كارىز ئاتالغۇسى ھەققىدە مۇلاھىزە – بىر گۇرۇپپىسى – ئىزدىنىش تورى

 

كارىز ئاتالغۇسى ھەققىدە مۇلاھىزە

غوپۇر نۇرىدىن تولمبۆك

ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

 

كارىزنىڭ ئىسمى كارىز. زېمىنىمىزدا 2000 يىلدىن بېرى ئۆزىنىڭ زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلىرى بىلەن تۇرپان-قومۇل ئويمانلىقىدىكى بوستانلىق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان بۈيۈك يەر ئاستى سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ خاس نامى. بۇ نام ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ جانلىق تىلىدا يۇرتلار ئارىسىدىكى يىراقلىق، چۈشىنىش جەھەتتىكى پەرقلەر تۈپەيلىدىن ئايرىم يانداش ئۇقۇملارنى ئاڭلاتقانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىدە مەخسۇس ئەنە شۇ ئۇلۇغ يەر ئاستى سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ خاس نامى شەكلىدە قوللىنىلىدۇ. تۇرپان قومۇل دېھقانلىرىنىڭ ئېڭىدا «كارىز» يەر ئاستى سۈيىنى ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان ئۇدۇم ھۈنەر بىلەن يەر يۈزىگە باشلاپ چىقىپ، دېھقانچىلىق قىلىپ يەر سۇغۇرىدىغان، ئادەم ۋە مال-ۋارانلارنىڭ ئىچىملىك سۈيىنى ھەل قىلىدىغان، بوستانلىق بەرپا قىلىپ ۋە كېڭەيتىپ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلاپ ئاسرايدىغان ئەنە شۇ يەر ئاستى سۇ قۇرۇلۇشىدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئۇقۇمنى ئاڭلاتمايدۇ. ھالبۇكى، كۆپۈنچە ھاللاردا كارىز ھەققىدىكى تەتقىقات، بەس-مۇنازىرە، ۋە چۈشەندۈرۈشلەردە ھە دىگەندىلا ئۇيغۇر تىلىدىكى ھېچقانداق مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بۇ بىر چىرايلىق ئىسىمنى باشقا تىللارغا زورمۇزور باغلايدىغان، بۇ سۆزنىڭ مەنبەسىنى بىر ئاماللارنى قىلىپ باشقا تىللارغا باغلىۋالالىسا گۆھەر تېپىۋالغاندەك خوشال بولۇپ كېتىدىغان خاھىشلار مەۋجۇت. بۇ كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. مەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئۆزەمنىڭ كارىزلارنى ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەش ۋە تەتقىقات پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، كارىز ھەققىدىكى ناھايىتى مول ماتېرىياللارنى رەتلەش، كارىزلارنى قوغداش پىلانلىرىنى تۈزۈش ئىشلىرىغا قاتنىشىش، كارىز ھەققىدە ئويلىنىش، بولۇپمۇ تۇرپان قومۇل دېھقانلىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچرۇشۇپ سۆزلىشىش جەريانلىرىدا بۇ نوقتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئۇقۇمۇشلۇق، ھۇش-كاللىسى جايىدا، كارىزلاردىن ئەۋلادمۇ ئەۋلات بەھىرلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى چىن مەنىسى بىلەن چۈشىنىدىغان، كارىزنىڭ ھاياتلىققا قوشقان تۆھپىسى ئالدىدا ئۇنىڭ جاپالىرىنىڭ ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيدىغان، ئومۇمەن كارىزغا چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببەت باغلىغان دېھقانلارنىڭ قەلب سادالىرىنى ئاڭلىدىم. شۇ سەۋەپتىن ئۆزەمنىڭ بۇ ھەقتە ھېس قىلغانلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۆزەمنىڭ بۇرچۇم دەپ قارىدىم.

«كارىز» سۆزى ھەققىدە ئويلىنىش جەريانىدا مەن مۇنداق 3 تۈرلۈك مۇھىت بىلەن ئۇچراشتىم: بۇنىڭ بىرىنچىسى، دېھقانلارنىڭ تىل مۇھىتى؛ ئىككىنچىسى، ھازىر بىز قوللىنىۋاتقان تۈرلۈك لۇغەتلەر؛ ئۈچۈنچىسى، تەتقىقات نەتىجىسى سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر.

مەن بۇ يەردە«دېھقانلارنىڭ تىل مۇھىتى» دېگىنىمدە تۇرپان قومۇل ئويمانلىقىدا ئەۋلادمۇ-ئەۋلات كارىز كولاپ، كارىز بىلەن سىردىشىپ، ئۇنىڭدىن نەپ ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشلىق، سالامەتلىك، ھەتتا ھايات بەدەللىرىنى تۆلەپ ياشاپ كېلىۋاتقان دېھقانلارنىڭ «كارىز» سۆزىنى قانداق تەلەپپۇز قىلىدىغانلىقى، بۇ سۆز ئارقىلىق نېمىنى ئاڭلىتىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق يانداش مەنىلەرنى ئاڭلىتىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتتۇم. نەتىجىدە بۇ نۇقتىدا جاۋابنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ۋە ئاددىيلىقىنى كۆردۈم. يەنى:

1- «كارىز» سۆزى ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە سۆز،  «كارىز» نى بىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق زىت مەنە ۋە يىراق مەنە ئاڭلاتمايدۇ.

2- تۇرپان قومۇل ئويمانلىقىدا «كارىز» سۆزى فونېتىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا مەيلى تەلەپپۇز ياكى ئۇرغۇدا بولسۇن ياكى يېزىقتا بولسۇن ئەينەن قوللىنىلىدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئېغىز تىلى ۋە يېزىق تىلىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلماي ئەينەن قوللىنىلىدۇ.

