تارىخىي رومان “جاللات خېنىم”دىن كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى

تارىخىي رومان “جاللات خېنىم” دىن كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى

رومان ئاپتورى: ياسىنجان سادىق چوغلان

يالقۇن ئىدىقۇت

سۇلتان ئابدۇللاخان ئىسھاقىيە مەزھىپى مۇرتى ئىدى. ئۇ ئوغلى يولۋاسخاننى ئون نەچچە ياش ۋاقتىدا قەشقەرنىڭ بەگلىكىگە تەيىنلەپ قەشقەرنى ئىدارە قىلىشقا ئەۋەتىۋېتىدۇ. دەل مۇشۇ چاغلاردا قەشقەردە خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ سوپىلارنىڭ پىرى سۈپىتىدە بۇ مەزھەپنى باشلاپ ماڭاتتى. خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ ئابدۇللاخان بىلەن كۆرۈشۈپ خاننى قايىل قىلىپ ئۆزىنىڭ مۇرتى قىلىۋېلىش مەقسىتىدە يۈرىدۇ. كېيىن خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ بىر كىملەر تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرىلىدۇ. مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان سوپىلارنى يېتەكلەپ ماڭىدۇ ۋە ئاتىسى مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ قىساسىنى ئېلىشقا قەسەم ئىچىدۇ. بىر قانچە يىللار ئۆتۈپ ھىدايىتۇللا ئىشان ئەقلىگە تولغاندىن كېيىن ئاۋۋال قەشقەر بېگى يولۋاسخاننى ئۆز مۇرتى قىلىۋالىدۇ. يولۋاسخانمۇ ھىدايىتۇللاغا پۈتۈنلەي ئىشىنىدۇ. ھىدايىتۇللا كۆڭلىدە، ئەگەر يولۋاسخان پادىشاھ بولسا ئىشقىيە سۈلۈكىمىزنى خاننىڭ قوللىشى ئاستىدا تېخىمۇ ئەركىن ئازادە تەرغىب قىلغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ ۋە بۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن يولۋاسخاننى ئاتىسىدىن تەخت تالىشىشقا ئۈندەيدۇ. ئۈندەشلەر نەتىجىسىدە يولۋاسخان بىلەن سۇلتان ئابدۇللاخان ئارىسىدا چوڭ زىددىيەت پەيدا بولىدۇ. خوجا ھىدايىتۇللا يالغان خەت پۈتۈپ سۇلتان ئابدۇللاخانغا ئەۋەتىپ، خان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەمىرلەر ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سالىدۇ، نەتىجىدە بىر نەچچە ئەمىر خاننىڭ يارلىقى بىلەن جېنىدىن ئايرىلىدۇ.

سۇلتان ئابدۇللاخان ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ كېلىش پىلانى بىلەن بىر قانچە ئەمىرىنى باشلاپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار يولغا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يولۋاسخان ئوردىغا كىرىپ شاھىنشېنىدىكى تەختتە ھېيىقماستىن ئولتۇرىۋالىدۇ. شاھزادىنىڭ بۇ قىلمىشىغا نارازى بولغان ئەمىرلەردىنمۇ ھېچبىرى گەپ قىلالمايدۇ. كېيىن ئەمىرلەردىن بىر قانچىسى مەسلىھەتلىشىپ بۇ ئىش ھەققىدە سۇلتاننى خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن چاپارمەن ئەۋەتىدۇ. سۇلتان ئابدۇللاخان ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ھەرەمگە بارماستىن دەرھال ئوردىغا قاراپ ئاتلىنىدۇ ۋە تېزلا قايتىپ كېلىدۇ. شاھىنشېنىغا مەزمۇت قەدەملىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن ئاتىسىنى كۆرگەن شاھزادە يولۋاسخان قورققانلىقتىن ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ قويىدۇ ۋە تەختتىن ئۆزى بىلمەستىن دومىلاپ چۈشۈپ كېتىدۇ. ئابدۇللاخان تەختكە ئولتۇرۇپ چوڭقۇر ئويغا پاتىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇ ئەدەپسىز ئوغلى يولۋاسخاننى چوقۇم جازالىشى كېرەك ئىدى، ئوردا قانۇنى ھەممە كىشىگە ئورتاق ئىشلىتىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇنداق قىلمىغاندا ئەمىرلەر كېيىن خاننىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدىغان ۋە ئۇنىڭ يارلىقىغا ئەمەل قىلمايدىغان ئىشلار يۈز بېرەتتى. مانا ئەمدى ئۇ شاھزادىنى ئۆلۈمگە بويرۇيدۇ يۇ، كۆزىدە ئوغلىغا قىيالماسلىق ياشلىرى پەيدا بولىدۇ. ئۇ ئەمىرلىرىدىن بىرەرسىنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ شاھزادىنىڭ گۇناھىدىن كېچىشىنى ئۆتۈنسىكەن دىگەن ئۈمۈدتە ئەمىرلىرىگە كۆز يۈگۈرتىدۇ. ئەمىرلىرىدىن مىرزى ھىندىقۇش خاننىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ، شاھزادىنىڭ گۇناھىدىن كېچىشىنى ئۆتۈنىدۇ. شۇنداق قىلىپ مىرزى ھىندىقۇشنىڭ باھانىسىدە يولۋاسخان ئامان قالىدۇ ۋە يەنە قەشقەرگە كېتىدۇ.

