ئەقلىيە سۆزلەر – مەجھۇل – داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ

ئەقلىيە سۆزلەر

 

بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

ھەر بىر تالانت ئېگىسىدە ئازراقتىن تەلۋىلىك بار.

ئارستوتىل

بىزنىڭ ھەممە ئارزۇ – ئۈمۈدلىرىمىز ئەمەلگە ئاشىدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇكى، بىزدە ئاشۇ ئۈمۈد – ئارزۇلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان غەيرەت بولىشى كېرەك.

ۋالت دىسنىي

ئېرقىۋازلىق ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت، چۈنكى ئېرقىۋازلىق ئەڭ ئاز سەۋەب بىلەن ئەڭ چوڭ نەپرەت شەكىللەندۈرەلەيدۇ.

ئابراھام جوشۇئا خېشىل

سىز بۈگۈن ھەر قانچە قاچسىڭىزمۇ ئەتىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىز.

ئابراھام لىنكولن

سىزنىڭ داڭلىق بولۇشىڭىز مۇھىم ئەمەس، داڭق چىقارغىدەك سۈپىتىڭىزنىڭ بولىشى مۇھىم.

ئابراھام لىنكولن

بىلىمنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى – تەجرىبە.

ئالبېرت ئېينىشتىيىن

ئېسىڭدە بولسۇن، ھەر بىر شەخسنىڭ قىلغان – ئەتكىنى كوللىكتىپنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ.

زۇلقەرنەين

كۈلگىن، چۈنكى كۈلكە ھەر قانداق قەلبنىڭ ئىشىكىنى ئاچالايدىغان ئاچقۇچتۇر.

ئانتونىي دىئانگىلو

ھەر بىر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ بىردىنبىر يولى – پۈتۈن كۈچى ۋە زىھنىنى بېغىشلاشتۇر.

ئا.پ.ج ئابدۇل كالام

دوستلۇرۇڭلا بولىدىكەن، ھەر قانداق نەرسە قورقۇنچلۇق كۆرۈنمەيدۇ.

بىل ۋاتتېرسون

ئاچچىقىڭ كەلگەندە سۆزلە، شۇنىڭدىلا ئۆزۈڭ ئەڭ پۇشايمان قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلالايسەن.

لاۋرىنس ج. پىتىر

ئۆزۈڭ گۈزەل دەپ قارىغان ئىشلار ۋە نەرسىلەر بىلەن مەشغۇل بول.

رۇمى

ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى قوغدىنىش ئۇسولى – جاسارەتلىك بولۇش.

ئېلىزابىز كادىي ستانتون

ناچار ھەمراھتىن يالغۇزلۇق ياخشى.

جورج ۋاشىنگتون

مۇۋەپپەقىيەت ناچار ئوقۇتقۇچى، چۈنكى مۇۋەپپەقىيەت ئەقىللىق ئادەملەرگە ئۇلارنىڭمۇ مەغلۇب بولىدىغىنىنى ئۆگەتمەيدۇ.

بىل گېيتىس

ئۈمۈد شۇنداق نەرسىكى، ئۈمۈدۋار ئادەمگە زۇلمەتلىك كېچىدىكى يىپچىلىك نۇرنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

دەسموند تۇتۇ

ئوقۇشقا ئەرزىگۈدەك بىر نىمە ياز ياكى يېزىشقا ئەرزىگۈدەك بىر ئىش قىل.

بەنجامىن فىرانكلىن

مەن مېنىڭ كىملىكىمنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىشىنى خالىمايمەن، مەن كىملىكىمنى ئۆزۈم بەلگىلەيمەن.

ئەمما ۋاتسون

سايلام بېلىتى ئوقتىن ئۈنۈملۈكرەك.

ئابراھام لىنكولن

ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن بەل باغلاش ئەڭ مۇھىم.

ئابراھام لىنكولن

دېققەت قىلسىڭىز بايقايسىزكى، ئەڭ ئادەتتىكى ئوت- چۆپنىڭمۇ غۇنچىسى بار.

ئا. ئا. مىلنى

ھېچكىمنىڭ خاتىرىسى “مۇۋەپپەقىيەتلىك يالغانچى” دەپ ئاتالغىدەك ياخشى ئەمەس.