3- «كارىز» سۆزى تۇرپان قومۇل ئويمانلىقىدىن باشقا قىسمەن جايلاردا «ئويمان”، «كاتتاڭ»، «ئازگال» قاتارلىق مەنىلەرنى ئاڭلىتىشقىچىلا كېڭەيگەن. ئەكسىچە قىلىپ ئېيتقاندا، «كارىز» سۆزى «ئويمان»، «كاتتاڭ»، «ئازگال» دېگەن مەنىلەرنى ئاڭلىتىشتىن «كارىز» مەنىسىنى ئاڭلىتىشقىچە كېڭەيگەن دېسەكمۇ بولىدۇ، كارىزدىن ئبارەت بۇخىل «يەر ئاستى قانال ئادەتتە بۇلاق بويلىرىدىن ياكى يامغۇر سۈيى توختاپ قالغان ئازگاللاردىن بىنا قىلىنغان، كىشىلەر يەر يۈزىدە يىگىرمە نەچچە مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ بىر- ئىككى مېتىر ئەتراپىدا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭقۇر تىك قۇدۇق قازغان، تىك قۇدۇق بىلەن تىك قۇدۇقنى بولسا تەكشىلىكى يەر يۈزى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش كېلىدىغان تەشمە بىلەن تۇتاشتۇرغان، بۇ تەشمىلەر تىك قۇدۇقلارنى تۇتاشتۇرۇپ تاكى ئېتىزلارغا ۋە باغلارغا يېتىپ بارغىچە داۋاملاشقان، سۇ بولسا تەشمە ئىچىدە شىلدىرلاپ ئېقىپ يەر ئاستى قاناللارنى شەكىللەندۈرگەن». ①

مانا بۇ تۇرپان قومۇل ئويمانلىقىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تىل مۇھىتىدىكى «كارىز» سۆزىنىڭ قوللىنىلىش ئەھۋالى. «كارىز» سۆزى ئۇيغۇر تىلىدا ئۆزىنىڭ زامان-زامانلار مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ماددى شەكلى «كارىز» بىلەن بۇ زىمىندا ئەنە شۇنداق ئىجىل، ئىناق مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكى، بولۇپمۇ كارىز بارلىققا كەلگەندىن كېيىن ئاندىن كارىز ئاتالغۇسى بارلىققا كەلگەنلىكى ناھايىتى ئاددى بىر ھەقىقەت.

«كارىز» سۆزىنى يوقۇرىدىكىدەك سۆز مەنىسى، يەنى لېكسىكىلىق مەنە ئاڭلىتىش جەھەتتىكى ئاددى ھالىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈش كىپايە قىلمايدۇ. بۇنى يەنە سۆزنىڭ ياسىلىشى ۋە سۆز يىلتىزى يەنى ئېتمولوگىيە نۇقتىلىرىدىن ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ.

مەن «كارىز» سۆزى ئۇيغۇرتىلىدىكى «كار» بىلەن«ئىز» دىن ئىبارەت ئىككى سۆزدىن تەركىپ تاپقان دەپ قارايمەن. بۇ نۇقتىلارنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مەن يوقۇرىدا دەپ ئۆتكەن «مۇھىت» لاردىن ھازىر بىز قوللۇنىۋاتقان تۈرلۈك لۇغەتلەر ۋە تەتقىقات نەتىجىسى سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر دىگەن ئىككى مەزمۇننى بىرلەشتۈرۈپ بايان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە، بىز مۇلاھىزە قىلىۋاتقان «كارىز» سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 6 سۆز بار، بۇلار «كار»، «ئىز»، «كارىز»،  «كارىزچى»، «كارىزچىلىق»، «كارىزلىق» ② قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. «كارىز»سۆزىنى«‹كار› بىلەن ‹ئىز› نىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن سۆز» دىگەن ئۇقۇمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۇ ئىككى سۆزنى ئايرىم-ئايرىم چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە «كار» دېگەن سۆزگە ئىش، مۇناسىۋەت، چاتاق، كېكىرگەن ئاۋاز دەپ تەبىر بېرىلگەن. مەسىلەن: كارخانا سۆزى مۇشۇ يەردىكى «كار» بىلەن«خانا»دىن تۈزۈلگەن؛ بىكارچى سۆزى يوقلۇقنى بىلدۈرىدىغان ئالدى قوشۇمچە «بى»نىڭ ئالدىغا قوشۇلۇشى ۋە «كەسىپ»نى بىلدۈرىدىغان«چى» قوشۇمچىسىنىڭ ئارقىغا قوشۇلۇشىدىن تۈزۈلگەن؛ «بىكار» سۆزىمۇ شۇنداق، بۇنىڭدىن باشقا «خىزمەتكار»، «ھەۋەسكار»، «جەلىپكار»، «ئەيىپكار»، ئىجاتكار”، «خىيانەتكار»، «ئىسيانكار»«جىنايەتكار». . . قاتارلىق سۆزلەر بولسا مەلۇم بىر ئىسىمغا ئىگىلىك قوشۇمچە ئورنىدا كەلگەن «كار» نىڭ قوشۇلۇشىدىن تەركىپ تېپىپ قىلغۇچى، شۇغۇللانغۇچى دىگەن تەۋەلىكنى ئېنىق بىلدۈرگەن، بۇنداق سۆزلەردە«كار»ئادەتتە ئارقا قوشۇمچە بولۇپ كېلىدۇ؛«كارداڭ ئادەم») تۇرپان شىۋىسىدە ‹كاردان ئادەم›دەيدۇ (، «بىكار تەلەت»، «كارىم يوق»، «كارى چاغلىق»، «بىكاردىن»، «كارى بولمىدى»، «كاردىن چىقتى»، «كارغا كەلدى»، «كار قىلدى»، «كار قىلىپ كېكىردى» بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك بىرلا «ئىش»، ياكى شۇ ئىشنى كەسپ قىلىش دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىدۇ، ئايرىملىرى بىر ئىش بىلەن يەنە بىر ئىش ئوتتۇرسىدىكى مەلۇم مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى بىرسى پەقەتلا ئاۋازغا تەقلىت قىلىنغان. يەنە بىر قىزىقارلىق يېرى شۇكى، خەنزۇ تىلىمۇ «كار» سۆزىنى ئۇيغۇر تىلىدىن ئەينەن قوبۇل قىلىپ «白卡尔的话» بىكار گەپ(«新疆白卡尔» شىنجاڭلىق بىكارچى) دىگەن سۆزلەرنى ياسىغان، بۇ سۆزلەرنى شىنجاڭدىكى يەرلىك خەنزۇلار ھازىرمۇ ئىشلىتىدۇ. ئۇلار بۇ سۆزنى پارس تىلىدىن ئەمەس بەلكى مۇشۇ زىمىندا ئۆزلىرى بىلەن ئىناق ـ ئېجىل ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ئادەتتە ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان، مەزمۇنى ئېنىق ئېغىز تىلىدىن قوبۇل قىلغان، بۇمۇ خۇددى «كەتمەن»، «پىياز»، «لوبو» دىگەن سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچىدىن خەنزۇچىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىغا ۋە شۇنداقلا «بەيسەي»، «جۆتو»، «داشۇې» دېگەن سۆزلەرنىڭ خەنزۇ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىغا ئوخشاشلا بىر ئىش. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، كار سۆزى ئۇيغۇرچە سۆزدۇر. ئەگەر«كار» سۆزىنى «لۇغەت» تە دىيىلگىنىدەك «پارس تىلىدىن كىردى » دەپ پەرەز قىلغان تەقدىردىمۇ (ئەگەر كىرگەن بولسا) ئاللىقاچان ئۇيغۇرتىلىغا ئۆزلىشىپ كەتكەن، ھەتتا ئىنتايىن مول مەنىلەرنى ئاڭلىتىپ ۋە رەڭدار فونىتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىنتايىن تىپىك بولغان ئاھاڭداش سۆزلەردىن بىرى بولۇپ قالغان. مېنىڭ ھەيران قالىدىغىنىم شۇكى، بىز «كار» ياكى «كارىز» سۆزىنى پارس تىلىدىن كىرگەن دېگەن چېغىمىزدا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدىن پارس تىلىغا كىرگەنمۇ قانداق دېگەن مەسىلىنى ئويلاپ كۆرمەيمىز؟ «كار» ۋە «كارىز»سۆزىنى ئاختۇرۇپ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دىن باشقا يەنە خىلمۇ-خىل لۇغەتلەرنىمۇ كۆرۈپ باقتىم: «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت» ③ تە «كارىز» سۆزىنى «ئۇچە-بۇچە»دېمەپتۇ؛ «خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە لۇغەت» ④ تىمۇ «ئۇچە-بۇچە» دېمەپتۇ؛ خەنزۇچە «ئوكيانۇس»⑤辞海) دىمۇ «ئۇچە-بۇچە»دېمەپتۇ؛ «ئۆزبەك تىلى لۇغىتى» ⑥ دىمۇ «ئۇچە-بۇچە» دېمەي، ئۆزبەك تىلى دەپتۇ، «پارسچە-خەنزۇچە لۇغەت» تىمۇ ⑦ «كارىز» سۆزىنى «ئۇيغۇرچە» دىمىگىنىگە ئوخشاش، «كىتاب»، «كاباب» سۆزلىرىنىمۇ ئەرەپچە، ياكى تۈركچە دېمەپتۇ؛ خەنزۇ تىلىغا ئائىت لۇغەتلەردىمۇ «坎土曼»، «坎儿井» دېگەن سۆزلەرنى «ئۇچە-بۇچە»دېمەي پەقەت خەنزۇ تىلى قاتارىدا چۈشەندۈرۈپتۇ. ⑧

