ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدا بىخەتەر باغ ئورنىتىش توغرىسىدا – بىرگۇرۇپپىسى – ئەي بالام بلوگى

 

 

ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدا بىخەتەر باغ ئورنىتىش توغرىسىدا

ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

 

بىخەتەر باغلىنىش دىگەن نىمە؟

ھەممىمىز بىلىمىز، بالا دۇنياغا كەلگەندە ئانىدىن پەقەت جىسمانى جەھەتتە ئايرىلىدۇ. قورساقتىن چۈشىدۇ، كىندىكى كېسىلىدۇ، ئۇ ئايرىم بىر ئادەم بولۇشقا باشلايدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىت، بالىنىڭ ئانىدىن ھەقىقى ئايرىلغان ۋاقتى ياكى بىر مۇستەقىل ئادەم بولغان ۋاقتى ئەمەس. يەنى جىسمانى جەھەتتە ئايرىلسىمۇ، روھى جەھەتتە يەنىلا ئانىغا باغلانغان ۋاقتى، ئانىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىندۇ.

بۇنداق بولۇش تۆت ياشقىچە داۋاملىشىدۇ. تۆت ياشقا كىرگەندە بالا ئاندىن روھى جەھەتتە ئانىدىن ئايرىلىپ ئايرىم ، مۇستەقىل بىر ئادەم بولۇشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، نۆل ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان ۋاقتى بالىنىڭ ئانىغا باغلىنىش مەزگىلى بولىدۇ. بالا دۇنياغا يېڭى تۇغۇلۇپ، ئۆيگە بىر يېڭى مىھمان بولۇپ كېلىدۇ. ئۇ بۇ ئۆيدە قىسىلىپ قالماسلىقى، ئۆزىنى ئازادە تۇتۇپ، راھەت ھىس قىلىشى كېرەك. ئۆزىنى قويۇپ بېرەلىشى، دەيدىغان گەپلىرىنى دېيەلىشى كېرەك. دەل مۇشۇنداق راھەت ھىس قىلىش، ئۆزىنى ئەركىن قويۇپ بېرىش ھەم ياراتقۇچى تەرىپىدىن يارىتىلغان ئۆز شەكلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن دەسلەپكى ئىككى يىلدا ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدا باغ شەكىللىنىدۇ.

ئىككى ياشتىن تۆت ياشقىچە ۋاقىتتا، بالا ئانىدىن بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئۆينىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن، ئالدىرىماي ئانىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشقا تىرىشىدۇ. ئەمدى ئۆزەم قىلىمەن، ئەمدى مۇستەقىل بولىمەن دەپ بالا چوڭ بولۇشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن مەكتەپ ئەۋرىسى، خىزمەت چەۋرىسى بولىدۇ. لېكىن بالا تۇغۇلغاندا ئەڭ يۆلىنىدىغىنى، ئەڭ ئىشەنچ قىلىدىغىنى، ئەڭ مۇھەببەت كېرەك قىلىدىغىنى ئۇنىڭ ئانىسى ۋە دادىسى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى ياشتىن كىيىن، بالىدا تەۋەلىك تۇيغۇسى كۈچىيىشكە باشلايدۇ.

مەسىلەن: مىنىڭ ئۆزەمنىڭ تاماق قاچام بولسا دەيدۇ، ئۆزەم ئولتۇرۇپ تاماق يېسەم دەيدۇ، ھەممە نەرسە مېنىڭ دىيىشكە باشلايدۇ. بالا ئۈچ ياشقا كەلگەندە دۇنيادىكى ئەڭ شەخسىيەتچى ئادەمگە ئايلىنىدۇ. دۇنيا مەن ئۈچۈنلا ئايلىنىشى كېرەك دەيدۇ. بۇ بالىنىڭ ئەڭ شەخسىيەتچى مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. تۆت ياشقا كەلگەندە، ئانىدىن بىخەتەر ئايرىلىپ، ئەتراپتىن دوست ئىزدەيدۇ.

