ئەي بالام – بىر گۇرۇپپىسى – ئەي بالام بلوگى

 

ئەي بالام- غەززالىي 

ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

  1. نەسىھەت ھەققىدە چۈشەنچە

ئەي قەدىرلىك بالام، بىلگىنكى، ئومۇمەن نەسىھەت ھەدىستىن يېزىلىدۇ. ساڭا شۇ كاندىن نەسىھەت يەتكەن بولسا، مېنىڭ ساڭا نەسىھەت قىلىپ يۈرۈشۈمنىڭ نېمە ھاجىتى؟  ئەگەر يەتمىگەن بولسا، ماڭا دېگىنكى سەن ئۆتكەن يىللاردا نېمە تەھسىل قىلدىڭ؟

  1. ۋاقىتنى قەدىرلەش ھەققىدە

ئەي بالام رەسۇلۇللاھ ئۈممىتىگە قىلغان نەسىھەتلەر ئىچىدە مۇنداق بىر سۆز بار: « ئىنساننىڭ ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئۇ ئىنساندىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بىر ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدىكى نىشانى بولغان ئىبادەتتىن تاشقىرى غەيرى ئىش بىلەن بىر سائەت ۋاقتىنىڭ ئۆتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇزۇن ھەسرەتكە مۇپتىلا بولۇشىغا يېتەرلىكتۇر. بىر ئادەمنىڭ قىرىق ياشتىن ھالقىپتۇ ياخشىلىقى يامانلىقىدىن غالىب كېلەلمىسە، ئۇ دوزاخقا تەييارلىق قىلسۇن» («مەجمەئۇل-خەتىب»،  «مەجمەئۇ-ئەبىل فەتھىل ئەزدىي » ۋە  «ئەددۇرۇل مەنسۇر فىتتەفسىر-ئىلمەئي-سۇرلى-سۇيۇتى »).

مانا بۇ نەسىھەت بىلىم ئىگىلىرىگە كۇپايىدۇر.

3.نەسىھەتنىڭ كىشىلەرگە ئېغىر كېلىدىغانلىقى ھەققىدە

ئەي بالام، نەسىھەت قىلىش ئاسان، ئۇنى قوبۇل قىلىش قىيىندۇر. چۈنكى، نەسىھەت ھاۋايى-ھەۋەسكە بېرىلگۈچىلەرنىڭ تەم سەزگۈسىگە ناھايىتى ئاچچىق تېتىيدۇ.

چۈنكى يامان ئىشلار ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە سۆيۈملۈكتۇر. خۇسۇسەن رەسمىيەت يۈزىسىدىن ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلار ۋە ئۆز نەپسىنىڭ پەزىلىتى ۋە دۇنيا پەزىلەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغۇچىلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. بۇنداق ئادەملەر نوقۇل ئىلىمنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ قۇتۇلدۇرغۇچىسى ۋە نىجاتچىسى، ئىلىمگە ئەمەل قىلىشنىڭ كېرىكى يوق دەپ ئويلاپ قالىدۇ. مانا بۇ (قۇرۇق گەپ ساتىدىغان) پەيلاسوپلارنىڭ كۆز قارىشى.

توۋا دېگۈلۈك! بۇ بىچارە بايقۇش ئىلىم تەھسىل قىلىپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسا ئىلىمنىڭ ئۆزىگە زىيان كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلمىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇكى:« قىيامەت كۈنى ئەڭ ئەشەددىي ئازاب قىلىنىدىغان كىشى ئۆزىنىڭ ئىلمىدىن مەنپەئەتلىنەلمىگەن (باشقىلارنى مەنپەەتلەندۈرمىگەن) ئالمىدۇر» («مۇئجە-مۇتتىبرانىي»، «سۇنەنۇل-بەيھەقىي»).