ئۇنىڭدىن باشقا ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تىللىرىمۇ ئۆز-ئارا يېقىن تىللار بولغاچقا، ئۇلاردىمۇ بىر-بىرى بىلەن ئورتاق لۇغەت تەركىۋى مەۋجۇت. مەن بۇنۇقتىنى ئسپاتلاش ئۈچۈن ئېنگىلىزچە لۇغەتلەردىكى ئۆزەم بىر قەدەر تىپىك دەپ قارىغان«كوممۇنىزىم»، «كاپىتالىزىم»، «ۋاسكىتبول»، «ۋالىبول»، «فۇتبول»، «خەند»(قول)، «پولىسې» دېگەن سۆزلەرنى كۆرۈپ باقتىم، گەرچە بۇ سۆزلەر ئېنگىلىز تىلىدىن باشقا ياۋروپا تىللىرىدىمۇ ئوخشاشلا مەزمۇندا قولىنىلىدىغان بولسىمۇ، ھەتتا بەزىلىرى باشقا تىللاردىن ئېنگىلىز تىلىغا كىرگەن بولسىمۇ يەنىلا «ئۇچە – بۇچە» دىيىلمىگەن، پەقەت «ئېنگىلىز تىلى» ئىكەنلىكىنىلا بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. ⑨كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ياۋروپادىكى باشقا تىللارمۇ بۇ سۆزلەرنى ئىزاھلىغاندا «ئۇچە بۇچە» دەپ ئولتۇرمايدۇ.

بىر مىللەتنىڭ لۇغەت تەركىۋىدە يۈز يىللاپ مەۋجۇت بولۇش تۇپرىقىنى تاپقان، ھەتتا سۆز بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ گىراماتىكىسىدا مول، رەڭدار مورفولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ئۈنۇملۈك، پۈتۈن مىللەت شەرتسىز ئۆز تىلىمىز دەپ ئېتىراپ قىلىپ بىمالال ئشلىتىدىغان «كارىز» غا ئوخشاش سۆزلەرنى ھېلىغىچىلا «ئۇچە بۇچە»دەپ ئولتۇرۇش كىشىگە ھېچقانداق قايىل قىلىش تۇيغۇسىنى بېرەلمەيدۇ.

شۇڭا «كارىز» سۆزىنىڭ بىرىنچى بوغۇمى بولغان «كار» سۆزى ئۇيغۇر تىلىدىكى مانامۇشۇ «ئىش» مەنىسىنى ئاڭلىتىۋاتقان «كار» دىيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز. بۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تىل مۇھىتىدا ۋە لۇغەت مۇھىتىمىزدىمۇ يېتەرلىك ئاساسلارغا ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى روشەنلەشتۇردى.

