پەرزەنت تەربىيىلەشنىڭ ئالتۇن قائىدىلىرى – بىر گۇرۇپپىسى

پەرزەنت تەربىيىلەشنىڭ ئالتۇن قائىدىلىرى

دوكتور يۈسۈف قاراچاي

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ

 

ئۆزىنى تەربىيىلەلمىگەن ئادەم باشقىلارنى ھەم تەربىيلىيەلمەيدۇ.

ئاۋال تەربىيەنى ئۆزىڭىزدىن باشلاڭ، ئۆزىنى تەربىيىلەلمىگەن ئىنسان باشقىلارنى تەربىيىلەيمەن دەپ ئەكسىچە ناتوغرا يوللارغا باشلاپ قويۇشى مۇمكىن.

پەرزەنتلىرى بەكمۇ تەربىيە كۆرگەن، ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق بىر ئائىلىنى بىلىمەن. بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا بالىلىرىنى قانداق قىلىپ بۇنداق گۈزەل تەبىئەتلىك تەربىيلىگەنلىكىنى سورىماقچى بولدۇميۇ ،ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈپ بۇ سوئالنى سورىشىمنىڭ ھاجەتسىزلىكىنى ھېس قىلدىم. ھەممە نەرسە كۆز ئالدىمدا ئېنىق ئايان بولۇپ تۇراتتى.

پەرزەنتلەرنىڭ دادىسى، سەمىمىي، ئېغىر-بېسىق، تەقۋادار بىر كىشى؛ ئانىسى بولسا مېھرىبان ۋە كۆيۈمچان بىر ئايالكەن. ئائىلىدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىكەن، ئۆيىدىكى تېلېۋىزور ھەر زامان ئۆچۈرۈلگەن ھالەتتە تۇرىدىكەن. پاراڭلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھقا زىكرى ئيتىپ تۇردىكەن، گەپلىرى غەيۋەت ۋە يالغاندىن يىراق ئىكەن، بۇنداق ئائىلىدە ئەلۋەتتە ياخشى خۇلقلۇق پەرزەنتلەر يېتىشىپ چىقىدۇ -دە! بالىسى ئانىسىنى دورايدۇ دېگەن گەپنىڭمۇ ئاساسى بولسا كېرەك.

پىسخولوگ بولغانلىقىم ئۈچۈن تۈرلۈك ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ مىجەزلىرى ھەققىدە مەندىن مەسلىھەت سورىشىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مەندىن ئوخشاش بىر گەپنى تەكرارلىشىدۇ، ئۇ بولسىمۇ :«بالام بەك غەلىتە بولۇپ قالدى». مەن شۇنىڭغا قاراپ ئىشخانامغا ئېلىپ كېلىدىغان بارلىق بالىلارنىڭ ئاتا -ئانىسى بىرمىكى دەپ قالىمەن. كۆپ ھاللاردا سەۋەپ ئاتا-ئانىلاردا بولۇپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىلىرىغا قوپال مۇئامىلە قىلىشىدۇ، بالىلىرىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنى بىلەن كارى بولماي ئۆز پىكرىنى تاڭماقچى بولىدۇ. بۇنداق روھى راھەتسىزلىكلەردىن كېيىن بالىدا چۈشكۈنلىشىش، جىمغۇرلىشىش قاتارلىق ئادەتلەر پەيدا بولىدۇ. بىز بۇنداق ئەھۋالدا كۆپىنچە بالىنى ئەمەس تەربىيەنى ئاتا-ئانىغا بېرىمىز، ئاتا-ئانىلار كۆرسەتمىمىز بويىچە ئىش قىلغاندىن كېيىن بالىلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ كېلىشىدۇ.

شۇڭا مەن دائىم :« بالىڭىز ھەققىدە زارلاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنىڭ ئىش- ھەركەت، گەپ-سۆزلىرىنى بىر تەھلىل قىلىپ كېلىڭ» دەيمەن.

ئۇل ياخشى سېلىنسۇن.

ئۇل ئىمارەتنىڭ ئاساسى بولغىنىدەك ، ئىنسان ھاياتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى يەنى بالىلىق دەۋرى ئۇنىڭ روھى ئىمارىتىنىڭ ئاساسى ئۇلىدۇر. بالىنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشى ئاساسەن 7-6 ياشلاردا روشەن ئىپادىلىنىدۇ. بالىنىڭ 2-5 ياش دەۋرى ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى بۇ دەۋىردە بالىدا ئۆزىگە ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە نىسبەتەن ئىشەنچ تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ، بالا مۇنتىزىم تەربىيە ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئېھتىياجىنى سېزىشكە باشلايدۇ.

تىز-تىز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلاردا ئەتراپىدىكىلەرگە ئىشەنمەسلىك، ئادىمىيلىك خىسلەتلىرى كەم بولۇش ئالامەتلىرى بولۇپ تاكى بىر بالىغا ئاتا-ئانا بولغىچە ئەسەبىيلىك ۋە شۈبھىلىنىش ھېسىياتى كەتمەيدۇ. مانا بۇ ئىشلار دەل ئاتا-ئانىنىڭ بالىنىڭ سەبىيلىك دەۋرىدىكى ئۆزگىرىشلىرىگە ۋە تەربىيلىنىشلىرىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

فىلىپپىندا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇ: ھاياتنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا مېھىر بىلەن كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلەنگەن بالىلار چوڭ بولغىنىدا، ئېغىر-بېسىق ۋە ئۆز ھېسىياتىنى كونتىرول قىلالايدىغان بولۇپ يېتىشىپ چىققان. سىزگە ھازىرچە ھېچنىمىنى چۈشەنمەيدىغان، ئىڭەلەپ يىغلاشتىن باشقىنى بىلمەيدىغاندەك تۇيۇلغان بۇ بالىڭىز ھازىر ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئۇل ھېسابلىنىدىغان دەۋىردە تۇرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا سەل قارىماڭ.