بالا دۇنياغا كەلدى، ئۇنىڭ باشقا ھېچنىمىسى يوق. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھتاج بولىدىغان نەرسىسى ئانىدىن ئالىدىغان بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، يەنى سۆيگۈ بولىدۇ. نىمە ئۈچۈن مەندىن باشقا يەنە بالا تەربىيىسى توغرىلىق دەرس سۆزلەۋاتقان گۈلباھار مۇئەللىم ياكى مەرپۇغە مۇئەللىملەر بولسۇن، توختىماي باغ توغرىلىق تەكىتلەيدۇ دېگەندە، بالا يېڭى دۇنياغا كەلگەندە جىسمانى جەھەتتە ئوزۇقلىنىشقا، قورسىقىنى تويغۇزۇشقا، سۈت ئېمىشكە موھتاج بولغاندىن باشقا، ئانىدىن سۆيگۈ ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىشقا ئەڭ موھتاج.

بۇ بالا تۇغۇلغاندىن كىيىنكى ئەڭ ئاساسى ئېھتىياجلىرىدىن بىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز باغ شەكىللەندۈرۈشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى تەكىتلەيمىز. ئانا بىلەن ساغلام باغ قۇرالىغان بالا چوڭ بولغان ۋاقىتلاردا، دوستلىرى بىلەن، كەلگۈسى ھەمراھى ۋە بالىلىرى بىلەن بىخەتەر باغ قۇرۇشقا ئاساس سالغان بولىدۇ. باشقىلارغا ئىشەنچ تۇيغۇسى بىلەن قارايدىغان، ئىشەنچ بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇپ بىخەتەر ھىس قىلدىغان، ئۆزىنى ھەر ۋاقىت ئەركىن قويۇپ بېرەلەيدىغان، ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتى بويىچە ئىش قىلالايدىغان بولىدۇ. ھەرگىزمۇ ئىككى يۈزلىمىچى بولۇپ قالمايدۇ.

ئىككى يۈزلىمىچىلىك قانداق شەكىللىنىدۇ؟ سىز بىرىدىن قورقىسىز، ئەسلى ھالىتىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويالماستىن ماسكىدىن بىرنى تاقايسىز، يەنى ئۇنىڭ سىزنى مازاق قىلىشى ياكى تۆۋەن كۆرۈشىدىن قورقىسىز. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلى ھالىتىنى نىقابلاپ، سىرتقى جەھەتتە باشقا بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرىسىز. بۇنداق ئىككى يۈزلىمىچىلىك، ئۆزىنىڭ ئەسلى ياراتقۇچى تەرىپىدىن يارىتىلغان ئەسلى ھالىتى بويىچە ياشىيالماسلىق دېگەنلىك بولۇپ، بىخەتەرلىك باغ شەكىللەنمىگەنلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

بىخەتەر باغ ئورنىتىشتا ئەڭ مۇھىم ھالقىلىق نۇقتا قايسى؟ يەنى ئانىلارنىڭ ماددى جەھەتتىن ياكى مەنىۋى جەھەتتىن قىلىشقا تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىش قايسى؟ بالا بىلەن ھەر ۋاقىت بىللە بولۇشمۇ، بالىنىڭ ئېھتىياجىنى دەل ۋاقتىدا قاندۇرۇشمۇ؟ مەن بالىلار پىسخىكىسىنى ئۆگىنىش ۋە بالا تەربىيىسى توغرىسىدىكى كىتابلارنى ئوقۇش جەريانىدا شۇنى ھىس قىلدىمكى، بىخەتەر باغ شەكىللەندۈرۈشتىكى مۇھىم نۇقتا پەقەت ئانا بىلەن بالىنىڭ بىللە بولۇشىلا ئەمەس، بەلكى ئانىنىڭ بالا بىلەن بىللە بولغاندا، بالىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇۋاتقان ھەر بىر دەقىقىدە، ھەر بىر مىنۇت، سېكۇنتتا، پۈتۈن زېھنىنى بالىغا بېرىش؛ شۇ ۋاقىت، شۇ دەقىقىدە زېھنىدە بالىسىدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە بولماسلىق؛ باشقا ھەممە نەرسىنى كەينىگە قۇيۇش ياكى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇش. بۇ بىخەتەر باغ شەكىللىنىشتىكى ئەڭ ھالقىلىق نۇقتا. قوينىڭىزنى بالىغا كەڭ ئېچىپ ”بالام، سەن ئۈزۈڭنى ماڭا ئات دېيىش“ ، ئۆزىڭىزنى ھەم بالىغا تاشلاپ بېرىشتىن ئىبارەت.