«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە «ئىز» دېگەن سۆزگە ئاھاڭداش سۆز قاتارىدا 12 خىل مەنە بىلەن تەبىر بېرىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 يەردە كۆچمە مەنىسى بولۇپ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەت «ئىزنا» ۋە «ئىز» نىڭ يېقىن قوشنا مەنىلىرىنىلا ئاڭلاتقان. دېمەك، «ئىز» نىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىدىغان غول مەنىسى پەقەتلا شۇ «ئىز» نىڭ ئۆزى. بىز مۇلاھىزە قىلىۋاتقان «كارىز»سۆزىنىڭ ئىككىنچى بوغۇمى بولغان «ئىز» نى مەن مانا مۇشۇ لۇغەت مەنىسىنى ئاڭلىتىۋاتقان «ئىز» نىڭ دەل ئۆزى شۇ دەپ قارايمەن. دېمەك بۇنىڭدىن «كار»دېگەن «ئىش»، «ئىز» دېگەن ئىزنا، «كارىز»دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى لۇغەت مەنىسى «ئەجدادلارنىڭ ئىشىدىن قالغان ئىز» دېگەن سۆز، دېگەن خۇلاسە تەبئىلا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەن 2001-يىلى 8- ئايدا نەشىر قىلدۇرغان كارىز ھەققىدىكى رەسىملىك كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى «كارىز ئەجدادلاردىن ئىز » دەپ بېكىتكەندە تېخى بۇنچىلىك چوڭقۇر ئويلاشقا ئۈلگۈرمىگەن ئىدىم، ئەمما بۇئسىم ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئۇنى نۇرغۇن تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئەينەن قوللىنىپ كەلدى. مەن بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا بۇنچىلىك تېز ۋە ئەينەن قوبۇل قىلىنىلىشىدىكى سەۋەبىنى يەنىلا بۇ ئىسىمدىكى «ئىز» سۆزىنىڭ تىل پىسخولوگىيىسى نۇقتىسىدىن «كارىز» سۆزىدىكى «ئىز» سۆزى بىلەن شەرتسىز بىرلىك بولۇپ مەيدانغا چىقالىغانلىقىدا دەپ قارايمەن. تۇرپان قومۇل دېھقانلىرى 2000 يىل مابەينىدە تۇرپان قومۇل ئويمانلىقىدەك مۇشۇنداق يىللىق يېغىن مىقتارى ئاران 16 مىللىمېتىر، ئەمما پارغا ئايلىنىش مىقتارى 3000 مىللىمېتىر كېلىدىغان ئنتايىن قۇرغاق رايوندا تەبىئەتتىن كارىز مۆجىزىسى ئارقىلىق سۇ ئېلىپ بوستانلىق ۋە بوستانلىق مەدىنىيىتىنى بەرپا قىلىش جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ «بى+كار+چى»لىق قىلماي ئەمگەك (ئىش، كار) قىلىپ ئۇنىڭدىن «ئىز» لارنى، يەنى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن كارىزلارنى قالدۇرغان. بۇنۇقتىنى ئىسپاتلاشقا بىز بىلىدىغان كارىز چېپىش ئەمگىكىنىڭ ئېغىرلىقى، ۋاقىتسىز قېرىپ كەتكەن كارىزچى بوۋايلارنىڭ رىماتىزىم كېسىلى دەردىدىن تارتىۋاتقان ئازاپلىرى، ئارغامچا بىلەن 80-90 مېتىر چوڭقۇر تىك قۇدۇققا چۈشكىچە ئاغامچا ئۈزۈلۈپ، ياكى ئاغامچا تارتىدىغان كالىلار قويۇپ بېرىپ ۋە ياكى باشقا ئاللىقانداق  سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان نۆۋەر يىگىتلەرنىڭ ياشلىق ۋە ھايات بەدىلى، تەشمە چېپىش جەريانىدا «گۈپ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ جەسىدى قارا تۇپراق ئاستىدا قالغان يىگىتلەر، تەشمىدىن چىقىش ئېغىزى ئۆرۈلۈپ تەشمىنىڭ ئىچى تەرىپىدە قېلىپ ھاۋا يېتىشمەي ئۆلۈپ كەتكەن باتۇرلار، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك مەجروھ ناكار بولۇپ يېتىشى. . . كارىز ئۈچۈن تۆلەنگەن بۇ بەدەللەر ئەنە شۇ «ئىز» ئەمەسمۇ؟ ئۇلاردىن قالغان كارىزلار ئەنە شۇلارنىڭ «ئىش»، «ئەمگەك» لىرىنىڭ ئۆچمەس ئىزنالىرى ئەمەسمۇ؟

لۇغەتلەردە «كارىز»دىن باشقا يەنە «نان» سۆزىنىمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى تارىخنىڭ 3000 يىلدىن ئارتۇق بولغىنىغا قارىماي «پارسچە» دەپ ئالغان، ⑩ ھەتتا «ئارپا» سۆزىنىمۇ «ھنىدىچە»دەپ ئالغان⑪، ئۇيغۇر تىلىغا ئائىتلىكى بولغان لۇغەتلەردىكى بۇ ھادىسىلەرنى كۆرگەندە مەن ئۆزىمىزنىڭ تىلىمىزدىكى شۇنچە چىرايلىق سۆزلەرنىڭ قايسى تىلدىن كىرگەنلىكىنى تەتقىق قىلىپ تېپىشقا بولغان ھېرىسمەنلىكىمىز ۋە ماھىرلىقىمىزغا ھەيران قالدىم. مۇشۇ لوگىكا بويىچە تەپەككۈر قىلغاندا ئۇيغۇر تىلى دىگەن سۆزدىكى «تىل»دىگەن سۆزنىمۇ ئېنگىلىز تىلىدىن كىرگەن، دىگەن «پەرەز»نى ئوتتۇرىغا قويالايمىز، چۈنكى ئېنگىلىز تىلىدا «ماڭا دەپ بەرگىنە» دىگەن مەنىدىكى «tell me» دېگەن سۆزدىكى « tell »نى تەلەپپۇز قىلىشتىكى مەلۇم ئوخشاشلىققا قاراپلا ئۇيغۇر تىلىغا ئېنگىلىزچىدىن كىرىپ «تىل» بولغان دېسەك بولىۋېرىدۇ ئەمەسمۇ؟ نەتىجدە مەن ناھايىتى چوڭقۇر بىر پاجىئەلىك ھېسىياتقا كېلىپ قالدىم: ئەگەر ئۇيغۇر تىلىدىن بۇ «ئۇچە بۇچە» دەپ مۆھۈر بېسىلغان سانسىزلىغان لېكسىكىلىق تەركىپلەرنى چىقىرىپ تاشلىغاندا ئۇيغۇر تىلى يەنە مەۋجۇت بولالامدۇ؟ ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر تىلى سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە ئېغىز ئاچالامدۇ؟