خوجا ھىدايىتۇللانىڭ داۋاملىق قۇترىتىشى بىلەن يولۋاسخان يەنە بىر قېتىم سۇلتان ئابدۇللاخانغا قارشىلىق بىلدۈردى ۋە سەئىدىيە تەختىنى يۇۋاشلىقچە ئۆتۈنۈپ بەرمىسە جەڭ قىلىپ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

ئاتا – بالا ئارىسىدىكى چوڭ جەڭ رەسمىي باشلىنىدۇ. سۇلتاننىڭ يارلىغى بىلەن مىرزى ھىندىقۇش لەشكەرلىرىگە قوماندانلىق قىلىدۇ. بۇ قېتىملىق جەڭدە يولۋاسخان قوشۇنى مەغلۇپ بولىدۇ ۋە قەشقەرنى تاشلاپ قاچىدۇ. كېيىن جۇڭغارلارنى باشلاپ كېلىپ ئاۋۋال قەشقەرنى ئاندىن ئاستانىنى تارتىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ يولۋاسخان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. بۇرۇن ئىسھاقىيە سۈلۈكىدىكىلەر تەرىپىدىن نۇرغۇن ئىشقىيە (سوفىيلار) سۈلۈكىدىكىلەر ئۆلتۈرۈلۈپ قەشقەر تۇپرىقى قان بىلەن بۇيالغان بولسا، مانا ئەمدىلىكتە ئاستانىدە ئىسھاقىيە مۇرتلىرىنىڭ قېنى ئېرىق بولۇپ ئاقىدۇ.

مەختۇمزادە خوجا ئابدۇللا ئىشان (ئىسھاقىيە مەزھىپىنىڭ پىرى) ئوردىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ ئىنىسى ئاقسۇ ئەمىرى ئىسمايىلخانغا بايان قىلىپ بېرىدۇ. يولۋاسخاننىڭ بۇ نامەردلىكىدىن غەزەپلەنگەن ئىسمايىلخان يولۋاسخانغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. كېيىن مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم تۇرپاندىن ئاقسۇغا كېلىدۇ ۋە ئىسمايىلخاننىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي مىرزا باباقبەگكە ئەگىشىپ جەڭ مەيدانىغا بىللە بارىدۇ. ئۇ 16 ياشلىق قەيسەر قىز جەڭ مەيدانىدا يولۋاسخاننىڭ سەركەردىلىرى بىلەن يەكمۇ-يەك ئېلىشىپ ئىككى-ئۈچىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يولۋاسخان قوشۇنىنىڭ ئىشەنچىسى سۇنىدۇ. ئىسمايىلخان قوشۇنى يولۋاسخان قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىدۇ. يولۋاسخاننى بىر سەركەردە ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ، خوجا ھىدايىتۇللا بولسا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قەشقەرگە قېچىپ بېرىۋالىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن سۇلتان ئىسمايىلخان دەۋرى باشلىنىدۇ. خەلق تىنچ – ئامان تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ. بۇ ئىشلار كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. مۇشۇ پۇرسەتتە خوجا ھىدايىتۇللا يەنە ئۆچەكتىن چىقىپ ھەرىكەتكە كېلىدۇ. ئۇ ئاۋۋال ئىسھاقىيە مۇرتلىرىنىڭ باشلامچىسى بولغان مەختۇمزادە ئابدۇللا ئىشاننى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكەندىن كېيىن نىجىس قولىنى سۇلتان ئابدۇللاخانغا ئۇزارتىدۇ ۋە سۇلتاننى يۇشۇرۇن جايلىۋېتىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىدۇ. مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم ۋە مىرزا باباقبەگنىڭ قوغدىشى ئاستىدا خان ئامان قالىدۇ.