نۆلدىن ئىككى ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا بىخەتەر باغ ئورنىتىشقا ياردەم بېرىدىغان مۇھىم ئىشلار قايسى؟

  1. ئەمدۈرۈش. يەنى بالىنى ئىككى ياشقىچە تۇلۇق ئەمدۈرۈش.
  2. بالىنى ياتاقتىن ئايرىماي بىر ياتاقتا يېتىش. يەنى بالا بىلەن ماددى جەھەتتە ئايرىيدىغان ھېچقانداق نەرسە بولماستىن بىرگە يېتىش.
  3. زاكا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا بالىنى ئەركىلىتىپ ئوينىتىش، كۈلدۈرۈش.
  4. بالا بىلەن سۈپەتلىك ۋاقىت ئۆتكۈزۈش.

بۇلار بالا بىلەن بىخەتەر باغ ئورنىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىش- ھەرىكەتلەر. بۇ ئىشلارنى قىلغاندا، پۈتۈن زىھنىڭىزنى بالىغا بەرگەندە، بىخەتەر باغ شەكىللىنىدۇ. ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدا تام قالمايدۇ، بالا سىزنى راھەت ئىمىدۇ. سىزمۇ بالىنى راھەت ئىمىتىسىز. بالا ئەمدۈرگەندە، ئەگەر كاللىڭىزدا باشقا ئىشلار بار بولسا، مەسىلەن چۈشتە نىمە تاماق ئەتسەم بولار، ماۋۇ ئىشنى قانداق قىلسام بولار دەپ ئويلاۋاتىسىز. ياكى يولدىشىڭىز بىلەن گەپ تالىشىپ قالدىڭىز. شۇڭا ئاچچىقىڭىز كېلىۋاتىدۇ. بالىڭىزغا قاراۋاتىسىز، ئىمىتىۋاتىسىز، كۈلدۈرۈۋاتىسىز، لېكىن كاللىڭىزدا ھەرخىل ئىشلار بار. بالىڭىزغا يۈزەكى كۈلۈپ قويۇۋاتىسىز، بالىڭىزنىڭ بېشىنى سىيلاپ، خىيالغا چۈشۈپ كەتتىڭىز. بۇ ۋاقىتتا باغ شەكىللەنمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىڭىزنى ئەمگۈزگەندە، پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن، ھەرخىل ئاچچىق، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى چىقىرىۋېتىپ، بالىڭىزغا تەبەسسۇم قىلىشىڭىز كېرەك.

يەنە مەسىلەن، بالىنى ئۇخلىتىۋاتىسىز، لېكىن سىز بالىنى ئۇخلىتىشقا تىرىشقانسىرى ، بالىڭىز تېتىكلىشىپ ئۇخلىمايۋاتىدۇ. بۇ نىمە ئىشتۇ دېيىشىڭىز مۇمكىن. بەلكىم سىز ئىچىڭىزدە بالىڭىزنى چاققانراق ئۇخلىغىنە، سەن ئۇخلىساڭ مەن ئۆگىنىشىمنى قىلىۋالسام، ئىشىمنى قىلىۋالسام، قاچامنى يۇيۇۋالسام، چاققانراق ئۇخلىغىنە، مەن بىر بازارغا چىقىپ كىرىۋالسام، دىگەن خىيال بىلەن ئۇخلىتۋاتىسىز. ئېغىزىڭىزدا ئەللەي بالام ئۇخلا دەيسىز، لېكىن كاللىڭىزدا شۇ ئىشلار بار. سىز بالىڭىزغا ئۆزىڭىزنى تاشلىشىڭىز كېرەك. ”كىلە بالام تەڭ ئۇخلايلى“ دەپ سىزمۇ ئۇخلاڭ، بالىڭىزمۇ ئۇخلىسۇن. بالا تىنىقىڭىزنى سەزگەن ھالدا، ئۆزىنى راھەت تاشلاپ، سىزنى قۇچاقلاپ بىللە ئۇخلاپ قالىدۇ. بەلكىم سىز بىردەمدىن كىيىن ئويغىنىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. بۇ چاغدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشنى قىلىۋەرسىڭىز بولىدۇ. لېكىن بالىنى ئۇخلىتىۋاتقان ۋاقىتتا، پۈتۈن زىھنىڭىزنى، ئوي- خىياللىرىڭىزنى بالىغا بېرىشىڭىز كېرەك.