ئۇنىڭدىن باشقا «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە «كارىز» سۆزىگە بېرىلگەن ئىزاھتا«ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىجاد قىلغان يار ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش قۇرۇلمىسى» دەپ ئاددىلا چۈشەنچە بېرىلگەن. ھالبۇكى مەزكۇر چۈشەنچە گەرچە كارىزنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغاندا ئاددى بولۇپ قالغان بولسىمۇ «ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىجادىيىتى» دېگەن ئۇقۇمنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. تۇرپان قومۇل ئويمانلىقىدا كارىزدىن ئىبارەت بۇ مۆجىزىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ئەلبەتتە «كارىز» دېگەن سۆزنىڭ، يەنى لېكسىكىلىق بىرلىكنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا بارلىققا كېلىپ تا ھازىرغىچە قوللۇنۇلۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ ئەڭ قايىل قىلارلىق ماددى ئاساسى. بۇ يەردە يەنە شۇنى قەيت قىلىشقا توغرا كېلىدۇكى، تۇرپان قومۇل ئويمانلىقىدا ئىجاد قىلىنغان كارىزنىڭ «كارىز» دېگەن بۇ نامى يەككە-يىگانە بىر ناملا ئەمەس، بەلكى بىر يۈرۈش ئۆز ئالدىغا نام-ئىسمى بار ۋە ئالاھىدە جىسمىمۇ بار ماددى مەۋجۇدىيەتنى ئۆزىگە ئاساس قىلغان. كارىز قۇرۇلمىسىنىڭ ھەر قايسى ماددى بۆلەكلىرىنىڭ ھالىتىنى ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۇرگەن ئاتالغۇلارنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

تىك قۇدۇق،   قۇدۇق ئاغزى، قۇدۇق تۈۋى، چۆكمە، تىلما، تىلمائاغزى، تەشمە، تەرلەڭگە، كۆز، توقاچىقىش، چىشلىشىش، كولو، تاماق، ئېرىق، كارىزكۆلى، توما، چۈشۈرگە، قارغو تەشمە. . . ۋاھاكازالار، مانامۇشۇ ئاساسلار، شۇنداقلا ئەڭ كۆپ بولغان دەۋىردە 1784 كارىز مەۋجۇت بولغان مۇشۇ زىمىننىڭ كارىزنىڭ ئىجاد قىلىنغان جايى ئىكەنلىكىنى ۋە «كارىز » سۆزىنىڭ شەكسىز ئۇيغۇرچە سۆز ئىكەنلىكىنى تولۇق ئسپاتلايدۇ.

مېنىڭچە دەۋرىمىز تەرەققى قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ھەممە ئىشلاردا «دەۋىر بىلەن تەڭ تەرەققى قىلىش»، ئىلمى تەرەققىيات كۆز قارىشى تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان شارائىتتا تىل تەتقىقات ئىشلىرىمىزدىمۇ دەۋىرگە ماس ھالدا تەرەققى قىلىشىمىز، كونا ئاڭلارنىڭ ئاسارىتىدىن مەردانىلىق بىلەن قۇتۇلۇپ يېڭىچە تەتقىقات ئېڭى ۋە ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشىمىز غا توغرا كېلىدۇ دەپ قارايمەن.

يوقۇرىدا مەن «كارىز»سۆزى ھەققىدە دېھقانلارنىڭ تىل مۇھىتى ۋە لۇغەتلەردىكى ئەھۋاللار ئارقىلىق ئانچە چوڭقۇر بولمىسىمۇ «كارىز» سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە سۆز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتىم، ئەمدى مۇشۇنچىلىك ئاساسلار ئۈستىگە تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىنى يەنە بىر بىرلەپ ئانالىز قىلىپ بىرىنى قوللاپ، يەنە بىرىگە رەددىيە بېرىپ ئولتۇرۇشنى ئارتۇقچە دەپ ئويلىدىم، چۈنكى، يوقۇرىدىكى مۇلاھىزىلىرىم بولغاندىكىن تۆۋەندە پەقەت ئۆزەم ئۇچراتقان تەتقىقات ماقالىلىرىدىكى ھەر خىل كۆز قاراشلارغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان نېگىزلىك مەزمۇنلارنى ئەينەن كۆچۈرۈپ نەقىل كەلتۈرۈپلا قويسام مۇلاھىزىداشلىرىم ئۆزلىرى ئاڭقىرىۋالىدۇ دەپ ئىشەندىم:

