كارىز بويىدىكى تاكىراڭخانىلار – ئادىل غاپپار كارىزى – ئىزدىنىش تورى

كارىز بويىدىكى تاكىراڭخانىلار
ئادىل غاپپار كارىزى

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ.

1.مۇقەددىمە
بىرىنچى، بۇ تېمىنى تاللاشنىڭ سەۋەبى
ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلى 11-ئايغىچە، شىنجاڭدىكى يۇقۇملانغۇچىلار سانى 40285 كە يەتكەنىدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %80.2نى، خەنزۇلار %7.2نى باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر قالغان قىسمىنى ئىگەللەيدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ۋە ستاتستىكا ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئەيدىزنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىش دەۋرىگە كىرگەن بولۇپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تومۇردىن زەھەر چېكىش ئارقىلىق ئاساسلىق يۇقۇش يولى نۆۋەتتە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇشقا ئۆزگەرگەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى 20 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغان ئەر-ئاياللار بولۇپ، يۇقۇش نىسبىتى ئوخشاش ئىدى، شۇنداقلا ئاساسلىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملانغانلىقى بايقالغانىدى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ۋە رايونلاردىكى تارقىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن رەتكە تىزغاندا، ئاقسۇ (كۇچار ۋە باشقا ناھىيىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) رايونى بىرىنچى ئورۇندا، تۇرپان(پىچان ۋە توقسۇن) رايونى ئىككىنچى ئورۇندا، ئۈرۈمچى ئۈچىنچى ئورۇندا، ئېلى رايونى تۆتىنچى ئورۇندا، قەشقەر بەشىنچى ئورۇندا، خوتەن ئالتىنچى ئورۇندا تۇراتتى.
يۇقىرقى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بىلىشكە بولىدۇكى، ئەمدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار نۇقۇل ھالدىكى زەھەر چېكىشتىن يۇقۇملانغان بولماستىن، بەلكى جەمئىيەتتە ئىمان-ئىنسابنىڭ يوقلۇقى، ئەخلاقى بۇزۇلۇشنىڭ ئېغىرلىقى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ يىمىرىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنسى بۇزۇقچىلىق سەۋەبىدىن يۇقۇملانماقتا ئىدى. جىنسى بۇزۇقچىلىقلار شەھەرلەردىن يېزىلارغا  كۆچۈۋاتىدۇ. غەيرى دېھقان ئەھلىدىن ئۇيغۇرنىڭ يىلتىزى بولغان دېھقانلارغا كۆچۈۋاتىدۇ. چوڭلاردىن ياشلارغا ھەم كىچىكلەرگە  كۆچۈۋاتىدۇ. بۇ بىزنىڭ پاكىزە جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئارزۇيىمىزغا مۇخالىپ بىر ھادىسە. شۇڭا، بۇنداق ھادىسىلەرنى پاش قىلىش، تەنقىد قىلىش ۋە ئۆزگەرتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش تۇلىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالدى. شۇڭا، مەزكۇر تېما ئۈستىدە جەمئىيەتشۇناسلىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش ۋە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە توغرا كەلدى.
1-ھېكايە: 2009-يىلى 7-8-ئايلاردا، مەن تۇرپانغا بېرىپ ئاتۇشلۇق سودىگەرلەرگە ھەمكارلىشىپ ئۈزۈم سودىسى قىلدىم. مەن مەھەللىدىكى 20 نەچچە ياش بالا(چوڭى 36 ياش، كىچىكى 17 ياش)غا  كۈنىگە 100 يۈەندىن پۇل بېرىپ ساندۇققا ئۈزۈم قاچىلاتتىم. كەچتە، ئۇلار مەندىن ئىش ھەققىنى ئالاتتى-دە، ‹ئوينىغىلى بارىمىز› دەپ شەھەر ئىچىگە كىرىپ كېتەتتى. ئەتىسى سەھەردە ۋاقتىدا ئىشقا چىقمايتتى. مەن سۈرۈشتە قىلسام، ئۇلار ئاخشىمى مەندىن پۇلنى ئېلىپلا تاكىراڭخانىغا يۈگۈرەيدىكەن. ئۇ يەرگە بېرىپ، قىزلار بىلەن ھاراق ئىچىشىپ، ناشايان ئىشلارنى قىلىشىپ، كۈندۈزى تاپقان پۇلىنى كېچىسى سورىۋېتىپ قايتىپ كېلىدىكەن. بىر كۈنى مەن كەچتە پۇل تارقاتقىچە، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ، ‹پۇلنى جاپا تارتىپ، ھالال ئىشلەپ تاپقاندىن كېيىن، ئۇنداق ھارام ئىشلارغا سەرپ قىلماي، ئائىلىنى، تۇرمۇشنى قامداشقا ياكى باشقا ئىشقا دەسمايە سېلىشقا ئىشلىتىڭلار، ئىش ھەققىنى ھەر 10 كۈندە ياكى ئايدا بىرلا تارقىتاي› دېدىم. ئارىدىن ياشقا چوڭراق بىرى، ‹بىز كۈنلۈك ئىشلىگەندىن كېيىن، كۈندىكىنى كۈندە ئالىمىز› دەپ تۇرۇۋالدى. شۇ كۈنىمۇ ئۇلار پۇلنى ئېلىپلا، مەھەللىدىن يوقالدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئائىلىسى ۋە بالىسى بار، بەزىلىرى تېخى توي قىلمىغان، ھەتتا توي قىلىش يېشىغىمۇ يەتمىگەنىدى. بۇ ئىشلارنى توسۇپ، توسۇپ بولالمىدۇق. گەرچە، ئۇلارغا نۇرغۇن قېتىم قاتتىق يۇمشاق نەسىھەتلەرنى قىلغان بولساقمۇ، بىزنىڭ ئالدىمىزدا ‹ھەئە، ماقۇل› دەپ قويۇپلا، ئۇلار يەنە شۇ مەينەتچىلىككە قاراپ يۈگۈرىشەتتى.
ئىككىنچى، بۇ ماقالىنى يېزىشنىڭ سەۋەبى
گەرچە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئەيدىز ۋە جىنسى مۇناسىۋەت توغرىلىق نۇرغۇنلىغان تەتقىقات تۈرلىرى ئىشلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تببىي ساھەدىكى تەتقىقات بولۇپ، كەسىپچانلىقى بىر قەدەر يۇقىرى، تىلى ۋە مەزمۇنى ئاممىباب ئەمەس ئىدى. جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرى بولسا، ناشايان تېمىدىكى سېرىق مەزمۇنلار دەپ قارىلىپ، خەلقىمىزگە سۇنۇلمىدى. 2005-يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دىلمۇرات ئۆمەر ئەپەندى ۋە پىرافىسسور سۈي يەنخۇ ئەپەندىلەر تۇنجى قېتىم «جوڭگو-ئاۋستىرالىيە ھەمكارلىقىدىكى شىنجاڭدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقاتى» تۈرىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرىگە نىسبەتەن جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈپ باھالاش تەتقىقات تېمىسىنى ئىشلىدى. گەرچە بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۇيغۇرچە كىتاب ۋە فىلىم قىلىپ ئىشلىنىپ جەمئىيەتكە تارقىتىلغان بولسىمۇ، ئۈنۈمى دىگەندەك ياخشى بولمىدى. 2005-يىللارنىڭ ئالدى كەينىدە، تۇرپان ژورنىلىدا تۇرپاندىكى تاكىراڭخانىلار، ناشايان قىلمىشلار ۋە ئەيدىز توغرىلىق بىر قانچە پارچە ھېكايە، ئوبزور ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. دەسلەپتە، بۇ ماقالىلەر ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا بىر ئاز ئىجابىي تەسىرلەرنى قوزغىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولمىدى.
2008-يىللاردىن باشلاپ، بىر قىسىم تور ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى «پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى»، «مېنىڭ سۆيگىنىم ئەيدىز»…دىگەندەك بىر قاتار تور ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىدى. بۇ ئەسەرلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئېشىپ، تورغا چىققان ۋە مۇنبەرگە كىرگەن ھەرقانداق بىر كىشى قىزىقىپ ئوقۇيدىغان تېمىغا ئايلاندى.ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى ئېلان قىلىندى. بۇ تورغا چىقىشنىمۇ بىلمەيدىغان ساۋاتسىز ئادەملەرمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ئاۋازلىق ئەسەرلەرگە ئايلاندى. كىشىلەرنىڭ بۇ ئەسەرلەرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇشى ۋە ئاڭلىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، بۇ ئەسەرلەر مەتبۇئات چەكلىمىلىكىگە ئۇچرىمىغاچقا، تېما ۋە مەزمون جەھەتتە ناھايىتى ئەركىن بولۇپ، جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانلىرى ۋە پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلىرى ھەققىدىكى تەسۋىرلەر ئىنچىكە ۋە ئۇچۇق يېزىلغانىدى. ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئەدەبىياتىدا جىنسىيەت ئەزەلدىن يېپىق تېما بولۇپ كەلگەچكە، بۇ ياشلىرىمىزغا نىسبەتەن تۇلىمۇ يېڭىلىق ۋە قىزىقارلىق تۇيۇلدى. ئەمما، بۇ ئەدەبىي ئەسەر بولغاچقا، نۇرغۇن مەقسەت ۋە كۆز قاراشلار ھېسىيات ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئەگىتىپ دىيىلگەنىدى. كىشىلەر بۇنىڭدىن زوق ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىجابىي تەربىيەمۇ ئېلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، ئەسەرلەردىكى جىنسىي مۇناسىۋەتكە ئائىت ئىنچىكە ۋە ئوچۇق مەزمونلار بىر قىسىم ياشلاردا بىر خىل شەھۋەتپەرەسلىكە قىزىقىش تۇيغۇلىرىنىڭ بىخلىنىشىغا تۈرتكە بولدى ۋە سەلبىي تەسىرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى.
2011-يىلى 4-ئايدا تۇرپانلىق يازغۇچى ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتنىڭ «ئازغان كۆڭۈل» ناملىق رومانى نەشىر قىلىندى. بۇ ئەسەردە تۇرپاننى نۇقتا قىلىپ تۇرۇپ، دەۋرىمىزدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ خىروئىن چېكىشى، «تاكىراڭخانا» دەپ نام بىرىلگەن يۇقۇملۇق كېسەل تارقىتىش ئورۇنلىرى بولغان ھەر خىل شەكىلدىكى پاھىشىخانىلەرگە دۈم چۈشكەن كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇشى، ئاخىرىدا ئازغان كۆڭۈللەرنىڭ خار-زارلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئۇلارغا نەپرەت ياغدۇرۇپ، كۆڭۈللەرنىڭ ئازماسلىقى ئۈچۈن سىگنال چېلىنغان، چوقان كۆتۈرگەن تۇرپان، تارىم، تەڭرىتاغ ۋادىسىدىكى ئېچىنىشلىق كومېدىيە بىلەن ئاخىرلاشقان ئەيدىز تىراگېدىيەسى تەسۋىرلەنگەنىدى. بۇ ئەسەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە خېلى ياخشى تەسىر پەيدا قىلدى. ئەمما، بۇ يەنىلا ئەدەبىي ئەسەر بولغاچقا، دېيىلىشكە تىگىشلىك بەزى كۆزقاراش ۋە ئىدىيىلەر يەنىلا بەدىئي ئالاھىدىلىكلەر ئىچىگە يۇشۇرۇپ كىشىنى ئويلاندۇرۇشقا يېتەكلەيتتى. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ، مەلۇم ئىجابىي تەربىيىلەرگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەمما كىتاب ئوقۇمايدىغان ۋە ئوقۇسىمۇ چۈشەنمەيدىغان، ئىجادىي تەپەككۈر قىلمايدىغان كىشىلەر يەنىلا بۇ ئەسەرنىڭ ئىجابىي تەربىيىسىگە نائىل بولالمىدى.
يۇقارقىلاردىن بىلىشكە بولىدۇكى، ئەمدى يۈز-خاتىرە قىلماستىن ھەق گەپنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇدۇل ۋە تۈز دەيدىغان پەيت يىتىپ كەلگەندەك قىلىدۇ. بىزدە «ھەقىقىي دوست يىغلىتىپ ئېيتار» دىگەن ماقال-تەمسىل بار. ئەمما تارىختىن بۇيان، تىل گۈزەللىكى ۋە ئەدەبىي زوقنى قوغلىشىپ، ھەقىقىي تارىخلىرىمىزنىمۇ ئەپسانە، شېئىرىي ۋە ھىكايە شەكىلدە يېزىپ كەلدۇق. چەتئەللەردە، ئەپسانە – رىۋايەتلەرمۇ تارىخ سۈپىتىدە، ئارخېئولوگىيە ئىلىملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ تەتقىق قىلىنىدۇ. بىزدە بولسا، ئەدەبىي ئەسەر ۋە ۋەسىقە سۈپىتىدە، تىل ۋە ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز خالاس. دېمەك، بىلمەسلەرنىڭ زامانىسىغا كەلگەندە، بۇ ئەسەرلەر تارىخ دەپ قارالمىدى ياكى تارىخى ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىدى. ئەمدىلىكتە، ئۆز تارىخىنى بىلمەيدىغان ياكى تارىخ توغرىلىق نوپوزلۇق بىر ئېغىز گەپ قىلالمايدىغان ھالەت شەكىللەندى.
شۇڭا، جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بۇ مەسىلە ۋە تېما ھەققىدە راست ۋە ھەق گەپ قىلىش، راستنى ۋە ھەقىقەتنى گەپنى ئەگىتمەي، ئىلمىي ئۇسۇلدا ئەڭ ئاممىباب تىل بىلەن دېھقانلار ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇسىمۇ چۈشىنەلەيدىغان قىلىپ، تۈز ۋە ئۇدۇل يېزىش زۆرۆرىيىتى تۇغۇلدى. بۇ تېمىنى تەتقىق قىلىشتا، شىنجاڭ بويىچە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان تۇرپان رايونى ئەۋرىشكە سۈپىتىدە ئاساسلىق تەكشۈرۈش ئوبىكتى قىلىپ تاللاندى. شۇنداقلا، 2000-يىلدىن 2011-يىلغىچە توپلىغان ماتېرىياللارنى رەتلەش ۋە پىشىقلاپ ئىشلەش ئاساسىدا، مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى ئېنىقلاپ، ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ ماقالە يېزىشقا كىرىشتىم.
2-ھىكايە: 2000-يىلى 7-ئاينىڭ باشلىرى، مەن ئالىي مەكتەپتىن تەتىل قىلىپ، يۇرتقا باردىم. ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر نەچچە ساۋاقدىشىم بىلەن شەھەر ئىچىدىكى بىر كەچلىك بازاردا يىغىلىپ ئىچىملىك ئىچكەچ سالقىنداپ ئولتۇردۇق. بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن، چاچلىرى بۈدرە، قېنىق گىرىم قىلغان، قىسقا يەڭ كۆڭلەك كىيگەن بىر قىز يېنىمىزدىن ئۆتتى، ئۇ كېلىشى بىلەن تەڭ بەدىنىدىن ئەتتىرنىڭ قويۇق پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلدى. ئۇ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ساۋاقداشلاردىن بىرى، “XX تاكاراڭ” دىگەن مۇشۇ شۇ !» دىدى. مەن بۇ گەپنى چۈشەنمەي، «تاكاراڭ دىگەن نىمە گەپ؟» دەپ سورىدىم. بۇنى بىلىدىغان ساۋاقداشلىرىم، ماڭا بەس-بەس بىلەن چۈشەندۈرگىلى تۇردى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، تاكاراڭ دىگەن گەپ «بۇزۇق، پاھىشە» دىگەن گەپكەن. مەن ئۇلاردىن، «نىمىشقا بۇنداقلارنى ‹بۇزۇق، پاھىشە› دەۋەرمەي، ‹تاكاراڭ› دەيسىلەر؟» دەپ سورىدىم. ئۇلار ماڭا تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دىدى. «‹تاكاراڭ› دىگەن بۇ گەپنى بىز دەۋالغان گەپ ئەمەس، ھازىر چوڭلار شۇنداق ئاتايدىكەن. ھازىر شىڭزەن(تۇرپاندىكى يېڭى بېكەت) دە ‹XX ئارامگاھ› ۋە ‹XX ئارامگاھ› دەيدىغان ئاشخانىلار ئېچىلىپتۇ. نۇرغۇن ئايرىمخانىلىرى باركەن، ھەممە تاماق چىقىدىكەن، تاماكا چېكىپ، ھاراق ئىچسە بولىدىكەن. مېھمانلار ئايرىمخانىغا كىرىپ بولغۇچە، ئايال خوجايىن مېھمانلاردىن نەچچىسى(قىز) كېرەك؟ دەپ سورايدىكەن. مېھمانلار ئۇ يەرگە قىزلارنى دەپلا بارىدىكەن. تاماقلار چىقىپ بولغۇچە قىزلار كىرىپ، ھەر بىر مېھماننىڭ يېنىدىن بىر قىز ئورۇن ئالىدىكەن. تاماقلار چىقىپ بولغاندىن كېيىن، ھاراق-تاماكىلارنى بويرۇتۇپ، مېھمانلار قىزلار بىلەن بىللە ئېچىشىپ-چېكىشىدىكەن. بىرەر-ئىككى رومكا ئىچكەندىن كېيىن، قىزلار تارتىنماستىنلا مېھمانلارنىڭ قۇچىقىغا چىقىپ ئولتۇرۇۋالىدىكەن. قىزلارنىڭ مەقسىدى مېھمانلار كۆپرەك ھاراق ئىچكۈزۈپ، مەس قىلىپ، بۇ يەردە كۆپرەك پۇل خەجلىتىپ، خوجايىننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشكەن. مېھمانلارنىڭ مەقسىدى قىزلار بىلەن بىللە ھاراق ئىچىپ، كۆڭۈل ئېچىشكەن. سورۇن ئاخىرلاشقاندا، خوجايىنلار بىلەن باھادا كېلىشىپ، قىزلارنى (بۇزۇقچىلىق قىلغىلى) ئېلىپ كېتىدىكەن. ئۇ يەردىكى قىزلار ئۈچتە ھەمراھ قىزلاركەن. شۇڭا كىشىلەر، بۇنداق جايلارنى ‹تاكاراڭخانا› دەيدىكەن. شۇ يەردىكى قىزلارنى ‹تاكاراڭ› دەيدىكەن. ئەمەلىيەتتە، ‹تاكاراڭخانا› دىگەن شۇ پاھىشەخانا دىگەن گەپ.»
مەن جەمئىيەتنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىكى، بۇ خىل قاراڭغۇ-مەينەت ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ قۇبۇل قىلالماي، ئۇلارغا، «ۋاي، بۇ ئۇچۇقتىن-ئۇچۇق سولامچىلىقكەنغۇ؟!!! ھۆكۈمەت، قانۇن ئورۇنلىرى بۇنى چەكلىمەمدىكەن؟!!!» دەپ سورىسام، ئۇلار ماڭا جاۋابەن مۇنداق دىدى. «ئاڭلىساق، ئۇ يەرگە شۇ XX ئورۇنىدا ئىشلەيدىغانلار كۆپ بارىدىكەن. بەزى تاكاراڭخانا خوجايىنلىرى بۇ يەرنى قانۇنسىز دەپ تاقىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ، مۇناسىۋەتلىك شەخىسلەرگە خوشامەت قىلىپ، دائىم ئۇلارنى چاقىرىپ كېلىپ مېھمان قىلىدىكەن.
ئەڭ دەسلەپتە تاكاراڭخانا ئاچقان بىر ئايال كىشىكەن، ئىسمى ‹xxخان›كەن، ھازىر چوڭلار ئارىسىدا ‹XX تاكاراڭ› دىسە تونۇمايدىغىنى يوقكەن. ئاڭلىساق، ئۇ ئايالنىڭ ئارقا تېرىكى باركەن، شۇڭا قورقماي يۈرەكلىك ئېچىۋېرىدىكەن. تاكاراڭخانا ئېچىپ تاپقان پۇلىغا ھەرەمگە بېرىپ كېلىپ، ھازىر ‹xxخان ھاجىم› بولۇۋاپتۇدەك. ئۇ خوتۇن باشقىلارغا، ‹مەن نۇرغۇن يول تاپالمىغان، ئاچ-يالىڭاچ قالغان، يىتىم-يىسىر قىزلارنىڭ بېشىنى سىلاپ، ياخشىلىق قىلىپ، ساۋاپلىق ئىشلارنى كۆپ قىلغاچقا، خۇدايىم ماڭا ھەرەمگە بېرىشنى نىسىپ قىلدى› دەيدىكەن.»