بالا بىلەن باغ ئورنىتىشتا، يەنە بىر مۇھىم ئىش بالا بىلەن سۈپەتلىك ۋاقىت ئۆتكۈزۈش، پۈتۈن زېھنىنى بالىغا بېرىش. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى مالىنا خانىمنىڭ بالىلىرى بىلەن قانداق ئوينىغانلىقى. مالىنا خانىم بالىلار بىلەن ئوينىغاندا، ئويۇننىڭ ئىچىگە كىرىڭلار، بالىنىڭ ھېسياتىغا تەڭ ھىسسىيات قوشۇڭلار، دەيدۇ.

بالىنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرغاندا، ۋاي بەك سېسىپ كېتىپتۇ، دەيسىز. ئاچچىقىڭىز كېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئورنىغا بالىڭىزدىن ھوزۇر ئېلىپ، بۇنىڭغا شۈكرى ئېيتىشىڭىز كېرەك. يولباشچىمىزنىڭ ھاجەتخانىدىن چىققاندا ئىچىمىزدىكى زەھەرلىك نەرسىلەرنى كەتكۈزگەن ياراتقۇچىغا شۈكرى ئېيتقان، ھەمدە ئېيتقان ھالدا چىقىپ كېتەتتى. سىزمۇ بالىڭىزنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرغاندا، شۈكرىلەر ئېيتىپ، پۈتۈن زىھنىڭىزنى بېرىپ ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

مالىنا خانىم بالىلار بىلەن ئوينىغاندا، ئويۇننىڭ ئىچىگە كىرىڭلار، ھەر بىر پېرسوناژنى ياخشى چۈشىنىڭلار، ئۆزۈڭلارنى چوڭ ئادەمدەك ھىس قىلىۋالماڭلار، شۇنىڭدا بالىلار خوشال- خۇرام ئوينىيالايدۇ، دىگەن. بۇنىڭدىن نېمىنى ھىس قىلىمىز؟ مالىنا خانىم بالىلىرى بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزگەندە، پۈتۈن زېھنىنى بالىلىرىغا بەرگەن، ئۆزى بالىلىقىغا قايتقان، ئۆزىنى شۇلار بىلەن ئوخشاش ھىس قىلغان. مۇشۇنداق قىلالىغانلىقى ئۈچۈن، بالىلىرى ئويۇندىن ھۇزۇر تاپقان. بۇ ئويۇننى ياخشى كۆرگەن. بالىلىرى ئانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئەركىن قويۇپ بەرگەن.

بالا بىلەن بىخەتەر باغ ئورنىتىشتا، ھالقىلىق نۇقتا بالىغا جىسمانى جەھەتتە ھەمرا بولۇش ئەمەس، بەلكى بالا بىلەن بىرگە بولغان ھەر بىر ۋاقىتتا روھى جەھەتتە پۈتۈن زىھنىڭىزنى، كاللىڭىزدىكى پۈتۈن ئوي خىيالىڭىزنى بالىغا بېرىش، ئۆزىڭىزنى خۇددى دېڭىزغا تاشلىغاندەك، بالىغا ئۆزىڭىزنى ئەركىن ئېتىشتىن ئىبارەت.