ۋاڭ خېتىڭ ئەپەندى«كارىز» سۆزىنى قەدىمكى تۈركى تىل دېگەن كۆز قاراشنى ياقلاپ مۇنداق مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ «. . . پارس(ھازىرقى ئىران) دۇنيادا كارىز ئەڭ كۆپ دۆلەت، ئېيتىشلارغا قارىغاندا 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەن. بەزىلەر بۇرۇن ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ كارىز باشقا ھەر قايسى جايلارغا تارقالغان بولغاچقا شۇ قاتاردا شىنجاڭغىمۇ تارقىلىپ كەلگەن بولىشى مۈمكىن دەپ پەرەز قىلىدۇ. شىجاڭنىڭ ئىپەك يولىنىڭ مەركىزى ۋە قەدىمدە شەرق بىلەن غەرپ مەدىنىيىتىنىڭ ئۇچراشقان جايى بولغانلىقىدىن ئىبارەت مۇشۇ تارىخى پاكىتنى ئاساس قىلىپ تەكشۈرگەندە جوڭگونىڭ قەدىمقى مەدىنىيىتى مۇشۇ يەردىن غەرپكە تارقالغان بولىشى مۇمكىن؛ ئەمدى شىنجاڭ كارىزلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشىدىمۇ ئەلۋەتتە قەدىمقى ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا، بولۇپمۇ پارسلارنىڭ تەسىرىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. ئەمما بۇنىڭ بىلەنلا چوقۇم ئىراندىن كەلگەن دىگىلى بولمايدۇ، ئەگەرچوقۇم ئىراندىن كەلگەن دىيىلسە، ئۇنداقتا قاچان كەلگەن، قانداق كەلگەن، ئالدى بىلەن شىنجاڭنىڭ نەرىدىن باشلانغان دىگەن مەسىلىلەردە ئېنىق پاكىتلار يېتەرسىزلىك قىلىدۇ. بەزىلەر شىنجاڭدىكى يەر ناملىرى ئىچىدە «波斯»(پوسكام) دىگەن نامنىڭ بارلىقى بىلەنلا ئىسپاتلاپمۇ باققان. (坎) خېتىنىڭ خەنزۇچە 坎儿井 دىكى‹坎› بىلەن بىرخەتلىكىگە قاراپلا، ئاپتوردىن) شۇنداق، جەنۇبى شىنجاڭدا پوسكام ناھىيىسى بار، يەرلىك نامى puska پۇسكا (‹پوسكام›نىڭ خاتا تەلەپپۇز قىلىپ قېلىنىشى، ئاپتوردىن). بۇ ناھىيىدە پوسكام (波斯坎) دىگەن بىر يېزا بار، پوسكام (波斯坎) دىگەن بىر ئۆستەڭمۇ بار. مەن يەرلىك نۇرغۇن ئادەملەردىن سوراپ كۆردۈم، بۇ تەل- تۆكۈس ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ زادىلا «پارس كارىزى» دىگەن مەنىنى ئاڭلاتمايدىكەن. پوسكام ناھىيىسى جەنۇبى شىنجاڭدىكى چوڭ دەريا ـ زەرەپشان دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان بولۇپ تېرىتورىيىسىدىكى يەر ئاستى سۈ يۈزى يوقۇرى، سۇ بايلىقى، يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى سۇلىرى ناھايىتى مول. شۇ يەرنىڭ تەبىئى شارائىتىدىن قارىغاندا كارىزغا ئېھتىياجى چۈشمەيدۇ، كارىز كولىشىمۇ مۈمكىن ئەمەس. دىمەك كارىز دىگەن بۇ ئىسىمدىن قارىغاندىمۇ ئۇنىڭ ئىران بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تىلىدا ‹كارىز› دەيدۇ. ئاڭلىسام قەدىمى تۈركى تىلدا ‹كا›نىڭ مەنىسى ‹قۇدۇق› ئىكەن، ‹رىز›بولسا ئېقىن سۇ ئىكەن. . . . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئىراندائەڭ دەسلەپتە كارىزنى ‹ماردارچا›(mardarcha) دىگەن بولسا ھازىر ‹قانات›(canat)دەيدىكەن، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تىلىدا سىرتتىن كىرگەن نەرسىلەرنىڭ ئەسلى ئىسمىنى ئۆز پېتى ساقلاپ قالىدىغان ئادەت بار، مەسىلەن تاماق يىگەندە ئىشلىتىدىغان چوكىنى ‹كويزا›، ئاوتوموبىلنى ‹ماشىنا› دىگەندەك. ئەگەر شىنجاڭدىكى كارىزلار تارىختا ئىراندىن كىرگەن بولسا پارسچىدىكى ئەسلى ئىسمىنى ساقلاپ قېلىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سۇ رايى گىئولوگىيە ئالىمى B. H. كۇنىن شىنجاڭ تۇرپاندىكى كارىزلارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دىگەن ئىدى:‹شىنجاڭدىكى كارىزلار ئىراندىكى بىلەن ئوخشىمايدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەن›(جوڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى نەشرىياتى‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەبىئى شارائىتى›ئىلمى ماقالىلەر توپلىمىغا قارالسۇن)بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى شىنجاڭدىكى كارىزلارنىڭ مەنبىئى ئىراندا دىگەن گەپنىڭ تېخى ئېنىق ئاساسى يوق. »⑫

خۇاڭ شېڭجاڭ ئەپەندى مۇنداق بايان قىلىدۇ:«كەن ئېر جىڭ –坎儿井 ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹كارىز›نىڭ ئاھاڭ ۋە مەنە تەرجىمىسىدىن كەلگەن. ئەڭ دەسلەپ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋاقىت جيا چىڭنىڭ12-يىلى بولۇپ، خېنىڭنىڭ دوكلاتىدا كار‹卡尔› دەپ ئېلىنغان. داۋگۇاڭنىڭ19-يىلى ليەن جىڭنىڭ دوكلاتىدا قىسقارتىلىپ كار‹卡尔›دەپ ئېلىنغان. داۋگۇاڭنىڭ25-يىلى لىن زېشۈ يارغولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ تۇنجى قېتىم كارىزنى كۆرۈپ‹ئۇنىڭ ئىسمىنى سورىسام كاجىڭ 卡井دېدى›دەپ خاتىرە قالدۇرغان. گۇاڭ شۈنىڭ6-يىلى زوزوڭتاڭ دوكلاتىدا كەن جىڭ坎井 دەپ ئالغان. . . يوقۇرقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىلىدىكى كارىزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى ياكى قىسقىچە تەرجىمىسى، كېيىن ئۇنىڭ ئاخىرىغا خەنزۇچە‹井› خېتى قوشۇلۇپ تىك قۇدۇقنى ئىپادىلىگەن. ئەمەلىيەتتەكارىز بىلەن خەنزۇ تىلىدىكى تىك قۇدۇق ‹直井›پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل سۇ قۇرۇلۇشى، بىراق خەنزۇ مەدەنىيىتىدە كارىز بولمىغاچقا، ئامالسىز ئۇنىڭغا يېقىن بولغان‹井›سۆزىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلدى. ئۇيغۇر تىلىدىكى كارىز بىلەن پارس تىلىدىكى كارىزنىڭ ئوقۇلۇش ئاھاڭى ۋە تەلەپپۇز قىلىنىپ يېزىلىش شەكلى تامامەن ئوخشاش. . . . كېيىن غەرىپلىك كىشىلەر تۇرپانغا كېلىپ خەرىتە سىزغان ياكى خاتىرە قالدۇرغان. ئۇلار يەرلىك كىشىلەرنىڭ تەلەپپۇزىغا ئاساسەن، كارىزنى ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە kariz/karez دەپ ئالغان. . . ئۇلارنىڭ خاتىرىلىگىنى پارس تىلىدىكىkarez بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش. مۇشۇلا مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ، لېكىن بۇ سۆز تۈركىي تىلمۇ ئەمەس، ئۇيغۇر تىلىمۇ ئەمەس، 11-ئەسىردە ئۆتكەن مەھمۇد كاشغەرى‹تۈركىي تىللار دىۋانى›دا بۇسۆزنى خاتىرلىمىگەن. ئەينى ۋاقىتتا كارىز ئۆتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كەڭرى تارقالغان. ‹karez ›سۆزى ئەڭ دەسلەپ پارس ۋە ئەرەپ مەدەنىيەت مىراسلىرىدا ئىشلىتىلگەن. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بۇنى ئۇقماسلىقى مۈمكىن ئەمەس. ئەگەر‹karez› سۆزى تۈركىي تىل بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›دا بۇ سۆزنى تاشلاپ قويمىغان بولاتتى. . . . كارىز- ‹karez›پارس تىلى بولۇپ، يەر ئاستى سۇ يولى دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز قەدىمكى پارس تىلىدىكى كاتچ katch دىن كەلگەن، ئەڭ دەسلەپ كاتچ katch(قېزىش، كولاش)بىلەن رېز  rez (ئېقىن سۇ)نىڭ بىرىكىشىدىن پەيدا بولغان، پارسچە يازما يادىكارلىقلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. . . »⑬