خوجا ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ سەئىدىيە خاقانى بولغان سۇلتان ئىسمايىلخاننى قەستلەپ ئۆلتۈرۇش پىلانى پاش بولۇپ قالغاندىن كېيىن، سۇلتان ئىسمايىلخاننىڭ ھۆكۈمى بىلەن سەئىدىيە زىمىنىدىن بارلىق بالا-چاقىلىرى بىلەن بۇ زىمىنغا قايتا قەدەم باسماسلىق ۋەدىسىدە باشقا يۇرتقا سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ خوجا ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ سۈرگۈنلۈك ھاياتى باشلىنىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا كەشمىر، ئۆزبىكىستان ۋە ھىرات قاتارلىق جايلارنىڭ خانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ نۇرغۇن سوۋغا سالام قىلىدۇ ۋە ئۇلاردىن لەشكەر تارتىپ بېرىپ ئۆچ ئېلىشىغا ياردەم بېرىشىنى ئۆتۈنىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى: دەپ يولغا سالىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى سۇلتان ئىسمايىلخاندىن قىساس ئېلىش ئوتى سۇسلاشمايدۇ. ئۇ كېيىن بۇددا دىنىغا ئىشىنىدىغان مەلۇم بىر خانلىقنىڭ تەشەببۇسى ئاستىدا بەشىنچى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشكە يول ئالىدۇ.

خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان بۇتپەرەسنىڭ كاتتىسى بولغان دالاي لاماغا باش قويۇپ يېلىنىدۇ. دالاي لامانىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بۇددا دىنىدىكىلەرنىڭ بۇت ئەۋلىيالىرىغا باش قويىدۇ ھەمدە بۇتپەرەسلىكتىن بىلىم ئالىدۇ. بۇ ئىشلاردىن تەسىرلەنگەن دالاي لاما خوجا ھىدايىتۇللا بىلەن كۆرىشىدۇ. دالاي لاما ئۇنىڭغا موڭغۇل خاقانى غالدان بىلەن كۆرۈشنى ئېيتىدۇ.

خوجا ھىدايىتۇللا غالدان بىلەن كۆرۈشكەندە يەنە نۇرغۇن ئالتۇن كۈمۈش سوۋغا قىلىدۇ، ئاندىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ يەنە غالدانغا: دەپ بۇرۇنقى تارىخنى ئەسكەرتىدۇ. خوجا ھىدايىتۇللانىڭ كۈتكىنىدەك موڭغۇللار ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە قوشۇلىدۇ ۋە قوشۇن باشلاپ بېرىپ ئىسمايىلخاننى تۇتقۇن قىلىپ، ئۆز يۇرتىغا ئېلىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ 180 يىلدىن بويان تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن يەكەن سەئىدىيە خانلىقى ھىدايىتۇللا ئىشان (ئاپاق خوجا) باشلاپ كەلگەن موڭغۇللارنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ. غالدان سەئىدىيە زىمىنىغا بىر مىڭ ئەتراپىدا موڭغۇل ئەسكىرى قالدۇرىدۇ ۋە ئاپاق خوجىنى قورچاق خان قىلىپ تەيىنلەپ، ئەل يۇرتنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ قايتىدۇ. ئاپاق خوجا موڭغۇل خاقانى دەپ نام ئالغان غالدانغا ئېشەكتەك ئىشلەپ، مىڭلىغان چوكانلارنى ۋە ھىسابسىز ئالتۇن-كۈمۈشنى سوۋغات سۈپىتىدە موڭغۇللارغا بېرىدۇ.

ئىككى يىلدىن كېيىن ئاپاق خوجا ھاكىمىيىتى مۇھەممەدئىمىن باھادىرخان (سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ ئوغلى) تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلىدۇ. مۇھەممەدئىمىن باھادىرخان قوشۇنى ئالتاي تەرەپتىكى تاغدا موڭغۇللار بىلەن جەڭ قىلىپ موڭغۇللارنىڭ نۇرغۇن لەشكەرلىرىنى يوقىتىدۇ ۋە شۇندىن باشلاپ موڭغۇللارغا ئولپان تاپشۇرمايدىغان بولىدۇ.

مۇھەممەدئىمىن باھادىرخان تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن تەڭدىن تولىسى ئىشقىيە مەزھىپى بولغان خەلقنىڭ تەۋرەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئاپاق خوجىنى ئامان قويىدۇ. (ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپاق خوجا خەلق ئىچىدە بەلگىلىك ئىمتىيازغا ئىگە ئىدى.)

خوجا ھىدايىتۇللا خان جەمەتى بولۇش تەمەسىدە سۇلتان مۇھەممەدئىمىن باھادىرخاننىڭ تويغا قوشۇلۇش ۋەدىسىنى ئالغاندىن كېيىن مۆھتىرەم خېنىمغا ئىشىق مەكتۇبى ئەۋەتىدۇ.

مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ قىزى (سەئىدىيە سۇلتانى ئىسمايىلخاننىڭ جىيەن قىزى)، سۇلتان مۇھەممەدئىمىن باھادىرخاننىڭ سىڭلىسى، شۇنداقلا ئۆز ۋاقتىدىكى ئوردا مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ئەمىر سەركەردىسى ئىدى.

مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم جاۋابەن: << ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھىدايىتۇللا ئىشان ھەزرەتلىرى. بۇ دۇنيانىڭ پۇچەك پۇلغا ئەرزىمەيدىغان، ئەئىشىيەت لەززەتلىرىنى تەرك ئېتىپ، خۇدايى ئىشانلىق يولىدا ئىبادەتكە مەشغۇل بولغان جانابلىرىدەك سۈلۈك پېشۋاسىنىڭ چاچ ساقاللىرىغا قىرو چۈشۈشكە باشلىغاندا، ئىشىق بالاسىغا مۇپتىلا بولۇپ، ۋىسال لەززىتىدىن شاراب ئىچىشنى دەۋا قىلىپ يازغان مەكتۇبلىرىنى كۆرۈپ، ھەم كۈلگۈم كەلدى، ھەم ھەيران قالدىم. ئەلۋەتتە، ئاشىق بولۇش زىنھار گۇناھ ئەمەستۇر. ئۇلۇغ ياراتقان ئاللاھ ئىگەم ئادەم ئاتىمىزنى ھاۋا ئانىمىزغا ئاشىق قىلغاندىن بېرى ئىسانلار ئارىسىدا ئاشىقلىق پەيدا بولغان. ھەزرەتلىرىنىڭ مەكتۇبىدىكى ئىشىق بابىدىن تىزغان گۈلدەستىلىرى مېنى زىنھار جەلپ قىلالمىدى. دىمەكچىمەنكى، ئاشىقلىق ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى، بەرگەن تەبىرلىرى تولىمۇ چولتا ئىكەن. ھەزرەتلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئىشىق بىلەن مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئىشىق پەقەت ئوخشىمايدىكەن. قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايلا: ئىشىق – يۇلتۇزدۇركى پارلاپ تۇرغان، ئىنسان كۆزىنىڭ نۇر ۋە روشەنلىكى ئۇنىڭدىن؛ گۆھەردۇركى جۇلالاپ تۇرغان، ئادەملىك تاجىنىڭ زىننىتى ۋە باھاسى ئۇنىڭدىن؛ ئىشىق مىسالى قوياشتۇركى ئوچۇق چىققان، مىسكىن دىللار تىكەنزارلىقى ئۇنىڭدىن گۈلشەن؛ تولۇن ئايدۇركى نۇر چېچىپ تۇرغان، قاراڭغۇ دىللار شەبىستانى ئۇنىڭدىن روشەن؛ دېڭىزدۇركى پايانسىز، ھەر دولقۇنى يۇزلەپ ئەقلى كەمنى چۆكتۈرگەن؛ شولادۇركى ئوتلۇق، كۆپ جانۇ كۆڭۈلنى ئېرىتىپ سۇ قىلغان؛ چاقماقتۇركى يالتىراپ چىققان، كۆپ جانۇ كۆڭۈلنى كۈل قىلغان؛ ئەجدىھادۇركى قانخور، ئالەمنى دەم تارتماق ئاڭا مەقسەت؛ پادىشاھدۇركى غەزەپلىك، مەقسىتى ئالەم ئەھلىنى بىر يولى ئۆلتۈرمەك. مانا بۇلار مېنىڭ ئىشىق بابىدىكى تەبىرىمدۇر. ئەلۋەتتە ئاشىقلىق يالغۇز ئىنسانغىلا قارىتىلغان ئەمەس. ياتلارنى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن زىمىنغا باشلاپ كېلىشتىن ھايا قىلمىغان ھەزرىتىمگە ئىشقنىڭ باشقا بابلىرىدىن سۆز ئېچىشنى راۋا كۆرمىدىم. تۆۋەندىكى نەزمە ھەزرىتىمنىڭ تەكلىپىگە بەرگەن جاۋابىم بولۇپ قالغاي.

بىراۋنىكىم بېرىپ مۈلكىنى بەرباد،

قىلۇرسەن نازەنىن كۆڭلىنى ناشاد.

شىكەستىغە سەتەم ياسىن قۇرارسەن،

ئىشتىدىم ئىشىق لافىن ھەم ئۇرارسەن.

مەلىكە مۆھتىرەم خېنىمنىڭ جاۋابىنى تاپشۇرۋالغان خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان نىيىتىدىن يانماي موللا ساقىينى ئىككىنچى قېتىملىق ئەلچىلىككە ئەۋەتىدۇ. مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم جاۋابەن:

ئېشەك مۇنچىقى تاجغا مەنسۇپ ئەمەس،

دەرگاھ سالار شاھلەرگە مەرغۇب ئەمەس.

خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان سۇلتان مۇھەممەدئىمىن باھادىرخانغا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن، خەلىپىلىرىگە يۇشۇرۇن ھالدا ئەل ئىچىدە سوپىلار توپىلىڭى كۆتۈرگۈزىدۇ. ئاخىرىدا ئاپاق خوجا كۈتكەندەك سۇلتان باھادىرخان ئاپاق خوجا ئالدىغا ئەل ئىچىدىكى توپىلاڭنى تىنىچلاندۇرۇش توغرىسىدا يېلىنىپ كېلىدۇ. ئۇ ھىيلىگەر ئاپاق خوجا بولسا ئىشىق ئوتىدا كۈيۈپ كۈل بولۇپ ھالىم پەقەت قالمىدى، توپىلاڭنى تىنچلاندۇرۇشقا مادارىم يوق دەپ تۇرۇۋېلىپ، باھادىرخاننى قەستەن تەڭقىسلىقتا قويىدۇ. سۇلتان باھادىرخان مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم بىلەن كۆرۈشۈپ ئىشلارنى بىر قۇر چۈشەندۈرىدۇ ۋە ھازىرقى سەئىدىيە خانلىقىنى خۇددى ئۈچ پۇتلۇق داڭقانغا ئوخشىتىدۇ. ئۇ پۇتلارنىڭ بىرى سۇلتان باھادىرخان، يەنە بىرى ئاپاق خوجا ۋە ئۈچىنچىسى مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم. بۇ چۈشەندۈرۈشلەرگە مەجبورىي قايىل بولغان مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم تۆۋەندىكى ئۈچ شەرت ئاستىدا ئاپاق خوجا بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلىدۇ:

  1. دىنىي تەرىقەت ئىشلىرىدا ئەھلى ھاكىمىيەتكە مۇخالىپ ھەرقانداق ئىش كۆرۈلسە ئاپاق خوجا دەرھال بېجىرىش كېرەك. ھاكىمىيەتكە قارشى چىققۇچىلارنى ئۆلتۈرمىگىچە يالتايمايمەن، ئاپاق خوجا قەتئى ئوتتۇرىغا چۇشمىسۇن.

  2. ئاپاق خوجا ئىشىقىيە سۈلكىدىكىلەرنى ( سوپىلار ) ھاكىمىيەت قانۇن – جاساقلىرىغا بەجاندىل بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلسۇن. پېقىرنىڭ نەسەبى بۈيۈك سەئىدىيە خانلىق جەمەتىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر كىملەر مەندىن ھوشۇر – زاكات ۋە ساخاۋەت – ياردەم تەلەپ قىلسا، ئاپاق خوجا خەزىنىسىدىن خالىغانچە ئالغايمەن، بۇنىڭغا ھېچكىم نەزەر سالمىغاي.

  3. ھەزرىتىمنىڭ سۇلتانۇل مۇھەققىنلىق، قۇتبىل – ئەقتابلىق، پىرى – ئەزەملىك ۋەلىئەھدى ۋارىسى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدىن دۇنياغا كەلگەي. بۇنىڭغا باشقا ئاغىچا -خېنىملار ۋە خوجازادىلەر زىنھار غەۋغا كۆتۈرمىگەي.

مەلىكە مۆھتىرەم خېنىمنىڭ تويغا ماقۇل بولغان خەۋىرىنى ئاڭلىغان خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان قاتتىق خوش بولغانلىقتىن بۇ شەرتلەرگە ھەتتا ئاڭلاپمۇ قويماستىن پۈتۈنلەي قوشۇلىدۇ ۋە دەرھال مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم بىلەن توي قىلىۋالىدۇ.

مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم قورساق كۆتۈرۈپ ئۈچ ئاي بولغاندا ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا (ئوردا مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ باش ئەمىرى) ئارىلاشماس بولىدۇ. قورساقتىكى بالىسى ئالتە ئايلىق بولغاندا ئاكىسى باھادىرخانغا ئوردا مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ئەمىرلىك مەنسىپىنى ئاپاق خوجىغا بېرىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئاپاق خوجىنىڭ سېھرىي ئەپسۇنلىرىغا ئىشەنگەن ۋە ئىخلاسمەن مۇرتىغا ئايلانغان سۇلتان مۇھەممەدئىمىن باھادىرخان ئويلانماستىنلا سىڭلىسىنىڭ تەكلىپىنى ئورۇنلۇق كۆرۈپ بۇ مەنسەپنى ئاپاق خوجىغا ۋاقىتلىق تۇتقۇزىدۇ.