بىخەتەر باغ ئورنىتىشتىكى ئىش-ھەرىكەتلەردە بىز دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر قانچە مۇھىم نۇقتىلار:

بىرىنچى، بىز بۇرۇن سۆزلىگەندە، بالا 0-2 ياشقىچە بولغان مەزگىلدە، بىخەتەر باغ قۇرۇلىدۇ. 2-4 ياشقىچە بىخەتەر ئايرىلىدۇ دېسەم ئانىلاردا خاتا چۈشەنچە بولۇپ قالمىسۇن. بۇ خۇددى تۆت ياشتىن كىچىك بالىلىرى بارلارنىڭ ئىشىدەك، بالىلىرى چوڭلارنىڭ بۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى يوقتەك ھىس قىلماڭ. ئەگەر بالىڭىز بىلەن بىخەتەر باغ قۇرالمىسىڭىز، بالىڭىز بىلەن سىرداش بولۇشنى خالىمىسىڭىز بولمايدۇ. سىزمۇ ئوخشاشلا بۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىسى چوڭ ئانىلارمۇ بۇ دەرسنى چوقۇم ئۆزىمىزگە تەتبىقلاشنى ئۇنتۇپ قالمايلى.

ئىككىنچى، تۈركچىدە<ئىش دۇيارلىق>(Es Duyarlik) دىگەن بىر سۆز بولۇپ، ئوخشاش تۇيغۇ، ئوخشاش، تەڭ، ھەمراھ دىگەن مەنىلەردە. بالىڭىز بىر ئىشقا قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، قاتتىق ۋارقىراپ يىغلىغاندا، سىز ”يىغلىما، ئاغزىڭنى يۇم“ دەپ ھەتتا ئاغزىغا ئۇرۇپمۇ سالىسىز. بالىڭىز يىغلىۋالسۇن، ئاچچىقىنى چىقىرىۋالسۇن، بولمىسا بالا كىيىن بىر ئىشقا ئاچچىقلىنالمايدىغان، ئاچچىقىنى چىقىرالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ئەگەر بالىنىڭ ئىھتىياجى ئەمەس ئىش بولۇپ قالسا ھەم شۇنى قىلىمەن دەپ ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ يىغلاپ تۇرۇۋالسا، بۇ بالىنىڭ ئېھتىياج كۈرىشى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىز بالام بىز بۇ ئىشنى قىلمايمىز، دەپ رەت قىلساق بولىدۇ. ئەمما بالا يىغلاپ توختىمىسا، بالىنىڭ كۆزىگە قاراپ، ھە بوپتۇ، قىلىڭە، دەپ ئۆزگىرىۋالساق بولمايدۇ. بىز چوقۇم قارارلىق بولىشىمىز، گېپىمىزدە چىڭ تۇرىشىمىز كېرەك. بالا يىغلاپ، ئاچچىقلاپ ئىچىنى بوشىتىۋالغاندىن كىيىن توختايدۇ. كېيىنچە بۇنداق قىلىشنىڭ ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، يامان ئىشنى قىلىشتىن توختايدۇ.

تۇيغۇدا بالىلار بىلەن ئوخشاش بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. بىز بالىنى چۈشۈرمەسلىكىمىز، كەمسىتمەسلىكىمىز كېرەك، بەلكى ئۇلارنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك. بۇنداق بولغاندا، بالا كىيىن پۈتۈن سىرلىرىنى سىز بىلەن ئورتاقلىشىدىغان بولىدۇ. يەنى ئاپام مىنى ئەيىبلىمەيدۇ، مىنى چۈشىنىدۇ، مەن بىلەن سىرداش بولالايدۇ، دەپ ئويلايدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئانا-بالا ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى باغ ناھايىتى تەبىئى ياخشى شەكىللىنىدۇ. ئەگەر بالىنى ئەخمەق قىلساق، ئۇنىڭغا ئاچچىقلانساق، بالا بىزدىن قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئوتتۇرىدا تام شەكىللىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، بالا ئاپام قۇبۇل قىلارمۇ، دېگەننى ئويلاپ، دېمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەيلى ئاپا ياكى دادا بولسۇن، بالا بىلەن تۇيغۇدا ئوخشاش بولۇش- بىخەتەر باغ ئورنىتىشتىكى يەنە بىر مۇھىم ھالقا.