بۇ ھېكايىلەر كىشىگە، جەمئىيەتتىكى قانۇن بىلەن قانۇنسىزلىق، ئەخلاق بىلەن ئەخلاقسىزلىق، ساۋاب بىلەن گۇناھ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، ھالال بىلەن ھارام ئارلىشىپ كەتكەن، مۇدھىش ھادىسىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئۈندەيدۇ. قەدىمدىن تارتىپ، قەلبى ۋە پىكىرلىرى كارىز سۈيىدەك سۈزۈك، مېھرى ئاتەش، مەردلىكىنى، ئەزگۈلۈكنى ئەلا بىلىدىغان تۇرپان خەلقى ئارىسىدا مەينەتلىك يامراپ، روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن بۇلغىنىۋاتقانلىقىنى كىشىنى تۇلىمۇ ئېچىندۇرىدۇ.
ئۈچىنچى، تېما تەتقىقاتىنىڭ ئەھمىيىتى
بۇ تېمىنىڭ يېزىلىشى نەزەرىيىۋىي ۋە ئەمەلىي جەھەتلەردىن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
(1) گەرچە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جەمئىيەتشۇناس ئالىملار بۇ تېمىدا كۆپلىگەن تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تەتقىقات ماقالىسى تېخى يېزىلىپ باقمىغانىدى. بۇ ئۇيغۇر جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدىكى بىر بوشلۇق بولۇپ، بۇ تەتقىقات ئەسىرىمىزنىڭ مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا بەلگىلىك ياردىمى بولىشى مۇمكىن.
(2) بۇ تەتقىقات تېمىسى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى جىنسىي بۇزۇقچىلىق ۋە ناشايان قىلمىشلار ھەققىدىكى تۇنجى سېستىمىلىق تەتقىقات بولۇپ، تەتقىقات ئۇسۇلى ۋە پىكىر قىلىش ئۇسلۇبى جەھەتتە بىرقىسىم ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە. بەلكىم بۇ بۇندىن كېينكى تەتقىقاتلارغا نىسبەتەن نەزەرىيىۋىي ئاساس بولۇپ، تەتقىقات ئۇسۇلى، پىكىر قىلىش ئۇسلۇبى ۋە بىر قىسىم كۆز قاراشلار بىلەن تەمىنلەشتە بەلگىلىك رولى بولىشى مومكىن.
(3) بۇ ماقالىدە تۇرپان رايونىدىكى تاكىراڭخانىلار(جىنسى بۇزۇقچىلىق ئورۇنلىرى ۋە پاھىشىخانىلار) ئۈستىدە جەمئىيەتشۇناسلىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئومىي ئەھۋالى، پەيدا بولۇشى، تەرەققىي قىلىشى، مۇلازىمەت شەكلى، خاراكتىر ئالاھىدىلىكى ۋە جەمئىيەتكە ئېلىپ كەلگەن ئىجتىمائىي تەسىرى ھەققىدە ئۇنۋېرسال مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلدى. بۇ  تۇرپان رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ تاكىراڭخانىلارنىڭ ئاپەت خاراكتىرلىك زىيىنى ۋە جەمئىيەتتە كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ماددىي ۋە مەنىۋىي كىرىزىسلارنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىغا ۋە بىلىشىگە پايدىلىق بولىشى مومكىن.
(4) تۇرپان رايونى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى ۋە شىمالى شىنجاڭ ۋە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى غول تۈگۈن بولغاچقا، ماقالىدە تۇرپان رايونىدىكى تاكىراڭخانىلار(جىنسى بۇزۇقچىلىق ئورۇنلىرى ۋە پاھىشىخانىلار) ھازىرقى ھەر قايسى رايون ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى جىنسى بۇزۇقچىلىق ۋە ناشايان قىلمىشلارنىڭ تىپىك ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەۋرىشكىسى سۈپىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىندى. بۇ ئارقىلىق ھازىرقى ھەر قايسى يۇرت ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى جىنسى بۇزۇقچىلىق ئورۇنلىرى ۋە پاھىشىخانىلارنىڭ ئومومىي ئەھۋالى، پەيدا بولۇشى، تەرەققىي قىلىشى، مۇلازىمەت شەكلى، خاراكتىر ئالاھىدىلىكى ۋە جەمئىيەتكە ئېلىپ كەلگەن ئىجتىمائىي تەسىرى ھەققىدە بەلگىلىك بىلىشكە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.
(5) ئەڭ مۇھىمى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاب تېپىشىغا ياردىمى بولىشى مۇمكىن.
بىرىنچى، ئەگەر سىز گۈلدەك ئائىلىڭىز بار ئەر ياكى ئايال بولسىڭىز، ھالال جۈپتىڭىزنىڭ سىرتلاردا ناشايان ئىشلارنى ۋە جىنسىي بۇزۇقچىلىقلارنى قىلىپ، ئەيدىز يۇقۇملىنىپ كېلىپ، سىزنى ھەم ئۆزىنى، شۇنداقلا پۈتۈن ئائىلىنى ۋەيران قىلىپ، بالىلارنى يىتىم قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گۈلدەك كەلگۈسىنى ئىگە-چاقىسىز قالدۇرۇشىنى خالامسىز؟
ئىككىنچى، ئەگەر سىز ئاتا-ئانا بولسىڭىز، بالىلىرىڭىزنىڭ ناشايان قىلمىشلار ۋە جىنسىي بۇزۇقچىلىقلار بىلەن تولغان جەمئىيەت مۇھىتىدا ئۆسۈپ-يىتىلىشنى خالامسىز؟ ئەگەر بالىلىرىڭىز ئاشۇ خىل مۇھىت ئىچىدە چوڭ بولۇپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ، باشقىلار تەرىپىدىن ‹مەينەت كېسەل بولۇپ قاپتۇ›، ‹ئەيدىزكەن› دىيىلىپ جەمئىيەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشىنى خالامسىز؟
ئۈچىنچى، ئەگەر سىز تېخى بىر توي قىلمىغان قىز ياكى يىگىت بولسىڭىز، بىردەملىك ھېسسي – ھاياجاننىڭ كەينىگە كىرىپ، ناشايان قىلمىشلارنى ۋە جىنسى بۇزۇقچىلىقلارنى قىلىپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ، گۈلدەك كەلگۈسىڭىزنى نابۇت قىلىپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولغاچ ئۆلۈمنى كۈتۈپ يېتىشنى خالامسىز؟
تۆتىنچى، ئەگەر سىز بىر بەچچىۋاز ياكى ھەمجىنىس بولسىڭىز، بىردەملىك فىزىئولوگيىلىك ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ناشايان قىلمىشلارنى ۋە يامان جىنسى بۇزۇقچىلىقلارنى قىلىپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ، ئائىلىڭىزنى، ھەمراھلىرىڭىزنى، كەلگۈسىڭىزنى نابۇت قىلىپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولغاچ ئۆلۈمنى كۈتۈپ يېتىشنى خالامسىز؟
بەشىنچى، ئەگەر ئەيدىز ۋابادەك يامراپ پۈتۈن مىللەت يۇقۇملانسا، ئەتراپتىكىلەر ۋەھىمە ھېس قىلىپ، ھەممىمىزنى چەتكە قېقىپ، نورمال مۇئامىلە قىلماي، خارلىسۇنمۇ ياكى بىر-بىرلەپ ئۆلۈپ قىرىلىپ تۈگىسۇنمۇ؟
ئالتىنچى، ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا، جىنسى بۇزۇقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھالاكەتتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟
  • تاكىراڭ ۋە تاكىراڭخانا ئۇقۇمى
تاكىراڭ دىگەن بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلىدا تۆمۈر، مىس، قاڭالتىر قاتارلىق مىتال بۇيۇملاردىن چىققان ئاۋازنى ئىپادىلەيدىغان تەقلىد سۆز بولۇپ، ئوكيان لۇغىتىدە تاكىراڭ دىگەن سۆزگە «ئات، ئېشەك قاتارلىق توم تۇياق ھايۋانلارنىڭ بىر خىلدا يۈگۈرۈشىدىن چىققان ئاۋاز» دەپ ئىزاھات بەرگەن. مەسلەن، بىر نەرسە يەرگە چۈشۈپ تاكىراڭلاپ كەتتى. سەن ئۇنى تولا تاكىراڭشىتمىغىنەا! ئۇنى ئۇرسا تاكىراڭ-تاكىراڭ قىلىپ ئاۋاز چىقىدىكەن. ئاتلارنىڭ تاقىسىنىڭ يەرگە تەكشى تىگىشىدىن چىقىۋاتقان تاكىراڭ-تاكىراڭ قىلغان ئاۋاز ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى. تۇرپان رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، بۇ تەقلىد سۆز ئىسىم بولۇپ كەلسە ياكى ئىسىملارنىڭ كەينىگە قوشۇلۇپ كەلسە، ئىستىمال مەنىسى «بۇزۇق، پاھىشە، پاھىشىۋاز، پاھىشىخانا» دىگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. مەسلەن: پالانچى تاكىراڭ دىگەن سۆز پالانچى بۇزۇق، پالانچى پاھىشە، پالانچى پاھىشىۋاز دىگەندەك مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تاكىراڭخانا دىگەن گەپ بۇزۇقلار بار جاي، پاھىشىخانا، پاھىشىۋازلار بارىدىغان جاي دىگەندەك مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
تاكىراڭ دىگەن بۇ سۆزنى تۇرپان رايونىدا كىم، قاچان، قەيەردە، نىمە سەۋەبتىن «بۇزۇق، پاھىشە، پاھىشىۋاز، پاھىشىخانا» دىگەندەك مەنىلەردە ئىشلەتكىنى بىزگە مەلۇم ئەمەس. ئەمما، ئىلگىرىمۇ تۇرپان رايونىدا، تاكىراڭ لەقەملىق كىشىلەر بولۇپ، پالانچى تاكىراڭ، پۇستانچى تاكىراڭ دەپ لەقەم ئورنىدا ئىشىلىتىلىپ كېلىنگەنىدى. تەكشۈرۈشىمىزچە، 1998-يىللارنىڭ باشلىرىدا، ئۆزۈمچىلىك يېزىسىنىڭ بېلىق كۆل دىگەن يېرىدە يەنى بۇيلۇق بىلەن 312-نۇمۇرلۇق دۆلەت تاشيولى كېسىشىدىغان تۆت كوچا ئېغىزىنىڭ باغرى مەھەللىسىگە قاراپ ماڭغان يۆنىلىشنىڭ ئوڭ تەرىپىدە «يەتتە ئىقلىم» دىگەن نام بىلەن پاھىشۋازلىق ۋە ناشايان ئىشلارنى قىلىدىغان بىر ئاشخانا ئېچىلغانىدى. شۇ يېزىدىكى كىشىلەر ۋە ياشلار بۇ يەرگە ئۆگىنىۋېلىپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتتە يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلغاچقا، كىشىلەر بۇ ئىشلارنى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ئىنكاس قىلغانىدى. شۇ چاغلاردىكى، يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومېتىتىنىڭ شۇجىسى ئۆزى ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئەھۋللارنى بىر قۇر ئىگەللىگەندىن كېيىن، كەنت كادىرلىرىغا يىغىن ئاچقاندا، تۇنجى قېتىم تاكىراڭخانا دىگەن بۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتكەنىكەن، يەنى ئاشۇ ناشايان ئىشلارنى قىلىدىغان ئاشخانىنى تاكىراڭخانا دەپ ئاتىغانىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ سۆز كەنت كادىرلىرى ئارىسىدا مودا گەپكە ئايلانغان ۋە كېيىنچە خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغانىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، خەلق ئارىسىدا ئاشۇنداق ناشايان قىلمىشلارنى قىلىدىغان جايلارنىڭ ھەممىسى تاكىراڭخانا دەپ ئاتىلىدىغان بولغانىدى. شۇ يەردە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان قىز-چوكانلار ۋە دائىم شۇ يەرگە بېرىۋالىدىغان ئەرلەر بولسا تاكىراڭ دەپ ئاتىلىدىغان بولغانىدى.
تاكىراڭ دىگەن بۇ سۆزنىڭ نىمە ئۈچۈن «بۇزۇق، پاھىشە، پاھىشىۋاز» دىگەن مەنىدە ئىستىمال قىلىنغانلىقى توغرىسىدا، كىشىلەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە چۈشەندۈرۈشى ئوخشاش ئەمەس ئىدى. بەزىلەرنىڭ قارىشى مۇنداق: تاكىراڭخانىلار ئاشخانا ۋە ئارامگاھ دەپ ئىسىم قويۇپ ئېچىلغىنى بىلەن، ئۇ يەردە بۇزۇقچىلىقتىن باشقا ئىش يوق. ئەمەلىيەتتە ئۇ يەرلەر قۇرۇق داسقا ئوخشاش قۇپقۇرۇق، قۇرۇق داستقا تىگىپلا كەتسە، تاكىراڭشىغانغا ئوخشاش، بۇ يەرگە كىرىپلا قالسا، ئاھ-ئۇھلىغان بۇزۇقچىلىقنىڭلا ئاۋازى چىقىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئوخشىتىپ تاكىراڭخانا دەپ ئىسىم قويۇشقانىدى. يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشى مۇنداق: بىزدە «ئېشىكى ھاڭرىغان، توخمىقى تاڭگىرىغان يەردە يۈرۇش» دىگەن گەپ بار. بۇ گەپنىڭ ئەسلى مەنىسى «قوڭى قوپقانلارنىڭ يېنىدا يۈرمەك» دىگەنلىك. توخماقلار تىگىشسە، تاكىراڭ-تاكىراڭ قىلغان ئاۋاز چىقىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر بۇزۇقچىلىق قىلىشقان ئىشلارنى شۇنىڭغا ئوخشىتىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان جايلارنى تاكىراڭخانا دەپ ئاتىغانىدى. يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشى مۇنداق: تاكىراڭخانىدىكى پاھىشىلەر كۈنىگە ئاز دىگەندە 4-5 پاھىشىۋازنى، كۆپ دىگەندە 10 نەچچە پاھىشىۋازنى ئۇزىتىدۇ…. خۇددى داس-چېلەككە تىگىپلا كەتسە تاكىراڭشىغانغا ئوخشاش، كىملا كەلسە، قاچانلا كەلسە، تىگىپلا كەتسە قوپۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا، كىشىلەر ئۇلارنى تاكىراڭ دەپ ئاتىغانىدى. يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشى مۇنداق: تاكىراڭخانىدا ئىشلەۋاتقان قىز-چوكانلار ئاياللىق جىسمىدىن باشقا ھېچقانداق دەسمايىسى يوق. ئۇلار پۇل تېپىش، جىنسى تۇرمۇشتىن باشقا ھېچنىمىنى ئويلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ روھى خۇددى قۇرۇق داسقا ئوخشاش قۇپقۇرۇق. شۇڭا، ئۇلارغا يېقىنلاشسا ياكى تىگىپلا كەتسە، پۇل ۋە جىنسى تۇرمۇشنىڭ تاكىراڭشىغان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئۇلارنى تاكىراڭ دەپ ئاتىغان.
3-ھېكايە: مەنمۇ بۇرۇن تاكىراڭخانا دىگەننى ئاڭلاپ باقمىغان. 99-يىلى يازدا، مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن بازاغا چىقىپ، كەچلىك بازاردا ئىچىشتۇق. بىز باشتا پىۋا ئىچتۇق، ئارقىدىن ھاراق ئىچتۇق، ھەممىمىزلا مەست بولۇپ كېتىپتىمىز. ئارىمىزدا توي قىلىپ بولغان بىر بالا بار ئىدى. ئۇ مەن سىلەرنى ئالامەت بىر يەرگە ئاپىرىمەن، دېدى. بىز مەستچىلىكتە، چاتاق يوق دەپ ماڭدۇق. شىڭزەندىكى بىر ئاشخانىغا كىردۇق، بۇ ئاشخانىلارنىڭ چىراقلىرى غۇۋا، ئىچى بىر خىل سېسىق پۇراپ تۇرىدىكەن. ئايرىمخانىلار توشۇقكەن، بىر ئايال ساقلاپ تۇرۇڭلار دىدى. ئەتراپتىكى ئايرىمخانىلاردىن ئەر-ئاياللارنىڭ خىلمۇ-خىل ئاۋازلىرى چىقىپ تۇراتتى. بىز ساقلىغاچ، ئايرىمخانىلارنىڭ يۇچۇقلىرىدىن قارىساق، كىچىك-كىچىك قىزلار ئاتىسىدەك ئادەملەرنىڭ قۇچىقىغا چىقىپ، تاماكا چىكىپ، ھاراق ئىچىۋاتقان، ئەرلەر قۇچىقىدىكى قىزلارنىڭ قوينىغا قولىنى تىقىپ، سۆيۈپ ئولتۇرغان. بۇرۇن بۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، كۆزىمىزنى ئۈزەلمەي قالدۇق، ھەممىمىزنىڭ شۈلگەيلىرى ئېقىپ، نەپسىلىرىمىز تاقىلداپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، بىزنى باشلاپ كەلگەن ئاغىنىمىزدىن بۇ قانداق يەر دېسەك، تاكىراڭخانا دىگەن يەر مۇشۇ دېدى.
  • كارىز بويىدىكى تاكىراڭخانىلارنىڭ ئومومىي ئەھۋالى
تاكىراڭخانىلار توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىر قىسىم يازما ۋەسىقىلەرنى ئاختۇرۇش ۋە پېشقەدەم تەتقىقاتچىلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇش جەريانىدا، تارىختىمۇ يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولغان تۇرپان رايونىدا، تاكىراڭخانا(پاھىشىخانا)لارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بەزىبىر تەپسىلاتلار بايقالدى. تۇرپاندىن تېپىلغان بىر قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىگە، بىر دېدەكنى بىر پاھىشىخانىغا ساتقانلىقى توغرىسدىكى ھۆججەت پۈتۈلگەنىدى. دېمەك، تارىختىن بۇيان پاھىشىخانا ۋە تاكىراڭخانا بۇ رايوندا مەۋجۇت بولۇپ، سۇ بېشىدىن لاي ئىدى.
