ئىرانغا سەپەر – ئىزدىنىش تورى – بىر گۇرۇپپىسى

ئىرانغا سەپەر

(ئەسلىمە)

ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

بىسمىللاھ

‏دۇئاللىرىمنى ئىجاۋەت قىلغىنىڭغا شۈكۈرلەر بولسۇن. ھەردائىم توغرا يولدا بولغىلى نىسىپ قىلغىن. ئامىن!

‏شۇنداق قىلىپ ماڭماقچى بولدۇم، خۇددى يېتىلگەن قۇش بالىسىدەك ئۇچۇش ئالدىدا ئىدىم. ئاپتۇبۇس ئەينىكىدىن شامالدەك كەينىگە ئۇچۇۋاتقان مەنزىرىلەرگە قارىغاچ خىياللارغا چۆمۈپ كېتىپ باراتتىم. نىمىلەرنى ئويلىغىنىم ئېسىمدە يوق، بىر خۇشالدەك بىر كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىمدەك بىر خىل روھى ھالەتتە.

‏ئۇچۇش بالىلىقىمدىن باشلانغان ئەڭ بۈيۈك ئارزۇلىرىمدىن بىرسى، كېتىۋاتقان ئايروپىلانلارغا قاراپ (ھەي ئايرۇپىلان، توختا! مەن چىقىۋالاي !!) دەپ ۋارقىرايدىغىنىم ھازىرقىدەك ئېسىمدە.

‏مانا ئۇچماقچىمەن يىراققا تۇلىمۇ يىراققا سەپەر قىلماقچى ئاشۇ مۇقەددەس ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى.

‏مەيدە يانچۇقۇمدىكى پاسپورتىمنى ئاستا سىيلاپ قويدۇم. تۇنجى قېتىم تىترەپ تۇرۇپ ئالغان، بىر بىرلەپ ۋاراقلاپ كەتكەن، يالغان راستىنى تەكشۈرگەندەك كۈنگە تۇتۇپ قاراپ باققان، مۇشۇنچىلىككەنغۇ بۇ ئەسكى كىنىشكە دىيىشىپ ئاغىنىلىرىم بىلەن قاراپ ئولتۇرۇپ كەتكەن.

‏مانا ماڭماقچىمەن، ھەممەيلەن مەن ئۈچۈن ئالدىراش، ئۆيدە جىددىيچىلىك ھۆكۈم سۈرگەن. مەن بەخىرامان ئولتۇرغان، يەڭگەم؛ كۆڭلىڭىز يېرىمىمۇ بولمىدىما؟ “سىزگە قارىسا ھىچ يەرگە بارمايدىغاندەك ئولتۇرىسىز” دەپ ‏كۆيۈنۈشىنى  ئىپادىلەۋاتقان.

‏مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى راست ئىدى.

‏ئارىلىقتا نەچچە يىل ئۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ھازىرقىدەك يادىمدا تۇرۇپتۇ.

‏ھەر قېتىم ھۇرۇنلۇق قىلغاندا، ھەر قېىتم غېرىپلىق باسقاندا مىنىڭ ئەسلەيدىغانلىرىم. ‏چوڭ بولۇپ بىرەر كىمنى سىزلەپ باققاننى كۆرۈپ باقمىغان، بىرەر كىمگە يېلىنىپ باقمىغان، بىزلا ئەمەس باشقا كىشىلەرمۇ ئەيمىنىدىغان، ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر، ئاجايىپ ھەيۋىتى بار ئاتامنىڭ مەندىن يۇشۇرۇن كۆز يېشىنى سۈرتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغاندىم، ئاشۇ چاغدىلا ئۆپكەم ئۆرىلىپ بۇرنۇم قىزىرىپ ئىچىمدىن پارتلىغاندەك چىققان يىغامنى تۇتۇۋالالماي قالغاندىم. ئاكامغا ئېسىلىپ يىغلىغىنىم، مانا بۇ ئاخىرقى خوشلىشىش ئىكەن ئەسلى.