ئۈچىنچى، ئاتا-ئانا بالىغا تۈزۈم قويغۇچى، چەكلىگۈچى بولماستىن، بالىغا يول كۆرسەتكۈچى يىتەكچى بولىشى كېرەك. ئائىلىدە بالىغا ئىنتايىن كۆپ قائىدە-تۈزۈملەرنى ئورنىتىمىز، لېكىن بالا قارىسا، ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزى بۇ قائىدىلەرگە ئەمەل قىلمايۋاتقان. مەسىلەن، دادىسى بالىسىغا چوڭلارغا پۇتىنى سوزۇپ ئولتۇرماسلىقنى، كىرىلىپ ئولتۇرماسلىقنى ئۆگىتىدۇ، لېكىن ئۆزى پۇتلىرىنى سوزۇپ، ئۆز خاھىشى بىلەن ئولتۇرىدۇ. ئېسىمىزدە بولسۇنكى، بالىلار سۆزلىرىمىزدىن بەكرەك، ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزگە قارايدۇ ھەم ئۇنىڭدىن ئۆگىنىدۇ.

ئەمىلىيەتتە بىر بالىنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىزنىڭ يېڭىدىن ئادەم بولىشىمىز ئۈچۈن بىر ياخشى پۇرسەت. بالام ماۋۇ يامان ئادىتىمنى ئۆگىنىپ قالمىسۇن، دەپ دىققەت قىلىمىز. ئەگەر بۇنداق تۈزۈملەرنى تۈزۈپ، ئۆزىمىز رىئايە قىلمىساق، بالا بۇنىڭدىن ئادىللىق ھىس قىلمايدۇ، غەزەپكە تولىدۇ…شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشلار بالىنى ئائىلىدە بىخەتەر، خوشال ھىس قىلىشتىن توسىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قائىدە-تۈزۈملەر ئائىلىدىكى ھەممەيلەنگە ئورتاق بولىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز بالىمىزغا خاتالىقنى كۆرسىتىپ بەرگۈچى ھەم يىتەكچى بولىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ نىمە پەرقى بار؟

ئىش ھەرىكەتلەردە ئەيىبلەش: كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بالا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قالسا، ئىش-ھەرىكىتىدىكى خاتالىقنى كۆرسىتىپ بەرمەي، بالىنىڭ ئۆزىنى ئەيىبلەپ سالىدۇ. بۇ خىل ئەيىبلەشلەر بالىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى ياخشىلاشقا قىلچىمۇ ياردەم بەرمەيدۇ. ئەسلى بىز بالام ماۋۇ ئىشىڭىز بولدى، ما ئىشىڭىز بولمىدى، دەپ خاتا قىلغان جايلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشىمىز ھەرگىزمۇ بالىنىڭ ۋىجدان، غۇرۇرىغا تېگىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلماسلىقىمىز كېرەك.

مەن ئەڭ ئەنسىرەيدىغان نۇقتا: ناۋادا بالا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قالسا، بىزنىڭ ئەيىپلەيدىغىنىمز ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكىتى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئادىمىيلىكى، ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزى بولۇپ قېلىشىدۇر. مەسىلەن، بالا بىرەر ئىمتىھاندا تۆۋەن نۇمۇر ئېلىپ قالسا، بىز ئۇنىڭغا ئىمتىھانغا ياخشى تەييارلىق قىلمىغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق تۈۋەن نۇمۇر ئېلىپ قالغانلىقىنى دىمەي بەلكى، سەن نېمانداق ھورۇن، سەن نېمانداق دۆت دەپ ئەيىبلەپ قويىمىز. شۇڭا بىز بالىمىزنىڭ قىلغان خاتالىقلىرىنى كۆرسىتىپ ئۇنىڭغا يىتەكچىلىك قىلىشىمىز، ئۇنىڭ ئادىمىيلىكىگە زەربە بەرمەسلىكىمىز كېرەك. ئۇندىن باشقا، بالىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتكەن، بالىغا زۆرۈر بولمىغان ئىشلاردا، مەسىلەن بالا ئەخلەت يىمەكلىك يەيمەن، دەپ تۇرۇۋالسا، بىز ئۇلارنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىشىمىز، ناۋادا ئۇلار خاتالىقىنى تونۇپ ئالدىمىزغا كەلسە، بايام مېنى خاپا قىلدىڭىزغۇ، گەپ قىلمايمەن سىزگە، دىگەندەك گەپلەرنى قىلماسلىقىمىز كېرەك. بالىمىزنى قايتا قۇچىقىمىزغا ئېلىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا، بالا ئىچىدىكى نەرسىلەرنى بىزگە تۆكۈپ سۆزلەيدىغان بولىدۇ.

