ئۇيغۇر تېرىم مەدەنىيىتىدىكى مۇھىم بەلگە − «تارانچى» ئاتالغۇسى – پەرھات ئىلياس – بىر گۇرۇپپىسى – ئىزدىنىش تورى

 

 

ئۇيغۇر تېرىم مەدەنىيىتىدىكى مۇھىم بەلگە «تارانچى» ئاتالغۇسى

 

پەرھات ئىلياس

ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

 

ئىلىنىڭ يېزىلىرىدا ئىلگىرى بۇغداي باشىقىنى چىرايلىق توقۇپ قىبلە تامغا ئېسىپ قويىدىغان ياكى قالپاق-بۆكلىرىنىڭ يېنىغا قىستۇرۇۋالىدىغان ئادەت بار ئىدى. كىچىك چاغلىرىمدا بىر مويسىپىتتىن سورىسام، «بۇ دېگەن تارانچىلىقنىڭ بەلگىسى» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. «ئۇنداق بولسا تارانچى دېگەن نېمە گەپ؟» دەپ سورىسام، «تارانچى دېگىنىمىز دېھقان دېگەن سۆز، ئاق كۆڭۈل، ھالال تەرى بىلەن ياشايدىغان كىشىلەرنى شۇنداق ئاتايمىز» دېگەنىدى. يېزىمىزدىكى نۇرغۇن قەبرىلەرگە تۇلۇق تېشى تىكلەپ قويۇلغانلىقىنى بايقاپ بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمدا، بۇمۇ يەنىلا شۇ تارانچى-تېرىمچى بولغاننىڭ بەلگىسى دېگەن جاۋابقا ئېرىشكەنىدىم. يەنە بۇ نامنى ئەزەلدىن ئىلىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ دەپ چۈشەندۈرگۈچىلەرمۇ بولدى. بۇنىڭ ئەكسىچە مۇشۇ ئاتالغۇ تىلغا ئېلىنسىلا، بۇ ئاتالغۇنى موڭغۇلچە ياكى مانجۇچە «قۇل، يانچى» دېگەندەك مەنىنى بىلدۈرىدىغان ھاقارەتلىك نام دەپ چۈشەندۈرۈشكە بەكرەك كۈچەيدىغانلارنىمۇ ئۇچرىتىپ تۇردۇم. لېكىن بۇ نامنى مەيلى ئىجابىي نۇقتىدىن ياكى سەلبىي نۇقتىدىن چۈشەندۈرگۈچىلەر بولسۇن، ھېچقايسىدىن بۇ نامنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىدىم. نەتىجىدە مۇشۇ نامنىڭ زادى قانداق كېلىپ چىققانلىقى ھەققىدە ئۆزۈم بىر جاۋاب تېپىپ بېقىش ئويىغا كېلىپ، بۇ ئاتالغۇ ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى يىغىپ چامىمنىڭ يېتىشىچە تەھلىل، تەتقىق قىلىپ باقتىم. تۆۋەندىكىسى مۇشۇ ئىزدىنىشىمنىڭ دەسلەپكى مەھسۇلى.

«تارانچى» ئاتالغۇسىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدىكى يازمىلارغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ھازىرغا قەدەر ئومۇمەن تۆۋەندىكىدەك قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان:

  1. مانجۇ تىلىدىن كەلگەن دېگەن قاراش

بۇ قاراش رۇس شەرىقشۇناسلىرى بارتولد بىلەن رومانسوف تەتقىقاتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بارتولد: «شىنجاڭدا خەلقلەر ئۆزلىرى قۇرغان شەھەرلەرنىڭ نامىغا قاراپ ئۆزلىرىنى «قەشقەرلىك»، «تۇرپانلىق»، «خوتەنلىك» دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەن ئاتايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا «تارانچى» دەپ ئاتىلىدىغانلىرىمۇ بار. بۇلار مانجۇلار تەرىپىدىن 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىن ئىلى رايونىغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەنلەر ئىدى. «تارانچىلار» دېگەن مانجۇچە «زىرائەتچىلەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ»[1] دېگەن بولسا، رومانسوف: «… بۇ ھوقۇقسىز كۆچمەنلەر بىرىنچى نۆۋەتتە مانجۇلارنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار «تارانچى» يەنى «دېھقان» دېگەن نامغا ئىگە بولۇپ قالدى»[2] دېگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى تەتقىقاتچىلىرىدىن ئىسخاكوف، سىدروۋىسكايا قاتارلىقلارمۇ بۇ ئاتالغۇنىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭدىن ئىلى رايونىغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارغا قويۇلغان نام ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

قۇمۇل تەۋەسىدىكى «تارانچى» دېگەن يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرۇلۇق چۈشەندۈرۈشتىمۇ[3]، بۇ جاينىڭ چيەنلۇڭنىڭ 30-يىلى (مىلادىيە 1756-يىلى) تېرىقچىلىق قىلىش ئۈچۈن كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ نامى بويىچە تارانچى دەپ ئاتىلىپ قالغانلىقى ئېيتىلغان بولۇپ، مانجۇ تىلىغا باغلاپ قويۇلغان.

«تارانچى» ئاتالغۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى بىلەن باغلاپ قارىغاندا، بۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ تەتقىقاتى بەكمۇ يۈزە بولۇپ، مانجۇچە دەپ قارالغان بۇ نامنىڭ مانجۇ تىلىدا قانداق پەيدا بولغانلىقى، چىڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرى بۇ ئاتالغۇنىڭ قوللىنىلغان ياكى قوللىنىلمىغانلىقى توغرۇلۇق ھېچبىر ئاساس كۆرسىتىلمىگەن.

  1. موڭغۇل تىلىدىن كەلگەن دېگەن قاراش

شاڭخەي لۇغەت نەشرىياتى 2000-يىلى نەشر قىلغان «ئوكيانۇس» نىڭ 1566-بېتىدە بۇ ئاتالغۇ ھەققىدە: «تارانچى: موڭغۇلچە سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، «يەر تېرىغۇچى» دېگەن مەنىدە. شىنجاڭنىڭ ئىلى رايونىدىكى ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتىلىشى» دەپ تەبىر بېرىلگەن بولسا، تەتقىقاتچى گو مېيلەن مانجۇچە يازمىلارغا ئاساسەن يېزىپ چىققان «چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە «تارانچى مۇسۇلمانلىرى» نىڭ شەرىققە كۆچۈپ بېرىپ خۇلىنبېردە بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدى-كەينىدە» ناملىق ماقالىسىدا[4]: ««تارىياچىن» موڭغۇلچە سۆز بولۇپ، «تارانچى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مەنىسى تېرىقچى. جۇڭغارلار شىنجاڭدىكى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەمدە ئىلى رايونىغا كۆچۈپ بارغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «تارانچى مۇسۇلمانلار» دەپ ئاتىغان. 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چىڭ سۇلالىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھارپىسىدا، شىنجاڭدىكى يەر تېرىغۇچى ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق «تارانچى مۇسۇلمانلار» دەپ ئاتىغان» دەپ بۇ ئاتالغۇ ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىيراق چۈشەندۈرۈش بەرگەن.

«شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلىنىڭ 1952-يىللىق 3-سانى 21-بېتىدىكى «ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى» ناملىق ماقالىدا «ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن دېھقانلارنىڭ ئەسلى كەسپى دېھقانچىلىق بولىدۇ. مانا شۇ دېھقانچى ئۇيغۇرلارغا ئىلىدا ياشىغان موڭغۇللار «تاران» (دېھقانچى) دېگەن نامنى بېرىدۇ» دېيىلگەن بولسا، شىنجاڭ داشۆ نەشرىياتى نەشر قىلغان «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ 383-بېتىدە: «… چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئۇيۇشتۇرغان. بۇرۇنقى جۇڭغار خانلىقى دەۋرىدىلا، جۇڭغار ئاق سۆڭەكلىرى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ھالدا ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنلىرىغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ بوز يەر ئاچقۇزغان. ئېكىنچىلەر «تارانچى» دەپ ئاتالغان. كېيىن تارانچى دېگەن بۇ سۆز ئىستىمالدا داۋاملىشىپ، ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ يەنە بىر نامى بولۇپ قالغان» دېيىلگەن.

شنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى نەشر قىلغان «غەربىي دىيار يەر ناملىرى» (خەنزۇچە) ناملىق لۇغەتنىڭ 434-بېتىدىكى تارانچى بالىق (塔兰奇城) ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشتىمۇ 17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇڭغارلار جەنۇبىي شىنجاڭدىن نۇرغۇن تېرىقچىلارنى ئىلىغا كۆچۈرۈپ كەلگەن ھەم ئۇلار تۇرۇشلۇق جاينى «تارانچى بالىق» دەپ ئاتىغان دېيىلگەن.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ توغرۇلۇق يېقىنقى يىللاردىن بېرى تەتقىقات ئېلىپ بارغان قەمبەرنىسا مۇھەممەتمۇ ««تارانچى» ئاتالغۇسى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدا[5] «تارانچى» ئاتالغۇسىنىڭ موڭغۇل تىلىدىكى «تاران» سۆزىدىن ئۇيغۇرچىلىشىپ كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. بۇ توغرۇلۇق بىرقەدەر چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان تارىخ تەتقىقاتچىسى يۇنۇسجان ئىلىمۇ ««تارانچى» نامى ھەققىدە يېڭى قاراش»[6]، «جۇڭغار خانلىقىنىڭ تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھۆكۈمرانلىقى − قوشۇمچە تارانچى نامى ھەققىدە» ناملىق ماقالىلىرى[7] ھەمدە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان«17-، 18-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن جوڭغارلارنىڭ مۇناسىۋىتى» ناملىق كىتابىنىڭ 174-، 184-بەتلىرىدە بۇ ئاتالغۇ ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ، ھازىرغا قەدەر بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئاخىرىدا “«تارانچى » نامى جۇڭغار خانلىقىغا باتۇر قۇنتەيجى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە (1634-1653 يىللار) قۇبۇقساردا ئوتتۇرىغا چىققان موڭغۇلچە سۆز بولۇپ، جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن دېھقانچىلىق قىلغان بىر بۆلۈم ئۇيغۇرلارغا قويغان نامى” دېگەن يەكۈننى چىقىرىپ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماتېرىيال مەنبەلىرى بىلەن پىكىر بىردەكلىكىنى ساقلىغان.

بۇلاردىن باشقا يەنە «تارانچى» ئاتالغۇسىنى موڭغۇلچە «يانچى»، «قۇل» دېگەن مەنىدە دەپ ئىزاھلىغۇچىلارمۇ بار. مەسىلەن، بەيدۇ تورىدا تونۇشتۇرۇلغان «يەكەن خانلىقى» ناملىق ماقالىدا[8] بۇ ئاتالغۇ «塔里雅齐/塔兰奇 taranchi» دەپ ئېلىنىپ مەنىسى «农奴» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن.