شۇنداق قىلىپ سەئىدىيە خانلىقى مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ۋاقىتلىق مەنسىپىنى قولغا چۈشۈرگەن ئاپاق خوجا نىيىتىنى بۇزۇپ سۇلتان مۇھەممەدئىمىن باھادىرخاننى پات ئارىدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ھىيلىسى ھەققىدە باش قاتۇرۇشقا باشلايدۇ. ئاخىرى ھىيلىسىنى پۇشۇرۇپ بولغان ئاپاق خوجا ئۆز مۇرتى بولغان ۋە ئاقسۇ ئەمىرلىك ۋەزىپىسىدە ئولتۇرىۋاتقان خەلىپىسى بىلەن ئالدىن يۇشۇرۇن كېلىشىپ، ئاقسۇدا سەئىدىيە خانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ باشلاتقۇزىدۇ. سۇلتان مۇھەممەدئىمىن باھادىرخان بۇ قوزغىلاڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئاپاق خوجا سۇلتان باھادىرخاننى مىڭ تەسلىكتە قايىل قىلىپ بۇ قوزغىلاڭنى ئۆزى بىر قوللۇق يوقىتىش مەقسىتىدە ئاقسۇغا قاراپ يولغا چىقىدۇ ۋە دېگەن خان يارلىقىنى قولغا چۈشۈرۈۋالىدۇ. ئاپاق خوجا يولغا چىقىشتىن بۇرۇن پىلانلاپ قويغان سۇلتان مۇھەممەدئىمىن باھادىرخاننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش سۈيقەستىنى ئاستانىدىكى خەلىپىلىرىگە تاپشۇرىدۇ. بىر قانچە ۋاقىتتىن كېيىن سۇلتان مۇھەممەدئىمىن باھادىرخاننىڭ ۋاپاتى پۈتۈن سەئىدىيە زىمىنىنى بىر ئالىدۇ.

ئوردا مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ئەمىرى ۋە لەشكىرى ئىشلار قوشۇنىنىڭ باش سانغۇنى بولغان ئاپاق خوجا مەلىكە مۆھتىرەم خېنىمغا سۇلتان باھادىرخاننىڭ قىساسىنى ئېلىپ بېرىشنى باھانە قىلىپ ھەمدە شۇ مەقسەتتە ئۆز كۈچىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سۇلتان باھادىرخانغا ساداقەتمەن يەتتە سەككىز ئەمىرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ ۋە پۈتكۈل خانلىق تەۋەسىدە ئىشقىيە مۇسۇلمانلىرىنى تۇتقۇن قىلىش، جازالاش ھەمدە ئۆلتۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ قەدىمىي زېمىن يەنە بىر قېتىم بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنى بىلەن بويىلىدۇ.

ئاپاق خوجا تەختكە ئولتۇرۇپ تەخمىنەن بىر يىلدىن كېيىن قەشقەرگە ئاتىسى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجا قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن قەشقەرگە بارىدۇ ۋە ھەيۋىسىنى نامايىش قىلىش مەقسىتىدە قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىگە بېرىپ نامازغا ئىماملىق قىلىدۇ. نامازدىن كېيىن ئاپاق خوجا ئورنىدىن دەرھال تۇرۇپ سوپا – ئىشانلار مەزھىپىنى پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلەپ كىشىلەرنى ئۆز مۇرتى قىلىۋېلىش ئۈچۈن بار ئاۋازى بىلەن سۆزلەيدۇ. ئاپاق خوجا سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇرغان ئاۋامغا ھەرخىل ماختاشلارنى تەمە قىلىپ نەزەر تاشلايدۇ. ئاۋام ئارىسىدىن بىر ئاپئاق ساقاللىق 60 ياشلار چامىسىدىكى بوۋاي ئاپاق خوجىغا ھۆرمەت – ئېھتىرام بىلدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاپاق خوجىغا ئاتاپ ۋە ئاۋامغا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ سۇئال تاشلايدۇ. بۇ كىشىنىڭ ئىسىم شەرىپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاپاق خوجىنىڭ بەدىنى تىكەنلىشىدۇ، چۈنكى ئاپاق خوجا دەل شۇ كىشىدىن سۇلتان ئىسمايىلخان دەۋرىدە قەشقەردە سۇلتانغا ساداقەتمەن ئەمىر مىرزى ھەيدەر دوغلاتىنىڭ يىغىلىشلىرىدا ۋە بىر قانچە قېتىم دىنىي مۇنازىرىلىشىشلەردە دەككىسىنى تويغىچە يېگەنىدى. ئۇ ئىشلاردىن ئون يىل ئۆتۈپ ئۇ كىشىنىڭ چىرايىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۇ كىشىنىڭ نام شەرىپىنى قەتئىي ئۇنۇتمىغان ئىدى. ئەل ئالدىدا مۇنازىرىدە يەنە ئۇتتۇرۇپ قويسا يۈزى تۆكۈلىدىغانلىقىنى ئالدىن پەملىگەن ئاپاق خوجا سوغۇق تەرلەيدۇ. دېگەندەك، ئاپاق خوجا ئەنسىرىگەن ئىش يۈز بېرىدۇ، شۇ قېتىملىق مۇنازىرىدە ئاپاق خوجا ئاشۇ ئاق ساقاللىق بوۋايغا ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ. ئەمدىلىكتە ئۆز ئىناۋىتىنى ساقلاش ئۈچۈن بوۋاينى كۇپۇرلۇق قىلدىڭ دەپ تىللاشقا باشلايدۇ. ئىككىنچى كۈنى قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىدە تۈنۆگۈن ئاپاق خوجا بىلەن مۇنازىرىگە چۈشكەن ھېلىقى بوۋاي ۋە قەشقەردىكى ئاتاقلىق ئالىم – ئۆلىمالارنىڭ پالتا بىلەن چېپىپ پارە – پارە قىلىۋېتىلگەن مىيىتىگە ناماز چۈشۈرۈلىدۇ.