رىۋايەتلەردە دېيىلىشىچە، جۇنەيت باغدادى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بىراۋ چۈشىدە ئۇنىڭغا دېگەنكى :

_ئەي جۇنەيت، ئەھۋالىڭ قانداق؟ جۇنەيت مۇنداق دېگەن،

_ھېلىقى (ئۆگەنگەن) ئىبارىلەر تىلدىن قاچتى. ھېلىقى ئىشارىلار ھەم يوقالدى. بىزگە مەنپەئەت بەرگىنى پەقەت بىز يېرىم كېچىلەردە ئوقۇغان بىر نەچچە رەكەت نامازلا بولۇپ قالدى.

4-ئەمەلسىز ئېلىمنىڭ ئەسقاتمايدىغانلىقى ھەققىدە

ئەي بالام، ئەمەلگە سۇس قارىمىغىن، ئەتراپتىكى ئەھۋاللاردىن قۇرۇق قالمىغىن. شۇنىڭغا ھەقىقىي ئىشەنگىنكى، يالغۇز ئىلىملا ئادەمنى يېتەكلىيەلمەيدۇ. مەسىلەن،مەلۇم بىر جاڭگالدىكى بىر ئادەمدە ئون دانە ھىندى قىلىچى ۋە باشقا قوراللار بار ئىكەن. ئۇ ئادەم ھەم باتۇر،جەڭ قىلىپ كۆرگەن ئادەم ئىكەن. ئۇنىڭغا ناھايىتى چوڭ بىر شىر ھۇجۇم قىلىپتۇ. قانداق ئويلايسەن؟ قورالنى ئىشلىتىپ زەربە بەرسە ھېلىقى قوراللار شىرنىڭ يامانلىقىنى ئۇنىڭدىن توسۇپ قالالامدۇ؟ مەلۇمكى شىرنى پەقەت ھەرىكەتلىنىش ۋە ئۇرۇش بىلەنلا توسقىلى بولىدۇ. ئەنە شۇنىڭدەك بىر ئادەم يۈزمىڭ ئىلمىي مەسلىنى ئوقۇپ تۈگتىۋەتسۇن، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسا پايدىسى يوق.

يۈز يىل بىلىم ئوقۇپ مىڭ كىتاب توپلىساڭمۇ ئەمەل قىلماي تەڭرىنىڭ رەھمىتىگە نائىل بولالمايسەن. چۈنكى، قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئىنسان پەقەت ئۆز تىرىشقىنىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ» سۈرە نەجىم 39-ئايەت. «كىمكى پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدىكەن،ياخشى ئەمەل قىلسۇن» سۈرە كەھف 110-ئايەت. «ئۇلار قىلمىشلىرىغا يارىشا جازالىنىدۇ» سۈرە تەۋبە 82-ئايەت. «ئىلگىركى گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار جەننەتكە كىرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ» سۈرە مەريەم 60-ئايەت.

سەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ: «ئىسلام دىنى دېگەن بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، رامىزان روزىسى تۇتۇش، يول جەھەتتە قادىر بولالىغانلارغا بەيتۇللانى ھەج تاۋاب قىلىشتىن ئىبارەت بەش ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان» («سەھىھىۇل-بۇخارى»، «سەھىھۇل-مۇسلىم»، «جامىئۇت-تىرمىزى») دېگەن سۆزىگە نېمە دەيسەن؟

ئىمان دېگەن تىل بىلەن سۆزلەش، قەلب بىلەن تەستىق قىلىش ۋە ئەركان(پەرز) لەرنى ئورۇنلاشتۇر. ئەمەل ھەققىدىكى دەلىللەر ھېسابسىز. گەرچە بەندە جەننەتكە ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ۋە كەرىمى بىلەن يېتىشسىمۇ، لېكىن ئۆز تائەت ئىبادىتى ئارقىلىق سالاھىيەت ھازىرلىغاندىن كېيىن يېتىشىدۇ. چۈنكى،ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر. ئەگەر بىراۋ جەننەتكە پەقەت ئىمان بىلەنلا يېتىدۇ دېسە بىز ئېيتىمىزكى، شۇنداق، لېكىن قاچان يېتىدۇ؟ ئۇ جەننەتكە يەتكۈچە نۇرغۇن ئەگرى-توقاي مۇساپىلار بار دە! بۇ مۇساپىلەردىن بىرىنچىسى ئىمان مۇساپىسىدۇر.