ئىگىلىشىمىزچە ، ھازىرقى تۇرپان رايونىدىكى ئەڭ دەسلەپكى تاكىراڭخانىلار 1994-يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 1995-يىللارنىڭ باشلىرىدا، تۇرپان شەھەر سودا شەھەرچىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى ھازىرقى ئەلقەم پىششىق گۆش دۇكىنىنىڭ جەنۇبى يان تەرىپىدىكى چوڭ-كىچىك ئاشخانىلاردىن باشلانغانىكەن. بۇرۇن بۇ ئاشخانىلارنى ئاچقانلارنىڭ كۆپىنچىسى قىمارۋازلار، قىمارۋازلارنىڭ ئاياللىرى ۋە تۇل قالغان چوكانلار ئىكەن. بۇ ئاشخانىلارغا دائىم كېلىپ تاماق يەيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى يەرلىك ياكى سىرتتىن كەلگەن قىمارۋازلار ئىكەن. بۇ ئاشخانىلارنىڭ ئايرىمخانىلىرىدا تاماكا (نەشە) چېكىپ، ھاراق ئىچسىمۇ بولاتتىكەن. ئاشخانا ئاچقان چوكانلار قىماردا ئۇتۇپ خوش بولۇپ كەتكەن ياكى قىماردا ئۇتتۇرۇپ كۆڭلى يېرىم بولغان دائىملىق خېرىدارلارغا ئالاھىدە مۇلازىمەت قىلىپ، بىللە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشىپ بېرىدىكەن. بەك كەچ بولۇپ كەتسە، شۇ ئاشخانىدىلا يېتىشىپ قالىدىكەن ياكى ياتاقخانىلارغا بىللە كېتىشىپ قالىدىكەن. بۇ مۇلازىمەتنى پەقەت ئاشخانا خوجايىنى ئۆزىلا قىلىدىكەن. ئۇلار ئاساسەن ئوتتۇرا ياش يەنى 35-55 ياشلار چامىسىدىكى خېرىدارلارغىلا ئالاھىدە مۇلازىمەت قىلىدىكەن. ياش بالىلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدىكەن ياكى ئۇلارغا ئاشخانىدا تاماقتىن باشقا نەرسە بەرمەيدىكەن. ئاشخانا ئاچقان ئاياللار بىلەن قىمارۋازلارنىڭ مۇناسىۋىتى بەك يېقىن بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ ئاشخانا دەسمايىسىنى قىمارۋازلار سېلىپ بەرگەنىكەن. بەزىدە، قىمارۋازلار ئۇتتۇرۇپ قويسا، ئۇلارغا قەرز بېرىپ تۇرىدىكەن. قىمارۋازلار ئۇتىۋالغاندا، ئۇلارغا قەرزلىرىنى قايتۇرۇپ، چوڭ-چوڭ سودىلارنى قىلىپ بېرىدىكەن ياكى زىبۇ زىننەت ئېلىپ بېرىدىكەن. ئەگەر قىمارۋازلار بۇ چوكانلاردىن ئالغان قەرزنى قايتۇرالمىسا، قەرزنى قايتۇرغىچە ئەرلەرنى ئۆيىگە قايتىشقا يول قويمايدىكەن ۋە ئۆزى بىلەن بىللە تۇرۇشقا قىستايدىكەن. كېيىنچە، بۇنداق ئاشخانىلار كۆپىيىپ، ئادەتتىكى ھاراقكەش، زابويلارمۇ بۇ يەرگە ئۆگۈنۈۋاپتۇ. جەمئىيەتتىكى مۇشۇنداق پاسىقلارنىڭ ئېھتىياجى كۆپەيگەنلىكتىن، بۇ كىچىك ئاشخانىلارمۇ كۆپىيىپ كېتىپتۇ. بۇ پاسىقلىقلار نۇرغۇن ئەرلەرنى يولدىن چىقىرىپ، ئىناق ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولىشىغا، ئۇماق سەبىي بالىلارنىڭ يىتىم قېلىشىغا، كىشىلەرنىڭ نىجىس جىنسىي كېسەللەرنى يۇقتۇرۋېلىشىغا ۋە تارقىتىشىغا سەۋەبچى بوپتۇ.
ئۆز ئەرلىرىنىڭ يۇقارقى قىلمىشلىرىنى بىلگەن بىر قىسىم ئاياللار، بۇ ئىشلارنى ھېچكىمگە تىنالماي، نەسىھەت قىلىپ ئاڭلىتالماي، يالغۇز ئۆيدە جاينامازدا ئولتۇرۇپ دەريا-دەريا يىغلاپ، ئاللاھتىن ئۆز ئېرىگە ئىنساب بېرىشىنى تىلىشىپتۇ. يەنە بىر قىسىم ئاياللار بالىلىرىنى سۆرىشىپ، ئېرىنىڭ كەينىدىن ئىز قوغلاپ بېرىپ، نەق مەيداندا تۇتىۋېلىپ، ھېلىقى شەرمەندە ئاشخانا خوجايىنلىرى بىلەن ۋارقىرىشىپ-ئۇرۇشۇپ، ئالەمنى مالەم قىلىپ، نەتىجىدە يەنىلا ئېرىنى قايتۇرۇپ كېتەلمەي، دەرت يۇتۇپ، ئانا-بالا قان-قان يىغلاپ، ئۆيىگە قايتىشقا مەجبۇر بولۇشۇپتۇ. يەنە بەزىلىرى تەشكىلگە يەنى ئاھالىلەر كومېتىتىغا، كەنت مۇدىرى، سېكىرتارلارغا ۋە قانۇن ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلىشىپتۇ. لېكىن بۇ ھۆكۈمەت تارماقلىرىمۇ بۇ خىل جەمئىيەت مەسىلىسىنى تۈزەشكە تازا كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەپتۇ. يەنە بىر قىسىم ئاياللار ئېرىنى يامان يوللاردىن ياندۇرۇپ، كېلىش ئۈچۈن بىرقىسىم دىنىي ئۆلىما، موللام، باخشى-پېرىخون دىگەندەك كىشىلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، نەسىھەت قىلدۇرۇپتۇ ۋە بىر قىسىم مۇراسىم-پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ ئىشقا سەۋەب قىلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، يۇقارقى مەسىلىلەر جەمئىيەتتە غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. بىر قىسىم ساقچىلار، جامائەت ئەربابلىرى ۋە دىنىي ئۆلىمالار بۇ ئاشخانا ئاچقان چوكانلارغا قاتتىق ۋە يۇمشاق ۋاستىلەر بىلەن نەسىھەت قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، تۇرپان شەھەر سودا شەھەرچىسىدىكى ئالاھىدە مۇلازىمەت قىلىدىغان چوڭ-كىچىك ئاشخانىلار ئازىيىشقا باشلاپتۇ.
دېمەك، ئەڭ دەسلەپكى تاكىراڭخانىلار ئەنە شۇ يەرلىك تول قالغان ئوتتۇرا ياش ئاياللار تەرىپىدىن ئېچىلغان. تاكىراڭخانىلارنىڭ مۇلازىمەتچىسى شۇ تاكىراڭخانا خوجايىنلىرىنىڭ ئۆزى ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت ئوبىكتى ئاساسلىق يەرلىك ۋە سىرتتىن كەلگەن قىمارۋازلار ئىدى. كېيىنچە، يەرلىك ھاراقكەش زابويلارمۇ ئارىغا قىستۇرۇلۇپ كىرىۋالغانىدى. تاكىراڭخانىلار جەمئىيەتتە ئېغىر ئىجتىمائىي بولغۇنۇش پەيدا قىلىپ، ئىجتىمائىي تەڭپۇڭلۇققا تەھدىت ئېلىپ كەلگەچكە، ئامما تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراپ، قاتتىق بېسىم ئاستىدا، ئازىيىشقا باشلىغانىدى. ياكى بىر مەزگىل تىجارەتنى توختاتقانىدى.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 1995-يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 1996-يىلنىڭ باشلىرىدا، بۇ خىلدىكى ئالاھىدە مۇلازىمەت قىلىدىغان چوڭ-كىچىك ئاشخانىلار سودا شەھەرچىسىنىڭ شەرقى جەنوبىدىكى يارغول مېھمانخانىسىنىڭ ئاستى ۋە يان ئەتراپلىرىدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى ۋە تېز سۈرەتتە كۆپەيدى. چۈنكى، بۇ ئورۇن تۇرپاننىڭ يېزا ئىگىلىك ماللىرى بازىرى يەنى مىۋە-كۆكتات بازىرى، مال بازىرى، كونا مال بازىرى…قاتارلىق دېھقانلار ئەڭ كۆپ پائالىيەت قىلىدىغان رايوننىڭ مەركىزىدە ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يار يېزىسىنىڭ بىر قىسىم كەنتلىرى، ئايدىڭكۆل يېزىسى، ئۈزۈمچىلىك يېزىسى، چاتقال يېزىسى، قارغۇجا يېزىسى، ئاستانە يېزىسى، سىڭگىم يېزىسى قاتارلىق يېزىلارنىڭ شەھەر ئىچىگە ماڭىدىغان قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئىدى. يولۇچىلار يېزىدىن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ شەھەر ئىچىگە ماڭسا، دەل يارغول مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا ياكى يېنىدا ماشىنىدىن چۈشەتتى. قايتقىچىمۇ مۇشۇ يەردىن ماشىنىغا چىقاتتى. دېمەك، مۇشۇنداق ئادەم كۆپ بولۇشتەك ئەۋزەللىك، بۇ ئالاھىدە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاشخانىلارنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولغانىدى.
بۇ ئاشخانىلارنى يەنىلا شۇ يەرلىك تۇل ئاياللار ئاچقانىدى. بۇ ئاشخانىغا كېلىدىغان ئادەم كۆپ بولغاچقا، ئاشخانىدا ئالاھىدە مۇلازىمەت قىلىدىغان چوكانلارمۇ كۆپەيگەنىدى. بۇ تاكىراڭخانىلاردىكى ئالاھىدە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاياللارنىڭ بىر قىسمى ئېرى تاكىراڭخانىغا ئۆگىنىپ قېلىپ ئاجرىشىپ كەتكەن، ئېرىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن تاكىراڭخانىغا بېرىۋالغان يەرلىك ئاياللار ھەم بىر قىسمى ئاقسۇ، كۇچا، شايار، باي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن، ئاجراشقان ياكى تۇل قېلىپ چىقىش يولى تاپالمىغان ئاياللار ھەم ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت ئوبىكتى ئاساسلىق ئوتتۇرا ياش يەنى 30-55 ياشلار چامىسىدىكى ئەر كىشىلەر ئىدى. گەرچە ئۇلار مۇلازىمەت جەھەتتە ياش تاللسىمۇ، ئەمما كەسىپ تاللاپ كەتمەيتتى. يەنى دېھقان، ئىشچى-خىزمەتچى، كادىر-ساقچىلارنىڭ قاندىقى كەلسە، ئوخشاش مۇلازىمەت قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن، جەمئىيەتتە نىجىس جىنسىي كېسەللەر كۆپىيىپ، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، 1995-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، تۇرپان رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جامائەت ئامانلىقى ۋە بىخەتەرلىكى تارماقلىرىغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان. 1996-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ بىر قاتار تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، تۈزەش، تەرتىپكە سېلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، يارغول مېھمانخانىسىنىڭ ئاستى ۋە يان تەرەپلىرىدىكى تاكىراڭخانىلار ئازىيىشقا باشلىغان ۋە بىر مەزگىل تىجارەتنى توختاتقانىدى.
1997-يىللارغا كەلگەندە، تاكىراڭخانىلار تۇرپان شەھىرىنىڭ غەربىي ئايلانما يولغا يۆتكەلگەنىدى. بۇ يەردىكى تاكىراڭخانىلاردىكى مۇلازىمەتچىلەرنىڭ سالاھىيىتى، مۇلازىمەت ئوبىكتى، مۇلازىمەت شەكلى ۋە ئۇسۇلىمۇ يارغول مېھمانخانىسىنىڭ ئاستى ۋە يان تەرىپىدىكى تاكىراڭخانىلارغا ئوخشاش ئىدى. بۇ تاكىراڭخانىلار ھازىرمۇ بارئىدى.
1998-يىللارنىڭ باشلىرىدا، ئۆزۈمچىلىك يېزىسىنىڭ بېلىق كۆل دىگەن يېرىدە يەنى بۇيلۇق بىلەن 312-نۇمۇرلۇق دۆلەت تاشيولى كېسىشىدىغان تۆت كوچا ئېغىزىنىڭ باغرى مەھەللىسىگە قاراپ ماڭغان يۆنىلىشنىڭ ئوڭ تەرىپىدە «يەتتە ئىقلىم» دىگەن نام بىلەن بىر ئاشخانا ئېچىلغان. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئاشخانىنى ‹XX خان› ئىسىملىك بىرى ئاچقان بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى تاكىراڭخانىلاردا ئىشلىگەن ۋە تاكىراڭخانا ئاچقان ئايال ئىكەن. نۇرغۇن كىشىلەر تۇرپاندىكى ئەڭ دەسلەپكى تاكىراڭخانا مۇشۇ دەپ قارايدىكەن. چۈنكى، ئۇ ئاچقان بۇ تاكىراڭخانا بۇرۇنقى تاكىراڭخانىلاردىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ تاكىراڭخانىنىڭ مۇھىتى ياخشى، تامىقى ياخشى، مۇلازىمىتى ياخشى، مۇلازىمەتچىلەر ھەممىسى توي قىلمىغان ياش قىزلار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قىزلارنىڭ ھەممىسى ئاقسۇ، كۇچا، باي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن بولۇپ، خېرىدارلارغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەتتى. ئەگەر ئۇلار يەرلىك قىزلار بولسا، بەزى خېرىدارلار ئۇلارنىڭ تۇنۇشى بولۇپ قېلىشىدىن، قىلمىشلىرىنىڭ ئۇلار تەرىپىدىن باشقىلارغا يېيىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ بۇنداق جايلارغا كىرەلمەيتتىكەن. بۇ جاي ئۈرۈمچى-تۇرپان-پىچان-قۇمۇل-ئىچكىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان 312-نۇمۇرلۇق دۆلەت تاشيولى بويىدا بولغاچقا، سىرتتىن كەلگەن خېرىدارلارمۇ كۆپ ئىدى. بۇنداق ئەۋزەللىكلەر بۇ خىلدىكى تاكىراڭخانىلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغانىدى. بۇ تاكىراڭخانىدىكى ئالاھىدە مۇلازىمەت قىلىدىغانلار ھەممىسى ياش قىزلار بولغاچقا، بۇ شۇ ئەتراپتىكى يەرلىك ياشلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغانىدى. مۇلازىمەتچى قىزلارمۇ ئوتتۇرا ياش ئەرلەرگە قارىغاندا، ياشلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئامراقكەن. ھەتتا بەزىدە قىزلار ئۆز-ئارا مۇلازىمەتچى تالىشىپ، ئۇرۇشۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولغانىكەن. شۇڭا، بۇ تاكىراڭخانا مۇلازىمەت ئوبىكتىلىرىغا نىسبەتەن ھېچقانداق چەك قويمغانىكەن. يەنى ئۇلار مەيلى قايسى ياش قۇرامدا، قايسى كەسىپتە بولىشىدىن قەتئىنەزەر، پۇلى بولسىلا ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىۋېرەتتى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت ئۇسۇلى مۇنداق ئىدى. خېرىدار كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى ئايرىم خانىلارغا باشلايدىكەن. نىمە تاماق يەيدىغانلىقىنى سوراپ بولغاندىن كېيىن، قىز ھەمراھ كېرەك ياكى كېرەك ئەمەسلىكىنى، كېرەك بولسا نەچچىسى كېرەكلىكىنى سورايدىكەن. خېرىدار كېرەك دىگەندىن كېىن، ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە، قىزلارنى باشلاپ كىرىدىكەن. خېرىدار رەتكە تۇرغان قىزلار ئارىسىدىن ئۆزىگە يارىغىنىنى تاللىۋالىدىكەن. قالغانلىرى چىقىپ كېتىدىكەن. تاماق چىققۇچە، قىزلار خېرىدارلارنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۇلار بىلەن تەڭ تاماكا چېكىشكەچ پارڭلىشىدىكەن. تاماقلار چىققاندىن كېيىن، ھاراقلارنى بويرۇتۇپ، قىزلار خېرىدارلار بىلەن تەڭ ھاراق ئىچىشىدىكەن. بىر ئىككى رومكا ئىچىپ كاللا قىزىغاندىن كېيىن، ياكى خېرىدار قىزنى قۇچاقلاپ، سۆيۈپ، بەدىنىگە قول سېلىپ، ئۇيەر-بۇيەرلىرىنى سىلىغاچ ھاراق ئىچىدىكەن. ياكى قىزلار شوخلۇق قىلىپ، خېرىدارنىڭ قۇچىقىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشىدىكەن. ئۇلار مەست بولۇپ ھاياجانلانغاندا، قىزلار ئۇلارنى مەخسۇس ناشايان ئىش قىلىدىغان ئايرىم خانىلارغا باشلاپ ئېلىپ كىرىدىكەن. ئاۋۋال باھانى دېيىشىۋېلىپ، ئاندىن ناشايان ئىش قىلىشىدىكەن.
بۇ خىل قىزىقتۇرۇپ، ئالداپ پۇل تېپىش ئۇسۇلى نۇرغۇنلىغان ساددا تۇرپانلىقلارنى يامان يوللارغا باشلىغانىدى. بۇ تاكىراڭخانا جايلاشقان باغرى مەھەللە كىشىلىرىنىڭ دىننىي بىر قەدەر ئېتىقادى كۈچلۈك بولۇپ، ئەدەب-ئەخلاققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى. مەھەللە كىشىلىرى بۇ ئاشخانىدا ناشايان ئىشلارنىڭ بولۇنىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاشخانا خوجايىنىغا كۈچلۈك بېسىم قىلىپ، قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، 1999-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، بۇ تاكىراڭخانا 312-نۇمۇرلۇق دۆلەت تاشيولى شىمال تەرەپتىكى يول بويىغا كۆچكەنىدى.
كارىز بويىدىكى تاكىراڭخانىلارنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسىدىن قارىغاندا، جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى تاكىراڭ ۋە تاكىراڭخانىلارنىڭ مەۋجۇت بولىشىنى مەلۇم ئىقتىسادىي ئاساس بىلەن تەمىنلىگەنىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھايۋانىي نەپىسلىرىنى قاندۇرۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن قىلغان پاھىشە، پاھىشىۋازلىق ۋە سولامچىلىق قىلمىشلىرى، تۇرپان رايونىدىكى تاكىراڭ ۋە تاكىراڭخانىلارغا بولغان دەسلەپكى ئىچكى ئېھتىياجنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس بولغانىدى.
2000-يىللاردىن باشلاپ، يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ بۇ خىل مۇلازىمەتكە بولغان ئېھتىياجى كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن، 312-نۇمۇرلۇق دۆلەت تاشيولىنىڭ شىمال ۋە جەنۇپ تەرەپتىكى يول بويىدا كۆپلىگەن تاكىراڭخانىلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. 2003-2005-يىللىرى تۇرپاندا، تاكىراڭخانىلار ئەڭ گۈللەنگەن مەنزىرە بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ، 312-دۆلەت تاشيولى(G312) بويىدىكى يېڭى بېكەت(شىڭزەن)دە ئېچىلغان ئايرىم خانىلىرى بار تاكىراڭخانىلار تۇرپاندىكى ياش-قېرى ئەرلەرنىڭ دائىملىق بارارگاھىغا ئايلاندى. يەنى ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلار ئارىسىدا، ھەر قانداق بىر شاراپلىق ياكى شاراپسىز سورۇننىڭ ئاخىرى تاكىراڭخانىدا ئاخىرلىشىدىغان، سىرتتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى تاكىراڭخانىدا مېھمان قىلىدىغان، ئەمەلدارلار ئارىسىدا تەخسىكەشلىكلەر تاكىراڭخانىدا يۈز تاپىدىغان، كادىرلار ئىچ-پۇشۇقىنى تاكىراڭخانىدىن چىقىرىغان، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى خىزمەتچىلەر چارچاشلىرىنى تاكىراڭخانىدا تۈگىتىدىغان، دېھقانلار ئېتىزدىكى ئاچچىق تەرلىك ھاردۇقىنى تاكىراڭخانىغا بېرىپ چىقىرىدىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى. بۇندىن باشقا يەنە، 312-نۇمۇرلۇق دۆلەت تاشيولى ئۈرۈمچى-تۇرپان-پىچان-قۇمۇل-ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ماڭىدىغان ئاساسلىق تاشيول بولغاچقا، ھەر خىل مەقسەت بىلەن ئۈرۈمچىدىن-تۇرپانغا، پىچانغا، قۇمۇلغا، ئىچكىرىگە ياكى ئىچكىرىدىن، قۇمۇلدىن، پىچاندىن ئۇرۇمچىگە قاراپ خۇسۇسىي ماشىنا ھەيدەپ ماڭغان يولوچىلارمۇ بۇ تاكىراڭخانىلارنى يوقلاپ ماڭاتتى. بۇنىڭ بىلەن تاكىراڭخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى ئېشىپ، تاكىراڭلارنىڭ سانى ۋە مۇلازىمىتى كۆپىيىشكە باشلىغانىدى.