ئابراھام لىنكولن

كۈلكە بىلەن يىغىنىڭ ئارىسىنى، كومىدىيە بىلەن تىراگىدىيەنىڭ ئارىسىنى، يۇمۇر بىلەن ئازارنىڭ ئارىسىنى پەقەت ئىنچىكە بىر سىزىق ئايرىپ تۇرىدۇ.

ئەرما بومبەك

قورقۇشقا تىگىشلىك بىردىنبىر نەرسە – قورقۇنچ.

فرانكلىن. د. روسېۋەلت

ھاياتنىڭ ئون پىرسەنتى قىسمەت، قالغان توقسەن پىرسەنتى سېنىڭ قىسمەتكە بەرگەن ئىنكاسىڭدۇر.

چارلىس سۋىندول

مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مۇقەددىمىسىنى ھازىر باشلا، ئۆزەڭنىڭ قولىدىكى نەرسىلەر بىلەن باشلا، ئۆزەڭ قىلالايدىغان ئىشلاردىن باشلا.

ئارتۇر ئەش

قاراڭغۇلۇق مەڭگۈ كۈننىڭ چىقىشىنى توساپ قالالمىغاندەك، ھەر قانداق بىر قىيىنچىلىق كۆڭۈلدىكى ئۈمۈدنى توساپ قالالمايدۇ.

بېرنارد ۋىليامس

يالغۇزلۇق ماڭا ئۆزۈمنى تۇنۇتقۇزدى.

شانتال كرېۋىئازى

مەن ئاستا ماڭىمەن، لېكىن ھەرگىز كەينىمگە ماڭمايمەن.

ئابراھام لىنكولن

ئىشق بىلەن ئەقىل تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.

فرانسىس باكون

مەن ئالتە سائەتتە بىر دەرەخنى ئۆرىمەكچى بولسام، ئالدىنقى تۆت سائەتتە پالتامنى بىلەيمەن.

ئابراھام لىنكولن

باشقىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشىىڭ سىرى – باشلاش.

مارك تۋاين

چىن مۇھەببەتنىڭ يولى تۈز بولۇپ باقمىغان.

ۋىليام شېكىسپىر

قالتىس بىر ئىشنى دەپ بېرەي : “دۇنيانى ياخشىلاشنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىن باشلىسىڭىز بولىدۇ.”

ئاننې فرانك

مېنىڭ ئالاھىدە تالانتىم يوق، مەن پەقەت قىزغىنلىق بىلەن قىزىقىمەن.

ئالبېرت ئېينىشتىيىن

بەزىلەر يامغۇردا ماڭىدۇ، قالغانلىرى پەقەت يامغۇردا ھۆل بولىدۇ.

روجىر مىللېر

ئاق كۆڭۈللۈك گاسلارمۇ ئاڭلىيالايدىغان، ئەمالارمۇ كۆرەلەيدىغان تىلدۇر.

مارك تۋاين

دۇنيانى قانداق ئۆزگەرتمەكچى بولساڭ ئۆزۈڭنى شۇنداق ئۆزگەرت.

ماخاتما گاندى

ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ئادەم – ھېچقانداق يېڭىلىقنى سىناپ باقمىغان ئادەم.

ئالبېرت ئېينىشتىيىن

پۇرسەت نۇرغۇن ۋاقىتتا ئېغىر ئەمگەكتەك كۆرۈنىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن ئادەم پۇرسەتنى بايقىمايدۇ.

ئان لاندېرس

تەبىئەت ھەممىمىزنىڭ ئانىسى، شۇڭا تەبىئەتتە ھەر بىرىمىزنىڭ تەڭ ھوقوقىمىز بولىشى كېرەك.

چىف جوسېف

سىز سىناپ باققانمۇ؟ مەغلۇب بولۇپ باققانمۇ؟ ئۇنداقتا يەنە سىناڭ، يەنە مەغلۇب بولۇڭ، تېخىمۇ ياخشى مەغلۇب بولۇڭ.

سامۇئەل بەككىت

قايغۇ – ھەسرەت بولمىسا «خوشاللىق» دېگەن سۆز ئۆز مەنىسىنى يۇقىتىدۇ.