تارانچى ئاتالغۇسى موڭغۇلچىدىن كەلگەن دېگۈچىلەرنىڭ ئورتاق ئاجىزلىقى شۇكى، بۇنىڭدا ئۇلار ھازىرقى موڭغۇل لېكسىكىسىدا «تارىياچىن، تارىيانچىن» دېگەن سۆزلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنىلا كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ئاتالغۇنىڭ قەدىمكى موڭغۇل تىلىدا مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىنى، ئۇ موڭغۇل تىلىدا زادى قانداق پەيدا بولغان دېگەن نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان. ئەمەلىيەتتە بۇ ئاتالغۇ باتۇر قۇنتەيجى ھۆكۈمرانلىق قىلغان زاماندىن خېلى ئىلگىرىلا مەۋجۇت ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، جۇڭغارلار ئۇيغۇر تېرىقچىلىرىنى ھەقىقەتەن قۇل ئورنىدا كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن تارانچى ئاتالغۇسى «قۇل، يانچى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ دەپ ئىزاھلاش مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى، موڭغۇل تىلىدا «يانچى» دېگەننى «ھەمجىلغا» (农奴Xamjilga)، «قۇل» دېگەننى «بوغول» (Bogol奴隶;奴) دېگەن ناملار بىلەن ئاتايدۇ. يەنە «تارىيان»، «تارىياچىن» دېگەن سۆزلەر ھازىرقى موڭغۇل تىلىدا تېرىقچىلىققا ئائىت كەسپىي ئاتالغۇلار سۈپىتىدە كەڭ قوللىنىلىدۇ، ھېچقانداق كەمسىتىش تۈسى يوق. موڭغۇللاردا «ئالباتۇر» دېگەن يەنە بىر سۆزمۇ بار بولۇپ، بۇ مەخسۇس ئالۋاڭكەشلەرنى بىلدۈرىدۇ.[9]

  1. تۈركىي تىللىرىدىن كەلگەن دېگەن قاراش

بۇ قاراشنى ئەڭ دەسلەپ تۈرك تارىخچىسى رىزانۇر ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ «تۈرك تارىخى» ناملىق كىتابىنىڭ 3-قىسىم 21-، 26-بەتلىرىدە مۇنداق دەپ يازغان: «كونا زامانلاردىن بېرى تۈرك تارانچىلىرى سارىسۇ، ئىلى، تارىم، سىر، ئامۇ دەريالىرى كانارالىرى ۋە ئارىلىرىدا چۆپلۈكلەرنى سۇغۇرماق ئۈچۈن مۇھىم قاناللار ياپمىشلەر، ھوبۇبات ئەكمىشلەر، مېۋە ياغاچلارى يېتىشتۈرمىشلەردۇر… دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە بۇ تارانچىلاردەك تۇپرىقىغا يەرلىشىدىغان، ئۇنى سۆيىدىغان ۋە مۇداپىئە ئېتىدىغان خەلق يوق»، «( تارىم) تۈركچىدە تارىماق مەنىسىدىن كەلگەن، زىرائەت ئەتمەك دېمەكتۇر. ئەسلىي تۈركچىدە چۆپچىنى تارانچى دەر ئىدى». بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى زامان داڭلىق شائىرلىرىدىن بىرى بولغان ساھىت سىتكى تارانچى (1910-1956) مۇ بۇ ئاتالغۇنى ئۆزىگە فامىلە ئورنىدا قوللانغان. ئۇ دىيارباكىردىكى تېرىقچىلىق ۋە سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچى داڭلىق ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى شال تېرىغانلىقتىن دادىسى بەكىر سىتكى «تارانچى» نامىنى فامىلە قىلىپ قوللانغان، يەنە بىر تەرەپتىن ئاپىسى ئارىفە خانىمنىڭ ئائىلىسىمۇ شال تېرىش بىلەن شۇغۇللانغان، شۇ سەۋەبتىن ساھىت سىتكىمۇ «تارانچى» دېگەن نامنى فامىلە قىلىپ قوللانغان. تۈركىيەدە يەنە «تاران»، «تارانچىباتۇر» دېگەن سۆزلەرمۇ ئىسىم ياكى فامىلە ئورنىدا قوللىنىپ كېلىنمەكتە[10]. بۇنى يۇقىرىدا رىزانۇرنىڭ يازغىنىغا باغلاپ قارىغاندا، بۇ ئاتالغۇنىڭ تۈركىيە تۈركلىرى ئارىسىدىمۇ مۇئەييەن ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ۋېي لياڭتاۋنىڭ خەنزۇچە «يەكەن خانلىقى تارىخى تىزىسلىرى» ناملىق كىتابىدا يەكەن خانلىقى مەزگىلىدە خانلىق يەرلەرنىڭ ياللانغان تېرىقچىلار تەرىپىدىن تېرىلىدىغانلىقى، شۇڭا بۇ يەرلەرنىڭ «تارانچى يەر» دەپ ئاتالغانلىقى، مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ موڭغۇلچە «تېرىقچى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلۈش بىلەن بىللە، بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى «تېرىمچى»، «تېرىقچى» ئاتالغۇلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان[11].

خەلق نەشرىياتى 1985-يىلى نەشر قىلغان «جۇڭغارلارنىڭ قىسقىچە تارىخى «(准噶尔史略) ناملىق كىتابنىڭ 144-بېتىدە بۇ ئاتالغۇغا: «تارىياچىن (塔里雅沁)، تاراچىن (塔喇沁) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تۈركىي تىلدىكى Tarynqy (塔兰奇 دېگەن سۆزدىن كەلگەن، مەنىسى «يەر تېرىغۇچى» دېگەنلىك بولىدۇ» دەپ ئىزاھ بېرىلگەن بولسا، «سەددىچىننىڭ شىمالىدىكى مەدەنىيەت» (塞外文化) ناملىق قامۇسنىڭ [12] «موڭغۇللارنىڭ تىل-يېزىقى» بۆلىكىدە: «تۈركىي تىلدىكى «تارىغچى» دېگەن سۆز قىتان، جۇرجىت تىللىرىدىكى «تېرىقچى» مەنىسىنى بېرىدىغان دابوي (挞不也) دېگەن سۆزنىڭ ئورنىنى ئالغان، موڭغۇلچىدا بولسا «تارىياچىن» دەپ ئومۇملاشقان. موڭغۇل ئاساسىي لۇغەت تەركىۋىدە تۈركىيچىدىن كۆپلەپ سۆز قوبۇل قىلىنغانلىقى موڭغۇللارنىڭ موڭغۇل ئىگىزلىكىگە كۆچۈپ كىرگەندە ھەقىقەتەن تۈركلىشىش باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى، يەنە بىر تەرەپتىن موڭغۇللارنىڭ شۇ چاغدىكى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ خېلىلا قالاق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ»، «تۈركىي تىلدىن موڭغۇل تىلىدىكى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرگەن سۆزلەردىن: تەڭرى، تامغا، ئاياغا (ئاياغ)، ئۈجۈگ (قەلەم)، قۇرۇد (قۇرۇت)، ئەم (دورا)، جىمىش (يىمىش)، ئالىما (ئالما)، چەچەك (چېچەك)، ئۈجۈم (ئۈزۈم)، بالغاسۇن (شەھەر)، تارىيان (ئېتىز)، جىرۈكە (يۈرەك)، بۆلۆگ (بۆلەك)، تاياغ (ھاسا) قاتارلىقلار بار» دەپ كۆرسىتىلگەن. دېمەك موڭغۇل ئىلىم ساھەسىدە بىزنىڭ تەتقىقاتچىلىرىمىز «تارانچى» ئاتالغۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى دەپ قاراۋاتقان «تارىيان»، «تارىياچىن» ئاتالغۇلىرىنى تۈركىيچىدىن كەلگەن دەپ قاراش ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملىشىپ بولغان.

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمەيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ما داجېڭ، سەي جيايىلارمۇ «جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىقى» ناملىق ماقالىسىدا[13] تارانچى ئاتالغۇسىنىڭ تۈركىي تىلدىن كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ شىۋىسى ۋە ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئائىت نۇرغۇن قىممەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاپ نەشر قىلدۇرغان روسىيەلىك شەرىقشۇناس پانتوسوف بولسا يۇقارقىلاردىن يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ، تارانچى ئۇيغۇرچە سۆز دەپ قارىغان[14]. بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ مۇشۇ خىل قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى پېشقەدەم تارىخ تەتقىقاتچىسى غوجائەخمەت يۇنۇس بولۇپ، «ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى ھەققىدە ئىزدىنىشلەر» ناملىق ماقالىسىدا خېلى ئەتراپلىق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە «تارانچى» نامىنى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدىكى «تارىغچى» دېگەن سۆز بىلەن باغلاپ، «ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ «تارانچى» دەپ ئاتىلىشى موڭغۇللار ياكى جۇڭغارلار تەرىپىدىن قويۇلغان نام بولماستىن، بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن ئېلىنغان» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان[15]

يەنە پروفېسسور ۋاڭ دۇڭپىڭمۇ««تارانچى» ھەققىدە ئىزدىنىش» ناملىق ماقالىسىدا بۇ ئاتالغۇنى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدىكى «تارىغ» دېگەن سۆز بىلەن باغلاپ، بۇ ئاتالغۇنىڭ موڭغۇللاردا بولۇشتىن سىرت، تۈركىي تىللىق خەلقلەردىمۇ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان [16].

يۈ تەيشەن، چېن گاۋخۇ، شيې فاڭلار باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن «شىنجاڭ مىللەتلىرىنىڭ تارىخ – مەدەنىيىتى لۇغىتى» دە: «تارىياچىن (塔里雅沁): تارانچى (塔兰奇)، تارياچىن (塔喇沁) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەزىلەر بۇ، موڭغۇلچە «تارىيا» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، «زىرائەت، ئېكىن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، كەينىگە «چىن» قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا، «دېھقان»، «تېرىقچى»، «ئېكىنچى» دېگەنلىك بولىدۇ دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر ئۇيغۇرچىدىكى «تارىمچى» (تېرىمچى) دېگەن سۆز موڭغۇلچىغا «تارانچۇ» بولۇپ ئۆزگىرىپ قالغان دەپ قارىشىدۇ» دەپ يېزىپ، بۇ ئاتالغۇنى موڭغۇل تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئارىسىغا تاشلاپ، كېيىنكىلەرنىڭ ھەل قىلىشىغا قالدۇرغان[17].

بۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى نۆۋەتتە بارغانچە دىققەت-ئېتىبارغا سازاۋەر بولۇشقا ۋە ئۆستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە باشلىدى. تىل ۋە تارىخ تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بىلەن بۇ ھەقتىكى دەلىل-ئىسپاتلارمۇ ئاۋۇپ، روشەنلىشىپ بارماقتا. تۆۋەندە مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ بەزىبىر ئىزدىنىشلىرىمگە ئاساسەن تارانچى ئاتالغۇسىنىڭ مانجۇ تىلىغىمۇ، موڭغۇل تىلىغىمۇ تەۋە سۆز بولماستىن بەلكى قەدىمكى تۈركىي تىللاردىن كەلگەنلىكى، بولۇپمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن كېلىش ئېھتىمالىنىڭ ھەممىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە بەزىبىر قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.

ئاۋۋال «تارانچى» ئاتالغۇسىنىڭ مانجۇ تىلىدىن كەلمىگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەي. ھازىر مەملىكىتىمىزدە نەشر قىلىنىۋاتقان تەتقىقات مەنبەلىرىدە بۇ ئاتالغۇ مانجۇ تىلىغا ئومۇمەن موڭغۇل تىلىدىن كىرگەن دەپ قارالماقتا. مەسىلەن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليۇ شياۋمېڭنىڭ «مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە جۇرجىتلار[18] ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ پارچىلىنىشى» ناملىق ماقالىسىدا: «جۇرجىت تىلىدا «يەر تېرىش» نى ئۇسىن تارىمبى (usin tarimbi، ئۇسىن − يەر، تارىمبى − تېرىش دېگەن مەنىدە) دەيدۇ. بۇنىڭدىكى تارىمبى سۆزىنىڭ تۈپى موڭغۇلچىدىكى «tari» (تېرىش) دىن كەلگەن» دېيىلگەن بولسا[19]، جوڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى چىقارغان «ئىجتىمائىي پەنلەر فىرونتى» ناملىق ژۇرنالنىڭ 1994-يىللىق 4-سانىغا بېسىلغان «مانجۇلار جاۋشىڭ دەۋرىدە موڭغۇل مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان» ناملىق ماقالىدا: «مانجۇ تىلىدا دېھقانچىلىقنى « turin، يەر تېرىشتىكى «تېرىش» نى «tarimbi» دەيدۇ، موڭغۇل تىلىدىكى «تېرىش» نى بىلدۈرىدىغان سۆز بىلەن مانجۇ تىلىدىكى «تېرىش» نى بىلدۈرىدىغان سۆزنىڭ تومۇرى ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسى «tariyaho» دىن كەلگەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىلگىرىكى مانجۇلارنىڭ تىلى موڭغۇل مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان» دېيىلگەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋاڭ دۇڭپىڭنىڭ ««تارانچى» ھەققىدە ئىزدىنىش» ناملىق ماقالىسىدا «تارانچى» ئاتالغۇسىنىڭ چىڭ سۇلالىسىىغا ئائىت يازمىلاردا كۆپرەك塔里雅沁»،«塔喇沁 دەپ ئېلىنغانلىقىنى، بۇ سۆزلەرنىڭ يۈەن سۇلالىسىغا ئائىت يازمىلاردا «塔里牙، «塔里牙赤 لاردىن كەلگەنلىكىنى، ئاخىرىدىكى «沁» قوشۇمچىسىنىڭ يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە كۆپرەك «赤» (چى) دەپ ئېلىنغان بولسا، چىڭ سۇلالىسىغا كەلگەندە كۆپرەك «沁» (چىن) دەپ ئېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

مىڭ سۇلالىسىنىڭ خۇڭۋۇ 15-يىلى (مىلادىيە 1382-يىلى) تۈزۈلۈشكە باشلىغان «موڭغۇل تەرجىمە سۆزلۈكلىرى «蒙古译语» بىلەن «جۇرجىت تەرجىمە سۆزلۈكلىرى» «(真女译语) گە ئاساسەن تۈزۈلۈپ نەشر قىلىنغان «موڭغۇل تەرجىمە سۆزلۈكلىرى، جۇرجىت تەرجىمە سۆزلۈكلىرى توپلىمى (蒙古译语、真女译语汇编) ناملىق كىتابتىمۇ بۇ ئاتالغۇ موڭغۇل تىلىدا «农人 (塔里牙赤) tariyaci » شەكلىدە ئېلىنغان[20]. بۇنىڭدىن بۇ ئاتالغۇنىڭ يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدىلا موڭغۇل تىلىغا كىرىپ بولغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.

بۇلاردىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، تارانچى ئاتالغۇسىنى مانجۇ تىلىدىن كەلگەن دېگەن قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ مانجۇ تىلىغا موڭغۇل تىلىدىن بەزىبىر فونىتىكىلىك ئۆزگىرىش ياسىغان ئاساستا قوبۇل قىلىنغانلىقى ئېنىق.

ئەمدى بۇ ئاتالغۇنىڭ موڭغۇل تىلىغا تۈركىيچىدىن كەلگەنلىكىگە كەلسەك، بۇ توغرۇلۇق يۇقىرىدا خېلى كۆپ دەلىللەر كەلتۈرۈلدى. تۆۋەندە بۇ ئاتالغۇنىڭ موڭغۇللارغا تۈركىيچىدىن كىرگەنلىكىنى قۇۋۋەتلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر تېرىمچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇللارغا قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بىلەن باغلاپ تۇرۇپ، خۇسۇسەن ئۇيغۇرچىدىن كىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ ھەممىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە دەلىل-ئىسپاتلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتەي.

خەنزۇچە «قاراچىن موڭغۇل تىلى تەتقىقاتى» ناملىق كىتابتا: «ئوتتۇرا ئەسىر موڭغۇل لېكسىكولوگىيەسىدە دېھقانچىلىققا ئائىت سۆزلەر ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدۇ. موڭغۇل تىلىدا دېھقانچىلىققا ئائىت سۆزلەرنىڭ كۆپلەپ پەيدا بولۇشقا باشلىغىنىغا ئەمدى 200 يىلدىن ئاشتى» دېيىلگەن بولسا[21]، «موڭغۇل تىلىدىن قەدىمكى موڭغۇل تېرىمچىلىق ئىگىلىكىگە نەزەر» ناملىق ماقالىدا: «قەدىمكى موڭغۇللاردا دېھقانچىلىق بولغانمۇ يوق دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئۇزاقتىن بېرى ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلدى. «قىتان دۆلىتىنىڭ تەزكىرىسى»، «قارا تاتارلار ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، «دەشت-چۆل دىيارىدا ئاڭلىغانلىرىم» قاتارلىق نۇرغۇن تارىخىي يازمىلاردا بۇ ئاساسەن ئىنكار قىلىنىپ كەلدى» دەپ يېزىلغان[22]. دېھقانچىلىقتا ئۇزاق تەرەققىيات تارىخىنى باشتىن كەچۈرگەن بىر قوۋمنىڭ دېھقانچىلىق ئىگىلىكى كېيىن باشلانغان باشقا بىر قوۋمدىن دېھقانچلىققا ئائىت ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشى تارىخىي تىلشۇناسلىق ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ، «تارانچى» ئاتالغۇسىنى ھېچبىر تەتقىقات ئېلىپ بارماي تۇرۇپلا بەزىبىر ئاتالمىش شەرقشۇناسلارنىڭ يۈزەكى تەتقىقات نەتىجىسى بويىچىلا «موڭغۇلچە سۆز» دەپ باشقىلارغا قوش قوللاپ بېرىۋېتىش ئاقىلانىلىك بولمىسا كېرەك. چۈنكى گېزى كەلگەندە بىر ئاتالغۇنىڭ قايسى مىللەت تىلىدا ئاۋۋال پەيدا بولغانلىقىغا قاراپمۇ، شۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ دەسلەپكى ئىگىسىنى بېكىتىشكە توغرا كېلىدۇ. «چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىلى تارانچىلىرىنىڭ ئاتىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشى» ناملىق ماقالىدا تارانچى ئاتالغۇسىنىڭ موڭغۇل تىلىنىڭ ئۇيرات دېئالىكتىدا ئۇچرايدىغانلىقى ئېيتىلغان بولسا[23]، «جۇڭغارلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ 127-بېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ جۇڭغارلارنى[24] قىزىقتۇرۇپ، بارغانچە كۆپ جۇڭغار خەلقىنىڭ دېھقانچىلىققا كىرىشكىلى تۇرغانلىقى، ئۇلارنىڭ بىر تەرەپتىن تېرىمچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ئاساسەن تېرىمچىلىق بىلەنلا شۇغۇللىنىدىغان بولغانلىقى ئېيتىلغان. «موڭغۇللارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابتا بۇ خىل قاراشنىڭ توغرىلىقىنى يەنىمۇ ئىسپاتلاپ بېرىدىغان: «ئۇيراتلارغا كەلسەك، ئۇلاردا ئۇزاقتىن بېرى تېرىمچىلىق بار ئىدى، چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە قۇبدۇ دېگەن يەردە ئۇلار ئۇيغۇرلاردىن يەر تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن ھەمدە بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغان» دېگەن جۈملىنى ئۇچرىتىمىز[25]. بۇلاردىن باشقا، «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابتا: «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تىبەت مەدەنىيىتى بىلەن بىر قاتاردا، بۇريات خەلقى (ھەممىدىن ئاۋۋال شەرقىي بۇريات) ۋە قالماقلارنىڭ[26] مەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئاز دېگەندىمۇ 300-400 يىل مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى»، «ئوتتۇرا ئەسىردىن قېپقالغان ئاشۇ ئىبارىلەر تا بۈگۈنگە قەدەر ھازىرقى موڭغۇل تىلىدا قوللىنىلماقتا»[27] دېگەن سۆزلەر بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى تىلشۇناسى ئا. ك. بوروكوف (1904-1962) نىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشى تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقان ئورنى» دېگەن ماقالىسىدىكى: «موڭغۇللار قەدىمىي ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى بەزىبىر ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈپ ئۆزلەشتۈرۈۋالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى بولسا، دۆلەت ئىشلىرىدا چوڭ مەنسەپلەردە كەڭ يوسۇندا ئىشلىتىلگەنىدى»، «شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلىنىپ كېلىنگەن نۇرغۇن سۆزلەر موڭغۇل تىلىدىمۇ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى» ھەمدە تۈركچە «تۈرك مەدەنىيىتى» ناملىق كىتابتىكى سالجۇق تۈركلىرىدە زىرائەتچى دېگەننىڭ ئورنىغا «تارىياچىن» سۆزى قوللىنىلاتتى، بۇنداق ئاتاش موڭغۇللارغا ئۇيغۇرلار ئارقىلىق كىرگەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىندۇر دېگەن سۆزلەرمۇ يۇقارقى قاراشلارنى قۇۋۋەتلەپ تۇرۇپتۇ.

بۇ دەلىللىرىمىزدىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى، ئۇيراتلار ئۇيغۇرلاردىن تېرىمچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە تېرىمچىلىققا ئائىت ئاتالغۇلارنىمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەييار سۆزلەر ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرگەن ھەم بۇلار ئۇيراتلار ئارقىلىق پۈتكۈل موڭغۇللارغا تارقالغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن. «تارىياچىن» ئاتالغۇسىنىڭ موڭغۇللاردا پەيدا بولۇشىنىمۇ مۇشۇ مەنتىقىدە تۇرۇپ يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

ئەمدى بۇ سۆزنىڭ موڭغۇل تىلىغا ئائىت يازمىلاردا پەيدا بولۇشى ھەققىدە توختىلايلى. ھازىرغا قەدەر ئاشكارا بولغان يازما مەنبەلەرنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، «تارانچى» ئاتالغۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى دەپ قارىلىۋاتقان «تارىياچىن» سۆزىنىڭ تۈپى بولغان «تارىيا» ئاتالغۇسى موڭغۇل يازما مەنبەلىرىدە ئەڭ دەسلەپ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا 1240-يىلى يېزىپ تاماملانغان «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى»غا ئاساسەن خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىنىڭ 6-جىلد 177-بۆلىكىدە ئۇچرايدۇ. بۇ سۆز خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە «塔里牙» (تارىيا) دەپ ئېلىنىپ ئۈستىگە «禾田» (ئېكىن) دەپ ئىزاھ بېرىلگەن. «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» ھەققىدىكى تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، بۇ ئەسەر قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا يەنە ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارمۇ كۆپلەپ كىرگۈزۈلگەن. ئەپسۇسكى بۇ ئەسەرنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان نۇسخىسى يىتۈپ كەتكەنلىكتىن، بىزگىچە يېتىپ كەلگىنى مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ پەقەت خەنزۇچە ئاھاڭ قوشۇلغان تەرجىمىسىلا بولدى خالاس.

1368-يىلى تاماملانغان «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» نىڭ 1-جىلد 100-بۆلىكىدىمۇ بۇ ئاتالغۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان «塔里牙赤» دېگەن سۆزنى ئۇچرىتىمىز. بۇ سۆز يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە تېرىقچى دېگەندىن باشقا يەنە تېرىقچىلىققا مەسئۇل ئەمەل نامى ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلگەن[28]. يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە يېزىلغان «يەنشى يىللىرىدىكى سىمىڭ تەزكىرىسى» (延祏四明志)، «جىجېڭ يىللىرىدىكى سىمىڭ تەزكىرىسىنىڭ داۋامى» (之正四明续志) قاتارلىق كىتابلاردا «塔里牙赤» ھەققىدە مۇنداق خاتىرە بېرىلگەن:

《同知都元帅共七人,有六位回回人:暗都剌哈蛮、塔里牙赤、黑的儿、忽先、棘哈,忽剌忽儿。》

بۇنىڭدىكى «回回» ئاتالغۇسى يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە ئاساسەن غەربىي يۇرتتىن بارغان مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتىدۇ، «塔里牙赤» دېگەن ئىسمىغا ئاساسلانغاندا ئۇنى مۇسۇلمان ئۇيغۇر دەپ جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە تۈزۈلگەن «خان بېكىتكەن يۈەن سۇلالىسى تارىخى ئاتالغۇلىرىنىڭ شەرھى» (钦定元史语解) ناملىق لۇغەتتە بۇ ئاتالغۇ «塔哩雅齐» دەپ ئېلىنىپ، ««雅哩塔»田也,«齐»司事人也» («تارىيا» ئېتىزنى، «چى» بۇنىڭغا مەسئۇل ئادەمنى بىلدۈرىدۇ) دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن بۇ ئاتالغۇنىڭ يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە تېرىقچىلىققا مەسئۇل ئەمەلدارنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. قەدىمكى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىمۇ «تارىغ»، «تارىغچى بەگ» دېگەن ئىسىملار ئۇچرايدۇ[29]، شۇڭا بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن مەنە ئىزچىللىقى بار دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئاتالغۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

«يۈەن سۇلالىسى تارىخى. مەنسەپدارلار تەزكىرىسى» (元史.百宫志) دىمۇ «塔刺赤، 塔里牙赤» دېگەن ئىسىملار ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىكى «塔里牙赤» يۇقىرىدىكى «يەنشى يىللىرىدىكى سىمىڭ تەزكىرىسى« (延祏四明志)، «جىجېڭ يىللىرىدىكى سىمىڭ تەزكىرىسىنىڭ داۋامى» (至正四明续志) قاتارلىق كىتابلاردا تىلغا ئېلىنغان «塔里牙赤» نى كۆرسەتسە، «塔刺赤» يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدىكى مەشھۇر سانغۇن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاتالغان مەخسۇس تەرجىمىھال قىسمى «يۈەن سۇلالىسى تارىخى. تارانچىنىڭ تەرجىمھالى» (塔里牙赤传.元史) دا بۇ ئىسىم «塔里赤» دەپ ئېلىنغان ھەم ئۇنىڭ قاڭقىل (康里) نەسلىدىن ئىكەنلىكى ئېيتىپ ئۆتۈلگەن. «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» نىڭ 30-جىلدىدا بۇ ئىسىم يەنە «塔喇齐» دېگەن شەكىلدىمۇ ئۇچرايدۇ ھەم «(旧名塔里牙赤)塔喇齐» دەپ ئەسكەرتىش بېرىلگەن. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان قاڭقىللارغا كەلسەك، «نىڭشيا ئىجتىمائىي پەنلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان «يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە شەرققە كۆچۈپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بارغان قاڭقىللار» ناملىق ماقالىدە بۇ قاڭقىللارنىڭ ئەسلىي ماكانىنىڭ خارەزىم ئىكەنلىكى، چىڭگىزخاننىڭ خارەزىم ئۇرۇشىدا ئەسىر ئالغان قاڭقىللارنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كۆچۈرگەنلىكى، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ئاساسلىقى ھەربىي ۋە تېرىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، يۇقىرىدا بىز تىلغا ئالغان «塔里赤» نىڭ دەل شۇلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكى پاكىتلىق ئاساستا كۆرسىتىپ بېرىلگەن بولسا، «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابتا: «قاڭقىللار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىدىن بىرى» دېيىلگەن[30]. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن «塔里赤» نى ئۇيغۇر دەپ جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. مىللەتلەر نەشرىياتى 1984-يىلى 5-ئايدا نەشر قىلغان «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى» ناملىق كىتابنىڭ 34-بېتىدە «塔里古只» (تارىغۇچى) دېگەن سۆز ئۇچرايدۇ.«塔里古只» بىلەن «塔喇齐» نىڭ يازما مەنبەلەرگە پۈتۈلگەن دەۋرى ئاساسەن يېقىن بولغانلىقتىن، قاڭقىل نەسلىدىن بولغان «塔里赤» نىڭ نامى ئەسلىي «تارىغۇچى» سۆزىدىن كەلگەن بولۇشى، موڭغۇللار ئۆز تەلەپپۇزىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن دەپ «塔里赤» ئاتىۋالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭغا ئاتاپ تىكلەنگەن تۆھپە مەڭگۈ تېشى ھازىرمۇ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ باۋفېڭ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى گۇەنياسۇن كەنتىدە ساقلانماقتا. ئەمدى «塔里赤» دېگەن بۇ نامنىڭ يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە زادى قانداق مەنە بېرىدىغانلىقىغا كەلسەك، چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە تۈزۈلگەن، تەيبېي سودا نەشرىياتى 1986-يىلى نەشر قىلغان «خان بېكىتكەن يۈەن سۇلالىسى تارىخى ئاتالغۇلىرىنىڭ شەرھى» (钦定元史语解) ناملىق لۇغەتنىڭ 14-جىلد 434-بېتىدە «塔里赤» ئاتالغۇسى «塔刺赤» غا ئۆزگەرتىلىپ، مەنىسى «农夫» (تېرىقچى) دەپ ئىزاھلانغان. يۇقىرىقىلاردىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، يۈەن سۇلالىسىغا ئائىت خەنزۇچە مەنبەلەردە «塔里赤» ئاتالغۇسى ھەم تېرىقچىلىق قىلىدىغان كىشىلەرنى، ھەم شۇلارغا مەسئۇل ئەمەلدارنى بىلدۈرۈپ كەلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ نام بىلەن ئاتالغانلار ئومۇمەن ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپتۇر. 2003-يىلى ئىستانبۇلدا بېسىلغان «تۈرك كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى» ناملىق كىتابتىمۇ «تارانچىباتۇر» دېگەن ئىسىم بېرىلىپ: «تارانچىباتۇر: تارانچى + باتۇر. چىڭگىزخان دەۋرىدىكى بەگ ۋە قوماندانلاردىن بىرى» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. «يۈەن سۇلالىسى تارىخى. مەنسەپدارلار تەزكىرىسى» گە كىرگۈزۈلگەن «塔刺赤» بىلەن مۇشۇ «تارانچىباتۇر» نىڭ بىر ئادەم بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى.

بۇ ئاتالغۇ يەنە مىڭ سۇلالىسىنىڭ خۇڭۋۇ 15-يىلى (مىلادىيە 1382-يىلى) دىن باشلاپ تۈزۈلۈشكە باشلىغان «جىيۈەن تەرجىمە سۆزلۈكلىرى» (至元译语) دە «tariyaci 塔里牙赤» دەپ ئېلىنىپ مەنىسىنىڭ «农人» (يەر تېرىغۇچى) ئىكەنلىكى، «خەنزۇ ۋە باشقا تىللار تەرجىمە سۆزلۈكى» (华夷译语) دە «tariyaci塔里牙赤» دەپ ئېلىنىپ مەنىسىنىڭ «农人» (تېرىمچى) ئىكەنلىكى ئىزاھلانغان[31].

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇلاردىكى 达里耶赤»، «塔里牙赤 لارنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا ئوخشاش «تېرىقچى، تېرىمچى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. بۇنىڭدىكى «达里耶赤» ئاتالغۇسى ئاھاڭ جەھەتتىن «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى» دىكى «塔里古只» (تارىغۇچى) غا تېخىمۇ يېقىن كېلىدۇ.