مۇشۇنداق قىلالىغان ۋاقتىمىزدا، بالا بىرەر ئىش قىلىپ نەتىجە قازىنالمىغان ۋاقىتتا، ئانا مەن نەتىجە قازىنالماي قالدىم، دېيەلەيدىغان بولىدۇ. ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى سىزگە دېيەلەيدىغان بولىدۇ. شۇڭا بالىمىزغا بولغان سۆيگۈمىزنىڭ شەرتلىك ئىكەنلىكىنى، يەنى نەتىجە قازانسا ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىز، خاتالىق ئۆتكۈزسە ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلىسەك، بالا ئاتا-ئانىنىڭ سۆيگۈسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.

بالىمىزغا بولغان سۆيگۈمىز شەرتلىك بولماستىن، ھەر ۋاقىت شەرتسىز بولىشى كېرەك. مەيلى بالىمىز ئىمتىھاندا ياخشى نۇمۇر ئالسۇن ياكى تۆۋەن نۇمۇر ئالسۇن، ئۇنى بىزنىڭ سۆيگۈمىزنىڭ شەرتى قىلىۋالماسلىقىمىز، ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ بالىسى ئىكەنلىكى ئۈچۈن سۆيىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

نىمە ئۈچۈن ھەر قېتىم ”بالا بىلەن باغ ئورنىتىش“ دېمەي، ”بىخەتەر باغ ئورنىتىش“ دەيمىز؟

چۈنكى بەزىدە باغ ئورنىتىلىدۇ، لېكىن بالا ئانىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. بۇنداق باغ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاساسىدا ئورنىتىلغان باغ بولمايدۇ. بىخەتەر باغ ئورنىتىش ئۈچۈن ئانا بالىدا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

ئاناتولىيە پىداگوكىسىنىڭ جېنى ھېسابلىنىدىغان ناھايىتى مۇھىم ھالقا- بالىنىڭ تۇغۇلۇشتىكى تىنچ بولغان روھىي ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت. شۇ ھالەتنى ساقلاپ قېلىشقا ئانىلارنىڭ ياردەم بېرىشى ۋە كۈچ چىقىرىشى بالا بىلەن بىخەتەر باغ ئورنىتىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئۇنداقتا بالىنىڭ تىنچ روھىي ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشتا قانداق قىلىمىز؟

ھەر بىر بالا تۇغۇلغاندا روھىمىزنىڭ تىنچ بىر ھالىتى بولىدۇ ، ئەگەر روھىمىزنىڭ بۇ تىنچ ھالىتى بۇزۇلۇپ كەتسە، ئاسان تىتىلدايدىغان، ئىچىمىز سىقىلىدىغان، چېچىلاڭغۇ، دىققىتىمىزنى يىغالمايدىغان، ئۆزىمىزنىڭ تىنچلىقىنى تاپالمايدىغان، بىر ئىشلارنى دىققەت بىلەن قىلالمايدىغان، شۇ ئىشقا ئەستايىدىل بېرىلمەيدىغان بولۇپ قالىمىز.يولباشچىمىز بىزنى ئالدىراڭغۇلۇقتىن توسقان، ئالدىراڭغۇلۇق شەيتاندىن دېگەن. لېكىن تىنچلىق، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئالدىرىماي، ئېغىر-بېسىق ھالىتىنى تۇتۇۋېلىش بولسا بۇ ياراتقۇچىمىزدىندۇر. ياراتقۇچىنى ياد ئېتىش بىلەن قەلبلىرىمىز ئارام تاپىدۇ. قەلب ئارام تاپىدىغان ئاشۇنداق كەيپىياتنى بۇزماسلىقىمىز كېرەك. ئۆي ئىچىدە ئاتا ئانىلارنىڭ گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەتتىكى ئالدىراڭغۇلۇقق بالىنىڭ تىنچ مۇھىتىنى بۇزىدۇ. شۇڭلاشقا سىز ئىش – ھەرىكىتىڭىزنى ئاستىلىتىڭ، تىنچ، ئالدىرىماي قىلىشقا تىرىشىڭ.