‏مىنى شەھەرگە يولغا سېلىپ قۇيۇش ئۈچۈن ئىشەك ھارۋىسىدا چوڭ يولغا ئېلىپ چىقىپ قويغان كىچىك ئاكامنىڭ كۆز ياشلىرىنى يۇشۇرۇپ ئېشەكنى ئىتتىك قايدۇرۇپلا كېتىپ قالغىنى ھېلىمۇ شۇنداق يادىمدا تۇرۇپتۇ.

‏مەن شەھەرگە كىرىپ ئالدىغان نەرسىلىرىمنى ئالغاچ تۇرىغان ئۆيدىكىلەر بىر كۈندىن كىيىن چىقىدىغان بولغاندى.

‏لېكىن ئاپاملار شۇ كۈنى تەييارلايدىغىنىنى تەييارلاپ كەينىمىدىنلا چىقىپتۇ، ئاتام- ئاپام ئاكام يەنە ئاچىلىرىم شەھەردىكى ئۆيىمىزدە كېچىچە مۇڭدىشىپ چىققان ئىدۇق.

‏ئاپام نېمىنىدۇر تەييارلايتتى، بەك ئالدىراش ئىدى. ئاتام نېمىنىدۇر ئويلايتتى. بەك خىيالچان ئىدى.

‏ئاكىلىرىم ئاچىلىرىم ھەم شۇنداق خۇشال ئىدى گەپلىرى تۈگەي دېمەيتتى.

‏مەن خۇشال ئىدىم كۆزلەرگە ئۇيقۇ كەلمەيتتى.

‏تاڭمۇ ئاتتى ھەممىز ئالدىراش بۇلۇپ كەتتۇق، ئالدۇق قويدۇق، قويدۇق يەنە ئالدۇق،

‏كەچقۇرۇن بىلەن ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان ئاپتوبۇسنىڭ يېنىغا كەلدۇق. ئاتام-ئاپام چوڭ ئاچام، چوڭ ئاكام، شەھەرلىك بىر تۇغقىنىمىز تۇغقىنىمىزنىڭ تەۋسىيە يول كۆرسىتىشى بىلەن ئاپام مۇشۇ يەردىلا ئۇزۇتۇپ قۇيىدىغان بولدى، ئۇنىڭچە شۇنداق بولسا ئاقىلانىلىك بولىدىكەن، ئۈرۈمچىگە بىللە بارسىمۇ ھىچ ئىش قىلىپ بېرەلمەسمىش. شۇنىڭ بىلەن ئاپام بىلەن شۇ يەردە خوشلاشتىم. ئاپام كىچىكىمدىن يادا بۇلۇپ كەتكەن خاس ماڭا بېغىشلانغان دۇئاسىنى قىلىپ يىغلاشقا باشلىدى، پېشانىلىرىمگە سۆيۈپ باشلىرىمنى، يۈزلىرىمنى سىيلاپ ‏يىغلايتتى، مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالساممۇ ئىرىپ كېتىپ باراتتىم. ئاتامنىڭ ئالدىرىتىشى بىلەن ‏ئاپام دۇئاسىنى ئاخىرلاشتۇردى. ماڭا بىرمۇنچە نەسىھەت قىلغاندىن كىيىن ئادىتى بۇيىچە ئاتامغىمۇ دىققەت قىلىدىغان ئىشلىرىنى دەپ بەرگەندىن كىيىن، ھەممە دۇئا قىلىپ بىز ئاپتوبۇسقا چىقتۇق. ئاپاملار پەلەمپەينىڭ قىرىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى.

‏ماشىنا قوزغالغىنىدا دېرىزىنى ئېچىلمايدىغان قلىپ ياسىغان زاۋۇتنى نەچچە مىڭنى تىللىغاچ ئاپاملارغا كۆزۈم ۋە قول ئىشارىتىم بىلەنلا يەنە بىر قېتىم خوش دېدىم.

‏خەير گۈزەل يۇرت

‏كەلگۈچە ئامان بولغىن.

‏ئۈرۈمچى؛ پۇلى بارغا ئۈرۈمچى پۇلى يوققا ئۆلۈمچى.