بۇلاردىن باشقا، دۇنخۇاڭدىكى بېزەكلىك مىڭ ئۆيدىن تېپىلغان «ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى» نىڭ بېشىدىكى «تارىغ تارىيۇ» دېگەن پىئېل شەكلىنى، تۇرپاندىن تېپىلغان «ئىجارىگە ئېلىش ۋەسىقىلىرى» دىكى «تارىغ تارىغۇ يىر»، «تارىغ تارىيۇ يىر»[32] ۋە «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى» ناملىق كىتابنىڭ 34-، 42-بەتلىرىدىكى «تارىغۇچى» (农人 塔里古只)، «تارېق يىر» (天地 塔力叶儿) دېگەن ئاتالغۇلارنى «موڭغۇلچە تەرجىمە سۆزلۈكلەر توپلىمى» دىكى «تارىيان، تارېيىچى، تاراچى» دېگەن ئاتالغۇلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، ئاھاڭ ۋە مەنە جەھەتتىن ئۇدۇل كېلىدىغانلىقىنى بايقايمىز.

يەنى:

ئۇيغۇرچە مۇڭغۇلچە

تارىغۇچى (تارىيۇچى) تارېيىچى (تارىياچى)

تارىيۇ يىر (تارىغۇ يىر، تارېق يىر، تارىلغا) تارىيا (تارىيان)

مىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە تۈزۈلگەن «موڭغۇل تىلى سۆزلۈكلىرى» بىلەن «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكلىرى» دىكى بۇ ئاتالغۇلارنىڭ مەنە جەھەتتىكى بىردەكلىكىدىن باشقا، ئاھاڭ جەھەتتىمۇ يېقىنلىقىغا قاراپ، موڭغۇلچىدىكى «تارىياچى» سۆزى ئۇيغۇرچىدىكى «تارىغۇچى» (ياكى تارىيۇچى) دىن، «تارىيا» نى «تارىيۇ» (تارىغۇ) دىن كەلگەن دەپ قىياس قىلىشقا بولىدۇ. «موڭغۇل تەرجىمە سۆزلۈكى» دىكى «塔里牙» بىلەن «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى» دىكى «塔力叶儿» لەرمۇ ئاھاڭ ھەم مەنە جەھەتتىن ئىنتايىن يېقىن بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ موڭغۇللارنىڭ تەلەپپۇزىغا ماسلاشتۇرۇلغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. يەنى، ئۇيغۇر تىلىغا مەنسۇپ «塔力叶儿» دىكى «塔力» نىڭ «塔里» دەپ، «叶儿» نىڭ «牙» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىپ موڭغۇل تىلىغا ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. «تارىق يىر» ئاتالغۇسىنىڭ خەنزۇچىدا نېمە ئۈچۈن «塔力古叶儿» دەپ ئېلىنماي بەلكى «塔力叶儿» دەپ ئېلىنىشىغا كەلسەك، قەدىمكى ئۇيغۇر ئېغىز تىلىدا «تارىق يىر» دىكى «ق» چۈشۈپ قېلىپ «تارى يىر» دەپ ئوقۇلۇش ئېھتىمالىنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك. چۈنكى، «ئوغۇزنامە» دىمۇ مۇشۇ خىل ئەھۋال بار بولۇپ، «كاۋاك، يوچۇق» مەنىلىرىنى بېرىدىغان «قاپۇقچاق» ئاتالغۇسى «قاپۇچاق» دەپ ئېلىنغان[33]. بۇ سۆز «قاپۇق» (ئىشىك دېگەن مەنىدە) دېگەن ئىسىمنىڭ كىچىكلىتىلىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، كەينىگە «چاق» قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ ئوقۇلغاندا، «قاپۇق» نىڭ ئاخىرىدىكى «ق» چۈشۈپ قالغان. بۇنىڭغا ھازىرقى تىلىمىزدىنمۇ مىسال كۆرسۈتۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن، سارىق (سېرىق) باش – سارىۋاش؛ سارىق دالا – ساردالا (سېرىق ئۇيغۇرلاردا). شۇڭا، «تارىق يىر» نىمۇ ئېغىزدا ئېيتىلىشى بويىچىلا «تارى يىر» (塔力叶儿) دەپ ئېلىنغان ھەم مۇشۇ ئاساستا موڭغۇل تىلىدىكى «تارىيا» (塔里牙) كېلىپ چىققان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئاتالغۇلار رەتلىنىپ قەلەمگە ئېلىنغان مەزگىلدە قۇبلايخان ئوردىسىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر پۈتۈكچىلەر بولغانلىقتىن، بۇ ئاتالغۇلارنى موڭغۇل تىلىغا ماسلاشتۇرۇپ يېزىشتا ئاشۇ ئۇيغۇر پۈتۈكچىلەرنىڭ ئارىلاشقانلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.

ئەمدى «تارانچى» ئاتالغۇسىنىڭ خەنزۇچە مەنبەلەردە ھەرقايسى دەۋرلەردىكى يېزىلىشىغا قاراپ باقايلى:

يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە:

达里耶赤،塔里牙赤؛

مىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە:

塔利赤 ،塔里雅赤،塔刺赤،塔喇齐 ؛

چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە:

塔里雅沁 ،塔哩雅沁 ،塔喇沁 ،塔兰其

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ ئاتالغۇ يۈەن، مىڭ سۇلالىرى مەزگىلىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى «تارىغچى»، «تارىغۇچى» سۆزلىرىگە يېقىن تەلەپپۇز قىلىنغان بولسا، چىڭ سۇلالىسىغا بارغاندا موڭغۇل، مانجۇ تىلىنىڭ تەلەپپۇزىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ كەينىدىكى «-چى» قوشۇمچىسى «-چىن» غا ئۆزگەرتىلگەن. فىرانسىيەلىك ئارخېئولوگ ۋە تىلشۇناس پائۇل پېللىيوتنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان «تۈركىيچە ئىسىملارنىڭ كېلىش مەنبەسى» ناملىق ئەسىرىدە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە «-چى» بىلەن «-چىن» تۈركىي تىللارغا تەۋە سۆزلۈكلەر بىلەن موڭغۇل تىلىغا تەۋە سۆزلۈكلەرنى پەرىقلەندۈرۈشنىڭ بەلگىسى دېيىلگەن بولۇپ، تۈركىي تىلغا تەۋە سۆزلۈكلەردە «-چى» قوللىنىلسا، موڭغۇل تىلىغا تەۋە سۆزلۈكلەردە «-چىن» قوللىنىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن[34]. دېمەك، مۇشۇنىڭغا قاراپمۇ بۇ ئاتالغۇنىڭ موڭغۇل تىلىغا تۈركىي تىللاردىن، خۇسۇسەن ئۇيغۇر تىلىدىن كىرگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ.

قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «تارلاغۇ، تارىغۇ، تارلا» ئاتالغۇلىرى موڭغۇل تىلىدىكى «تارىيا» سۆزىگە ئاھاڭ ۋە مەنە جەھەتتىن ئۇدۇل كەلگەندىن باشقا، يەنە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىمىزدا ھازىرقى موڭغۇل تىلى بىلەن ئاھاڭ ۋە مەنە جەھەتتىن ئوخشايدىغان سۆزلىرىمىزدىن تۆۋەندىكىلىرى بار:

قەدىمكى ئۇيغۇرچە (مەنىسى) موڭغۇلچە

تارىلغا (تېرىلغۇ) تارىلغا

تارىغ (ئاشلىق، بۇغداي، تېرىق) تارىخ

تارىغلاغ، تارلا (ئېتىزلىق) تارلاخ[35]

ئەمدى موڭغۇلچىدىكى «تارىيان» ئاتالغۇسىغا كەلسەك، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پېئىلغا «ان، ۇن، ىن، ن» قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلىشى ئارقىلىق ئىسىم ياساش مىساللىرىنى تاپالايمىز.

يارات + ان = ياراتان (ياراتقۇچى)

يايلا + ن = يايلان (ئوچۇقچۇلۇق)

ياي + ان = يايان (پىيادە ماڭغۇچى، ياياق؛ بىلىمسىز)

تۈز + ۈن = تۈزۈن (تۈز ئادەم، كەمتەر ئادەم)

توز + ان = توزان

بۇز + ان = بۇزان (بۇزۇق ئادەم)

بۇل (تاپماق، ئىگە بولماق، بۇلىماق) + ۇن = بۇلۇن (ئەسىر، تۇتقۇن)

ئەك + ىن = ئەكىن (ئەك – تېرىش، ئەكىن – زىرائەت، ئاشلىق)[36]

مىللەتلەر نەشرىياتى 1998-يىلى 10-ئايدا نەشر قىلغان «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى» ناملىق كىتابنىڭ 176-بېتىدە پېئىلدىن تۇرغۇن سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە «-ىم» بىلەن بىرگە يەنە «-ىن» نىڭمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. بۇنىڭغا ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىدىنمۇ مىسال كۆرسۈتۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن، «ئېقىن» بىلەن «ئېقىم» نىڭ ھەر ئىككىلىسىلا «ئاق» پېئىلىغا «ىن، ىم» قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ياسالغان بولۇپ، ئېقىۋاتقان سۇنى كۆرسىتىدۇ[37].

دېمەك «تاران» ئاتالغۇسىنىڭ خۇددى «تار» (تەر، تېرىش، تەرمەك) پېئىلىغا «ىم» قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ «تارىم» (تېرىم) سۆزى ياسالغىنىغا ئوخشاش، «تار» پېئىلىىغا «ىن» قوشۇمچىسىنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق «تارىن» نىڭ، ئۇنىڭدىن يەنە «تاران» نىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.

بۇلاردىن باشقا، ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا مەنسۇپ مەڭگۈ تاشلار، تۇرپان ۋە دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ۋەسىقىلەر ھەمدە «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇ بىلىگ» كەبى كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا مەزكۇر ئاتالغۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يەنە «تارى» (تېرىش)، «تارىغۇ» (تېرىلغۇ)، «تارادى» (تارىدى)، «تاردى» (تاراتتى)، «تارىدى» (تېرىدى)، «تارىغلىغ» (ئېتىز، تېرىلغۇلۇق)، «تارىغلىق» (ئاشلىق ئامبىرى)، «تارىلدى» (تېرىلدى)، «تارىم»، «تارىمسىندى» (تېرىيدىغاندەك كۆرۈندى)، «تارىندى» (تېرىۋالدى)، «تارىتغان» (تېرىتىدىغان)، «تارىداچى» (تېرىيىدىغان) قاتارلىق سۆزلەرنىمۇ ئۇچرىتىمىز. بۇنىڭدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا مەزكۇر ئاتالغۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنىڭ موڭغۇل تىلىغا قارىغاندا ناھايىتى موللىقىنى بىلىۋالالايمىز.