كارل يۇڭ

نادانلار ئۆزىنى دانا دەپ قارايدۇ، دانالار بولسا ئۆزىنىڭ نادان ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

ۋىليام شېكىسپىر

سىزنىڭ قانداق ئادەملىكىڭىزنى سىز باشقىلارغا كۆرسىتىشكە تىرىشقان سۈپىتىڭىزدىن ئەمەس بەلكى ئادەتكە ئايلانغان سۈپىتىڭىزدىن كۆرىدۇ.

ئارستوتىل

بىرىگە ئىشەنسىڭىز بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى بىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسولى ئۇ ئادەمگە ئىشىنىش.

ئېرنىست خەمىڭۋېي

قابىلىيىتىمىزنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغىنىمىزدىلا ئۇ چەكلەردىن ئېشىپ كېتەلەيمىز.

ئالبېرت ئېينىشتىيىن

ئۆزىڭىز قىلالمايمەن دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلىڭ.

ئېلىنور روزېۋېلىت

كۆپتىن ئاڭلا، ئازغا سۆزلە.

ۋىليام شېكىسپىر

ئاخىرلاشقانلىقى ئۈچۈن دەپ يىغلىماي بېشىڭدىن كەچۈرۈشكە نېسىپ بولغانلىقىڭ ئۈچۈن كۈل.

تېئودور سۇس گايزىل

ئەگەر قىزىلگۈلنىڭ پۇرىقىنى ياقتۇرسىڭىز، ئۇنىڭ تىكىنىنى ئېغىر ئالماسلىقىڭىز كېرەك.

ئىساك خېيس

ئۆزىڭىزگە بېرەلەيدىغان ئەڭ چوڭ سوۋغات – كەچۈرۈش، يەنى ھەممە ئادەمنى كەچۈرۈش.

مايا ئانگېلوۋ

ئەتراپىمىزدىكى مۇھىت ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيىمىز خوشال بولىشىمىزنىڭ سەۋەبىدۇر.

دېيل كارنىج

ۋەتەنپەرۋەرلىك دۆلىتىڭىزنى توختىماي قوللاشنى، ھۆكۈمىتىڭىزنى قوللاشقا ئەرزىگۈدەك ئىش قىلغاندا قوللاشنى كۆرسىتىدۇ.

مارك تۋاين

مۇھەببەت شۇنداق نەرسىكى، سىز سۆيگەن ئادەمنىڭ بەختى ئۆزىڭىزنىڭ بەختىدىن مۇھىم بولىدۇ.

خ. جېكسون براۋن

ھەر بىر تاشنىڭ ئىچىدە بىردىن ھەيكەل بار، ھەيكەلتاراشنىڭ ۋەزىپىسى ئاشۇ ھەيكەلنى تاشنىڭ ئىچىدىن تېپىپ چىقىش.

مىكىلئانجىلو

ۋېلىسپىتتىن يىقىلىپ كېتىشتىن ئەنسىرىسىڭىز ۋېلىسپىت مىنىشنى مەڭگۈ ئۆگىنەلمەيسىز.

لەنس ئارمسىتروڭ

بىر ئىشنى قىلالايدىغىنىغا ئىشىنىش ئىشنىڭ يېرىمىنى قىلىپ بولغانغا تەڭ.

تېئودور روزېۋېلىت

تەرتىپ نىشان بىلەن رىئاللىقنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈكتۇر.

جىم رون

تارىخ قايتىلىنىدۇ، بۇرۇنقى تراگېدىيىلەر كومېدىيە بولۇپ قايتىلىنىدۇ.

كارل ماركس

كىشىلەر دائىم “ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.” دەيدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى يەنىلا سىز ئۆزىڭىز ئۆزگەرتىسىز.

ئەندى ۋورخول

سەنئەتنىڭ مەقسىدى تۇرمۇشنىڭ چاڭ – توزانلىرىنى روھىمىزدىن يۇيۇۋېتىشتۇر.

پابلو پىكاسسو

ھايات ئۆچۈرگۈچسىز رەسىم سىزىدىغان سەنئەتتۇر.

جون ۋ. گاردىنېر

بىلىم كۈچ – قۇدرەتكە باشلايدۇ. ياخشى مىجەز – خاراكتېر ھۆرمەتكە باشلايدۇ.

برۇس لى

پۈتۈن دۇنيا سۈكۈتنى تاللىغاندا ئاجىزغىنا بىر ئاۋازمۇ شۇنچە قۇدرەتلىك بولىدۇ.