بۇ نەتىجىدە، نۇرغۇنلىغان ياش ۋە ئوتتۇراياش كىشىلەر ئەيدىز، يۇقۇملۇق جىنسى كېسەل، يۇقۇملۇق جىگەر كېسىلى ۋە يۇقۇملۇق ئۆپكە كېسىلى قاتارلىق نىجىس كېسەللەرگە گىرىپتار بولدى. ئۆزلىرى بىلەنلا قالماي، ئۆيىگە بېرىپ ھالال جۈپتىلىرىنى ۋە نارىسىدە بالىلىرىنى شۇ نىجىس كېسەللەر بىلەن بولغىدى. توي قىلمىغان يىگىتلەر شەھۋەتنىڭ كويىدا، خام خىيالنىڭ قوينىدا ۋەيران بولدى. يەنى ئۇلار تاكىراڭخانىغا بېرىپ ئويناش ئۈچۈن پۇل تېپىشنى ئويلايدۇ. پۇل تېپىش ئۈچۈن قىمار ئوينايدۇ، ئوغرىلىق قىلىدۇ، بۇلاڭچىلىق قىلىدۇ. تاپقان پۇلىنى تاپقان پۇلىنى تاكىراڭخانىغا ئاپىرىپ بەش-ئون مىنۇتلۇق ئىشقا سورىۋېتىپ قايتىپ كېلىدۇ. ئۆز ئەرلىرىنىڭ، بالىلىرىنىڭ شۇ نىجىس قىلمىشلىرىنى بىلگەن ئاياللار، ئاتا-ئانىلار بۇ ئىشلارنى يا ھېكىمگە تىنالماي، نەسىھەت قىلىپ ئاڭلىتالماي، يالغۇز ئۆيدە جاينامازدا ئولتۇرۇپ دەريا-دەريا يىغلاپ، ئاللاھتىن ئېرىگە ۋە پەرزەنتىگە ئىنساب بېرىشىنى تىلىشىدۇ. ئەرلەرنى ۋە بالىلارنى يامان يوللاردىن ياندۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن موللام، باخشى-پېرىخونلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، مۇراسىم-پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ ئىشقا سەۋەب قىلىشىدۇ.
2006-يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 2007-يىللارنىڭ باشلىرىدا، بۇ مەسىلىلەر كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي، جىسمانىي ۋە روھىيىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتتە نۇرغۇنلىغان زىددىيەت ۋە كىرىزىسلارنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولدى. شۇنىڭ بىلەن، يەرلىك غورورى بار قەلەمكەشلەر بو توغرىسىدا تۇرپان ژورنىلى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا مەخسۇس تېمىدىكى ئوچىرىك ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى. بۇ جەمئىيەتنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ، تاكىراڭخانىلارغا نىسبەتەن تەكشۈرۈپ تەرتىپكە سېلىش خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى. تۇرپان رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى، مەخسۇس تاكىراڭخانىلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئۇ يەردىكى ئايال مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ئاياللار ساغلاملىقىنى ۋە قىنىنى قەرەللىك تۈردە مەخسۇس تەكشۈرۈپ، كېسەل يۇقتۇرۇۋالماسلىق ۋە يۇقتۇرۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۇغۇتتىن ساقلىنىش بىخەتەرلىك بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش، توغرىسىدا تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ بارغانىدى. 2008-يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇناسىۋىتى بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى كۈچلۈك بېسىم بىلەن 312-نۇمۇرلۇق دۆلەت تاشيولىنىڭ شىمال ۋە جەنۇبى يول بويىدىكى تاكىراڭخانىلارنى تاقىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن، تاكىراڭخانىلار شەھەر ئىچىگە يۆتكىلىشكە باشلىدى. ھازىر بۇ تاكىراڭخانىلار شەھەر ئىچىدىكى بىرقىسىم ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى خۇسۇسى ئۆيلەردە ھەم ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان ئۆيلەردە ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى بىرقىسىم ئارامگاھلاردا تىجارەت قىلماقتا.
  • تاكىراڭخانىلارنىڭ تۈرلىرى
ئىگىلىشىمىزچە، تۇرپان رايونىدىكى تاكىراڭخانىلارنى ئادەتتىكى تاكىراڭخانا، زامانىۋىي تاكىراڭخانا، خەنزۇچە (خەنزۇچە) تاكىراڭخانا  ۋە ئائىلىۋىي تاكىراڭخانا دەپ تۆتكە ئايرىشقا بولىدۇ. تۆۋەندە بۇ تاكىراڭخانىلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىلىدۇ.
بىرىنچى، ئادەتتىكى تاكىراڭخانا
بۇ 1996-يىللاردىن تارتىپ ئېچىلىپ كېلىۋاتقان ياكى شۇلارغا ئوخشاش ئېچىلغان تاكىراڭخانىلارنى كۆرسىتىدۇ تۇرپاندىكى ئەيدىز ۋە باشقا نىجىس يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى تارقىتىدىغان ئاساسلىق ئورۇنلارنىڭ بىرى. بۇ تاكىراڭخانىلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئايال كىشى ئاچقان بولۇپ، يەرلىك ۋە سىرتتىن كەلگەن ئاجرىشىپ چىقىش يولى تاپالمىغان، زەھەر چەككەن ۋە پاھىشىلىككە ئۆگىنىپ قالغان ياش (يېشى 17-35 ياشقىچە) قىز-چوكانلار مۇلازىمەت قىلىدۇ. تاكىراڭخانا خوجايىنى ئۇلارنىڭ ياتاق ۋە تامىقىنى تەمىنلەيدۇ. ئۇلار تاكىراڭخانىلاردا مۇقىم يېتىپ-قوپۇپ ئىشلەيدۇ. خېرىدارلار بۇ تاكىراڭلارنى ئۆز ياتىقى ياكى باشقا ياققا ئېلىپ كەتمەكچى بولسا، تاكىراڭخانا خوجايىنى بىلەن باھادا كېلىشىپ، پۇلنى ئالدىن بېرىدۇ ياكى ئىش تۈگىگەندىن كېيىن بېرىدۇ. خوجايىنلار ئۇلارنىڭ تاپقان پۇلىنىڭ نىسبىتى بويىچە ئۇلارغا پۇل بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن بولۇپ، باشلانغۇچ، تۇلۇقسىز، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مۇلازىمەت ئوبىكتى ياش ۋە ئوتتۇرا ياش دېھقانلار، ئۇششاق تىجارەتچىلەر ۋە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى ھەم ئىشچى خىزمەتچىلەر ئىدى. مۇلازىمەت ئۇسۇلى خېرىدارلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يىيىش، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش ۋە جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش ئىدى. يەنى تاماقتا، ھاراقتا، كارىۋاتتا بىللە بولۇش مۇلازىمىتى ئىدى. بۇنى كىشىلەر ئۈچتە ھەمراھ بولۇش دەيدىكەن.
4-ھېكايە: شىڭزەندىكى تاكىراڭخانىلار بەك مەينەتكەن. بىر ئۆينىڭ ئىچىدە ھەممە ئىشىنى قىلىدىكەن. تاماقنىمۇ شۇ يەردە يەۋاتقان، ھاراقنىمۇ شۇ يەردە ئىچىۋاتقان، بۇزۇقچىلىقنىمۇ شۇ يەردە قىلىۋاتقان، باشقىلار بۇزۇقچىلىقنى قىلىپ بولغۇچە، ئۆچىرەتتە تۇرىدىغان گەپكەن. ئۇلار قىلىدىغاننى قىلىپ چىقىپ كەتسە، سۈپۈرۈپمۇ قويماستىن، ئۇلار ئىش قىلغان كۆپىلەرنى تۈزەشتۈرۈپلا جوزىلارنى رەتلەپ تاماق چىقىرىدىكەن، ئادەمنى نەس باستۇرۇپ. بۇ ئىشلارنىمۇ تېخى بايىلا باشقىلارنىڭ ئاستىدىن قوپقان نىمىلەر، تەرەتمۇ ئالماي تۇرۇپ جوزا رەتلەيدىكەن، چاي قۇيىدىكەن، تاماقلارنى كۆتىرىپ ئېلىپ چىقىدىكەن، ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېلىشتۇرۇپ. ئۇ تاكىراڭلار شۇنداق تۇرسا، ئۇلارنىڭ خوجايىنى ۋە تاماق ئەتكەن ئاشپەزلەر قانداقتۇ؟ تاماقنى قانداقلا قىلىپ ئېتىدىغاندۇ؟ ئاڭلىسام، تاكىراڭخانىدىكى ئاشپەزلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەرلەركەن. تاكىراڭ قىزلار تاماق ئالغىلى ياكى بىر ئىشلار بىلەن قازان بېشىغا بېرىپلا قالسا، تۇتىۋېلىپ قازان بېشىدىلا بىر ئىشلارنى قىلىشارمىش. ئۇ يەردىكى تاكىراڭلارنىڭغۇ چىرايىغا چىقىپ كېتىدىكەن بۇزۇقلۇقى، مەينەتلىكى. ئۇ نىمىلەر تىزىغىچە كېلىدىغان كۆڭلەك كىيىپلا، يا باغىرداق تاقىمايدىكەن، يا ئىچىگە كوسار كەيمەيدىكەن. جوزىغا ئولتۇرۇپ بولغۇچە، ئادەمنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىپ، ئۇ يەر-بۇيەرلەرنى سىلاپ، قۇچاققىلا چىقىدىكەن. ئاندىن، تاماق دىگەننى بولۇشىغا بۇيرۇتىدىكەن. تاماق چىقىپ بولغۇچە، قۇچاقتا ئولتۇرۇپ، ئۇ يەر، بۇ يەرلەرنى سىلاتقۇزۇپ،  قىلماي دىسىمۇ بىر ئىشلارنى قىلغۇسىنى كەلتۈرۋېتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن، تاماق ئۈستىلى يېنىدىلا ئىشقا چۈشۈپ كېتىدىكەن. ئۇ تاكىراڭلار تاماقمۇ يەۋاتقان، باشقا ئىشلارنىمۇ قىلىۋاتقان، ئىشقىلىپ بەك مەينەتكەن، ئۇ يەردىكى بىرنىمىلەر…
5-ھېكايە: بىزنىڭ مەھەللىدىكى تۇرسۇن ئاكامنىڭ بالىسى قاھارجان ئازراق پۇل تاپسىلا تاكىراڭخانىغا يۈگىرەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. توي قىلمىغان بالىلارغا، ئۇ يەردە نىمە بار دەيمەن؟ كىچىك تۇرۇپلا يامان ئىشلارنى ئۆگىنىۋالغىنىنى دەيمەن. ھازىر بازاردا قاھار تاكىراڭ دىسە تۇنۇمايدىغان ئادەم يوقكەن ئۇنى. ئاتا-ئانىسى بالدۇرراق ئۆيلەپ قويسىغۇ مۇشۇ ئىش يوك. ئۇنى دىسىغۇ، ئىككى بالىسى بولۇپ قالغان ئاۋۇ ھامۇتمۇ شىڭزەندىن بېرى كەلمەيدىكەن. ئايالى نەچچە قېتىم شىڭزەندىكى تاكىراڭخانىدىن ياندۇرۇپ كەپتۇ. بىر قېتىم ئىككى بالىسىنى سۆرەپ بېرىپ، تاكىراڭخانىدىكىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپتىكەن. ھامۇت تازا ساپتۇ خوتۇن بالىلىرىنى، ھەي ساراڭ تۈگەپ قالمايدىكەن بۇ جاھاندا. شۇنىڭ بىلەن ئىككى بالىنى يېتىم قىلىپ ئاجراشتى. ئاڭلىساق، ھامۇت ھېلىقىدەك كېسەل بولۇپ قاپتۇ دەيدۇ.
ئىككىنچى، زامانىۋىي تاكىراڭخانا
بۇ 2004-يىللاردا پەيدا بولغان تاكىراڭخانا بولۇپ، بۇنىڭ بەزىلىرىنى ئاياللار ئاچقان، بەزىلىرىنى ئەرلەر ئاچقانىدى. بۇ تاكىراڭخانىلاردا يەرلىك ۋە سىرتتىن كەلگەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزلار، ھەر ساھە-ھەر كەسىپتە مۇقىم خىزمىتى بار تۇل قالغان ياش(يېشى 23-40 ياشقىچە) قىز-چوكانلار مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مۇلازىمەت ئوبىكتى ئاتالمىش يۇقىرى قاتلام ۋە ئوتتۇرا قاتلام ئەمەلدارلار، زىيالىيلار، باي سودىگەرلەر ۋە بىر قىسىم ئىشچى خىزمەتچلەر ئىدى. مۇلازىمەت ئۇسۇلى خېرىدارلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يىيىش، ھاراق ئىچىش، ئۇسۇل-تانسا ئويناش، ناخشا ئېيتىش ۋە جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش ئىدى. يەنى تاماقتا، ھاراقتا، ئۇيۇندا، كارۋاتتا بىللە بولۇش مۇلازىمىتى ئىدى. ئەمما، بۇ تاكىراڭخانىلارنىڭ قۇرۇلمىسى ئالاھىدە بولۇپ، قىز-چوكانلار بۇ تاكىراڭخانىدا مۇقىم تۇرمايدۇ. ئۇلار ئادەتتە، ئۆز خىزمىتى ياكى ئائىلە ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. خېرىدار كەلگەندە، ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تاكىراڭخانا خوجايىنلىرى ئۇلارنى تېلىفۇن قىلىپ چاقىرىپ كېلىدۇ. بەزى خېرىدارلار ئالدىن زاكاز قىلىدۇ. بۇنداق ئالدىن زاكازلىق سورۇنلارنىڭ تەننەرخى يۇقىرى بولۇپ، ئارامگاھلارنىڭ ئەڭ ئېسىل ئايرىمخانىلىرىدا سورۇن تەشكىللىنىدۇ. بۇ سورۇندا، ئېسىل تائاملار، قىز-چوكانلار، نەشە-قاپاقلار، ساز ۋە سازچىلار، ناخشا-ئۇسۇلچىلار بولىدۇ. قىز-چوكانلارنىڭ بەزىلىرى ئۈرۈمچىدىن چاقىرىپ كېلىنىدۇ. تاكىراڭخانا خوجايىنلىرى پەقەتلا سورۇن تەشكىللەپ، تاماق ۋە مۇلازىمەت(سولامچىلىق)تىن كىرىم قىلىدۇ. چاقىرىپ كەلگەن قىز-چوكانلارغا مەلۇم نىسبەتتە ھەق بېرىدۇ. قىز-چوكانلار كارىۋاتتا بىللە بولسا بۇنىڭ پۇلى ئۆزىگە قالىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى مانا مۇشۇ سورۇنلاردا بارلىققا كېلىدۇ. بۇ ئاتالمىش يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا قاتلام ئەمەلدارلار ۋە زىيالىيلارنىڭ چىرىكلىك، پارىخورلۇق ۋە ئائىلە پاجىئەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق ئورۇن ۋە سورۇنلارنىڭ بىرى.
6-ھېكايە: ئالدىنقى قېتىم، ئاغىنىمىزنىڭ خىزمەت يۆتكىلىش ئىشىغا ماڭغاندا، ‹xx ئارامگاھ›تا بىر سورۇن قىلغانتۇق. ھەپتە بۇرۇن زاكاز قىلىشقا باردۇق ۋە ئەڭ چوڭ ھەم ئەڭ ياخشى ئايرىمخانىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق. خوجايىن 47-48 ياشلار چامىسىدىكى ياسانچۇق ئايالكەن، ئۇ بىزنى ئەڭ ئىچىدىكى چوڭراق، ئېسىل بېزەلگەن بىر ئايرىمخانىغا باشلىدى. بىز كۆرۈپ شۇ ئايرىمخانىنى لايىق تاپتۇق. شۇنىڭ بىلەن، ئايال خوجايىن بىلەن چىقىرىدىغان تاماقلار ۋە مۇلازىمەتلەر توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق. ئۇ بىزدىن قانداق كىشىلەرنى نىمە سەۋەبتىن مېھمان قىلىدىغىنىمىزنى، ھەم شۇنىڭغا ماس مۇلازىمەت قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاغىنەم، خىزمەت يۆتكىلىش ئىشى بىلەن بىر چوڭ باشلىقنى مېھمان قىلىمىز دىدى. ئايال خوجايىن بىزگە، بۇ يەرگە چوڭ باشلىقلارنىڭ دائىم كېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قانداق تاماقلارنى يەيدىغانلىقىنى، كۆڭلىنىڭ نىمىلەرگە تارتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا قانداق مۇلازىمەت قىلىشنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە بىزگە چىقىرىدىغان تائاملارنى، ئىچىدىغان ئىچىملىكلەرنى تەۋسىيە قىلدى ھەم سازەندىلەرنى، چاقچاقچىلارنى ئالاقىىشىپ بېرىدىغان بولدى. بىز ناھايىتى خۇرسەن بولۇپ، رەھمەت ئېيتىپ ماڭاي دەپ تۇرۇشىمىزغا، ئۇ بىزگە: قىزلارنى ئۆزۈڭلار ئېلىپ كېلەمسىلەر ياكى ئۇلارنىمۇ مەن ئالاقىلىشىپ بېرەيمۇ؟ دىدى. بىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ، قىزلارنى چاقىرمايمىز دىدۇق. ئۇ بىزگە، شۇنداق ئېسىل سورۇننى راسلاپ، قىز-چوكانلارنى چاقىرمىساڭلار سورۇن زايا كەتمەمدۇ؟ تازا باشلىقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى بىلمەيدىكەنسىلەر، باشلىق دىگەننىڭ يىگەن-ئىچكەنگە قوسىقى توق، قانچە ياخشى تاماق چىقارساڭلارمۇ ئانچە پوش بولۇپ كەتمەيدۇ. ئۇلار ئىشلەپ چارچايدۇ، كېرىكى ئارام ئېلىش، كۆڭلىنى خوش قىلىش، راھەت سۈرۈش، چىرايلىق ياش قىزلاردىن نەچچىنى چاقىرىڭلار، باشلىقىڭلار ئۇلار بىلەن چىقىشىپ، كۆڭلى ئېچىلىپ قالسا، ھەممە ئىشىڭلار ھەل بولۇپ كېتىدۇ، دېدى. بىز بىزنىڭ ئۇ باشلىق ئۇنداق ئىشلارنى قىلمايدۇ، بولدى چاقىرمايلى دىدۇق. ئۇ ئايال بىزگە، باشلىقىڭلار چاتاق ئەمەستۇ؟ چاتاق بولمىسىلا قىز بالىنى خالىمايدىغان باشلىق يوق. بۇ يەردىكى باشلىقلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرگەنمەن، بولمىسا تېلىفۇن قىلىپ سوراپ بېقىڭلار، دىدى. ئاغىنەم، ئويلىشىپ، باشلىقىغا تېلىفۇن قىلىدى. ‹xxجۈجاڭ تېشلىقمۇ؟ شەنبە كۈنىدىكى سورۇننى ئورۇنلاشتۇرۋاتقان،  قىزلاردىنمۇ بىر نەچچىسىنى چاقىرايلى دىگەن، ئۆزلە بىر مەسلىھەت بەرسىلە، قانداق قىلساق بولا؟ باشلىق: ھە بولىدۇ، چاقىرىڭلار! ئەمما، يەرلىك بولمىسۇن، تۈزۈكرەك چىراي بار، ياشراقلىرىنى چاقىرارسىلەر ھە!.ئايال خوجايىن بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ، قانداقكەن، ئۇلارنى قانداق توغرىلاشنى بىزدىن سورايسىلەر دىدى. ئەمما، ئاغىنەمگە غەم بولدى. باشقا يەرلىك، چىرايلىق ياش قىزلارنى نەدىن تاپارمىز ئەمدى؟ ئايال خوجايىن: مان چاقىرىپ بېرىمەن غەم قىلماڭ، مېنىڭ قۇلۇمدا پەرىزاتتەك چىرايلىق قىزلار بار، ئۈرۈمچىدىن كېلىدۇ، ھەممىسى يۇقىرى ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان خىزمەتچى، داشۆسىڭ قىز-چوكانلار. ئۇلارنىڭ كىراسىنى كۈتۈرۈپ، ئازراق ئۆرمە بېرىسىز، نەچچىسى لازىم؟ دىدى. ئاغىنەم: بولىدۇ بېرەي، 5 نى چاقىرىپ بېرىڭ، ئەمما چوقۇم ياش، چىرايلىق بولسۇن دىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن قىزىقىپ سورىدىم، ھۆكۈمەت ئورنىدا ئىشلەيدىغان، مۇقىم خىزمىتى بار، داشۆدە ئوقۇيدىغان قىز-چوكانلارمۇ مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلامدا؟ سىز قانداق تۇنۇيسىز بۇنداق قىزلارنى؟ ئۇ ئايال مۇنداق دېدى. ۋاي ئۇكام، ئايال كىشىنىڭ دەردىنى سىلەر بىلمەيسىلەر، ئايال كىشى دىگەنگە ياتىدىغان ئۆي، كېيىدىغان كىيىم، خەجلەيدىغان پۇل بولسىلا بولمايدۇ. ئايال كىشىمۇ مۇنداق بىر كۆڭۈل خوشلۇقىغا مۇھتاج. بەزىلىرىنىڭ تۇرمۇشتىن ئېرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن، ئۇلار ئۆزىنى خوش قىلىدىغان ئەرلەرگە مۇھتاج. بەزىلىرىنىڭ ئېرى ئاقچى، تۈرمىدە، بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوق، ئۇلار پۇلغا مۇھتاج. يەنە بەزىلىرى ئاجراشقان، تۇل قالغان، تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك بولمىغان، ئۇلار ئەرگە مۇھتاج. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزلار پۇلنى يىتىشتۈرەلمىگەن، پۇلغا مۇھتاج….دىگەندەك، خىلمۇ-خىل مۇھتاجلىقلار بىلەن كېلىدۇ. بۇرۇن ھەممىسىنى سىلەردەك ئەرلەر مۇشۇ يەرگە باشلاپ كەلگەن. باشلىقلارغا خوشامەت قىلىپ، مۇشۇ يەرگە ئەكىلىپ، ھاراقنى بولىشىغا ئىچۈرۈپ مەس قىلىپ، باشلىقلارغا سولاپ بېرىدۇ. ئىش تۈگەپ ئوڭشالغاندىن كېيىن، ئايال كىشى بولغاندىكىن كېيىن بىزگە دەردىنى تۆكىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، تۇنۇشىپ قالىمىز. تېلىفۇنلارنى يېزىشىپ، ئالاقىلىشىپ تۇرىمىز. ئۇلار سورۇن سېغىنغاندا ئۆزى تېلىفۇن قىلىدۇ. سورۇن چىققاندا، بىز تېلىفۇن قىلىمىز. پۇل بەرسىڭىز ئۇلارمۇ ھەممىنى قىلىدۇ، ئەمما، قالايمىقان ياتمايدۇ. سورۇن دېگەننى قىزىتىپ چاڭ چىقىرىۋېتىدۇ. بەزىلىرى مەست بولۇپ قالسا، كىيىم دېگەننى سېلىۋېتىپ سورۇندا يالىڭاچ ئۇسۇل ئويناپ كېتىدۇ. ئۇلارمۇ ئۈرۈمچىدە ئادەم كۆپ، باشقىلار كۆرۈپ قالىدۇ دەپ تۇرپانغا كېلىپ ئوينايدىغان بولۇپ قالدى. كۆپىنچىسى ئاشنىلىرى بىلەن كېلىپ ئويناپ كېتىدۇ…ياتاققا ئېلىپ كەتسەڭلار بولىدۇ، ئۆزى بىلەن باھادا كېلىشەلىسەڭلەرلا، ئۇلار سەل جىقراق ئالىدۇ. ئادەتتە 250 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە، ئەگەر قىز بولۇپ قالسا 1000نى ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، سورۇن بولدى، بىزنىڭ مېھمانلار كېلىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئايال خوجايىن قىز-چوكانلارنى باشلاپ كىردى. ئۇلار (يېشى 24-29 ياشقىچە) ئالامەت چىرايلىق قىزلاركەن، ئېسىل گىرىملەرنى قىلىپ كەپتۇ. ئايال خوجايىن، ھەر بىر مېھماننىڭ يېنىغا بىردىن قىزنى ئولتۇرغۇزدى. ئارىدىن ئەڭ چىرايلىق، بويى ئىگىز تولغان بىرىنى باشلىقنىڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى. ئۈرۈمچىدىن كەلگەن قىزلار باشقىچە شوخكەن، بىردەمدىلا سېرىق يۇمۇر دىگەن تۆكۈپ، سورۇندىن قىقاس – چوقان چىقىرىۋەتتى. تاماقلار يىيىلىپ، ھاراقلار كەلدى، قىزلار ھاراقلاردىنمۇ تارتىنىپ قالمىدى، ئەرلەر بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ ئىچىشتى. باشلىقمۇ ناھايىتى خوشال ئىدى. سازلار چېلىنىپ ناخشىلار باشلاندى، قىزلارنىڭ ئاكتىپلىقى بىلەن ئۇسۇلمۇ باشلاندى. ھاراق تۆت رومكا ئايلانغاندىن كېيىن، ھەممىسى خىل-خىلى بىلەن تېپىشىپ، بىر-بىرىگە سۈركىلىپ چاپلىشىشقا باشلىدى. سورۇن ئاخىرلىشاي دىگەندە، ئايال خوجايىن، باشلىققا بىر ھۇجرا راسلاپ قويغانلىقىنى، ئاۋۇ قىزنىڭ ھەققىنى ۋە ياتاقنىڭ ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرۇشنى ئېىيتتى. باشقىلار باشقا يەرگە ئېلىپ كېتىپ، قالغان ئىشنى ئۆزى پۈتتۈرسۇن دەپ ئىش ئۆگەتتى. سورۇن ئاخىرلاشقاندا، باشلىق ھېلىقى قىز بىلەن تەييارلاپ قويغان ھۇجرىغا كىرىپ كەتتى. باشقىلار باشقا ياقلارغا كېتىشتى.