بۇ ئاتالغۇ موڭغۇللارغا ئائىت يازما مەنبەلەرگە پۈتۈلگەن مىلادىيە 13-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدىكى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، بۇ دەل موڭغۇللار ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىشقا باشلىغان، ئۇيغۇرلار موڭغۇللارنىڭ تىل-يېزىق، دىن، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي ئىگىلىكىگە زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ھەم ئۇيغۇرلاردىن تۈركۈم-تۈركۈم ۋەزىر-سانغۇن، ئالىم-ئۆلىمالار، تەرجىمان-تىلماچلار يېتىشىپ چىقىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ.

دەل مۇشۇ مەزگىلدە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر ئاگرانوم تۆمۈر تۆۋرۈك (لۇ مىڭشەن 鲁明善) نىڭ مەۋسۇم شەكلىنى قوللىنىپ يېزىپ چىققان مەشھۇر ئەسىرى «تېرىقچىلىق-پىلىچىلىك ئاساسلىرى» 1314-يىلى نەشر قىلىنىپ كەڭ تۈردە تارقىتىلغان ھەم يۈەن سۇلالىسىنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم قوللانما بولۇپ قالغانىدى[38]. بۇنىڭدىن باشقا، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاتاقلىق ئوزۇقلۇقشۇناس قوسقۇي (忽思慧) مۇ شۇ مەزگىللەردە «تائام تەييارلاش دەستۇرى» دېگەن داڭلىق ئەسىرىنى يېزىپ چىققان. بۇ ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندىكى يېمەك-ئىچمەك تازىلىقى ۋە ئوزۇقلۇقشۇناسلىققا دائىر تۇنجى ۋە مەخسۇس ئەسەر ھېسابلىنىدۇ[39]. بۇلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ مەزگىلدە يۈەن سۇلالىسىنىڭ تېرىقچىلىق ئىگىلىكىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس.

بۇ مەزگىلدە قۇبلاي خان ئوردىسىدا يەنە ئەنسارىغا ئوخشاش داڭلىق ئۇيغۇر تىلماچلىرىمۇ كۆپ ئىدى، شۇڭا يۇقارقى ئاتالغۇنى موڭغۇل تىلىغا ئېلىپ كىرىشتە تۆمۈر تۆۋرۈكتەك، قۇسقۇيدەك ۋە ئەنسارى كەبى «ئۇيغۇر پۈتۈكچى» لەرنىڭ تەسىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. موڭغۇل تىلىدىكى «تارىيا» ئاتالغۇسىغا ئائىت ئەڭ دەسلەپكى يازما مەنبە ھېسابلانغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» نى زادى كىملەرنىڭ يېزىپ چىققانلىقى ھازىرغىچە ئېنىقلانغىنى يوق. مېنىڭچە، بۇنىڭغا شۇ مەزگىلدە قۇبلاي خان ئوردىسىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتقان «ئۇيغۇر پۈتۈكچى» لەرنىڭ قاتناشقانلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.

موڭغۇلچىدىكى «تارىياچى» ئاتالغۇسىنىڭ ئۇيغۇر تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىكلىكى ھەققىدىكى يەنە بىر مۇھىم پاكىت تېرخىن مەڭگۈ تېشى («تارىيات مەڭگۈ تېشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تېپىلغان «تارىيات» دېگەن يەر نامى. رۇس تۈركولوگى س. گ. كىلياشتۇرنىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، مەڭگۈ تاش يېزىقىنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (خەنزۇچە مەنبەلەردە مويۇنچۇر ياكى بايانچۇر دېيىلىدۇ. مىلادىيە 747-759 يىلللاردا تەختتە ئولتۇرغان) نامىدىن يېزىلغان. ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاستانىسى بولغان قارابالغاسۇن شەھىرى دەل مۇشۇ جايدا بولۇپ، تارىيات ھازىرقى موڭغۇل تىلىدا «ئېتىزلىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى تارىيا («ئېتىز» دېگەن مەنىدە) + ت (كۆپلۈك قوشۇمچىسى). دېمەك تارىيات «زور كۆلەملىك ئېتىزلىق» دېگەنلىك بولىدۇ. تېرخىن مەڭگۈ تېشىنىڭ غەربىي يۈزىدە: «سەكىز ئارا ئىلغىم تارىغلاغىم. سەكىز سەلەنگە ئورقۇن توغلا سەبەنتۈردۈ» (يەشمىسى: سەككىز (دەريا) ئارلىغىدا چارۋام ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىم. سەلەنگە، ئورقۇن، تۇغلا سەككىز (دەريا) مېنى سۈيۈندۈردى» دېگەن سۆزلەر ئۇچرايدۇ[40].

دېمەك، ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى مەزگىلىدىلا سېلىنگا، ئورقۇن، توغلا دەريالىرى ئارىسىدا ئېتىزلىقلارنىڭ بارلىقى مەلۇم. «تېرخىن مەڭگۈ تېشى» نىڭ ئەسلى نامى «تارىيات مەڭگۈ تېشى» بولۇپ، موڭغۇلىيەدىكى ئورقون، سېلىنگا دەريا بويلىرىدا «تارىيات» دەپ ئاتىلىدىغان جايدىن بىرقانچىسى بولغاچقا، بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ نامى كېيىنچە «تېرخىن مەڭگۈ تېشى» غا ئۆزگەرتىلگەن[41]. بۇنىڭدىن ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى مەزگىلىدە ئورقۇن، سېلىنگا بويلىرىدا ئېتىزلىقلارنىڭ خېلى كۆپ بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ تېرخىن مەڭگۈ تېشىغا پۈتۈلگەن ئەمەلىيەت بىلەن ماس كېلىدۇ.

ئىككىنچىدىن، ھازىر تارىيات دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ يەر نامى تېرخىن مەڭگۈ تېشىغا پۈتۈلگەن «تارىغلاغ» دېگەن سۆزدىن فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ كەلگەن. «تارىغلاغ» نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «تارلا» دېگەن شەكلىمۇ بار. مەسىلەن، ھازىر تۈركىيەلىكلەر ئىشلىتىۋاتقان «تارلا» دېگەن سۆز «تارىغلاغ» دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلغان شەكلى بولۇپ، بۇ سۆز 11-ئەسىردە تۈركىي قەۋىملەردە ئومۇمەن «زىرائەت تېرىلىدىغان يەر» دېگەننى ئىپادىلەيتتى[42].

«تارىيا» نى «تارىغلاغ» ياكى «تارلا» نىڭ موڭغۇل تىلىغا ماسلاشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىنىشى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. «تارىيات» نىڭ كەينىدىكى كۆپلۈك قوشۇمچىسى«ت» غا كەلسەك، بۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە تېرخىن مەڭگۈ تېشىنىڭ ئۆزىدىنلا ئىسپات تاپالايمىز. بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ شىمالىي يۈزىدە «سەنگۈت» دەپ بىر سۆز ئۇچرايدۇ. بۇ، «سەنگۈن» (سانغۇن، گېنىرال دېگەن مەنىدە) نىڭ كۆپلۈك شەكلىنى بىلدۈرىدۇ[43]. كۈل تېگىن مەڭگۈ تېشىدىمۇ «تارقات» دېگەن ئاتالغۇ بار بولۇپ، بۇ «تارقان ئونۋانىنىڭ كۆپلۈك شەكلى» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن[44].

بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك مىساللارنىمۇ كەلتۈرۈشكە بولىدۇ:

تېگىن + ت = تېگىت (تېگىنلەر)

تاغشۇ]ر[(قوشاق، شېئىر) + ت = تاغشۇت (قوشاقلار، شېئىرلار)

ئۇرۇنغۇ/ئۇرۇڭۇ (جەڭچى) + ت = ئۇرۇنغۇت/ئۇرۇڭۇت (جەڭچىلەر)

ئالپاغۇ (مەشھۇر) + ت = ئالپاغۇت (مەشھۇرلار)[45]

قارا بالغاسۇن ھەققىدە «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ 368-، 369-بەتلىرىدە: «(ئوردۇبالىقنى ھازىرقى ۋاقىتتا تەتقىقاتچىلار «قارا بالغاسۇن» دەپ قارايدۇ، بۇ شەھەر ئورقۇن دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىغا جايلاشقان)… ئۇيغۇر قاغانلىقىدا تېرىقچىلىق ئوبدان تەرەققىي قىلغانلىقىنى قاغانلىق دائىرىسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئېرىق-ئۆستەڭلەر ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇ ئېرىق-ئۆستەڭ بىلەن ئېتىز ۋە باغلار سۇغۇرىلاتتى. خارابىلەردىن يارغۇنچاقنىڭ كۆپ چىققانلىقىمۇ تېرىقچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تېرىلىدىغان زىرائەتلەر بۇغداي ۋە تېرىقلار ئىدى» دېيىلگەن بولسا، ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇقنىڭ «ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابىدا: «مىلادىيە 821-يىلى ئەتراپىدا ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى ئوردۇبالىق شەھىرىگە كەلگەن ئەرەب سەيياھى ئەمىم ئىبنى بەھرىنىڭ ساياھەتنامىسىدە ئوردۇبالىق ھەققىدە توختىلىپ كېلىپ مۇنداق يازغان: «يېزا ئېگىلىك مەھسۇلاتلىرى مول شەھەر بولۇپ، ئەتراپى ئېتىز-ئېرىقلار ۋە زىچ يېزا-كەنتلەر بىلەن قورشالغانىكەن»» دەپ يېزىلغان[46]. بۇنىڭدىن قارابالغاسۇن شەھىرى يېنىدىكى ھازىر «تارىيات» دەپ ئاتىلىۋاتقان جاينىڭ ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى زامانىسىدىن قالغان ئېتىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ھازىر موڭغۇلىيەدىكى يەر ناملىرىنىڭ كۆپچىلىكى مەڭگۈ تاشلاردا پۈتۈلگەن يەر ناملىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشايدۇ، پەرىق بولغاندىمۇ ئاز-تولا فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش مەۋجۇت. مەسىلەن، سېلىنگا، ئورقۇن، توغلا، قارابالغاسۇن، ئۆتۈكەن… دېگەندەكلەر ھازىرمۇ مۇشۇ ناملار بويىچە ئاتىلىپ كەلمەكتە. شۇڭا «تارىيات» دېگەن نامنىمۇ ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى زامانىسىدىن قېپقالغان يەر نامى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئەمدى «شىنجاڭ مىللەتلىرى تارىخ-مەدەنىيىتى لۇغىتى»[47] دىكى: «ئۇيغۇرچىدىكى terimqi دېگەن سۆز موڭغۇلچىغا «تارانچى taranqy» بولۇپ ئۆزگىرىپ قالغان» دېگەن قاراشقا كەلسەك، بۇنىڭمۇ مەلۇم ئاساسى بار. «تېرىمچى» ئاتالغۇسى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «تارىمچى» بولۇپ، «تارى» پېئىلىنىڭ تۈرلىنىشىدىن كەلگەن. ھازىر «تارىم» دەرياسىنىڭ نامىنىڭ قانداق كەلگەنلىكى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتىدۇ. بەزىلەر «تەڭرىم» دېگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېسە، بەزىلەر«تېرىم» سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراشماقتا. مەن بۇ يەردىكى «تارىم» ئاتالغۇسى يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىلىق مەدەنىىيتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەپ قارايمەن، چۈنكى تارىم دەريا بويىدا ھازىرمۇ «تېرىم» ئاتالغۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرى ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، يوپۇرغىدىكى تېرىم ئۆستىڭى، تېرىم مەھەللىسى، تېرىم سۇ ئامبىرى، مەكىت ناھىيەسىدىكى تېرىم مەھەللىسى، پەيزىۋاتتىكى تېرىم يېزىسى، باش تېرىم كەنتى، ئاياغ تېرىم كەنتى، ئۇچتۇرپاندىكى تېرىم مەھەللىسى، مارالبېشىدىكى تېرىم چوڭقۇرچاق كەنتى، قەشقەر كوناشەھەردىكى تېرىم يېزىسى، تېرىم ئۆستىڭى، قاراقاشتىكى تېرىم كەنتى، چەرچەندىكى تارىم كەنتى، تېرىم ساي، تېرىم چىغلىق دېگەن جايلار، شاياردىكى تارىم يېزىسى، لوپنۇردىكى تارىم يېزىسى، تارىم ئۆستىڭى دېگەنگە ئوخشاش[48].