مالالا يۈسۈفزاي

بەختلىك كىشىلەر ئەڭ ئاددىي يەرلەردىنمۇ گۈزەللىكنى تاپالايدىغان كىشىلەردۇر.

كامىللا پىساررو

ھاياتلىقنى سۆيسىڭىز، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماڭ، چۈنكى ھايات ۋاقىتتىن تۈزۈلگەن.

برۇس لى

ھازىرنىڭ ئۆزىدە باشلانغان ئادەتتىكى بىر پىلان كىيىنكى ھەپتە باشلىنىدىغان مۇكەممەل پىلاندىن ياخشى.

جورج س. پاتتون

مائارىپ ئەركىنلىكنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدىغان ئالتۇن ئاچقۇچتۇر.

جورج ۋاشىنگتون كارۋېر

باشقىلارنى كەچۈرۈش تارىخنى ئۆزگەرتمەيدۇ، لېكىن كەلگۈسىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىدۇ.

بېرنارد مەلتزېر

ئوبدان ئويلىشىپ ئۆزىڭىزدىن سوراڭ: “مەن تۇرمۇشۇمدىن رازىمۇ؟”

بوب مارلېي

تالانت بىلەن مۇسابىقىنى يەڭگىلى بولىدۇ. لېكىن پەقەت ھەمكارلىق ۋە ئەقىلغا تايانغاندىلا چىمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

مايكىل جوردان

مەن راستچىللىق بىلەن ئۇتتۇرۇشنى ساختىلىق بىلەن ئۇتۇشتىن ئەۋزەل كۆرىمەن.

سوفوكل

بالىلار تەبەسسۇمنى ئاتا – ئانىسىدىن ئۆگىنىدۇ.

شىنئىچى سۇزۇكى

ھەر بىر مۇقەددىمە باشقا بىر مۇقەددىمىنىڭ خاتىمىسىنىڭ داۋامىدۇر.

سېنىكا

رەھبەرلىك كىيىنكى قېتىملىق سايلام ئۈچۈن ئەمەس بەلكى كىيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈندۇر.

سىمون سىنەك

رەزىللىكنىڭ يېڭىشىغا كېرەك بولغان بىردىنبىر نەرسە ياخشى ئادەملەرنىڭ ئۇنى توسىماسلىقىدۇر.

ئەدمۇند بېرك

ئەخلاقلىق ياخشى ئادەملەر مەخلۇقلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر؛ قانۇن ۋە ئادالەتسىز ئادەملەر مەخلۇقلارنىڭ ئەڭ ناچىرىدۇر.

ئارستوتىل

خىزمەتكە بولغان قىزىقىش ئەمگەكتىكى مۇكەممەللىككە باشلايدۇ.

ئارستوتىل

ئاتا – ئانىمىزنىڭ مۇھەببىتىنى ئۆزىمىزنىڭمۇ بالىمىز بولغاندا چۈشىنىدىكەنمىز.

خەنرىي ۋورد بېچىر

بىز بىر – بىرىمىزنى ئايرىيدىغان تاملارنى شۇنچە كۆپ قىرلىدۇق، لېكىن بىر – بىرىمىزنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈكلەرنى يېتەرلىك ياسىمىدۇق.

ئىساك نيوتون

ھەقىقەتنى چۈشىنىش ئاسان، بايقىماق تەس.

گالىلېي

سىياسىي سەھنىدە تاسادىپىيلىق يوق. بىرەر ئىش يۈز بەرگەندە “بۇ ئىش پىلانلانغان” دېسىڭىز خاتالاشمايسىز.

فرانكلىن روزېۋېلىت

مۇھەببەتنىڭ كۈچ – قۇدرىتى كۈچ – قۇدرەتكە بولغان مۇھەببەتنى يەڭگەندە دۇنيا تېنچلىقنى چۈشىنىدۇ.

جىمى خەندرىكس

قىيىنچىلىقلار قەھرىمانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقمايدۇ، بەلكى قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغاندا ھەممىمىزنىڭ قەھرىمان تەرىپىمىز نامايان بولىدۇ.

بوب رايلى

كۆزنى ئالدىماق ئاسان، يۈرەكنى ئالدىماق تەس.

ئەل پاچىنو

كۈنلىرىڭنى شۇ كۈندە يىغقان ھوسۇلغا قاراپ باھالىماي، شۇ كۈندە چاچقان ئۇرۇقۇڭغا قاراپ باھالا.