ئۈچىنچى، خەنزۇچە(خەنسوچە) تاكىراڭخانا
بۇ 2004-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، تۇرپاندا ئۇيغۇرلار باشلاپ بەرگەن تاكىراڭخانا ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن، مۇنچا ۋە پاھىشخانا بىرلەشتۈرۈلگەن تاكىراڭخانىلارنى كۆرسىتىدۇ. 2004-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، تۇرپان شەھەرلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتىتى بىناسىنىڭ ئاستىغا يەنى ئەسلىدىكى دىيارشاھ رېستۇرانىنىڭ ئورنىغا بىر مۇنچىخانا قۇرۇلغانىدى. بىر ئايدىن كېيىن، تۇرپان كونا شەھەر شەرقىي قۇۋۇقتىكى خۇاتەي مېھمانخانىسىمۇ ئوخشاش شەكىلدىكى مېھمانخانىدىن بىرنى بەرپا قىلدى. ئەنە شۇ ۋاقىتىلاردىن تا بۈگۈنگىچە، تۇرپاندا بۇ خىل شەكىلدىكى مۇنچىخانا 4-5 يەردە قۇرۇلغانىدى.
بۇ مۇنچىخانىلار پۈتۈنلەي ئايرىمخانا شەكىلدە ئالاھىدە لايىھىلەنگەنىدى. ئايرىمخانىلاردا كارۋات ۋە باشقا تازلىق بۇيۇملىرى بار بولۇپ، مۇنچىغا چۈشۈش ھەققى 5 يۈەن ئىدى. بۇ مۇنچىخانىدا ئالاھىدە مۇلازىمەت قىلىدىغان 20-30 نەپەر ئۇيغۇر ۋە خەنسو قىز-چوكان بار ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى زەھەر چەككەن، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، پاھىشىلىكنى كەسىپ قىلغان قىز-چوكانلار ئىدى. مۇنچىخانا بۇ قىز-چوكانلارنى ياتاق بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت ئوبىكتى جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم يەرلىك ۋە سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر، دېھقانلار، تىجارەتچىلەر، بىكارچى، قىمارۋاز، نەشىخور ياشلار، پىسخكىسى بىنورمال بىر قسىم ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوتتۇرا ياش كىشىلەر ئىدى. مۇلازىمەت ئۇسۇلى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ۋە بىرگە يۇيۇنۇش ئىدى. خېرىدارلار كىرگەندىن كېيىن، بەزىلىرى خەنسو قىز-چوكانلارنى، يەنە بەزىلىرى ئۇيغۇر قىز-چوكانلارىنى تاللاپ، باھادا كېلىشىپ، ئاندىن ئايرىمخانىلارغا كىرىشىدۇ، ئىش تۈگىگەندىن كېيىن يۇيۇنۇپ بولۇپ، ھەققىنى بېرىدۇ. شۇڭا، بۇ يەرگە كىرىدىغانلار ئۆزىچە بۇ يەرنى باشقا تاكىراڭخانىلارغا قارىغاندا پاكىز دەپ قارىشىدۇ. ئۇلار جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلەتمەيتتى. شۇڭا، بۇ خىل تاكىراڭخانىلار ئەيدىز قاتارلىق نىجىس كېسەللەرنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش مەنبەسى ئىدى.
تۆتىنچى، ئائىلىۋىي تاكىراڭخانا
2010-يىللاردىن باشلاپ، تۇرپاندىكى تاكىراڭخانىلارنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، شەھەر ئىچىدىكى بىر قىسىم ئائىلىكلەر قوروسىدا ۋە يېزا-بازارلاردىكى بازار بولدىغان ئاۋات جايلاردا ئائىلىۋىي تاكىراڭخانىلار بارلىققا كەلدى. يېڭىدىن پەيدا بولىۋاتقان ئائىلىۋىي تاكىراڭخانىلاردا ئائىلە بويىچە مۇلازىمەت قىلىدىغان ۋە ئائىلە بويىچە تاكىراڭخانىغا ئۆگىنىپ قالغان ھادسىلەر بارلىققا كەلدى. بۇ ئاساسلىق تۇل قالغان ئاياللارنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن، ئۆز ئائىلىسىگە، شۇ خىل مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى چاقىرىشى ۋە قۇبۇل قىلىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن ئائىلىۋىي تاكىراڭخانا ئىدى.
  • تاكىراڭلارنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
كارىز بويىدىكى تاكىراڭلارنىڭ ئەھۋالى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىدىن تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلىدۇ.
بىرىنچى، تاكىراڭلارنىڭ سانى
تاكىراڭخانىدا ئىشلەيدىغان تاكىراڭلارنىڭ ھەرقايسى يىللاردىكى ئەھۋالى ئوخشاش ئەمەس ئىدى. 1995-يىللاردا، يەنى تۇرپاندا تاكىراڭخانىلار يېڭى ئېچىلىپ، خېرىدار مەنبەسى كۆپ بولمىغان ۋاقىتلاردا، تاكىراڭلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس ئىدى. 2000-يىللاردىن باشلاپ، تۇرپاندا تاكىراڭخانىلار كۆپلەپ پەيدا بولۇپ، 2003-يىللارغا بارغاندا، ئەڭ كۆپ سانغا يەتتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇ يەردە ئىشلەيدىغان تاكىراڭلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيدى. مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ 2011-يىلدىكى سىتاتېستىكا ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، تۇرپان شەھەر ئىچىدىكى ئاشخانا، ئارامگاھ، KTV كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى ۋە مېھمانخانا قاتارلىق ناملاردىكى تاكىراڭخانىلاردىكى تاكىراڭلارنىڭ سانى 387 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تاكىراڭلار 292 نەپەر، خەنزۇ تاكىراڭلار 95 نەپەر ئىدى. بۇنىڭ ئىچىگە، شەھەر ئىچىدىكى ئائىلىلىكلەر قوروسىدىكى خۇسۇسىي ئۆيلەرگە جايلاشقان تاكىراڭخانىلاردىكى، يېزا-بازارلاردىكى ئاۋات بازا بويىغان جايلاشقان ئائىلىۋىي تاكىراڭخانىلاردىكى ۋە توقسۇن، پىچان، ئۈرۈمچى ۋە باشقا يۇرتلاردىن كېلىپ كېتىپ يۈرىدىغان سەييارە تاكىراڭلارنىڭ سانى سىتاتېستىكىغا كىرگۈزۈلمىگەنمىدى. بۇ جايدىكى تاكىراڭخانىلاردا ئاز دېگەندە 2-3 نەپەر، كۆپ دېگەندە 7-8 نەپەر تاكىراڭ بار ئىدى.
ئىككىنچى، تاكىراڭلارنىڭ رايون تەۋەلىكى
تەكشۈرۈش ۋە سىتاتېستىكا ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، تاكىراڭلار ئىچىدە يەرلىكلەر ئاز، سىرتتىن كەلگەنلەر كۆپرەك ئىدى. تاكىراڭلار ئىچىدە، تۇرپان شەھەر ۋە يېزا تەۋەسىدىن 29 نەپەر، توقسۇندىن 44 نەپەر، پىچاندىن 38 نەپەر، كۇچادىن 74 نەپەر، ئاقسۇدىن 41 نەپەر، بايدىن 28 نەپەر، شاياردىن 21 نەپەر، قەشقەردىن 4 نەپەر، ئۈرۈمچىدىن 13 نەپەر، ئىچكىرىدىن(سىچۋەن، خېنەن، خۇنەن قاتارلىق جايلاردىن) 95 نەپەر تاكىراڭ بار ئىدى.
بۇنىڭدىن قارىغاندا، تاكىراڭلار ئىچىدە يەرلىكلەر ئاز، سىرتتىن كەلگەنلەر كۆپرەك بولۇپ، ئادەتتە تاكىراڭلار يۇرت ئاتلاپ تىرىكچىلىك قىلاتتى.
ئۈچىنچى، تاكىراڭلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى
تەكشۈرۈش ۋە سىتاتېستىكا ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، تاكىراڭلارنىڭ ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىكى 17 ياش، ئەڭ چوڭى 44 ياش ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 17 ياشتىن 20 ياشقىچە بولغان تاكىراڭلار 41 نەپەر، 21 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان تاكىراڭلار 98 نەپەر، 26 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان تاكىراڭلار 121 نەپەر، 31 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان تاكىراڭلار 87 نەپەر، 36 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان تاكىراڭلار 31 نەپەر، 41 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان تاكىراڭلار 19 نەپەر ئىدى.
يۇقۇرىقى ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، تاكىراڭلار ئىچىدە ياشلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، 17 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان تاكىراڭلار 347 نەپەر ئىدى، بۇ ئومومىي تاكىراڭ سانىنىڭ %89.66 تىنى ئىگەللەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارمۇ بار ئىدى. بۇ بىزنى تولىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغان بىر ئەھۋال…
تۆتىنچى، نىكاھلىنىش ئەھۋالى
تەكشۈرۈش ۋە سىتاتېستىكا ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، تاكىراڭلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نىكاھتىن ئاجرىشىپ چىقىش يولى تاپالمىغانلار ئىدى. 387 نەپەر تاكىراڭ ئىچىدە، نىكاھلانمىغانلار 63 نەپەر، بىر قېتىم نىكاھلىق ئاجراشقانلار 186 نەپەر، ئىككى قېتىم نىكاھلىق بولۇپ ئاجراشقانلار 97 نەپەر، ئۈچ قېتىم نىكاھلىق بولۇپ ئاجراشقانلار 41 نەپەر ئىدى.
يۇقۇرقى ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، تاكىراڭلار ئىچىدە بىر قېتىم ياكى كۆپ قېتىم نىكاھلانغانلار كۆپ بولۇپ، تېخى نىكاھلانمىغانلارمۇ مەلۇم نىسبەتنى ئىگەللەيتتى. تېخى نىكاھلانمىغان قىزلارنىڭ بۇنداق جايدا بولىشى، بىزنى ئويغا سالىدىغان بىر مەسىلە.
بەشىنچى، تاكىراڭلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى
تەكشۈرۈش ۋە سىتاتېستىكا ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، تاكىراڭلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى بىر قەدەر تۆۋەن ئىدى. 387 نەپەر تاكىراڭ ئىچىدە، ساۋاتسىزلار 16 نەپەر، باشلانغۇچ مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىكىلەر 174 نەپەر، تۇلۇقسىز مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىكىلەر 109 نەپەر، تۇلۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىكىلەر 78 نەپەر، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىكىلەر 13 نەپەر، تۇلۇق كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىكىلەر 7 نەپەر ئىدى.
يۇقۇرىقى ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، تاكىراڭلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئوموميۈزلۈك تۆۋەن بولۇپ، باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىدىكىلەر بىر قەدەر كۆپ سالماقنى ئىگىللەيدۇ. دېمەك، مەدەنىيەت ساپانىڭ تۆۋەن بولىشىمۇ، تاكىراڭلارنىڭ تاكىراڭلىق يولىغا مېڭىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىدى.
ئالتىنچى، تاكىراڭلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى
تەكشۈرۈش ۋە سىتاتېستىكا ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، تاكىراڭلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى دىگەندەك ياخشى ئەمەس ئىدى. 387 نەپەر تاكىراڭ ئىچىدە، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار 31 نەپەر، سۆزنەك قاتارلىق يۇقۇملۇق جىنسى كېسەللەر 103 نەپەر، بالىياتقۇ ۋە جىنسى يول ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەر 81 نەپەر، جىگەر كېسىلى 17 نەپەر، ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسلى 9 نەپەر، نەپەسلىنىش يولى ياللۇغى ۋە بۇرۇن ياللۇغى بارلار 33 نەپەر، مەقەت يولى ياللۇغى ۋە قەۋزىيەت بولغانلار 17 نەپەر، يۈرەك كېسەل 3 نەپەر، باشقا كېسەللەر 23 نەپەر، ساغلام بولغانلىرى 70 نەپەر ئىدى.
بۇنىڭدىن قارىغاندا، تاكىراڭلارنىڭ كۆپىنچىسى خىلمۇ-خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، جىسمانى ۋە روھى جەھەتتە ئېغىر دەرىجىدە زەئىپلەشكەن، سالامەتلىكى ۋە ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان كىشىلەر ئىدى. ئۇلار جەمئىيەتتە ئاشكارە ۋە يۇشۇرۇن ھالدا خىلمۇ-خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر ۋە تارقاتقۇچىلار بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىدىغانلارغا نىسبەتەن زور يۇشۇرۇن خەۋپ ئىدى.
يەتتىنچى، تاكىراڭلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە پىسخىكىسى
تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، تاكىراڭلارنىڭ كۆپىنچىسى تۇرمۇشتا زەربە يىگەن، نىكاھتىن تەلىيى چىقمىغان، ئىقتىسادىي قىينچىلىقتا قالغان، زەھەر چېكىدىغان قىز-چوكانلار ئىدى. شۇڭا، ئۇلار مۇشۇ ئىشنى تۇرمۇش تىرىكچىلىكىنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالغانىدى. ئۇلار بۇ ئىشنى ئۆز يۇرتىدا ئاشكارە قىلسا، تۇنۇش بىلىشلىرىنىڭ كۆرۈپ قېلىشى ۋە بىلىپ قېلىشى، ئاندىن يۇرت مەھەللىلەردە سۆز-چۆچەك قىلىپ يۈرۈشىدىن ئەنسىرەپ، باشقا يۇرتلارغا بېرىپ مۇشۇ يولغا مېڭىشقا مەجبۇر بولغانىدى. يەنە بەزىلىرى، زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلىقتىن، زەھەر ئېلىپ خۇمارىنى باسقىدەك پۇل تېپىش ئۈچۈن، تېخى توي قىلماي تۇرۇپلا مۇشۇ يولغا مېڭىپ قالغانىدى. شۇڭا، ئۇلار ئايال خوجاينىلارغا ياللىنىپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھاياتىنى دەسمايە سېلىپ، كېچە-كۈندۈز پۇل تېپىش ئۈچۈن ناشايان ئىشلارنى قىلىدۇ. ئاساسەن ئۇلارنىڭ كېچىسى بىلەن كۈندۈزى ئالماشقان بولۇپ، كېچىسى ئىشلەپ، كۈندۈزى ئارام ئالىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ روھى ۋە جىسمانىيىتى زەئىپلىشىپ، كېسەللەر چىرمىغانىدى.
ئۇلارنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلار بۇ ئىشنى ئۆزى خالاپ قىلمىغان، بەلكى تۇرمۇشنىڭ قاتتىقلىقى ئۇلارنى مۇشۇ يولنى تاللاشقا مەجبۇر قىلغانىدى. ئۇلار دەسلەپ، ئايال خوجايىنلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، بىرەر ئاي ئىشلەپ، ئازراق پۇل جۇغلىۋېلىپ، قايتىپ كېتىشنى مەقسەت قىلىپ، مەقسىتىنى ئايال خوجايىنلارغا ئېيتقان. ئۇلار ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئېلىپ، ئىشلىتىدىكەن، پۇلنى ۋاقتىدا بەرمەيدىكەن. ۋاقىت ئۇزارغانچە، ئۇلارنىڭ بەدىنى مۇشۇ ئىشلارغا كۈنۈپ قالىدىكەن، شۇ ئىشلارنى خالايدىغان، قىلغۇسى كېلىدىغان خۇمار بولۇپ قالىدىكەن. بەزىلىرى پۇل تېپىپ قايتىپ كېتىپ، خۇمارىنى بېسىش ئۈچۈن يەنە قايتىپ كېلىدىكەن. ئۇلارنىڭ روھىمۇ مۇشۇ خىل تۇرمۇش ئۇسلۇبىغا كۆنۈپ قالىدىكەن، خۇمار بولۇپ قالىدىكەن.