بۇ يەر ناملىرىنىڭ ھەممىسى تېرىمچىلىق كەسپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كۆپىنچىسى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «تارىم» ئاتالغۇسىدىكى «ئا» تاۋۇشىنىڭ «ئېى» تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىشىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولسا، بەزىلىرى ئەينى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان. «تارىم» سۆزىنىڭ مانجۇ تىلىغا «تارىمبى» شەكلىدە ئۆزلەشكەنلىكىنى ھەمدە بۇ ئاتالغۇنىڭ موڭغۇل تىلىغا تۈركىي تىللاردىن كىرىپ، «تارىيان» شەكلىدە ئۆزلەشكەنلىكىنى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەنىدۇق. بۇلاردىن باشقا يەنە تۈركىيە تۈركلىرى، ئەزەربەيجانلارمۇ تا ھازىرغا قەدەر بىزدىكى «دېھقانچىلىق» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «تارىم»، «تارىمچىلىق» دېگەننى، «دېھقان» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «تارىمچى» دېگەننى قوللىنىدۇ. «دېھقان» ئاتالغۇسى ئەسلىي پارىسچە بولۇپ، بىزنىڭ سۆزىمىز ئەمەس، بىز ئەسلىدە «دېھقانچىلىق» نىڭ ئورنىغا «تېرىقچىلىق» تىن باشقا يەنە «تارىم» (تېرىم)، «تارىمچىلىق» (تېرىمچىلىق)، دېھقاننىڭ ئورنىغا «تارىمچى» (تېرىمچى) ئاتالغۇلىرىنىمۇ ئىشلىتىپ كەلگەن. كېيىن پارسىي ئاتالغۇنى قوبۇل قىلىپ، يېزىق تىلىمىزدا بۇ ئاتالغۇلار يەكلىنىپ قالغان، شۇنداقتىمۇ بىزدە بۇنىڭ «تېرىم»، «تېرىمچى»، «تېرىقچى»، «تېرىمچىلىق»، «تېرىقچىلىق» دېگەندەك شەكىللىرى تا ھازىرغىچە ئەل ئېغىزىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن «تارىم» سۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزاق تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

«يۈەن سۇلالىسى تارىخى. شىزۇنىڭ تەرجىمىھالى» (元史.世祖本纪) نىڭ 17-جىلد 14-بۆلىكىدە «كۈسەن تارىن» (曲先塔林) ئىسىملىك بىر كىشى ئۇچرايدۇ، بۇ توغرۇلۇق شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت فوتو نەشرىياتى 1995-يىلى 11-ئايدا نەشر قىلغان «موڭغۇل دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى» ناملىق كىتابنىڭ25-، 26-بەتلىرىدە كۈسەن تارىننىڭ كۈسەنلىك ئىكەنلىكى ئېيتىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئىسمى «تارىن» (塔林) نىڭ تارىم دەرياسىنىڭ نامى بولغان «تارىم» (塔里木) سۆزىنىڭ يەنە بىر خىل يېزىلىشى ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. شۇڭا، «موڭغۇلچە، جۇرجېتچە تەرجىمە سۆزلۈكلىرى توپلىمى» نىڭ 195-بېتىگە كىرگۈزۈلگەن «تارىيان» ئاتالغۇسىنىڭ «تارىم» نىڭ «تارىن» غا، ئاندىن «تارىيان» غا ئۆزگىرىشىدىن كېلىش ئېھتىماللىقىىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ. بۇ يەنە «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى» ناملىق كىتابنىڭ 176-بېتىدە تىلغا ئېلىنغان پېئىلدىن تۇرغۇن ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «-ىم، -ىن» ئارقىلىق سۆز ياساش قائىدىسىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. يەنى «تارى» پېئىلىغا «-ىم» قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ تېرىم مەنىسىنى بېرىدىغان «تارىم» ئاتالغۇسى ياسالغانغا ئوخشاش، «تارى» پېئىلىغا «-ىن» نىڭ قوشۇلۇشى بىلەن «تارىن» سۆزىنىڭ ياسىلىش ئېھتىماللىقىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ.

ياپونىيەلىك تۈركلوگ ساگۇچى تورۇنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تارىخى توغرىسىدا تەتقىقات» ناملىق ئەسىرىدىمۇ «1770-يىلى ئەتراپىدا چىڭ ھۆكۈمىتى ئاقسۇ، كۇچا، قاراشەھەر، شايار، سايرام، باي قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تارانچىلارنى تاللاپ ئىلىغا بەگ قىلىپ ئەۋەتتى»[49] دەپ تارىم دەرياسى ۋادىسىدىمۇ بۇ ئاتالغۇنىڭ مەۋجۇتلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن. بۇنىڭدىنمۇ بۇ ئاتالغۇنىڭ «تارىمچى» (تېرىمچى) نىڭ يەنە بىر خىل ۋارىيانتى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەس بولمىسا كېرەك.

يۇقارقىلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى، تارانچى ئاتالغۇسى كېيىنكى مەزگىللەردە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ خاس نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغان بولسىمۇ، تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا ئۇ ئۇيغۇر تېرىمچىلىق مەدەنىيىتىگە تەۋە ئاتالغۇ. ئېتمولوگىيەسى ھەمدە ئومۇمىي ئىستىمال تەرەققىياتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنى پۈتكۈل ئۇيغۇر تېرىقچىلىرىنىڭ تارىختىكى يەنە بىر خىل ئاتىلىشى دەپ تونۇغىنىمىز ئەقىلگە مۇۋاپىق. چاررۇسىيە دەۋرىدىكى بىر قىسىم رۇس شەرقشۇناسلىرى ۋە شېڭ شىسەي قاتارلىقلار مەلۇم سىياسىي مۇددىئا بىلەن ئويدۇرۇپ چىققان ئاتالمىش «تارانچى مىللىتى» ھېيلىسى بولسا سۇيىقەستتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنداق ئايرىشقا ئەينى مەزگىلدە ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت (ئۇيغۇر بالىسى)، ئابدۇللا روزىباقى قاتارلىق ئالىم ۋە زىيالىيلىرىمىز قەتئىي قارشى چىقىپ، ئۇيغۇر ئاتالغۇسىنى مىللەت نامى قىلىشتا چىڭ تۇرغان.

ئىككىنچىدىن، «تارانچى» ئاتالغۇسى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «تارىغۇچى، تارىقچى، تارىمچى» ئاتالغۇلىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، «تار، تارى» پىئېللىرىنىڭ تۈرلىنىشىدىن كېلىپ چىققان. شۇڭا، بۇ ئاتالغۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇيغۇر تىلىغا مەنسۇپ قەدىمكى ۋە ھازىرقى ھەرقايسى دېئالىكىت، شىۋىلەردىكى تۈرلۈك ۋارىيانتلىرى ھەققىدە يەنىمۇ چوڭقۇر، ئىنچىكە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۇيغۇر تېرىمچىلىق مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يالغۇز بىر ئاتالغۇنىڭ ئېتمولوگىيەسىنىڭ قايسى خىل تىلغا تەۋەلىك مەسىلىسىلا بولۇپلا قالماي، نۆۋىتى كەلگەندە يەنە مەدەنىيەت تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان تېرىمچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئاۋۋال كىمدە شەكىللەنگەنلىك مەسىلىسىنىڭمۇ دەلىلى بولالايدۇ.

ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇر تېرىمچىلىرى تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باشقىلارنىڭ تۈرلۈك تالان-تاراجلىرى ھەم قۇل قىلىشلىرىغا ئۇچرىغان، ئېيتقۇسىز ئازاب-ئوقۇبەت، خورلۇقلارنى تارتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئاتالغۇنى ھاقارەتلىك نام دېيىشكە بولمايدۇ. ھەرقانداق بىر مەسىلىگە سەلبىي ھەم ئىجابىي نۇقتىدىن قاراپ بېقىش كېرەك. سەلبىي نۇقتىدىن قارىساق، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن سۈرگۈنلۈك كەچۈرمىشلىرى ئومۇمەن تېرىقچىلىققا ماھىرلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىجابىي نۇقتىدىن قارىساق، بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىمچىلىق مەدەنىيىتىنى تارقىتىشىغا نۇرغۇن پۇرسەتلەرنىمۇ يارىتىپ بەرگەن. تۆمۈر تۈۋرۈك، قۇسقۇي كەبى ئاگرانوملىرىمىزنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ھەمدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تېرىمچىلىق مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسىتەلىشى بۇنىڭ ئەڭ ئوبدان مىسالى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇرلار تېرىقچىلىقنى ناھايىتى مۇقەددەس ھەم مەدەنىيلىكنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى دەپ تونۇيدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بالدۇر شەھەرلىشىشى ھەمدە پارلاق مەدەنىيەت سەمەرەلىرىنى يارىتالىشى تېرىقچىلىققا بالدۇر كىرىشكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قىسقىسى، تارانچى «تارىقچى، تارىمچى، تارىغۇچى» ئاتالغۇلىرىنىڭ يەنە بىر خىل ۋارىيانتى بولۇپ، باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ بۇ ئاتالغۇنى قوبۇل قىلىشى يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىلىققا نەقەدەر ماھىر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئۇيغۇر تېرىمچىلىرىنىڭ چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە شەرىقتە تاكى ئىچكى موڭغۇلنىڭ خۇلىنبېر كۆلى بويلىرىغىچە تېرىقچىلىق ئۆگىتىشكە ئېلىپ بېرىلىشىدىن سىرت، غەربتە چاررۇسىيە تەرىپىدىن تاكى تۈركمەنىستاننىڭ مورغاب دەرياسى ۋادىسىغىچە تېرىقچىلىق قىلىشقا ئېلىپ بېرىلىشىمۇ[50] بۇنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى بولالايدۇ.