‏ئەتىگەن سائەت توققۇزلار بىلەن يىتىپ كەلدۇق، نەۋرە ئاكامنىڭ دوسلۇقتىكى ئۆيىنى تېپىپ ئۇھ دىگۈچە كۈن چۈش بۇلۇپ كەتتى، ھېلىقى تۇغقىنىمىز ئاغىنىسى، مىنىڭ ۋىيزام ۋە باشقا ئىشلىرىمنى قىلىپ بەرگەن ئادەمنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان بولدۇق.

‏مىڭ تەستە تېپىپ ئون كىلولۇق پاقلاننى مۈرىگە ئېلىپ ئۇ كىشنىڭ قېپ بەرگەن ئىشلىرىغا كۆپلىگەن ھەشقاللانى ئېيتىپ قايتىپ چىقتۇق.

‏بىلەت ئەتىگەن سائەت تۆت يېرىمنىڭ بولۇپ كېچىچە ئۇخلىماي نەرسىلىرىمنى رەتلەپ، ئۆيدىكىلەرنىڭ كونىراپ قالغان نەسىھەتلىرىنى  ئاڭلاپ سائەتمۇ توشتى، ماڭدىغان بولدۇم.

‏ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان بىرخىل تۇيغۇدا ئايرودرومىغا قاراپ ماڭدىم، بۇ گۈزەل مېھرى ئىسسىق شەھەرگە ئاخىرقى قېتىم تويغۇچە قارىۋېلىش مەقسىتىدە ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى تۇلۇق چۈشۈرۈپ ئۆيدىكىلەرنىڭ؛ زۇكام بۇلۇپ قالىسەن -دېگىنىگە قارىماي كۆزۈمنى تولدۇرۇپ قاراپ ئولتۇردۇم.

‏ماشىنا ئايرودرومنىڭ ئالدىدا توختىدى، يۈرىكىم سېلىپ كەتتى. خۇشاللىقتىنمۇ ياكى بىر ئىشلاردىن ئەنسىرەپمۇ ‏بىلمەيمەن.

‏ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانغا چىقىدىغان يەرنى سوراشتۇرۇپ تېپىپ ئۆيدىكىلەر بىلەن قايتا خوشلاشتىم، بۇ قېتىم ۋەدەمگە ئەمەل قىلىپ ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتۇۋالدىم، ئاتاممۇ ھىچ ئىش بولمىغاندەك بۇرۇنقى ھەيۋىتىنى ساقلاپ تۇراتتى. ئاكام پەخىرلەنگەندەك قارايتتى، ئاچام بارلىق كۆيۈنۈش  ۋە مېھىر -مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ يىغلايتتى، قۇچاقلىشىپ خوشلاشتۇق. ‏مەن ئۆچىرەتكە تىزىلدىم، ئۆچرەتتە تۇرۇپ پات-پات ئارقامغا قاراپ قوياتتىم، ئۇلار يىراقتىن ماڭا قاراپ تۇرۇشاتتى. ‏سومكىلارنى مال تۇشۇشقا بېرىپ تەكشۈرۈشلەردىن ئۈتۈپ بولغاندىن كىيىن، ئايرۇپىلان چىقىش ئېغىزىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپلا ئاكامغا تېلىفۇن قىلدىم، ھازىر ئايرۇپىلانغا چىقىدىغانلىقىنى، قايتىپ كېتىشىنى ئېيتتىم.

‏ئۆيدىكىلەر بىلەن تېلېفوندا قايتا بىر بىرلەپ خوشلاشقاندىن كىيىن تېلېفۇننى قۇيۇپ ئەتراپىمغا نەزەر تاشلىدىم، بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم ئايرودرومغا كىرىشىم بولغاچ ھەممە نەرسىگە قىزىقىپ قاراپ باقاتتىم، كىشىلەرنى كۆزىتەتتىم.

‏ۋاقىت تۇشۇپ ئايروپىلانغىمۇ چىقتۇق، بىخەتەرلىك كەمىرىنى تاقىيالماي سەل ئاۋارە بولغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا روھى كەيپىياتىم ناھايتى ياخشى ئىدى.

‏ھاياتىمدىكى تۇنجى قېتىم ئۇچماقچى بولغىنىمنى ئەسلىسەم سەل ھاياجانلىناتتىم.

