜﻟﯜﺭﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ، ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﻳﯘﭘﯘﺭﻟﯘﭖ ﻛﯩﺮﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ، ﻧﯧﻤﻪ ﯞﻩﻗﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﻰ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯩﻴﺎ-ﭼﯩﻴﺎ ﻗﺎﭺ-ﻗﺎﭺ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﭘﯘﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺩﻭﻣﯩﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺋﺎﻟﺪﻯ-ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﺷﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﻮﺱ، ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺷﻮﭘﯘﺭﻟﯩﺮﻯﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺭﻭﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﯩﻨﯩﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻗﻪﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﻨﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺸﺎﺗﺘﻰ. ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯨﻤﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻏﯩﺪﯨﻘﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﺯﯨﻠﯩﻚ ﭘﯘﺭﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﺎﺳﯩﺰ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﻪﭖ، ﺗﻮﭘﺘﻮﻏﺮﺍ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ، ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﮔﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺯﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﻗﺘﻪﻙ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻛﯜﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﺗﻨﯘﺳﻼﺭ ﺟﺎﺭﺍﯕﻼﭖ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻼﺭ ﭼﯘﺭﻗﯩﺮﺷﯩﭗ ﺗﻪﺭﻩﭖ-ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺷﭙﻪﺯﻟﻪﺭ ﭘﯩﭽﺎﻕ، ﭼﯚﻣﯜﭼﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﻘﯘﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﭙﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ. ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭ ﮬﯧﭽﻨﯩﻤﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﻧﻰ ﺋﺎﺗﺘﻰ. ﮔﯚﺵ ﻗﺎﻳﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻧﻼﺭ ﺋﯚﺭﯛﻟﯜﭖ، ﭼﯩﻨﻪ-ﻗﺎﭼﯩﻼﺭ ﺟﺎﺭﺍﯕﻼﭖ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﻪﺗﺘﻰ. ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯩﺰﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺭﻩﺕ-ﺭﯦﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﮬﻪﻣﻤﻨﻰ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﻟﻤﺎﻳﺘﻰ. ﭼﻮﯓ-ﭼﻮﯓ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﭖ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﮔﯚﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﭗ، ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺳﯚﺭﻩﭖ، ﮔﯩﻠﻪﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯚﺭﯨﺸﻪﺗﺘﻰ. ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﻱ، ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺪﯨﻦ ﻧﯘﻏﯘﭼﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺩﻩﭘﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﯟﯨﺪﻯ، ﭼﯩﭙﺎﺭ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﺳﯜﭖ، ﺩﯦﺮﯨﺰﺩﯨﻦ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﻩﺗﺘﻰ. ﻗﯧﯩﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻣﺎﮔﺰﯨﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﭘﻪﺷﺘﺎﺧﻠﯩﺮﻯ، ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻧﺰﯨﻠﯩﺮﻧﻤﯘ ﻣﺎﻟﻤﺎﻟﺘﺎﯓ ﻗﯩﻠﯟﻩﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﻛﺎﯞﺍﭘﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭼﻮﺷﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﻛﯩﻠﯩﭗ، ﻛﺎﯞﺍﭘﺪﺍﻧﺪﺍ ﯞﯨﮋﯨﻠﺪﺍﭖ ﭘﯩﺸﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﺎﯞﺍﭘﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺋﻪﭘﯩﻠﯩﻚ ﺳﯩﻴﺮﯨﭗ ﻳﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﭖ، ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭙﻼﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻣﺎﻝ ﺳﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﯧﻤﯩﺰ ﭼﻮﺷﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻝ ﺟﺎﺯﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﺳﯩﺪﺍ ﺗﯩﺰﯨﻘﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﺗﯘﻟﻜﯩﺴﻰ 1000 ﻳﯘﻩﻧﻠﯩﻚ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﮬﺎﺭﯨﻘﯩﻨﻰ ﭘﯘﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺪﺍ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﯞﺍﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺭﻭﻣﻜﯩﻐﻤﯘ ﻗﯘﻳﻤﺎﻱ ﮔﯜﭘﯜﻟﺪﯨﺘﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﮬﻮﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﻛﯜﭼﯜﻛﻰ ﻣﺎﮔﺰﯨﻨﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﯘﯕﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺗﯜﭖ ﻛﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘ ﺑﺎﻳﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﻘﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﭘﯩﺌﺎﻧﯩﻨﻮﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻯ. ﺋﯘﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﻧﯩﺘﻨﯩﯔ داستىخىنىدىن ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﻳﻪﭖ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺳﯧﺰﯨﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ ﻳﯩﺘﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﻰ. ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺭﯨﺘﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﺎﯞﺍﺯﻻﺭﻏﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ، ﺋﯘ ﭘﯩﺌﺎﻧﯩﻨﻮﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﯘﻳﺎﻕ-ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺯﺍﺭﺕ، ﺑﯧﺘﺘﯩﺨﻮﯞﯨﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﯩﺴﯩﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺳﺎﺩﺍﺳﻰ ﺟﺎﺭﺍﯕﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻜﻰ، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ 1000 ﻳﯘﻩﻧﻠﯩﻚ ﮬﺎﺭﺍﻗﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯟﺍﻻﻟﻤﺎﻱ ﻗﯘﻳﯘﻧﺪﻩﻙ ﭘﯩﺮﻗﯩﺮﺍﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﺪﻯ. ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻣﯘ ﺩﯛﻛﯜﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﯘﺳﯘﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ، ﺑﯘ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﺍﻳﻨﻰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﻴﺪﻯ. ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺭﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﺟﻠﯩﺴﻪ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﻳﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﻪ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯘ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﻜﻰ ﻗﻪﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﻗﯩﻠﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﻗﻪﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺧﯧﻨﯩﻤﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯘﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﮔﯜﻟﺪﯛﺭ-ﻏﺎﻻﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﯞﻩﻗﻪ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻳﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﻠﯟﯨﺘﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻱ، ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺑﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﭼﻮﺷﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﮬﯧﻠﻘﻰ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﻮﺭﺭﻗﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻥ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﮔﯜﺭﺩﻯ. ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺧﯧﺮﺩﺍﺭ ﻳﻪﺭﮔﻪﺑﯧﺸﯩﭽﻪ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﭼﯜﺷﯜﺷﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ، ﭼﻮﺷﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﻨﻐﺎ ﻣﻪﮬﻜﻪﻡ ﺋﯧﺴﻠﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﻯ. ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﭼﻮﺷﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺰﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪﺑﯩﺮ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﻣﯩﻨﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻛﯜﺭﯛﻧﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﺪﯨﻼ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ، ﺑﯩﺮ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﺷﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻣﯩﻨﯟﯦﻠﯩﭗ، ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﻘﻘﺎ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘﺩﻩﻙ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﯞﯨﺮﯨﭗ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺩﯦﺴﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ، ﭼﻮﺷﻘﺎ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﯞﯦﺮﯨﭗ ﭼﻮﺷﻘﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺩﯨﯧﻴﺸﻪﺗﺘﻰ.

ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻣﻪﻣﯘﺭﻳﯩﺘﻰ ﺑﯘ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﻳﯩﻐﯩﻦﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ. ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﺟﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺗﻪﺳﻜﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪﻯ. ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﻛﻪﻳﯩﭗ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﺍﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺑﺎﻗﻘﯘﭼﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﺯ ﭼﻮﺷﻘﯩﻠﯩﺮﻧﻰ ﺗﯘﻧﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﺘﯩﺶ ﺗﻮﻏﯩﺮﺳﯩﺪﺍ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺵ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﺸﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭖ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﺩﺍ ﮬﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ، ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﯞﯗﺗﯟﻩﺗﺘﻰ. ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻣﻪﻣﯘﺭﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯧﭽﯩﻠﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﺍﻣﻠﯩﺸﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﯘﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﭼﯜﺷﻨﻪﻟﻤﯩﺪﻯ. -ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ، -ﺩﻩﭖ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ﺋﯘ، -ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻢ-ﻛﯧﭽﻪﻙ، ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ-ﺋﯚﻱ، ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻤﺰ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﺯﺍﻣﺎﻧﯟﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯧﭽﻤﻪﻛﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﭼﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ؟ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﺰ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯟﺍﺗﺎﻣﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﺮﻩﻳﻤﯩﺰﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯟﺍﺗﺎﻣﺪﯗ؟ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺗﯧﻤﯩﺴﻰ. ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﯩﻤﻪﻧﻜﻰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻣﯘﺋ ﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻳﻪﻡ-ﺧﻪﺷﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺯﯗﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﻴﺘﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﯩﺪﻩﻙ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﯩﻜﻰ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺳﯩﭽﯘ؟ ﮬﻪ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﮬﺎﻳﯟﺍﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﺪﯗ… ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺗﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺯﺍﻗﺘﯩﻦ-ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﺎ ﺳﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﮔﻪﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﺭﯨﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺕ ﻻﺯﯨﻢ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﻥ ﺑﯜﻟﯜﻣﮕﻪ ﭼﯩﻘﺘﻰ-ﺩﻩ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺭﻩﮬﺒﯩﺮﻧﻰ ﺗﯧﻠﻔﯘﻧﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﯩﺘﺪﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﺘﻰ. ﻛﯜﻥ ﭘﯩﺸﯩﻨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﯩﻨﺠﯩﺘﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﻩﻟﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺗﯩﻨﺠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﻳﻪﭖ-ﺋﯩﭽﯩﭗ، ﭘﯘﺧﺎﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﻪ ﻗﯩﻴﻐﺎﺗﻘﺎﻥ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭ ﮬﺎﺭﻏﺎﻥ، ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻠﯩﺮﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻱ ﺑﻮﺷﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻳﻪﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﺎﻧﯩﻴﻐﺎ ﺗﯩﻘﯩﭗ ﻗﻪﻱ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﺟﯜﻣﻪﻛﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﺯﺩﻩﻙ ﺳﯘﻏﺎ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻏﺎﺭ-ﻏﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﻪﻙ ﺗﯘﻳﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻥ، ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺳﻪﭖ-ﺳﻪﭖ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ-ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﻮﺗﺎﻧﻠﯩﺮﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺗﺎﺯﺍ ﺑﯩﺮﺋﯧﻐﯩﻨﺎﭖ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ ﺋﯩﺪﻯ. ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﮬﯧﻠﻘﻰ ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻧﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﯜﺩﯛﭖ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﭼﻮﺷﻘﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﻰ ﺑﻪﻙ ﺧﺎﺭﺍﺏ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﭘﯘﺕ-ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺟﺎﻥ ﻳﻮﻕ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺳﯧﻴﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻛﯩﺪﯨﻦ 10  ﻛﯩﻠﻮﮔﯩﺮﺍﻡ ﺋﯘﺭﯗﻗﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﭼﻮﺷﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺯﻩﻣﺒﯩﻠﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﻳﺎﺵ ﺋﺎﻟﺪﻯ… ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻧﻰ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺷﻪﮬﻪﺭﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﺩﺍ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻯ. ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﮔﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﻯ، ﺑﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ-ﺳﯘﻧﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﺎﺗﺘﻰ. -ﮬﯧﻠﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺴﺸﻰﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ!-ﺩﯦﺪﻯ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮﻯ. -ﺑﯜﮔﯜﻥ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﺑﯘﭘﺘﯘ-ﺩﻩ!. -ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻥ.

ﻗﻮﺷﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﯧﻠﻘﻰ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﭼﯩﭙﺎﺭ ﭼﻮﺷﻘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﭼﻮﺷﻘﯩﺴﻰ ﺗﯘﻟﯘﻕ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﻳﯧﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ، ﺷﯘ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﭘﯩﻜﺎﭘﻤﯘ ﻏﺎﻳﯩﺐ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻯ. ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎﻧﻼ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ، -ﭘﯩﻜﺎﭘﻨﻰ ﭼﯩﭙﺎﺭ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﭼﺘﻰ. ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﺎﭘﻨﻰ ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﻏﯘﻳﯘﻟﺪﺍﭖ ﺋﯜﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ. -ﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﻰ. -ﺳﺎﺭﺍﯓ ﺑﻮﻟﻤﺎﯓ، ﭼﻮﺷﻘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﮬﻪﻳﺪﯨﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯗ، -ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﺸﻪﻧﺪﯛﺭﻩﻟﻤﯩﺪﯗﻕ.

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.