روبېرت لۇئىس ستىۋېنسېن

تىنچلىق توقۇنۇشنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى شۇ توقۇنۇشلارنى تىنچ ئۇسۇللار بىلەن بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئىقتىدارنى كۆرسىتىدۇ.

رونالد رىگىن

بىر كىشىگە بولغان ئەڭ سەمىمىي ھۆرمەتلەرنىڭ بىرى – ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى ئاڭلاشتۇر.

برايانت خ. مەكگىل

باشقىلار سىزنىڭ سۆزىڭىزنى ئاڭلىشى ياكى ئاڭلىماسلىقى مۇمكىن، لېكىن پوزىتسىيىڭىزنى چوقۇم ھېس قىلىدۇ.

جون س. ماكسۋېل

سىياسەت بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتى يوق.

نىككولو ماچىئاۋەللى

قەھرىمانلار – ئەركىنلىك بىلەن بىللە كېلىدىغان مەسئۇلىيەتنى چۈشىنىدىغان ئادەملەردۇر.

بوب دىيلان

بۇ دۇنيادا ئىككى خىل نەرسە چەكسىز، بىرى بۇ دۇنيا، يەنە بىرى ئىنسانلارنىڭ دۆتلۈكى، لېكىن دۇنيانىڭ چەكسىزلىكىنى جەزملەشتۈرەلمەيمەن.

ئالبېرت ئېينىشتىيىن

ئەقىل – ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىش ئىقتىدارىدۇر.

ستىۋىن خاۋكىڭ

بىر ئاددىي لېكىن مۇھىم پرىنسىپ بار، ئۇ بولسىمۇ، خۇدا پەقەت ھەقىقىي تىرىشقانلارنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىدۇ.

ئا.پ.ج ئابدۇل كالام

سىز پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشتىڭىزمۇ، تىرىشقان بولسىڭىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسىز، ئەمەلىيەتتە تىرىشقان ئادەم بىلەن تەڭلىشەلەيدىغان رىقابەتچىلەر بەك ئاز.

ئەلبېرت خۇببارد

ھەر بىر ئايال بىر گۈلدەك بولسا بولىدۇ، گۈلدەستىسىدەك ئەمەس.

ئاننا خەلد

ئاياللارنىڭ ئەڭ يارىشىملىق گىرىمى – ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ.

بلېيك لىۋېلى

بىز تاغقا ياماشقاندا تاغنى بويسۇندۇرمايمىز، بەلكى ئۆزىمىزنى بويسۇندۇرىمىز.

ئەدمۇند خىللارىي

خوشاللىقنىڭ مەخپىي رېتسىپى – ئەركىنلىك، ئەركىنلىكنىڭ مەخپىي رېتسىپى – جاسارەت.

تۇسىدىدىس

بىرىنچىدىن، قايغۇ – ھەسرەتنىڭ ھاياتنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىڭ. بىر قېتىممۇ ئۇتتۇرماي يېڭىشنىڭ تەمى ئۇنچە شېرىن ئەمەس.

ئالىسسا مىلانو

ھەقىقەت خۇددى قوياشقا ئوخشايدۇ، سىز ئۇنى ۋاقىتلىق توساپ قويالايسىز، لېكىن ئۇ يوقاپ كەتمەيدۇ.

ئەلۋىس پىرەسلىي

پەقەتلا قىرغاقتا دېڭىزغا تىكىلىپ قاراپ تۇرساڭ دېڭىزنى كېچەلمەيسەن.

رابىندرانات تاگور

ئۆزىنى ئۆزگەرتىشتىكى بىرىنچى قەدەم – ئۆزىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى بايقاش، ئىككىنچى قەدەم – ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە چىن كۆڭلىدىن رازى بولۇش.

ناتانىئال براندىن

بەزىلەر بولىشىنى خالايدۇ، بەزىلەر بولىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ، بەزىلەر قىلىدۇ.

مايكىل جوردان

كىشىلەر دائىم باشلامچى بىلەن باشلىقنىڭ پەرقىنى سورايدۇ، پەرقى شۇكى، باشلامچى ئالدىدا يىتەكلەيدۇ، باشلىق يۇقىرىدىن بويرۇيدۇ.