‏بېيجىڭ تامام يۈرۈپ كەتتۇق، دېرىزىدىن پەسكە تاكى ئايرۇپىلان قۇيۇق تۇمانلار ئارىسىغا كىرىپ كەتكەنگە قەدەر قاراپ تۇردۇم، ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر سىرتىنى بۇ ئۇچۇشتا تازا تاماشا قىلىۋالدىم دېسەممۇ بولىدۇ.

‏ئۇزاق ئۆتمەي ئايرۇپىلان بۇلۇتلار ئۈستىگە چىقتى

‏كىنولاردا چىقسا ھەۋەس قىلىپ كېتىدىغان بۇ كۆرۈنۈشلەرنى ئەمىلىيەتتە كۈرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم، كۆپكۆك ئاسمان، ئاتقان پاختىدەك بۇلۇق بۇلۇق بۇلۇتلار، ئەگەر ئايرۇپىلان توختاپ تۇرسا مېڭىپ باقسام.

‏تۇتۇپ يەپ باقسام …….

‏يەنە نىمىلەرنى ئويلۇدۇم يادىمدا قالماپتۇ.

بۇ گۈزەللىكنىڭ، بۇ كارامەتلەرنىڭ ئىگىسىنى ئويلاپ تەسبىھ ھەمدىلەر ئېيتقىنىم ئېسىمدە.

‏بېيجىڭغىمۇ چۈشتۇق، ئالدىمىزغا چىققان ئاچاشتىن ۋېيزا قۇيۇلغان پاسپورتلىرىمىزنى ئېلىپ ئايرودرومنىڭ خەلقئارالىق بۆلمىگە خاس ماشىنىلىرى بىلەن يۈرۈپ كەتتۇق.

‏ماڭا ھەممە نەرسە يېڭىلىق بىلىنەتتى. ھەممىگە قىزىقسىنىپ قارايتتىم، چەتئەللىكلەرنى بۇنچە يېقىندىن تۇنجى كۆرۈشۈم بولغاچ ھەم ھاياجانلىناتتىم.

‏ماشىنىدىن چۈشۈپ زالغا كىرگەندىن كىيىن سوراپ يۈرۈپ بىز ئايرۇپىلانغا چىقىدىغان يەرنىڭ ئىككىنچى قەۋەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۇق دە لىفىت تەرەپكە يۈرۈپ كەتتۇق، لىفىتتە لىققىدە ئادەم ساقلا ساقلا ئاخىر سەل بوشىغاندىن بىرسى كەلدى، ‏بىرنەچچە چەتئەللىك كىشلەر باركەن، شۇلار بىلەن بىللە چىقتۇق.

‏چۈشىدىغاندا مەن بىلەن ماڭغان بالا ئالدىراپلا باشقىلارنىڭ ھارۋىلىرىنى ئىتتىرىۋېتىپ چىقىپ كەتتى، بىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق. ھېلىقى چەتئەللىكلەر بېشىنى لىڭشىتىپ ئەپسۇسلانغاندەك بىرخىل قىياپەتلەرنى چىقىرىشتى.

‏ئالدىمىزغا چىققان ھېلىقى ئاچاش بىلەن خوشلىشىپ سومكىلىرىمىزنى سۆرەپ بىلەت چىقىرىپ بېرىدىغان يەرگە باردۇق، مۇلازىمەتچى پاسپورتىمىزغا قاراپ؛

-ھە سىلەر جۇڭگولۇقمۇ ؟!‏دەپ سورىدى.

‏ -ھەئە بىز جۇڭگولۇق.

‏-ھە يۈك تاقنى بۇ يەرگە قۇيۇڭلار

‏بۇنىڭدىن كىيىنكى گەپلىرى ئىنگىلىزچە بولغاچ چۈشىنەلمىدىم، بىرنەرسىلەرنى سورىغاندەك قىلدى،

-ئوكې ‏دەپ جاۋاپ بىرىۋەردىم.