چۇخۇەيجېن ئەپەندى بۇھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ مۇنداق دەيدۇ «يارغول شەھرىدىكى قەدىمى قۇدۇق ۋە يەر ئاستى تەشمىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى، تاڭ دەۋرىدىن قالغان قېزىلما ۋەسىقىلەردىكى خۇما قۇدۇقى(胡麻井)  ۋە خۇما قۇدۇق ئېرىقى (胡麻井渠) ھەققىدىكى خاتىرىلەر، قەدىمى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلاردىكى ‹قۇدۇقچى› قاتارلىقلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىدىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئىككى خەن دەۋرىدىن تاڭ، يۇەن دەۋىرلىرىگە قەدەر كەن ئېر جىڭ–坎儿井 (كارىز) تۇرپاندا جىڭ چۈ ‹井渠›دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، يەنە چىڭ سۇلالىسىنىڭ چەن لوڭ يىللىرىغا كەلگەندە كا جىڭ 卡井 غا ئۆزگەرگەن، تاكى يېقىنقى زامانغا كەلگەندە ئۆزگىرىپ كەن ئېر جىڭ– 坎儿井 دىگەن ئاتالغۇ شەكىللەنگەن. شۇڭا كەن ئېر جىڭ– 坎儿井دىگەن بۇ ئىسىم ھەرگىزمۇ ئىراندىكى كارىز  karez غا بېرىپ تاقالمايدۇ. كەن ئېر جىڭ- 坎儿井 نىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى بولغان جىڭ چۇ 井渠  ‹ بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى›، ‹چىگرا رايوننى قوغدىغۇچى›لارنىڭ كېلىشى بىلەن پەيدا بولغان. پەقەت ئۇنىڭ تەرەققى قىلىش ۋە تاكامۇللىشىش جەريانىلا ئۇزاقراق بولغان، خالاس. بىز شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىزكى تۇرپاندىكى كارىز لار خەن سۇلالىسىدىكى ‹بوز يەر ئېچىش›تىن كەلگەن. ئۇنىڭ ئىسمى تۆۋەندىكى ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن:‹قۇدۇق井-قۇدۇق ئۆستەڭ井渠-كا جىڭ卡井-كەن ئېر جىڭ坎儿井›»⑭

جوڭ شىڭچى ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى كۆرۈپ باقايلى«غەرپنىڭ بىر قىسىم ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كەن ئېر جىڭنى( كارىزنى) karizدەيدىغانلىقىغا قاراپلا، ئۇنىڭ پارس تىلىدىكى kahrez ( كاھرىز卡赫莱兹)بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى دەستەك قىلىپ شىنجاڭ كارىزلىرىنى ئىراندىن كەلگەن دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. 坎儿井كەن ئېر جىڭ خەنزۇ تىلىدا بىر ئوچۇق بوغۇم بىلەن يەنە بىر يېپىق بوغۇمدىن تەركىپ تاپقان سۆز، ئوڭايلا ئېرلىشىپ (儿化) كەن ئېر جىڭ  坎儿井بولۇپ قالىدۇ، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىمۇ تەبىئىلا ئېر(儿)بوغۇمى قوشۇلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹كارىز› سۆزى خەنزۇچىدىكى‹ 坎井›سۆزىنىڭ بىۋاستە ئاھاڭ تەرجىمىسى. چيەنبوچۇ كارىزنىڭ ‹تارىخى خاتىرىلەر›، ‹خەننامە›قاتارلىق مەنبەلەردە جىڭ چۇ(井渠)دەپ ئاتىلىدىغانلىقى ۋە سەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇەن تەي ناھىيىسىدە بۇنى كۆپۈنچە ھاللاردا ‹غار قۇدۇق›(洞子井)دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئاساس قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹كارىز، ئاتالغۇسىنىڭ ئېتمولوگىيىسىنى خەنزۇ تىلىدىكى ‹غار قۇدۇق›(洞子井)نىڭ مەنەن تەرجىمىسى دەپ ئىسپاتلايدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا洞 (ئۆڭكۈر) نى كارىز دەيدۇ، ‹غار›سۆزىنىڭ ئارقىغا 子‹زى›ىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولغان ز نى قوشۇش ئۈچۈن يەنە ر بىلەن ز دىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئۆتتۇرسىغا ئى دىن ئىبارەت بۇ سوزۇق تاۋۇشنى قوشۇشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ‹غار قۇدۇق›(洞子井) ئۇيغۇر تىلىدا ‹غارىز» بولغان، ‹غ›دىن ئىبارەت بۇ ئارقا تاڭلاي تىترەك تاۋۇش ‹ك›بىلەن يېقىن بولغاچقا ‹كارىز› دەپ ئوقۇلۇشقا باشلىغان. »⑮

