ئا، ئە، ب، پ ھەرپلىرى بىلەن باشلانغان ماقال – تەمسىللەر (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

بۇ رەسىملەرنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ ئا ھەرىپى ئات ئالساڭ يېقىندىن ئال، خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن ئال. ئاتنى تەپمەيدۇ دىمە، ئىتنى چىشلىمەيدۇ دىمە ئاچچىق ئالدىدا يۈرىدۇ، ئەقىل كەينىدە يۈرىدۇ. ئاختارمىنىڭ چالمىسى يامان، خوتۇن كىشىنىڭ لالمىسى يامان. ئادىمى يوق ئۆيدە، ئۆچكىنىڭ ئېتى ئابدۇراخمان. ئاشىققا باغداد يىراق ئەمەس. ئاق ئىت، قارا ئىت، ھەممىسى بىر ئىت …