‏ئىككى ئۈچ قېتىملىق “ئوكې” لىرىمدىن كىيىن خاتا گەپكىمۇ ئوكې دەۋەرمەي ھىلى دەپ ئويلاپ ‏ئۇ خانغا

-خەنزۇچە گەپ قىلساڭ قانداق؟ دېدىم

‏ئۇ دەرھاللا قولدىكى پاسپورتقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن؛

-ھە راس سىلەر جۇڭگولۇق ھە، ‏دىدى

‏يۈك-تاقلارنىڭ ئىچىدە چېقىلىدىغان، سۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ بار يوقلىقىنى سورىغاندىن كىيىن ‏قەغەزلىرىنى چاپلاپ بىلەتلىرىمىزنى چىقىرىپ بەردى. ‏بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشكە باردۇق ئۇيەردە ياش ياش باللار ئىشلەيدىكەن.

‏تەكشۈرگەچ بىزگە چاقچاق قىلدى،

‏-ئىرانغا نىمىشقا بارىسەن ئەخمەت نىجاتنى كۆرگىلىما ؟؟

‏-نېفىت قازغىلى بارمايدىغانسەن؟

‏قۇلاققا خوش ياقمىغان لاۋزا چاقچاقلارغا ياق ياق بىلەنلا جاۋاپ بىرىپ ئىچىگە كىرىپ كەتتۇق.

‏زالدا ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەسكەن بىرنەچچە ئىرانلىقلار باركەن ئۇلارنى كۈزىتىپ ئولتۇردۇم.

‏ئىككى سائەتنى ئاران توشقۇزۇپ ئايرۇپىلانغا چىقتۇق، يېنىمدىكى بالىغا؛ چېگرادىن ئۆتتۇقمۇ؟ دېسەم،

-ئۆتتۇق، دېدى،

‏-پاسپورتقا تامغا ئۇرمىدىغۇ ئەمسە؟ دېسەم،

‏-مەنمۇ بىلمىدىم دەپ جاۋاپ بەردى،

‏شۇئان ئالغاننىڭ يېقى قاراپ باقمىغان بېلەتكە ‏تەپسىلىي قاراشقا باشلىدىم.

‏بېيجىڭ – ئۈرۈمچى، ئۈرۈمچى – تىھرانكەن.

‏ھەي بىز يەنە ئۈرۈمچىگە مېڭىپتۇق !! ‏دېدىم مەن،

‏-ياقەي!

‏-مانا قارا!

‏-ۋاي خۇدايىم !!!!

‏-ئۇنداق ئەدەم بىۋاسىتىلا ئۈرۈمچىدىن ماڭساق بولماسمىدى ؟!

‏-نىمە ئاۋارىچىلىق بۇ ؟! بىر مۇنچە پۇلغىمۇ زىيان!

‏-شۇنچە سائەت ساقلاپ، قۇرساق ئاندىن ئاچ !

‏قاقشاپ يۈرۈپ بىرچاغلاردا ئۈرۈمچىگە يېنىپ چۈشتۇق، بامدات بىلەن چىقىپ كەتكەن كەلسەك شام بولۇپتۇ.

‏ئۆيدىكىلەرگە تېلىفۇن قىلدىم،

-مەن ئۈرۈمچىگە ھازىر چۈشتۈم

‏-نىمە؟

‏ئۆيدىكىلەرنىڭ پۇت قۇلىدا جان قالمىغاننى ھىس قىلىپ چۈشەندۈردۈم. بېلەت ئايلىنىپ ماڭدىغان بېلەتكەن، بېيجىڭدىن بىۋاستە ئۇچمايدىكەن.

‏ئۆيدىكىلەر ئۇھ دىدى بولغاي، تاموژنىدىن ئۆتۈپلا تېلىفۇن قىلىۋېتىشىمنى دېدى

-ھە، ماقۇل بىلەن تېلېفۇننى قۇيۇپ ئۆچىرەتتە تۇردۇم.

‏تاموژنىدىن ئۆتۈپ ئۆيدىكىلەرگە تېلىفۇن قىلدىم ،

‏-مەن ئايرۇپىلانغا چىقتىم ئاللاھقا ئامانەت،

‏-ھە، بوپتۇ نىمە ئىش بوپكەتتىكىن  دەپ ھەممىمىز تىك تۇرۇپ كەتتۇق.‏ – دېدى ئاچام

‏ھەممەيلەن يەنە بىر قۇردىن خوشلىشىپ تېلېفۇننى تاقىدىم، تىھرانغا ئۇچۇپ كەتتۇق.

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.