تۈرك يارىخچىسى دوغۇ پىرىنچەك ئەپەندى شىنجاڭغا كېلىپ كارىزلارنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق مۇلاھىزە قىلىدۇ«. . . ئۇيغۇرچىدا كارىز دىيىلىدۇ، پارسچىدا كارىز، كاھرىز سۆزى بار. مەشھۇر تۈركولوگ ئارىف ئاچال ئوگلۇ كافكازىيىدىمۇ كېھرىز، كېرىز، گېرىز دەپ ئاتىلىدىغان يەر ئاستى قاناللىرى بارلىغىدىن مەلۇمات بېرىدۇ. . . كۆرۈلۈپ تۇرۇپتۇكى، كاھرىز، كارېز، كەرىز، گەھرىز، گېرىز سۆزلىرى ئوتتۇرا شەرق ۋە كافكازىيىدىن تارتىپ تاكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىگىچە تارقالغان كەڭ دائىرىدە ئۆز ئەينى ۋە يېقىن مەنىلەردە قوللىنىلماقتا. پارسچە-تۈركچە لۇغەتتە كارىز سۆزىگە مۇنداق تەبىر بېرىلگەن:‹گېرىز- سۇ ئېقىنى، لەخمە،  ئەسلى كاھرىزدۇر. سۇچىلار سۇ سۆڭگۈچىدىن ئۆتكەن سۇ ئېقىنىنى تەجرىبە قىلىش ئۈچۈن سامان ۋە ياغاچ پارچىلىرىنى تۆكۈپ ئاققۇزغانلىقى ئۈچۈن كاھرىز دىيىلگەن. › سۇ سۆڭگۈچى سۆزىنىڭ ئەھمىيىتىنى سامان ۋە تالاش بىلەن چۈشەندۈرۈلۈشى نەقەدەر توغرا چىققان-ھە؟ ئۇيغۇرلار كارىز دەيدۇ. كارىز، تۈركچىدىكى ئارك (ئېرىق)، خارك(چۆنەك)، ئارىك(ئېرىق)، ئىرماك(دەريا) دىگەن سۆزلەرنى ئۆزىگە يىلتىز قىلغانمۇ قانداق؟ بۇ سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى ‹ئىز› بىلەن ‹ئېز›قوشۇمچىسىنىڭ قەدىمقى تۈركچىدىكى كۆپلۈك قوشۇمچىسى بولغان ‹ز›بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ قانداق؟ئۇنىڭدىن باشقا تۈركچىدە ‹كارماك› ۋە ‹كازماك› دىگەن پىئىللارمۇ بار. بۇ سۆزنىڭ يىلتىزىنىڭ چوڭ بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن چۈشەنچىدە ئاڭلىماققا ‹كارىك›تىن كەلگەندەك قىلىدۇ. ‹كارىز›‹ كارىك›نىڭ كۆپلۈك شەكلىمىدۇ ؟ »⑯  «. . . پارسچىدا بولسا كەھرىز سۆزى بار. . . بۇ سۆز ئەجىبا پارسچىدىن تۈركچىگە كىرگەنمۇ، ياكى تۈركچىدىن پارسچىغا كىرگەنمۇ؟ تىلشۇناسلار بۇنىڭغا نىمە دەيدىكىن؟»⑰

ئىزاھاتلار:

①سۋېن خېتىن «‹ئاسىيانىڭ مەركىزىدە ساياھەت قىلغان 8يىل› يۇرپان ساياھەتچىلىك كۆرسەتمىسى» 158-بەت (خەنزۇچە)

②«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» مىللەتلەر نەشرىياتى 1996-يىلى، بېيجىڭ نەشرى، 4- توم 478-، 486- بەتلەر؛6- توم 214- بەت

③«ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1982-يىلى نەشرى 184-بەت

④«خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» ‹سىناق نۇسخىسى، يېڭى يېزىق› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1974-يىلى نەشرى 451-بەت؛ «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989-يىلى نەشرى، 1-قىسىم 1014-بەت

⑤«ئوكيانوس»خەنزۇچە، «辞海» شاڭخەي لۇغەت نەشرىياتى 1979-يىلى نەشرى 528-بەت

⑥«ئۇزبەك تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، ئۇزبەكچە، موسكۋا رۇس تىلى نەشرىياتى، 1981-يىلى نەشرى، 2-قىسىم، 398-بەت

⑦«پارسچە-خەنزۇچە لۇغەت»، سودا نەشرىياتى، 1989-يىلى بېيجىڭ نەشرى 1833-بەت

⑧«ئوكيانوس» خەنزۇچە، «辞海» شاڭخەي لۇغەت نەشرىياتى 1979-يىلى نەشرى528-بەت؛ «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» ‹سىناق نۇسخىسى، يېڭى يېزىق› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1974-يىلى نەشرى 451-بەت؛ «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1989-يىلى نەشرى، 1-قىسىم 1014-بەت

⑨«ئېنگىلىزچە-خەنزۇچە لۇغەت»لىياۋ نىڭ خەلق نەشرىياتى1975-يىلى نەشرى، 234، 187، 567، 499، 1439، 102، 953-بەتلەرگە قارالسۇن؛ «ئوكسفورد ھازىرقى زامان ئېنگىلىز تىلى يېڭى ئۆگەنچىلەر ئۈچۈن ئالى دەرىجىلىك لۇغەت»

⑩«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» مىللەتلەر نەشرىياتى 1996-يىلى، بېيجىڭ نەشرى، 5- توم، 352-بەت

⑪«تۈركچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت»مىللەتلەر نەشرىياتى، 1989-يىلى نەشرى، 52-بەت

⑫ۋاڭ خېتىڭ «سۇچىلىق ھەققىدىكى ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار» 195-بەت «شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى» نەشىرى

⑬خۇاڭ شېڭجاڭ «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى»2002-يىلى1-سان50، 51-بەتلەر

⑭جوڭ شىڭ چى، چۇخۇەيجېن، تۇرپان كارىزلىرى钟兴麒,储怀贞(吐鲁番坎儿井) 73-بەت

⑮جوڭ شىڭ چى، چۇخۇەيجېن، تۇرپان كارىزلىرى钟兴麒,储怀贞(吐鲁番坎儿井)90، 91-بەتلەر

⑯دوگۇ پىرىنچەك «ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى» قايناق نەشرىياتى، تۈركچە 76-بەت

⑰«بىلىم ۋە ئۇتوپىيە» تۈركچە 2004-يىللىق 7-سانى13-بەت

مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2006-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