  • تاكىراڭلارنىڭ تۈرلىرى ۋە ئالاھىدىلىكى
كارىز بويىدىكى تاكىراڭلارنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئۇلارنى جىنسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئەر تاكىراڭ ۋە ئايال تاكىراڭ دەپ ئىككىگە بۆلۈشكە بولىدۇ. مۇلازىمەت سىجىللىقىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، كەسپىي تاكىراڭ ۋە غەيرى كەسپىي تاكىراڭ دەپ ئىككىگە بۆلۈشكە بولىدۇ. تۇرۇشلۇق ئورنىنىڭ مۇقىم ياكى ئەمەسلىگە قاراپ، مۇقىم تاكىراڭ ۋە سەييارە تاكىراڭ دەپ ئىككىگە بۆلۈشكە بولىدۇ. مۇلازىمەت خاراكتېرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ لۈكچەك تاكىراڭ ۋە ئىلمىي تاكىراڭ دەپ ئىككىگە بۆلۈشكە بولىدۇ. يېڭىدىن پەيدا بولىۋاتقان ئائىلىۋىي تاكىراڭخانىلاردا ئائىلە بويىچە مۇلازىمەت قىلىدىغان ۋە ئائىلە بويىچە تاكىراڭخانىغا ئۆگىنىپ قالغان ھادسىلەر بارلىققا كەلمەكتە. بۇلارنىمۇ جىنسى ئايرىمىسى جەھەتتىن ئانا-بالا تاكىراڭ ۋە ئاتا-بالا تاكىراڭ دەپ ئىككىگە بۆلۈش مومكىن. تۆۋەندە تاكىراڭلارنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتىمىز.
بىرىنچى، ئايال تاكىراڭ
بۇ تاكىراڭخانىلاردىكى مۇلازىمەت قىلىدىغان بارلىق قىز-چوكان تاكىراڭلارنى كۆرسىتىدۇ.(ئالدىنقى مەزموندا ئۇلار ھەققىدە تەپسىلى ئۇچۇر بەرگەنىدۇق، بۇ يەردە توختالمايمىز).
ئىككىنچى، ئەر تاكىراڭ
بۇ تاكىراڭخانىلارغا ئۆگىنىپ قالغان ياكى بۇزۇقچىلىق ۋە ئەيش-ئىشرەت سورۇنلىرىغا ئامراق، قىلمىش ۋە گەپ سۆزلىرىدىن شەھۋەت پۇراپ تۇرىدىغان ئەر كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر بۇنداق ئەر كىشىلەرنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە «تاكىراڭ» دىگەن لەقەمنى قوشۇپ ئاتاپ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ ياكى ھاقارەتلەيدۇ. ئۇلار گەرچە ئۆيىدە ھالال نىكاھلاپ ئالغان ئايالى بولسىمۇ، ئەمما سىرتتا يۇندا پۇراشقا ئامراق كېلىدۇ. ھاراق ئىچىپلا قالسا، تاكىراڭخانىغا يۈگۈرەيدۇ ياكى مەھەللىدىكى تۇل چوكانلارنىڭ دەرۋازىسىنى چېكىدۇ. بەزىدە ئېرى بار ئاياللارنىڭ دەرۋازىسىنى چېكىپ قېلىپ، تاياقنى بولۇشىغا يەپ، مەھەللىدە سېسىپ كېتىدۇ. مەھەللىدىكى چوڭ كىچىك ھەممىسىگە بىزەڭلىك بىلەن، ھاياسىز چاقچاقلارنى قىلىدۇ. مەيلى سورۇنلاردا ياكى كوچا-كويلاردىكى ئادەم توپلاشقان جايلاردا، چوڭ-كىچىك بار دىمەي ھاياسىز گەپ-سۆز ۋە چاقچاقلارنى قىلىدۇ. بۇنداقلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭمۇ مەھەللىدە ئىناۋىتى بولمايدۇ، كىشىلەر ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ.
7-ھېكايە: ھەي، بەزى ئادەملەر پەقەت چوڭ بولغىنىنى بىلمەيدىكەن. بىزنىڭ مەھەللىدىكى ئەركىنكامنى بىلىسىز، بۇ يىل 53-52 ياشلارغا كىرىپ قالدى. بىر ئوغلىنى ئۆيلەپ، بىر قىزىنى تالاغا چىقاردى. كېلىن-كۈيئوغۇللىرىدىنمۇ نۇمۇس قىلمايدىغان بىر ئادەمكەن. خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى ھاراق ئىچىدۇ-ھە! ئىچىپلاۋالسا تاكىراڭخانىغا بارىدۇ. ئاڭلىساق، ئوغلى نەچچە قېتىم تاكىراڭخانىغا بېرىپ، ئۇرۇپ دىگۈدەك قايتۇرۇپ كەپتۇدەك… ھازىر مەھەللىدىكىلەر ئۇنى ئەركىن تاكىراڭ دەيدۇ.
ئۈچىنچى، كەسپىي تاكىراڭ
بۇ تاكىراڭخانىلاردىكى ئۇزۇن مەزگىل مەخسۇس مۇلازىمەت بىلەن شوغۇللانغان ھەم شوغۇللىنىۋاتقان تاكىراڭلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ بۇ كەسپىنى بەك قىزغىن سۆيىدۇ. كەسىپچانلىقى بەك يۇقىرى، ئورۇن-سورۇن تاللىماي(كوچىنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدا ۋە ئېتىزلىقلاردىمۇ) مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى، بۇ كەسىپنى راھەت كۆرىدىغان ھەم ئاسان پۇل تاپىدىغان كەسىپ دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلىرى، گەرچە يېتەرلىك ئىقتىسادىي شارائىتى بولسىمۇ، بۇ كەسىپنى ئۆزىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك (ھايۋانى نەپسى) ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قىلىدۇ. ئۇلار مۇشۇ خىل ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇشقا كۆنۈپ كەتكەن، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكۈسى كەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلارغا باشقا بىر چىقىش يولى ئىزدەشكە دەۋەت قىلىنسا ياكى پۇرسەت بېرىلسە، ئۇلارغا خوشياقمايدۇ.
8-ھېكايە: «قىز بالا ئىچىدىن سېسىيدۇ» دەپ، سېسىپ قالسا پۈتۈن ئائىلە-جەمەت، يۇرت-مەھەللىنى سېسىتىدىكەن. قىز بالا دېگەننى زادى بالدۇرراق ياتلىق قىلۋەتمىسە بولمايدىكەن. ياردىكى xx ئاكامنىڭ قىزى بۇ يىل ئەمدى 19 ياشقا كىرگەن، تاكىراڭخانىغا ئۆگىنىۋاپتۇ. نەچچە قېتىم ياندۇرۇپ كېلىپ، ‹پۇل دېسەڭ بار، نىمە دېسەڭ ئۆيدە شۇ بار تۇرسا، بىر نەرسە لازىم بولسا ئاپاڭغا دېسەڭ بولمامدۇ› دەپ، قاتتىق ئۇرۇپتۇ. تويۇڭنى قىلىپ قويايلى دىسە يا ئۇنۇمايدىكەن، توي قىلمايمەن دەپ. ئالدىنقى ھەپتە، ئاپىسى 2000 كوي پۇل بېرىپ، ‹كىيىم ئالامسىز ياكى باشقا لازىملىق نەرسە ئالامسىز، بازارغا كىرىپ ئېلىۋېلىڭ› دەپتىكەن. بىر كىچىك قەغەزگە، ‹ماڭا پۇل كېرەك ئەمەس› دەپ يېزىپ، پۇلدىن 200 كوينى ئېلىپ، قالغىنىنى قويۇپ قويۇپ، يەنە شۇ يەرگە قېچىپ كېتىپتۇ، دەيدۇ. بولمىسا، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى مەھەللىدە خىلىلا ياخشى، ئۇ قىز شۇ ئىشقا كۈنۈپ قالغان ئوخشايدۇ. ئەلچىلەرمۇ كەپتىكەن بولمىسا، بۇ ئىشلىرىنى ئاڭلاپ يېنىپ كېتىپتۇ. كىمنىڭ كۆڭلى كۆتۈرىدۇ دەيلا ئاشۇنداق ئىش قىلىپ يۈرسە؟
قوشۇمچە: مۇشۇ تېما تورغا يوللانغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان تورداشلىرىمىز، مۇشۇ ھەقتىكى ئۆزىنىڭ ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن-بىلگەن ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىدى ( يەنە داۋاملىق تەمىنلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز، كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن پاكىز جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا تىرىشايلى!). بۇنىڭ ئىچىدە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خانىمنىڭ دىيىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچىدە كەسپىي ئەر تاكىراڭلار بار ئىكەن.
9-ھېكايە: بىر كۈنى تۆۋەنكى قۇۋۇق ( شىياۋشىمىن ) تىكى دەنلۇ سودا سارىيىنىڭ ئايالچە داڭلىق ماركىلىق كىيملەر سالونىدا ئۇنى-بۇنى كۆرۈپ كېتىۋاتسام، بىر بالا يېنىمغا كېلىپ، ‹ئاچا، مۇلازىمەت لازىممۇ؟ › دەيدۇ. قارىسام، بىر 22 ياشلار چامىسىدىكى، ياش-قۇرامىغا ماس يارىشىملىق كىيىنگەن، بويى ئىگىز، قاش-كۆزى جايىدا خېلى قاملاشقان ئۇيغۇر يىگىتى ئىكەن. مەن ئەندىكىپ، ‹نىمە مۇلازىمەت؟› دېسەم، ئۇ بالا بىر ئىسىم كارتوچكىسىنى چىقىرىپ ماڭا بەرگەچ، ‹مۇنداق پاراڭلىشىدىغان، كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندا مۇڭدىشىدىغان، كۆڭۈل ئاچىدىغان دىگەندەك…لازىم بولسا تېلىفۇن قىلىڭ› دېدى. مەن جىددىيلىشىپ دەرھاللا، ‹ياق كېرەك ئەمەس› دېدىم. ئۆيگە بېرىپ، ئىسىم كارتوچكىسىغا قارىسام، ئۇيغۇرچە،-خەنزۇچە ئېغىزغا ئالغۇسىز ھاياسىز، مەينەت گەپ-سۆزلەر باركەن. بۇنىڭغا قارىغاندا، بۇ بىرنىمىلەر پۇل بەرسە، مىللەت، دىن ئايرىماي، ئۇيغۇر، خەنزۇ ۋە باشقا تائىپىلەرگىمۇ ھەرقانداق مۇلازىمەتنى قىلىۋېرىدىغان ئوخشايدۇ. ئوغۇل بالا تۇرۇپ مۇشۇنداق ئىشنى قىلىپ يۈرۈشتىن نۇمۇس قىلسىچۇ؟ ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ. يەنىلا، كونىلارنىڭ قائىدىسى ياخشىكەن، بۇنداقلارنى چالما كېسەك قىلىپ، ئۆلتۈرۈش كېرەككەن. پاك قىزلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق نىجىس، پەسكەشلەرنىڭ قۇلىغا قېلىشىنى ئويلىسام، ھېلىقى شۇمنى رەسىمگە تارتىۋېلىپ، ئىسىم كارتوچكىسى بىلەن، تورغا تارقىتىۋەتمىگىنىمگە پۇشايمان قىلىمەن. كېيىن ئاڭلىسام، مېنىڭ بىر نەچچە دوستلىرىممۇ ، مۇشۇنداق ئىشلارغا يولۇقۇپتىكەن. ئۇ بىر نىمىلەر ئاشۇ داڭلىق سودا سارايلاردا كىيىم ئالغىلى كەلگەن باي چوكانلارنى نىشانلاپ يۈرىدىكەن. بۇنداقلارنى زادى ئۇجۇقتۇرۇپ، باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋېتىش كېرەك. ئىسىم كارتوچكىسىدىكى گەپلەرنى دەپ بېرەي، كۆپچىلىك بۇ پەسكەشلەرنىڭ مەينەتچىلىكىنى بىلىپ قالسۇن. ئىسمى: دىلشاد، تېلىفۇن: xxx138، مۇلازىمەت تۈرلىرى: xxxx(تورداشلار بۇ تېمىغا، بەك ئاشكارا بولۇپ كېتىپتۇ، دەپ ئىنكاسلارنى يېزىپتۇ، شۇڭا ئاشكارە بېرىلمىدى)
تۆتىنچى، غەيرى كەسپىي تاكىراڭ
بۇ ئادەتتە تاكىراڭخانىلاردا مەخسۇس مۇلازىمەت بىلەن شوغۇللانمايدىغان، ئەمما زۆرۆر تېپىلسا (پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغاندا)، قەرەللىك ياكى قەرەلسىز شۇ خىل مۇلازىمەت بىلەن شوغۇللىنىدىغان تاكىراڭلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئادەتتە رەڭلىك سورۇنلاردا تۇنۇشۇپ، سورۇن ئاخىرىدا مۇلازىمەت قىلىدۇ. بەزىلىرى تاكىراڭخانا خوجايىنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، «ئېسىل (پۇلدار ياكى ئەمەلدار)» مېھمانلار كەلگەندە، شۇلارغا مۇلازىمەت قىلىدۇ. يەنە بەزىلىرى مېھمانخانا ۋە تاكىراڭخانىلاردا كۈتكۈچىلىك قىلغاچ پۇرسەت بولسا، شۇ خىلدىكى مۇلازىمەتنىمۇ قىلىپ قويىدۇ.
بەشىنچى، مۇقىم تاكىراڭ
بۇ تاكىراڭخانىلاردا يىل-يىللاپ مۇقىم تۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىدىغان تاكىراڭلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق تاكىراڭلار كۆپىنچە سىرتتىن كەلگەن بولىدۇ. ئۇلار تۇرپاندىكى خىلمۇ-خىل جىنسى كېسەللىكلەرنى يېغىۋالغۇچىلار، شۇنداقلا تارقاتقۇچىلار ھېسابلىنىدۇ.
ئالتىنچى، سەييارە تاكىراڭ
بۇ بىر جايدا مۇقىم تۇرماي، يۇرت ئارىلاپ ياكى تاكىراڭخانا ئارىلاپ مۇلازىمەت قىلىدىغان تاكىراڭلارنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر تۇرپانغا كۇچا، ئاقسۇ، پىچان، توقسۇن، ئۈرۈمچى ۋە سانجى تەرەپتىن كېلىدىغان سەييارە تاكىراڭلار كۆپرەك. سەييارە تاكىراڭلار ئادەتتە، بىر جايدا بىر ھەپتە، بىر ئاي ياكى 2-3 ئاي تۇرغاندىن كېيىن، يەنە باشقا يۇرتلارغا يۆتكىلىدۇ. ئۇلار تۇرپانغا خىلمۇ-خىل جىنسى كېسەللىكلەرنىڭ ئېلىپ كەلگۈچى، شۇنداقلا تۇرپاندىكى خىلمۇ-خىل جىنسى كېسەللىكلەرنى باشقا رايونلارغا تارقاتقۇچىلار ھېسابلىنىدۇ.
يەتتىنچى، لۈكچەك تاكىراڭ
بۇ مىجەز-خاراكتىر ۋە گەپ-سۆز جەھەتتە ئۇچۇق-يۇرۇق، يۇرۇش-تۇرۇش جەھەتتە مەرد، ئەرلەردەك لۈكچەك مىجەز تاكىراڭلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن، تاكىراڭخانىلاردا مۇلازىمەت قىلىدىغان تاكىراڭلاردۇر.
سەككىزىنچى، ئىلمىي تاكىراڭ
بۇ مىجەز-خاراكتىر ۋە گەپ-سۆز جەھەتتە سەل ئىلمىيرەك، ناز-خۇلقى كۆپ، زامانغا لايىق ياسىنىپ يۈرىدىغان تاكىراڭلارنى كۆرستىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى، مۇقىم خىزمىتى بار، رەڭلىك سورۇنلاردا ياكى ئايرىم مۇلازىمەت قىلىدىغان تاكىراڭلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق تاكىراڭلارنىڭ سىرتتىن كېلىدىغانلىرى كۆپرەك ئىدى.
توققۇزىنچى، ئانا-بالا تاكىراڭ
بۇ بىر ئائىلىدىكى ئانىسى بىلەن قىزى مۇلازىمەت بىلەن شوغۇللىنىدىغان تاكىراڭلارنى كۆرسىتىدۇ. 2010-يىللاردىن باشلاپ، تۇرپاندىكى تاكىراڭخانىلارنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، شەھەر ئىچىدىكى بىر قىسىم ئائىلىكلەر قوروسىدا ۋە يېزا-بازارلاردىكى بازار بولىدىغان ئاۋات جايلاردا ئائىلىۋىي تاكىراڭخانىلار بارلىققا كەلدى. بۇ تاكىراڭخانىلارنىڭ بەزىلىرىدە ئانىسى بىلەن قىزى تەڭلا مۇلازىمەت قىلىدىغان ھادىسىلەر بارلىققا كەلدى. بۇ ئاساسلىق تۇل قالغان ئاياللارنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن، ئۆز ئائىلىسىگە، شۇ خىل مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى چاقىرىشى ۋە قۇبۇل قىلىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن ئائىلىۋىي تاكىراڭخانا ئىدى.