مەسىلەن، بالىلىرىمىز بىلەن سىرتقا چىقماقچى بولۇپ بالىلارنى تېز ھەرىكەت قىلىشقا بۇيرۇش، ئۇلارنى ”سىز نېمانداق مىس-مىس، تېز بولۇڭ، چاققانراق بولمامسىز….“ دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئالدىرىتىشىمىز بالىلارنىڭ تىنچ ھالىتىنى بۇزىدۇ. تاماق يېگەندىمۇ تېز يەۋېتىشنى جىددىيچىلىك ئىچىدە سۈيلەپ ئالدىراتساق بالىلار تېخىمۇ جىددىيلىشىپ، روھىدىكى تىنچلىق بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. بالىغا گەپ قىلغاندىمۇ بىردەمدە ئاچچىقلاپ، بىردەمدە خۇشال بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتساق بالىلارنىڭ روھىي تىنچلىقىنى بۇزۇپ قويىمىز. بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە دەرھال ئاچچىقلىماي ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىشىمىز كېرەك. سىز بالىڭىز بىلەن تەڭ ئېگىزلىكتە ئولتۇرۇپ، كۆزىگە قاراپ ياكى بالىنىڭ دولىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ۋە ياكى بالىنى قۇچىقىڭىزغا ئېلىپ تۇرۇپ خاتالىقىنى تۈزىتىپ بەرگەندە، بالىلارغا بېسىم ئىشلەتمەي، بۇيرۇق قىلمىغان ھالەتتە ئۇلار بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ-قوپۇپ قىلغاندا بالىلارنىڭ قەلبى ئارام تاپىدۇ. بالىڭىزنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە تەڭ باراۋەر ئولتۇرۇپ، ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالغان ھالدا بالىغا دانىمۇ-دانە، ئالدىرىماي خاتالىقىنى چۈشەندۈرۈڭ.

مەسىلەن، بالىلار تاماق يېگەن ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ چېچىۋېتىشى نورمال ئىش، ھەرگىزمۇ ”سىز تاماقنى ئىسراپ قىلدىڭىز،ئېلىڭە“ دەپ ئۇلارنى قورقۇتماستىن،“مەيلى ھېچقىسى يوق، ئاۋال سىز تامىقىڭىزنى يەپ بولۇڭ ئاندىن چېچىۋەتكەن تامىقىڭىزنى يىغىشتۇرىمىز“ دەپ ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلىمىز، ھەرگىزمۇ قائىدىگە سېلىۋالمايمىز. تۇيغۇدا ئەركىن، ھەرىكەتتە ئىنتىزامچان بولۇپ، ئاۋال ئۇلارغا تۇيغۇدا ئەركىنلىك بېرىمىز.

يەنە مەسىلەن، بالىڭىز پىچاقنى قولىغا ئېلىۋالغاندا ھەرگىزمۇ جىددىيلىشىپ، تەڭ ۋارقىراپ ئۇلارنى ھودۇقتۇرماستىن، ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىپ سالماقلىق بىلەن بالىغا پىچاق ئوينىسا قولىنى كېسىۋالىدىغانلىقى(ئېھتىياتسىزلىقتىن)، ئۇنى قولىغا ئېلىۋېلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىمىز. سىز قانچىكى جىددىيلىشىپ، بالىنى قورقۇتۇپ پىچاقنى جايىغا قويۇشقا ئۈندىگەندە بالىدا ئەكسىچە قارشىلىشىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ، گېپىڭىزنى ئاڭلىماسلىقى ئېنىق.

سىزنىڭ بالىڭىزغا تۇتقان بىردەم جىددىيلىشىپ، بىردەم ئاچچىقلاپ، بىردەم خۇشال بولىدىغان تۇراقسىز كەيپىياتىڭىز، ئالدىراقسانلىقىڭىزمۇ بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . بالىمىزنى رىغبەتلەندۈرۈش، قەلبىدە بىر خىل تىنچ ھالىتىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن ،بىز ئۆزىمىز تىنچ ۋە ئېغىر-بېسىق بولىشىمىز كېرەك .

مەزكۇر يازما ئەي بالام بلوگىغا تەۋە، ھەرقانداق سالون ۋە بلوگلارنىڭ كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