ئىماننىڭ شەيتان تەرىپىدىن تارتىۋىلىنىشىدىن قۇتۇلالامدۇ يوق؟! جەننەتكە يېتىش جەريانىدا ئۆزىنى يوقاتقان يوقسۇل بولۇپ قالامدۇ يوق؟!

ھەسەن بەسىرى مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ قىيامەت كۈنى بەندىلىرىگە: _بەندىلىرىم، مېنىڭ رەھمىتىم بىلەن جەننەتكە كىرىڭلار، ئۇنى ئەمەللىرىڭلارغا بېقىپ بۆلىشىۋىلىڭلار،_ دەيدۇ.»

5-ئۆزـ ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇش ھەققىدە

ئەي بالام، ئەمەل قىلماي ساۋاب بولمايدۇ. ھېكايە قىلىنىشىچە بەنى ئىسرائىلدىن بىر ئادەم ئاللاھقا يەتمىش يىل ئىبادەت قىلغانىكەن. ئاللاھ ئۇنى پەرىشتىلەرگە نامايەن قىلماقچى بولۇپ ئۇ كىشىگە بىر پەرىشتىنى «ئۇ شۇنچە ئەمەللىرى بىلەنمۇ جەننەتكە كىرىشكە لايىق بولالمايدۇ» دەپ خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتىپتۇ. پەرىشتە ئۇنىڭغا خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەندە ئۇ ئادەم دەپتۇكى:

_بىز ئىبادەت ئۈچۈن يارىتىلغانمىز، ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك،_ پەرىشتە قايتىپ ئاللاھقا يەتكۈزۈپتۇ،_ئۇ بىزنىڭ ئىبادىتىمدىن يۈز ئۆرۈمىگىن ئىكەن، بىز ئۆز مەرھەمىتىمىز بىلەن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەيمىز. پەرىشتىلىرىم گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن ئۇنى مەغپىرەت قىلدىم.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «ھېساب ئېلىشتىن ئاۋال ئۆزۈڭلاردىن ھېساب ئېلىڭلار، ئۆلچىنىشتىن ئاۋال ئەمەللىرىڭلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭلار» دېگەن («جامىئۇت-تىرمىزىي»)

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: « كىمكى ئەمەل قىلماي نىشانغا يېتىمەن دېسە، ئۇ قۇرۇق ئارزۇنى كۆپ قىلىدىغان ئادەم؛ كىمكى ئۆزىنى ئەمەل بىلەنلا نىشانغا يېتىمەن دەپ ئويلىسا ئۇ ئۆزىدىن قاناتلىنىپ قالىدىغان (ئاللاھنىڭ رىزاسىنى ئىزدىمەيدىغان) ئادەمدۇر »

ھەسەن بەسىرى مۇنداق دەيدۇ: «  ئەمەلسىز جەننەت تەلەپ قىلىش مەلۇم نۇقتىدىن گۇناھتۇر. » ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: « ھەقىقەتنىڭ بەلگىسى ۋۇجۇدقا چىقمايدىغان ئىشىنى مۇلاھىزە قىلىشنى تەرك ئېتىشتۇر. » رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: « زېرەك دېگەن ئۆزىدىن ھېساپ ئېلىپ تۇرغان، ئاخىرەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان ئادەمدۇر؛ ئەخمەق دېگەن ئۆز كۆڭۈل خاھىشىغا ئەگەشكەن، ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئارزۇ قىلغان ئادەمدۇر. » («جامىئۇت-تىرمىزى» ۋە «سۇنەتۇ ئىبنى ماجە»)

مەزكۇر يازما ئەي بالام بلوگىغا تەۋە، ھەرقانداق سالون ۋە بلوگلارنىڭ كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

Join the Conversation

1 Comment

  1. بۇ يازمىنىڭ تولۇق نۇسقىسى يوقما؟

Leave a comment

ئوبۇلقاسىم ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