10-ھېكايە: 34-يېشىمدا 3 بالام بىلەن تۇل قالدىم. چوڭى قىز 12 ياش، قالغان ئىككىسى ئوغۇل، بىرى 9 ياش، يەنە بىرى 4 ياش. 3 بالا بار بولغاندىكىن، يە ئەر چىقمايدىكەن. رەھمەتلىكنىڭ بىر ئوبدان ياغاچچلىق ھۆنىرى بار ئىدى. تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، يىغىپ قويغان پۇللار بىلەن ئىشىك ئالدىدا بىر دۇكان ئاچتۇق. دۇكانغا ئۆزەم قاراپ، بالىلىرىمنىڭ ئاش-تامىقىنى ئېتىپ يۈردۈم. دۇكىنىمىز كوچىنىڭ ئېغىزىدا بولغاندىكىن، يازنىڭ ئىسسىق ۋاقىتلىرىدا ئەرلەر كۆپرەك كىرىدۇ. مەن تۇل خوتۇن بولغاندىكىن، كىرىپ چىقىپ قاش ئاتىدىغان، چاخچاق قىلىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس ئىدى. بىز كۈنى كەچتە، شۇلارنىڭ بىرى ھاراق ئىچىپ مەس كېلىپ، دۇكاننى ئۇرىۋەردى. ئاچسام ھاراق بامۇ دەيدۇ. يوق دىسەم، ‹دۇكىنىڭىزغا ھاراق سالسىڭىز بولمامدۇ؟ ئۆزەم باي قىلىۋىتەتتىم› دەپ، ئۇنى دەپ، بۇنى دەپلا دۇكاننىڭ ئىچىدىلا مېنى بېسىۋالدى، ھايت-ھۇيت دەپ بولغىچە بىر ئىشلارنى قىلىپ قالدۇق. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ پات-پات كېلىپ، ماڭا ياردەملىشىپ، دۇكانغا مال سېلىشىمغا ياردەملىشىدىغان بولدى. بەزىدە كېچىلىرى ئۆيىمىزدە قونۇپمۇ قالىدۇ. دۇكىنىمىزغا ھاراق سالغاندىن كېيىن، دۇكاننىڭ سودىسى بەك ياخشى بولۇپ كەتتى، لېكىن كەچكىچە شۇ ھاراقكەشلەرگە ھەمراھ بولۇپ، قېلىن چاقچاقلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرىدىغان بولدۇم. بەزىدە ئىشىم چىقىپ قالسا، قىزىم دۇكانغا قارايدۇ. ئۇمۇ 17 ياشقا كىرىپ قالغاندىكىن، شۇ جەرياندا بۇ كاساپەتنىڭمۇ قۇلىقى پىشىپ قاپتۇ. بىر كۈنى كەچتە، ئۇ مەس كەپتۇ، مەن دۇكاندا ھاراق ئىچىۋاتقان خېرىدارلارغا قاراپ ئولتۇرغانىدىم. قىزىمنى چاقىرىپ، ئۇنى ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويۇشقا بويرۇدۇم. بىر چاغدا دۇكاننى يىغىپ، ئۆيگە كىرسەم، قىزىم يالىڭاچ يىغلاپ يېتىپتۇ، ئاستى قان…‹ۋاي نىمە بولدى› قىزىم دېسەم، ‹ئۇ ماڭا چېقىلدى› دەيدۇ. ۋاي بېشىنى يەيدىغان ئەبلەخ، مەندىن ئېشىپ قىزىمغىمۇ چېقىلىپتۇ. ئۇنى ئىزدەپ تاپالمىدىم، قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ، قېچىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇمۇ كەلمىدى، بىزمۇ ‹خەق ئاڭلىسا سەت بولىدۇ› دەپ سىرتقا يايمىدۇق بۇ ئىشلارنى. كېيىن قىزىم دۇكانغا پات-پات چىقىۋالىدىغان بولدى. ياش بالىلارمۇ كۆپىيىپ قالدى. بىر كۈنى ئىككى بالامنى ئېلىپ، مال ئالغىلى بېرىپ كەلسەم، قىزىم دۇكاننى تاقاپ، يوقاپ كېتىپتۇ. ئۇدا 2 كۈن يوق، دېرىكىنى ئالالماي بارمىغان يېرىم قالمىدى. 3-كۈنى يېنىپ كەپتۇ. نەگە باردىڭ دىسەم، مابىتىم بىلەن ئوينىغىلى دەيدۇ. نەگە ئوينىغىلى باردىڭلار دىسەم، شەھەر ئىچىدىكى بىر مېھمانخانىدا ياتاق ئېلىپ 2 كۈن شۇ يەردە يېتىپتۇ. تازا ئۇردۇم-تىللىدىم. ئۇ كېيىن، پات-پاتلا يوقاپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. بەزىدە 400-500 كوي كۈتۈرۈپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، مەن ئۇنىڭغا، ‹ئەمدى سىرتقا چىقما، دوستلىرىڭ بىلەن كۆرۈشسەڭ، ئۆيدىلا كۆرۈشكىن، ئاۋۇ بىر ئېغىز ئۆينى ساڭا بېرەي› دىدىم. شۇنىڭ بىلەن، ئۆيىمىزگە ئوغۇللار كۆپ كېلىدىغان بولۇپ قالدى. كېينچە، بۇ گەپلەر تارىلىپ، دۇكانغا ھاراق ئىچكىلى كەلگەنلەرمۇ كىرىمىز دەپ تۇرۇۋالىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن، سورۇننى ئۆيدىلا تۈزەيدىغان بولدۇق، مەن ئاساسلىق تاماق ئېتىپ، سەي قورۇپ بېرەتتىم، قىزىم بىر نەچچە قىز دوستىنى چاقىرىپ كېلەتتى. كېيىن، سورۇندا قىزلار كەم بولۇپ قالسا، مېنىمۇ چاقىرىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئىشلارنى شۇ ئانا-بالا ئىككىمىز تەڭلا قىلىدىغان بولۇپ قالدۇق. لېكىن، باللىرىمنى ياخشى تەربىيلىمىگەنلىكىمدىن مىڭ پۇشايمان قىلىمەن. قىزىم توي قىلماي تۇرۇپلا، كېسەلنىڭ دەردىنى جىق تارتىپ كەتتى. ھازىر ھېلىقى نىجىس كېسەل چاپلىشىپتۇ. مەنغۇ مەيلى، قىزىم تېخى توي قىلمىغانتى، …چوڭ ئوغلۇم بىزگە قاراپ بېقىپ، تۇلۇقسىزنى پۈتتۇرۈپلا بۇزۇلۇپ كەتتى، ئۇغرىلىق قىلىپ، تۇتۇلۇپ بىر يېرىم يىللىق كېسىلدى. مەن بالىلىرىمنى ياخىشى تەربىيلىيەلمىدىم. مەندىن ئىبرەت بولسۇن، قىزلىرىمىز ھەرگىز بۇ يولغا ئېزىپ-تېزىپ كىرىپ قالمىسۇن، مانا بىز ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتىمىز ئەمدى….
11-ھېكايە: (تورداشلار تەمىنلىگەن ماتېرىيال) نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، تاۋسىچاڭ (چىنە زاۋۇتى) دىكى خۇڭخۇي ئائىلىكلەر قوروسىدا، ئاكا-ئۇكا ئىككى ئەزەربەيجانلىق ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغانىدى. بىر كۈنى كەچتە، مەن دەل شۇلار ئىجارە ئالغان ئۆينىڭ يېنىدىكى ئۆيدە، تام قوشنا ئۆيگە بىر ئاغىنەمنى ئىزدەپ بارغانىدىم. ئۆينىڭ ئىشىكىنى چېكىۋاتسام، كەينىمدىنلا، ئىككى ئايال چىقىپ كەلدى. قارىسام، بىرى ياشقا چوڭ، بىرى كىچىكرەك، قارىماققا ئاچا-سىڭىلدەك كۆرىنىدىغان، ناھايىتى مودا ياسانغان، ئىككەيلەن تۇراتتى. ئەتتىر دىگەننى دەھشەت چېچىپتۇ، كارىدورنى بىر ئالغانىدى. ئۇلارمۇ ياندىكى ئۆينىڭ ئىشىكىنى چەكتى. ئىشىك ئېچىلىپ، بىر چەتئەللىك ئۇلارنى ناھايىتى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، ئەكىرىپ كەتتى. ئۇنىڭغىچە ئاغىنەم ئىشىكنى ئاچتى. ئۆيگە كىرىپلا ئاغىنەم، ‹ماۋۇ ***لا بۈگۈن يەنە كەپتۇدە، ئادەمنى دومىلا باستۇرۇپ› دىدى. مەن ئەجەپلىنىپ سورىدىم، كىملەر ئۇ، شۇنداق چىرايلىق قىزلارنى تىللاپ كەتتىڭغۇ؟ ۋاي گېپىنى قىلما ئاداش، ساتىدىغان ***لا بۇ، شۇ ئەزەربەيجانلىقلارغا ساتىدۇ…يەنە كېلىپ، ئانا-بالا تەڭ كېلىپ ساتىدۇ! مەن تېخىمۇ گاڭگىراپ سورىدىم ‹ۋاي بۇ قانداق گەپ ئاداش؟› ئۇ دېدى:‹بايىقى ئىككىسى xx نازارىتىدىكى مەلۇم بىر باشقارمىنىڭ خېلى ھۆرمەتكە سازاۋار بىر باشقارما باشلىقىنىڭ خوتۇنى بىلەن قىزى. قىزى شىنجاڭ داشۆدە ئوقۇيدىكەن. ئانىسىمۇ بىر ھۆكۈمەت خىزمەتچىسىكەن. ئۇلار ھەپتىدە بىر ئىككى قېتىم كەچتە كېلىپ، مۇشۇ ئەزەربەيجانلىقلار بىلەن ناشايان ئىشلارنى قىلىپ، ئەتىسى قايتىپ كېتىدۇ. ئۇلار كەلگەن كۈنى كەچتە، مۇشۇ قەۋەتتىكى ۋە ئاستى-ئۈستى قەۋەتتىكى قوشنىلار ناشايان ئىشلارنىڭ ئاۋازىدىن ئۇخلىيالمايدۇ… بۇنى مۇشۇ بىنادىكىلەر ھەممىسى بىلىدۇ.  ئانا-بالا بۇزۇقلار بۇ…›
ئونىنچى، ئاتا-بالا تاكىراڭ
بۇ بىر ئائىلىدىكى ئاتا بولغۇچىمۇ، بالىسىمۇ تاكىراڭخانىغا ئۆگىنىپ قالغان ئەر كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە، باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاتىسى بىلەن قىزى رەڭلىك سورۇنلاردا ئۇچرىشىپ قاپتۇ دېگەننى ئاڭلايتتۇق. ئەمدى سىنچىلاپ قارىساق، دادىسى بىلەن تاكىراڭخانىدا ئۇچرىشىپ قالىدىغان، ئاتا-بالا باجا بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەسكەن.
كارىز بويىدىكى تاكىراڭلارنىڭ تۈرلىرىنىڭ بۇنداق كۆپ بولىشى، بىر جەھەتتىن، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتە، ئەيدىز قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى تارقىتىش ئۇسۇلىنىڭ كۆپ خىللىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە دائىرىسىنىڭ ئىنتايىن كەڭ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، كىشىلەرنىڭ ئەقىدە-ئېتىقاد ۋە ئەخلاقى قاراشلار جەھەتتە بۇزۇلۇشنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ۋە كەڭ دائىرىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
  • تاكىراڭخانىدىكى جەڭگە-جېدەللەر
تاكىراڭخانا جەمئىيەت تەركىبىدىكى بىر ئىجتىمائىي ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىلمۇ-خىل زىددىيەتلەردىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى. تاكىراڭخانىلار خوجايىن (ئەر ياكى ئايال)، ئاشپەزلەر، تاكىراڭلار، ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرى (بەزى تاكىراڭخانىلاردا ئاشپەزلەر قوش ۋەزىپە ئۆتەيدۇ) ۋە خېرىدارلاردىن ئىبارەت بەش خىل ئوخشاش بولمىغان سالاھىيەتتىكى ئادەملەردىن تەركىپ تاپقانىدى. شۇڭا، دائىم دېگۈدەك ئىچكى ئامىل ياكى تاشقى ئامىل سەۋەبلىك ئوخشاش بولمىغان سالاھىيەتتىكى ئادەملەر ئارىسىدا بىرقىسىم زىددىيەت ۋە سۈركىلىش ھەم جەڭگە-جېدەللەر بولۇپ تۇراتتى. بۇ زىددىيەتلەرنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىدىن تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
بىرىنچى، خوجايىن بىلەن ئاشپەزلەرنىڭ جەڭگە-جېدەللىرى
مۇتلەق كۆپ ساندىكى تاكىراڭخانىلار ئادەتتە خېرىدار قاچانلا كەلسە، كىچە-كۈندۈزى دىمەي مۇلازىمەت قىلىدۇ. شۇڭا، خوجايىن بىلەن ئاشپەزلەرنىڭ جەڭگە-جېدەللىرى كۆپىنچە، ئىش ھەققى، خىزمەت ۋە دەم ئېلىش سەۋەبىدىن چىقىدۇ. ئاشپەزلەر دائىم ‹ئىشلىگەنگە چۈشلۇق ئىش ھەققى ئالالمىدۇق، ئىش ھەققىمنى تۇتىۋالدى، ئىش ھەققىمنى ۋاقتىدا بەرمىدى، دەم ئېلىش بەرمىدى› دەپ قاقشايدۇ. ئاشپەزلەر قازان بېشىغا كىرىپ قالغان تاكىراڭلارنى تۇتۇپلا بىر ئىشلارنى قىلىپ سالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن، خوجايىنلار بولسا، ‹تاماقنى ۋاقتىدا چىقارماي ياكى ئوخشىتىپ ئەتمەي خېرىدارنى قاچۇرۇپ قويدۇڭ›، ‹تاماققا ماي-گۆشنى جىق ئىشلىتىۋەتتىڭ، زىيان چىقتى›، ‹مانچە ۋاقىت دەم ئالدىڭ› ياكى ‹قىزلارغا چېقىلدىڭ› دەپ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قالىدۇ. بەزىدە، شۇنىڭ بىلەن، تاكىراڭخانا خوجايىنى بىلەن ئاشپەزلەر ئارىسىدا كۈچلۈك زىددىيەت تۇغۇلۇپ، سۈركىلىش ياكى مۇشتلىشىش يۈز بېرىدۇ. ئاشپەزلەر خوجايىندىن ياكى ئۇنىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرىدىن تاياقنى بولۇشىغا يەپ، تىل ھاقارەتنى تويغىچە ئىشىتىدۇ. ئاندىن ياكى ئىش ھەققىنىمۇ ئالماي كېتىپ قالىدۇ، ياكى چىشىنى چىڭ چىشلەپ يەنە ئىشلەيدۇ. ئاخىرىدا يەنىلا خوجايىن يېڭىپ چىقىدۇ. ئاشپەزلەر بۇنداق جايلاردا ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقوق-مەنپەئەتىنى قوغدىيالمايدۇ.
ئىككىنچى، خوجايىن بىلەن تاكىراڭلارنىڭ جەڭگە-جېدەللىرى
تاكىراڭلارنىڭ يىمەك-ئىچمىكى ۋە تۇرار جايىنى تاكىراڭخانا خوجايىنى تەمىنلەيدۇ. كۆپىنچە خوجايىنلار ئۇلارغا ئايلىق ئىش ھەققىدىن سىرت، باشقىلار بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ تاپقان پۇلىغا قاراپ، نىسبەت ئايرىپ بېرىدۇ. يەنە بەزىلىرى ئايلىق مائاشلا بېرىدۇ، باشقىلار بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ تاپقان پۇلىنى تاكىراڭ ئۆز يانچۇقىغا سالىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئارىسىدىكى زىددىيەتمۇ ئىش ھەققى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تاكىراڭلار دائىم ‹ئىش ھەققىنى ياكى نىسبەتنى ئاز بەردى، ئىش ھەققىمنى تۇتىۋالدى، ئىش ھەققىمنى ۋاقتىدا بەرمىدى› دەپ قاقشايدۇ. خوجايىنلار بولسا، ‹ياتاق-تامىقىڭ مەندىن، بۇ ئايدا مانچىلىك تاماق يېدىڭ، مانچىلىك قەرز ئالدىڭ، مانچە ۋاقىت دەم ئالدىڭ، پالانى چاغدا ۋاقتىدا كەلمەي، مانچە خېرىدار كېتىپ قالدى› دىگەندەك باھانىلەر بىلەن ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، تاكىراڭلار بىلەن خوجايىن ئارىسىدا زىددىيەت ۋە سۈركىلىشلەر يۈز بېرىدۇ. بەكرەك كۈچەيگەندە، تاكىراڭلار خوجايىندىن تويغۇدەك تىل ئىشىتىپ ياكى تايىقىنى يەپ، يەنە تاكىراڭلىقىنى قىلىدۇ.
ئۈچىنچى، خوجايىن بىلەن خېرىدارلارنىڭ جەڭگە-جېدەللىرى
خېرىدارلار كۆپىنچە مەست ھالەتتە تاكىراڭخانىغا كېلىدۇ ياكى تاكىراڭخانىدا ئىچىپ مەست بولىشىدۇ. شۇڭا، سورۇندا ئۇرۇش-جېدەللەردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. جېدەل-ماجرالار ئىچىدە تاكىراڭخانىنىڭ بۇيۇملىرى زىيانغا ئۇچرايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. بۇنداق چاغدا خوجايىن بىلەن خېرىدار ئارىسىدىكى زىددىيەت، زىياننى نەق مەيداندا تۆلەش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر خېرىدار خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىپ، زىياننى نەق مەيداندا تۆلىسە، جېدەل بېسىقىدۇ. ئەگەر خېرىدار تۆلەشنى رەت قىلسا، ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق دۇمبالىنىپ، قىلغان ئىستىمالىنىڭ پۇلىنى تۆلەتكۈزۈپ، تاكىراڭخانىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ تاكىراڭخانىدا تاياق يېگىنىنى نۇمۇس قىلىپ ھېچكىمگە دىيەلمەي، دېمىنى ئىچىگە يۇتۇپ يېگەن ھارام تايىقىنى سىڭدۈرۈۋېتىدۇ.
يەنە بەزى خېرىدارلار قىلغان ئىستېمالىغا تۆلەشكە پۇلى يەتمەي، خوجايىن بىلەن تاكاللىشىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا، ئۇلار ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق دۇمبالىنىپ، يانچۇقىدا بار پۇلنىڭ ھەممىسىنى قۇسۇپ بېرىپ، تاكىراڭخانىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ.
يەنە بەزى خېرىدارلار مەست ھالەتتە كېلىپ، خوجايىنغا دېمەيلا، تاكىراڭخانىدىكى ئۆزى تۇنۇيدىغان چىرايلىقراق تاكىراڭلارنى ئېلىپ كەتمەكچى بولۇپ، تاكىراڭلارنى ئولتۇرغان سورۇنىدىن سۆرەپلا چىقىدۇ. بۇ چاغدا، ئۇ خوجايىننىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىمىسا، ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق دۇمبالىنىپ، تاكىراڭخانىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ.
تۆتىنچى، تاكىراڭلارنىڭ جەڭگە-جېدەللىرى
تاكىراڭخانىلارنىڭ كۆلىمىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ، تاكىراڭلارنىڭ سانىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە بىر تاكىراڭخانىدا، ئاز بولغاندا 6-8 گىچە تاكىراڭ، كۆپ بولغاندا 15-18 گىچە تاكىراڭ بولىدۇ. شۇڭا، بۇ تاكىراڭلار ئارىسىدا، كېيىم-كېچەك، ئۇپا-ئەڭلىك، گەپ دارتمىلاش، كۆرەلمەسلىك دىگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن توختىماي زىدىيەت ۋە سۈركىلىشلەر بولۇپ تۇرىدۇ. بەزىدە ئۇرۇشۇپ چاچلىشىپمۇ كېتىدۇ. ئەمما، ئۇلاردا بىر خىل لۈكچەك مىجەز كەڭ قوساقلىق بولغاچقا، ئاسانلا بىر-بىرىنى كەچۈرۋىتىپ يەنە ياخشىلىشىپ قالىدۇ.
بەشىنچى، تاكىراڭ بىلەن خېرىدارنىڭ جەڭگە-جېدەللىرى
خېرىدارلار تاكىراڭخانىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە تاكىراڭلارنى تاللىۋالىدۇ. ئەمما بەزى تاكىراڭلار بەك مەست بولۇپ كەتكەن ياكى تازلىقى ياخشى ئەمەس ياكى كۆرۈمسىز خېرىدارلار بىلەن سورۇندا ئولتۇرۇشنى ياكى ئۇلار بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشنى خالىمايدۇ. بۇ چاغدا خېرىدار بىلەن تاكىراڭلار ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا بولىدۇ. بەكرەك مەست بولۇپ كەتكەنلىرى تاكىراڭلارنى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ، سورۇندىن قوغلاپ چىقىرىدۇ.
بەزى خېرىدارلار سورۇنغا كىرگەندىن كېيىنلا، تاكىراڭلارنىڭ كۆكسى ۋە باشقا جايلىرىنى سىلاپ، سورۇننىڭ ئۆزىدىلا جىنسى مۇناسۋەت قىلىشقا زورلايدۇ. بەزى تاكىراڭلار بۇنى رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، خېرىدار بىلەن تاكىراڭلار ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا بولىدۇ، تاكىراڭلار سورۇندىن چىقىپ كېتىدۇ. يەنە بەزى خېرىدارلار تاكىراڭلارنى ئېلىپ كېتىپ بىللە بولىدۇ. ئەمما، دېيىشكەن پۇلنى كەم بېرىدۇ. بۇ چاغدا، تاكىراڭلار خېرىدارلارنى سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ، ئۇرۇشۇپ كېتىدۇ.
ئالتىنچى، خېرىدارلارنىڭ جەڭگە-جېدەللىرى
تاكىراڭخانىدىكى خېرىدارلار ئارىسىدىكى جەڭگە-جېدەللەر ئاساسلىقى ئورۇن تالىشىش ۋە تاكىراڭلارنى تالىشىش سەۋەبىدىن چىقىدىغان جېدەللەردۇر. تاكىراڭخانىدىكى ئايرىمخانىلار خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە ۋە چوڭ-كىچىك قىلىپ بېزەلگەن بولغاچقا، بەزىدە سانى ئاز خېرىدارلار چوڭ ئايرىمخانىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، سانى كۆپ خېرىدارغا بوشىتىپ بەرمەيدىغان، ياكى بىر ئايرىمخانىسى تەڭ تالىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇنداق چاغدا، خېرىدارلار ئارىسىدا زىددىيەت ۋە سۈركىلىشلەر پەيدا بولىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى ۋارقىرىشىپ، تىللىشىپمۇ كېتىدۇ. يەنە بەزى خېرىدارلار ئوخشاش بىر تاكىراڭنى تالىشىپ، مۇشتلىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار ئىدى.
دېمەك، تاكىراڭخانا خىلمۇ-خىل زىددىيەتكە تولغان بىر جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئىجابىي رولى بولمىغان بىر ئىجتىمائىي ئورۇن ئىدى.