تېئودور روزېۋېلىت

مېنىڭ قىبلىنامەم “ھەممە ئىشقا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن، شۇندىلا كېيىن ئۆزۈمنى ئەيىبلەشتىن ساقلىنالايمەن.”

ماگدالېنا نوينىر

ئاياللاردىن قالسا گۈل – چېچەكلەر دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق نەرسىلەردۇر.

كىرىستىئان دىئور

مۇھەببەت قالمىغاندا ئەمەس بەلكى دوستلۇق قالمىغاندا نىكاھ بۇزۇلىدۇ.

فرىدرىچ نىچې

مۇۋەپپەقىيەت تەييارلىق بىلەن پۇرسەت ئۇچراشقان يەردە.

بوببىي ئۇنزىر

ھەسرەت باكتېرىيە ۋىروسلاردىنمۇ تېز ئۆلتۈرىدۇ.

جون ستاينبەك

سېنىڭ ئاچچىقىڭنى كەلتۈرەلىگەن ئادەم سېنى بويسۇندۇرالايدۇ.

ئېلىزابېت كەننىي

تاغ جىلغىسىدا تۇرۇپ كۆرگىلى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، ھەر بىر تاغدىن ھالقىيدىغان يول بار.

تېئودور رۆتكې

كۆڭلىڭىزدە مۇھەببەت بولسۇن، مۇھەببەت بولمىسا كۆڭلىڭىز خۇددى قۇرۇپ قاقشال بولغان باغقا ئوخشاپ قالىدۇ.

ئوسكار ۋىلدى

شۇ ئېسىڭىزدىن چىقمىسۇن، دۇنيادا سىزدىن بىرلا بار، سىز ئۆزگىچە، دۇنيادىكى ھەر بىر ئىنسان ئۆزگىچە.

مارگىرىت مىد

بىر تۈپ قىزىلگۈل مېنىڭ بېغىم بولالايدۇ، خۇددى بىر دوستۇم مېنىڭ دۇنيارىم بولالىغاندەك.

لىئو بۇسكاگلىيا

تەييارلىق قىلىشتا مەغلۇپ بولۇش مەغلۇپ بولۇشقا تەييارلىق قىلىشتۇر.

بەنجامىن فىرانكلىن

يېڭى خىياللار ۋە ئىجادىيەتلەر ئۈچۈن كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش، زىددىيەتلىشىش، تالاش – تارتىش قىلىش كېرەك.

مارگىرىت خەففىرنان

سوتسىيالىزىمنىڭ مەسىلىسى – سىز خەجلەيدىغان باشقىلارنىڭ پۇلى تۈگەپ كېتىدۇ.

مارگىرىت تاتچىر

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا مەغلۇبىيەت تېخىمۇ جىق تەجرىبە – ساۋاقلار بىلەن يېڭىدىن باشلايدىغان پۇرسەتتۇر.

خەنرىي فورد

ئاددىيلىق ئېسىللىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر.

لىئوناردۇ دا ۋىنچى

باشلامچى بىلەن ئەگەشكۈچىنىڭ پەرقى – ئىجادچانلىق.

سىتىۋ جوبس

مۇزىكا دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدۇ، چۈنكى مۇزىكا ئادەملەرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.

بونو

خاتالىقلارنى كەچۈرىۋەتكىلى بولىدۇ، لېكىن كەچۈرۈلۈش ئۈچۈن خاتالاشقۇچى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.

برۇس لى

سىز كۈلمىگەن كۈن سىز ئىسراپ قىلىۋەتكەن كۈندۇر.

چارلىز چاپلىن

ئىنسانلارنىڭ بىر ئۈنۈملۈك قورالى بار، ئۇ بولسىمۇ كۈلكە.

مارك تۋاين

سوئال سوراش ئىلمى ۋە سەنئىتى بارلىق بىلىملەرنىڭ مەنبەسىدۇر.

توماس بېرگىر

بىر مىنۇت ئاچچىقلانسىڭىز، ئاتمىش سېكۇنتلۇق خاتىرجەملىكتىن ۋاز كەچكەن بولىسىز.

رالف ۋالدو ئېمىرسىن

ھېچنېمىنىڭ تەسىر كۈچى ئادەتنىڭ تەسىر كۈچىگە يەتمەيدۇ.

گىلبېرت پاركىر

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