جەننەتنىڭ كەۋسەر شەربەتلىرى

بالىلارغا دائىم ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم ھەققىدە تەربىيە بېرىپ تۇرۇڭ. چۈنكى بالا 3-5 ياشلارغا كىرگەندە ئەتراپىدىكى ئالەمنى چۈشىنىشكە، ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. كۆپىنچە نەرسىلەر ھەققىدە سىزدىن توختىماي سۇئال سورايدۇ. مەسىلەن :« ئانا، سىز ئۆلۈپ كېتەمسىز، ئۆلۈپ كەتسىڭىز نەگە كېتىسىز؟ دادا، ئاللاھ قەيەردە ياشايدۇ؟» دېگەندەك تۈرلۈك سوئاللار. بۇ چاغدا جاۋابىڭىز چوقۇم بالىڭىز قايىل بولغۇدەك، چۈشىنەلىگۈدەك بولىشى كېرەك. بالىنىڭ كاللىسىدا مەلۇم ئۆزى قانائەتلەنگۈدەك جاۋاب ھازىر بولمىغان بولسا ئۇ سىزدىن سوئالنى سورىمىغان بولاتتى. بالىسىنىڭ ئۆلۈم ۋە ھاياتلىق، ئۆلۈمدىن كېيىنكى يېڭى ھايات ۋە ئاللاھ ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتىن قاچقان ئائىلىلەردە يېتىشكەن بالىنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش نېمىدىگەن قورقۇنچلۇق ھە؟

ئانامدىن سۇئال سورىغىنىمدا بولغان شۇ ۋەقەنى ھېچ ئۇنتالمايمەن.

-ئانا، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن نېمىش قىلىمىز؟

-جەننەتكە بارىمىز ئوغلۇم.

-ئاندىنچۇ؟ جەننەتتە قانچىلىك ياشايمىز؟

ئانام مېنىڭ ئەبەدىي، مەڭگۈ دېگەنلەرنى چۈشەنمەيدىغانلىقىمنى كۆزدە تۇتۇپ -1000يىل ياشايمىز ئوغلۇم دېدى.

مەن خاپا بولۇپ كەتتىم، ئىچىمدە بىر ئاۋاز ماڭا :«ئەگەر ھامان بىر كۈنى ئۆلىدىغان بولساق،ياشىشىمىزنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار، مەن مەڭگۈ ياشاشنى خالايمەن، يوق بولۇپ كېتىشنى خالىمايمەن» دەۋاتقاندەك قىلاتتى.

شۇنىڭ ئۈچۈن بالىڭىزغا قۇرئان ئوقۇپ بېرىڭ ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھايات ھەققىدە سۆزلەپ بېرىڭ، بىزنى كۆزىتىدىغان، ھىمايە قىلىدىغان بۇ كۆرۈنمەس پەرىشتىلەرنىڭ ھەم بارلىقىنى سۆزلەپ بېرىڭ، بالىلار چۆچەك ۋە كارتون فىلىملەردىكى سەلبىي ئوبرازلاردىن قورققىنىدا ئۇلارغا قەلبلەرگە مەلھەم بولىدىغان پەيغەمبىرىمىز ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ، ساھابىلەرنىڭ قىسسىلىرىنى سۆزلەپ بېرىڭ بۇ بەكمۇ مۇھىم. چۈنكى بالا ئۆزىگە ئۆرنەك قىلغۇدەك بىر ئىدىئال شەخسكە مۇھتاج بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئىدىئال شەخىس ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنى كونكرېت بىر ئىنسان بىلەن باغلاپ قويمىسىڭىز، بالىڭىز :«چوڭ بولسام،ئاۋتۇمەندەك، شەپەرەڭ پالۋاندەك ئادەم بولىمەن» دېگەن ئارزۇدا ياشاپ ئۆزى ئۆرنەك قىلغۇدەك شەخسنى كارتون فىلىملەردىن تېپىۋالىدۇ.

بالىغا دىن ئاساسلىرىنى ئۆگىتىمەن دەپ بالىنى قىيناپ قويماڭ، بالىڭىزغا يۇققۇدەك، ئۇ قوبۇل قىلالىغۇدەك دەرىجىدىكى مىساللارنى كەلتۈرۈڭ. مىسال:

مېۋە- شەربەتلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان قىزىمغا،جەننەتتە بۇنىڭدىنمۇ تاتلىق، شىرىن مېۋە- شەربەتلىرى ئاقىدىغان دەريالار بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ خالىغانچە ئىچسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىنىمدىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆلۈم ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ئۆزگەردى، ھەتتا ئۆلۈمدىن قورقىدىغان باشقا بالىلارغا مەن سۆزلەپ بەرگەن گەپلەرنى ئېيتىپ بېرىپ ئۇلارغا ئىجابىي تەسىر بېرىشكە باشلىدى.

مەزكۇر يازما ئەي بالام بلوگىغا تەۋە، ھەرقانداق سالون ۋە بلوگلارنىڭ كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.