تاكىراڭخانا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجىتمائىي مەسىلىلەر
تاكىراڭخانا جەمئىيەتكە نىسبەتەن بىر يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي ئېكولوگىيە تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بىرىنچى، تاكىراڭخانىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسىغا ئېغىر تەھتىت ئېلىپ كەلگەنىدى.
تاكىراڭلار ئارىسىدا ئەيدىز، سۆزنەك، جىگەر كېسىلى، ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسلى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەر بىلەن يۇقۇملانغانلار بار بولۇپ، تاكىراڭخانىلار بۇ خىل كېسەللىكلەرنى تارقىتىدىغان ئاساسلىق بازىغا ئايلانغانىدى. تاكىراڭخانىلاردا بۇ خىل كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەر كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارغا يەنە قانچىلىغان ئاياللارغا بۇ خىل كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرغانلىقى بىزگە نامەلۇم. تاكىراڭخانىلار تۇرپان رايونىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈپ، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ زور دەرىجىدە كۆپىيىشىدە ئاساسلىق رول ئويناپ، خەلقىنىڭ ساغلاملىق ساپاسىغا ناھايىتى زور يۇشۇرۇن تەھتىت ئېلىپ كەلگەنىدى.
ئىككىنچى، تاكىراڭخانىلار ئەرلەرنىڭ روھىنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتە ئېتىقاد، ئەخلاق ۋە مەسئۇليەت تۇيغۇسىنىڭ يىمىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.
تاكىراڭخانىغا بارغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى شەھۋەتكە تولغان ھايۋانىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، دىننى ئېتىقاد، ئادىمىيلىك ئەخلاق، ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە بولغان مەسئولىيەت دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇغانىدى. ئۇلار ھاراق ۋە شەھۋەتكە خۇمار بولۇپ، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زەئىپلەشكەنىدى. بۇ خىل زەئىپلىك ئەرلەردىكى ئاقىلانىلىق، مەرد-مەردانىلىق، سەمىمىيلىك، ئاقكۆڭۈللۈك خاراكتېرىنى ۋە ئىشەنچ تۇيغۇسىنى يىمىرىپ تاشلاپ، نادانلىق، قورقۇنچاقلىق، روھىي پەسلىككە مەھكۈم قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نورمال ئىجتىمائىي پىسخكىسى ۋە ئىجتىمائىي ئېكولوگىيىسىدە ئېغىر دەرىجىدە سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلغانىدى.
بىر قىسىم ئەرلەر تۈزگەن شارابلىق سورۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى، سىرتتىن كەلگەن «ئەزىز مېھمان»لارنىڭ ھۆرمەت-ئىناۋىتى ۋە خوشاللىقى، شۇنداقلا خوشامەت-تەخسىكەشلىكەرنىڭ يۇقىرى پەللىسى شۇ تاكىراڭخانىلاردا ياكى تاكىراڭلار بىلەن بىللە ئاخىرلىشاتتى. بىر قىسىم ياشلار تاكىراڭخانىلاردىكى شەھۋەتپەرەسلىككە خۇمار بولۇپ، ھالال ئىشلەپ تاپقان پۇلىنىڭ ھەممىسىنى تاكىراڭخانىلارغا خەجلەپ، خەلقى ئالەم ئالدىدا ئۆزىنى شەرمەندە قىلىپ، كەلگۈسى ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىشقانىدى. بۇنداق ناشايان قىلمىشلارنى قىلغانلارنىڭ كۆڭلى قارىداپ، دىننى ئېتىقاد سۇسلاپ ۋە ئادىمىيلىك ئەخلاقتىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. ئۇلار پەقەت مۇسىبەت يەتكەندە ۋە ئىككى ھېيتتىلا مەسچىدنى تۇنۇيتتى، باشقا چاغلاردا خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايتتى. ئۇلارنىڭ يۈرىكىدە ئائىلىسىدىكى ئاتا-ئانىسى ۋە خوتۇن بالىلىرىغا نىسبەتەن مېھىر-مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈش دىگەنلەرنىڭ ئېلىمىنىتلىرى تېپىلمايتتى. يۇرت-مەھەللىدە ئەخلاقسىز گەپ-سۆز ۋە قىلمىشلارغا جۆر بولاتتى.
12-ھېكايە: ھازىر يېڭى يېزا قۇرۇلىشى دەپ بىر سىياسەت چىقىپ، نەدىكى ئىش ئۇقمايدىغان، ئەقىلسىز، باشلىقلارنىڭ تەخسىسىنى كۆتۈرىدىغان ياش-ئوتتۇرا ياش شوركىلار يېزا كادىرى بولغاننىڭ ياقى كەنتنىڭ پۇلىغا چوڭ-يەپ، چوڭ ئىچىشىدىغان بولدى. ئۇلار ئۆيىدىكىلەرگە ‹كەچتە كەنتتە دىجورنىلىك قىلىمىز› دەپ قويۇپ، «مانتا كۆرمىگەن قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ» دىگەندەك، توپ-توپ بولۇشۇپ تاكىراڭخانىلارغا بېرىپ تاڭ ئاتقۇچە بۇزۇقچىلىق قىلىشىدىكەن. ئەترەت باشلىقى(شودۈيجاڭ) دىگەنلەر نۆۋەتلىشىپ كەنتنىڭ سېكىرتارى(شۇجى) ۋە كەنت باشلىقى(دادۈيجاڭ)غا ئارقا ئىشىك قىلىپ، ئاشۇنداق يەرلەرگە ئاپىرىپ مېھمان قىلىدىكەن.
ئۈچىنچى، تاكىراڭخانىلار ئائىلىلەردە كىرزىس پەيدا قىلىپ، ئاجرىشىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنىدى.
تاكىراڭخانا ئالدى بىلەن ئائىلىلەردە ئىقتىسادىي كىرزىس پەيدا قىلغانىدى. تاكىراڭخانىغا خۇمار بولغان توي قىلمىغان ياشلار ياكى ئائىلىسى بالىسى بار ئەرلەر، تاپقان تەرگىنىنى ئائىلىگە ئىشلەتمەي تاكىراڭخانىلاردا خەجلىگەچكە، ئائىلىلەر ناھايىتى زور ئىقتىسادىي بېسىمغا دۇچ كەلگەنىدى. بىر قىسىم خىزمەتچى ئەرلەر ئايلىق مائاشىنى يالغان مەلۇم قىلىپ يېرىمىنى ئېلىپ كىرەتتى ياكى خىلمۇ-خىل باھانىلەر بىلەن ئۆيگە ئېلىپ كىرمەسلىككە تىرىشاتتى. بىر قىسىم دېھقان ئەرلەر بولسا، تۇرپاننىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدا تەرلەپ-پىشىپ ئاران ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىنى ئايالى ۋە بالىلىرىغا بىرەر قۇر كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت ئېلىپ بېرىشكە كۆزى قىيماي، قىشىچە تاكىراڭخانىدىكى مەينەت تاكىراڭلارغا خەجلەيتتى. بىر قىسىم توي قىلمىغان ياش يىگىتلەر ئاتا-ئانىسى بەرگەن پۇلنى ئۇدۇل ئاپىرىپ تاكىراڭلارغا خەجلەپ بوپ، يەنە ئاتا-ئانىسىدىن نۇمۇسسىزلارچە پۇل سورايتتى، بەرمىسە ئۇرۇشۇپ ئالاتتى. ئامال قىلالمىسا ئۆيىدىكى كەپتەر، توخو، قوينى ياكى ئېتىزدىكى ھۆل ئۈزۈمنى ۋەياكى ئۆيدىكى قۇرۇق ئۈزۈملەرنى ئوغۇرلۇقچە ئېلىپ چىقىپ سېتىپ تاكىراڭخانىغا يۈگۈرەيتتى. ھەتتا بەزىلەر ئانىسىنىڭ ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئىلىپ چىقىپ سېتىپ، تاكىراڭخانىغا بارغانلارمۇ يوق ئەمەس. بۇنىڭ بىلەن، بىر قىسىم ئائىلىلەردىن بەرىكەت قېچىپ، پۇل توغرىلىق جەڭگە-جېدەل قۇرۇماي، ئائىلىنىڭ خوشاللىقلىرى ۋە بەخت-سائادىتى كەلمەسكە كەتكەنىدى. ئائىلىدىكى بۇ خىل ئىقتىسادىي كىرىزىس بەزى ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولىشىغا سەۋەبچى بولدى.
تاكىراڭخانا ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئائىلە ئەخلاق كىرىزىسىنى پەيدا قىلدى. بىر قىسىم ئەرلەر تاكىراڭخانىلارغا بېرىپ ناشايان ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئالداپ يالغان ئېيتىپ، سەمىمىيەتسىزلىك ئەۋج ئالغان ئائىلە مۇھىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. بىر قىسىم ئەرلەر خىلمۇ-خىل توي-تۈكۈن ۋە يىغىلىش سورۇنلىرىنى باھانە قىلىپ، ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئالداپ يالغان ئېيتىپ، ئۇدۇل تاكىراڭخانىغا چاپاتتى. يەنە بەزىلىرى دىجورنىلىك خىزمىتىنى باھانە قىلىپ، تاكىراڭخانىلاردا تۈنەيتتى ياكى تاكىراڭلار بىلەن بىللە بولاتتى. «جاھاندا ئاشكارىلانمايدىغان سىر يوق» دىگەندەك، بۇنداق ناشايان ئىشلارنى قىلىۋاتقان ئەرلەرنىڭ قىلمىشلىرى قۇلاقتىن-قۇلاققا يېتىپ، يۇرت-مەھەللە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا يۈزى يەر بولدى. بۇنداق خورلۇق ۋە روھى بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن بىر قىسىم ئاياللار ئاجرىشىپلا قۇتۇلدى. يەنە بىر قىسىملىرى بولسا، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، ئاللاھتىن ئىنساب تىلەپ، ئېرىگە تەربىيە ئىشلەپ ئائىلىسىنى ساقلاپ قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.
تۆتىنچى، تاكىراڭخانىلار ئائىلە تەربىيىسى ۋە جەمئىيەت تەربىيىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ، بالىلارنىڭ ۋە ياشلارنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشىغا نىسبەتەن سەلبىي رول ئوينىغانىدى.
تاكىراڭخانىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان جەمئىيەتتىكى روھى چۈشكۈنلۈك ۋە مەنىۋىي زەئىپلىك، بىر قىسىم  ياشلارنىڭ تېخىمۇ ئېتىقادسىز، ئەخلاقسىز ۋە مەسئولىيەتسىز بولۇپ چىقىشىغا ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ بەرگەنىدى. جەمئىيەتنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدىكى تاكىراڭخانىغا مۇناسىۋەتلىك شەھۋەت پۇراپ تۇرغان گەپ-سۆز ۋە چاقچاق-يۇمۇرلار يېتىلىۋاتقان ياشلارنىڭ دۇنيا قاراش ۋە قىممەت قاراشلىرىغا سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلغانىدى. بۇنىڭ بىلەن، بىرقىسىم ياش بالىلار تېخى قۇرامىغا يەتمەي تۇرۇپلا تاكىراڭخانىلارنى پۇرايدىغان بولۇۋالغانىدى. يەنە بىر قىسىم ياشلار قىمار ۋە زەھەر (نەشە) چېكىشكە خۇمار بولۇپ، ئوغرىلىق ۋە جىنايەت يولىغا مېڭىپ، ھاياتىنى ۋە ياشلىقىنى نابۇت قىلىشقا باشلىدى.
تاكىراڭخانىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئائىلىدىكى خىلمۇ-خىل كىرزىسلار بالىلارنىڭ پىسخىكىسى ۋە روھىي دۇنياسىغا تەسىر قىلىپ، بىر قىسىم بالىلارنىڭ ئېتىقادسىز، روھى ئۆلۈك، تىرىشماس، بوشاڭ، يالغانچى، مەسئۇلىيەت قارىشى بوش بولۇپ يىتىلىشىگە سەۋەب بولماقتا. ئائىلىسى مۇكەممەل بولمىغان ياكى ئائىلە تەربىيە مۇھىتى ياخشى بولمىغان بالىلار مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقۇماي، ئەكسىچە مەكتەپتىن قاچىدۇ.بۇنداق ئائىلىلەردە مەجبۇرىي مائارىپنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن، تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرسىمۇ ساۋادىنى چىقىرالمىغان بالىلار ئاز ئەمەس ئىدى. «ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قويرۇق» دىگەندەك، ئاتىسى تاكىراڭخانىدىن كەلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ بالىلىرى ئارىسىدا باشقىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىپ تۈرمىگە كىرگەنلەر ۋە تويدىن ئىلگىرى بالىلىق بولۇپ قىلىپ، زورىغا خوتۇن ئېلىشقا مەجبۇرلانغانلارمۇ بار ئىدى. بىزدە «ئاتىسى باشلىمىغاننىڭ پوردىقى يۇغان، ئانىسى باشلىمىغاننىڭ ئەمچىكى يۇغان» دىگەن ماقال-تەمسىل بار. ئائىلە تەربىيە مۇھىتى ياخشى بولمىغان بىرقىسىم ئائىلىلەرنىڭ قىزلىرىمۇ، تاكىراڭخانىغا بېرىپ تاكىراڭ بولىۋېلىپ، يۇرت-مەھەللە ئالدىدا ئائىلىسى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈزىنى يەر قىلغانىدى.
بەشىنچى، تاكىراڭخانىلار جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزگەنىدى.
تاكىراڭخانىلاردا ھاراق ۋە ناشايان قىلمىشلار بىرلا ۋاقىتتا بولىدىغان جاي. ئۇ يەرگە بارغانلار ياكى بېرىشتىن ئاۋال ھاراق ئىچىپ بارىدۇ، ياكى بارغاندىن كېيىن ھاراق ئىچىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە تاكىراڭخانىلار جېدەل-ماجرالاردىن خالىي بولالمايدۇ. خېرىدارلار ئارىسىدا، ئورۇن-سورۇن تالىشىپ ئۇرىشىدىغان ياكى تاكىراڭلارنى تالىشىپ مۇشتلىشىدىغان ئىشلار كۆرۈلۈپ تۈرىدۇ. بۇنداق جەڭگە-جېدەللەر كۆپىنچە تىغ كۈتۈرۈپ ئۇرۇشۇش ياكى توپلىشىپ ئۇرۇشۇش باسقۇچىغا تەرققىي قىلىپ، كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. تاكىراڭخانىلاردا تاكىراڭ تالىشىپ، پىچاق تىقىشقان ئىشلارمۇ يوق ئەمەس. بۇ ئامانلىق دىلولىرىنىڭ تۈپكى مەنبەسى ۋە سەۋەبى شۇ تاكىراڭخانىلاردۇر، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزگەنىدى.
  • مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تەدبىرلىرى
مەسىلە بولغانىكەن ئۇنى چوقۇم ھەل قىلىش كېرەك. كارىز بويىدىكى تاكىراڭخانىلار پەيدا قىلغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىدىن ئويلىشىش كېرەك.
بىرىنچى، تاكىراڭخانىلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يۇقۇتۇش كېرەك.
ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن تارماقلىرى بىلەن خەلق ئاممىسى زىچ ھەمكارلىشىپ، تاكىراڭخانىلارنى بايقىغان ھامان پاش قىلىپ، بىخ ھالىتىدە يۇقىتىپ، ئۇلارنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىگە ھەرقانداق جايدىن ئورۇن بەرمەسلىك ۋە سورۇن ھازىرلاپ بەرمەسلىك كېرەك. خەلق ئارىسىدا تاكىراڭخانا ئاچقانلارنى ۋە تاكىراڭلارنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئۇلارنى تاكىراڭخانا ئاچماسلىققا دەۋەت قىلىپ، توغرا، ھالال تۇرمۇش يولىغا باشلاش كېرەك. بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتە، پاكىزە ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى، تاكىراڭلارغا تەربىيە ئىشلەپ، چىقىش يولى تېپىپ بېرىش كېرەك.
خەلق ئارىسىدا، تاكىراڭلارنىڭ تاكىراڭلىق قىلمىشىنى رەت قىلىدىغان كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، تاكىراڭلارغا ئېتىقاد تەربىيىسى ۋە ئادىمىي ئەخلاق ئېلىپ بېرىش ئاساسىدا، پىسخىكا مەسلىھەت يېتەكچىلىكى ۋە ئىدىيىۋىي خىزمەت ئىشلەپ، تۇرمۇشتا ھالال بولغان بىر چىقىش يولى تېپىپ بېرىش كېرەك. شۇنداقلا، ئۇلارغا كېسەللىرىنى داۋالىتىش پۇرسىتى ۋە شارائىتى يارىتىپ بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، تاكىراڭلىق قىلمىشىدىن يىرگەندۈرۈپ قول ئۈزدۈرۈش كېرەك. بۇ ئارقىلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تېز سۈرەتتە ۋە كەڭ دائىرىلىك تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى، تاكىراڭخانىغا ئۆگىنىپ قالغان ئەرلەرگە ئېتىقاد ۋە ئەخلاق تەربىيىسى بېرىپ، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش كېرەك.
تاكىراڭخانىلارغا ئۆگىنىپ قالغان ئەرلەرگە نىسبەتەن نىشانلىق، تەشكىللىك ۋە قەرەللىك ھالدا، ئېتىقاد تەربىيىسى، ئادىمىي ئەخلاق تەربىيىسى ۋە مېھىر-مۇھەببەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلاردا ئېتىقاد ئېڭى، ئەخلاق قارىشى ۋە مەسئولىيەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىش كېرەك. شۇنداقلا، پىسخىكا جەھەتتىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ۋە مەسلىھەت بېرىپ يىتەكچىلىك قىلىش، ئائىلە ۋە تۇرمۇش جەھەتتىن ئىدىيىۋىي خىزمەت ئىشلەپ،  نورمال نورمال تۇرمۇش قارىشى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئائىلىگە سادىق، خوتۇن بالىلىرىغا كۈيۈمچان بولۇشقا يىتەكلىگىلى بولىدۇ.
تۆتىنچى، شەھۋانىي مەزموندىكى بۇيۇملارنى ۋە ناشايان قىلمىشلارنى قاتتىق چەكلەپ، تەشۋىقات تەربىيىسىنى كۈچەيتىش كېرەك.
قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ روھى بويىچە، سېرىق مەزموندىكى بۇيۇملارنى ۋە ناشايان قىلمىشلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە قاتتىق چەكلەپ، نورمال جەمئىيەت تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. جەمئىيەتتە ۋە مەكتەپلەردە، شەھۋانىي مەزموندىكى بۇيۇملارنىڭ ۋە ناشايان قىلمىشلارنىڭ يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ۋە قانۇن بويىچە قاتتىق چەكلەش توغرىسىدىكى تەشۋىقات تەربىيىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇن ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناشايان قىلمىشلاردىن يىرگىنىپ قىلمايدىغان قىلىپ تەربىيلىگىلى بولىدۇ.
بەشىنچى، تاكىراڭ ۋە كەڭ خەلققە سەھىيە ۋە جىنسىيەت بىلىملىرى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش.
سەھىيە تارماقلىرى تاكىراڭلار ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىغا پىلانلىق ۋە تەشكىللىك ئاساستا، جىنسىي ساغلاملىق  تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ جىنسىيەت ساغلاملىق ئېڭىنى ۋە ئېھتىيات ئېڭىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش كېرەك.
  • خاتىمە
كارىز بويىدىكى تاكىراڭخانىلار پەيدا بولۇش، ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىي قىلىش جەريانىدا، جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاتلاملىرىدا ئوخشاش بولمىغان مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىپ، تۇرپان رايونىنىڭ ئىجتىمائىي ئېكولوگىيە ۋە جامائەت ئامانلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەنىدى. بۇ مەسىلىلەر جەمئىيەت مۇھىتى، كىشىلەرنىڭ روھى ۋە جىسمانى ساغلىقى، ئائىلىۋىي تۇرمۇش، ئائىلە تەربىيىسى ۋە جەمئىيەت تەربىيىسى، جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق ساھەلەرگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ، بىر قىسىم سەلبىي ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا تۈرتكە بولدى. ئىناق جەمئىيەت ۋە پاكىز جەمئىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تاكىراڭخانىدىن ئىبارەت بۇ ھادىسىنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش كېرەك. بۇ بۇندىن كېىينكى ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىجتىمائىي ئاساس ۋە كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
تامام

Join the Conversation

1 Comment

Leave a comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.