شۇ تەرىقىدە 13 يىل ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئاپاق خوجىنىڭ چېچىغا ئاق كىرىدۇ، چۈنكى ئۇ يەنە موڭغۇل خانلىقىغا ئولپان تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئۇنچە كۆپ ئولپاننى خەلق ئىچىدىن يىغىش ئەمدىلىكتە تەسكە چۈشۈۋاتاتتى. خەلق سېلىق تاپشۇرۇشقا قارشىلىق كۆرسۈتۈپ بىر نەچچە ئايماق ۋە شەھەرلەردە توپىلاڭ قوزغايدۇ.

پۈتكۈل سەئىدىيە زىمىنىدا ئاپاق خوجا ئىككىنچى قېتىم تەختكە چىققاندىن كىيىنكى شۇ ئون نەچچە يىلدا، ئاپاق خوجىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئەنئەنىۋىي بايرام – مۇراسىملار، نورۇز، مايسا بايرىمى، ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى، ئۇرۇق سېلىش مۇراسىمى، بەزمە – مەشرەپ، بەيگە، ئوغلاق تارتىشىش، دارۋازلىق، سارغايدى، چېلىشىش، چەۋگان، جانبازلىق، مۇشائىرە كېچىلىكى دېگەندەك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى پۈتۈنلەي چەكلىنىدۇ. ھە دىسىلا خەلققە سېلىق سېلىنىپ، خەلق قاقتى – سوقتا قىلىنىدۇ. يىغىلغان پۇللارغا ئوردا ھەشەمەتلىك بېزەپ چىقىلىدۇ. ئوردا يېمەك – ئىچمەك سورۇنىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. خەلق ئىچىدە يەيدىغانغا يىمەكلىك يوق، ئوردىدا يېمەك – ئىچمەك ئېشىپ – تېشىپ تۇرىدۇ.

بىر قانچە يىلدىمۇ پۈتمىگەن ئاتىسى خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ مەقبەرىسىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان ئاپاق خوجا قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم بۇنى ياخشى پۇرسەت دەپ ھېسابلاپ ئاپاق خوجىنى قەشقەرگە بېرىشقا كۆپ دەۋەت قىلىدۇ. ئاپاق خوجا ئاخىرى مەلىكىنىڭ گېپىگە كىرىپ قەشقەرگە بارماقچى بولىدۇ. ئاپاق خوجا مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم ۋۇجۇدىدىن بولغان ھەسەن خوجىنى تەختكە ۋاقىتلىق ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ئۆزى قەشقەرگە يول ئالىدۇ. مۆھتىرەم خېنىم ئاپاق خوجىغا يېقىن ئون نەچچە ئەمىرنى ۋاقىتلىق خان ھەسەن خوجا نامىدىن ئوردىغا چاقىرىپ زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ.

يۇشۇرۇن پۇل يىغىپ ساقلىغان مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم پۇل يېتىشمەسلىك سەۋەبى بىلەن پۈتمەيۋاتقان خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ مەقبەرىسىگە دانىيال خوجا (شۇ زاماندىكى ئىسھاقىيە سۈلۈكىنىڭ باشلامچىسى) نىڭ خەلىپىلىرى ئارقىلىق مەخپىي ھالدا يىگىرمە مىڭ سەر كۈمۈش ۋە بەش مىڭ سەر ئالتۇن ئىئانە قىلىدۇ. ئىئانە قىلىنغان پۇللاردىن قاتتىق تەسىرلەنگەن ئاپاق خوجا ئىئانە قىلغۇچىغا رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ساخاۋەت ئىگىسىنىڭ ئاپاق خوجىنى چەت – ياقىدىكى بىر بارگاھتا مېھمان قىلىش تەكلىپىگە ئىككىلەنمەي قوشۇلىدۇ ۋە شۇ بارگاھتا ئىسھاقىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ پىشۋاسى دانىيال خوجىنىڭ خەلىپىلىرى تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلىدۇ (1694-يىلى).

مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم ئاپاق خوجا جەمەتىدىن بولغان بارلىق كىشلەرنى ئۆلتۈرگۈزۈپ تاشلايدۇ، ھەتتا ئاپاق خوجىنىڭ پۇشتىدىن بولغان يەھيا خوجىنى ئاغىچا – توقاللىرى بىلەن قىرىپ تاشلايدۇ. كېيىن قەشقەر شەھەر مەھكىمىسىگە ئولتۇراقلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئاۋام خەلققە ئۇدا ئۈچ كۈن نەزىر بېرىدۇ، نامرات ئائىلىلەرگە، تۇل خوتۇن، يىتىم – يېسىرلارغا ۋە مىيىپ-مەجرۇھ كىشىلەرگە ئوردا خەزىنىسىدىن سەدىقە بېرىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر شەھەر خەلقى بىر ئاز ئەس ھوشىنى تاپىدۇ.

كېيىن ئاپاق خوجىنىڭ مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم تەرىپىدىن يۇشۇرۇن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى پۈتۈن سەئىدىيە خەلقىگە پۇر كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاپاق خوجا مۇرتلىرىدىن بولغان سوپىلار ئەل ئىچىدە پىتنە پاسات تارقىتىدۇ ۋە سەئىدىيە خانلىقىغا قارشى نامايىش قىلىدۇ. بۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلەنگەن مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم ئۇ نامايىشچىلارنىڭ ھەممسىنى تۇتقۇزۇپ كەلتۈرۈپ، ئوردا ئەمىرلىرى ۋە پۇقرالارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلاپ ئۆلتۈرگۈزىدۇ. مانا شۇ ۋەقەدىن كېيىن كىشىلەر ئەل ئىچىدە مەلىكە مۆھتىرەم خېنىمنى دىمەستىن بەلكى دەپ ئاتىشىدىغان بولىدۇ.

مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم 1698- يىلى كۈز ئايلىرىدا سوپىلار تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. مەلىكىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن قەشقەردە ئاپاق خوجىنىڭ چوڭ ئوغلىدىن بولغان نەۋرىسى ئەھمەد خوجا ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلايدۇ، يەكەندە بولسا دانىيال خوجا ئۆزىنى خان دەپ جاكارلايدۇ. 1713 – يىلى موڭغۇل خانلىقى ئىككىنچى قېتىم سەئىدىيە خانلىقىنىڭ زىمىنىغا قىرىق مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كىرىدۇ، ئۇ چاغدا ئاپاق خوجىنىڭ نەۋرىسى ئەھمەد خوجا موڭغۇللارغا قارشى يەكمۇ – يەك جەڭ قىلىدۇ، دانىيال خوجا بولسا بۇندىن 35 يىل ئىلگىرى ئاپاق خوجا قىلغان نامەردلىكنى قىلىپ موڭغۇللار بىلەن بىرلىكتە سوپىلارغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. موڭغۇللار بىلەن دانىيال خوجا قەشقەردىكى سوپىلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ئەھمەد خوجا بىلەن دانىيال خوجىنى موڭغۇلىيىگە ئاپىرىپ نەزەربەند قىلىدۇ. 1727 – يىلى دانىيال خوجىنىڭ ساداقىتىدىن تەسىرلەنگەن موڭغۇل خانى ئۇنى بۇرۇن ئاپاق خوجا زامانىسىدا يىلىغا يۈز مىڭ سەر بولغان ئولپاننىڭ ئورنىغا تۆت يۈز مىڭ سەر كۈمۈش تاپشۇرۇش، ئالبات، چاكار، ۋە چوكانلارنىڭ سانىنى كېمەيتمەسلىك شەرتى بىلەن قورچاق خان سۈپىتىدە سەئىدىيە زىمىنىغا خانلىققا تەيىنلەيدۇ.

يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سۇلتانلىرى:

سۇلتان سەئىدىخان

سۇلتان ئابدۇرەشىدخان

سۇلتان ئابدۇرېھىمخان

سۇلتان ئابدۇللاخان (مەلىكە مۆھتىرەم خېنىمنىڭ ئاتىسى)

سۇلتان يولۋاسخان(سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ ئوغلى)

سۇلتان ئىسمايىلخان (سۇلتان ئابدۇللاخان ئىنىسى، 1670)

خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان (ئاپاق خوجا، 1678—1680)

سۇلتان مۇھەممەدئىمىن باھادىرخان(1681 — 1680)   (سۇلتان ئابدۇللاخان ئوغلى)

 خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان ( ئاپاق خوجا، 1681—1694)

خوجا ھەسەن (ئاپاق خوجا بىلەن مەلىكە مۆھتىرەم خېنىمنىڭ ئوغلى) (1698-1694 )

ئەھمەت خوجا ( قەشقەر، 1698—1713)

دانىيال خوجا ( يەكەن، 1698—1713)

دانىيال خوجا (قورچاق خان، 1727-)

يالقۇن ئىدىقۇت

گېرمانىيە، 19.04.2018

 

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