ئىزاھاتلار:

[1] ﺑﺎرﺗﻮﻟﯩﺪﻧﯩﯔ «ﻣﻮﯕﻐﯘل – ﺗﯜرك ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮى ﺗﺎرﯨﺨﻰ» (رۇﺳﭽﻪ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎۋﯨﻨﯩﯔ 34-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[2] روﻣﺎﻧﺴﻮﻓﻨﯩﯔ «ﺗﺎراﻧﭽﯩلار» (رۇﺳﭽﻪ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎۋﯨﻨﯩﯔ 6-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[3] ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ «ﺗﺎراﻧﭽﻰ (三道岭) ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[4] ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ «ﺟﻮﯕﮕﻮ ﭼﯧﮕﺮا ﺗﺎرﯨﺦ-ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2001-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ4-ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[5] «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ژۇرﻧﯩﻠﻰ» ﻧﯩﯔ 1993-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 3-ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[6] «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪر ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ1989-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ1-ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[7] «ﺋﯩﻠﻰ دەرﻳﺎﺳﻰ» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2002-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 1-ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[8] http://baike.baidu.com/view951892.htm ﻏﺎ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[9] ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘل ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1999-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﭽﻪ-ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﻟﯘﻏﻪت» ﻧﯩﯔ 469-، 561-ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[10] 2003-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن «ﺗﯜرﻛﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮى ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ»

(turkce insane adlari ve anlam kokenleri) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 245-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[11] ﺧﯧﻴﻠﯘﯕﺠﻴﺎڭ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1994-ﻳﯩﻠﻰ 5-ﺋﺎي ﻧﻪﺷﺮى (ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ)، 178-ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[12] ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘل ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2006-ﻳﯩﻠﻰ12-ﺋﺎي ﻧﻪﺷﺮى (ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ).

[13]ﭼﯩﯖﺨﻪي ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1984-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ «ﺋﯘﻳﺮات ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻠﯩﺮى ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪر ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 81-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[14] ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺳﺎﮔﻮﭼﻰ ﺗﻮرۇﻧﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ» (ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎبىنىڭ 227- ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[15] ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1996-ﻳﯩﻠﻰ 10-ﺋﺎﻳﺪا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﮔﯜﻟﺸﻪن ۋادﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰلار» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 166-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[16] «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ژۇرﻧﯩﻠﻰ» ﻧﯩﯔ 2007-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 4-ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[17] ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺟﯘﯕﺨﯘا ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ (中华书局) 1996-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮى، 407-ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[18] ﻣﺎﻧﺠﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ ﻧﺎﻣﻰ.

[19] «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪر ﺋﺎﻛﺎدﯨﻤﯩﻴﻪﺳﻰ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺘلار ﻣﻪﻛﺘﯩﯟى ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ژۇرﻧﯩﻠﻰ» ﻧﯩﯔ 1996-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 5-ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[20] ﺗﻴﻪﻧﺠﯩﻦ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ1990-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﻣﻮﯕﻐﯘل ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﺳﯚزﻟﯜﻛﻠﯩﺮى، ﺟﯘرﺟﯩﺖ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﺳﯚزﻟﯜﻛﻠﯩﺮى ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ» (蒙古译语、女真译语汇编) نىڭ 42-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[21] ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2007-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮى، 505- ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[22] ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ «ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘل ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ژۇرﻧﯩﻠﻰ» ﻧﯩﯔ 2007-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 3-ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ 23-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[23] ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪر ﺋﯘﭼﯘرﻟﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2005-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 5-ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[24] ﺟﯘﯕﻐﺎرلار-ﺋﯘﻳﺮاتلارنىڭ ﺑﯩﺮ ﺗﺎرﻣﯩﻘﻰ. ﺋﯘﺳﺘﺎزﯨﻢ ﺗﯘرﺳﯘن ﺋﺎﻳﯘﭘﻨﯩﯔ «ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯘﻗﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎۋﯨﻨﯩﯔ120-ﺑﯧﺘﯩﺪە «ﺟﯘﯕﻐﺎر» ﺳﻮل ﻗﻮل دﯦﮕﻪن ﻣﻪﻧﯩﺪە (ﻳﻪﻧﻰ، ﺟﻮڭ ]ﺳﻮل[ + ﻏﺎر ]ﻗﻮل[) دەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈﻟﮕﻪن. «ﺋﻮﻏﯘزﻧﺎﻣﻪ» ﻧﯩﯔ124-ﻗﯘرﯨﺪﯨﻤﯘ «ﭼﻮڭ» (ﺟﻮڭ) دﯦﮕﻪن ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ «ﺳﻮل» دﯦﮕﻪن ﺳﯚزﻧﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﺪا ﺋﯩﺸﻠﺘﯩﻠﮕﻪن. ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، «ﺟﯘﯕﻐﺎر» ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻤﯘ ﺗﯜرﻛﯩﻴﭽﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

[25] ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2009-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎي ﻧﻪﺷﺮى، 198-ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[26] ﺋﯘﻳﺮاتلارنىڭ ﺋﯩﺴلام ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﺪە ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ.

[27] ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2000-ﻳﯩﻠﻰ3-ﺋﺎي ﻧﻪﺷﺮى، 403-ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[28] «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ژۇرﻧﯩﻠﻰ» ﻧﯩﯔ 2007-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 4-ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ 70-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[29] ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ1989-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﻰ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ» ﻧﯩﯔ 135-بېتىگە ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[30] ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2000-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮى، 122-، 128-ﺑﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[31] ﺗﻴﻪﻧﺠﯩﻦ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1990-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﻣﻮﯕﻐﯘل ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﺳﯚزﻟﯜﻛﻠﯩﺮى، ﺟﯘرﺟﯩﺖ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﺳﯚزﻟﯜﻛﻠﯩﺮى ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ» ﻧﯩﯔ 3-، 42-ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[32] ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ2000-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﺪا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ۋەﺳﯩﻘﯩﻠﻪر» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 223-، 228-ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[33] ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯘﻗﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ كىتابنىڭ 121-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[34] ﺳﻮدا ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1995-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﻳﯘرت، ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ دﯦﯖﯩﺰ ﺗﺎرﯨﺨﻰ ۋە ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ دەﻟﯩﻠﻠﻪر ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳﻰ» ﻧﯩﯔ 1-ﺗﻮم 35-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[35] ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2008-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﺗﯜرﻛﯩﻲ تىللار دﯨﯟاﻧﻰ» ﻧﯩﯔ 283-، 377-ﺑﻪﺗﻠﯩﺮى؛ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘل ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﯨﺴﯩﺘﯩﺘﻰ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1999-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﭽﻪ-ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﻟﯘﻏﻪت» ﻧﯩﯔ 470-، 469-ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[36] «ﺗﯜرﻛﯩﻲ تىللار دﯨﯟاﻧﻰ» ﺑﯩﻠﻪن «ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﻰ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ» ﮔﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[37] ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1999-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﺪا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰاﮬﻠﯩﻖ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ» ﻧﯩﯔ 1292-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[38]، [39] ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪت ﺳﺎﻳﺮاﻣﻰ، ﺋﺎﺑﺪۇرازاق ﺗﻮﺧﺘﻰ: «ﻳﯜەن ﺳﯘلاﻟﯩﺴﯩﺪا ﺋﯚﺗﻜﻪن ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪر»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1991-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎي ﻧﻪﺷﺮى،178-، 180-، 185-، 186-ﺑﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[40] ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1998-ﻳﯩﻠﻰ 10-ﺋﺎﻳﺪا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯘﻗﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ 337-، 346-، 348-ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[41] «ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ۋە ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﻳﯘرﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﺎرﯨﺨﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 509-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[42] رﯦﺸﺎت ﮔﻪﻧﺞ: ««ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠلار دﯦﯟاﻧﻰ» دﯨﻦ 11-ﺋﻪﺳﯩﺮدﯨﻜﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻧﻪزەر»، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2010-ﻳﯩﻠﻰ 12-ﺋﺎي ﻧﻪﺷﺮى، 599-، 602-ﺑﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[43] «ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯘﻗﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 348-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[44] ﺗﺎلات ﺗﻪﻛﯩﻦ: «ﺋﻮرﺧﻮن ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﯩﺮى»، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2009-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎي ﻧﻪﺷﺮى، 38-، 157-ﺑﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[45] «ﺗﯩﻞ ۋە ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 1996-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 2-ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎن «ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚز ﻳﺎﺳﺎش ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن، 10-ﺑﻪت.

[46] ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ2005-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮى، 186-، 196-، 197-ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[47] ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2003-ﻳﯩﻠﻰ 5-ﺋﺎﻳﺪا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن.

[48] ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1993-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﺪا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ-ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﻪر ﻧﺎﻣﻠﯩﺮى» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻟﯘﻏﻪﺗﻨﯩﯔ 418-، 437-ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[49] «ﺋﯩﻠﻰ دەرﻳﺎﺳﻰ» ژۇرﻧﯩﻠﻰ 2013-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 3-ﺳﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎن ﭘﻮلات ﺑﯘرﮬﺎﻧﻨﯩﯔ ««ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪت ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ» ۋە ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرﻟﯩﺮﯨﻐﺎ داﺋﯩﺮ ﺑﻪزى ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[50] «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2004-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 2-ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎن «ﺑﺎﻳﺮام ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

ﻳﯩﻠﻰ 5-ﺋﺎﻳﺪا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن.

[48] ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1993-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﺪا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ-ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﻪر ﻧﺎﻣﻠﯩﺮى» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻟﯘﻏﻪﺗﻨﯩﯔ 418-، 437-ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[49] «ﺋﯩﻠﻰ دەرﻳﺎﺳﻰ» ژۇرﻧﯩﻠﻰ 2013-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 3-ﺳﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎن ﭘﻮلات ﺑﯘرﮬﺎﻧﻨﯩﯔ ««ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪت ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ» ۋە ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرﻟﯩﺮﯨﻐﺎ داﺋﯩﺮ ﺑﻪزى ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

[50] «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2004-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 2-ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎن «ﺑﺎﻳﺮام ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